شۇنداق بىر كۈنلەردە سېنىڭ بىلەن قانداق تونىشىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن،توۋا مەن بىر ئۆمۈر مۇشۇ ئازاپتا ياشاپ ئۆتۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن ~!!!!
تۇيۇقسىز بىر تور بېكەتنى ئىچىپ قالدىم، ئاستىدا مۇزىكا ئىشلەيمىز ناخشا ئۈنگە ئالىمىز! ھە توختاپ تۇر مەنمۇ ئاۋازىمنى ئۈنگە ئالدۇرۇپ سىناپ باقاي جۇمۇ ~! دىمىسىمۇ مەن ناخشا ئىتىشقا بەك ئامراق ئىدىم . مېنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش داڭلىق ناخشىچى داڭلىق كىنو ئارتىسى بولوش ئارزۇيۇم باتتى لىكىن چوڭ داداملارنىڭ قوللىماسلىقى تۈپەيلى ناخشىچى ئارتىس بولالمىغان مانا بۇ ئۈرۈمچى شەھرىدە ياشاپ تۇرمۇش كەچۈرەۋاتقان جەريانلاردا ئەركىن بولغانلىقىم سەۋەب بولدىمۇ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ھەر قانداق ئشنى قىلىپ باقاتتىم، مەن كوت كوتنى ئىچىپ مۇزىكا ئشلەيدىغانلارنىڭ كوت كوت نۇمۇرىنى قىتىۋالدىم تۇيۇقسىز~! كىم سەن~!
دىگەن بىر پارچە خەت كەلدى،مەن پەرھات مەن ئاۋازىمنى ئۈنگە ئالدۇراي دىگەن~! ھە سەن نىمىش قىلىسەن مەن كومپىيۇتېر ئشلىرى بىلەن شۇغۇنلىنىمەن تور بىكەت ياسايمەن ئشقىلىپ كومپيۇتېرغا ئالاقىدار ھەرقانداق ئىش بولسا قىلىۋىرىمەن ئاكا ~! ئۇ تۇيۇقسىز ئۇنداقتا بىزنىڭ سىتودىيەنىڭ تور بېكىتىنى ئشلەپ بىرەمسەن! بولىدۇ دەپ خەت يازدىم ~!شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۈنگە ئالغان بىر ناخشىنى ئاڭلاپ ياختۇرۇپ قالدىم~! مەن ئەزەلدىن قىزلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيىتتىم، لىكىن بۇ ناخشا بەك بەك پەيزى ئىتىلغان ئىدى، ئاكا سىلەر ئۈنگە ئالغان بۇ ناخشا بەك ياخشىكەن كىمۇ ئۇ دىدىم مەن، ئۇ قايتۇرۇپ ئسمى شىرىن تىخى يىشى كىچىك 18 گە كىردى، قانداق ساقام QQ رىنى يوللاپ بىرەيما~! ۋاي ۋاي ۋاي بولدى مەن ناخشىسىنى ياختۇرۇپ قالدىم ئۆزىنى ئەمەس دىدىم مەن، ئۇ كۈلۈپ كىتىپ ئۇنداقتا تور بېكىتىمنى قاچان ياساپ بىرىسەن دىدى ئۇ ، مەن بۈگۈن كەچتىن باشلاپ ياساشنى باشلايلى مەن كەچتە ئۆيگە بىرىپ ياساشنى باشلاي بولامدۇ،دىدىم مەن، ئۇ قايتۇرۇپ بولىدۇ ساقام دىدى ئۇ مەنمۇ توردىن چۈشۈپ كەتتىم، ئانغىچە ئاغىنەم ئابلەت ئاداش كەچتە ساڭناغا بىرىپ كىلەمدۇق مەن مىھمان قىلاي دىدى مەن ئاداش بۈگۈنچە بارمايلا قويايلى شەنبە يەكشەنبە ئارام كۈنلىرى بارمامدۇق ئاداش ئەتىسى تۇرغىمىز كەلمەي ئشقا كىچىكىپ قالىمىز دىدىم شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز بىللە تاماق يەپ بولوپ ئۆيگە قايىتتىم،ئۆيگە كىلىپ بىرىنجى بولۇپ كوت كوت نى ئاچتىم ئۇنىڭدىن خەت كەلگەن ئىدى،ساقام كەلدىڭما~! مەن ھەئە كەلدىم ئاكا بارمۇسەن دەپ خەت يازدىم، ئۇ مەن بار ساقام ئۇنداقتا دەپ بىر قاتار تور بېكەتنىڭ قۇرۇلمىلىرىنىڭ قانداق بولدىغانلىقى توغۇرسىدا ماڭا بىر قاتار چۈشەندۈردى، تۇيۇقسىز ھىلىقى قىزنىڭ رەسىملىرىنى ۋە بۇ سىتودىيەنىڭ بىر قانچە ئەزالىرىنىڭ رەسىم ئارخىپ دىگەندەك ئشقىلىپ بارچە ماتىرياللارنى ئەۋەتىپ بەردى،مەن بۇ ماتىرياللارنى بىر قاتار كۆرۈش جەريانىدا ھىلىقى قىزنىڭ تارخىنى كۆرۈپ بىر قاتار ئوخشىشىپ قالدىغانلىقىمىزنى بايقاپ مەن كوت كوت قا خەت يازدىم، ئاكا ھىلىقى شىرىننىڭ كوت كوت نۇمۇرىنى ئەۋەتىپ بىرەمسەن دىۋىدىم ئۇ قانداق قىلىسەن دىگەنتى نىمە دىيەرىمنى بىلەلمەي سىڭلىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىسى باركەن شۇڭا يوللاپ بىرەمسەن دىۋىدىم ئۇ كوت كوت نۇمۇرنى يوللاپ بەردى مانا شۇنداق قىلىپ مەن ئۇ قىزنىڭ كوت كوت نۇمۇرىنى قىتىۋالدىم تۇيۇقسىز سىز..... دەپ بىر پارچە خەت كەلدى مەن شىرىنغا مەن پەرھات، شىرىن ناخشىڭىزنى بەك ياختۇرۇپ قالدىم جۇمۇ ئاۋازىڭىز بەك ياخشىكەن دىۋىدىم رەخمەت دىگەن خەت كەلدى يەنە جىمجىت، ئارلىقتىن ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بىر قاتار ئۆزىمىزنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلىرىمىزنى دىيىشىپ كوت كوت بىلەن پاراڭلىشىپ خەت يىزىشنى ئاۋارچىلىق دەپ بىلىپ ئۇنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى سورىدۇم، شۇنداق قىلىپ ئۇ تېلېفۇن نۇمۇرىنى دەپ بەردى مەن ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىدىم، ياخشىمۇسىز دىۋىدىم ئۇ ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟ دىدى مەن قايتۇرۇپ ياخشى مەن باياتتىن سىز بىلەن توردا پاراڭلاشقان پەرھات بولىمەن ئاۋازىڭىز بەك ياخشىكەن ناخشىڭىزنى بەك ياختۇرۇپ قالدىم دىدىم مەن، ئۇ رەخمەت ئۇنچىۋالا ئەمەس دىدى، شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ دىگەندەك دەرىتلىرىمنى تۆكۈپ دىگەندەك قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تىزلا چىقىشىپ قالدىم،ئۇمۇ بىشىدىن نۇرغۇن ئشلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى دىدى توۋا دەپ كەتتىم مەن ئۇ نىمە بولدى دىۋىدى ھىچ قانداق.... شۇ ئىككىمىزنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى بەك ئوخشىشىپ كىتىدىكەن شۇنداقمۇ ئۇدۇل كەلگەن بارمۇ توۋا دەپ كەتتىم ئۇمۇ شۇنى دەيمەن دەپ جىملا بولوپ كەتتى مەن ئۇنىڭغا بىر قاتار تەسەللى بەرگەننى قىلىپ خوشلىشىپ تېلېفۇنىنى قويىۋەتتىم ئارلىقتىن ئۇزاق ئۆتمەي تور بېكەتمۇ پۈتتى، كۈندە شۇ قىز بىلەن تېلېفۇنلىشىدىغان بولدۇم ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ قىز بىلەن يۈرۈپ قالدىم، ۋاھ مانا ئاللا ئۆزى مېنىڭدەك بىر يىتىم بىر قاناتى سۇنغان غىرىپ بىر بەندىسىگە مۇشۇنداق تەقدىرى ماڭا ئوخشايدىغان بىر قىزنى ئەۋەتىپتۇ جۇمۇ تەقدىم مۇشۇ قىز بىلەن ئوخشايدۇ دىدىم ئىچىىمدە، مەن بىللە بىر ئۆيدە تۇرىۋاتقان روزىنىڭ مۇھەببىتى غولجىدىن قىز دوستى كىسەلچان روزى بولسا شىركەت قۇرىمەن دەپ قىلمىغىنى قالمىغان ئۇ بەكمۇ تىرىشچان ئىدى، ئارلىقىن بىر كۈنلىرى ئۇ قىز دوستى بىلەن قىز دوستىنىڭ يۇرتى غولجىغا كىتىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن قايىپ كەپتۇ ئاداش مەن توخو سودىسى قىلىمەن ئاداش غولجىدا سوقۇشقاق توخولارنى بەك پۇلغا ئالىدىكەن ئاداش ئۇ قىزنىڭ ئائىلىسى ئەينى ۋاقىتتا بەك باي ئىكەنتۇق لىكىن بىر قىتىملىق توخو بىقىش جەريانىدا ھەممە توخولىرىغا كىسەل تىگىپ ئۆلۈپ ۋايران بولوپ كىتىپتۇ ھازىرچە ئازراق بولسىمۇ قۇربۇم يەتكەندىكىن ئاداش ئىنىسىغا توخو ئەكەلدۇرۇپ بىرەي دەيمەن دىدى ھە ياخشى بوپتۇ ئاداش ئۇنداقتا شۇنداق قىل لىكىن ئاداش ئۇ قىزنى ئالماي تۇرۇپ بۇنداق قىلساڭ كىيىن ئارماندا قالماسسە ھە دىۋىدىم خاتىرجەم بول جۇمۇ ئاداش ئۇنداق بولمايدۇ، مەن ئۇلارغا ئىشىنىمەن دىدى شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئۇ توخو ئەكىلىش ئۈچۈن مۇھەببەتنىڭ ئىنىسى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىرىپ توخو ئەكىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ كەتتى، ئۇ ئۆيدە يەنە بىر دوستۇم بولدىغان قەييۇمجان دەپ ئۇ بالىمۇ تور بېكەت ياسايدىغان ماڭا قارىغاندا تور بېكەت تۈزۈش دىگەندەك ئىشلارغا مىنىڭدىن يامان، شۇنداق قىلىپ بۇ ئۆيدە ئىككىلىمىز يالغۇزلا قىلىپ قالدۇق، مەن يەنە ئاۋالقۇدەك شىرىن بىلەن قايناق مۇھەببەت قاينىمىغا سىڭىپ كىرىپ قاتتىق پاراڭغا چۈشۈپ كىتەتتۇق،بۇ ۋاقىتلاردا ئەتىراپىمدا مېنى جىنىدىن ئەزىز كۆرۈپ ۋەھشى ياخشى كۆرىدىغان بىر قىز بالا بولىدىغان پەرھات مېنى ياخشى كۆرۈمسىز مەن سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن دەپ كەينىمدىم كەتمەي تىلىفۇن دىگەننى ئۇرۇپ ساراڭ قىلىۋىتىدىغان شۇ قىزنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەي يۈرۈپ ئاخىرى مۇشۇ شىرىننىڭ قەلبىلىگە نايىل بولدۇمدە، قىززىق بۇ جاھان بىرىگە زار بىرىگە خار دۇنيا ئىكەن، مەن زۆھرە كەچۈرۈڭ مېنىڭ مۇھەببىتىم بار ئسمى شىرىن كەچۈرۈڭ دىۋىدىم ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ كىتىپ قالدى تۇيۇقسىز جاڭڭىدە قىلغان بىر ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى تۇيۇقسىز كەينىمگە قاراپ باقسام بىر توپ ئادەملەر توپلىشىپ كىتىپتۇ نىمە بولغاننى بىلمەك بولوپ بارسام بىر ماششىنا ئالدىدا زۆھرە قانغا مىلەنگەن ھالەتتە يىتىپتۇ، ئا خۇدا بۇ نىىمە كەلگۈلۈك ماڭا~! شۇنداق قىلىپ جىددى قۇتقۇزۇش ماششىنى چاقىرتىپ 2-دوختۇرخانىغا باردىم زۆھرە نى جىددى ئوپراتسىيە قىلىش ئۈچۈن دوختۇر ماڭا بىمارنىڭ تۇققىنىمۇ سىز دىدى ھە ئە مەن دىگەن ئىدم دوختۇر بۇ يەرگە ئىمزا قويوپ بىرىڭ ~! دىدى مەن ئوپراتسىيە قىلىش قەغىزىگە ئىمزايىمنى قويوپ بەردىم شۇنداق قىلىپ ئۇنى ئوپراتسىيە قىلىش ئۆيىگە ئىلىپ كىرىپ كىتىپ قالدى~! شۇ تاپتا مەن قورقىۋاتقان ئىدىم ئۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى ۋەي ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم دىدىم تېلېفۇننى شىرىن ئۇرغان ئىدى پەرھات بۈگۈن تېلېفۇن قىلىپ قويايمۇ دىمەيسىزغۇ نىمىش قىلىپ كەتتىڭىز، دىۋىدى مەن چاندۇرماي شۇ جىنىم قاراڭ بۈگۈن ئىدارەمدە بەك جىددى ئشلەپ كەتتۇق تەكشۈرۈش بار دەپ شۇ ئىشلار بىلەن ئالدىرا بولوپ قالدىم ھازىر بىكار بولوپ تۇرغان تىخى ئۆيگە قايتىپ كىتەي دەپ تۇرغان ئىدىم دىدىم مەن شىرىن ھە بوپتۇ شۇ نىمىش قىلاۋاتىدىكى دەپ ئۇرغان باشقا ئشمۇ يوق دىدى ھە مۇنداق دەڭ دىدى ئۇ مەن ئۇنىڭغا تۇنجى قىلغان يالغان گىپىم ئۈچۈن بىر خىل بولوپ قىلىپ راسىت گەپنى دىمەك بولوپ ئۇنىڭغا دىسەم مېنىڭدىن خاپا بولۇپ قالارمۇ دىگەندەك بولۇپ بولدىلا نىمە بولسا بولسۇن راسىت گەپ قىلاي دەپ جىنىم قاراڭ دىۋدىم بوۋام چاقىرىپ كەتتى سەل تۇرۇپ تېلېفۇن قىلايمۇ دىدى ھە بوپتۇ ئۇنداق تېلېفۇنىڭىزنى كۈتىمەن دىدىم مەن شۇنداق قىلىپ تېلېفۇننى بىسىۋەتتىم لىكىن ئۇ كىچىچە تېلېفۇن قىلمىدى مەنمۇ تېلېفۇن قىلمىدىم ئەتىسى تاڭ ئاتتى زۆھرەنى ئوپراتىسىيە ئۆيىدىن ئەپ چىقتى،ئۇ ھۇشسىز ياتاتتى دوختۇرغا دوختۇر ئۇ قانداقراق دىۋىدىم دوختۇر ئۇ ھازىرچە خەتەردىن ئۆتۈپ كەتتى، بىر ئىككى كۈن كۈزۈتۈپ باقىمىز ھۇشىغا كەلسىلا ياخشى بولوپ كىتىدۇ دىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇدا ئۈچ تۆت كۈن زۆھرەنىڭ يىنىدا ئۇنىڭغا قارايمەن ئۇ يەنىلا جىمجىت مەن ئىچىمدە قورقىۋاتىمەن بىر قىزنىڭ بۇ دۇنيادىن ئىچىلماي توزوپ كىتىدىغىننى ئويلىسام كۆزلۈرۈمدىن ياشلار ئىقىپ كەتتى، مانا بۈگۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى، مەن بەك چارچاپ كەتكەن ئىدىم ئازراق ئارام ئىلىۋىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كارۋىتىغا بىشىمنى قويوپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا بولسا ئۇ مېنڭ قولومنى تۇتۇپ ياتقان، قىززىق قورقوپ كىتىپ قولومنى تارىتسام ھىچ قولوم بوشايدىغاندەك ئەمەس ئۇمۇ كۆزىنى ئىچىپ رەخمەت پەرھات دىدى، ۋاي ھىچقىسى يوق دىدىم لىكىن ئىچىمدە بىز قىزنىڭ بۇنداق ھالەتكە كىلىپ قىلىشىغا مەن سەۋەبچى دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم ھەي سەن بۇنداق ئەمەستىڭغۇ پەرھات قاچانلاردىن بىرى باغرى تاش ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالدىڭ! دەپ سوئال قويماقتا ئىدىم تۇيۇقسىز پەرھات مېنى ياخشى كۆرەمسىز! دىدى زۆھرە ، مەن بىردەم تۇرۇپ قالدىم ئۇ قايتا قايتا سوراۋەردى، مەن ئاخىرى كۈچۈرۈڭ زۆھرە مەن شىرىننى ياخشى كۆرىمەن مەن سىزنى سىڭلىمنىڭ ئورنىدا كۆرىمەن بىر ياخشى ئاكا ئۇكا بولايلى قانداق مەن كۆڭلۈمگە يەنە بىر ئىنساننى سىغدۇرالمايمەن دىدىم شۇنداق قىلىپ ئۇ بوپتۇ پەرھات بەخىتلىك بولوپ كىتىڭ سىزنى ئاۋارە قىلغۇم يوق كىتىڭ دەپ ۋاقىراپ كەتتى مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم ئەمدى نىمە قىلاي يەنە ئۇنىڭ شۇنداق دىيىشلىرىگە مەن چىداپ تۇرالامدىم ئاخىرى ئۇنى ئاچچىقلاتقۇم كەلمەي دوختۇرخانىدىن كىتىپ قالدىم، ئىچىمدە بىر ئازاپ مېنى قىينىماقتا، تۇيۇقسىز تېلېفۇن سايراپ كەتتى، ۋەي جىنىم قانداق ئەھۋالىڭىز نىمىش قىلاۋاتىسىز ! ھە شۇ نىمىش قىلاتتىم سىزنى ئويلاپ ھازىر دەرىستىن چۈشكەن ئىدىم شۇ سىزگە تېلېفۇن قىلىشىم نىمىش قىلاۋاتىسىز دىدى شىرىن تېلېفۇننى شىرىن قىلغان ئىدى، شۇ ھازىر ئۆيگە ماڭدىم دىۋىدىم ھە بوپتۇ، تېلېفۇنمۇ قىلىپ قوياي دىمەيسىز دىدى ئۇ ئۇنداق ئەمەس شۇ ئىدارىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولوپ كىتىپ قالدىم جىنىم خاپا بولماڭ~! ئەمدى ئۇنداق ئالدىراش بولوپ كەتمەيمەن دىدىم مەن، ھە ھىچقىسى يوق خىزمەتنى بەك سۆيىدىكەنسىز ھە~! دىدى ئۇ قەستەن دەۋاتاتتى، مەنمۇ چاندۇرماي ھەئە دىۋىدىم ئۇ ئۇنداق بولسا خىزمەتنى سۆيۈڭ دىدى مەن كۈلۈپ كىتىپ ئۇنداق ئەمەس جىنىم مەن سىزنى سۆيىمەن. چاق چاق قىلىپ قويدۇم دىدىم گىپىمنىڭ كەينىگە ئۇلاپلا شىرىن تاماق يىدىڭىزمۇ دىۋىدىم ئۇ ھەئە ھازىر ساۋاقداشلىرىم بىلەن تاماق يەپ چىقتىم، دىدى، ھە مەن تاماق يىمىگەن ئىدىم تاماق يەپ بولۇپ تېلېفۇن قىلايمۇ دىدىم ماقۇل دىدى شۇنداق قىلىپ خوشلىشىپ تېلېفۇننى قويوپ تۇرىشىمغا تېلېفۇن يەنە سايرىدى بۇ قىتىم روزى قىلغان ئىدى، ئاداش ياخشىمۇسەن مەن تۈنۈگۈن توخولارنى سىلىۋەتكەن ئىدىم بىرىپ ئەكىلىۋالامسەن دىدى ماقۇل دەپ مەن توخۇلارنى ئەكىلىش ئۈچۈن تىز يەتكۈزۈش پونكىتىغا بىرىپ ئاغىنەم مۇرادىلغا تېلېفۇن ئۇردۇم،ئاداش روزى توخو ئەۋەتىپتىكەن توخولارنى ئۆيگە ئاپىرشىپ بىرەمسەن دىدىم ماقۇل دەپ ئۇ كەلدى شۇنداق قىلىپ بىز توخولارنى ئۆيگە ئىلىپ كەلدۇق ، بىنا ئۆيدە توخو باققانى كۆرەپ باققانمۇ قىززىق ، بىز توخولارنى ئۆيگە ئەكىرىپ قاتار قەپەستىن چىقارماي تىزدۇق، ھىلىقى توخولار توخو تەلەتى يوق ۋەھشى قورقىنىشلىق ئىدى بىرىنىڭ تۇمشىقى قان بىرىنىڭ كۆزلىرى مەن قىززىقچىلىق قىلىپ ئىكىكى توخونى قەپەستىن چىقىرىپ مىھمانخانىغا قويوپ بەردىم، ئادەم بىلەن ئادەم سوقىشىپ قالسا بىر ئىككى سائەت سوقىشالمايدۇ، بۇ توخولار دىگەن ۋەھشى سوقىشىدىكەن ئاخىردا تاس قالدى بىرسى ئۆلگىلى ئاخىرى تۇتۇپ توخولارنى قۇمىغا سولاپ قويدۇم، توكنى ئۆچۈرۈپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم، روزىغا تىلىفۇن قىلىىپ ئاداش توخولارنى ئەكىلۋالدىم دىدم مەن ھە بوپتۇ ئاداش ئەتە غولجىغا ئاپىرىپ بىرەمسەن ئۇلار ئالدىڭغا چىقىدۇ دىدى ماقۇل دەپ ئەتە مۇرادىلغا تېلېفۇن قىلىپ توخولارنى ماششىنىغا بىسىپ غولجىغا قاراپ يولغا چىقتۇق،تەڭ كىچە ئون ئىككى بولغاندا بىز غۇلجىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش پونكىتى ئالدىغا كىلىپ قاپتۇق، ماششىنا ئىچى توخو پوقىنىڭ پۇرىقى بىلەن تولغان ئىككىلىمىزنىڭ ئاۋازى ئۆزگىرىپ زۇكامداپ قالدۇق، بۇ پۇراققا چىدىماي دەرىزىنى ئىچىپ ماششىنىدىن چۈشۈپ ھاۋا ئالماشتۇرمىز دەپ سىرىتتا بىرە تالدىن تاماكا چەككەچ تۇرىۋىدۇ يىراقتىن بىر قىز دەلدەڭشىپ كىلىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇ قىز بىز تەرەپ قاراپ تۇرۇپ مۇشۇ ياقتىن بىر ياتاق ئالغان ئىدىم تاپالماي قالدىم سىلەر بىلەمسىلەر دىۋىدى مۇرادىل تۇرۇپ كىتىپ بىز ئۈرۈمچىدىن ھازىر كەلدۇق، بىز غولجىدىن ئەمەس ئۇقمايمىز دىدى، ھە دەپ تۇرىشىغا مۇرادىل سىز غولجىدىن ئەمەسما دىۋىدى ئۇ قىز ھەئە غولجىدىن دىگەن ئىدى مۇرادىل ۋوي ئۇنداق بولسا سىز بىلمىسىڭىز بىز قانداق بىلىمىز دىدى مەن روزى دىگەن ئالدىمىزغا چىقىدىغان ئادەمگە تىلىفۇن قىلىپ تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئسمنى دەپ بەردۇق ئۇلار كىلىدىغان بولدى، ئانغىچە مەن تېلېفۇننى قويىۋىتىپ تۇرىشىمغا ئۇ قىز ئالدىمىزغا كىلىپ بولغان مەن ئۇ قىزدىن ياتاق ئاچقان ھۆججەت قەغىزى بولسا ياتاقنىڭ ئادىرسى چىقاتتى شۇ بولسا كىتەلەيسىز دىسەم ئۇ قىز شۇ ھۆججەتنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، دىدى شۇنداق دىيىشىگىلا گۆپپىدە ھاراق پۇرىقى كەلدى بۇ پۇراقتىن سەسكىنىپ ماششىنىغا چىقىپ تۇرىۋالدىم بىر ۋاقىت بولغاندا مۇرادىل كىلىپ ھەي ھەي چۈشە ماششىنىدىن ئادەم ئۇ قىز بالىغا تاشلاپ قوياپ ئۆزۈڭ ماششىنىغا چىقىۋالماي چۈشە دىدى ماقۇل دەپ چۈشىۋىدىم مېنى كۆرۈپ ئۇ قىز بۈگۈن دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان ئازراق ئىچىپ قالدىم شۇڭا ئۆيگە كىتەلمەيۋاتىمەن دىدى، مەن توۋا مىللىتىمنىڭ قىزلىرىنى بۇنداق تۈگۈشۈپ كىتەرىنى ئويلىماپتىكەنمەن جۇمۇ ئالدىمدا بىر سىڭلىم بار تەبىيەنى تىخىمۇ قاتتىق قىلمىسام سىڭلىممۇ مۇشۇنداق بولوپ قالمىسۇن يەنە دەپ توۋا دەپ قالدىم ئانغىچە ئالدىمىزغا توخونى تاپشۇرۋالدىغانلار چىقىپ بولغان ئىدى، گەپنى تۈگىتىپ مۇرادىل بىلەن ماششىنىغا چىقىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتۇق ئۆيىگە كەلگەندە ئو تەرەپتىكى كوچىغا ھەيدەڭ دىۋىدى ھەيدەپ كىرىپ خىلى بىر يەرگە كىرىپ بولغاندا يولنى توساپ تۇرغان بىر كىچىك ماششىنا ئۇچقىدى، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ كىتىمەن دەپ ماششىنىنى ھەيدىۋىدىم تاسلا قالدىم ئىرىققا كىرىپ كەتكىلى بولدىلا مۇشۇ يەردە توختىتىپ توخولارنى ئەكىرىپ بىرەيلى دەپ توخولارنى ئەكىرىپ بولغاندا ئەتتىگەن قايتىپ كىتىڭلار دەپ تۇتۇپ قالدى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئاخىرى ئۇلارنى ئۆيىدە تۇرۇپ قالدۇق ئۇلار ئەتكەن چاي قىلىپ ئەكەلدى بىز نان ئوشتاپ چاي ئىچىپ بولوپ يىتىپ ئۇخلاپ ئەتە سائەت يەتتە بىلەن ئۆيىدىن چىقىپ بازار ئىچىگە كىردۇق. مەن شىرىنغا تېلېفۇن قىلىپ جىنىم مەن غولجىدا سىزنى ساقلاپ خەلىق مەيدانىنىڭ يىنىدىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ ئالدا ساقلاپ تۇردۇم دىدىم، ھە ئۇنداق بولسا مەن قىشىڭىزغا چىقاي دەپ تېلېفۇننى قويىۋىتىپ يوق ساقلا ساقلا چۈشمۇ بولاي دىگەندە مۇرادىل ھەي ئاداش مانا ھاىر دەپ قوياپ مۇشۇنداقمۇ ساقلىتامدۇ ھەي مېنىڭ مۇھەببىتىم بولدىغان بولسا ئىشىڭنى قىلە ۋا دەپ كىتىمەن جۇما بەك ئىغىر بىسىق ئىكەنسەن سەن دىدى مەن قايتۇرۇپ ئاداش ئىغىر بىسىق بولساڭ جىق ئىشلاردا نەتىجە قازىنالايسەن ساقلايلى چوقوم كىلىدۇ كەلمەي قالغاندا بىر گەپ بولمامدۇ دىدىم دىمىسىمۇ خىلى ساقلاپ كەتتىم، ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرىنەي دىمەيىتتى، بىر ۋاقىت بولغاندا قېنى سىز دەپ ئۇچۇر كەپتۇ ھە دەپ تۇرۇپ كىتىپ مەن تېلېفۇن قايتۇرۇپ سىز نەدە دىسەم مەن كىتاپخانىنىڭ ئالدىدا كىلىگە دىدى مەن قىشىغا باردىم بىر قۇر سالاملىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماششىنىغا چىقتۇق، تاماق يەيلىمۇ دىۋىدى بولدى بىز تاماق يەپ بولغان ئىدۇق دىدىم، ئۇنداق بولسا بوۋام مۇماملار ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ قويغان ئىدى بارايلى دىدى مەن تۇرۇپلا قالدىم قانداق بولىدۇ مەن بىرە قىزنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرىپ باقمىغان شۇ كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا دەپ چاقچاق قىلۋىدىم ئۇ كۈلۈپ كىتىپ، ياقاي ھىچ ئىش يوق بارايلى دىدى مەنمۇ تەۋەككەل بىر بىرىپ باقايلى دەپ مۇرادىل بىلەن ماڭدۇق تۈنۈگۈن كىچىچە ماششىنا ھەيدەپ ئىككىلىمىزنىڭ چاچىلىرى قالايمىغان توك سوقىۋەتكەن ئادەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدۇق مۇرادىل ئاداش كىرسەڭ ئۆزۈڭ كىر مەن كىرمەيمەن، دىۋىدى ماڭ بىللە كىرىمىز مېنى بوۋىسى ئۇرۇپ كەتسە قانداق قىلىمەن سەن بولمىساڭ بولماس قۇتۇلدۇرغىلى دىۋىدىم شىرىن كۈلۈپ كىتىپ قوقماڭ مەن با دىدى شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردۇق، بوۋىسى سىرىتتىكى سۇخانىنىڭ ئالدىدا قىتىپ قالغان مۇزلارنى پارچىلاۋاتقانمۇ تاڭ ئەيتاۋۇر بىرىپ بوۋىسى بىلەن سالاملىشىپ مىھمانخانا ئۆيىگە كىردۇق،ئايىغىمىزنى سىلىپ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇدۇق مۇمىسى قازان ئاستى ئۈستەل ئۈسىگە نازۇ نىممەتلەرنى ئەكىلىپ تىزىۋەتتى، بىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئالغاچ ئولتۇردۇق تاماق پىشىپ بولغۇچە مۇمىسى ئۆزىنى تونوشتۇرۇپ شىرىن سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىپ بەرگەن ئىدى . مەن ئۇنىڭ ھازىرقى مۇمىسى بولىمەن بالام ، بۇ قىزنىڭ مۇمىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ بوۋايغا قارايدىغان ئادەم يوق ئۇ ئادەممۇ 80دىن ئىشىپ قالدى، بۇ ئۆيدە مۇشۇ شىرىنلا با بۇ قىز ئوقوۋاتىدۇ، بوۋايغا مەن قاراۋاتىمەن، مەن بۇ يىل 56 ياشقا كىردىم مىنىڭ ئۈچ بالام با يولدىشىم بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن، بۇ بوۋاي ياشانغان بولسىمۇ پۇلى كۆپ ئۈچ تۆت يەردە ئۆيلۈك يەرلىرى با دىگەننى قىلىپ بىر قاتار ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ قانچىگە كىردىڭىز بالام دىدى مەن ئاللا بۇيرىسا بۇ يىل 21گە كىردىم ھەدە دەپ ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدىم،مەن 16 يىشىمدا ئاپامدىن كىچىك قالغان ئالدىمدا ئاپام ئورنىدا قالغان بىر سىڭلىم بار ، دادام قايتا ئۆيلەنگەننىڭ بىرى بىزنىڭ بىلەن كارى يوق ئاپامنىڭ دادا ئاپىلىرى قىشىدا تۇرۇپ چوڭ بولدۇق، مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ۋاڭبا ئىچىپ بىر قانچە يۇرۇتلارغا بىرىپ ئىشلەپ ئاخىرى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالدىم ھازىر بىر ئىدارىدە ئىشلەۋەتىمەن، ئۇزاق ئۆتمەي رەسمىلىشىپ قالىمەن ھەدە دەپ بىشىمدىن ئۆتكەن تارىخلىرىمنى بىر قاتار چۈشەندۇرۇپ بولوپ جىممىدە بولۇپ قالدىم، مۇمايمۇ شىرىننىڭ ئاپىسىمۇ بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن بالام دادىسىنىڭ كارى يوق دىگەنىنى قىلىپ بىر قاتار چۈشەندۈردى ئانغىچە توينىڭ گىپى بولوپ قالدى نىمە دىيەرىمنى بىلەلمەي ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بۇ سوئاللاردىنمۇ قۇتۇلدۇم تاماقنى يەپ بولوپ قايتىدىغان بولدۇق شىرىن بىزنى ئۇزۇتۇپ قويىمەن دەپ بىز بىلەن بىللە چىكىتىپ قالدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز بىلەن بىللە ئىلى دەريا بويىغا بىرىپ رەىسملەرگە چۈشتۈق قايتىپ چىكىتەر چاغدا مەن ئۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن مۇرادىلنى ئاداش بىردەم ماششىنىدىن چۈشۈپ تۇرامسەن مەن شىرىن بىلەن پاراڭلىشىۋالاي دىدىم ئۇ چۈشۈپ كەتتى، شىرىن سۆز قىلىشقا باشلىدى پەرھات بىلەمسىز مېنىڭ ئاپام مەن توققۇز ياش ۋاقتىمدا تۈگەپ كەتكەن خوشنىلارنىڭ ھەممىسى باللىرىغا بۇ قىز بىلەن يىقىنلاشماڭلار ئاپىسى ئەيدىز بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئانداقەي مۇنداقەي دىگەندەكلەرنى قىلىپ مەن بىلەن ھىچ قانداق كىشى يىقىنلاشماس بولدى، دادام بولسا 40 يىل ئاق چىكىپ تۈگەشكەن ئادەم ئۇ قايتا ئۆيلىنىپ ھازىر بىر سىڭلىم بار ، لىكىن دادامنى ئۆزىنىڭ ئاپا دادىلىرىنىڭ بىقىش ئىمكانىيىتى بولماي مېنىڭ ھازىرقى بوۋامغا بىقىشقا بەرگەن، دادامنى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك كۆرۈپ قىلمىغىنى قالمىغان بولسىمۇ دادام جەمىئەتتە ئويناپ ئىچىپ چىكىپ تۈگىشىپ ھازىر كىسەلچان، دادام قايتا توي قىلغاندىن كىيىن مېنى تۇرمۇشۇمغا پۇتلى كاشاڭ بولىسەن دەپ تىللاپ ئۇرۇپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى، دىۋىدى ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياشلار ئەگىپ تاراملاپ ئاقتى، ئۇ يەنە پەرھات مەن مۇشۇ ناخشىنى ئىتىپ تونىلىمەن دەپ گۈلخانىلاردا ئىشلەپ پۇل تىپىپ تۇنجى ناخشامنى ئىتىپ باشقىلارنىڭ خىلى ئالقىشىغا ئىرىشتى، ئارزۇيۇم داڭلىق ناخشىچى بولۇش، مېنىڭ ھال ئەھۋالىمنى ئائىلەمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ناخشا ئىشلەيدىغان ئاكاشمۇ بىلىپ مېنى ئۆزىنىڭ سىڭلىسىدەك كۆرۈپ بۇنىڭدىن كىيىنكى ناخشىلىرىمنى ھەقسىز ئىشلەپ بەرمەكچى بولدى، دىدى، مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ جىنىم خاتىرجەم بولۇڭ بۇنىڭدىن كىيىن مەن سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى قەتتى چەكلەپ قويمايمەن، سىزنىڭ داڭلىق ناخشىچى بولىشىڭىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن دىدىم ۋە جىنىم قەتتى بوشاشماڭ غەلبە ھامان تىرىشقانلارغا مەنسۇب كۆڭلىڭىز يىرىم بولغاندا ماڭا دەڭ مەن سىزگە تەسەللى بىرىمەن، سىزنى مەڭگۈ قوللايمەن، بۇنىڭدىن كىيىن تۇرمىشىمىز ياخشى بولوپ كىتىدۇ خاتىرجەم بولۇڭ دىدىم، ئۇ پەرھات مەن بۇرۇن بىرسى بىلەن يۈرگەن لىكىن ئۇ مېنى تاشلاپ يىقىن بىر دوستۇم بىلەن توي قىلىپ كەتتى كىيىن مەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قىلىپ ھازىر ئۈچ قىتىم ئوپراتسىيە بولوپ بولدۇم مىڭەمدە نىرىپ خاراكتىرلىك ئۆسمە بار، دىۋىدى، مەن خاتىرجەم بولۇڭ بىر ئۆمۈر سىزنى ئۇرمايمەن سىزنى خاپا قىلمايمەن شۇ ئازاپلىرىڭىزنى مەن چوقوم ئۇنتۇلدۇرىمەن بىز ئۈچۈن يىڭى بىر تۇرمۇش بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تىرىشايلى غەيرەت قىلايلى دىدىم، ھىچ كىم بىزنى يىتىم دىمەيدۇ، بىز يىتىم ئەمەس لىكىن بىرلا ئوخشىمايدىغان يىرىمىز بار ،باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بار ئۇلار ئاتا-ئانا مېھرىدىن تولۇق بەھرىمان بولالايدۇ بىز بولساق ئەمدى بىر بىرسىمىزدىن مىھرى مۇھەببەتكە ئىرىشىپ ياشايمىز ، دەپ كىتىپ بىرىپ كۆڭلۈمدىكى باشقا گەپلەرنىمۇ دىدىم، شىرىن ئاڭلاڭ، مەن شۇنچىلىك غىرىپ ئۇرۇق تۇققانلىرىم باللىرىنى ئەكىلەتكىنىدە باللىرى ئاتا-ئانىلىرىغا ئەكىلەۋاتقان ۋاقىتلىرىدا كۆڭلىدىكى دەرىت خۇشاللىقلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىغا دەۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ھىيىت ئايەم كۈنلىرىدە ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە كىيىم كىچەك سىتىۋالغان باللىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ كىتىشىۋاتقان كۆرنۈشلەرنى كۆرسەم قاچىدىغان بولۇپ قالدىم مېنىڭمۇ شۇنداق گۈزەل بىر كۈنلىرىم بولغان لىكىن ئۇ ۋاقىتلاردا مەن كىچىك ئىدىم ھازىرچۇ ئۇنداق ئەمەس ھازىرمۇ قاچىمەن شۇنداق كۆرنۈشلەرنى كۆرگىنىمدە، لىكىن ھازىر سىز بار مەن ئۆزۈمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلاۋاتىمەن دىدىم مەن، ئۇ سەل تۇرۇپ قالدى، راس دىمىسىمۇ كىمنىڭ شۇنداق بەخىتكە ئىرىشكۈسى يوق ھەممە ئادەم كۆز ئالدىدىكى بەخىتنى يوقاتقىنىدا شۇ بەخىتگە ئىرىشىشنى ئۈمۈد قىلىدىكەن، توۋا قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدىكەن كۆز ئالدىمىزدىكى بەخىتنى قاچۇرۇپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن شۇ بەخىتنى قەدىرلەيلى دوسىتلار، مەن شىرىن كۆزۈمگە قاراڭە دىۋىدىم ياق دەپ تۇرىۋالدى، قاراڭە بولمىسا.... دىۋىدىم ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى،مەن ئاستا ئۇنى باغرىمغا باستىمدە گىلاستەك لىۋىگە يىنىككىنە بىرنى سۆيدۈم توۋا قانداق كۈچنىڭ تەسىرىدە سۆيۈپ قالدىمكى تاڭ بىلمىدىم يۈرۈكۈم ئىت قوغلىغاندەك سوقماقتا، مەن جىنىم يۈرۈكىمنى تۇتۇپ بىقىڭە دەپ قولىنى يۈرۈم ئۈستىگە قويدۇم ئۇ نىمانچە تىز سوقۇپ كىتىدۇ دىۋىدى ئوقمۇدۇم دىدىم مەن، ئانغىچە مۇرادىل ئىشىكنى ئىچىپ ئاداش كەچ بولاي دىدى بىز ماڭايلى دىدى شۇنداق قىلىپ بىز شىرىننى غولجىنىڭ مەلۇم بىر يىرىدە چۈشۈرۈپ قويوپ كىتىپ قالدۇق، كىتىۋىتىپ نەدىن كەلدىكى بۇ ئۇيقا ئۇخلاپ قاپتىمەن، بىر ۋاقىت بولغاندا مۇرادىل ئاداش ماششىنىنى سەن ھەيدىگىن مەن بەك چارچاپ كەتتىم دىدى ماششىنى مەن ھەيدەپ تەلكى تاغلىرىغا كەلگەندە يول بويىدا تۇخۇم ئىچىملىك سىتىۋاتقان بىر كەپىگە كەپ توختاپ قەھۋە ۋە كولا دىگەندەك ئۇيقىنى قاچۇردىغان نەرسىلەرنى سىتىۋىلىپ يۈرۈپ كەتتۇق، بىر ۋاقىت بولغاندا تىلىفۇنۇم سايرىدى پەرھات سىزنى سۆيىمەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم يايراپ كەتتى مەنمۇ سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن جىنىم دىدىم ئۇ نەگە بىرىپ بولدىڭىز مەن ھازىر مايتاققا كىلەي دىدىم بىرىپ بولوپ تىلىفۇن قىلاي دىدىم مەن بولىدۇ دىدى، تەڭ كىچە 2لەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كىلىپ بولوپ مۇرادىل بىلەن بىزنىڭ ياتاقتا تۇرۇپ قالدۇق شىىرنغا تېلېفۇن قىلسام بۇ تېلېفۇن ئىتىۋتلگەن دىۋىدى. ئاستا تىلېفۇننى قويوپ ياتتىم لىكىن قەتئى ئۇيقۇم كەلمىدى ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بولغان ئىشلارنى ئويلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن بىر ۋاقىتتا تېلېفۇنۇم سايرىدى مەن شىرىن قوپىڭگە ھۇرۇن ئىشقا كىچىكىپ قالدىڭىز دىدى سائەتكە قارىسام 8 بولغان ماقۇل دەپلا تۇرۇپ ئىشقا بىرىپ كەچتە ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ توينىڭ پاراڭلىرىنى قىلىپ مۇشۇ يىلى 6-ئايدا توي قىلدىغان بولۇپ پۈتۈشۈپ شەنبە كۈنى ئۇ ئۆيىگە قايتىپ مۇمىسىغا تۇتقۇزۇپ قويدى تېلېفۇننى شۇنداق قىلىپ توينىڭ ئىشىمۇ پۈتتى. مەن دادامغا تېلېفۇن قىىلىپ دادا مەن توي قىلاي دىگەن دىسەم دادام ئۇنداق بولسا بوپتۇ دىدى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ دادامغا چۈشەندۇرۇپ تويومغا كەپ بىرىشىنى ئۆتۈندۇم دادام ماقۇل بولۇپ تويومنى قىلىپ بەرمەكچى بولدى چوڭ دادام ئاپاملارغا دىۋىدىم نەدىكىنى مېنى قوللامدىكى دىسەم چوڭ دادام مەن ناخشىچى ئەپ بەمەيمەن دەپ چىڭلا تۇرىۋالدى، كۈنلەر ئۆتۈپ قايتا قايتا چۈشەندۇرۇپ تۇرۇپ ئاخىىرى قايىل قىلدىم، بىر كۈنى تۇيۇقسىز تېلېفۇن ئەنسىز سايراپ كەتتى، پەرھات دادام ئايلىنىپ قالدى ھازىر جىددى قۇتقۇزۇشتا دىۋىدى ئۇنداق بولسا مەن بارايمۇ غولجىغا دىدىم، مەيلى كىلىڭ دىدى، مەن مۇرادىلغا تېلېفۇن قىلدىم مۇرادىل كەلدى غولجىغا بارماقچى بولوپ ماششىنىسىغا چىقتىم، مۇرادىل مەن بىلەن بىر ياتاقتىكى قەييۇمنىڭ ئىنىسى ئىدى، بىز مىڭىشقا تەمشىلىۋاتقاندا مۇرادىلغا تېلېفۇن كەلدى،نەدە سەن ئۇكام دەپ بىر پاتمان گەپ قىلىپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى، مۇرادىل ئاكام تېلېفۇن قىلىپتۇ ئاداش ئاكامنىڭ قىشىغا بىرىپ كىلىپ ماڭايلىمۇ دىدى ماقۇل دەپ قەييۇمنىڭ قىشىغا باردۇق ئۇنىڭ بىر ئاغىنىسى جەنۇپتىپ كەلگەن بولوپ تورخانا ئىچىش ئۈچۈن كومپىيۇتېر سىتىۋالغالى ئۈرۈمچىگە چىققان ئىكەن ئۇلار ئىككىسى ماششىنىغا چىقتى،چىقىپ بولوپ پەرھات ئاداش قانداق ئەھۋال دىۋى ياخشى ئاداش مۇھەببىتىمنىڭ دادىسى دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتىكەن شۇ بىرىپ كىلىلى دەپ ماڭغان ئىدۇق سەن تېلېفۇن قىلىپ قالدىڭ دىسەم ھازىرما دىدى ھەئە دەپتىمەن، ئۇ تۇرۇپ كىتىپ پەرھات تاماق يىدىڭما دىدى ياق ئاداش تىخى ئالدىراپ قالدىم دىسەم، ئۇ يىنىدىكى ئاغىنىسىگە ئاداش مىڭىڭلا تاماق يەپ كىلەيلى مۇرادىل پەرھاتنى بارىدىغان يىرىگە ئاپىرۋىتىپ كەلگىن بىز كورلىغا بارىمىز دەيدۇ ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ، بۇ نىمە گەپ ئەمدى بۇ ماڭا سەل ئەلەم بولدى، ئۇ ئىككىسى ماششىنىدىن چۈشۈپ كىتىپ قالدى، مەن ماششىنىدىن چۈشۈپ قالاي دەپ بولغۇچە مۇرادىل خاپا بولما ئاداش دىدى ئاچچىقىمدا ماششىنىنىڭ ئىشىكىنى جاڭڭىدە يىپىۋىتىپ ماششىنىدىن چۈشۈپ قالدىم، توۋا ئادەم دىگەن مۇشۇنداق يۈزسىز بولىدىكەن جۇمۇ ئەينى ۋاقىتتا تۈرمىگە كىرىپ چىققاندن كىيىن ئاداش ئىشسىز قالدىڭ ئال ماۋۇنىڭغا تاماق يە ماۋۇنى خەجلە دەپ قىلمىغىنىم قالمىغان ئۆزۈم دە 50 يۈەن قالسا ئۇنىڭغا 100 يۈەننى تۇتقۇزۇپ قويوپ كەپتىكەنمەن، ئاخىردا دوسىتلىققا قايتۇرغان جاۋابى شۇمۇ بۇ گۇينىڭ دەپ بەك ئاچچىقىم كىلىپ ئاخىرى چىدىماي بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ھەممە نەرسەمنى يۇغۇشتۇرۇپ ياسىن دەپ بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم بىر ۋاقىت بولغاندا غەلىتە گەپ قىلىپ ئۇ دۇستۇمدىنمۇ سەل ئۈمۈسىزلىنىپ كۆڭلىم يىرىم بولغان ھالدا ئابلەتنىڭ ئۆيىگە كىتىپ قونوپ قالدىم ئەتىسى ئەكبەر دەپ بىر دوستۇم بولدىغان شۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ بولغان ئەھۋاللارنى ئىتىپ ئۇنىڭ بىلەن ياسىننىڭ ئۆيىگە بىرىپ نەرسە كىرەكلىرىمنى ئىلىپ ئەكبەرنىڭ ئۆيىگە ئاپىرۋىتىپ مەن بىكەتكە ماڭدىم بىكەتكە كىلىپ بىلەت ئىلىپ بولوپ ماششىنا مىڭىپ بولغۇچە بىر دوستۇم ئۇزۇتۇپ قويىمەن دەپ كەلمەكچى بولدى ماششىنىغا كىچىپ قىلىپ ماششىنا كىتىپ قالدى ئاخىرى بولماي پويىز ئىستانسىغا بىرىپ بىلەت ئىلىپ پويىز بىلەن غولجىغا يۈرۈپ كەتتىم ئورونسىز بىلەت ئىلىپ قاپتىمەن ۋاگۇن ئىچى لىققىدە ئادەم بىلەن تولغان ئۆرە تۇرغان پىتى غولجىغا باردىم پۇل قولومدا جان قالمىدى، پويىزدىن چۈشۈپ خەلىق مەيدانىغا باردىم شىرىنغا تېلېفۇن قىلدىم، ئۇ ئالدىمغا چىقتى ئىككىمىز بىر قاتار سالاملاشقاندىن كىيىن بىللە ئاشخانىغا كىرىپ چاي ئىچمەكچى بولوپ ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق ھىچ بىر تاماق چىقىدىغاندەك ئەمەس شۇنىڭ بىلەن يىنىپ چىقىپ شىرىننىڭ ئۆيىگە باردىم ئۇدۇللا ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇردۇم بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن ئۇ دادام بىلەن كۆرىشەپ چىقامسىز دىۋىدى سەل ھۇدۇقۇپ تۇرۇپ دادىسىنىڭ قىشىغا كىردىم بىر قاتار سالاملىشىپ بولوپ بوۋىسى بىلەن كۆرىشەپ بولوپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ تۇرىشىمغا ئارام ئىلىۋىلىڭ دىدى، ھە دەپ بىر دەم يىتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن تۇرۇڭ تاماق يەڭ دەپ ئويغاتتى، بۇ ۋاقىتلاردا شىرىننى ماڭا ياتلىق قىلىمىز دەپ مەكتەپتىنمۇ چىقىرۋالغان ئىدى، ھازىرقى مۇمىسى شىرىننىڭ دادىسىغا ئۆچ بولغاچقا بۇ ئۆيدىن يامانلاپ چىكىتىپ قالغان ئىكەن بارچە ئۆينىڭ ئىغىر يىنىڭ ئىشلىرى مۇشۇ قىزغا قالغان ، مەن ئاستا داستىخانغا كىلىپ بىللە تاماق يىدۇق قىززىق ئىككىمز يالغۇز بىر ئۆيدە بىر بىرسىمىزگە قاراپ تاماق يەۋاتىمىز، تاماق يەپ بولوپ ئۇيقۇم كەلمەي ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدىكى كومپىيۇتېرنى قوزغاتتىم كومپىيۇتېنىڭ سىستىمىلىرى كونىراپ كەتكەن قوزغىلىش سۈرىتى سەل ئاستا ئىدى مەن قايتا سىستىما قاچىلاپ بىر قاتار رەتلەپ ئوڭشاپ قويدۇم كەچ بولدى يىتىپ ئۇخلىدىم شىرىن بوۋىسىنىڭ قىشىدا قونوپ قالدى، ئەتىسى تاڭ ئاتتى، ئۇيقۇمدىن قوپسام ئالدىمدا تاماق تۇرغان تاماق يەيمەن يەپ بولوپ دادىسى بىلەن كۆرىشىمەن، بوۋىسى بىلەن كۆرشىمەن ئانغىچە بۇنىڭغا ھىچ قانداق ئىش قىلىپ بىرەلمەيمەن، توۋا دادىسى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە كىتىمەن دەپ كىتىپ قالدى بوۋاي مەن شىرىن يالغۇزلا قالدۇرۇق، ئۇ كۈندە ئەتتىگەن تۇرىدۇ، چاي قىلىدۇ تاماق ئىتىدۇ، ئۆيىدىكى توخو قوي دىگەنلەرنى باقىدۇ، ئۆيلەرنى تازلايدۇ دىگەندەك قىلىپ چۈش بولىدۇ يەنە شۇ تاماق ئىتىدۇ دادىسىغا تاماق ئاپىرىپ بىرىپ يىنىپ كىلىپ يەنە ئۆينىڭ ئىشلىرى ئوھ دەپ ئولتۇرۇپ بولغۇچە كەچ بولىدۇ يەنە تاماق قىلىدۇ شۇنداق قىلىپ بىر كۈن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭغا مەن ھىچ بىر ئىش قىلىشىپ بىرەلمىدىم سەل خىجىل بولوپ قالدىم، لىكىن شىرىنغا شۇنچە ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، داىدسى ئۇنىڭغا شۇنچە ئەلەم قىلغان بولسىمۇ بۇ يەنە ئىغىر كۆرمەي ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئشلەيدۇ، ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى كىچىك بىر قىزنىڭ بۇنچە كۆپ ئشلارنى قىلالىشى ئاسانمۇ، ھەي ئىچىم سىرىلىپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆرگەن كۈنلىرىنى قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرسەم راسلا چىدالماي قالىمەن، مانا كۈنلەر ئۆتۈپ ئۈچۈنجى كۈنى يەنە كۈنلەر شۇنداق تەكرارلىنىپ ئەتتىگەن بوۋىسىنىڭ قىشىغا كىرىپ بىللە غىزالاندۇق، تۇيۇقسىز ئۆيىگە بوۋاينىڭ بىر دوستى كىردى بوۋاي مېنى تونوشتۇرۇپ بىزنىڭ كۈيئوغۇل دەپ تۇنۇشتۇردى مېنى، شۇنداق قىلىپ بۇ مەھەللىدىكى دىگۈدەك تونوشلىرىنىڭ ھەممىسى مېنى تونوپ بولدى، ئۇنىڭ بىلەن بىللەن تاماق ئىلىپ دادىسىنىڭ قىشىغا باردۇق، ئۇ يەردە كەچ بولغۇچە تۇرۇپ كەچ بولغاندا يىنىپ كىتەر ۋاقىتتا توكلۇق مۇتۇسىكىلىتنى مىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بۆكباراقسان بىر يەرگە باردۇق ئۇ يەرنى ئاشىق مەشۇقلار كوچىسى دەيدىگەن ئۇ كەينىمدە مېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرماقتا مەن شۇنچە خۇشال ئايلىنىپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ يەنە ئارام ئالدىم تۆتىنجى كۈنىمۇ يەنە شۇنداق ئۆتتى بەشىنجى كۈنى مەن ئۈرۈمچىگە قايىتپ كەتمەكچى بولوپ ئۇنىڭ بىلەن بىكەتكە چىقتۇق ئۇ مېنىڭدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي قولىمنى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى، ماششىنا تۇيۇقسىز قوزغىلىپ كىتىپ قالدى ئۇ ماششىنا كەينىدىن قولىنى پۇلاڭشىتقان پىتى تۇرۇپ قالدى، مەن شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم ئارلىقتىن تۆت كۈن ئۆتتى پەيشەنبە كەچتە ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم ئۇ بىر دوستىنىڭ تويىغا بىرىپ باشقىلاردىن ئازار يەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم كەچ سائەت 12 بولاي دىدى بىر ۋاقىتلاردا ئۇ تېلېفۇن قىلىپ مەن با خاتىرجەم بولۇڭ ئەتە كۆرىشەيلى دەپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى كىچىچە بىر ئۇيقۇم كەلمەي قانداق ئۇخلاپ قالدىم ئۇقمايمەن، ئەتىسى ئەتتىگەن تىلىفۇن قىلدىم ئۇ بىر دوستى بىلەن دەريا بويىدا مۇڭدىشىپ ئولتۇرغىنىنى دىدى، ھە بوپتۇ تىزراق كىتىڭ ئۆيگە دىدىم، ماقۇل دەپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى چۈشتىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىدىم،ئۇنىڭ ئاۋازى سەل قالايمىقان چىققانتى مەن ئەنسىرەپ نىمە بولدى دىۋىدىم ئازراق سۇ ئىچتىم دىدى نىمە ئىچتىڭىز دەپ قايتا قايتا سورىدىم قىزىل ھاراق بىشىم پىررىدە بىر قايدى،نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز دەپ سەل ئاچچىقلاپ قالدىم، كىيىن ئۇ تېلېفۇننى ئىتىۋەتتى مەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتىمەن خىزمەت خىزمەت بولماي قالدى ھىچكىمنىڭ گىپى قۇلاققا ياقمايدۇ، ئەمدى يەنە بىر تېلېفۇن قىلىپ باقاي دەپ تېلېفۇن قىلغان ئىدىم بىر ئوغۇل بالا ئالدى سەن نىمىسى مەن مۇھەببىتى ئالىدىغان ئادىمى ئۇنىڭغا بەر دىۋىدىم ياق پۇتۇڭ بولسا كىلىپ ئەكەت دىدى مەن تېخىمۇ قورقۇپ كەتتىم، يۈرۈكۈم ئاغىرماقتا مىنىڭدە تۇغما يۈرەك كىسىلى باتتى، ھەي ئۆتۈنۈپ قالاي ئۇنىڭغا بەر تېلېفۇننى ئۇ نىمىش قىلاۋاتىدۇ دىسەم ئۇ تۇرۇپ كىتىپ كۈلكە ئارلاش نىمىش قىلاۋاتقاننى كىلىپ كۆر دىدى كۆڭلۈمدىن كەچمىگەن گۇمانلار كەچتى، ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىق يوقاپ ئەنسىرەش پەيدا بولوپ تىت تىت بولوپ كەتتىم، يەنە قايتىلاپ ئۇرسام تېلېفۇننى بىر قىز ئالدى شىرىنچۇ ئۇ باشقىلار بىلەن بىللە ئولتۇرىدۇ دىۋىدى چاقىرۋىتىڭە دىۋىدىم، تېلېفۇندا ھەي شىرىن پەرھاتقا تۇرامسان ئاۋۇ بالىغىمۇ ماۋۇ تېلېفۇننى ئال دىدى، توۋا ماۋۇ گەپنى تېخىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتىم تېلېفۇن ئۈزۈلۈپ كەتتى، يەنە ئۇردۇم زۇلمىرەمگە بىرىڭ دىسەم ئۇنى باشقىلارغا ماششىنغا سىلىپ ئەكەتتى دىدى ھەي ئەپ قالساڭلار بولمامدۇ دىسەم ئەپ قالايلى دەپ بارساق ئۇ بالىلار بىزنى ئۇرۇپ كەتتى، بىزدە ئامال يوق دىدى، ئاخىرى بولماي ھىلىقى مۇزىكا ئشلەيدىغان .ئاكاشقا تېلېفۇن قىلدىم،
ئاكا شىرىن بىلەن مۇنداق يۈرۈپ قالغان دەپ بارلىق ئشلارنى دەپ ئۇنى ئەكىلىۋالساڭ دىدىم ئۇ ۋاي ساقام ئۇنىڭ بىلەن مىنىڭ نىمە ئىشىم دەپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى مەن تېخىمۇ قورقوپ كەتتىم ئامال قانچە قاناتىم يوق بولمىغان بولسا بىرىپ ئۇ گۇيلارنىڭ بوينىنى ئۈزىۋەتكەن بولاتتىم، كىچىكىمدىن يىتىملىكنىڭ سەرگەردانلىقنىڭ دەردىنى تارىتقان مىنڭدەك دىلى سۇنۇق ئادەمگە يەنە ئازاپ تەييار تۇرىدىكەن، مائاشىم چىقمىغاچ ئاخىرى چىدىماي نەچچە يىل ئەجىرىم ساقلانغان تارىخلىرىم ساقلانغان قىممەت باھالىق كومپىيۇتېرىمنى سىتىپ غولجىغا قاراپ يولغا چىقتىم كىچىچە ئۇخلىمىدىم، توۋا ئادەملەردە بىر بىرسىگە يان تاياق بولۇش كۆيۈنۈش ۋاپا قالماپتۇ ئۇ قىزنىڭ شۇنداق بولغانلىقىنى دىسەممۇ پىسەنىت قىلمىغان بۇ ئاكا قەلبىمدە بىر ئەخلەتكە ئايلىنىپ كەتتى، كىتىۋىتىپ يەنە تېلېفۇن قىلىدىم ئۇ ئاكاشقا ، مەن غولجىغا ماڭدىم ئاكا دىسەم ئۇدۇل ئۆيگە كەل دىدى شۇنداق قىلىپ تەڭ كىچە توت بولغاندا غولجىغا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ يەنە ئۇخلىمىدىم، تاڭ ئاتتى مەن ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىكەتتىم، ئالدىنقى قىتىم بارغىنىمدە ئۇنىڭ كىملىك يەنە بىر قانچە كارتىلىرىنى ئىلىپ كىتىپ قاپتىكەنمەن، تېز يوللانما بىلەن سىلىۋەتكەن ئىدىم تېخى بىرىپ بولمىغان ئىدى، ئۇ قىز تېلېفۇن قىلىپ سىز نەدە دىۋىدى قارامايدا بىرسىدىن ئالدىغان پۇل باتتى قاراڭ شۇنىڭغا كەلدىم دىسەم غولجىغا كەلسىڭىز سىز بىلەن ئزدەشمەيمەن دىۋىدى يۈرۈكۈم جىققىدە قىلىپ قالدى چىدىماي ئاخىرى يالغان گەپتىن بىرنى توقودۇم كىملىكىڭىز بىرىپ بوپتۇ پوچتىخانىغا بىرىپ تاپشۇرۋىلىڭ تىز ئىلىۋالسۇن دەيدۇ دىدىم ئۇ ماقۇل دەپ قويىۋەتتى تېلېفۇننى، مەن پوچتىخانا قىشىدا ساقلاۋاتىمەن، كۆز ئەينىكىمنى يۈتتۈرۈپ قويغاچقا بىر كۆز ئەينەك دۇكىنىغا كىرىپ كۆز ئەينەك ياسىتىپ چىقىپ پوچتىخانا ئالدىغا كەلدىم ئۇ پوچتىخانا ئىچىدىن چىقىپ مىېنى كۆرۈپ تىزلا كەتمەكچى بولوپ توكلۇق مۇتۇسىكىلىتقا چىقىۋالدى مەن تۇتىۋىلىپ پاراڭلاشتىم ئۇ ھىچ ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرۇپ مېنى ئىزدىمەڭ مېنىڭ تىنىچ ياشىغۇم بار دەپ تۇرىۋالدى ئانغىچە ھىلىقى ئاكاش كەلدى، ئۇنى بىر ياققا چاقىرىپ نىمە دىدىكى ئۇقمۇدۇم، مېنى بىر ياققا چاقىرىپ ماڭا ساقام سەن بىر قىز ئالدىدا لاتا بولوپ قاپسەن ئەمەسمۇ دەپ تۇرىشىغا مۇھەببىتى تېلېفۇن قىلدى ئۇ تېلېفۇننى ئىلىپ سەل تۇرۇپ ئۇرە تېلېفۇننى دەپ قويىۋەتتى، مانا ساقام قىز بالىغا بارغۇ مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن دەيدۇ، قىززىق ئۇنىڭچە بولغاندا مۇھەببەت دىگەن ئۇرۇپ دۇمبالاپ جار جار ۋاقىراپ تۇرسا ياخشىمىش ، لىكىن مەن ئۇنداق قىلالمىدىمدە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭغا ئازار بەرمەيمەن دىگەن دىگەن ۋەدەمدە چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قاتتىق تەگمىگەن ئىدىم، ئۇ تۇرۇپ كىتىپ شىرىن يىنىغا بىرىپ بىر نىمىلەرنى دەپ يولغا سەۋەتتى، مەن ئۇ ئاكاش بىلەن بىللە بازا چۆگىلەپ بولۇپ تاماق يەيمىز دەپ بىللە بىر ئاشىخانىغا كىردۇق كاۋاپ يەنە بىر لەغمەن بۇيرۇتتى تاماق ئالدىمغا كەلدى بىر چوكا يىيىەلىدىم لىكىن گالدىن قەتئى ئۆتمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئاشخانىدىن چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم، ئۇ كىتىپ قالدى نەگە ماڭغىنىمنى ئۇخمايمەن ساراڭدەك بولوپ قالدىم، بىر ۋاقىت بولغاندا يەنە ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلدىم، ئۇ خەلىق مەيدانىغا كەلدى يىنىدا بىر دوستى باتتى ئۇ كەچۈرۈڭ پەرھات سىزگە قىلغانلىرىمنى كەچۈرۈڭ مەن بۇندىن كىيىن ئۇنداق قىلمايمەن دىگەن قىلىپ بىر پاتمان ۋەدىلەرنى بىر بىللە تەڭ تىرىشىدىغان بولۇپ مەن قايتاي دەپ ماڭغىنىمدا ئۇ ئۇزۇتۇپ قوياي دىگەن گەپنىمۇ قىلمىدۇ، مەن بۇ شەھەردە يەككە يىگانە يالغۇزلا بەك غىرىپسىنىپ كىتىپ بارىمەن كاللام قۇپقۇرۇق ئۇ كەتتى، مەن يالغۇزلا قالدىم قانداق قىلارىمنى بىلەلمەي ياتاق ئىزدىدىم ئەتىسى كەتمەكچى بولدۇم نىمىلا دىگەن بىلەن بىر كىچە كۈندۈز ئۇخلىماي پۇت قولومدا جان قالمىدى، ئاخىرى بىر ياتاق تىپىپ بىر قۇتا پىۋا ئالدىم ئاندىن ياتاققا كىرىپ مۇنچىغا چۈشۈپ تېلېفۇنۇمنى توكقا چىتىپ ياتتىم، لىكىن يەنە ئۇيقا كىلىدىغاندەك ئەمەس، بىر ۋاقىتلاردا يەنە تېلېفۇن قىلدىم شىرىن تېلېفۇننى ئىلىپ ئىرشات دەپ بىرسىنىڭ شىرىننى دەپ دورا يەۋالغاننى ئىتىپ بۇنىڭدىن كىيىن تېلېفۇن تۇتمايدىغانلىقىنى ئەمدى ھىچ كىم بىلەن كۆرەشمەيدىغانلىقىنى ئىتىپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى توۋا ئادەم مۇشۇنداقمۇ باغرى تاش خامىليۇندەك ئۆزگىرىشچان كىلەمدىغاندۇ ھە، ئاخىرى قايتا قايتا تېلېفۇن قىلدىم، تېلېفۇن ئىتك كىچىچە ئۇيقۇ كەلمىدى يەنە تاڭ ئاتتى تېلېفۇن قىلسام ئىتىك ، شۇنىڭ بىلەن چىدىماي ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقماق بولوپ ئۆيىگە چىقتىم، ئۆيىنى تاپالماي تاس قاپتىمەن مىڭىپ تىكەس كە چىقىپ قالغىلى ئاخىرى بىر ئادەمدىن سوراپ ئۇنىڭ ماششىنىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم، ماششىدىن چۈشۈپ يانچۇقۇمنى باقسام پۇل قاپچۇقۇم يوق! ماششىنا كىتىپ بولغان تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا قالدىم بۇ يۇرۇتتا يا باشقا تۇققۇنۇم يا باشقا ئاغىنەم بومىسا، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرەيمۇ كىرمەيمۇ دىگەندەك بولوپ ئىشىكىنى چەكتىم مۇمىسى چىقتى مەنمۇ چاندۇرماي ھەدە غولجىغا كەلگەن ئىدىم ناخشامنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ بوپتىكەن شۇڭا شىرىن بىلەن كۆرىشەپ چىكىتەي دەپ كىشىلىم دىدىم مۇماي شىرىن دادامنىڭ قىشىغا بارىمەن دەپ دوختۇرخانىغا كەتكەن بالام چاي ئىچىپ تۇرۇڭ دىۋىدى بولدى مەن قايتاي دەپ ماڭدىم ۋە يول ئىغىزدا ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپ بىر ۋاقىت بولغاندا ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلدىم، ئۇ تېلېفۇننى ئىلىپ نەدە سىز دىۋىدى مەن ئۆيىڭىزنىڭ ئارقا ئىشىكى تەرەپتە چىقىڭ پاراڭلىشايلى دىسەم ياق دەپ تۇرىۋالدى مەن سىز نەدە دىسەم مەھەللىدە دىدى، مەن ئۆيىنىڭ قىشىغا بارسام ئۇ شۇ يەردە ھىلىقى مۇزىكا ئشلەيدىغان ئاكاشقا مېنى قىپقىزىل ساراڭ بالىىكەن بۇ دەپ سۆزلەپ كىتىپتۇ مېنى كۆرەپ جىممىدە بولوپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى ئاندىن مەن مۇتۇسىكىلىتنى ئۆيگە ئەكىرۋىتىپ چىقاي دەپ كىرىپ كىتىپ چىقمىدى مەن تېلېفۇن قىلسام چىقمايمەن مەھەللىدىن كىتىڭ دەپ تۇرۋالدى، ئامال قانچە مەھەللىسىدىن چىقىپ كىتىپ ئاچچىقىمدا تېلېفۇنۇمنى چىقىۋەتتىم، ئۇنىڭغا سۆزلەپ بولالماي يۈرەك كىسىلىم قوزغىلىپ قالدى مەن تېلېفۇننى قوراشتۇرۇپ ئاچسام ساق ئىچىلىدى شۇنىڭ بىلەن تېببى ئۇنىۋېرسىتتىكى بىر دوستۇمغا تېلېفۇن قىلىپ ئاداش يۈرۈكۈم ئاغرىپ كەتتى دىسەم ئۇنداقتا دوختۇرخانىغا بارغىن دىدى، ھە دەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا يەنە تېلېفۇن قىلدىم ئۇ ئالدىمغا چىقتى، بىر ھازا پاراڭلىشىپ يەنە ئاچچىقىمدا كىتەي دەپ تېلېفۇنۇمنى يەرگە ئىتىپتىمەن ئاندىن چاقماقنى ئىلىپ ئاتقىنىمنى ئوقمايمەن گوممىدە بىر قىلغانتى ئولتۇرۇپلا قالدىم، ئۆزۈممۇ قورقوپ كەتتىم، بىر ۋاقىتلاردا يەنە ئورنىمدىن تۇرۇپ تېلېفۇننى ئاچتىم تېلېفۇن ئىچىلدى لىكىن تېلېفۇن دىگەننىڭ تېلېفۇن دىگۈدەك يىرى قالمىغان شۇنداقتىمۇ يەنە ساق ئىشلەۋاتاتتى، ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋاللارنى دەپ ئۇ مېنى ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولوپ بازارغا كىرىپ بىللە تاماق يىدۇق تاماق گالدىن يەنە ئۆتمىدى ئاشۇرۇپ قويدۇم، يىنىپ چىقىپ بانكا كارتىسىدىن پۇل چىقىپ قولومغا تۇتقۇزۇپ مېنى ئۇزۇتۇپ قويالمايدىغانلىقىنى ئىتىپ كىتىپ قالدى مەن پويىز ئىستانسىغا بىرىپ پويىزى كۈتۈش زالىدا سائەت 5 بولغىچە ساقلىدىم ئاخىرى پويىزغا چىقىپ ئورنىمدا ئولتۇرۇدۇم ئورنىمدىن تۇرىمەن يەنە تېلېفۇن قىلسام بۇ تېلېفۇن توختاپ قالدى دەيدۇ، مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭدىن جىنىم كەچۈرۈڭ سىزنى ئۇزۇتۇپ قويالمىدىم! كەچۈرۈڭ جىنىم، دىيىشىنى بەكمۇ بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم پات پات تېلېفۇنۇمغا قارايمەن تاماكا چىكىش رايونىدا تاماكا چىكىۋىرىپ تاماكاممۇ تۈگىدى، تېلېفۇنۇمنى ئادەم بار يەردە تېلېفۇنۇمنى ئىلىشتىن نۇمۇس قىلىپ سۇخانا تەرەپكە بىرىپ ئالىمەن تېلېفۇنغا قاراپ تۇرسام ئۇچۇر كەلدى ئۇ ئۇچۇرنى بوۋىسىنىڭ تېلېفۇنىدىن يوللىغان ئىدى، ئۇچۇردا پەرھات مىڭىپ بولدىڭىزمۇ دەپ يوللىغان ئىدى ھەئە مەن ھازىر پويىزدا دىدىم ئۇ قايتۇرۇپ ئۇنداقتا بوپتۇ ماقۇل ئاللاغا ئامانەت پەرھات مېنىڭ قىلغانلىرىمنى كەچۈرۈڭ! بىر كۈنى يەنە قايتا ئۇچقىشامىز دەپ يوللاپتۇ، مەن بولىدۇ ئاللاغا ئامانەت سىزنى ئاللاغا تاپشۇردۇم سالامەت بولۇڭ سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ دەپ يوللاپ قويدۇم! يەنە ئۇچۇر كەلدى ئۇچۇردا ئەمدى ئۇچۇر يوللىماڭ بۇ مېنىڭ تېلېفۇنۇم ئەمەس خوش دەپ يوللاپتۇ مەن قايتۇرۇپ بولىدۇ ئاللاغا ئامانەت خوش دەپ يوللاپ قويدۇم پۇيىزدا قەتتى ئۇيقۇم كەلمىدى پۇتلىرىم ئۇيشۇپ ئورنىمدىن تۇرىمەن يەنە ئولتۇرىمەن دىگەندەك بولوپ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە ئەتتىگەن 5:30 ؛لاردا چۈشتۈم سىرىت بەك سوغۇق مۇزلاپ كىتىپ بىر تورخانىغا كىرىپ كومپىيۇتېردىن بىرىدە ئولتۇردىم كوت كوت نى ئاچتىم ھىلىقى ئاكاش مېنى كوت كوت تتىن چىقىرۋىتىپتۇ، توۋا دەپ كەتتىم بىر ۋاقىتلاردا كۈنمۇ چىقتى مەن سىرىتقا چىقىپ ئۇدۇل ئەكبەرنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىرىپ ياتتىم قانداق ئۇخلاپ قالدىمكىن تاڭ ئۇقمايمەن.بىر ۋاقىتلاردا ئۇ مېنى ئويغىتىپ ماڭ تاماق يەپ كىرىلى دىدى ياق ئاداش يىگۈم يوق دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ھازا گەپ تاكاللىشىپ يەنە يىتىپ ئۇخلاپتىمەن ئەتىسى ئۆيدە تۇرغۇم كەلمەي ساڭناغا ئەكبەر بىلەن بىللە كەتتىم، ئارلىقتىن قارىمايلىق بىر دوستۇم ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىنى ئىتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ كىلىدىغان بولدى ئۇمۇ كەلدى، ئۈچىمىز بىرلىكتە پىۋا ئىچىپ سەل تەڭشىلىپ قالدۇق مەسلىكىمدە نىمىلەرنى دەپ دەردىمنى تۆكۈپ يىغلاپ كەتكەنلىكىمنى ئۇقمايمەن ئەتىسى تۇرسام شۇنداق دەيدۇ سەل خىجىل بولدۇم ئاغىنەم بولدى ئاداش قىزلار جىققۇ ئۆزىڭنى تاشلىۋەتمە ئاداش بىز بارغۇ سەن يەنە دەس تۇرالايسەن ئاداش دىدى ، شۇنداق قىلىپ بۇ گەپ كارغا كىلەمدىغان بىز يىنىپ چىقىپ كەچلىكى ئابلەت تېلېفۇن قىلدى ئاداش ئۆيگە كەل بىللە تۇرايلى دىدى ماقۇل دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ قونوپ قالدىم كىچىچە يەنە ئوي خىيال بىلەن تاماكا دىگەن ئۆلگۈدەك چىكىپ رەسمى تۈگۈشۈپ كەتتىم ئەتىسى بىر شىركەتنىڭ تور بېكىتىنى ياساپ بەرمەكچى بولوپ كىتىۋىتىپ نىمە بولغىنىمنى ئۇقمايمەن، قوپسام دوختۇرخانىدا ياتىمەن، بىشىم تىڭىقلىق يىنىمدا مەخسۇس بىر سىستىرا ئولتۇرىدۇ، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچقانلىقىمىنى بىلىپ يۈگىرەپ چىكىتىپ بىر قانچە دوختۇرنى باشلاپ كىردى ئۇلار مىنىڭدىن گەپ سورىغان ئىدى گەپمۇ قىلالمىدىم،ئاۋازىم بۇغۇق بوش چىقاۋاتاتتى، مېنى تەشكۈرۈپ بولۇپ ئوكول سەپ قويوپ سىستىرانى ماڭا قاراشقا بۇيرۇپ قويوپ چىقىپ كەتتى، ئەتىسى سەل ئەسلىمگە كىلىپ نىمە بولغىنىمنى سورىسام سىستىرا سىز يولدا ئايلىنىپ قاپتىكەنسىز سىز بۇ ئىككىنجى دوختۇرخانىغا ئەكەپتۇ سىزنى جىددى قۇتقۇزۇپ ئەپ چىقتۇق سىز كۆزىڭىزنى ئاچماي ئۈچ كۈن ياتتىڭىز بىز سىزن ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالامدىكى دىگەن ئىدۇق راس ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز يوقما دىدى مەن ھەئە دەپ قويدۇم، سىستىرا بىردەم ئىچ ئاغرىتقانداك بولۇپ سىزگە نىمە تەسىر قىلغان ئىدى، مىڭىڭىزگە قان چۈشۈپ تاس قاپسىز جىنىڭىزدىن ئايرىلغىلى ئوپراتسىيەگە ئەكىردىغان چاغدا قول قويوپ بىرىدىغان ئادەم يوق مەن قول قويوپ بەرگەن ئىدىم بەك ئەنسىرەتتىڭىز دىدى، ھە.... تۇرۇپ بىردەم تۇرۇپ قالدىم، توۋا ئۆزۈمنىڭ دەرىت ئىچىدە بۇنداق بولۇپ كىتىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، دوختۇرلار ئەمدى بىشىمنى ئىگىزراق قويوپ يىتىشىمنى يەنە ئىككى ئۈچ كۈن كۈزۈتۈپ خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن بىجىڭغا بىرىپ پىسخكا بىلەن تەڭ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ كىلىشىمنى سورىدى، شۇنداق قىلىپ كىچىسى ئۇخلىمايمەن تېلېفۇنۇممۇ سايراپ قوياي دىمەيدۇ خۇددى ھەممە ئادەم مېنى ئۇنتۇغاندەك، مۇھەببتىم بولغان ئادەم تېلېفۇن قىلىپ قويايمۇ دىمىدى تېخىمۇ يىتىمسىراپ ئازاپلىنىپ كىتىپ بارىمەن، ئاخىرى ئالتە كۈن بولغاندا دوختۇرخانىدىن ئۇنىمىسىمۇ ئۇنىماي چىكىتىپ قالدىم، چىقىپ ئۇدۇل تورخانىغا بىرىپ كوت كوت ننى ئاچتىم نۇرغۇن تونوش دوسىتلاردىن خەت كەلگەن ئىدى، لىكىن ئۇنىڭدىن خەتنىڭ دىدارىمۇ يوق،تىخىمۇ كۆڭلۈم يىرىپ بولوپ كىچىچە تورخانىدا ئولتۇرداۇم ئۇدا ئىككى كۈن كىچىسى ئۇخلىمىدىم، ئىككىنجى كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز بوۋىسىنىڭ تېلېفۇنىدا تېلېفۇن قىلىپتۇ، تېلېفۇننى بىسۋىتىپ قايتۇردۇم، ئۇنىڭ ئاۋازى بوش چىقاۋاتاتتى، قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى قەدىر ئەھۋال دىدىم ئۇمۇ ياخشى دىدى، مەن ئۇنىڭغا مەن دوختۇرخانىدىن قايسى كۈنى چىقتىم، توۋا دەيمەن شىرىن زۆھرە ئىسىملىك بىر قىز بولدىغان مېنى دەپ قىلمىغىنى قالمىغان مەن ئۇنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەي سىزگە كۆڭۈل بىرىپتىمەن، ئۇ قىز مېنىڭدىن رەنجىپ ماششىنغا سوقالغانلىرىنى سۆزلەپ ئاخىردا خۇدايىم مېنىڭ شۇ قىزنىڭ قەلبىنى چۈشەنمىگىنىم دىلىغا ئازار بەرگىنىم ئۈچۈن مېنى مۇشۇ قىسمەتكە قويغان ئوخشايدۇ، سىز ئارقىلىق بۇ ئازاپنى ماڭا يولۇقتۇرۇپتۇ دىدىم ئۇزاق ئۆتمەي يىنىدا بىرسى چاقىرىپ كەتتى پەرھات چاقىرىپ كەتتى مەن تېلېفۇننى ئەپ چىقىپ بىرەي ئاللاغا ئامانەت دەپ قويىۋەتتى، كىچىچە يەنە ئوي خىيال بىشىم ئاغىرماقتا ھازىر يىتىپ ئۇخلاپ قالسام مەڭگۈلۈك ئوخلاپ قالدىغان ئوخشايمەن دەپ قورقوپ يەنە تورخانىغا چىقىۋالدىم، ئەتىسى ئەتتىگەن ھىلىقى ئاكاش كوت كوتتا ماڭا خەت يىزىپتۇ ساقام بارمۇسەن مەن ئۇنىڭغا مەن بار دەپ يازدىم، ئۇ تور بېكىتىمنى ئشلەپ بىرەمسەن دەپ يىزىپتۇ يىزىپ بىرەي ئاكا لىكىن يىقىندا مىڭەمگە قان چۈشۈپ داۋالىنىپ چىقتىم ئازراق ۋاقىت ئۆتسۈن دىدىم، ئۇ ۋاي ساراڭ مىڭەڭگە قان چۈشسە ئۆلمەمسەن دەپ يىزىپتۇ توۋا ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ! يەنە تىخى مۇشۇ تور بېكەتنى يىزىپ گۇنايىڭنى يۇيىۋال ساڭا پۇرسەت بەردىم دەپتۇ، توۋا توۋا ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ ئۇنىڭچە بولغاندا مەن ئاكىسى بىلەن تونىشىپ سىڭلىسىغا چاقچاق قىلغان بوپتىمەنمىش ئەمدى بىلدىم بۇ ئەسلى سىڭلىسىغا باشقا گەپ قىلىپ ماڭا باشقا گەپ قىلىپ بىزنى ئايرىپتۇ، ئەسلى نىمە دەردىم بولسا شۇنىڭغا دەيىتتىم ئەمەسمۇ توۋا قەييۇم قىسمىتىنى نىمىشقا ئۇنتۇپ قالغاندىمەن، بۇمۇ ئەسلى شۇنداق ئادەممىتى ئەسلى مەن كۆزى ئۇچۇق قارغۇ ئىكەنمەن ئىسىت ئىسىت ياشلىقىم دەپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم، تىخى گۇناھىمنى يۇيىمەنمىش ئەسلىدە ئۇ شەخسىيەتچى بۇزۇق ئىكەن ئەمەسمۇ، بۇرۇن شىرىن بىلەن بىر يىزىغا ئويون قويغىلى بىرىپ ئۇ شىرىنغا ساقام مەن سىزگە كۆنۈپ قاپتىمەن دەپتىكەنمىش، ھۇ ئەبلەج سىنىڭدە بىر بىرىنىڭ قەلبىگە ھالىغا يىتىش دىگەن تۇيغۇ يوقمۇ ئادىمىلىك يوقمۇ، سەنمۇ ئادەممۇ ئىككىمىزنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىنى كۆرەلمەي ئىككىمىزنى ئىككى ياققا ئايرىپ مېنى مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويوشتۇڭ،ئەمدىغۇ خوش بولغانسەن ئادەم بولغان بولساڭ ئەسلى بۇنداق قىلماي چىرايلىقچە تەربىيە قىلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئىنى سىڭلسىدەك كۆرۈپ بىز ئۈچۈن بەخىت تىلىگەن بولاتتىڭ سەن ئادەم ئەمەس ھاۋاندىمۇ كۆڭۈل بولىدۇ لىكىن سەن ھايۋانچىلىك ئەمەس ئىكەنسەن، دىدىم ئىچىمدە ئەسلى بۇ ئىشلارنى ۋاقتىدا ئويلىنىپ كۆرگىنىم ياخشىتتى ئەمەسمۇ مەن نىمانچىۋالا ئەخمەق، مەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بولىدۇ ئاكا مەن يىزىپ بىرەي دەپ گەپنى تۈگەتتىم،
ئەتتىگەن ئىدارەمدىن رۇخسەت سوراپ ئىدارەمدىكى مارۇڭ دىگەن دوستۇم بىلەن ئۈرۈمچىدىن بىجىڭغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ بىلىتىنى ئىلىپ يولغا چىقتىم، ئۇدۇللا چۈشۈپ خەلىق دوختۇرخانىسىغا باردىم بىمارلار توشوپ كەتكەن، ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ ئاران بىر يالغۇز كىشىلىك ياتاققا ئورونلاشتىم، ئەتىسى تاماق يىمەيلا تەشكۈرتىشنى قوبول قىلدىم،ئۇلار كەچتە ئوپراتىيەگە كىردىغىنىمنى ئىتتى، شۇنداق قىلىپ ياتاق راسخۇتى داۋالىنىش ھەققىلىرىنى مارۇڭ تۆلەپ كىردى ئوراتسىيە قەغىزىگە مارۇڭ مەن قىرىندىشى دەپ ئىمزا قويدى، دوختۇرلار ئەسكەرتىپ بۇ ئوپراتىسىيەنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولوش نىسپىتى ئارانلا قىرىق پىرسەنىت، ئوپراتسىيەدىن ھايات چىقالامدۇ چىقالمامدۇ،بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيمىز بىز بارچە كۈچىمىزنى ئىشلىتىپ ھايات ئەپ قىلىشقا تىرىشىمىز دىدى، مارۇڭ جىنىم دوختۇر قانچە پۇل كەتسە مەيلى بۇ بىزنىڭ ئىدارىنىڭ بىر قانىتى بۇ ئۆلۈپ كەتسە بۇنىڭدەك ياخشى خىزمەتداشنى بۇنىڭدەك ئىقتىدارلىق خادىمنى ئىككىنجى تاپالمايمىز، دەپ قولىغا ئىسىلىپ يىغلاپ كەتتى، توۋا بىر خەنزۇ دوستۇم مېنىڭ ئۈچۈن يىغلىدى شۇ تاپتا قاتتىق چاقماق چىقىپ يامغۇر ياغدى يەر زىمىن مېنىڭ ئۈچۈن يىغلىدى، مەنمۇ يىغلاۋاتىمەن تۇيۇقسىز دادام تېلېفۇن قىلىپتۇ بالام توينىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىپ بولدۇق ئۇ قىزنى قاچان ئىلىپ كىلىسەن دىدى مەن دادامغا بەشىنجى ئايدا ئەپ باردىغىنمىن ئىتقان، دادام ئىشلىرىڭلار جايىدىمۇ دىدى ھەئە دادا دىدىم دادام بالام ئاۋازىڭ غەلىتە تۇرىدۇ دىدى دادامنى بىلىپ قالمىسۇن، دەپ ياق دادا زۇكام تىگىپ قاپتىكەن دىدىم لىكىن كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ ئاقماقتا، بوپتۇ بالام سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىل دەپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى، يەنە بىرەر سائەتتىن كىيىن بوۋام تېلېفۇن قىلىپتۇ بالام ئىشلىرىڭ جايىدىمۇ ئۇ قىزنى ئەپ كىلىمەن دىگەنتىڭ ئىككى كۈندە بىر تېلېفۇن قىلاتتىڭ تېلفۇن قىلمىدىڭغۇ دەپ كەتتى، ياق بوۋا شۇ خىزمەت ئالدىراش بولوپ قلىپ تېلېفۇن قىلالمىدىم دىدىم مەن، چوڭ داداممۇ بالام ئاۋازىڭ دەپ بولغۇچە ئەنسىرمەڭ زۇكامداپ قاپتىكەنمەن دىدىم ھە بوپتۇ بالام ئۇنداق بولسا ياخشى ئارام ئىلىپ دورا ئىچكىن بالام دىدى ماقۇل دەپ تېلېفۇننى قويىۋەتتىم، مەن ئوپراتىيەگە كىرىپ بولغۇچە يۇقارقى سۆزلەرنى يىزىپ چىقتىم، ۋە شىرىنغا كوت كوتتا ئۇچۇر يوللىدىم جىنىم مەن ئوپراتسىيەگە كىرىپ كەتتىم ھايات چىقالامدىم چىقالمامدىم ئۇقمايمەن، خۇش گۈزەل قىز سېنى ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، كىچىك تۇرۇپ شۇنچىلىك دەرىت ئەلەم يۇتتۇڭ، ئاللا ئەجىرڭنى بەرسۇن، لىكىن سەمىڭدە بولسۇن مەن ئۇ ئالەمگە كەتكەندە مېنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكمە بولامدۇ،سېنى شۇنچىلىك سۆيەتتىم لىكىن سەن بىلمىدىڭ! مەن شۇنچىلىك جۈرەت ئىشەنىچ بىلەن ياشىغان ئىدىم، ئەپسۇس قىسمىتىم تەقدىرىم مۇشۇ ئوخشايدۇ مەن بۇ دۇنيادا بىر غۇنچە ئىدىم ئەمدى ئىچىلماي توزۇپ كەتتىم، كەچۈر جىنىم مەن كىتىپ قالسام باشقا بىرى بىلەن يۈرۈپ توي قىلىپ قالساڭ بەخىت تىلەيمەن، مەڭگۈ بەخىتلىك بول يەنە سەمىڭدە بولسۇن داداڭنىڭ ئىككى بۆرىكى سىسىپ كىتىپتۇ دەۋىدىڭ داداڭنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ئاللا ئىگەم، لىكىن داداڭدىن كىيىن قالساڭ ساڭا يانتاياق بولدىغان ھىچ قانداق ئادەم قالمىغاندا قانچە بىجارە ھالغا چۈشۈپ قالارسەن ھە بۇ ئىشلارنى ئويلىسام ساڭا ئىچىم سىرىلىدۇ، سېنى مەڭگۈ كەچۈرۋىتىمەن قالغىنىنى ئاللا ئىگەم ئۆزى كەچۈرە، سېنىڭدىن قانچىلىك گۇنا ئۆتكەن بولىشىدىن قەتتى نەزەر سېنى مەڭگۈ كەچۈرىمەن، مېنىڭ بەخىتلىك بولغان قۇتلۇق بولغان توي كۈنۈمنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان تويومغا تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرغان دادا مۇما بوۋا ئوماق سىڭلىم ئاكاڭلار بۇ دۇنيادىن ۋاقىتىسىز كىتىپ قالسا بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ قانچە ئازاپلىنارسىلەر ھە مېنىڭ قۇتلۇق توي كۆنۈمنى ئەمەس مېيىت ئۇزۇتۇش كۈنىنى ئۆتكۈزەرسىلەرمۇ مېنىڭ ميىتىمنى يىغا زار بىلەن ئەمەس توي بولغاندەك ئۆتكۈزۈشىڭلارنى مېنىڭ ئۈچۈن يىغلىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، دوسىتلىرىمغا دەپ قويوڭلار مېنىڭدەك ئۆيدىكىلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ياغاچ قۇلاق بولۇپ ياشىمىسۇن مەن سىلەرنىڭ قىشىڭلاردىن كىشى يۇرتىدا ئىشلەپ تۇرمۇشۇمنى قامدايمەن دەپ ۋەدىلەر بىرىپ چىقىپ ئاخىردا مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغىنىمنى ئىتىپ بىرىڭلار! ئۇلار مېنىڭدىن ئىبرەت ئۆزىگە ئۆرنەك ئالسۇن، راستىنى دىسەم چوڭ دادا ھەر قىتىم گەپ تاكاللىشىپ قالساقمۇ گىپىڭىزنى ئاڭلىماي يۈرگەن يىرىم يوق ئاللا بۇيرىسا پاك ۋىژدانىم بىلەن مەرھۇم ئاپامنىڭ ئازۇسىدەك ياشاپ كەلدىم، ھارام يوللاردا قىلچە مىڭىپ كەشىمنى توغۇرلاپ قالغان يىرىم يوق بۇنىڭغا ئاللا گۇۋاھ، بىرلا خاتا قىلغىنىم گىپىڭلارنى ئاڭلىماي سىزنىڭ سەكراتتا ياتقىنىڭىزنى بىلسەممۇ يوقلاپ بارماي توي قىلمىغان بىر قىزنىڭ دادىسىنى يوقلاپ بارغىنىم بۇ دۇنيادا ئۆتكۈزگەن تۇنجى خاتالىقىم كەچۈرۈڭ بوۋا كۈچۈرۈڭ مۇما كەچۈرگىن دادا ئوغلۇڭنىڭ ساڭا ئۆچلۈك قىلىپ سېنى ھاقارەت قىلغانلىرىنى، كەچۈر سىڭلىم ساڭا بۇ دۇنيادا ئاكىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم يىىنىڭدا تۇرۇپ سىنى قوغدىيالمىدىم، ئاپپاق سىڭلىم ياخشى ئوقۇغىن، مېنىڭدەك كۈن كۆرەپ قالما ئەقلىڭ بىلەن ياشا خەيىر بارلىق ماڭا تونوش كىشىلەر خەيىر دوسىتلۇرۇم، ئەمدى مېنىڭدەك ياغاچ قۇلاق بولماڭلار ياغاچ قۇلاق بولۇش بەك جاپالىقكەن ئۆيدىكىلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ياخشى ئادەم بولۇپ ئۆيدىكىلەرنىڭ دىگەن يىرىدىن چىقىپ ياخشى بالا بولۇپ ياشاڭلار ئۇلار ئۈچۈن بىشىغا بالا بولماڭلار، ھالىغا يىتىڭلار ئۇلارنى ئاياڭلار ئۇلار نۇرغۇن قىسمەتلەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار ئۈچۈن مىھرى مۇھەببەتنى بىرىپ لىۋىنى لىۋىگە چىشلەپ ياشاپ كەلمەكتە ئىشەنمىسەڭلار داداڭلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئاپاڭلار بىلەن مەسلىھەت قىلىشىۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ بىقىڭلار، خەيىر بەخىتلىك بولۇڭلار قوش قاناتىڭلار بىلەن كۆكتە پەرۋاز قىلىڭلار، خەيىر جىنىم شىرىن سېنى شۇنچىلىك سۆيدىغىنىمنى بىلىۋالغىن لىكىن مېنى ئۇنتۇپ قالما! مېنى پات پات يات ئىتىپ تۇرغىن مەن ئالىمادىس ئۇ ئالەمگە كىتىپ قالسام روھىم ساڭا مەڭگۈ يار يۈلەك بولىدۇ! مېنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكمە مەن سېېنىڭ ياش تۆكۈشىڭگە ئەرزىمەيمەن، ھىلىمىۇ سەكراتتا سەن يۇيۇپ بەرگەن كىيىم سەن ئىلىپ بەرگەن كۆڭلەك سەن ئەپ بەرگەن بىر جۇپ پايپاقنى كىيىپ ياتماقتىمەن، سېنىڭ ياتاق ئۆيۈڭنىڭ تىمىدىن ئىلىۋالغان رەسىمىڭنى باغرىمغا بىسىپ ياتماقتىمەن، خەيىر شاد ياشا جۈرەتلىك بول يالغانچى بولما، مېنىڭدەك پەرھات قىسمىتىنى ئۇنتىما، خەيىر بۇدۇنيادىكى جىنىمدىن ئەزىز كۆردىغان گۈزەل قىز، كومپىيۇتېرىڭنى ھەر قىتىم قوزغاتقاندا سەن مېنىڭ نامىدىكى ناخشامنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭدا مېنى ئەسلەپ قالارسەنمۇ؟ ھە راس سىنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بىر مىكرافۇن بىر قونچاق سىتىۋالدىم بەك ئوماق، بۇلارنى مۇنۇ خەتلەرنى قوشوپ ماروڭ ساڭا ئەۋەتىپ بىرىدۇ! سەمىڭدە بولسۇن ھايات ياشاش ئىمكانىيىتىم بولوپ قالسا ساقايغاندىن كىيىن چوقوم ئىزلەپ بارىمەن تاكى تاپقۇچە، سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن شىرىن مەيلى ئەيدىز بول مەيلى يەنە باشقا نىمىلەر بولۇپ كەتكىن ئاللا گۇۋاھ ساڭىلا ئۆيلىنىمەن سېنىڭدىن باشقا ھىچ قانداق ئادەم بۇ كۆڭلۈمگە سىغمايدۇ~! بۇ دۇنيادا بىر ئادەمنى ئۆزۈم تەلەپ قويوپ تۇرۇپ ياخشى كۆرگەن ئىدىم ئەپسۇس قەلبىمنى بىلمىدىم، خەيىر ساڭا سىېتىۋالغان مىكرافۇننى قەدىرلە بۇنىڭغا كۆز يىشىم تامغان بۇ ناخشىچىلار ئۈچۈن كەسپى مىكرافۇن، سېنىڭ بۇنىڭدىن كىيىىن جاسارەت بىلەن جۈرەتلىك ياشاپ داڭلىق ناخشىچى بولىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن. خەيىر مىھرىبان بوۋا موما دادا ئوماق سىڭلىم خەيىر ئەلۋىدا سالامەت بولسام كۆرۈشكىلى ئاللا نىسىپ قىلار،مەن ئوپراتسىيەگە كىرىپ كەتتىم، بۇ خىتىمنى كومپىيۇتېردا ئۇرۇپ ئۈنگە ئىلىپ قويدۇم مارۇڭ بۇنى سىلەرگە ئەۋەتىپ بىرىدۇ! ئاڭلا ئەي تەڭرىم مېنى ئۆزۈڭنىڭ مەرھەممەتلىك جەننىتىڭدىن بىر كىشىلىك ئورون بەرگىن،
ئايرىلدۇق قايسى ۋاقىتتا ئىككىمىز ئىككى تەرەپكە،
ئەلۋىدا دەپلا قالدىم، بەخىت تىلەپ سەن گۈزەلگە.
شۇنچە كۆيۈپ ساڭا قىلغان ۋەدە قەسەم ئەقىدىلەر،
توزىدىغۇ غۇنچە گۈللەر،ئايلاندىغۇ ئىس-تۈتەككە.
ئاھ مۇھەببەت قايناق ھىس تۇيغۇ تاتلىق شىرىن كۈتۈشلەر،
خازان بولدى، ياشلىق گۈلۈم سېنى جاندىن ئەزىز سۆيۈشلەر،
مەڭگۈلۈككە ۋاپاسىزنى قەدىرىلەش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇش،
ئازاپ ئىكەن ئادەمگە، تەنھا ياشاپ ۋاپاسىزنى كۈتۈشلەر،
سېنى شۇنداق سۆيۈگۈنۈمگە ئىرىشكىنىم ئازاپ بولدى سەن بىلسەڭ،
نىمجان بولغان يۈرۈكۈم ئىزىلدىغۇ چەيلەندى، مۇشۇ تاپتا مەن بىلسەم،
كۈتۈش شۇنچە ئازابلىق تەنھالىقىم ھەمرا ماڭا ئاھ ئۇرۇپ يغلاش ھامان.
ئويلىمىدىڭ بىر يىگىتنىڭ ئازابىنى، چىن قەلبىمنىڭ ياراسىنى مەن بىلسەم،
سەن ۋاپاسىز بولساڭمۇ، گەر كۈتىمەن مەڭگۈگە سەن سۆيگۈچە تا ئەبەت،
بىراۋلارنى باشلىمايمەن ئەمدى ھەرگىز قەلىبىمنىڭ قەسىرسىگە ئوت يىقىپ،
سۆيگىن دەيمەن قايتا رەت، مېنى ئەمدى باسقىن جىنىم باغرىڭغا دەپ،
ئاستا سېڭىپ كەلگىن جىنىم، سۆيگىن مېنى بۇ قەلبىمگە قايتا باشتىن چوغ سىلىپ،
يەنە سېنى كەچۈرەلەيمەن قانداق گۇناھ قىلغان بىلەن،
كۈتەلەيمەن تا ئەبەت، قىينىساڭمۇ ھىجران ئازاپ بىلەن،
سۆيەلمەيمەن ۋاپالىق بولسىمۇ گەر نىگارلارنىڭ باشقىسى،
مەڭگۈ ياشاپ ئۆتەي دەيمەن بەخىتلىك بوپ سەن بىلەن.
قايتىپ كىلىشىڭنى تۆت كۆز بىلەن كۆتەرمەن،
شۇ كۈتۈشتە بۇ دۇنيادىن ئاستا-ئاستا يۈتەرمەن،
گەر سۆيمىسەڭ مېنىڭ قايتا لەۋلىرىمگە لەۋ يىقىپ،
شۇ ئازاپتا قىيلىنىپ بۇ ھاياتتىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزەرمەن،
ئەجەپ قىينىدىڭ مېنى، سېنى سۆيدۈم دىمىدىڭ نىگار،
ئازاپلىدىڭ ھەسرەت بىلەن نادامەتنىڭ ئوتتورسىدا،
چىگىش خىيال قاماللاپ ئالدى نىمجان يۈرەكنى،
مەن يالغۇزمەن يەككە يىگانە ناتونوشلار ئارسىدا،
كىچە- كۈندۈز خىيالىمدىن ھىچ كەتمىدىڭ بىر مىنۇت،
ھالىم سوراپ تېلفۇنمۇ قىلىپ قويوش ئەسلا يوق،
سالاملاشساق بىز ئىككىمىز كوت كوتلاردا مۇڭدىشىپ،
سىغىندىم دەپ يوللاپسەن، راس سېغىنىش ئەسلا يوق،
يالغان سۆيۈپ سەن مېنى،كۆيدۇرمىگىن ئۆزۈڭگە،
راس بولسا چىن سۆزلە، قاراپ تۇرۇپ كۆزۈمگە،
ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىشەنمەسمەن مەن ساڭا،
سېنى سۆيدۈم ئەزىزىم دىگەن ئاشۇ سۆزۈڭگە،
توۋا دەپلا قالدىم بىر چاغ ئويلىنىپ،
قالدىممۇ يا تۈلكە جىنغا ئالدىنىپ،
ئۆز-ئۆزۈمنى بىلمەي شۇنداق يوقۇتىپ،
يىغلاپ قالغان كۈنلىرىمنى ئويلىنىپ،
ھەي...... تەشۋىشلىك خىياللار قاماللاپ ئالدى باغرىغا،
نىمە دەپ سۆيگەنتىم مەن سېنى قەلبىمگە باشلاپ،
ئاخىرى يالغۇزلا قالدىم دىسەم تېخى سېغىندىم دىسەڭ،
يەنە سېنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمەن كۆزۈمنى ياشلاپ،
جىمجىت زۇلمەت كىچە تاڭ ئېتىپ.
تۇرغان چاغدا سەن ئورنىڭدىن ئۇيقۇلۇق،
ئاڭلاپ قالساڭ مېنى ئۆلۈپ قاپتۇ دەپ،
چىقارسەنمۇ نامىزىمغا ئاق تىگىپ،
ياكى بىر خىل چۈشۈنۈكسىز تۇيغۇدا،
يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلەلمەي،
قالارسەنمۇ ئۆز ئورنىڭدا داڭ قىتىپ،
خەيىر مۇنبەرداشلار
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى
مەھمۇتجان كىرەم(ئەلفەمجان كىرەم)
بۇ ئەسەر ھەرگىزمۇ بىرەرسىگە قاراتما ھالەتتە يىزىلغان ئەمەس! قۇرۇق سۆز چۆچەك قىلىپ بىرەر ئىش كىلىپ چىقسا بارچە مەسئۇلىيەتكە گەپ توقوپ سۆز چۆچەك قىلىپ يۈرگۈچى مەسئۇل بولىدى~!