- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5
- تىزىملاتقان
- 2012-1-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-3
- UID
- 23454
- يازما
- 5
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5
- تىزىملاتقان
- 2012-1-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-3
- توردا
- 8 سائەت
|
خوش خەۋەر
تۇرمۇشنى ۋە پەننى قىزغىن سۆيگۈچى ئەزىز قېرىنداشلار،كەسىپداشلار ۋە دوستلار! سىلەرگە بىر خوش خەۋەرنى ئېيتىشىمغا ئىجازەت بەرسەڭلار ...قاراماي شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل –ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى،يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئاپتورلۇقىدا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان يېڭى پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقى ھېسابلانغان «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ «تەكلىماكان»،«ئادەم بەدىنى»،«پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق دەسلەپكى ئۈچ قىسمى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بۇ كىتابلارنىڭ تېتولىدا ۋە بەتلىرىدە، ئاپتورنىڭ رەسىمى ۋە تەرجىمىھالى بېرىلگەندىن باشقا ياش تالاننتلىق رەسسام ئادىلجان ئابلىزنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرى ھەر بىر كىتابتا 4-5 پارچىدىن ئورۇن ئالغان ئىكەن. بۇ ئىلمىي فانتانزىيە كىتابلارنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق قۇرلار بار:
...بىزدە ساپ پەننىي ساۋات ئەسەرلىرى كۆپ بولسىمۇ،لېكىن پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقى يوق دېيەرلىك. ساپ پەننىي ساۋات ئەسەرلىرىنى پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقىغا سېلىشتۇرغاندا، بەدىئىيلىكى نىسبەتەن تۆۋەن،ئېستېتىك زوقلاندۇرۇش كۈچى ئاجىز بولدى. پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقى ھەققىدە مەشھۇر رۇس ئوبزورچىسى بېلىنىسكى مۇنداق دەيدۇ: «پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقى ئالىملارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئومۇمۇلاشتۇرغان،شۇنداقلا كۆپچىلىك ياقتۇرغان يېقىملىق نەرسە بولۇشى،ئۇ يازغۇچىلاردىن ئاشۇ چۈشەنچىلەرنى ئەدەبىيات-سەنئەت شەكلى بىلەن ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىشى لازىم. پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقى مەزمۇن جەھەتتە ئىلمىيلىقى بار،قۇرۇلۇش ۋە ۋەقەلىك جەھەتتە بەدئىيلىكى بار گۈزەل نەرسىدىن ئىبارەت» مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، فىرانسىيەلىك ژىيۇل ۋېرىننىڭ «سىرلىق ئارال»،ئەنگىلىيەلىك ۋېلىسنىڭ «مارىس ئادەملىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ»،ئامېرىكىلىق ئىساك ئاسىموۋنىڭ «مەن ماشىنا ئادەم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. بۇلارنى سېلىشتۇرساق،ئۇيغۇر ئىلمىي فانتانزىيە ئەدەبىياتىنى،يەنى بىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقىمىزنى بەكمۇ گۆدەك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرياتىمىز پەن-تېخنىكا نەشىرياتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى ۋە بۇ ساھەدە ئىزدىنىشكە باشلىدى ھەمدە 2007-يىلىدىن باشلاپ،تەسەۋۋۇرغا باي يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى بىلەن بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم پىكىرلىشىپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «ھايات نەسىردىن ئەپەندى»سى ھېسام قۇرباننى باش پېرسۇناژ قىلىپ،«ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» دېگەن باش تېمىدا بىر يۈرۈش ئىلمىي فانتانزىيە ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.شۇنىڭ بىلەن ئاپتور ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ بىرقانچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە بۇ مەجمۇئەنىڭ «تەكلىماكان»،«ئادەم بەدىنى»،«پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق دەسلەپكى ئۈچ قىسمى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بۇ ئەسەرلەردە ھېسام ئاكىنىڭ يۇمۇرىستىك تىلى ئارقىلىق تەكلىماكان،ئادەم بەدىنى،قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانېتلارغا دائىر جۇغراپىيىلىك،فىزىيولوگىيەلىك ۋە ئاسترونومىيەلىك بىلىملەر جانلىق ھېكايە ۋەقەلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ،كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئەتىراپلىق بىلىم بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلاردا ئانا تەبىئەتنى سۆيۈش،موھىتنى قوغداش ئېڭى،ئادىمىيلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.
ئەزىز دوستلار بۇ كىتابنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە نەشردىن چىققان ئەۋرىشكە نۇسخىسىنى سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.بۇ كىتابلار پات ئارىدا شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا سېلىنىدۇ.بارلىق دوستلارنىڭ بۇ خوش خەۋەرنى ئىلىم سۆيەر پەرزەنتلىرىمىزگە يەتكۈزۈپ،ئۇلارغا سوغا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
[ |
|