كۆرۈش: 2197|ئىنكاس: 6

مەنمۇ ياشاۋاتىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
37624
يازما
7
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 20:25:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياشاۋاتىمەن،يىرتقۇچ ھايۋان كەبى ئۆز يۈرىكىمنى يالماپ يۇتۇپ؛ مەن ياشاۋاتىمەن، سېسىق ئۆردەك  كەبى  كۆز يېشىمدا لەيلەپ، چۆكۈپ؛ شۇنداق، مەن ياشاۋاتىمەن، ئەڭ، ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ ئۇلۇغ، پاكىز روھىمنى، غورۇر-ۋىجدانىمنى ئاياغ ئاستىمدا پايخان قېلىپ. شۇنداق ، ئىنسان!  مەن ياشاۋاتىمەن، جىمى ئارزۇ- ئارمان، قايناق ھېسيات، غەيرەت- جاسارەت، ھەسرەت- نادامەت، بەخت-شادلىقىمنى ئەشۇ چەكسىز  قۇملۇق كەبى ئاددى  جىسمىمغا  ئۈنسىز كۆمۈپ. ئەجىبا، ياشاش شۇنداق بولارمىدى؟

شۇنداق، مەن ياشاۋاتىمەن،ئۆز گۆشۈمنى  ئۆزۈم يەپ، ئۆزۈمنى ئاجايىپ قامەتلىك بىلىپ؛ مەن ياشاۋاتىمەن، كۆز يېشىمنى ھايات جامىغا قۇيۇپ ئىچىپ، ئاجايىپ ھوزۇرلىنىپ؛ مەن ياشاۋاتىمەن ئۆزۈمنىڭ  قىپقىزىل  قېنىمنى  ئۆزۈم ئېچىپ ؛ ئەي، يارەنلەر، مەن ياشاۋاتىمەن، ئۆزەمنىڭ ئەرزىمەس چۈپرەندە ھاياتىمنى ئاجايىپ ئۇلۇغ بىلىپ. ئەجىبا، ياشاش شۇنداق بولارمىدى؟

شۇنداق، مەن ياشاۋاتىمەن  تولىمۇ مەغرۇر، يۈرىكىمنى دەسسەپ، تېلىپ ؛ مەن ياشاۋاتىمەن تولىمۇ ھالاۋەتتە، غورۇرۇمنى پۇلغا سېتىپ؛ شۇنداق، شۇنداق ، مەن  ياشاۋاتىمەن، دوستلار! ئىنسانغا خاس جېمى خىسلىتىمنى جەندە كەبى شۇ ئەرزىمەس تاۋار-دۇردۇنغا تېگىشىپ، ئۈچامغا ئارتىپ. ئەجىبا، ياشاش شۇنداق بولارمىدى؟

مەن يەنىلا ياشاۋاتىمەن، قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىنى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپ،  كۆزۈمگە قارا رەڭلىك ئەينەك تاقاپ؛  تەبىئەتنىڭ بۈيۈك ساداسى قۇلىقىمغا كىرىپ قالمىسۇن دەپ، قۇلىقىمغا نائۇشىك تىقىپ؛ قەدەملىرىمدىن گۈل- چېچەكلەر ئۈنۈپ قالمىسۇن دەپ، ماڭغان يولۇمغا تېكەن تېرىپ. ئېيىت، دوستۇم، ئەجىبا  ياشاش شۇنداق بولارمىدى؟

مەن ياشاۋاتىمەن، داۋاملىق ياشاۋاتىمەن . كىم  سۆڭەك تاشلاپ بەرسە، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچۈكلىنىپ، ئىتتەك قاۋاپ؛ مەن ياشاۋاتىمەن غوجام  كىمنى «ئالە، كىش،كىش» دېسە، شۇنى بىرىپ دەرھال تالاپ؛ مەن ياشاۋاتىمەن، ئەشۇ ئۆلگۈر، بالا تەككۈر نەپىس ئۈچۈن تاپان يالاپ. ئىيتە، دوستۇم، چاپسان، ئىيتە، ياشاش  شۇنداق بولارمىدى؟

مەن ياشاۋاتىمەن. يۈرەكسىز، روھسىز، قەلىبسىز، غايە، ئېتىقادسىز، ئارزۇ- ئارمانسىز؛ ھېچنىمە، ھېچنىمىسز... ھەتتا مەن تومۇرلۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنىنىڭ ئىسسىق قان ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن؛  كۆزۈمدىن تاراملاپ ئېقىۋاتقىنىنىڭ  كۆز يېشى ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشەنمەيمەن. چۈنكى مەندە يۈرەك، قان دېگەنلەر نە قىلسۇن... ئەجىبا، ياشاش شۇنداق بولارمىدى؟

مەن ياشاۋاتىمەن، ئەي، ئىنسانلار، جىمى ئادەملەر قاتارى ئىككى پۇتلاپ مېڭىپ، ھايۋان كەبى يەپ- ئېچىپ. سۆزلەۋاتقىنىم مېنىڭ سۆزۈم ئەمەس، ئاڭلاۋاتقىنىم  مېنىڭ ئاۋازىم ئەمەس ،  كۆرۈۋاتقىنىم مېنىڭ كۆرگىنىم ئەمەس. ھەي، ئىنسانلار، مەن شۇنداق ياشاۋاتىمەن، گۈر- گۈر كۆيەلمەي، بىقسىپ، تۈتەپ، كۆڭۈللەرنى غەش قىلىپ. ئەجىبا ياشاش شۇنداق بولارمىدى؟!

يۈرۈكۈمدە  ئوت كۆيىدۇ، لېكىن ئۇ مۇز بولۇپ قاتقان كۆكرەك قەپىزىمنىڭ ئۈستىگە لاۋا ئاتالمايدۇ. ئىچىمدە  دەريا- دەريا  مۇھەببەت لەڭ ئۇرىدۇ لېكىن ئۇ تاش بولۇپ قاتقان جىسمىمدىن تىشىپ ئۆتەلمەيدۇ. ھەي، ئىنسانلار، مەن شۇنداق ياشاۋاتىمەن، ھەممە ، ھەممىنى ئىچىمگە يۇتۇپ. شىر پادىشاھتەك  نەرە تارتقۇم بار، يولۋاس كەبى  ھۆركىرىگۈم بار، كۆك بۆرىدەك تاغ چوققىسىغا چىقىپ ھۇۋلىغۇم بار. ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن پىغانىمنى دېڭىز- ئوكيانلارغا تۆكۈۋەتكۈم بار، يانار تاغدەك پارتلىغۇم بار... لېكىن ئاۋازىمنى ئۈنلۈك چىقىرىپ بەكرەك ۋارقىراشمۇ قولۇمدىن كەلمەيدۇ.

شۇنداق، مەن ياشاۋاتىمەن. تاماق يەپ، نەپەس ئېلىپ، ئۇخلاپ، قوپۇپ، ئىشلەپ، ئارام ئېلىپ. ئەگەر مۇشۇلار ياشاش ھىسابلىنىدىغان بولسا، دوسىتلار مەن ياشاۋاتىمەن. بەكمۇ ياخشى ياشاۋاتىمەن، ئاجايىپ قالتىس ياشاۋاتىمەن...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 21:12  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
38349
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 23:09:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز . نەسرىڭىزنىنىڭ    كىشىلەرنىڭ  ئۆزىدىكى بۇ  خىل ئىللەتلەرنى تۇزىتىۋېلىشىغا ياردىمى بولسىلا بولدىغۇ .

UID
17664
يازما
146
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
716
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 01:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىز ئادەمنى چوڭقۇر ئۇيلارغا   سالىدىكەن ئەمەسمۇ،

UID
2016
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1155
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 12:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز!

UID
16850
يازما
195
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
645
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
128 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 16:58:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم كۈنلەرگە ئەگىشىپ ياشايدۇ. ۋاقىت ئادەمنىڭ بوينىدىن سۆرەپ كىتىۋېرىدۇ. ئادەمگە ياشاش قانداق ئۆگۈتۈلسە شۇنداق ياشايدۇ. ئادەم ھاياتى ئالدىدا مەجبۇرى ياشايدۇ. جىنىس پەرقىدىن باشقا ئادەملەرنىڭ ئىسمى، چىرايى ئوخشىمايدۇ، جىسمى ئوخشىمايدۇ، قۇربى ۋە تاللىشىغا بېقىپ تۇرمۇشى ئوخشىمايدۇ.
ياشاش مەنا ئىزدەشكە بۇيرۇلغان. ياشاش سىزنىڭ خىزمىتىڭىز، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمىسىڭىز خورلىنىپ قالىسىز.

UID
42690
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 02:25:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئىنسان بىشىغا مۇقەرەر كىلىدىغان تۇرمۇشتىكى ئاچچىق ئازاپلانى ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلېرىنى  ئىنتايىن ئىخچام ئوتتۇرغا  قۇيۇپسىز.قەلمىزنىڭ ئۈتكۈرلىكىگە ئاپىرىن .ئېگىمىز قۇلىڭىزغا دەرت بەمىسۇن.تېمڭىزنى  ئۇقۇپ كاللامدىكى بەزى گادىرماچ بۇلۇپ كەتكەن خىياللېرىم يېشىلىپ قالدى.رەھمەت  سىزگە!

UID
36604
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2012-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 17:49:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز،نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش