تەقدىر بىلەن ئامەت
”تەقدىر“ ۋە ”ئامەت“ ئىسىملىك ئىككى كىشى ئۆتكەن بولۇپ، بىر كۈنى ئىككىسى ماشىنىدا سەپەرگە چىقىپتۇ، ئەمما يېرىم يولدا ماشىنىسىنىڭ مېيى تۈگەپ قاپتۇ. ئۇلار قاراڭغۇ چۈشۈشتىن ئىلگىرى پىيادە مېڭىپ يولىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ مەنزىلگە يىتەلمەپتۇ، تەقدىر ئامەتكە ئاۋال ئۇخلاپ ئەتە ئەتىگەن مېڭىشنى ئېيتىپتۇ. تەقدىر دەرەخ ئاستىدا، ئامەت بولسا يول ئوتتۇرىسىدا ئۇخلىماقچى بۇپتۇ. تەقدىر ئامەتكە ”ئۆلەي دەمسەن، ماشىنا كېلىپ سېنى بېسىۋېتىشى مۇمكىن“ دەپتۇ، لېكىن ئامەت ”يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتسام، ماشىنا كەلسە مېنى كۆرۈپ بىزنى ئېلىۋېلىشى مۈمكىن“ دەپ تۇرىۋېلىپ، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا يېتىپتۇ، تەقدىر بولسا دەرەخ ئاستىدا يېتىپتۇ.
ئارىدىن تەخمىنەن بىر سائەت ئۆتۈپ، تېز ماڭغان چوڭ ماشىنىنىڭ شوپۇرى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرسىنىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپ ماشىنىسىنى توختىتىشقا ئۈلگۈرەلمەي، رولنى قايرىغان پىتى يول ياقىسىدىكى دەرەخكە ئۇسۈپتۇ-دە، دەرەخ ئاستىدىكى ”تەقدىر“ ئۆلۈپ، ئامەت ھايات قاپتۇ.
ساڭا يۈزلەنگەن ئامەت ياكى ئۇدۇللانغان ئاپەتنىڭ ھەممىسى تەقدىردۇر. بەختلىك تۇرمۇشۇڭ بۇزۇلۇشى، خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇشۇڭ ياكى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭ مۇمكىن، ئەمما بۇلاردىمۇ بىرەر ياخشىلىق باردۇر.
”سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردا بىرەر ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن“.
”ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، سىلەر بىلمەيسىلەر“.
”كۈلپەت ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قايغۇرما، بەلكىم ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن“
دەيدۇلەركى:
”كۆپ شىكايەت قىلما، غەمدە قالىسەن، اللە قا كوپ شۈكرى قىل، سائادەتلىك بولىسەن، اللەنى كوپ ياد ئەت، خاتىرجەم بولىسەن“
ئاللاھنىڭ ياردىمى يېتەرلىك، ئۇنىڭ مەرھەمىتى بىلەن ھېچ دوختۇر ياكى دورىنىڭ ياردىمىسىزمۇ ئۇيقۇمىزدىن سالامەت تۇرالايمىز! ئەلۋەتتە ئول سەۋەبلەرمۇ ئاللاھنىڭ غەمخورلۇقى دائىرىسىدە.
ئاللاھقا چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇن!
سېنى بىئارام قىلغان ئۆتمۈشۈڭگە، تەشۋىشلەندۈرگەن كېلەچىكىڭگە قارىما، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىل، بەختلىك بولىسەن.
(ئەرەبچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى)