تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 17184|ئىنكاس: 52

ھىندىستان:تەكلىماكان چۆلىدە قەدىمى شەھەر بايقالدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
34576
يازما
10
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 13:04:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا،شىنجاڭ:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جۇڭگولۇق ئارخئولوگلار بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈكتە بىر قەدىمى شەھەرنىڭ ئىزلىرىنى بايقىدى.

‹‹65مىڭ كۋادرات مېتر دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ شەھەر ئۆتكەن ھەپتە تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىسى بۆلىكىدە بايقالدى .››-دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى شىنجاڭ ئارخىئولوگيسى بۆلۈمى مۇدىرى دوكتۇر ۋۇ شنخۇا جۈمە كۈنى .

بىنالارنىڭ ئىزنالىرى ۋە جايلىشىش ئەھۋالىدىن ھۆكۈم قىلغاندا،ۋۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى شەھەرنىڭ تارىخىنى غەربى خەن سۇلالىسى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن مىلادىيە 220-يىلىغىچە) دەۋرىگىچە سۈرۈشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.دوكتۇر ۋۇ مۇنداق دېدى:كۆپ قىسم ئىزنالار قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن،بىراق شەھەرنىڭ تۆت تېمىنى ھېلىھەم كۆرگىلى بولىدۇ.

شەھەرنىڭ ئەڭ ئىچكى تىمى جەنۇبتىن شىمالغا 17.8 مېتىر ،شەرقتىن غەرپكە 14.6 مېتىر بولۇپ،دوكتۇر ۋۇ:‹‹شەھەرنىڭ ئىچكى ئايلانمسنىڭ شەرقى جەنۇبى بۆلىكىدە بىر بىنانىڭ ئىزنالىرى بايقالدى››-دېدى.
‹‹ئىككىنچى تاما يېقىلغان تۈۋرۈكلەر ،لىم،قېزىل ساپاللار ئورنىتىلغان 4مىڭ كۋادرات مېتىرلىق شەھەر مەركىزىنى ئوراپ تۇرىدۇ.››      -دوكتۇر ۋۇ.

‹‹ئۈچىنچى تام بولسا ئىھتىمالەن ‹‹دەرەخلىك يول››بولۇشى  مۇمكىن، بۇ تام ئاستىدىن نۇرغۇن مىقداردىكى كاربونلاشقان چىلان دەرىخى ۋە دەرەخ ئۇرۇقلىرى قېزىۋېلىنغان.››

‹‹دەرەخلىك يول بىلەن تاشقى تام ئوتتۇرىسىدا بىر قىسم تۇرالغۇ قۇرۇلمىلىرى،قومۇشلۇق چىتلاق  بايقالغان.››
ۋۇ مۇنداق دېدى:‹‹بۇ ئىزنالار 1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بېرى بايقالغان ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئىزنالاردۇر.پەرەز قىلىشىمىزچە،بۇ يەر ياكى بىر ئەسكىرى قورغان ياكى بىر كاتتاباشنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشى مۇمكىن.››
ئارخئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى دوكتۇر تاڭ جىخۇا شەھەر ئىزنالىرىدىن بايقىغان دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋرشكىلىرىنى بىيجىڭغا ئاپىرىپ تەجرىيە قىلىش ئۈچۈن ئالدى.‹‹بىز ئۇلارغا تارىخ بېكىتىش ئۈچۈن كاربون 14 ئشلىتىمىز››- دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى گىئولوگىيە ۋە گىئوفىزىكا ئىنۇستىتۇتى تەتقىقاتچىسى تاڭ.
قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ئارسىدىن بايقالغان مول ئۆسۈملۈك ۋە ياغاچ ماتىرياللىرىغا ئاساسەن دوكتۇر تاڭ مۇنداق دىدى:ھازىر يىل بويى سۇسز تۇرىدىغان بۇ رايون خەن سۇلالىسى دەۋرىدە مول سۇ بايلىق مەنبەسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.

تارىختىكى ئاساسى سودا يولى بولغان قەدىمى يپەك يولىنىڭ جەنۇبى چىگىرسى تەكلىماكان چۆللۈكىدىن بويلاپ ماڭغان.ناھايتى رەڭگارەڭ بولغان مەدەنى مىراسلار ھازىر ‹‹ئۆلۈم دېڭىزى››دەپ نام ئالغان تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن.
بۈگۈن337,000كۋادىرات كىلومېتر كىلىدىغان تەكلىماكان چۆلىنىڭ نامى ھەمىشە‹‹بارسا كەلمەس››دېگەن مەنىدە تەرجىمە قىلىنماقتا.

1901-يىلى ئەنگىليەلىك ئېكسپىدىتسيەچى مارك ئاۋرىل ستەيىن ئۇزۇن يوللارنى بېسپ ئۆتۈپ ،شۇ يىللىرى پومپىيە شەھىرىگە ئوخشايدىغان ،تېخى ئۆيلەر ،بۇددا مۇنارى،بۇتخانا ،ساپال خۇمدان ،مېۋىلىك باغ،قەبرستانلىق،سۇيولى ۋە توسما بار بولغان بۇ يىراق قۇملۇقتىكى نىيە خارابىلىقىغا يېتىپ كەلگەن.

بۇ يېڭى بايقالغان خارابە قەدىمقى نىيە شەھىرىدىن 100 كېلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.


مەنبەسى:ھىندىستان زېى خەۋەرلىرى گېزىتى تور بېكىتى
ئىنگىلىز تىلىدىن تاھىر ئىمىن تەرجىمە قىلدى

خەۋەر ئادېرسى: http://zeenews.india.com/news/ec ... -desert_770835.html

تاھىر ئىمىن يازما ۋە تەرجىمىلىرى:
http://www.uyghurology.com/a/uyg ... r/2012/0421/80.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 18:05  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 22:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دۇنيا مەدىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكاندا»دەپ كۆرگەنتىم بىر كىتابتا.

UID
36133
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بايقاش ۋە بايقىلىش بىزنىڭ ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدىكى مەۋجۇتلىقىمىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. كىران گۈزىلى بىزنىڭ شەھەرلىشىش تارىخىمىزنى، يېزا ئىگىلىك تارىخىمىزنى يىراق ئۆتمۈشكە تۇتاشتۇرغاندەك، بۇ بايقاشلارمۇ بىزنى يەنىمۇ چىن تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق مۇشۇ رايوندىكى مەۋجۇتلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ، ساختا، ئويدۇرما تارىخلارغا رەدىيە بەرسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن. تەكلىماكاندا مەن ئاڭلىغان ۋە بىلگەن قەدىمى شەھەر خارابىسىدىن ئون نەچچىسى بار. بەزىلىرىنىڭ شەھەر كۆلۈمى ھەتتا ھازىرقى ئۈرۈمچىدىنمۇ چوڭ... مانا بۇ بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ياراتقان شانلىق تارىخى ئىزنالار... گەرچە ئۇزاق ئەسىرلىك مەدەنىيەت بۇزغۇچىلىقلىرى تۈپەيلى بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە مەدەتكار بولىدىغان يازما تارىخىمىز پۈچەكلىشىپ، روھىمىز چۈشكەن بولسىمۇ،  قان بىلەن ئۆتكەن ئېرسىي خاراكتىر خەلقىمىز ئىچىدىن ، تەۋەرۈك زىمىنىمىز ئىچىدىن ئاجايىپ مۆجىزىلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. مانا بۇ پاكىت!!! خەلقىمىز تارىخنى تارىخقا ئۇلاپ، دۇنيا ئىلىم-پەن مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئىزچىل تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ ھەم تېخىمۇ پارلاق نەتىجىلىنى دۇنيا تارىخىنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە يازغۇسى!!!! http://www.uqur.net/

UID
34576
يازما
10
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:38:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەر يەنە تۈركىيەنىڭ داڭلىق مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ يەر ئاپتۇ،مەزمۇنى ئوخشاش ئىكەن:
http://www.ntvmsnbc.com/id/25342075/

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇخەۋەرنى  ئالدى بىلەن ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ  ئاشكارىلىغىنى قىززىق . خەقنىڭ تەييار خەۋەرلىرىنى كوچۇرۇپ جان بىقىۋاتقان مىدىيەلىرىمىز تىخى بايقىماپتىكەندە؟ .  سىر ساقلا  دىسە مۇشۇنداقمۇ سىر ساقلىعۇلۇقمۇ ؟ .  نوۋەتتە پۇتۇن دۇنيا سىر ئىچىۋاتسا ،بىزلەر سىر يۇشۇرۋاتىمىز .  

باھا سۆز

tunbalisi  ماۋۇ پەقەت ئىلمىي ئاساسى يوق قۇرۇق گەپ، ئىشنەمىسەڭلار مورگاننىڭ كىتابىنى..  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 15:32:19

UID
14498
يازما
150
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
840
تىزىملاتقان
2011-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
213 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:43:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇشۇنى دەۋاتىدۇ تورداشلار!

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

باھا سۆز

atux1  تەستە ياسىغان.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 13:45:25
atux1  بۇ ئاچقۇچ ئۇنچە ئالدىراپ تېپىلمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاچقۇشنى ئەجدادلىرىمىز بەك  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 13:44:42
atux1  بۇ ئاچقۇچ ئۇنچە ئالدىراپ تېپىلمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاچقۇشنى ئەجدادلىرىمىز بەك  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 13:44:42
atux1  بۇ ئاچقۇچ ئۇنچە ئالدىراپ تېپىلمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاچقۇشنى ئەجدادلىرىمىز بەك  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 13:44:42

UID
32305
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 15:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
langarlek يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 22:52
«دۇنيا مەدىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكاندا»دەپ كۆرگەنتى ...

«دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكاندا» دېگەن گەپ ھېچقانداق يەردە دېيىلمىگەن قىپقىزىل يالغان گەپ، بەزى كىشىلەر بۇ گەپنى مورگاننىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» دېگەن كىتابىدا دېگەنلىكىنى ئېيتىپ، بەك كۆككە كۆتۈرۈپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە مورگاننىڭ كىتابىدا تەكلىماكان توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ يوق.... بۇ بىر قېتىم ھاياجانلىق كىشىلەر كۆتۈرۈپ چىققان قۇرۇق گەپ بولۇپ، ئىلمىي ئاساسى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە باشقىلار ئاڭلىسىمۇ زاڭلىق قىلغىدەك ئىلمىي خاتالىق، تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى بىر تەرەپلىمە مىتۇد «مىللەت مەركەزچىلىك نەزەرىىيىسى» نىڭ توقۇلما گېپى. شۇڭا، بۇنداق پەلپەتىش گەپلەر ئۆزىنى ئالدىمىغان، تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئوبيېكتىپ قارىغان، پاكت بىلەن سۆزلىگەن، دېگەن ھەربىر گەپكە ئېنىق ئىلمىي ئاساس ۋە پاكىت كۆرسەتكەن ئەۋزەل...

UID
32305
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 15:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
langarlek يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 22:52
«دۇنيا مەدىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكاندا»دەپ كۆرگەنتى ...

«دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكاندا» دېگەن گەپ ھېچقانداق يەردە دېيىلمىگەن قىپقىزىل يالغان گەپ، بەزى كىشىلەر بۇ گەپنى مورگاننىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» دېگەن كىتابىدا دېگەنلىكىنى ئېيتىپ، بەك كۆككە كۆتۈرۈپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە مورگاننىڭ كىتابىدا تەكلىماكان توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ يوق.... بۇ بىر قېتىم ھاياجانلىق كىشىلەر كۆتۈرۈپ چىققان قۇرۇق گەپ بولۇپ، ئىلمىي ئاساسى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە باشقىلار ئاڭلىسىمۇ زاڭلىق قىلغىدەك ئىلمىي خاتالىق، تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى بىر تەرەپلىمە مىتۇد «مىللەت مەركەزچىلىك نەزەرىىيىسى» نىڭ توقۇلما گېپى. شۇڭا، بۇنداق پەلپەتىش گەپلەر ئۆزىنى ئالدىمىغان، تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئوبيېكتىپ قارىغان، پاكت بىلەن سۆزلىگەن، دېگەن ھەربىر گەپكە ئېنىق ئىلمىي ئاساس ۋە پاكىت كۆرسەتكەن ئەۋزەل...

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 18:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tunbalisi يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 15:31
«دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكاندا» دېگەن گە ...

سىز مورگاننىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» دېگەن كىتابىنى كۆرگەنما؟ ئۇيغۇرچىسى بارمۇ؟

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 18:24:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tunbalisi يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 15:31
«دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكاندا» دېگەن گە ...

مەن ئۇ گەپنى بىر قىسىم ئۇيغۇرچە كىتابلاردا كۆرگەن،شۇڭا ئىنكاس شەكلىدە يازىغان.ئەگەر ھەققى بىلدىغانلار بولسا ھەممەيلەن بىلىپ قالساق،قانداق؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش