degiz يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 18:21 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم khan ئەپەندىم ، بۇ شېئىرىڭىز ماڭا بە ...
دېڭىز ئەپەندى، شىئېرىمنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت. ئاپتورغا نىسبەتەن ئوقۇرمەننىڭ ئۆز ئەسىرىنى چۈشىنىشىمۇ ھوزۇر ئىكەن. ئەسلى ئىككى ھەپتە بۇرۇن بۇ شىئېرىمنى مىسرانىمغا يوللىغان ئىدىم. بىراق دەسلىپىدىلا «كىرىمنىي دېگەن نېمە؟»، «سىز ئۇ يەرگە بارغانما؟» دېگەندەك پۇچەك ئىنكاسلارنى كۆرۈپ جېنىم چىقايلا دېگەن. بۈگۈن ئەلكۈيىگە يوللىسام، باشقۇرغۇچى نەچچە مىنۇتقا قالمايلا تەستىقلاپتۇ. تېمامنىڭ بۇنچە تېز تەستىقلانغانلىقىدىن بەك خۇش بولدۇم. چۈشكەن ئىنكاسلاردىنمۇ سۆيۈندۈم.
بۇ شىئېرنى بۇندىن 10 يىل بۇرۇن يازغان ئىدىم. 22 ياش كىرگەن ۋاقتلىرىم ئىدى. شۇڭا ياشلىقىمدا، قىزىققانلىقىمدا بەزىبىر ھېسسىياتقا تايىنىپ يېزىپ قويغان مىسرالار بار، بۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىئېردا سىمۋوللۇق ئىپادىلەش قويۇق بولۇپ، مۇنبەرداشلار مۇنازىرە قىلىپ باققاي.