كۆرۈش: 1963|ئىنكاس: 0

دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابە – يارغول قەدىمكى شەھىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1231
يازما
92
تېما
82
نادىر
0
جۇغلانما
523
تىزىملاتقان
2009-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2010-9-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-6-4 11:12:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابە – يارغول قەدىمكى شەھىرى

     يارغول قەدىمكى شەھىرى ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ئارلىقتىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى بولۇپ ، تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن ئون كىلومېتىر غەربىدىكى يار ئېغىزى غولىغا جايلاشقان . خارابە جايلاشقان تۆپىلىك تىك قىيالىق بولۇپ ، نىسپىي ئېگىزلىكى 20~30 مېتىرگە يەتكەچكە ، قىيانىڭ گىرۋىكىدىكى مۇداپىئە توساق تېمىدىن باشقا ، ئادەتتىكىدەك سېپىللار يوق . بۇ تۆپىلىك تال يوپۇرمىقى شەكلىدە بولۇپ ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1700 مېتىر ، شەرقتىن غەربكە ئەڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدۇ . قۇرلۇشلار ئاساسەن شەھەر خارابىسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ ، كۆلىمى تەخمىنەن 360 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . شەھەرنىڭ جەنۇبىي ، شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمىدا ياردىن ئېچىلغان قوۋۇق بار . جەنۇبىي قوۋۇق بىلەن شەرقىي قوۋۇق قەدىمكى شەھەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئاساسلىق يول بولۇپ ، شەھەرنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ يول جەنۇبىي ۋە شەرقىي قوۋۇقلار بىلەن تۇتىشىدۇ ھەمدە قۇرلۇشلار مەركەزلەشكەن رايوندىكى 47 تار كوچىنىمۇ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ، پۈتۈن شەھەرنىڭ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئاھالىلەر ئولتۇردىغان قورۇ – جايلارنىڭ ئىشىكلىرى بىۋاستە چوڭ يولغا قارىتىپ ئېچىلماي ، بەلكى تار كوچىلار ئارقىلىق چوڭ يولغا تۇتاشتۇرۇلغان .

       ھازىر ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇشلاردىن ئوخشىمايدىغان بىناكارلىق تېخنىكىسىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ . مەسىلەن ، يەرنى كولاپ تام قوپۇرۇش تېخنىكىسىنى ئالغاندا ، بۇنىڭدا تام ئورنى قالدۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىچى – سىرتى كولانغاندىن كېيىن تام شەكىللىنىدۇ ، بۇ ئەڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە تېخنىكا ۋە ئاساسلىق قۇرلۇش شەكلى ھېسابلىنىدۇ ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە خاڭداش ، لاي دۆۋلەش ، كېسەك – چالمىلار بىلەن قوپۇرۇش ، گەمە كولاش قاتارلىق تېخنىكىلارمۇ بولۇپ ، ئۇلار ئوخشىمايدىغان رول تەرتىپى ۋە دەۋر ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلغان . يارغول تۆپىلىكىنىڭ شىمالىدا ، يەنە تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە قىيپاش يوللۇق ، ئۆڭكۈرسىمان لەھەتلىك نەچچە ئون قەبرە بار . بۇ قەدىمكى شەھەر مەمىلكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش