كۆرۈش: 4441|ئىنكاس: 17

فامىلە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 03:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                           فامىلە
        فامىلە تېمىسى بىزدە خېلىدىن بېرى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ماقالىلارمۇ يېزىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ھەقتىكى نەزىريەۋى كىتابلارمۇ نەشىر قىلىنىپتۇ. ھالبۇكى، بۇنى فامىلە تەتقىقاتىدىكى ئۇتۇق دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، مەسىلە ھەل بولدىمۇ؟ فامىلە ئىشلەتمىگەنلىك سەۋەبى بىلەن، قانداق دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىمىز؟
       بۇ مەسىلە نۆۋەتتىكى جىددى ھەل قىلمىساق بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
     ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا، دەل مۇشۇ سەۋبلىك بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىق چىقتى. سىنىپىمىزدىكى 10 نەچچە ئوقۇغۇچى ئىسىمدىكى خاتالىق سەۋەبى بىلەن گېزىتكە ئېلان بېرىشكە مەجبۇرى بولدى. بۇ ئەھۋال يىللاردىن بۇيان سادىر بولماقتا. مانا ئەمدى، يەنە ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى  ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى سىتودىنتلارنىڭ، ئاسپىرانتلارنىڭ بىر قەپەس ئىسىم كۆرىشى باشلىنىپ كەتتى. ئىسىم بىلەن ئاتىسى ئارلىقىدا بىر چېكىت بولماسلىقى سەۋەبلىك، ئۇ ئوقۇغۇچى بىر دەمدىلا بۇ دۇنيادا يوقلا بىر ئادەم بولۇپ قالىدۇ. دېپلۇم ئېلىش ئىشىغا ناھايتتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ ئىش، بالىلارنى ئورۇنسىز غەمگە پاتتۇرىدۇ. ئىشخانىلار ئارا قاتراش باشلىنىدۇ. ئۇ ئىشخانىغا كىرسە، بۇ ئىشخانىغا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا كىرسە ئۇنىڭغا. مۇناسىۋەتلىك خادىمنى تېپىپ بولالماي، مەيۈسلەنگە بالىلار جىلە بولۇپ.....
   ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلار ھەل بولىدۇ. ھەل بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىق ئادەمنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ.
بۇ مەسىلىلەر بىر بولسا، مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەلگە ئىسمىنى توشقۇزغاندا ئىسىم بىلەن ئاتىسى ئارىسىدىكى چېكىت قويۇلمىغان، ياكى ئىسمىنى يېزىپ ئاتىسىنى يازمىغان ۋە ياكى خەتتىكى خاتالىق تۈپەيلى ئاۋارىچىلىقلار كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ خاتالىقلار بەزىدە ئۆزىدىن كەتسە، بەزىدە جەدىۋەل توشقۇزغۇچى كاتىپنىڭ بېپەرۋالىقى بىلەن بولىۋاتىدۇ.  يۇقىردىكىلىرى، پەقەت مەكتەپلەردىكى مەسىلە.  چەت ئەللەرگە چىقىشتا، يەنى پاسپورت بىجىرىش جەريانىدا يەنە بىر توقام ئاۋارىچىلىقنىڭ بارلىقى شۈبېھسىز. مۇشۇ ئىشنىڭ كاساپىتىدىن  بىز بىلمىگەن يەنە قانداق ئاۋارىچىلىق بار خۇدايىم بىلىدۇ.
        ئومومەن، فامىلە مەسىلىسى مىللى كىملىكىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ۋە ھەقىقەتەنمۇ بىر مەدەنىي مىللەت ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسلىدۇر. شۇڭا بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىپ باقساق. داۋاملىق چىشىمىزنى چىشلەپ ئىسىم چاتىقى بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۈرەمدۇق؟ ياكى، كېيىنكى پەرزەنتلەرگىمۇ بۇنداق ئورۇنسىز بولغان ئاۋارىچىلىقنى قالدۇرۇپ قويامدۇق؟
      مۇنبەرداشلار بۇ ھەقتە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويسا، بىر مۇنازىرە تۈزۈپ بۇ ھەقتىكى بىلىمىمىزنى تولۇقلىساق. ناۋادا، فامىلە توغرىسىدا ئېنىق كۆز-قاراشقا ئېگە مۇنبەرداشلار بولسا، پىكىرىنى بىزدىن ئايىمىسا.
      فامىلە قوللىنىش ھەر قايسى تورلاردا كەڭ تەشۋىق قىلساق ئۈنۈمى تېخىمۇ كاتتا بولۇپ كەتسە ئەجەب ئەمەس.     
      مەنبەـ ئۆزەم   2012- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 19:59:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلاجان، بۇ تەشەببۇسنى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، بىراق سىز دەۋاتقان مەسىلىلەر ھەرگىزمۇ فامىلىنىڭ چاتىقى ئەمەس. بۇنى فامىلە قوللىنىش ياكى قوللانماسلىققا چېتىۋېلىشىڭىز قاملاشمىدى. مېنىڭچە ئۇ مەسىلىلەرگە يولۇقمىغان ئۇيغۇر ئاز بولسا كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەت مەسىلىسى. مېنىڭچە بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ساقچىخانىدىكى نوپوس خادىملىرىدىغۇ دەيمەن. ئۇلارنىڭ بەزى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى خەنزۇچىغا ئاغدۇرۇشى كۈلگىڭىزنى كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا غەزەبلەندۈرىدۇ.

UID
11266
يازما
57
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1767
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 21:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە تېمىنىڭ ئىسمىنى تەگئات  دەپ ئالغىنىمىز تۈزۈك .
خاننىڭ پىكرىمۇ ئورۇنلۇق ، ئەمما ئۇ ئادەملەر بىزنىڭ ئاغرىنىشىمىزغا ئەرزىمەيدۇ .
يېقىندا بىر دوستۇم تەگئات (فامىلە) تېمىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ، ۋە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان ئىدى .
مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرەي .
تورداشلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن .

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
330
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8351
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 22:17:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ فامىلە قوللانغىلى خېلى بولدى. ئەتراپىمدىكىلەرگىمۇ بۇ توغرىلىق تەلىم بېرىپ تۇرىمەن.

تىرىشچان ئەزا

دۈشمىنىمنىڭ دۇش

UID
5562
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1227
تىزىملاتقان
2010-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 05:11:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چەتئەلدە دائىم ئۇچىراپ تۇردىغان ، ھەم پەقەت خالىمايدىغان مەسىلە.
سۇئال :
ئسىمىڭىز نېمە : مەمەت
دادىڭىزنىڭ ئسىمى نېمە : سەمەت
فامىلىڭىز نېمە : سەمەت
مەن فامىلىڭىز دەۋاتىمەن دادىڭىزنىڭ ئسىمىنى ئەمەس ، بىزدە فامىلە يوق بىز دادىمىزنىڭ ئسىمىنى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىمىز .
نېمە نېمە نېمە ؟؟؟؟؟؟
پاسپۇرت ئالغانلار بىلىدۇ ، پاسپۇرتقا بىرىنجى قۇرىدا فامىلە ئىككىنچى قۇردا ئسىم .
شۇڭا دادىنىڭ ئسىمى ئالدىدا بىزنىڭ ئسىمىمىز ئارقىدا كىلىدۇ . مەسلەن سەمەت مەمەت
چەتئەلدە بىرەرسى ئىزىپ سىزنىڭ ئسىمىڭىزنى چاقىرىپ قالمايدۇ .
نەچچە قېتىم سەمەت سەمەت دەپ چاقىرسا ، خىيالىمدا يوق ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن . مەن ئەمەس چىغۋا دەپ كېيىن بىلىپ كەتتىم ، ئۇلار ئەسلى مېنى چاقىرۋىتىپتىكەن ...
بەزىلەر پاسپۇرت ئالغاندا باشتا ئۆزىنىڭ ئسىمىنى ئاندىن دادىسىنىڭ ئسىمىنى يازىدۇ ، بۇ چاغدا چاقىرشلاردا پەقەت ئازمايدۇ لېكىن توي قىلىپ بالىلىق بولغاندا بالسىىغا پاسپۇرت بىجىرسە بالسى بىلەن  ئاكا ئىنى مۇناسىۋىتىدە بولۇپ قالىدۇ .

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 10:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تۇغلاجان، بۇ تەشەببۇسنى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، بىراق سىز دەۋاتقان مەسىلىلەر ھەرگىزمۇ فامىلىنىڭ چاتىقى ئەمەس. بۇنى فامىلە قوللىنىش ياكى قوللانماسلىققا چېتىۋېلىشىڭىز قاملاشمىدى. مېنىڭچە ئۇ مەسىلىلەرگە يولۇقمىغان ئۇيغۇر ئاز بولسا كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەت مەسىلىسى. مېنىڭچە بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ساقچىخانىدىكى نوپوس خادىملىرىدىغۇ دەيمەن. ئۇلارنىڭ بەزى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى خەنزۇچىغا ئاغدۇرۇشى كۈلگىڭىزنى كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا غەزەبلەندۈرىدۇ..
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
  تەگئات مەسىلىسى بىلەن ئىسىملاردىكى خاتالىق مەسىلىسىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوقلىقى روشەن. بۇ ئىشلارنى تۈزۈتۈشتە، ئاۋال تەگئات قوللىنىش قانۇنى يوسۇندا ئەمەلگە ئاشسا، ئاندىن، مەن بۇ مۇنبەردە ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ. كۆپرەك ئۇيغۇرنىڭ مەنپەتىگە چېتىشلىق نوقتىدىن چىقىپ، بۇ مەسلىنى ئوتتۇرغا قويساق، تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ دېققىتىنى تارتارمۇ دېگەن ئۈمىدتە، مۇشۇ تەرىقىدە ئوتتۇرغا قويغان.
    مەن دەۋاتقان مەسىلە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلە دەپ قارايمەن. يېزىدىكى دېھقانلىرىمىزمۇ مۇشۇ مەسىلىگە يولىقىدۇ. شۇڭا،  بۇ مەسىلىنى تۈپ نېگىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاۋال تەگئات مەسلىسىنى ھەل قىلىش ناھايتتى مۇھىم. ئاندىن كېيىن، بۇ ئىشلار قانۇنى يوسۇندا يۈرگۈزۈلسە، ساقچىخانا خادىملىرىمۇ سەل قارىماس بولىدۇ.
     
يۇقىرىدا بىر نەچچە مۇنبەرداش بۇ ھەقتە كۆز- قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.  تېخىمۇ قىزغىن بولىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
   
      

UID
2531
يازما
91
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1111
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 13:25:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەگئات قوللىن ىش ئەلۋەتتە مۇھىم. لىكىن بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇس تارماقلىرى بىر تۇتاش يولغا قويمىسا تەكرارلىق(ئوخشاشلىق) كۆپ يۈز بېرىدۇ.

UID
7538
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2010-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 13:32:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم،ئۇيغۇردەك بىر مەدىنيەتلىك  مىللەتنىڭ ھازىرغا قەدەر تەگئات(فامىلە)ئىشلەتمەسلىكى بىر نۇمۇس ئىش.مىنىڭچە،بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،زىيالىلار باشلامچىلىق رول ئوينىسا،ھۆكىمەت ئۇرۇنلىرى قوللىسا،خەلىقمۇ تەگئات ئىشلىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلسا بولاتتى.

UID
18833
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 17:42:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم،ئۇيغۇردەك بىر مەدىنيەتلىك  مىللەتنىڭ ھازىرغا قەدەر تەگئات(فامىلە)ئىشلەتمەسلىكى بىر نۇمۇس ئىش.مىنىڭچە،بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،زىيالىلار باشلامچىلىق رول ئوينىسا،ھۆكىمەت ئۇرۇنلىرى قوللىسا،خەلىقمۇ تەگئات ئىشلىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلسا بولاتتى.

  پىكىرىڭىز يوللۇق، ئاۋال بىز بۇ مەسىلىنى مىكرۇ بىلوگلاردا، ھەر قايسى تور بىكەتلەردە كۆپلەپ تەشۋىقات قىلساق.  
     تەشۋىقات جەريانىدا بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇش چوڭقۇرلاشسا، ئاندىن بۇ نومۇسنى كۆتۈرۈپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن پوزىتسىيەنى توغىرلىشىمىز مومكىن.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 22:12:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىسىم ئاۋارچىلىقىغا كۆپ ئۇچىراپ ھازىر كۆنۈپمۇ قاپتىمەن . بىز  «قېرىنداش»لىرىمىزغا سىڭىپ كەتكەندە بەلكىم ھەل بولۇپ قالىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش