كۆرۈش: 4816|ئىنكاس: 17

ئۇيغۇرلاردا خاراكتېر ئالاھىدىلىك(مىللىيەت)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
500
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11761
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 22:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا خاراكتېر ئالاھىدىلىك(مىللىيەت)

تۇردى توختى

مەن ئۇيغۇر مەن ، ئۆز خەلقىمنى سۆيىمەن . ئۇنىڭ ماكان سەتھىدە تۇرغان قىياپىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن شەھەر - يېزىلار ، سەھرا - جىلغىلارنى كەزدىم . ئۇنىڭ زاماننىڭ داۋىنىدا تۇتقان ئوبرازىنى بىلىش ئۈچۈن قەدىم زاماندىن ھازىرغىچە ھەتتا كەلگۈسى يىللارغىچە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلدىم ، مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزدۈم . مەن بۇنى باشقىلارنىڭ بايقىۋېلىشى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى «ئاشىقنىڭ تەڭرى بىلەن قوشۇلۇشى» دەك ، ئۆز سۇبيېكتىپنى خەلقىمنىڭ ماكان - زامان قاپلاپ تۇرغان ھەقىقى قىياپىتى ئارقىلىق ئوبىكتىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەندىم{1} .
                                                                               _________ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

مۇقەددىمە

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئۈزۈن، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ،بەزى مەنبەلەرنىڭ ئېتىراب قىلىشىدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇرلار ئاز دېگەندىمۇ 4مىڭ يىلغا يېقىن، يازما مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە(قۇربان ۋېلى،ئىقبال تۇرسۇن،ئەھمەد زەكى ۋەلىدى...قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا ئوخشاش ئەمەس) ۋە.مۇشۇنداق ئۇزۇن يىللىق ياشاش جەريانىدا ئۇيغۇرلاردا باشقا مىللەت كىشىلىرىگە ئوخشىمايدىغان پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر(مىللەيەت)بارلىققا كەلگەن.يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت باسقۇچىدا تۇرۇش جەريانى ۋە كۆپ خىل دىننىي ئەقىدىلەرنىڭ قوللىنىلىشىدەك رىئالنى تارىخى مىللىتىمىزنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىگى(مىللىيەت)نى كۆپ خىل،مۇرەككەپلىككە ئىگە قىلىپ،مىللىتىمىزنىڭ مۇرەككەپ،كۆپ قاتلاملىق خاراكتېرىنى تاۋلاپ چىققان.
بۇ يەردىكى كۆپ خىل مەدىنىيەت باسقۇچىدا دېيىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەپ مىللىتىمىز كىشىلىرى-يايلاق مەدەنىيەت باسقۇچى(ئات ئۈستى مەدەنىيىتى)،تېرىم مەدەنىيەت باققۇچى(دېھقانچىلىق)،شەھەرلىشىش جەريانى قاتارلىقلارنى بېشىدىن بىۋاستە كۆچۈرگەن بولغانلىغى كۆزدە تۇتۇلسا،كۆپ خىل دىنغا ئېتىقات قىلىش جەريانى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىي،نېستورىيان دىنىي، ئاتەشپەرەسلىك،زوروئاستېر،بۇددا دىنىي،ئىسلام دىنىي...قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقات قىلغانلىقى ۋە يەنە خىرىستان،كاتولىك دىنىي... ئىدىيىلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا كۆپ خىل مەدەنىيەت باسقۇچلىرى،قەھرىمانلىق،چىداملىق،ئەقىل-پاراسەت،ئەمگەكچانلىق...
قاتارلىق خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ياراتقان بولسا،كۆپ خىل دىنلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئېتىقات قىلىش بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ يەمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەك،ئۆرپ-ئادەت،ناخشا-مۇزىكا...قاتالىق مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئۆزگىچىلىكنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. شۇنداقلا كۆپ باسقۇچلۇق،كوپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تارىخنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملىشىشىدا تۈرتكۈلۈك روللارنى ئويناپ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن.مانا مۇشۇنداق بەرداشلىق بېرىش كۈچى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىمىز(مىللىيىتىمىزنى) ئۆزگىچىلىكى ئىچىدە تاۋلاپ،ئۇيغۇر مىللىتى دېگەن مۇقەددەس نام بىلەن،مىللىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

مىللى خاسلىق
مۇقەددىمىسىدە كۆرسىتىلگەندەك،مىللىتمىزنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىك(مىللىيەت)مۇرەككەپلىككە،ئۆزگىچىلىكگە ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلەرگە يىغىنچاقلانغان.
1.بەرداشلىق بېرىش كۈچى يۇقىرى-مىللىتىمىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقىنى مىللىتىمىز تارىختىن ھازىرغىچە تۈرلۈك مۇرەككەپ ئۆزگۈرۈشلەر ۋە جاپالىق جەريانلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ،زامانغا ماسلىشىپ،ئۆزىنىڭ ماكانىنى ئاپىردە قىلىپ،زامان تېرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.بۇنىڭ مىسالى تارىخىدا يوقۇلۇپ كەتكەن مىللەتلەردۇر.بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى مىللىتىمىزدە كونكرېتنى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.
1)باتۇر-قەيسەر بۇلۇش-مىللىتىمىز يايلاق مەدەنىيىتى باسقۇچى بولمىسۇن ياكى تېرىم مەدەنىيىتىنى ياراتقان تارىخى شارائىتلاردا بولمىسۇن ئۆزىنىڭ باتۇر مىللەتلىك خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ،مىللەتلەر ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە بولۇپ كەلگەن.مىسالى:ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قېلىش ،ئاتىللاھنىڭ ياۋروپاغا بۆسۈپ كىرىشى...قاتارلىق ۋەقەلەر.
2)چىدامچانلىق-ئۇيغۇرلار يەنە زامانغا ماسلىشىش جەريانىدا،زامان بىلەن بىرگە مېڭىشتەك قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەۋرى-تاقەت،چىدام-غەيرەتكە تايانغان.ئۇلار تۈرلۈك قىسمەتلەرگە چىداش،ئۇنى يېڭىش بىلەن بىرگە بۇ قىسمەتلەرنىڭ چوقۇم ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ،ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مىللەت روھىنى ساقلاپ كەلگەن،مىسالى:مىللىتىمىز غەيرەتسىزلىك تۈپەيلىدىن قانداقتۇر بىر مىللەتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ئەمەس.
3)ماسلىشىشچانلىققا ئىگە-مىللىتىمىز چىدام-غەيرەتكە ئىگە بولغاندەكلا،يەنە شارائىتقا ماسلىشىشچانلىقتەك خاراكتېر پەزىلىتىگە ئىگە بولغان،ئۇلار <<ماسلاشقانلار ياشايدۇ،ماسلىشالمىغانلار ھالەك بولىدۇ>>دېگەن ھەقىقەتنى تۇنۇش يىتىپ،ھەرقانداق شارائىتقا ماسلىشىپ،ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مېلودىيىسىنى ئۈزۈلدۈرمەي ياڭراتقان.مىسالى :ھازىر ئۇيغۇر مىللىتىڭ مەۋجۇتلۇقى.
4)ئەمگەكچانلىقى-مىللىتىمىز ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىككى بۆلىكىگە تايىنىپ ياشاپ كەلگەن مىللەت.مىللىتىمىز ئەمگەك بىلەن ھاياتلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تاناسىپلىق ھالەتتە چۈشىنىپ يىتىپ،ئۆزىنىڭ،ئەۋلادىنىڭ ھاياتلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.مىسالى ئەجدادلىرىمىز«ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر،يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر»دېگەن ھېكىمەتنى بىزگە قالدۇرغان.
2.قانداشلىق قارىشى كۈچلۈك-مىللىتىمىز،ياشاش،تەرەققى قىلىش جەريانىدا قانداشلىقىنى ئاساسى چىقىش نوقتىسى(يادرو) قىلىپ،مىللەتنى سۆيۈش،مىللىتىنى ئۇلۇغ بىلىشتەك روھى ھالەتنى(ئاڭ) يېتىلدۈرگەن.
1)نىكاھنى ئۇلۇغلاش-مىللىتىمىز قەدىمدىن ھازىرغىچە قانداشلىقنى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسى قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مىللەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى نىكاھنى ئۇلۇغلاش،نىكاھدىكى ھالال-ھارام چۈشەنچىسىگە بولغان ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ،نىكاھ ئارقىلىق مىللەتنىڭ نەسلىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن ھەم نىكاھ ئارقىلىق قاننىڭ ساپلىقىنى،مىللەتنىڭ پاكلىقىنى قوغداپ كەلگەن.شۇنداقلا نىكاھ ئارقىلىق قانداشلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ تەكەممۇللاشقان.مىسالى:نىكاھدىكى پەرھىزلەر...
2)ئائىلە-ئۇيغۇرلار ئائىلىنى مۇقەددەس بىلىدۇ،ئائىلە ئارقىلىق نۇرغۇن ناشايان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇنداقلا ئائىلە ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىدۇ،ئائىلىنى ماكانىم،ياشاشتىكى مۇھىم شەرت دەپ چۈشىنىدۇ.ئائىلە ئارقىلىق نەسىل قالدۇرىدۇ،ئاۋۇيدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئائىلە- نىكاھ ۋە قانداشلىقنىڭ مەسئۇلى.چۈنكى ئائىلە قانداشلار ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھاببەتنى كۆكلىتىدىغان باغچىدۇر.مىسالى:ھەر بىرىمىزنىڭ ئائىلىسى.
3)پەرزەنت-ئۇيغۇرلاردا پەرزەنتىگە بولغان چۇڭقۇر كۆيۈنۈش،ئۆمۈرى ئۆتكۈچە پەرزەنتى ئۈچۈن قايغۇرۇش،پەرزەنتلىك بۇلۇش ۋە پەرزەنتىنى ئۇلۇغلاشتەك خاراكتېر ئالاھىدىلىك گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.بۇ تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ قېنىنى ئۇلۇغلاشتەك غۇرۇر چۈشەنچىسىنى ئاتا-ئانىلاردا يېتىلدۈرگەن.مىسالى :ھەر-بىر ئاتا-ئانا
4)ئۇرۇق-جەمەت-مىللىتىمىز قانداشلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا،ئۇرۇق -تۇققانچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇق-جەمەت پالىيىتىنى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ،ئۆزىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بىرى-بىرگە يەتكۈزگەن،شۇ ئاساستا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشنىڭ ھەقىقى تارىخىنى ئەۋلادلىرىغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان.مىسالى:مىللىتىمىزدىكى جەمەت سۈرۈشتۈرۈش ئادىتى ۋە ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئۇرۇق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھۆكۈم.
3.مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ئېنىق-مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ئۈستىدە توختالغاندا مىللىتىمىزنىڭ ھەم ماددىي جەھەتتىن،ھەم مەنىۋى جەھەتتىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئورتاق تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
1)ماددىي مەدەنىيەت-مىللىتىمىز ياشاش جەريانىدىكى ئۇزاق تارىخىي مەزگىللەردە ماددىي جەھەتتىن نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىش،مەسىلەن:بۇغداي،تېرىق،بېدە...قاتارلىقلارنى تېرىشنى بىلىش،ئېكىنزارلىقلارنى ئېچىش،سۇ قۇرلىشى قىلىش..زېمىننى ئۇلۇغلاش،بىزگە ھاياتلىقنى زىمىن بېرىدۇ دەپ چۈشىنىش...شۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش شارائىتىنى يارىتىش ئارقىلىق،ھاياتلىقنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
2)مەنىۋى مەدەنىيەت-بۇ مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە -ئەخلاق جەھەتتىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە قارىتىلغان.مىللىتىمىز ياشاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەريانىدا دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتتىن كام نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن ئەمەس.
بىرىنچىدىندىن:مىللىتىمىزنىڭ ئىجادچانلىق روھى باي-مىللىتىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى يۇقىرى.مىسالى:«خوتەن قەغىزى(سەيلون قىزىدىن 400يىل ئىلگىرى)،ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى،ئۇيغۇر مەتبەچىلىك»[2]...فارابىنىڭ پەلسەپە سېسىتمىسى،مەخمۇت قەشقەرنىڭ سېلشتۇرما تىل شۇناسلىق دىداكتىكىسى-تۇركى تىللار دىۋانى،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەقىل-پاراسەت داستانى قۇتاتقۇ بىلىك...سەنئەت ساھىسىدىكى  بىباھا گۈھەر 12مۇقام ...قاتارلىقلار.
ئىككىنچىدىن:ئەخلاقى پەزىلىتى -بىزدىكى چوڭ-كىچىك،ئەر-ئايال،ئاتا-بالا ئارىسىدكى ھۆرمەت-ئىززەت،مېھرى-شەپقەت ،كۆيۈنۈش...ۋە جەمئىيەتتىكى ياخشى- يامان قارىشى، بىزدىكى ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
ئۈچىنچىدىن:ئۆرپ-ئادەتتىكى خاسلىق-مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى روشەن خاسلىققا ئىگە بۇلۇپ،باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.مىسالى:ئۆلۈم-يىتىم،توي-تۆكۈن،يەمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەك،يۈرۈش-تۈرۈش...ئادەتلىرىمىز.
تۆتىنچىدىن:يېزىق مەدىنىيىتىمىز-مىللىتىمىز باشقا مىللەت خەلقلىرىگە ئوخشاشلا نەچچە مىڭ يىللىق يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە.يېزىشىمىز ئىخچام،ئىپادىلەش كۈچى كەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە ئۇ ئەقلى-تەپەككۈر تىپىغا تەۋە يېزىق بۇلۇپ،تەسۋىرىي يېزىقلاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.مىسالى:ئۇيغۇر يېزىشىمىز.
4.جىسمانى ساپاسى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمىي گەۋدىسىنىڭ جىسمانى ساپاسى يۇقىرى مىللەت.ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بەدەن كۈچى يۇقىرى،بويى ئىگىز،گەۋدىلىك،ھەرىكىتى چاققان،ئۆمۈرى ئۈزۈن پالۋان سۈپەت كىشىلەر ئىكەنلىكى بىزگە سىر ئەمەس.بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ:
1)قان ساپ-ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن -ھازىرغىچە يات قوۋملارغا،بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە قىز چىقىرىشى قەنتىنى چەكلەنگەن،قىز ئېلىشى بولسا ئەركىنلىككە ئىگە بۇلۇپ،بۇنداق قاتتىق نىكاھ تۈزىمى مىللىتىمىزنىڭ قېننىڭ ساپ بولۇشىنى،ئۇرۇقنىڭ ساپ بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2)يەمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى پاكىزلىق-مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرى ئىچىدىكى يەمەك ئادىتى قاتتىق چەك ئاستىغا ئېلىنغان بۇلۇپ،نېمىنى ئىستىمال قىلىش،نېمىنى ئىستىمال قىلماسلىق،خام يېيىشنى چەكلەش(گۆش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى)...تەك ئادەتلىرىمىز بىر جەھەتتىن كىشىلىرىمىزنى جىسمانى جەھەتتىن قاۋۇل بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتكە پاكىز ئەقىل ئاتا قىلغان.
3)جۇغراپىيىلىك شارائىت-مىللىتىمىز تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلىپ تۇردىخان،ياشاش شارايىتى بىر قەدەر مۇشەققەتلىك بولغان ئورۇنغا جايلاشقان بولغاچقا ،شارائىتقا ماسلىشىشتىن ئىبارەت بۇنداق قىيىن جەريانمۇ ،كىشىلىرىمىزنىڭ بەدەن سۈپىتىنى بەرگۈلۈك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن،كۈن نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىمۇ بۇنىڭغا بەرگۈلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بۇلىشى مۇمكىن(بۇ نوختىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ)
5.كەڭ قوساق ،مېھماندوست-مىللىتىمىزنىڭ كەڭ قوساق،مېھماندوست بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى باشقا مىللەتلەر ۋە ئۆزىمىز تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ چىققان ھەقىقەت.بۇ نوختا ئارتۇقچە مۇلاھىزە تەلەپ قىلمايدۇ.
6.نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك-مىللىتىمىز شەرمىھايالىق مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەربىر ئەزاسىغىچە نۇمۇس ئېڭى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان مىللەت
1)گۈزەللىك ئېڭى يۇقىرى-مىللىتىمىزنىڭ مەيلى ئەخلاقى پەزىلەت جەھەتتىكى بۇلسۇن،مەيلى تەبىئەت چۈشەنچىسىدىن بولسۇن گۈزەللىك تۇيغۇسى كۈچلۈك،ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق بولۇشتەك،قىسقىسى رەزىللىكدىن يىرگىنىشدەك پىسخىكىسى ئۇلاردا گۈزەللىك ئېڭى بىلەن نۇمۇس چۈشەنچىسىنى ياراتقان.مىسالى مىللىتىمىزدىكى رەزىللىكلەرگە بولغان ئېنىق پوزىتسىيە،دەل ۋاقتىدىكى ئىنكاسلار.
2)شەرمىھايالىق بۇلۇش-مىللىتىمىزنىڭ يەنە بىر گۆھەردەك خاراكتېرى شەرمىھايالىق بولۇشتا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.مىللىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ئادەتلىرى كىشىلىرىمىزنى شەرمىھايالىق بۇلۇشقا ئۈندەيدۇ.مىللىتىمىز كىشىلىرى ئىچىدە كىچىككىنە قايدىسزلىك كۆرۈلسىمۇ شۇ ئۇرۇق نومۇستىن قاتتىق ئازابلىنىدۇ،بۇنداق پۇزۇتسىيەلەرمۇ مىللىتىمىز كىشىلىردىكى نۇمۇس چۈشەنچىسىنى كۈچەيتكەن.مىسالى: مىللىتىمىز ئىچىدىكى چوڭچىلىقنى نۇمۇس بىلىش،ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى شەرمىھايا...قاتارلىقلار
3)ئەتراپ چۈشەنچىسى-ئەتراپ چۈشەنچىسى-شۇ كىشىنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بولغان تۇنۇشى ۋە ھۆرمىتىنى كۆرسىتىدۇ.مىللىتىمىز ئۆزىنى ئويلىغاندا ئەتراپىنى ئويلاشتەك ئەنئەنىگىمۇ ئىگە بۇلۇپ،<<ھەممە ئىشتا مەندۇرمەن>>دىگەندەك نۇمۇسىزلىقتىن قەنتىنى ساقلىنىدۇ.ئۆزىنىلا ئويلاشنى،ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا چىقىش قىلىشنى،ئەتراپتىكىلەرنى ئويلىماي،ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشنى نۇمۇس بىلىدۇ.مىسالى:باشقىلارنىڭ ئالدىدىلا ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش ئادەتلىرىمىز.
7.ئەجدادىدىن پەخىرلىنىش ئىدىيىسى كۈچلۈك-ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئەجدادىدىن ۋە ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىردىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بۇلۇش نورمالنى مەسىلە.شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىتىمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەجدادىدىن ۋە مەدەنىيەت مىراسلىردىن باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا پەخىرلىنىدۇ،ئۇلارنى ئۇلۇغلايدۇ،ئۇلارغا تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرىدۇ،ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىدۇ.مىسالى:مەخمۇت قەشقىرى...قاتارلىق پەيلاسوپلىرىمىز،مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىمىزدەك بۆيۈك بايلىقلىرىمىز.
8.يۇرت، ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭى-مىللىتىمىزدە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىننى بۆيۈك بۈلۈش،ئۇلۇغلاش،قوغداش ئىستىكى ئەلمىساقتىن تارتىپلا مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەن.ئۆزىنىڭ گۈزەل يۇرت-ماكانى،ۋەتىنى باشقىلارنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغاندا قان كېچىپ كۈرەشلەرنى قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن بۇ ئۇلۇغ زېمىنى قوغدىغان.مىسالى: مىللىتىمىزنىڭ ئانا يۇرتنى قوغداش جەريانىدىكى كۈرەشلىرى.
9.ئاسان ئۇيشالايدۇ،مىللەت چۈشەنچىسى كۈچلۈك-مىللىتىمىز كىشىلىرى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مىللەت،جەمەت،ئۇرۇق چۈشەنچىسى ئېنىق كىشىلەردىن بولغانلىغى ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى چۈشىنى،مىللەتنىڭ ئوبرازىغا بولغان تۇنۇشى يۇقىرى بولغان،مىللىتىمىزنىڭ ئۇمۇمىي گەۋدىسى بالاھى-قازالارغا يولۇققاندىمۇ ئۇلار قۇمدەك چېچلىپ كېتىشتەك ھالەتتىن ساقلىنىپ،ئۆزىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ساقلاپ،قانداقلا قىسمەت بولسا بىللە كۆرۈشتەك ئىسىل ئەنئەنىنى ساقلىغان.ھەم مىللەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە خەۋەر تاپسىلا يىغىلىپ،ئۆزىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى قوغداپ ،مىللەتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاياغ-ئاستى قىلىنىشىغا يول قويمىغان.مىسالى 840يىلدىكى زور كۆچۈش...،رۇسلارغا،مانجۇلار ...قارشى كۈرەشلەر.
10.قىزىق قان ،ھېسسىياتچان-مىللىتىمىز كىشىلىرىدە قىزىق قانلىق،ئۆزىنى باسالماسلىق،مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ھىسسىياتقا بىرىلىش،پاكىتىنى چوڭ بىلمەسلىكدەك پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىمۇ گەۋدىلىك بۇلۇپ،بۇ مىللىتىمىزنى كىشىلىرىنىڭ سوغۇق قان بۇلۇش خاراكتېرىنى سۇسلاتۇرۋاتقان.مىسالى:مىللىتىمىزدىكى مەسىلىنىڭ جەريانىنى ھېسابقا ئالماي شۇ چاغدىكى ھالىتىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتەك ھەرىكەتلىرى
11.كۆرەلمەسلىك-مىللىتىمىزدە يەنە بىر-بىرنى كۆرەلمەسلىك،بىرى-بىرىگە شوتا بۇلۇپ بەرمەسلىك،بىرنىڭ پېيىدە-يەنە بىرى بۇلۇش،بىرى ئىنكار قىلغاننى ئىككىنچى بىرى ئىنكار قىلالماسلىق...ھازىرقى زامان كىشىلىرىمىزدىكى يەنە بىر پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.
12.ئۆزىگە سوس،باشقىلارغا قىزغىن بۇلۇش-مىللىتىمىز كىشىلىرى ئادەتتە ئۆزىگە بىپەرۋا،باشقىلارغا قىزغىن،باشقىلارنى چوڭ بىلىشتەك رېئاللىقنى شەكىللەندۈرۈپ،مىللىتىدىن بولغان كىشىلەرنى <<يېقىندىكى موللا>>باشقىلارنى<<داموللا>>بىلىشتەك،تەتۈر تاناسىپلىق پىسخىكىلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.مىسالى:ھازىرقى رىئاللىقىمىز.
13-دورامچان (دورامچى)-مىللىتىمىز كىشىلىرى ئىچىدە يانا باشقىلارنى قارىغۇلارچە دوراپ،ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىش خاھىشىنى روشەن ئىپادىلىگەن ،بىر-بىرنى قارىغۇلارچە دوراش خاھىشلىرمۇ بەرگۈلۈك نىسبەتتە باش كۆتۈرگەن.بۇ ھال مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ نېمىنىڭ تەرەققىيات،نېمىنىڭ ئەنئەنە،بۇ ئىككىسىنى قانداق قىلىپ،ئىجادى بىرلەشتۈرەلەيمىز دېگەنگە ئوخشاش ئەقلى تەپەككۈر قىلىشىنى  بۇغۇپ قويغان.مىسالى:كىيىم-كىچەكلىرىمىز،يۈرۈش-تۇرۇشلىرىمىزىدىن ۋاز كىچىشلەر...
14.چوڭ سۆزلۈك-مىللىتىمىز كىشىلىرىدە ھاياجانغا بېرىلىپ،ئەمىليەتتىن ھالقىغان،ئەمىليەتكە ماس كەلمەيدىغان قۇرۇق پولارنى بازارغا سالىدىغان،گەپنى چوڭ،يالغان قىلىپ قۇيۇپ،ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشتەك مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالالماسلىقتەك قۇرۇق سۆلەت پىسخىكا ئالاھىدىلىكىمۇ روشەن.مىسالى:كىشىلىرىمىزنىڭ نازۇك خەۋەرلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى.
15.راھەتپەرەسلىك-مىللىتىمىزدە راھەت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان،ئارزۇغا يىتىش جەريانىدىكى جاپا-مۇشەققەتتىن قورقىدىغان يېڭى يېتىلگەن پىسخىكا باش كۈتۈرۈپ،ئارىمىزدا خېلى سالماقنى ئېگەنلىيەلەيدىغان يۈزلۈنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.مىسالى:كىشىلىرىمىز ئارىسىدىكى ۋايساشلار.
16.كۆز ئالدىدىكى مەنپەتنى چوڭ بىلىش-مىللىتىمىز ئىچىدە كۆز ئالدىدىكى مەنپەت بىلەن ھىساپلىىشىپ،كەلگۈسى مەنپەتكە كۆڭۈل بۈلمەيدىغان،بۇگۇننى ئويلاپ،ئەتە ئۈچۈن بىپەرۋا بولىدىغان پىسخىكىلىق ھالەتلەرمۇ گەۋدىلىك.مىسالى:<<ئەتىكى قۇيرۇقتىن ،بۇگۈنكى ئۆپكە ياخشى>>،بىر كۈن ئۆتسە،بىر كۈنگە ھىساب...دەيدىغان ئىدىيەلەر.
17.قانائەتچانلىق-مىللىتىمىز ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ،كەلگۈسى تەرەققىياتىنى،تېخىمۇ ياخشى شارائىتلارغا ئېرشىشىنى ئويلىماسلىقتەك تۇرغۇنلۇق پىسخىكىسىمۇ ساقلانغان.مىسالى مىللىتىمىز كىشىلىرى ئارىسىدىكى شۇككۈرى قىلىش ئىدىيىسى.
18.تەقدىرچىلىك-مىللتىمىزدە يەنە ۋەقە-ھادىسىلەرگە نىسبەتەن تەقدىرچىلىك ئىدىيەسىمۇ كۈچلۈك بۇلۇپ،ۋەقە-ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى سۇرۇشتۇرماسىتىن ئاقىۋەتنى  خۇداغا يۈكلەپ قۇيۇشتەك تەقدىرچىلىك ئىدىيىسى شەكىللەندۈرگەن،بۇ ھال مىللىتىمىزنىڭ ئالغا بېسىشىغا توسالغۇ بۇلۇپ،مۆمۈنچىلىك ئىدىيىسىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ.خۇدا ئادەمگە ئەقىل-پاراسەت،تەپەككۈر قىلىشلارنى نىممەت قىلىپ بەرگەن. بىز مۇشۇ نىممەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساق،ئەلنى ھەم خۇدانى رازى قىلالايمىز.مىسالى:مىللىتىمىز ئىچىدىكى<<تەقدىرى شۇنداق ئىكەن>>دېگەن قاراشلار


خاتىمە
1.ماقالە دەسلەپكى ئىزدىنىشىم بولغانلىغى ئۈچۈن،بىر تەرەپلىمىلىك ۋە دوگمىلىقتىن خالى ئەمەس.
2.ماقالىدا كەلتۈرۈلگەن مىساللار ئابىستىراكىتنى مىساللارغا ئىزاھ بېرىلمىدى،بۇنداق يېزىشىمدىكى سەۋەپ،قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە ئويلىنىشقا بوشلۇق قالدۇرۇش ۋە مىللىتىمىز پىسخىكىسى ئۈستىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىزدىنىشكە دالالەت قىلىش.
3.مىللىتىمىزنىڭ پىسخىكا ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى 18نۇقتىغا يىغىنچاقلاندى.
1)بەرداشلىق بېرىش كۈچى
.2)قانداشلىق چۈشەنچىسى.
3)مەدەنىيەت ئېڭى.
4)جىسمانى ساپاسى
.5)كەڭ قوساق،مېھماندوستلۇق
.6)نۇمۇس تۇيغۇسى
7)ئەجدادىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى
8)يۇرت-ۋەتەننى سۆيۈش
9)ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مىللەت چۈشەنچىسى
10)قىزىق قان، ھىسىياتچانلىقى
11)كۆرەلمەسلىك
12)ئۆزىگە سۇس،باشقىلارغا قىزغىن بۇلۇش
13)دورامچان(دورامچى)
14)چوڭ سوز
15)راھەتپەرەس
16)كۆز ئالدىدكى مەنپەتنى چوڭ بىلىش
17)قانائەتچان
18)تەقدىرچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك
مىللىتىمىزدىكى بۇ خاراكتېر ئالاھىدىلىكلەر ئىچىدە پەزىلەت تىپىدىكىلىرمۇ،كەمچىلىك تىپىدىكىلىرىمۇ،مۇرەككەپ ئارلاشما تىپىدىكى ئالاھىدىلىكلەرمۇ ئوتترىغا قۇيۇلغان ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نوختىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ،ئويلىنىپ كۈرۈشۈڭلارنى ئۆتىنىمەن.
ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ماقالىنى يەڭگىل بايان قىلىشقا تىرىشتىم،ماقالىدىكى قاراشلار ئۆزەمنىڭ تەجىربەلىردىن كەلگەن شۇڭا ئۆزەمگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:


ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتئىمنىنىڭ<<يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت>> دېگەن ئەسىردىن[1]
<<ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتلىرى>> دېگەن ماقالىدىن«2»

(ئۆز يازمام)


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
25814
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2012-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 10:52:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى ئابدۇرىھىم ئابلەتىخان ئىسىملىك بىرىنىڭ بىلوگىدا يازمىلىرىنى ئوقوپ مللىتىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىگى ۋە بەرداشلىق بىرىش كۈچىگە ئايىت مەزمۇنلارنى ئوقوغان ئىدىم.دىمىسىمۇ مىللىتىمىزنىڭ مىللى ئالاھىدىلىگى ۋە بەرداشلىق بىرىش كۈچى، يۇقارقدا سۆزلەنگەن ئالاھىدىلىك ۋە نوقسانلار تىخىمۇ رۇشەن ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.
تورنىڭ  مەيدانغا كىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تەرققىياتىدا كۆۋرۈكلۈك ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى كاتالىزاتۇرلوق رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.تورنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىخىمۇ ئوموملىشىشى بىزنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئاكتىپ  رول ئويناۋاتىدۇ،ھەر قايسى رايون ۋە مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولىشى مومكىن ئەمما بىزلەر ئۈچۈن ئىجابى رولى ئۇلارغا سىلىشتۇرغاندا ئالەمشۇمۇل بولىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.يىغىپ ئىيتقاندا ئۇيغۇر جەمىيتىدە تور،مۇنبەرلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى مىللىتىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئويناۋاتىدۇ ۋە ئوينىغۇسى....

UID
22104
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 14:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي...

UID
37589
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 16:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە بەك ياخشى يېزىلىپتۇ!

UID
2847
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-10
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۇيىدە بۇگۈن ئۇسسۇزلۇققا قاندىم.قەلەمكەش ھارمىغايسىز!

UID
28222
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 20:42:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەت ئۈستىدە ئەتراپىلىق ئويلىنىپسىز ،ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر .بىزدىكى كۆرەلمەسلىك ئۇيۇشۇشچانلىقىمىزغا سەلبى تەسىر كۆرسەتسە .دورامچانلىقىمىز -مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭى،نۇمۇس تۇيغۇسى
،ساپ قانلىقى قاتارلىقلارغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ .ئەجداتتىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ،تەقدىرچانلىقى بولسا ئالغا ئىنتىلىش ،يېڭىلىق يارتىشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ .ھەربىر ئۇيغۇر مىللەت ئۈستىدە مانا مۇشۇنداق پىكىر يۈرگۈزدىغانلا بولسا ئىشنىمىزكى نەچچە مىڭ يىللىق بۇران -چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ بۇگۈنگە كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى تارىخ سەھنىسىدە مەڭگۈ نۇر چاچقۇسى !
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر !

UID
6825
يازما
500
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11761
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 19:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ پىكىر بەرگەن قېرىنداشلارنىڭ ياخشى باھالىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە تەشەككۈرلىرىمىنى بىلدۈرىمەن،شۇنداقلا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيىدىكى بارلىق تورداشلارغا سالاملار يوللايمەن

UID
36784
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 23:58:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
36784
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 00:53:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
6825
يازما
500
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11761
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:10:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Sakyan
ياخشىمۇ سىز؟
مىللىتىمىزنىڭ خارەكتىرى توغرىسىدىكى بۇ يازمىغا قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،يازمىنىڭ مەزمۇننىڭ تېخىمۇ موللىشىشىغا ئەجرى قىلغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم.سىز دىگەندەك بۇ توغرىسىدىكى قاراشلارنى ئىپادىلەيدىغانلار كۆپ بولسا،ھەقىقى مىللەت خارەكتىرى ئەكىس ئەتكەن ياخشى بىر ماتىريالنىڭ مەيدانغا چىقىشىدىن ئۈمۈت بار ئىدى.ھەم بۇ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۈزىنى تەكشۈرىشىدىكى بىر ئۈلگە بۇلۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ يوق ئەمەس ئىدى.بىراق بۇ ئۈچۈن قىزىقىدىغانلار بىز ئويلىغاندەك كۆپ ئەمەس ئىكەن،ئىشىنىمەنكى مىللىتىمىز چۇقۇم ئۈزىنى -ئۈزى تۇنۇش يۇلىدا ئىزدىنىدۇ.
سىزگە سالاملار بولغاي!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش