ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 1765|ئىنكاس: 15

ئوت ئىچىدىكى ئىلياستىن-سەرگەندار بالىلارغىچە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16194
يازما
7
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2011-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 13:20:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت ئىچىدىكى ئىلياستىن-- سەرگەندار بالىلارغىچە
ئاپتورى:   ئاتامان


يېقىندا توردا ئۈرۇمچىدە مەلۇم ئاشخانىدا ئىشلەمچلىك قىلىدىغان ئىلياس تۇرسۇننىڭ ئوتتا كۆيۇپ كەتكەن تەۋسيلىك فىلىمنى كۆرۇپ قالدىم .بۇنى كىيۇ كىيۇ توپمىدا ئاق كۆڭۈل بىرەيلەن ئەۋەتكەن ئىكەن. فىلمنىڭ بېشدا خەنزۇچە خەتلىك بىر قانچە جۈملە يېزلىپتۇ. گۈزەل شىنجاڭدا ئاتا ئانسغا ئېغىرچلىقنى سالماسلىق ئۈچۈن ھۆنەر ئۆگەنمەكچى بولغان بىر بالا ئوت ۋەقەسىدە پۈتۈن ئەزايى كۆيۇپ كەتكەن..ئاندىن بالىنىڭ ئاتا-ئانسى ۋە قايسى بىر ۋاسكتوبۇل كۇلۇبىدىكى بىر ئاقكۆڭۈل ياش نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ ،كەڭ جەمئىيەتنىڭ  ئىقتسادى ياردەم،ساخاۋەت ئارقىلىق بالىنى قۇتقۇزۇش ئىلتجاسىنى بىلدۇرۇپتۇ. بالا بولسا "دۇكان ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەتەرگە قارىماي ئوت ئۆچۇرۇش جەريانىدا پۈتۈن بەدىنى كۆيۇپ كەتكەنلىكدەك  " تەسرلىك  " ئىش ئىزلىرى بولغاچقا   بۇ  قەھىرىمان ئۆسمۈرگە  "ھاياتىغا قارىماي ئوت ئۆچۇرگەن" بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئۆزنى ئوتقا تاشلىغان ئەزىمەت "دېگەندەك ناملارنى بېرشمىز مۇمكىن.بەلكىم ئىلياسجان ساقايسا ھەممەيلەن  :     قەھىرىمان! ديېشى مۇمكىن .ھالبۇكى ئىلياسجاننىڭ  ھازىرقى ئەھۋالى ئۇنداق ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ،كۆيۈك پۇتۇن بەدەنگە تارقىغان، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يۈز نەچچە مىڭ يۈۋەن تاپشۇرۇش كېرەك.  فىلىمنى كۆرۇپ تولىمۇ  ئېچىندىم.بۇنداق پاجىئەلىك ۋەقەلەر يۈرىكى بار ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ.ھېسداشلىق قىلش تۇيغۇسىدا بالىغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسگە ياردەم قىلىش ئويىغا كېلىمىز ئەلۋەتتە. ئېھتمال ھەممەيلەننىڭ ياردىمى بىلەن ساخاۋەتىلىك قوللارنىڭ ياردىمىدە ئىلياسجان ساقىيپ كېتەر. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز يەنە تالايلىغان ئىلياسجانلارنىڭ  بۇنداق ئەسلىدە دۇچ كىلشكە تېگشلىك بولمىغان قىسمەتلىرى توغرىسىدا توختالماي  تۇرالمايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئوت ۋەقەسىنى  بىر قانچە نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
فىلىمدىن شۇنى بىلدىمكى بالىنىڭ ئاتا-ئانسى قەشقەر بەشكىرەمدىن ئۈرۇمچىگە جان بېقىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بولۇپ دادىسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىكەن،ئايالى بولسا ئاشىخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيۇپ ئىشلەيدىكەن. ۋەقەگە ئۇچرىغان ئىلياسجان بولسا قەشقەردە ئوقۇۋاتقان بولۇپ ئاتا-ئانسى ئۇنى مەكتەپتنىڭ چىقىرۋلىپ ئۈرۈمچىگە ئىلىپ كەلگەن. بالىنى مەكتەپ بېرىشكە ئىقتسادى يېتشمىگەن. بالا ئۆيدە بىكار بولغان. بالىنىڭ مەكتەپتىن چىقىرۋلىنشى بىر مەسىلە دەپ چىكىت ئۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىپ تۇرايلى ،دىمەك ئۈرۇمچىگە كېلنىگەن ئىلياسجانمۇ ھۆنەر ئۆگىنىپ ئائىلىسنى قامداشقا قاتناشقان .بۇيەردە ئاتسىنىڭ بالىنىڭ ئىشلەمچلىك قىلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسدا "بىرەر ھۆنەرگە بەرسەم  كېينكى تۇرمۇشتا قېينالماي ئۆتەرمۇ دېگەن ئويدا بولدۇم"" بالام ئۆزىمۇ دادا،مەن مەكتەپتە ئوقاي دېسەم ئىقتساد بولمىغاندىن كېيىن ھۆنەر ئۆگىنەي دېدى"دېگەن ئىككى جۈملە سۆزلا كۇپايە قىلىدۇ. . بالىنىڭ ئاقكۆڭللىكى،كۆيۇمچانلىقىدا گەپ يوق؛بالىلار ئاتا-ئانىسىغا نسېبەتەن ئەڭ كۆيۇمچاندۇر.
ئەمدى بىرىنچى نۇقتا، ئىلياسجان مەكتەپتىن چىقىرلىغان. بۇ بىرىنچى مەسىلە بولۇپ ناۋادا ئۇ قەشقەر بەشكېرەمىكى مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇيالىغان بولسا ئۈرۈمچىگىمۇ كەلمگەن، ئىشلەمچىلىك قىلىپمۇ يۈرمىگەن ۋە ھېلىقى ئوت ئاپتىدە يۈز كۆزلىرى كۆيۇپ كەتمىگەن بولاتتى.ناھايىتى ئەپسۇسكى ئوقۇش يېشدىكى بىر بالىنىڭ مەكتەپتىن چىقىرلىۋالغانلىقى  ئىلياسجاننىڭ ئائىلسىنىڭ  نامراتلىقنىڭ دەستدىن  سەۋەبدىن بولسا يەنە بىرسگە مائارىپىمىزدىكى ئاجىزلىقنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ؛ ئوقۇش يېشدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇيالماسلىقى  ۋە سەرگەندار بالىلارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشدەك پاجئەلەردە بىزگە  بالىلارنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىلىقنى بۇنىڭغا پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغانلىقنى ئىنىق تونۇتىدۇ. ناۋادا ھەممىنى ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە تاشلاپ قويغاندا بۇنداق سەرگەندار بالىلارنىڭ ھەرخىل قسمەتلەرگە دۇچ كېلشىنى تىزگنلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە ئاپىرىپ  قويىدۇ.
ئىككىنچىدىن ئىلىياسجان خۇددى نۇرغۇن سەرگەندار بالىلاردەكلا ئۈرۇمچىگە كەلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئائىلىدە ئۇنىڭدىن باشقا بالا يوق. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاتا ئانسى ھۆنەر ئۆگتىشنى باھانە قىلىپ ئۇنى ئىشلەمچلىك قىلىشقا مەجبۇرلىغان.بۇ يەردە بالنىڭ تەبئىي ھالدا ھۆنەر ئۆگىنش ئارزۇسى بارلىقى  ھېسابقا ئېلىش ئاقمايدىغان بىر ئىش. ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ  بالىلارنى بېقىش مەجبۇرىيتى بولىدۇ.  بولۇپمۇ قورامىغا يەتمگەن بالىلارنى ئۆز ئاتا ئانسى بولۇشى سۈپتىدە مەكتەپ بېرلمگەندىن كېيىن ھېچ بولمىغاندا مەيلى قانچلىك قېينچلىق تارتسۇن چوقۇم بېقش مەجبۇرىيتىنى ئۆتەش كېرەك . ئائىلسنىڭ قېينچلىقى بالىنى ئىشقا سېلىشنىڭ سەۋەبى بولسا ھەرگىز بولمايدۇ.
ئۇچنىچى نۇقتا، بالىلارنىڭ ھۆنەر ئۆگىنشى ___ماھىيەتتە بالىلارنى ئىزىشنىڭ قورالى. ھۆنەر دېگەننى كىشى ئەقىلگە كېلىپ قورامىغا يەتكەندە  ئۆگىندۇ. شۇنداقلا ھۆنەر ئۆگىنش_ئىشلەمچلىك قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. مەلۇم ئىقتساد تۆلەپ مەلۇم ساھەدىكى كىشنىڭ ياكى شۇ كەسىپ ئەھلىگە ھەق تۆلەپ ئۇنىڭ مەشغۇلات،ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئۆگىنش جەريانىنى ئاندىن ھۆنەر ئۆگىنىش دەيمىز. بۇ مەكتەپتە ئوقۇشقا  سەل ئوخشاش لىكىن   مۇنتىىزىم بولمىغان تەربىيلىنش دېگەنلىكتۇر. ھالبۇكى  ئىلياسجاننىڭ  ئائىلسنىڭ ئىنتايىن نامرات  تۇرۇپ  ئۇنى ھەق تۆلەپ ھۆنەرگە بېرەلشى مۇمكىن ئەمەس. ئىلياسجان پەقەت ئائىلىسىغا يۈك بولۇپ قالارمەنمۇ دېگەن ساددا خىيالىدا ئاز -تولا كىرىم قىلىش مەقستىدە باشقىلارغا ياللانما ئىشىچى  بولۇشقا قوشۇلغان. بۇنى ھەرگىزمۇ نورمال ھۆنەر ئۆگىنش ئارزۇسى دېگىلى بولمايدۇ.
مەيلى ساخاۋەتلىك قوللار يادەم قىلسۇن  ھېلىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ مەسئۇلىيەتنى بىرىنچى بولۇپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى قورامىغا يەتمگەنلەرنى ئىشلىتىش ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش. قارىغاندا دىيارىمىز شىنجاڭدا قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ئېغىر ئوخشايدۇ. بالىلارنى قانداقتۇر ھۆنەر ئۆگتىش باھانسىدا ياللانما ئەمگەكلەرگە مەجبۇرىي سېلىش.ئاتالمىش"ئائىلسىنى قامداش"قا قاتناشتۇرۇش ماھىيەتتە قانۇنسىزلىك ھېسابلىندۇ.  مۇشۇنداق سەرگەندار بالىلارنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش،ئاسراش ۋە تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۇش ،خورلىنىش ۋە پاجىئەلەرگە دۇچار بولۇشتىن ساقلاشنىڭ زۆرۇر ۋاستىسى.  بۇ نۆۋەتتە بەك تەكىتلنىۋاتقان__ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭمۇ زۆرۇر تەلىپى .
ئەھۋال شۇنداق بولغان ئىكەن.بالىلارنى ئاتالمىش قەھرىمانلىق قىلشقا،ئوت ئىچىدە يۈز كۆزىنى كۆيدۇرۋىلىشقا،تىلەمچلىك قىلشقا،ئوغرى يانچۇقچلىق قىلشقا ،زەھەر سېتىشقا سەۋەب بولغۇچىلار دىن بولۇشقا سەۋەب بولۇشقا ھېچقانداق ھەققىمىز يوق.بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتلىشى كېرەك. ئۇلاربىزنى ئەمەس بىز ئۇلارنى بېقشىمىز كۆز قاراق بولۇشمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئاساسى ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۇزۇش ئېغىر جىنايەت.
خىياتچلىكتۇر. ئاخىردا ئىلىياسجاننىڭ ساخاۋەتىلىك كىشلەرنىڭ ياردىمىدە تېزراق ساقىيپ كېتىشنى ۋە كىشلەرنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى ئۈمىد قىلمەن.

2012.4.25 ئەتىگەندە يېزلدى. ئاپتور:پەرھات ئەمەت

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
229
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
619
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
168 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 20:24:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىڭىزدىن تولىمۇ ئېچىندىم. بىر ياش غۇنچىنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىش يولىدا كۆيۈپ كېتىشى ۋە كۆرسىتىلگەن پىداكارلىقنىڭ لايىقىدا جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكى بىزنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ. سىز بۇنى ئۈچ جەھەتتىن تەھلىل قىلىپسىز.
1. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىنىڭ مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنىشى. بۇ بالا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇ قانداق قىلىپ مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىندى. باغداشتا قىزىپ كەتكەن «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئازۇ - زارى» دېگەن تېمىدىكى ۋەقە دەل شۇ بەشكېرەمدە يۈز بەرگەنمۇ قانداق؟
2. ئىلياسجاننىڭ «ھۈنەر ئۆگىنىشى». ئۇ نېمە ھۈنەر ئۆگەندى؟ تېما ئىگىسى دېگەندەك ئۇ ھۈنەر ئۆگەنمىدى، بەلكى ئىشلەمچى بولۇپ، ئائىلە يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئويلىغىنى ئېنىق. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن نېمىشقا ئۇنى ئىشلىتىدۇ؟ بۇ ئەمگەك قانۇنىنىڭ روھىغا خىلاپ.
3. تېگىشلىك جاۋابىنى تاپالمىغان پىداكارلىق. دۆلىتىمىز يېقىندىلا «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر»گە مۇناسىۋەتلىك نىزامنى يولغا قويدى. دېمەك ئىلياسجان قانۇن بويىچە تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشىشى كېرەك.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
229
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
619
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
168 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 20:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلياسجان كۆيدى. بىراق نېمىشقا بەزىلەرنىڭ يۈرىكى كۆيمەيدىغاندۇ؟ ۋىجدانى كۆيمەيدىغاندۇ؟

UID
18833
يازما
64
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 21:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئېلياسجانغا ئېچىنىمەن!
بىر بالىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى ناھايتتى ئېچىنىشلىق ئەھۋال.  ئۇ بەلكىم، بۇ يېشىدا پىداكارلىقنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقماسلىقى مومكىن.  پاجىئە بۇ!
  

UID
4470
يازما
180
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3240
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 23:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ فىلىمنى ئىزدىنىشتە كۆرۈپ بەك ئېچىنغانتىم.مەنمۇ شۇ چاغدا بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم.مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش توغرا كەلسەبىرىنچى مەسئۇلىيەت ئاتا-ئانىسىدا. ھامىلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان،قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنى مەكتەپتىن چىقىرۋېلىپ ياللانما ئەمگەك قىلىشىغا ‹قوشۇلغان›.ئەمىليەتتە ئەر خوتۇن ئىككىسىنىڭ كىرىمى بىلەن بىر بالىنى باشلانغۇچ مەكتەپتە تامامەن ئوقۇتقىلى بولىدۇ.ھەرقانچە بولسىمۇ مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدىكى چىقىم ئالى مەكتەپنىڭكىدەك يۇقۇرى ئەمەسقۇ؟!بالا ئىشلەيمەن دېسىمۇ ئاتا-ئانىسى قوشۇلماسلىقى ،ئاچ قالسىمۇ بالىسىنى ئوقۇتىشى كېرەكتىغۇ؟بالا ئوقۇشسىز قېلىشنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيد،ئەمما ئاتا-ئانىسى چۈشىنىشى كېرەكتىغۇ؟.ئۇندىن قالسا بۇ ۋەقە بىزنىڭ «مەجبۇرى مائارىپ  »باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يوچۇقنىڭ كۆپلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.ئەمدىلا باشلانغۇچنى تۈگەتكەن بىر بالا مەكتەپتىن چىقىرۋېلىنسا ،ئىشلەمچىلىك قىلىپ يۈرسە سۈرۈشتۈردىغان ئورۇن ۋە ئادەمنىڭ چىقماسلىقى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ ،بەلكىم تەربىيلىنىش ھوقۇقىدىن ئايرىلغان بىر ئېلياسجانلا ئەمەس،نۇرغۇن ئېلياسجانلار بار بىزدە.يەنە بىرسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلىيىتى.قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنى ئىشلىتىشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىقىنى نىمىشقا بىلمەيدۇ؟ ئىشقىلىپ دەپ كەلسە گەپ جىق.«قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى »«مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى»«ئەمگەك قانۇنى »ھەقىقى يۈرگۈزۈلسە مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بېرەمتى؟ئەگەر بىز تىللاۋاتقان غەرپتە مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە قانداق بىر تەرەپ قىلىندىغاندۇ؟
بەك قايناپ قالدىم ،كەچۈرۈڭلار !بۇبالا مېنىڭ ئوغلۇم بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىكەن.شۇڭلاشقىمۇ يۈرىكىم بەكرەك ئېچىشتى.بىزنىڭ ئازغىنە ياردىمىمىز بەلكىم بالىنىڭ تېنىدىكى جاراھىتىنى، ئاغرىق ئازابىنى ئازراق يېنىكلىتەلىشى مۈمكىن .ئەمما ئەگەر بەدىنىدە مەڭگۈلۈك تاتۇقلار قالسا كەلگۈسىدە بالا غايەت زور روھى ئازاپقا ، بېسىمغا ئۇچرايدۇ.ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايمەن.ئاللاھ مەدەت بەرگەي!

باھا سۆز

khan  پىكرىڭىز ئورۇنلۇق. قوللايمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 00:01:09

UID
36542
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:06:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا  .  ئەجەپ  بىر ئىش  بوپتۇ.  ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللا تەرەپتىندۇر.  بىراق سەۋەپ قىلمىسا تېخى بولمايدۇ. ئاللا ساقىيىش ئۈچۈن ياردەم ۋە شىپالىقىنى ئايىمىسۇن.

دائىملىق ئەزا

قالقان سۇنسىمۇ ئ

UID
3892
يازما
795
تېما
25
نادىر
0
جۇغلانما
25558
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 13:53:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق دوختۇرخانىسىدىكى جان ھەلقۇمىدا تۇرسىمۇ قۇتقۇزىۋېلىنىش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلمەيۋاتقان خەلق.

بۇ بالىنى كۆرۈپ قانچىلىك بىئارام بولغانلىقىمنى بىلمەيمەن.

UID
32572
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-4
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 20:20:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەلۋەتتە مەسئۇلىيەتنى سۈرىشتە قىلىش كېرەك ، ئالدى بىلەن قانۇننى ياخشى ئىجىرا قىلمىغان ، ئەمەلىي ئىجىرا ئېلىپ بارمىغان  ئاشۇ ئۇرۇنلار مەسئۇلىيەتكە ئىگە بۇلىشى كېرەك ، ئۇلار بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشنى تۇسۇپ قالالماي (ئەسلى ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى ) مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى( ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنى قىلغان بىلەن قىلمىغاننىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق )، شۇنداقلا ئاتا - ئانىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار،  ئەمما  جاھاندارچىلىق قىلماق تەستە !...
     ئىش يۈز بىرىپ بولدى ، قۇلىمىزدىن كىلىشىچە ئېلياسجانغا ياردەم قىلايلى ، مەيلى جىق بولسۇن ئاز بولسۇن  قۇربىتىمىزنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلايلى .

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
241
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7522
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 03:34:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سەرگەندار» ئەمەس، «سەرگەردان» دەپ يېزىلىشى كېرەكقۇ دەيمەن.

باھا سۆز

nimjan  بۇ مۇنبەردە ئىنكاسقا تىللا بەرگىلى بولمايدىكەن : سىزگە بارىكاللا!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 18:51:47

UID
20408
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 18:06:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ ئىچكىرىدىكىمەجبۇرى ئوغىرلىققا سېلىنىۋاتقان نەچچە مىڭ  بالىنىڭ ئەھۋالىنى قۇشۇپ يازسىڭىز بوپتىكەن~

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-27 18:07):
ئىچكىرىدىكى مەجبۇرى دەپ ئوقۇغايسىلە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش