- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 92
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2009-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-25
- UID
- 1231
- يازما
- 92
- تېما
- 79
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2009-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-25
- توردا
- 0 سائەت
|
نۆۋەتتە جۇڭگۇ تىلگىرافى ،جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى شۇنداقلا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ھەر تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ كەڭ ئابۇنتلارنى 3Gتۇرمىشىغا باشلاپ كىرىمىز دەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ،بىراق مىنىڭچە بۇنىڭغا قىسقىسى 3Gنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تېخى ئنىق چۈشۈنۈپ بۇلالمىغان ئەلكۈيى ئەزالىرى ھەم ئۇيغۇرلىرىمىز بار دەپ قارىغاچقا بۈگۈن مەخسۇس 3Gتوغرىسىدا چۈشەنچە بىرىشنى لايىق كۆردۈم !
3G ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە (قىسقىچە)
3G، تولۇق ئاتىلىشى3rd Generation، مەنىسى ئۈچىنچى ئەۋلات رەقەملىك ئالاقە دىگەنلىك بولىدۇ.
1995- يىلى دۇنياغا كەلگەن تەقلىدىي سىگناللىق يانفۇن (1G) پەقەتلا ئاۋاز ئالاقىسى قىلالايىتتى.
1996- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە پەيدا بولغان ئىككىنچى ئەۋلات GSM، TDMA قاتارلىق رەقەملىك سىگناللىق تېلىفۇن (2G) دا سانلىق مەلۇمات قۇبۇللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان، يەنى ئېخەت قۇبۇللاش ياكى تور بەت كۆرۈش دىگەندەك.
2009- يىلى مەيدانغا كەلگەن ئۈچۈنچى ئەۋلات (3G) نىڭ ئالدىنقى ئىككى ئەۋلات بىلەن بولغان پەرقى بولسا ئاۋاز ۋە سانلىق ئۇچۇرنىڭ سۈرئەت جەھەتتە كۆتىرىلگەنلىكىدىن ئىبارەت، ئۇ پۈتۈن شاردا تېخىمۇ مۇكەممەل سىرتقا يۆتكىلەلەيدۇ، ھەمدە سۈرەت، ئاۋاز، سىن قاتارلىق كۆپ ۋاستە شەكىللىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، تور بەت كۆرۈش، تېلىفۇن يىغىنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كۆپ خىل ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىقلارمۇ بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدىنقى ئىككى ئەۋلات سىستېما بىلەن ياخشى ماسلىشىشى ئويلىشىلغان. بۇ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىمسىز تور چوقۇم ئوخشىمىغان ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتىنى قوللىشى كېرەك، يەنى، ئۆي، سىرت ۋە ماشىنا مۇھىتلىرىدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاز دىگەندە 2Mbps (مېگا بايىت\ ھەر سېكونت)، 384Kbps (كىلو بايىت\ ھەر سېكونت) ۋە 144Kbps لۇق سۈرئەتنى قوللىيالىشى كېرەك.
3G ئۆلچىمى، خەلقئارا تېلېگىراف ئىتتىپاقى(ITU) ھازىر پۈتۈن شار تۆت چوڭ 3G ئۆلچىمىنى بېكىتتى، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا WCDMA، CDMA200 ۋە TD-SCDMA بىلەن WiMAX .
WCDMA
RTT FDD
بىماس قەدەملىك CDMA سىستېما، GPS يوق
سىگنال كەڭلىكى: 5MHz
كود پارچىسى سۈرئىتى: 3.8Mcps
جۇڭگو دۇلقۇن بۆلىكى: 1940MHz-1955MHz(ئۇزىتىش)، 2130MHz-2145MHz (قۇبۇللاش)
TD-SCDMA
RTT FDD
ماس قەدەملىك CDMA سىستېما، GPS بار
سىگنال كەڭلىكى: 1.6MHz
كود پارچىسى سۈرئىتى: 1.28Mcps
جۇڭگو دۇلقۇن بۆلىكى: 1880MHz-1920MHz(ئۇزىتىش)، 2010MHz-2025MHz (قۇبۇللاش)2300MHz-2400MHz
CDMA2000
RTT FDD
ماس قەدەملىك CDMA سىستېما، GPS بار
سىگنال كەڭلىكى: 1.23MHz
كود پارچىسى سۈرئىتى: 1.2288Mcps
جۇڭگو دۇلقۇن بۆلىكى: 1920MHz-1935MHz(ئۇزىتىش)، 2110MHz-2125MHz (قۇبۇللاش)
WiMAX
پۈتۈن شار مىكرو دۇلقۇندا تورغا ئۇلىنىش، يەنە بىر ئىسمى 802.16
سىگنال كەڭلىكى: 1.5MHz تىن 20MHz گىچە
ئەڭ تېز ئۇلىنىش سۈرئىتى 70M
ئەڭ يىراق يەتكۈزۈش ئارىلىقى: 50 كىلومېتىر
كود پارچىسى سۈرئىتى: ئېنىق ئەمەس
جۇڭگو دۇلقۇن بۆلىكى: (دىيىلمىگەن)
....
كەڭ بەلباغدا تورغا چىقىش 3G تېلىفۇننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىقتىدارى، ئۇ چاغدا بىز يانفۇندا ئاۋازلىق ئېخەتلەرنى قۇبۇللىيالايمىز- ئەۋەتەلەيمىز، بىلوگ يازالايمىز، پاراڭلىشالايمىز، ئىزدىيەلەيمىز، سۈرەت- مۇزىكىلارنى چۈشۈرەلەيمىز... ۋاھاكازالار... ھازىر ئاز بولمىغان كىشىلەر بۇنداق تېلىفۇندىكى ئىقتىدارلارنى 3G دەۋىرىدە ئىشلىتىشنى ساقلاۋاتىدۇ، بىراق گەرچە ھازىرقى سىمسىز تورغا چىقىش سۇپىسىمۇ بۇلارنى تەمنلىيەلەيدۇ. گەرچە ھازىرقى GPRS تور سۈرئىتى تېخى كىشىنى ناھايىتى رازى قىلالمىسىمۇ، بىراق 3G دەۋىرى كەلگەندە، يانفۇننىڭ كىچىك كومپيۇتېرغا ئايلىنىشى ھەرگىزمۇ چۈش بولمايدۇ.
...
2009- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى 14:30 دا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى جۇڭگو كۆچمە، جۇڭگو تېلېگىراف ۋە جۇڭگو بىرلەشمىگە ئۈچ دانە ئۈچىنچى ئەۋلات كۆچمە خەۋەرلىشىش (3G) تاختىسى تارقاتتى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ رەسىمىي 3G دەۋىرىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىستىمالچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان 5 چوڭ مەسىلە
------------------------------------
1. تېلىفۇننى ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟
قايسىلا شىركەتنىڭ 3G مۇلازىمىتى بولمىسۇن، 3G تېلىفۇن ئالماشتۇرۇش لازىم. ھازىر، 3G تېلىفۇن دۆلىتىمىزدە تېخى كەڭ كۆلەمدە بازارغا سېلىنمىدى، بىراق يىل ئىچىدە ھەر قايسى يانفۇن زاۋۇتلىرى ياسىغان 3G يانفۇنلار سېلىنىشقا باشلايدۇ.
3G تېلىفۇننى ئىشلىتىش شەرتى ئاستىدا، كۆچمە ۋە تېلېگىراف ئىشلەتكۈچىلىرى نومۇر ئالماشتۇرمايمۇ 3G مۇلازىمىتىگە كۆتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدا، كۆچمە چىقارغان "ئۈچ ھاجەتسىز سىياسىتى" بويىچە، بارلىق جۇڭگو كۆچمە ئىشلەتكۈچىلىرى نومۇر ئالماشتۇرمايدۇ، SIM كارتا ئالماشتۇرمايدۇ، تىجارەت زالىغا بېرىپ تىزىملاش رەسىمىيىتىمۇ ئۆتىمەيدۇ، پەقەت ئەسلىدىكى يانفۇندىن SIM كارتىسىنى 3G يانفۇنغا سالسىلا بولىدۇ.
....
2. خىراجەت ناھايىتى قىممەت بولارمۇ؟
جۇڭگو كۆچمە مۇئاۋىن لېدىرى لۇ شىياڭدۇڭ 14- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، 3G يانفۇندا تېلىفۇن ئۇرغاندا، 2G دا ئۇرغاندىن ئەرزان بولىدۇ، كۆچمە بىر تۇتاش بېكىتكەن باھا ئاساسىدا، 3G ئىشلەتكۈچىلىرىگە سۇندۇرۇپ بېرىدۇ. ئىشلەتكۈچى 3G تورىدا قىلغان بارلىق كەسىپلەر، ئۈن، تورغا چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم سۇندۇرۇشتىن بەھىرمەن بولالايدۇ.
...
3. قاچان 3G مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ
كۆچمە مۇنداق دىدى، ھازىر پەقەت بېيجىڭ، شاڭخەي، تىيەنجىن، چىنخۇاڭداۋ، گۇاڭجۇ، شېنجېن، شىيامىن قاتارلىق 10 شەھەرنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى TD كەسپىنى بىجىرەلەيدۇ، بۇ يىل 6- ئايدا، TD تورى پۈتۈن مەمىلىكەتتىكى ھەممە ئۆلكە- شەھەر ۋە پىلاندىكى شەھەرلەرنى قاپلايدۇ. لايىھىگە ئاساسەن، 2011- يىلى TD تورى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق شەھەرلەرنى قاپلايدۇ. |
|