- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2012-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-25
- UID
- 34707
- يازما
- 2
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2012-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-25
- توردا
- 0 سائەت
|
مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭدا ئۈچ ئايال
مىنگو زامانى __ ئەنسىز بىر زاماندۇر. مىنگو دەۋردىكى شىنجاڭدا بولسا زىددىيەتلەر تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن، جەمئىيەت تېخىمۇ قالايمىقانلاشقان. بۇ ماقالە ئوقۇرمەنلەرگە مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭدا ئەپسانىۋى تۈس ئالغان ئۈچ ئايالنى تونۇشتۇرىدۇ.
يايلاق بۈركۈتىنىڭ مەھبۇبى شۈ مىي
ئالدى بىلەن شۈ مىينىڭ ئاشىقى ئوسمان باندىت بىلەن تونۇشايلى. ئوسمان باندىت، قازاق، ئاجايىپ جۈرئەتلىك ۋە ئات ئۈستى ماھارەتلىرىدە يېتىلگەن ئادەم. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئات-ئۇلاغ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، كېيىن شېڭ شىسەيگە قارشى قوراللىق كۈرەشكە ئاتلانغان. يەتتە كىشى بىلەنلا ئىش باشلىغان بۇ توپ ناھايىتى تېزلا زورىيىپ، تاشقى موڭغۇلنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە شېڭ شىسەينىڭ كۆپ قېتىملىق قورشاۋىنى بىتچىت قىلغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن، ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان ۋە ئالتاي ۋىلايەتىنىڭ ۋالىيسى بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي گومىنداڭنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە ئۈچ ۋىلايەت بىلەن بولغان پىكىر ئىختىلاپلىرى تۈپەيلىدىن گومىنداڭغا ئەل بولغان.
شۈ مىي (徐眉)، (徐梅)، (徐美)، (ئىسمى خەنزۇچە مۇشۇ بىر قانچە خەت بىلەن يېزىلغان) جۈنتوڭنىڭ چىڭپۇ مەشىق سىنىپىنى پۈتكۈزگەن. ئوسمان باندىت گومىنداڭغا بېقىنغاندىن كېيىن، گومىنداڭ تەرەپ شۈ مېينى باش تېلگىرامما رادسىتى قىلىپ ئەۋەتكەن. گەرچە بۇ چاغدا شۈ مىي ئەمدىلا بويىغا يەتكەن قىز بولمىسىمۇ، بىراق چىرايلىق ھۆسنى-جامالى، قەيسەر مىجەزى، ئوسمان باندىتتىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدىكى چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىك ماھارىتى بىلەن ئوسمان باندىتنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلۋالغان ئىدى. ئوسمان باندىت __ ئېگىز بويلۇق، توغرۇلۇق ۋە سۈرلۈك، باتۇرلارغا خاس سالاپەتلىك ئادەم ئىدى. شۈ مىي __ خەنزۇ ئاياللىرى ئىچىدە بويى ئېگىزلەردىن سانالسىمۇ، ئوسمان باندىتنىڭ ئالدىدا ياچىۋەكتەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇ ئىككىسى ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ قېلىشتى. ئۆز دەۋرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە كۆرە، شۈ مىي ئوسمان باندىتنىڭ خوتۇنلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. ئەمما ھازىرقى ئۆلچەمىمىزگە سالساق، ئۇ پەقەت ئوسمان باندىتنىڭ ئاشنىسىدىنلا ئىبارەت.
ئاشنا بولۇش __ شۈ مىينىڭ شەخسى ئىشىدىنلا ئىبارەت. قۇۋۇقنىڭ ئىچىدە (关内 شەنخەيگۈەننىڭ غەربى ۋە جىيايۈگۈەننىڭ شەرقىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى شەرقى شىمالنى ۋە شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە جۈنتۇڭنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ئايالنىڭ غەربى رايۇنغا كېلىشى قانداقتۇر ئاشنا تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوسمان باندىتنى ئۆزىگە تارتىش ۋە كونتىرول قىلىشتىن ئىبارەت گومىنداڭ تاپشۇرغان سىياسى ۋەزىپە ئۈچۈندۇر. شۈ مىي بارغاندىن كېيىن، ئوسمان باندىت ئىنتايىن تېزلا ئىلى ۋە بۇرۇن ئۆزىنى قوللىغان تاشقى مۇڭغۇل بىلەن ئازارلاشتى، رەقىپلەشتى، ھەتتا ئۇرۇشمۇ قىلىشتى. ئوسمان باندىت ئىلى ۋە تاشقى مۇڭغۇل بىلەن جەڭ قىلغان شىددەتلىك مىنۇتلاردا، شۈ مىي دائىم ئوسمان باندىت بىلەن بىللە بولدى ۋە تېزلا داڭق چىقاردى. بىر قېتىم ئوسمان باندىت ئاتتىن يېقىلىپ چۈشكەن خەۋىپلىك پەيىتتە، شۈ مىي ئوسمان باندىتنى تارتىپ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ مۇھاسىرەنى بۆسۈپ قاچتى.
بۇ ھايات-ماماتلىق مىنۇتلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئوسمان باندىت ۋە ئاشنىسىنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئوسمان باندىت تېخمۇ سادىقلارچە گومىنداڭ ئۈچۈن جېنىنى سېتىشقا باشلىدى. «بەخت ۋە بالا-قازا قوشكىزەك» دېگەندەك راسىت بولسۇن، يالغان بولسۇن مۇھەببەتنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىپادىلىنىشى دائىم بەزىلەرنىڭ ھەسەتىنى قوزغايدۇ. بولۇپمۇ «بىرگە بىر» بولمىغان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە، ئىش قەدىمدىن بۇيان شۇنداق. ئېھتىمال ئوسمان باندىتنىڭ چوڭ خوتۇنى شۈ مېيگە بولغان ئۆچمەنلىكىدىن ئوغلىنى قۇتراتقاندۇ، ياكى بۇ خوتۇننىڭ ئوغلى شۈ مېينى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ دادىسىغا دېيىشكە پېتىنالمىغاندۇ، ئىشقىلىپ بۇ ئوغۇل شۈ مىيگە قول سوزدى. يەنى بىر كۈنى بۇ ئوغۇل ئوسمان باندىتنىڭ چوڭ چېدىرىغا مىلتىقلىق مۆكۈنىۋىلىپ، شۈ مېي ئىچىگە كىرىشىگىلا تەپكىنى ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىگە باستى. ئاشنىسى ئۆلدى. ئەمما بۇ يايلاق باتۇرى يەنىلا گومىنداڭ ئۈچۈن غالچىلىقىنى داۋاملاشتۇردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوسمان باندىت بولۇپ كەتتى. 1951-يىلى باندىت تازىلاش قىسىملىرىنىڭ قولىغا چۈشتى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.
خەۋپلىك «ساھىبجامالنىڭ سۈرەت دەرۋازىسى» __ قەمبەرخان
قەمبەرخان، ئەسلى يۇرتى قەشقەر. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر. ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى چىرايلىق، جەزىبىلىك، لاتاپەتلىك، ئۇسسۇل ئويناشقا ماھىر كېلىدۇ. ئەينى دەۋردە قەمبەرخان «شىنجاڭ گۈلى» دەپ نام ئالغان. ئازادلىقتىن كېيىن، تۇنجى ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىسى ۋە سەنئەتكارىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۇسسۇللىرى قىزغىن، جۇشقۇن ۋە قايناق ھىسياتقا تولغان، كىشىنى ئاجايىپ مەھلىيا قلىدۇ.
1946 -يىلى، ئىلىنى مەركەز قىلغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەئىسى، سۆھبەت ۋەكىلى ئەخمەتجان قاسىمى ئۆز تۇرالغۇسىدا، گومىنداڭ سۆھبەت ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭغا زىياپەت ئۇيۇشتۇرىدۇ. كۆپچىلىك بۇ سورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇش قائىدەسى بويىچە ئولتۇرىدۇ. بۇ چاغ سۆھبەت بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقان مەزگىللەر بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ كەيپى چاغ ئىدى. زىياپەت خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ شاتلىقنىڭ كاتتا كوزىرى «شىنجاڭ گۈلى» قەمبەرخاننى ئۇسسۇل ئويناشقا مەيدانغا چىقىرىدۇ. «ئۇسسۇل ئويناپ خۇشاللىقنى تەبرىكلەش»، «ئۇسسۇلنى شاتلىقنىڭ قوشكېزىكى دەپ بىلىش» ___ ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ مېھمانغا بولغان سەمىمىيەتىنى ئىپادىلىشىدۇر. ھازىرغا قەدەر، مەيلى شىنجاڭنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا، مەيلى شەھەر-بازارلىرىدا بولسۇن، بۇ ئالاھىدىلىك ھېلىھەم ساقلانماقتا. زىياپەت ئارىلىقىدىكى بۇ خىل ئۇسسۇل، قۇيۇق يەرلىك پۇراققىلا ئىگە بولۇپ قالماستىن، بارلىق زىياپەت ئەھلىنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈرىدۈ، غەم-قايغۇلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ۋە گۈزەللىكتىن بەھرىلىنىشكە غەرق قىلۋىتىدۇ. قەمبەرخاننىڭ بۇ لەتىف ئۇسسۇلى پۈتۈن زىياپەت ئەھلىنىڭ ھىسياتىنى يۇقرى دولقۇنغا چىقىرۋېتىدۇ.
ئادەتتە ئۇسسۇل ئوينىغان چاغدا، بىر خىل ئالاھىدە ھەرىكەتلەر ئاساسى مېھمانغا قارىتىلىدۇ. بىر تەرەپتىن بەل ۋە پۇت – قوللارنى يىنىك سىلكىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئارقىغا ئىگىلىپ ئاسمانغا قاراپ بەلنى يەر بىلەن گورزۇنتال ھالەتكە كەلتۈرۈش، ھەمدە ئىككى قول بىلەن نازاكەتلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەت. ئەينى ۋاقىتتا زىياپەتتىكى ئاساسى مېھمان جاڭ جىجۇڭ بولۇپ، قەمبەرخاننىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى دەل ئۇنىڭغا قارىتىلغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا زىياپەتكە رەسىم تارتىشقا ئامراق سوۋېت كونسۇلى يېشىيىۋ مۇ قاتناشقان بولۇپ، قالتىس قىزىپ كەتكەن بۇ سورۇننى توختىماستىن سۈرەتكە ئېلىۋاتاتتى. قەمبەرخان ئۇسسۇل ئويناپ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ھالەتكە كەلگەن چاغدا، يېشىيىۋ دەل ئۇنىڭ ئارقىسىدا بولۇپ، ئۇ ئاپپاراتنى شۇنداق كۆتۈرۈپلا، جاڭ جىجۇڭنىڭ بېشىنىڭ قەمبەرخاننىڭ ئىككى پۈتى ئارىسىغا توغرا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ دە، بۇ مەنزىرە ئىنتايىن قىزىق تۇيۇلۇپ، دەرھال تارتىۋالماقچى بولىدۇ. جاڭ جىجۇڭمۇ ئەھۋالنى بايقاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇزۇن بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغانلىقتىن، پۇتلىرى قۇيلىشىپ، ئورنىدىن تۇرالمايدۇ __ دە ! يېشىيىۋنىڭ سۈرەتنى تارتىۋېلىشقا پۇرسەت بولىدۇ.
جاڭ جىجۇڭنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كېتىدۇ، ناۋادا بۇ رەسىم ئاشكارا بېسىلدىغانلا بولسا، ئىشنىڭ ھەققىتىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ «ساھىبجامالنىڭ سۈرەت دەرۋازىسى» نى قىزىق نۇقتا قىلىۋېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. شۇڭا جۇڭگو تەرەپ ئېتىراز بىلدۈرىدۇ، ئەمما سوۋېت تەرەپ پەرۋا قىلمىغانلىقتىن، جاڭ جىجۇڭ زىياپەتتىن چىقىپ كېتىدۇ. قالتىس قىزىۋاتقان بۇ سورۇن ۋە ئىككى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرى، سوۋېت كونسۇلىنىڭ بۇ رەسىمنى تارتىۋېلىشى بىلەن كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشىدۇ ۋە تارقىلىدۇ. كېيىن ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابباسوفنىڭ ئەپلەشتۈرۈشى بىلەن يېشىيىۋ نېگاتىپنى تاپشۇرىدۇ ۋە كەچۈرۈم سورايدۇ. بۇ ئىش مۇشۇنداق ھەل قىلىنىدۇ.
كېيىن، جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىچكىرىنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئىچكىرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلارنى شىنجاڭدا ئويۇن قويۇشقا تەكىلىپ قىلىدۇ، يەنە قەمبەرخاننى ئاساس قىلغان ھالدا شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، نەنجىڭ، شاڭخەي، بېيجىڭ ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەمبەرخان ئوينىغان ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى پۈتۈن مەملىكەتتە ئەۋج ئالىدۇ، نامى كەڭ تارىلىدۇ.
ئەمما، ئىچكى ۋە تاشقى ھەر خىل كۈچلەرنىڭ زىددىيەتى سەۋەبىدىن، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيەتى بۇ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەنلا ئىناق بولۇپ كېتەلمىدى، ئەكسىچە ھەر خىل كۈرەشلەر تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئەينى دەۋر تارىخى شارائىتىدا، سەنئەتچىلەرنىڭمۇ سىياسى قايناملارغا قېتىلىپ قېلىشىدىن ساقلانماق تەس ئىدى. قەمبەرخاننىڭ ئېرى ئابۇرەھىم ياكى ئابۇۋېلىم (بىلدىغانلار توغرىلاپ قويۇڭلار. خەنزۇچىسى 阿卜位伊木) بۇرھان شەھىدىنى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. قەمبەرخان بۇرھان شەھىدىگە مەخپىي خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئېھتىيات قىلىشىنى تاپلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇرھان شەھىدى بىر قېتىملىق بالايى-قازادىن مانا مۇشۇنداق قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
شىنجاڭ تېنچلىق بىلەن ئازات قىلىنغاندىن كېيىن، قەمبەرخان ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى ۋە سىياسى كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتىدى. يەنى بىر مۇقىم ماكانى بار بولدى.
قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرغان ياڭ فېڭيى
ياڭ فېڭيى (1923-1945) خەنزۇ، ئىلى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ سوڭنىڭ قىزى. ئۇ شىنجاڭ ئۆلكىلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، ئۆلكىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئابباسوف بىلەن تونۇشۇپ قالغان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسنىڭ تەسىرىدە، بىر نىيەتتە ئورتاق يول تۇتقان. 1940-يىلىنىڭ بىشىدا، ئولار ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، ئىلىغا قايتىپ كەلگەن ۋە ئىلى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ باردى-كەلدىسى تېخىمۇ قۇيۇقلاشقان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغان 1944-يىلى قىش پەسلىدە، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابباسوف ئېغىر كېزىك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان. ياڭ فېڭيى جۇڭيى دوختۇرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، جۇڭيىچە داۋالاتقۇزغان ۋە ئۆز قولى بىلەن دورا قاينىتىپ ۋە ئىچكۈزۈپ، ئابباسوفنىڭ ھالىدىن 40 نەچچە كۈن خەۋەر ئېلىپ، ئۇنى ئۆلۈم گىرداۋبىبىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان.
مىللى مەسىلىلەر ئىنتايىن ئۆتكۈرلەشكەن ئۇ زاماندا، ئەلەم ۋە قەلەمدە تەڭ يېتىلگەن ئۇيغۇر يىگىتى ئابباسوف بىلەن خەنزۇ قىزى ياڭ فېڭيى نىڭ مۇھەببەتىنى ئىسلام دىنى مۇرتلىرى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايىتتى. ياڭ فېڭينىڭ بىر ئۇيغۇر يىگىت بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلگەن دادىسى ياڭ سوڭ مۇ قەتئىي قارشى تۇردى. ياڭ سوڭنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر كاللىسىغا سوغۇق ئۆتكەنلىك، خائىنلىق قىلمىشى ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يۈز بەرگەن مىللى ئۆچ ئېلىشتا، كۆپ ساندىكى ئىلى خەنزۇلىرى ھەتتا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغان ياڭ سوڭ دائىم قىزىنى قوپال، ھاقارەتلىك گەپلەر بىلەن تىللايتى. گەرچە ئەھۋال شۇنچە قىيىن بولسىمۇ، ياڭ فېڭيى بىلەن ئابباسوف يەنىلا بىرگە بولدى. بۇ خىل بىر بولۇشقا ئاجايىپ زور جۈرئەت كېتەتتى. ئابباسوف ياڭ فېڭيىنى قەيسەر يەنى يىرەن (毅然)، ياڭ فېڭيى ئابباسوفنى قەتئىي يەنى جۆ رەن (决然) دەپ ئاتايتى. بۇ بىر ھەم ساھىبجامالنىڭ قەھرىمان بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرگە بولىشى، ھەم ياڭ فېڭينىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تاللىغان نائىلاج بىرگە بولىشى ئىدى.
ئۈچ ۋىلايەت قوزغىلىڭىدىن كېيىن، گومىنداڭ توختىماستىن ئىلىغا ئەسكەر كۆپەيىتتى. ياڭ سوڭ بۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىنىدا قاتتىق تىت-تىت بولاتتى ۋە داۋاملىق ئاچچىقىنى قىزىدىن چىقىراتتى. ياڭ فېڭيى ھەر كۈنى مانا مۇشۇنداق مۇھەببەت بىلەن توغقاندارچىلىق زىددىيەتى، ئېتىقاد بىلەن ئەقلىيلىكنىڭ توقۇنۇشى، مىللى قاراش بىلەن سىياسىي بېسىمنىڭ زەربىسى ئاستىدا ياشايىتتى. دېمىسىمۇ بۇنداق كۈنلەردە ھەقىقەتەن كۈنلەر گۇيا يىللاردەك تەستە ئۆتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كۈنلەرنىڭ كېلەچەكىنىمۇ كۆرگىلى بولمايىتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ياڭ فېڭيى مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ئىچىدە، دادىللىق بىلەن ئۆلۈم يولىنى تاللىدى.
1945 -يىلى 4-ئاينىڭ بىر كۈنى، ياڭ فېڭيى ئابباسوفقا، كېچىسى قورقىدىغانلىقىنى، يامان ئادەملەرنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تاپانچىسىنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۆتۈندى. ئابباسوف تاپانچىسىنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويدى. ئىككىنچى كۈنى، ياڭ فېڭيى ۋېن پېيرەننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ 12 ياشلىق ئوغلى ۋېن يىڭچاۋغا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ئابباسوفقا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلىدى. ئابباسوف خەتنى ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ئاتقا مىنىپ ئۇچقاندەك ياڭ ئائىلىسىگە چاپتى. ھويلىغا كىرىپلا، ياڭ فېڭيىنىڭ دەرۋازىغا ئودۇل دېرىزە ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئابباسوفنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپلا، بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا كىرىپ، تاپانچىنى ئۆزىنىڭ چىكىسىگە تىرىدى. ئابباسوف ئېتىلىپ كىرگەن چاغدا، ياڭ فېڭيى ئالىقاچان لەختە-لەختە قان ئىچىدە ياتاتتى. ئابباسوف ياڭ فېڭيىنىڭ جەسەتىنى قوچاقلاپ، ئۈنلىرى پۈتۈپ قالغىچە ياش تۆكتى.
ياڭ فېڭيى ئابباسوفقا يازغان خېتىدە، «مەن ھەرگىزمۇ مىللەت چەك-چىگىراسى ئايرىۋاتقىنىم يوق، ئەمما مەندە ساپ مۇھەببىتىمىزنىڭ خارلىنىشىغا چىداپ تۇرالىغىدەك سەۋىر-تاقەت قالمىدى. سىز تاپانچىڭىزنى ئېلىۋىلىڭ، مەن سىزنىڭ تاپانچىڭىز بىلەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىمنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى خالىمەيمەن. مېنىڭ ئائىلەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىڭ. مەن سىز ئۈچۈن ئۆلدۈم، ئەمما سىزنىڭ مەن ئۈچۈن، ئىنقىلاپ ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنىدى.
كېيىن، ئابباسوف ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئىچىدە، مىللى قىرغىنچىلىقنى چەكلەش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغانلاردىن بىرىگە ئايلاندى. يېرىم ئەسىردىن كېيىن دېڭ لىچۈن ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدىكى شۇ ئىشلارنى ئەسلىگەندە، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت قەھرىمانلىرى ئىچىدە، ئابباسوف ئەڭ مۇنەۋەرلىرىدىن بىرى، ئەينى زاماندا بەزى كىشلەر جۇڭگودىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلغاندا، ئابباسوف ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلغانىدى» دەيدۇ.
1949 -يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئابباسوف قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ، مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېتىۋاتقىنىدا، تاشقى بايقال ئەتراپىدا ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. شۇ چاغدا ئۇ ئاران 28 ياشتا ئىدى. ئەگەر ھەقىقەتەن جەننەت بار بولسا، ياڭ فېڭيى جەننەتتە ئابباسوفنى بەك ئۇزۇن ساقلىمايدۇ.
بۇنى خەنزۇچە بىر ماقالىدىن تەرجىمە قىلغان. بەزىبىر ئالاھىدە كەلىمەلەرنىڭ تەرجىمىسىنى تازا توغرا ئالالمىدىم. بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تورداشلارنىڭ بۇ ماقالىنى كۆرگەندە سەۋر بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن....
|
|