بىر سەبىينىڭ ئارزۇسى
ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىمغىمۇ مانا ھەش-پەش دېگۈچە 15 يىل بولاي دەپتۇ. بۇ جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇچرىدىم، نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى چۈشەندىم. نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلىرىم مېنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرىم، ئىلمىي رىغبەتلەندۈرۈشلىرىم بەدلىگە ياراملىق بولۇپ يېتىلدى. ھەتتا، بەزى ئوقۇغۇچىلىرىم خىزمەتكە چىقتى، ئۆي-ئوچاقلىقمۇ بولدى. بەزى ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن تا ھازىرغىچە خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكىدەك شۇنچىلىك يېقىن، يوللاردا ئۇچرىشىپ قالساق ئىختىيارسىز ھالدا خۇددى كونا قەدىناسلاردەك پاراڭلىشىپ كېتىمىز. توغرا، ئۇلار چوڭ بوپتۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئادەم بوپتۇ. مەن ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ سالىمىنى قۇبۇل قىلغىنىمدا ياكى ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلىمەن.
ئەپسۇس، شۇ ئوقۇغۇچىلىرىم ئىچىدە يەنە بىر تۈركۈم ‹‹ئالاھىدە ئوقۇغۇچى›› لىرىم بار ئىدى. بۇنداق ئوقۇغۇچىلىرىم دەسلەپكى خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلىرىمدا ناھايىتىمۇ ئاز ئىدى. لېكىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر بىر سىنىپتىكى ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى مېنىلا ئەمەس، مەكتەپتىكى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرغانىدى.
مانا بۇ ‹‹ئالاھىدە ئوقۇغۇچى›› لىرىم ماڭىمۇ ئالاھىدە تەسىر بېرەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ دىللىرى سۇنۇق، كۆزلىرى خۇنۈك ئىدى. ھەر قېتىم ئۇلار بىلەن مۇڭداشقىنىمدا ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى ئاتا-ئانىسىنىڭ يارىشىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغىنى مېنى ئىختىيارسىز سۈكۈتكە چۆمدۈرەتتى.
توغرا، ئۇلارنىڭ تەلىپى تولىمۇ ئاددىي ئىدى. ئەپسۇس، شۇ ئاتا-ئانىلار بۇ سەبىيلەرنىڭ قەلبىنى ھېس قىلالىغان بولسىچۇ كاشكى. ياق، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خوشاللىقىنىلا ئويلاپ، بۇ سەبىيلەرنىڭ قاپقارا كۆزلىرىدىكى ياشقا، ئۇلارنىڭ ئۈمچەيگەن ئېغىزلىرىغا، مىسكىن چىرايىغا سەپ سالمايلا پېشىنى قېقىپ، ئايرىلىپ كېتەتتى. نەتىجىدە كەلگۈلۈك يەنىلا بىچارە بالىغا كېلەتتى. ئۇلار ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك، ئاتا-ئانىلىرى بار بالىلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدىغان، خالىي جايلاردا ئۈنسىز ياش تۆكىدىغان بولدى. مۇئەللىمى ئائىلە توغرىلىق ماقالە يېزىڭلار دېسە، غايىۋى ئائىلىسىنى كۆزئالدىغا كەلتۈرۈپ، تولىمۇ بەختلىك ئائىلىدە ياشاۋاتقانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق مىسكىن كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىدىغان بولۇشتى. ئاھ، بالىلار! ئۇلار نېمە دېگەن بىچارە، نېمە دېگەن سەبىي-ھە!
ئەپسۇس، تارىختىن بۇيان ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى تەكىتلەيدىغان بىز ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئائىلىنى پەقەت ‹‹ياتاق›› ئورنىدىلا كۆرىدىغان، ئاجرىشىشنى ‹‹بىر ۋاق تاماق يېگەندەك›› لا ئاددىي چاغلايدىغان بولۇپ قالدۇق. ھە دېسىلا ‹‹خام سۈت ئەمگەن بەندە›› دەپ ئۆزىمىزنى ئالداپ كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا ئانا-ئانىسى تىرىك ‹‹يىتىم›› لار كۆپىيىشكە باشلىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ‹‹يىتىم›› لارمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى. چۈنكى بىر سىنىپنىڭ يېرىمى دېگۈدەك شۇنداق بالىلار بولغاندىن كېيىن بۇمۇ ‹‹نورمال ئەھۋال›› غا ئايلاندى. ھەتتا بەزى بالىلار تەلەپ قىلىپ ئاتا-ئانىلىرىنى ئاجرىشىشقا ‹‹رىغبەتلەندۈرىدىغان›› مۇ بولدى. چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆزىگە ھەقىقىي ئىللىقلىق ئاتا قىلالمىغان مۇنداق شەكىل جەھەتتىكى ‹‹قەغەز ئائىلە›› دىن زېرىككەنىدى.
قىسىقىسى، ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا بۇنداق بالىلار خېلى كۆپ ئۇچرىدى. گەرچە، تالاي قېتىم ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش، شۇ سەبىيلەرنىڭ ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى نىيەت قىلغان بولساممۇ ئەپسۇس، ئاتا-ئانىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايتتىم. ئۇلارنىڭ ئاجايىب تۇرمۇش پەلسەپىلىرى مېنى تەڭلىكتە قوياتتى. ئۇلارغا تالاي سۇئاللارنى قويغۇم كېلەتتىيۇ، يەنە ئۆزۈمگە ھاي بېرەتتىم.
ئەجىبا، شۇ ئاتا-ئانىلاردا پەقەتلا يول قويغۇدەك ئارىلىق قالمىغانمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئالدى 20 يىل، كەينى ئاز دېگەندىمۇ 10 يىل ئۆي تۇتقان ئاتا-ئانىلار، ھە دېسىلا ‹‹مىجەزىمىز كېلىشمىدى››، ‹‹ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ›› دېيىش ئارقىلىقلا ‹‹ئائىلە›› دېن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس جاينى پارچىلىماقچى، ئۆزىنىڭ يۈكسەك مەسئولىيىتىدىن ۋاز كەچمەكچى بولۇشىدىكەن. دەسلىپىدە تونۇشۇپ، توي قىلغاندا كېلىشكەن مىجەز، ئەجەب تويدىن كېيىن كېلىشمەس بولۇپ قاپتىغۇ؟ بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىرىمەن دەپ خوتۇن ئالغان ئەر ياكى تەككەن ئايال ئەجەب تويدىن بۇرۇن شۇ ‹‹ئاچچىق››نى ھېس قىلالماپتىكىنا؟...
قىسىقىسى، مەن ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قەلب سۆزىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزمەكچى ئىدىم. ئەگەر ئوقۇرمەنلەر بۇ كۆڭلۈمنى توغرا چۈشەنگەن بولسا مەنمۇ تولىمۇ خۇرسەن بولار ئىدىم،ئەلۋەتتە.
ئەي، تارىختىن بۇيان ئاجايىپ ئۇلۇغ سۆزلەر بىلەن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىڭ: ئاپا، دادا يارىشىپ قېلىڭلار!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-15 22:21