- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 16
- تىزىملاتقان
- 2012-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-29
- UID
- 37146
- يازما
- 16
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 16
- تىزىملاتقان
- 2012-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-29
- توردا
- 5 سائەت
|
12 مۈچەلنىڭ خىزمەت ئىلتىماسى
1. چاشقان: مەن قاراڭغۇ جايلاردا خىزمەت قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن. يەنە جەمەتىمىزدىكى ئاق چاشقاننىڭ ئىنسانلارنىڭ تېببىي جەھەتتىكى تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى چوڭ. جىددى ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىم كۈچلۈك، شۇڭا كۈچلۈك ھايۋانلارنىمۇ يېڭىپ، مۈچەل مۇسابىقىسىدە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغانمەن. يۇرۇق، ئازادە ئورۇندا ئەركىن يۈرۈپ ئىشلەش ئارزۇيۇم بار.
2. كالا: بەدەن ساپايىم ياخشى، جاپاغا چىداشلىق، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتىم ئۇزۇن. «بىرنچى ماي ئەمگەكچىلەر مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، شۇڭا دۆلەت ئىگلىكىدىكى كارخانىلاردىن خىزمەت ئىزدەيمەن.
3. يولۋاس. قەددى-قامىتىم كېلىشكەن، ئىلگىرى «سۇ بويىدا» فىلىمىدە باش رول ئالغان، ھازىر كۆپلىگەن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى، خەلقئارادا تەسىر دائىرەم چوڭ، شۇڭا خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەردىن خىزمەت ئىزدەيمەن.
4. توشقان: ئۆزۈم چاققان، ھەرىكىتىم چاقماقتەك. بۇرۇن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقانمەن، رەقىبىم تاشپاقا بولۇپ، ئۇنى يېڭىپ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئار-نۇمۇسنى يۇيغان. يۈگۈر-يېتىم ئىشلار بولسا قىلىۋېرىمەن.
5. بېلىق: ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم بەك تۆۋەن، مۇھىم ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىمەن. بىراق بۇمۇ بىر جەھەتتىن ئارتۇقچىلىقىم ھېسابلانغۇدەك. چۈنكى دوستلىرىم خاپا بولۇشۇپ قالسام، بىردەمدە ئۇنتۇپ كېتىمەن. قىياپىتىم ئولتۇرساممۇ ياتقاندەك، ماڭساممۇ ياتقاندەك. سۇ ئاستى كۆزەتچىسى بولسامكەن دەيمەن.
6. يىلان: داڭلىق قىزلار مەكتىپىنىڭ تالانىتلىق ئوقوغۇچىسى، ئىلگىرى دورا ماتېرىياللىرى سۈپتىدە سېتىلغان، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش كۇرسى ئاچقان. كۆپ قېتىم ئورۇقلاش ئېلانىغا چىققان. شارائىتىم ياخشى بولغاندىكىن ئۆزۈڭلار خالاپ بىرەر ئىش تەقسىم قىلارسىلەر ئەمدى.
7. ئات: چوڭ تىپتىكى يۈك توشۇش پىراۋام، ئۇزاق مەزگىللىك شوپۇرلۇق تەجرىبەم بار. جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن قاتلاملىرىنىڭ ھەممىسنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىمەن. مىجەزىم ئېغىر-بېسىق، تەمكىن. مەسلىھەتچى بولۇشنى خالايمەن.
8. قوي: مۇلايىم، كۆيۈمچانلىقىم، شۇنداقلا بۈدۈر يۇڭلىرىم بىلەن كىشلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتقان. يېقىندا كارتون فىلىمىدە رول ئېلىپ چولپان بولدۇم. ھازىر چوڭ-كىچىك ھەممىسى مېنى «قوزا خۇشخۇي» ئوبرازى بىلەن كۆز ئالدىغا كەلتۈردىغان بولدى. يايلاقىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. ساياھەت كوپراتېپلىرىدىن خىزمەت چىققان بولسا بەك خۇش بولاتتىم.
9. مايمۇن: خاراكتېرىم ئوچۇق-يورۇق، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي. مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن دەرس بېسىمى بەك چوڭ بوپكەتتى، دەپ ئەھۋال ئىنكاس قىلغاچقا، مەكتەپ دەرس ۋاقتىنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈچ سائەت، چۈشتىن كېيىن تۆت سائەتكە تەڭشىگەن. سېرىك ئويناشتا تالانتىم بار، سېرىكچى قوبۇل قىلىدىغانلار بارمۇ؟
10. توخۇ: «كۈلگۈنچەكلەر لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى» دە دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن. تىرىشچان، ھاردىم-تالدىم دېمەيمەن. خىزمەت ئىزدەيمەن.
11. ئىت: ئالاھىدىلىكىم بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر. ئىنكاسىم تېز بولغاچقا ھەر قانداق مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچىلىكىنى قولدىن بەرمەيمەن. قابىل ئامانلىق ساقلىغۇچى، بۇ جەھەتتە ئىشەنچلىك دەرىجەم يۇقىرى. ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار.
12. توڭگۇز: تەلەتىم كۆرۈمسىز بولغىنى بىلەن ئىنتايىن كەمتەرمەن. كىبىرىم يوق. مىجەزىم بېشىنى ئاسمانغا قىلىۋېلىپ غادىيىپ ماڭىدىغانلاردىن كۆپ ياخشى. (غادىيۋالساممۇ بەرىبىر ئاسماننى كۆرەلمەيمەن). كىشىلەر توڭگۇز تەلەي دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلەتكەچكە، تەلەي بىلەن يېقىن دوست بولۇپ قالدىم. شۇڭا مېنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا ئامەت ئېلىپ كېلىشىم مۇمكىن. قانداق خىزمەت بولسا قىلىۋېرىمەن.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى دىلنۇر ئابدۇللا تەييارلىغان
|
|