كۆرۈش: 7292|ئىنكاس: 24

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
38403
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 03:34:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ

(ھاياتلىق كارتىنىسى)



شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن قەدىردان ئاناڭنىڭ ئەڭ پاك،ۋە ئەڭ ئاق سۈتىنى ھەممىدىن خاتىرجەم ھالدا ئىچىسەن...

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ كىملىكىنى تونۇپ يىتىسەن،ئوماق قىلىقلىرىڭ بىلەن ھەممىنىڭ ئامىراقلىقىنى كەلتۈرىسەن...

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم قويىسەن،ئۆزۆڭ دىمەتلىك نۇرغۇن بالىلار بىلەن تونىشىسەن ،ھەم دوست بولىسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن  ھەممىدىن بەخىتلىك شادىمان بالىغا ئايلىنىسەن ،مەكتەپتە دوسلىرىڭ ،ئۆيدە ئاتا-ئاناڭ بار،((بۇلار ماڭا مەڭگۈ باقىۋەندە))دەپ ئويلايسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،يۈرىكىڭنىڭ مەلۇم بىر ئوغولغا ياكى قىزغا ئىنتىلۋاتقانلىقىنى سېزىسەن،لىكىن ئۇ ھىسىياتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن تۇنجى قىتىم يات جىنىس بىلەن  سۆيىشىسەن،ۋە ئۇنى ((سۆيگۈنۈم))دەپ ئىتىراپ قىلىسەن.....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن مەكتەپ ھاياتىڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جەمئيەت قوينىغا قەدەم قويىسەن.....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،ھەممە كىشىدىن بىزار بولىسەن،چىقىش يولىڭنى قانداق تىپىش ئۈستىدە باش قاتۇرسەن،بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە تۇغۇلۇپ قالغاندەك ھىس قىلىسەن،لىكىن ئارزۇ ئارمانلىرىڭ سىنى  يەنىلا ياشاشقا ئۈندەيدۇ،ھەم ((بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۆپ كىتەر))دەپ يۈرىسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن ((جەمئىيەتنىڭ تەرەقىياتى))دەيدىغان قالپاق  كىيىلگەن بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىسەن،ئۆزۆڭنى دۇنيادا بىر دەپ ھىساپلايسەن...

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،ئۆزۆڭگە لايىق بولغان ئوغول ياكى قىز بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىسەن،((ھاياتىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك كۈنلەرگە قەدەم قويدۇم)) دەپ ئويلايسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن پەرزەنىتلىك بولىسەن،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە پۇل تىپىشقا ئىنتىلىسەن،ئۆي باقماقنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى بىلىسەن،ئاتا-ئاناڭنىڭ سىنى قانچىلىك جاپالاردا چوڭ قىلغانلىقىنى تونۇپ يىتىسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن بالىلىقىڭنى ياشلىقىڭنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتكەنلىكىڭگە ،مەكتەپ ھاياتىڭدا ياخشى ئوقىمىغانلىقىڭغا پۇشايمان قىلىسەن،شۇنداقلا پەرزەنتىڭنى ((چاپىنىمنى سىتىپ بولسىمۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتىمەن))دەپ ئۆز-ئۆزەڭگە ۋەدە بىرىسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،ئاتا-ئاناڭ سەندىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كىتىدۇ ،سەن يىغلايسەن ،قاقشايسەن،ئۇلار ھايات ۋاقتىدا رازىلىقىنى دۇئاسىنى ئالمىغانلىقىڭ ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن بارا-بارا قىرىنداشلىرىڭ بىلەن ياتلىشىۋاتقانلىقىڭنى سىزىسەن،باشقا قىرىنداشلىرىڭدىن ئاغرىنسەنيۇ،ئۆزۆڭنىڭمۇ ئۇلارغا قىرىنداشلىق مىھرىڭنى بەرمەيۋاتقىنىڭنى سەزمەيسەن.....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،ئۆزۆڭنىڭ كۇندىن-كۇنگە قىرىۋاتقانلىقىڭنى ،چىچىڭغا ئاق كىرىپ ،كۆز ئەتىراپىڭغا قوروق چۈشكەنلىكىنى بايقايسەن،قايىتماسقا كەتكەن ياشلىقىڭنى ئەسلەيسەن،ئۆزۆڭنى بەكلا يالغۇز سىراپ قالغاندەك ھىس قىلىسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،پەرزەنتىڭنىڭ ساڭا  قىلغان قوپال سۆزلىرىنى ئاڭلايسەن،ئۆزۆڭنىڭ ئەينى ۋاقتىدا ئاتا-ئاناڭغا قىلغان قوپال سۆزلىرىڭنى ئەسلەپ قاتتىق ئۆكۆنىسەن......

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،سەن قىرىغىنىڭنى ئىتىراپ قىلىسەن،ئەل-جامائەت بىلەن ئارلىشىپ ،جەينىماز ئۈستىدە يۈكۈنۈپ بىلىپ -بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىڭنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى ياراتقۇچىدىن تىلەيسەن.....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،ئۇزۇن يىللار بىللە  ياشاپ كەلگەن رەپىقەڭدىن ياكى مۇرەببىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىسەن،ئۆزۆڭنىڭ بارا -بارا قەدىرىڭ قالمايۋاتقىنىڭنى ھىس قىلىسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،ئاللاھدىن ئۆزۆڭنى باللىرىڭ ئالدىدا خار قىلماي،قىرىغاندىكى مەينەتچىلىكلەرگە قويماي،شۇنداقلا جىنىڭنى قىينىماي ئېلېپ كىتىشىنى تىلەپ ئۈنسىز ياش تۆكىسەن....

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،پۇتكۈل ھايات خاتىرىلىرىڭ بىر-بىرلەپ كىنۇ لىنتىسىدەك كۆز ئالدىڭدا نامايەن بولىدۇ،((كىيىنكى  يارىلىشىمدا مەنىلىك ياشايمەن!!!)) دەپ ئۆز-ئۆزەڭگە خىتاپ قىلىسەن،ئۆلۆم سىنى مەڭگۈلۈك قوينىغا ئالىدۇ،ھاياتىڭ كۆيۆپ ئۆشكەن شامغا ئوخشاش غايىپ بولىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ھەممىسىنىڭ   ئىسىدىن كۆتۆرۆلسەن ،
ئۇنىڭدىن  كىيىنكى ئىشلار سىنىڭ بۇ دۇنيادا قانداق ياشىغىنىڭغا باغلىق....



مەيلى ئوغول ياكى قىز بولوڭ ،مەيلى بايۋەتچە مەيلى گاداي بولوڭ،مەيلى ساق مەيلى  ئاخساق-چولاق  بولوڭ ،ئۆلۆم بىزگە    كەڭ قۇچاق ئىچىپ قاراپ  تۇرىدۇ  پەقەت  ئوتتۇرلۇقتا  ۋاقىت  مەسىلىسىلا  بار  خالاس....
ھەممە  كىشىنىڭ    ئىسىدە   قالغۇدەك   ياخشى   نامىمىزنى   قالدۇرۇپ   كىتىشكە    تىرىشايلى  دوسلار  ،چۇنكى  بۇ  دۇنيا    پەقەت  تۆت كۈنلۈك،بىزنىڭ   ئۇ   دۇنياغا   قەدەم   قويغان  ۋاقتىمىز  ئەنە شۇ   ھەقىقىي   ھاياتىمىزنى  باشلىغىنىمىزدىن دېرەك بىرىدۇ .........


مەنبە:ئىجادىيەتلىرىمدىن
ئاپتوردىن ئەسكەرتىش: تىمىنى  باشقا  مۇنبەرلەرگە  كۆچۆرۈشكە  بولمايدۇ...


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
30177
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-22
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 15:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز  !  

UID
29309
يازما
187
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-24
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 15:43:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمرىمىز خۇددى ئىمتىھان قەغىزى،ھەرگىزمۇ مەشىق قەغىزى ئەمەس يېزىپ بولۇپ تاشلىۋېتىپ يەنە بىرسىگە يېزىۋالغىلى بولىدىغان. ۋاقىت ئۆتسىلا قايتا تەكرارلانمايدۇ.ئاۋۋالقىلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىدىن ئىبىرەت ئېلىش لازىم.   

UID
14075
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2011-8-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-6
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 17:42:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە كوپ رەخمەت .
توغرا شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.ھەممىمىز ياراتقۇچىسىنىڭ دەر گاھىگە كىتىمىز.
ھەممىمىز ئۇدۇنيانىڭ بەندىلىرى.شۇنىڭ ئۇچۇن ياراتقۇچىنىڭ تەلىپى بىلەن ياشاشنى  ئۇنتىمايلى.

UID
10046
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2011-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 22:14:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەردائىم ئېسىمىزدە تۇرسا شۇكۈنلەرنىڭ بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ ھامان كېلىدىنى ،بەلكىم نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى بىكار ئۆتكۈزمىگەن ،پۇشايمانلىرىمىز ئازراق بولار ئىدى -ھە!؟..

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
628
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
630
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
233 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 23:10:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىز ھارمىغاي .

UID
25735
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2012-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-14
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 01:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنللا شۇنداق ياخشى يېزىپسىز ......... راس ئادەمنڭ بۇ قىسقىغىننە بىر ھاياتىغغا نىممە كۈنلەر كەلمىگەن ...

UID
25735
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2012-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-14
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 08:21:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرۇش . مۇشۇ ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسى .....
شۇنداق ھىسىياتلىق ئىپادىلەپ بېرېپسىز

UID
14849
يازما
44
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
224
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 18:29:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئوقۇۋىتىپ كاللام سەل ئىچىلغاندەك بولدى ، قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
499
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15081
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 18:45:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزدىكى مەزمۇنلار كىشىلەرنى روھىنى سىلكىۋېتىپ ياشاشقا دەۋەت قىلىدىكەن. رەھمەت.ئىجادىيەتلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!

باھا سۆز

火州  شۇنداق ياخشى يېزىپسىز ،بىراق ھازىر كىشىلەردە نىيەت بار،ھەركەت يوق............  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 23:30:12
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش