تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 695|ئىنكاس: 1

ئوتتۇز ئىككىنچى ئەتىرگۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6361
يازما
20
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
940
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-21
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 17:17:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇز ئىككىنچى ئەتىرگۈل
-ئايالىمغا


ئەتىرگۈل بىر قۇياش ،
مېنىڭ قۇرغاق كېچەمدىكى مۇساپىلەرنى يورۇتقان
بەلكىم بەختنىڭ تەبەسسۈمىدۇر
خۇپيانە سۆزلەر بىلەن مەدھىيلەيمەن ئۇلارنى
بىرىنچىسى ھال رەڭ
ئىككىنچىسى تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان چۈشلەرگە تولغان...
ئۈچىنچىسى قات-قېتىدىن سۆيگۈ نۇرى چېچىلغان
تۆتىنچىسى كېچدىكى نۇر بەرگىلىرى، قاراڭغۇ تىنىمدە ئېچىلغان
بەشىنچىسى ئۆمرۈمنىڭ ۋەزنىدە تۇرىدۇ كۆكلەپ.
ئالتىنچىسى بەلكىم شامالدۇر ياكى سالقىن كۈز
ئۆمرۈمنىڭ ھەر مىنىۇتلىرىدا، يۈرىكمنىڭ سۇقۇشلىرىدا تۇرغان مېنى باغرىغا بېسىپ
يەتتىنچىسى قىنىمدىكى گۈل ئۇرۇقى، ھوجرىمىزدا نەمخۇش ئېچىلغان
سەككىزىنچىسى سەھەردە ئويغانغان تۈننىڭ پارچىسى دولقۇنۇمغا قۇيۇلغان...
توققۇزىنچىسى چىڭقى چۈشنىڭ تومۇز ئىسسقى تىرەمنىڭ رەڭگىنى پۇرىغان
ئونىنچىسى سىم –سىم يامغۇر قاقاس ئۆمرۈم ئۈستىگە ياغقان
ئون بىرىنچىسى كىچىك بىر قۇش يۈرىكىمگە ئۇۋا سالغان
ئون ئىككىنچىسى كۆرۈنمەس قەپەس مېنىڭ ئۈچۈن ياسالغان
ئون ئۈچىنچىسى يۇمران شەپەق، لەۋلىرىمنىڭ ئاستىدا تۇرغان
ئون تۆتىنچىسى كۆرۈنمەس تېكەن يۈرىكىمگە يوشۇرۇنغان
ئون بەشىنچى ئەتىرگۈل  ئالقىنىمدا كۆيۈۋاتقان ئوت
ئون ئالتىنچى ئەتىرگۈل ئۇخلاۋاتقان قۇلۇلە دېڭىزىمنىڭ ساھىلىدىكى
ئون يەتتىنچىسى شارقىراتما ھېسلىرىمغا قۇيۇلىۋاتقان
ئون سەككىزىنچىسى تىنىمىزدە شەكىللەنگەن يانار تاغ
ئون توققۇزىنچىسى كالىېتسىي بىلەن ئېلمىنىتلار جەدىۋىلى
يىگىرمىنچىسى دېڭىز شاۋقۇنى
يىگىرمە بىرىنچىسى سۇ تاملىرى بىلەن لاي بىزەكلەر
يىگىرمە ئىككىنچىسى پىشانەمگە يېزىلغان تەسۋىرى يېزىق
يىگىرمە ئۈچىنچىسى تاش قوراللار دەۋرىدىكى تېرىقچىلىق ئۇسۇلى
يىگىرمە بەشىنچىسى جەڭ ئولجىسى
يىگىرمە ئالتىنچىسى تىلسىز چۆچەك
يىگىرمە يەتتىنچىسى تاش كارۋات تىنىمىڭ پۇراقلىرى ئويۇلغان
يىگىرمە سەككىزىنچىسى سۈرگۈنگاھ ئەركىنلىكىم بوغۇلغان
يىگىرمە توققۇزىنچىسى تاش كارۋاتتۇر ۋەتىنىمدىكى
ئوتتۇزىنچىسى بىر تامچە تۇز، بىر سىقىم تۇپراق ئالقىنىمدىكى
ئوتتۇز بىرىنچىسى ھاياتىمدىكى بىر تال ،پەقەتلا بىر تاللا گۈلگە ئوخشايدىغان بارلىقىم ،
ئوتتۇز ئىككىنچى ئەتىرگۈل مۇھەببەت ،نېكاھ ۋە ئائىلە ئۈچۈن سۇ بولۇپ ئېقىۋاتقان، ئوت بولۇپ كۆيۈۋاتقان بىر ئايالدۇر ھاياتىمدىكى...

2011-11-3 كۈنى  

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
34340
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-23
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 01:57:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ....  بىر ئادەمنىڭ 32 يىللىق تارىخىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش