ئەسسالام مۇنبەرداشلار،ھەممىمىزگە مەلۇم غەربى دىيار گوروھىنىڭ قوللىشى بىلەن «جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبۇل مۇسابىقىسى››دە شىنجاڭنىڭ كوماندىسى بار بولدى.ھەم خەنزۇچە تولۇق نامى《西域·君悦海棠》دەپ ئاتالدى،ئادەتتە 《新疆海棠队》دەپ ئىلىندى.ئۇنداقتا بۇ كوماندىنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتايمىز؟
ئالدى بىلەن ماۋۇ رەسىمنى كۆرۈڭ.

ئاۋۇ كۆك كىيىمدىكى خەنزۇچە«君悦海棠››دىگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى ئېنگىلىزچە
‹‹ GRAND CRAB APPLE››دىگەن خەتنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بۇ دىگەن بۇ كوماندا ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ئېنگىلىزچە نام،يەنى ئېنگىلىزچىسىنى «JUNYUE HAITANG››دىمەي مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلغان.بۇ كوماندىنىڭ ئېنگىلىزچە نامىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى «君悦海棠››قانداقتۇر بىر تەرجىمە قىلسا بولمايدىغان بىرەر خەنزۇ يولداشنىڭ ئىسمى،ياكى تاۋار ماركىسى ئەمەس.
ئەمدى گەپنى يەكۈنلىسەك بىزمۇ بۇ نامنى ئۇيغۇرچە ئاتىساق تامامەن مۇمكىن.
ئۇنداقتا نىمە دەپ ئاتايمىز؟ مەن ئالدى بىلەن چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي.
‹‹海棠››نىڭ ئېنگىلىزچىسى ‹‹crab apple››،ئۇيغۇرچىسى«تاشئالما››.
شۇنىڭ بىلەن بۇ نامنىڭ يىرىمى تەرجىمە قىلىنىپ بولدى،ھىچ بولمىسا قىسقارتىلما نامى«新疆海棠队››نىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بار بولدى،يەنى‹‹شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى››بولدى.
‹‹君悦››نى ئېنگىلىزچىدا«GRAND››دەپ ئىلىپتۇ،ئۇنداقتا ئۇيغۇرچىدا نىمە دەپ ئالىمىز؟«زور››دەپمۇ،ياكى‹‹جۈنيۆ››دەپمۇ؟ بۇ كۆپچىلىكنىڭ مۇنازىرىسىگە قالدۇرۇلدى.
ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ بۇندىن كىيىن«شىنجاڭ خەيتاڭ كوماندىسى››دىمەي،بەلكى ساپ ئۇيغۇرچە‹‹شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى››دىيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.بىرەر ئاتالغۇ تىلىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بولغاندا ئۆزگەرتىمىز دىگەندىن،سىڭىشتىن بۇرۇن توغرىسىنى ئىشلىتىپ كۆنەيلى.