كەڭ ئەلكۈيى ئەزالىرىغا بۇنىڭدىن كىيىن ئۆز ئانا يۇرتىمىزنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە مەخسۇس ئانا يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشنى خوپ كۆردۈم.تىمامنىڭ تۇنجى سەھىسىپىسىنى مەدەنىيەت ۋە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ جۇغلانمىسى بولغان ئۈرۈمچىدىن باشلاشنى مۇۋاپىق دەپ بىلىپ بۈگۈن ئۈرۈمچىنى ئازراق چۈشەندۈردۈم.
مەدەنىيەت مەركىزىمىزنىڭ بۈشۈكى-ئۈرۈمچى
ئۈرۈمچى— شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ، قاتناش ، سودا مەركىزى . تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى دەرياسى بويىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇھاپىزەتچى بېگى تەسىس قىلىنغان . چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 23–يىلى (1758–يىلى) بۈگۈنكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقىدا سېپىل بەرپا قىلىنغان ، چيەنلۇڭنىڭ 32– يىلى ‹‹دىخۇا›› يېڭى بازىرى قۇرۇلغان . 1884– يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇلۇپ ، دىخۇا ئۆلكە مەركىزى قىلىنغان . 1934– يىلى شەھەر قىلىپ تەسىس قىلىنغان . 1954– يىلى نامى ئۈرۈمچىگە ئۆزگەرتىلگەن. جەنۇبتىن شىمالغا قارىتا كەڭلىكى 153 كىلومېتىر ، شەرقتىن غەربكە قارىتا ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر ، شەھەر رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700–900 مېتىر كېلىدۇ . شەھەرنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى11 مىڭ 444 كۋادرات كىلومېتىر ، شەھەر رايونىنىڭ يەر مەيدانى 835 كۋادرات كىلومېتىر ، شەھەر رايونىنىڭ قۇرۇلۇپ بولغان كۆلىمى 140 كۋادرات كىلومېتىر. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 80 مىڭ ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر نوپۇسى 1 مىليون 730 مىڭ ، يېزا نوپۇسى 340 مىڭ . ھازىر سەككىز رايون ( تىيانشان رايونى ، سايباغ رايونى ، يېڭى شەھەر رايونى ، شۇيموگۇ رايونى ، دۇڭسەن رايونى ، تۇدۇڭخابا رايونى ، نەنسەن كان رايونى ، داۋانچىڭ رايونى ) ۋە بىر ناھىيە ( ئۈرۈمچى ناھىيىسى) قاراشلىق . يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبىي ئېگىز ، شىمالىي پەس ، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك . لەنجۇ –شىنجاڭ تۆمۈريولى ، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ھەمدە دۆلەت يولىنىڭ 312–، 31– ۋە 216– لىنىيىلىرى شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ . مەملىكەت ئىچىگە ئېچىلغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى 29 ، خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى بەش بولۇپ ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە ئېچىۋېتىلگەن پورتىغا ئايلانغان . ئۈرۈمچى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئۇنىۋېرسال سانائەت شەھىرى بولۇپ ، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ، توقۇمىچىلىق ، ماشىنىسازلىق ، پولات – تۆمۈر ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ، خىمىيە سانائىتى ، ئېلېكترون ، رەڭلىك مېتال ، كۆمۈر ، يېنىك سانائەت ، يېمەكلىك سانائىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدىلىك قىلغان سانائەت سىستېمىسى شەكىللەنگەن .