تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2169|ئىنكاس: 17

مۇھەممەتجان راشىدىنغا ئاتاپ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
33138
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 17:47:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆمۈلمەس ئىزلار
(مۇرادجان مۇختەر نائىل)

مەن بۇشېئىرىمنى قەلبىمدىكى ئۇستاز ،ئەل قەلبىدىكى مۆھتىرەم ، ھوسۇللۇق شائىر،
مۇھەممەدجان راشىدىنغا بېغىشلايمەن!

( لېكىن بۇ ئۇستاز بىلەن ھاياتىمدا بىر قېتىممۇ ئۇچۇرشۇپ باقمىغان)



ياشايدۇ شۇنداق بىر تۆھپىكار قان-تەر تۆكۈپ ئەجرىدىن ،
چىن ھالاللىق ھەم ئادالەت تۆكۈلۈپ تۇرار مىسراسىدىن .

ئەل دېدى،كۆيدى ھامان، ئەلمۇ ھەم كۆيدى شۇڭا،
ئەزىز خەلقىم ئۇرۇن بەردى ،قەلب كۆڭۈل تۆرىدىن .

ھايات يولدا مىزان بولغاچ تەييارغا ھەييار ياشىماسلىق،
بىر زاغىرسى ئەتىۋاردۇر،قارا نىيەتلەر تىللاسىدىن .

«جاھان دېگەن يارالدى شۇنداق»قەدرىڭدە ياشا ئىنسان دېگەچ،
قايىل بولار گاس-گاچا، ھەتتا جاھانغا بەرگەن تەدبىرىدىن.

ھەرنەپەستە دېگەچ ھەمىشە دېھقان ئاتام ،دېھقان ئانام،
بەركەت قىلار خامىنى ھەم دېھقان بەرگەن دۇئاسىدىن.

ئەتىۋاركەن ياخشى دېگەن،كۆرسىمۇ تالاي كۈلپەتلەر،
شۇ ۋەجىدىن «ياخشىلارغا ناخشا تولا»كۈي ناۋاسىدىن.

ھەي جاپاكەش، ھەي قەدىردان مىڭ تەشەككۈر ئەجرىڭگە،
پەخىرلىنەر ئانايۇرت ھامان ئۆزىنىڭ شۇنداق ئوغلانىدىن.

سېنىڭ ئۈچۈن ھەربىر قوللار دۇئادا بولغاچ ھەر زامان ،
قادىر خۇدا ئامان قىلغاي ئەھلى دۈشمەن دىشۋارىدىن.

نائىل يۈركى يايرايدۇ تەن،سېنىڭ ئۈچۈن مىسرا يېزىپ،
ئاڭلا خەلقىم ئۇشبۇ كارۋان دەل مۇھەممەتجان راشىدىن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 13:48  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
28664
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-18
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 19:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردا ھۆرمەتلىك شائىرىمىزغا بولغان چوڭقۇر سۆيۈنۈش ھېسسىياتىڭىز ئوتتەك قىزغىن بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر ئۆلچىمىگە توشمىغان- يەنى بوغۇملىرى ئۇزۇن قىسقا، قاپىيەلىرىمۇ  دەل جايىغا چۈشمىگەن شېئىر بوپتۇ.... يەنىمۇ تۈزىتىپ، ئىشلەپ باقسىڭىز خېلى ياخشى بىر ئەسەر بولىدىكەن....
بۇ مېنىڭ شەخسىي پىكرىم...

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
380
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
770
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
381 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:06:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارۇز ۋەزىنلىك شىئېرلار شائىردىن ئاجايىپ زور ئىستىبدات ۋە مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. شىئېرىڭىزنىڭ مەزمۇنى بولۇپ قالىدىكەن. بىراق جىيا ئوغلى ئېيتقاندەك غەزەل ئۆلچىمىگە چۈشمەپتۇ، ھەتتا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بىر قانچە يەردە ئىملا خاتالىقى سادىر قىلىپسىز. بۇ بولمىغىنى. يەنە بىر مەسىلە:

«جاھان دىگەن يارالدى شۇنداق»قەدرىڭدە ياشا ئىنسان دىگەچ،
قايىل بولار گاس-گاچا ھەتتا جاھانغا بەرگەن تەدبىرىدىن.

بىرىنچى مىسرادىكى ئىككى ئۇقۇم بىر - بىرىگە ماس كەلمىگەن. «جاھان دىگەن يارالدى شۇنداق» دېگەن يەكۈن ئېنىقسىز بولۇپ قالغان (جاھان قانداق يارالدى؟) قەدرىڭدە ياشا ئىنسان دېگەچ، بۇ ئىككى يەكۈن بىر - بىرىنى شەرت قىلالمايدۇ.
ئىككىنچى مىسرادا گاس - گاچىلار مەسخىرە قىلىنغان. جاھانغا بەرگەن تەدبىرىڭدىن گاس - گاچىلارمۇ قايىل بولار دېگەن پىكىردىن گاس - گاچىلار ئاسانلىقچە قايىل بولمايتتى، سەن قايىل قىلالىدىڭ دېگەندەك مەنە چىقىدۇ. يەنە كېلىپ مۇھەممەدجان راشىدىن جاھانغا تەدبىر بەرمىگەن (قوللانمىغان)، بەلكى تەبىر بەرگەن. تەبىر بېرىلىدۇ، تەدبىر قوللىنىلىدۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-10 20:07):
ئىستىبدات ئەمەس ئىستىدات دەپ ئوقۇغايسىزلەر

UID
37804
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-5-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-19
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 21:13:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت. مەنمۇ مۇھەممەتچان راشىدىننىڭ شېئرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن. بۇلۇپمۇ بەخىت تىلەش دىگەن شېئىرنى.

UID
37996
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:07:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگەئۇستاز بىزگە يول باش تەلىم ئالغاي ئەقدەيۇ ئىماندىن
قانچە رەڭگار بولسا دۇنيا ھىچ تانمغاي ھەققى ساپ ئتىقادىدىن

ئەقىدە گەر بەرسە خىزمەت ئىلىك ئالار لەببەيكە دەپ
مەيلى كىشىلەر بلمسە  ،ھەقىقەتكە ھەققى چىن ئخلاسىدىن

بوۋام ئۇدۇم قىلغان مىراس ئۆزىگە قىلار مەڭگۈگە بىر تۇتقۇسى
بىھاجەتتۇر ئۆزگىلەرنڭ سەپسەتسى، ئاتا-بوۋا ئاتا قلغان مىراسدىن

رەقىپلەرگە قورچاق بۇلۇش ئۆزىگەمەڭگۈ نۇمۇسلۇق ھەم ئار بىلەر
قۇتۇلغاچقا ۋۇجۇدلىرى يىرگىنچلك روھى قۇللۇق كىشەندىن

قىلسا بىر سۆز ھەققىقەتتن  يۈرەكلەرنڭ قات-قېتىدىن ئۇرغۇپ چىقار
ھەققىقەتنڭ يالقۇنلرى قەلپلەرگە ھىچ سىغمغان ھارارەتلك ۋولقاندىن


گەرچىقسا سۆز قەلپلەردىن قەلپلەرگە تۇتاشتۇرغان بىر يول ئاچار
شۇندا بۇلۇر خەلىق بىلەن ئاتا -بالا ھەققى چىن مۇھاببەتتىن

بۇنڭغا ئۇيغۇر ،ئابدۇقادىر،ئۆركشى ھەم تەۋپىق مىسال
ئەل -ۋەتەنگە يول باش بۇلۇپ خەلققە يول كۆرستشكە نەمۇنىدىن

كىمكى ئۆزنى ئۇستاز بىلسە ئەنە شۇلا ئۇستاز تۇتسۇن
ھەق - ناھەقنى ئايرىشقا بولغان ئەقىل بىلەن تەدبىرىدىن

UID
33138
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 12:33:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
khan يوللىغان ۋاقتى  2012-5-10 20:06
ئارۇز ۋەزىنلىك شىئېرلار شائىردىن ئاجايىپ زور ئىستىبدا ...

بۇ يەردىكى «جاھان دىگەن يارالدى شۇنداق»دىگەن ئۇستازنىڭ كىتابىنىڭ ئىسمى كۆزدە تۇتۇلدى،  ئەگەر سىز شۇ كىتابنى ئەستايىدىل ئۇقۇسىڭىز چۇقۇم جاھانغا قانداق تەبىر بىرىلگەننى چۈشۈنىسىز قېرىندىشىم،،،
مەن ھەمدە ھېچ قاچان گاس-گاچىنى مەسخىرە قىلغان يىرىم يوق،چۈنكى سىزنىڭمۇ بېشڭىزغا بىر كۈنلەر كەلسۇن قېنى چۇقۇم جاھاندىن رەنجىيسىزغۇ دەيمەن ،لىكىن ئۇستاز شۇ جاھاندىن رەنجىگەنلەرگە تەسەللى بولغىدەك تەبىر بەردى    چۈشۈنىڭ قېرىندىشىم....

باھا سۆز

khan  تەدبىر بەرگەنمۇ ياكى تەبىر بەرگەنمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 13:55:35

UID
12177
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1560
تىزىملاتقان
2011-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 17:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ئىسىل مەزمۇنى چوڭقۇر

UID
38038
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 17:33:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
38038
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 17:37:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشئ.بۇپتۇ

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
442
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13947
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 22:12:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدچان راشىدىن ئاكىنىڭ شىئېرلىرى ھەقىقەتەن ئېسىل . مەنمۇھەم  سۆيۈپ ئوقۇيمەن.  ئاكىمىزنىڭ تىنى سالامەت ،ئۆمۈرى ئۇزۇن بولسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش