كۆرۈش: 1821|ئىنكاس: 9

ئۆلۈم ئالدىدىكى پۇشايمان (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18785
يازما
11
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 16:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                     ئۆلۈم ئالدىدىكى  پۇشايمان                                                               
    ھەر باشتا بىرئۆلۈم،تۇغۇلدۇق ،قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئۆلۈم مىنوتلىرى ھامان بار.شۇغىنىسى ھېچكىممۇ ئۆزنىڭ قاچان نېمە سەۋەپتىن ئۆلدىغانلىقىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس،قادىر بولساق ئىدۇق،ئارمان بىلەن كەتمىگەن بولاتتۇق.                                                                                      
       پەقەت بىر كۈنلۈكلا ئۆمرۈم قاپتۇ.بېشىمدا چاقماق چېقىلغاندەك بولدى،بۇ رىئاللىقنى پەقەتلا ئېتراپ  قىلغۇم كەلمىدى.ئون گۈلۈمنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان،ياشلىق باھارىمنى ئەمدىلا كۈتۋالغان ئىدىمغۇ،نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىم بار ئىدىغۇ،ئەجىبا بۇ دۇنيا بىلەن مۇشۇنداقلا خوشلىشارمەنمۇ؟ بىر كۈن، بۇ بىر كۈن نېمە قىلىشقىمۇ يېتەر؟                                
      ئەڭ ئاۋال ئويلىغىنىم ئاتا –ئانامنىڭ دىدارىغا قېنۋىلىش بولدى.ئاپامنى قۇچاقلىدىم،ئىللىق ھىدىنى تويماي ھىدلىدىم،قوللىرىغا سۆيدۈم.ئاپام _ يىشى ئەللىككە بارمايلا چاچلىرى تامام ئاقارغان ،يۈزلىرى ئاپتاپتا كۆيۈپ قىزارغان،جاپانى تولا تارتىپ يېشىدىن بۇرۇن قېرلىق يەتكەن مېھرىبانىم ئاپام چاچلىرىمنى سىلاپ يۈز –كۆزلىرىمگە ھارماي سۆيەتتى.كۆز ياشلىرى چاچلىرىمنى پۈتۇنلەي ھۆل قىلۋەتكەن،پۈتۈن جىسمى توختىماي تىتتىرەۋاتاتتى.چەكسىز پۇشايماندىمەن،پەرزەنت بولۇپ ئاپام ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەپتىمەن،مەكتەپ ،ئوقۇش دەپلا ئۆتۈپ كېتىپتىمەن.بىرەر قېتىم تاماق ئېتىپ ئاپامنىڭ ئالدىغا قويغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن، بىرەر قېتىم بايرامدا سوۋغات ئېلىپ بەرگىنىمنى ھەم ئۇقمايمەن.پەرزەنىتنىڭ راھىتىنى كۆرمىگەن بىچارە ئايال،مانا ئەمدى قىلىپ بېرەي دېسەممۇ ئامالسىزمەن.ئېسىت،ئېسىت!                                                                     
        ھاياتىمدىكى تاغدەك يۆلەنچۈكۈم،غەمگۇزارىم ،پۈتۈن ئۆمرى ئېتىز-ئېرىقتىلا ئۆتكەن،گۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرغان يۈركىنى بالا ئۈچۈن ئاتىغان ،يۈركىدىن قان ئاقسىمۇ كۆزىدىن تامچە ياش ئاققۇزۇپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىنسان دادام مانا شۇ تاپتا كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۆپ يىغلىماقتا،يۈزلىرىمنى يىرىك ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ پېشانەمگە يېنىشلاپ سۆيمەكتە.« سىزگە كەلگەن ئەجەل ماڭا كەلسە بولماسمىدى،مەن ياشايدىغىنىمنى ياشاپ بولغانغۇ» دەپ زارلىماقتا.چەكسىز پۇشايماندىمەن،قىز بولۇپ دادامنىڭ بىر دوپپىسىنى يۇيۇپ بېرىپ باققىنىمنى ،ئشتىن ھېرىپ –ئېچىپ كەلگەندە بىر پىيالە سوغۇق چاي سۇنغىنىمنى ،پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن.مانا ئەمدى كەلمەسكە كەتكۈلىۋاتىمەن،پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا بارمۇ؟                           
      ئاكا-ئاچىلىرىم ھەممىسى يېنىمدا بار،بۇلاقتەك كۆزلەردىن ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلمەكتە، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا ئېغىر ئازاپتا. لېكىن بۇ كۆز ياشلىرى بەدىلىگە مېنىڭ ھاياتىمنى قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن ئەمەس.چەكسىز پۇشايماندىمەن،بۇرۇن يوقلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇرشاتتىم،ئشلىرىغا قارشىپ بەرگىلى ئۇنمايتىم،سىڭىل تۇرۇپ ئۆز ئىشىمنى ئۇلارغا قىلغۇزاتتىم.ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،ئەمدى ئۇلارنىڭ ياخشى سىڭلىسى بولاي دېسەممۇ بولالمايمەن،بېشىمغا ئەجەل قۇشى قونغان.                                                                                                
    يۈرەكسىز ئىدىم،نۇرغۇن ئشلارنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتىم،بۈگۈن قۇربىم يېتىشىچە  ھەممىنى قىلۋالاي،سىرلىرىم قەبرەمگە كۆمۈلۈپ كەتمىسۇن.  شۇنداق خىياللار بىلەن يۈركۈمگە تۇنجى قېتىم مۇھەببەت ئۇرقى چاچقان،ئۇزۇندىن بېرى ئوتىدا كۆيۈپ يۈرگەن يىگىتنى ئزدەپ تاپتىم.ئۇ ھېچنىمىدىن بىخەۋەر،مېنڭ  تۇيۇقسىز ئزدەپ كېلىشىم ئۇنىمۇ ھەيران قالدۇردى.ئۇنى ئېغىزمۇ ئاچۇرماي ئىچىمدىكىنىڭ ھەممىنى تۆكتۈم ،ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك دادىل بولالايدىغىنىم چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن ئىدى.دەيدىغىنىمنى دەپ بولۇپ ئۇنى نېمە دەركىن دەپ ئاغزىغا تەلمۈردۈم،گەرچە ئۇنىڭ ھەرقانداق جاۋابى ئەمدى مەن ئۈچۈن بەرىبىر بولسىمۇ يەنىلائاڭلاپ باققۇم كەلدى.«مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ھېسسىياتتا»دېدى ئۇ بىردەملىك جىمجىتلىقتن كېيىن.ئارقامغا شۇنچىلىك تېز بۇرۇلدۇم ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىماستىن يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدىم.چەكسىز پۇشايماندىمەن،نېمىشقا ئۇنىڭغا بۇرۇنراق دەپ كۆرمىگەن بولاتتىم،ھېچ بولمىسا ئازراق بىشارەت بەرسەممۇ ھە.ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام بۇ بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتنى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ ئۆتكۈزمەس ئىدىم،كېچىلەرئۇنى خىيالەن سېغىنىپ ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزماس ئىدىم.ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى بولسىمۇ ۋىسال شەربىتىگە قېنىپ ئۆتكۈزگەن بولاتتىم.خەيىر،ئەمدى بېشىمنى تاشقا ئۇرساممۇئورنىغا كەلمەيدۇ.                                                                     
      كىچىك ۋاقىتلاردا دوسلۇرۇم بىلەن سۇغا چۆملۈپ ئوينايدىغان دەريا بويىغا كەلدىم،ئويناقلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك   سۇ،يۇمران ئوت- چۆپلەر.بۇ يەرگە ئالدىنقى نۆۋەت قاچان كەلگەنتىمكىن تاڭ،ئككى-ئۈچ يىل بۇرۇن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولغان بولسا كېرەك،لېكىن بۇ يەر قىلچە ئۆزگەرمەپتۇ ،ھەر بىر تال تاش،ھەر بىر تال گىياھ مېنىڭ غەمسىز ئۆتكەن بالىلىقىمغا گۇۋاھ بولالايدۇ.چەكسىز پۇشايماندىمەن،نۇرغۇن –نۇرغۇن ئويۇنلارغا مەن تېخى ئويناپ  قانمىغان،مەن بىلەن بىللە ئوينىغان شۇ دوستلار قېنى؟بەزىلىرىنىڭ چىرايىنىمۇ ئەسلىيەلمەن .مەن بىلەن ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلارنى بىللە ئۆتكۈزگەن دوسلۇرۇم،سىلەر قەيەردە،سىلەرنى خويمۇ سېغىندىمغۇ؟شۇ چاغلارغا قايتىشقا پۇرسەت بارمۇ؟بولسا قايتىپ كېتىپ مەڭگۈ چوڭ بولمىغان بولاتتىم.ئامال قانچە،كەلمەسكە كەتكەن كۈنلەر ئۇ.                                                                 
  پېتىپ كېتۋاتقان قۇياشقا قارىدىم،بۈگۈن ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى،مېنىڭ پەقەتلا ئۆلۈپ كەتكۈم يوق،بار كۈچۈم بىلەن ۋارقىرىدىم:                    
-مېنىڭ ئۆلگۈم يوق!!!                                                                             
     بىرسىنىڭ قاتتىق نوقۇشىدىن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم،نە دەريا نە قۇياش كۆرۈنمەيدۇ،كارۋىتىمدا يېتىپتىمەن،يېنىمدا ياتاقداشلىرىم ماڭا ئەجەپلىنىپ قارشىپ تۇرپتۇ.شۇندىلا بىلدىم،ئەسلى چۈش كۆرۈپتىمەن.ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ،تېلفۇننى قولۇمغائېلىپ ئۆينىڭ نومۇرىنى باستىم.
  

                                                                                  مەنبە:چۈشۈم
                                       

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
18361
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2011-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 17:41:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرنىمە بولسا چۇشىڭىز ئىكەن،يىغلاشقا تەييار بولۇپ بولغانتىم تىخى.ھاياتتا ئارمانسىز كىتىدىغان كىممۇ بار بۇ دۇنيادا.

UID
37980
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-5-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇنداق ئانى دەپ مانى دەپ ئۆلۈپ كىتىمىز بىر كۈنى ....

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسسىرلىك يېزىپسىز ،،،مەنغۇ راستلا يىغلاپ سالدىم،،،،،ئۆلۈم شارابىنى ئىچمەيدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك،،،،،

باھا سۆز

narinkiz  ھەر ئىنسان چۈشىدە بولسىمۇ ئۆلۈمنى كۆرسە، كىيىنكى ھاياتىنى باشقىچەئۆتكىزە  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 00:01:20
narinkiz  ھەر ئىنسان چۈشىدە بولسىمۇ ئۆلۈمنى كۆرسە، كىيىنكى ھاياتىنى باشقىچەئۆتكىزە  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 00:01:18

UID
38046
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 18:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  تەسرلىك  يىزپسىز !!!~~~

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 19:49:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتا كەلمەيدۇ. ئامال يوق ،ھەر كۈننى خۇشال-خورام كۈتۈۋالايلى، ئەھمىيەتلىكرەك ئۆتكۈزەيلى،

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
83
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2623
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 14:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن دىسە . ..........ئۇف ،چۈشىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى.

UID
38100
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 15:06:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئېچىنىپ ئولتىراتتىم ..ئۇف !!!!!ھەرنىمە بولسا چۈشكەن.........

UID
37239
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 00:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا.....باشتا دەپ قويسىڭىز بولمامتى چۇش دەپ................

UID
22218
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2012-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 20:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك يېزىپسىز مەن تېخى راس ئىش ئوخشايدۇ دەپتىمەن بۇ چۇشىڭزكەن دە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش