كۆرۈش: 1566|ئىنكاس: 4

نوشىرۋان ئادىلنىڭ سۇئال-جاۋابلىق ھېكمەتلىرىدىن تاللانما   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 20:37:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=center][نوشرۋان ئادىلنىڭ ۋەزىرى بىلەن قىلىشقان سۇئال-جاۋاپلىق ھېكمەتلىرىدىن تاللانما /align]



سۇئال:ئاللاھتائالادىن نىمىنى تىلەش كېرەك؟
جاۋاب:جاھاننىڭ ئاپىتىدىن ئەمىن بولماقنى ۋە ياخشىلىقنى تىلەش كېرەك.
سۇئال:ماڭىدىغان يول قايسىدۇر؟
خاۋاب:ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ھەممىدىن بۇرۇن بېجا كەلتۈرۈپ،ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىغا
رەھىم-شەپقەت قىلماقدۇر.
سۇئال:ئۆمۈرنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟
جاۋاب:خاتىرجەملىك،خۇرسەنلىك،كىشىگە ئازار بەرمەسلىك بىلەن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
سۇئال:ئۆمۈرنى نىمىگە سەرىپ قىلىش لازىم؟
جاۋاب:ئىلىم-ئەدەپ ۋە ھۆنەر كەسىپتە كامالەت ھاسىل قىلشقا سەرىپ قىلىش لازىم.
سۇئال:ئىلىمنىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
جاۋاب:ئىلىم ئوقۇغۇچى ئەگەر كەمبەغەل بولسا،نېنى بولۇر،كەمىينە بولسا،ئۇلۇغ ئەزىز بولۇر.
سۇئال:ھەقىقىي توغرا يولنى نىمە بىلەن تونىغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب:ئىلىمنىڭ نۇرى بىلەن تونىغىلى بولىدۇ.
سۇئال:دۇنيا دەپ نىمىنى ئېيتۇر؟
جاۋاب:ھەر نەرسە ئاخىرەتتە كارغا كەلسە،دۇنيا شۇدۇر.
سۇئال:ماڭىدىغان توغرا يولنىڭ روشەنلىكى نىمە بىلەن بولىدۇ؟
جاۋاب:ئۆز نەفسىگە غالىب بولۇش بىلەن بولىدۇ.
سۇئال:نەفسىگە نىمە بىلەن غالىب بولغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب:ئاڭا قارىشىلىق قىلىش بىلەن غالىب بولغىلى بولىدۇ.
سۇئال:ئىنساننىڭ ئابرويى نىمە بىلەن زىيادە بولىدۇ؟
جاۋاب:سۆزنى كەم قىلىش ،راسىت سۆزلەش بىلەن زىيادە بولىدۇ.
سۇئال:ھەممىدىن بۇرۇن ياخشىلىقنى كىمگە قىلىش كېرەك؟
جاۋاب:ئاتا-ئانىسىغا،بالىلىرىغا قىلىش كېرەك.
سۇئال:ھەممىدىن بۇرۇن يامانلىقنى كىمگە قىلىش كېرەك؟
جاۋاب:ئۆز نەفسىگە قىلىش كېرەك.
سۇئال:ئاللاھ تائالانىڭ رازىلقى نىمە بىلەن ھاسىل بولىدۇ؟
جاۋاب:ئاللاھ تائالانىڭ بويرىغان ئەمىرىلىرىنى قىلىپ ۋە ھەم ئاتا ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش
بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
سۇئال:ئاللاھتائالانىڭ دەرگاھىدا قايسى ئەمەل ياخشىراق ۋە مەقبۇلراقتۇر؟
جاۋاب:ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئىلىم ئۆگەتكەن ئۇستازىغا،ئۆزىنىڭ بالا-چاقا،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا
قىلغان ياخشىلىق مەقبۇلراقدۇر.
سۇئال:قايسى يامانلىق دەرگاھى ھەق ئالدىدا قاباھەتدۇر؟
جاۋاب:ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ھەققىدە دۇئايىبەد قىلىش(قارغاش)ۋە تاۋاباتلىرىغا زۇلۇم قىلىش
قاباھەتتۇر.
سۇئال:بەخىتلىك،ياخشى كىشىلەرنى نىمە بىلەن تونىغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب:ئىلىم تەلىپىدە بولسا،سېخى بولسا،ئوچۇق چىراي بولسا شۇنىڭدىن تونىغىلى بولىدۇ.
سۇئال:ھەممىدىن ياخشى ئىش قايسى؟
جاۋاب:ئۆلىمالارنىڭ،ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ مەجىلىسىدە بولۇپ،ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن بەھىرمەن
بولۇش ھەممىدىن ياخشىدۇر.
سۇئال؛ھەقنى تونىغان كىشى كىمدۇر؟
جاۋاب:ھەر كىشى ئاللاھنىڭ مەخلۇقىغا ئازار بەرمىسە شۇدۇر.
سۇئال:قانداق قىلغاندا كەم ئازارلىق ھاسىل بولىدۇ؟
جاۋاب:ئۆزىنى ھەممە جانلىق نەرسىدىن يامانراق تونۇپ،كەمتەر بولغاندا ھاسىل بولىدۇ.
سۇئال:مۇنداق ئۇلۇغ ئەخلاق نىمە بىلەن ھاسىل بولىدۇ؟
جاۋاب:ھەققانىي ئالىملارنىڭ ۋە ياخشى،ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ سۆھبىتىنىڭ بەركىتى بىلەن ھاسىل
بولىدۇ.
سۇئال:پېقىرلىقتا نىمىنى ئىختىيار قىلىش لازىم؟
جاۋاب:ئاللاھتائالانىڭ رازىلىقنى ئىختىيار قىلىش لازىم.
سۇئال؛ئاللاھتائالانىڭ ئېبادىتى تەرەپكە دىل قانداق قىلغاندا مايىل بولىدۇ؟
جاۋاب:قەبىرىستانلىقنى زىيارەت قىلىش بىلەن،ئۆلۈمنى ياد قىلىش بىلەن مايىل بولىدۇ.
سۇئال:دىلنىڭ روشەنلىكى نىمە بىلەن ھاسىل بولىدۇ؟
جاۋاب:دۇنيانىڭ ۋە دۇنيا مېلىنىڭ مېھرى-موھەببىتىنى كۆڭۈلدىن سۈپۈرۈپ تاشلىماق بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
سۇئال:دۇنيادا قانداق تۇرۇش لازىم؟
جاۋاب:خۇددى بىر كېچە قونۇپ،ئەتىسى كۆچۈپ كېتىدىغان مۇساپىردەك تۇرۇش لازىم،يەنى
ئېبادەتنى ھېلى ۋاپات بولىدىغاندەك ئالدىراپ تولۇق قىلىش لازىم.
سۇئال:ئادەمگە جاندىن ئەزىز نەرسە نىمىدۇر؟
جاۋاب:دىندار مۇسۇلمانغا جاندىن ئەزىز نەرسە دىنى ئىسلامدۇر،دىنسىزغا جاندىن ئەزىز نەرسە
پۇلدۇر.
سۇئال:كىشنىڭ ياخشى-يامانلىقنى نىمە بىلەن بىلگىلى بولىدۇ؟
جاۋاپ:ئالغۇ-بەرگۈ قىلىشماق بىلەن،قوشنىدارچىلىق قىلماق بىلەن،ھەمسەپەر بولۇش بىلەن
بىلگىلى بولىدۇ.
سۇئال:قايسى سۆزدۇركى ئۆزى راست بولسىمۇ يالغان كۆرىنەر؟
جاۋاب:قېرىغاندا ياشلىقىدىكى باتۇرلۇقنى سۆزلىسە،پىقىرلىق يەتكەندە باتۇرلۇقتىكى
ئەيىش-پاراغەت،راھەتنى سۆزلىسە يالغان كۆرىنەر.
سۇئال:دوستىنى قانداق تونىغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب:قاتتىق بىر ھاجەت چۈشكەندە تونىغىلى بولىدۇ.
سۇئال:مۇساپىرلىق ياخشىمۇ ياكى مۇقىملىقمۇ؟
جاۋاب:مۇساپىرلىق ئېقىن سۇنىڭ ھۆكمىدە،مۇقىملىق تۇرغۇن سۇنىڭ ھۆكمىدىدۇر.
سۇئال:گۇناھنىڭ دورىسى نىمىدۇر؟
جاۋاب:تەۋبە ئىستىغفاردۇر.
سۇئال:ئەھلى دۆلەت كىشىگە قايسى ئەمەل ياخشىدۇر؟
جاۋاب:ئاچ-يالىڭاچلارغا ئاش-ئوزۇق،كېيىم كېچەك بېرىپ ياردەم قىلىش ھەم
مېھمانلارنى ھۆرمەت قىلپ،ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ياخشى كۈتۈش ياخشىدۇر.
سۇئال:ۋەزىپىلەرنىڭ ئىچىدىن قايسىسىغا بەكرەك تىرىشىپ داۋام قىلىش لازىم؟
جاۋاب:ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زېكىر قىلش بىلەن ئۆلۈمنى كۆپ ياد قىلىشقا بەكرەك تىرشىپ داۋام
قىلىش لازىم.
سۇئال:رىزقى دېگەن نىمە؟
جاۋاب:ھەر نەرسىكى ساڭا يەتسە رىزقى شۇدۇر.
سۇئال:قاندق كىشىنى ھەر يەرگە بارسا خالايىق دوسىت تۇتۇپ ياخشى كۆرەر؟
جاۋاب:ئىلىم-ئەدەبكە ئېگە بولغان كىشىنى ياخشى كۆرەر.
سۇئال:ئۇخلىغان ياخشىمۇ ياكى بېدارلىق ياخشىمۇ؟
جاۋاب:زالىم پادىشالارغا ئۇخلىغان ياخشىدۇر،بىر سائەت بولسىمۇ خالايىق زۇلۇمدىن ئارام
تاپسۇن،ئادىل پادىشالارغا بېدارلىق ياخشىدۇر،تاكى زۇلۇم يەتكەن بېچارىلەرنىڭ
داد-پەريادىغا يەتسۇن.
سۇئال:كىمدۇركى ئۇنىڭ قانچە كۆپ ئەيىبى بولسىمۇ ئۇنى ھېچكىم ئەيىبلىمەس؟
جاۋاب:قولى ئوچۇق سېخى ئادەمنىڭ ھەر قانچە ئەيىبى بولسىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
سۇئال:كۆڭۈلدىكى غەم،ئىچ پۇشىغىنى نىمە يوق قىلىدۇ؟
جاۋاب:ئىككى نەرسە يوق قىلىدۇ.بىرى كۆڭلىدىكى زېرەك دانا خوتۇنى بولسا،يەنە بىرى ھەقىقي دوستلارنىڭ يۈزىنى كۆرۈش غەم،ئىچ پۇشىغىنى ئالىدۇ.
سۇئال:ئاقىل،دانىشمەن كىشى كىمدۇر؟
جاۋاب:دۇنيا ۋە دۆلەت يۈز ئۆرىگەن چاغدا مەيۈسلەنمىسە ۋە خاپا بولمىسا شۇدۇر.
سۇئال:ئالىي ھىممەت كىشى كىمدۇر؟
جاۋاب:ھەر كىشى ئاخىرەتنىڭ راھەت ۋە نىئمەتلىرىنى بەلەن ۋە يۇقىرى كۆرسە شۇ كىشىدۇر.
سۇئال:قانداق كېسەللەرنى دۇختۇرلار داۋالاشتىن ئاجىز كېلىدۇ؟
جاۋاب:ھاماقەتلىك،نەفىسى تەبىئەتلىك،نادانلىقدۇركى ئۇنىڭ دورىسى يوقتۇر.
سۇئال:قايسى ئىشنى قىلغاندا ئەھلى دۇنيانىڭ يامانلىقدىن ۋە پىتنىسىدىن ئامان تاپقىلى
بولىدۇ؟
جاۋاب:دوستلارغا ياخشىلىق قىلماق بىلەن.
سۇئال:ھاياتلىقتىن ياخشى،ئۆلۈمدىن يامان نەرسە نىمىدۇر؟
جاۋاب:ھاياتلىقتىن ياخشى نەرسە"ياخشى"دېگەن نامنى ئېلىش،ئۆلۈمدىن يامان نەرسە"يامان"دېگەن بەدنامنى كۆتۈرۈشتۇر.
سۇئال:ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتىدىن قايسى ئىش ياخشىدۇر؟
جاۋاب:ئاللاھتائالانىڭ رازىلىقنى تاپماق ياخشىدۇر.
سۇئال:ساغلام بەدەنلىك نىمە بىلەن بولىدۇ؟
جاۋاب:ئىشتىھايى سادىق كەلگەندە تائام يەپ،يەنە ئىشتاھاسى بار تۇرۇقلۇق تائامدىن قول
يىغماقلىق بىلەن بولىدۇ.
سۇئال:ھەقىيقى دوستۇڭ قايسىدۇر؟
جاۋاب:ئەيىبىڭنى ئۆزەڭگە تونۇتۇپ قويسا ۋە ياخشىلىقىڭنى،ھۈنىرىڭنى ئىزھار قىلسا دوستۇڭ
شۇدۇر.
سۇئال:ئىنسان قايسى ئەمەلنى قىلسا،خالايىقنىڭ كۆزىگە دوسىت ۋە ياخشىراق كۆرىنەر؟
جاۋاب:توغرا مۇئامىلە،خۇش ئەخلاق بولۇش بىلەن ھەممە كىشىگە دوسىت كۆرىنەر.
سۇئال:دۇنيانىڭ نىئمەتلىرىدىن نەچچە نەرسە خۇش،ياخشىدۇر؟
جاۋاب:سالىھ(ياخشى)پەرزەنىت،ھالالدىن بولغان دۆلەت،خۇش ئەخلاق،ۋاپادار،مۇلايىم خوتۇن ياخشىدۇر.
سۇئال:سادىق دوستنىڭ نىشانىسى نىمىدۇر؟
جاۋاب:كىمكى سېنى ياخشىلىققا بويرىسا،يامان يولدىن توسسا شۇدۇر.
ئىنسانغا شۇ لازىمكى،كېچە كىرگەندە بېشىنى تەكيىگە قويسا،شۇ كۈنى قىلغان
ئىش-ئەمەللىرىنى يادىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئېلىشى،ئەگەر ياخشى ئەمەل قىلغان بولسا ئاللاھقا شۈكرى قىلىشى ۋە ئەتىسى قىلىدىغان ياخشى ئەمەلىنى نىيەت قىلىشى،ئەگەر يامان  ئەمەللەرنى قىلغان بولسا،ئۆز نەفسىنى ئەيىبلىشى ۋە قاتتىق تەۋبە قىلىشى،ئىككىنجى مۇنداق گۇناھ بولىدىغان ئىشقا يېقىن يولىماسلىقى كېرەك.ھەقىيقەتتىن غاپىل بولماڭكى،تەپەككۇرسىز كىشى ئۆلۈك ھۆكمىدىدۇر.ئەگەر تىرىك بولسا ھەم ھەممە ئېبادەتلەردىن ئىلاھى مەرىپەتنى ھاسىل قىلماق ئەۋزەلدۇر.ھەرقانداق ئىش ئاۋال ھەق سۇبھاناھۇ ۋەتائالاغا ئىلتىجا قىلىش بىلەن باشلانسا ياخشىدۇر،ھېچقانداق ئىش ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز مەۋجۇت بولماس.بېئاراملىق ۋە راھەتنى باراۋەر كۆرۈش نەفسىنىڭ شاراپىتى جۈملىسىدىندۇر.


«ئەخلاق رىسالىسى»دىن

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
17695
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 21:30:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزدا خاتالىق باركەن  ئەڭ ياخشىسى قايتىدىن تەھرىرلىسىڭىز بولغۇدەك ،بۇنى بۇرۇن  مەنمۇ كۆرگەن ئىدىم .سىزدىكى خاتالىقمۇ ياكى مۇشۇ ئەسەردىكى خاتالىقمۇ بىلمىدىم .مەسلەن :14قۇردىكى
دۇنيا دەپ  نىمىگە ئېيتۇر ؟ بۇنىڭ  جاۋابىنى مەن بۇرۇن ئاخىرەتكە يارىمايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا دىيىلگەن .ئەمما سىز  بۇنىڭ ئەكسىچە يىزىپسىز.

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 22:32:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
munber يوللىغان ۋاقتى  2012-5-7 21:30
يازمىڭىزدا خاتالىق باركەن  ئەڭ ياخشىسى قايتىدىن تەھرى ...

سۇئال:دۇنيا دەپ نىمىنى ئېيتۇر؟
جاۋاب:ھەر نەرسە ئاخىرەتتە كارغا كەلسە،دۇنيا شۇدۇر.

مەن بۇنى پارىسچىدىن بېۋاستە تەرجىمە قىلغان مەنبەدىن ئالغان ئىدىم.
ھەر نەرسە ئاخىرەتتە كارغا كەلسە دۇنيا شۇدۇر.
ئاخىرەتتە بىز دۇنيادىن ھېساب بېرىمىز،دۇنيادىكى ئىش ئەمەللەر،ھەتتا نىيەتلىرىمىزگىچە ئاللاھقا مەخپىي ئىش يوقتۇر،شۇنداق ئىكەن بىزگە يەتكەن دۇنيا ھامان بىزنىڭ ئاخرەتتىكى ھەقىيقى پايدىمىزغا ياكى زىيىنىمىزغا كارغا كېلىدۇ،دېمەك ئاخرەتتە  زىيىنىمىزغا ياكى پايدىمىزغا كارغا كېلدىغان نەرسە يەنىلا دۇنيا،دۇنيا ئەمەللىرى بولىدۇ.بىز ئىنسانلار مۇشۇ دۇنيادا سىنىلىمىز ئەمەسمۇ.
شارائىت بارلار پارىسچە مەنبەلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسىاڭلار،ئەگەر راستلا خاتالىق بولسا تۈزىتىۋالساق.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 22:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ساقلىۋالدىم ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ رھمەت .

باھا سۆز

arzuyar  ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 16:00:31

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 22:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا - بىز ياشاۋاتقان ماكان ۋە زامان .
دۇنيا - بايلىق ، پۇل مال - دۇنيا .
قارىغاندا  بۇ يەردە سۆزنىڭ مەنىسىدە ئۇقۇشماسلىق كۆرۈلگەندەك قىلىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش