ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 1121|ئىنكاس: 18

ئەخلاقنىڭ رولى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
31495
يازما
8
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-3-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 11:12:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلاقنىڭ ئىلمىي تەبىرى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى ھەققىدە

مۇئاممار ئۇلۇغيار

1.        ئەخلاقنىڭ ئىلمىي تەبىرى

ئەخلاق ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسانلارغىلا خاس بولغان ئىجتىمائىي ھەرىكەت ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە رولى ھەققىدىكى ئىلمىي ئاساسلارنى پەقەت ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ مايىللىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ(ئادىللىق)نىڭ «بۇلۇتسىمان» ئىلمىي تەسۋىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ بىر مىللىي توپنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە باشقا توپتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان «مىللىي قانۇن» سۈپىتىدە، شۇ مىللىي توپنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

ئەخلاقنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى: سۆز يېقىشلىقى، ھەرىكەت گۈزەللىكى، مەشغۇلات بىخەتەرلىگى، مەنپەئەت ئادىللىقى، كەيپىيات تەڭپۇڭلىغى، مەسئۇلىيەت ئاڭلىقلىقى، قانداشلىق تارتىشىش پىسخىكىسى، دىنىي ئەقىدە-مىزانلىرى(دىنىي ئەخلاق)، ئەجىرنىڭ ئۈنۈمدارلىقى... قاتارلىقلار.

مەسىلەن: ① ئادەم بار يەردە ئىككى جىنىس ئاشكارە ھالدا جىنسىي قىلىقلارنى قىلسا، كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمىنىڭ نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىشى تۈپەيلىدىن، شۇ نەق مەيداندا بولغان ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى كىشىلەرنىڭ جىنسىي تۇيغۇسىنى غىدىقلاش، جىنسىي ھورموننى كۈچەيتىش تەسىرى بولىدىغانلىقى بەرھەق. ئەگەر بۇ خىل ئاشكارە جىنسىي قىلىقلار ئاممىۋى سورۇندا چەكلەنمىسە، شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە ۋە ياكى كېيىن زەنجىرسىمان جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىلىدۇ-دە، ئىجتىمائىي مۇۋازىنەت بۇزۇلۇپ، كىشىلەر توپىنىڭ مۇناسىۋەت تەڭپۇڭلىغىنى كىرىزىسكە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل زىيانلىق ئاقىبەت ئېلىپ كېلىدىغان قىلىقنى چەكلەش بىر خىل ئاقىلانە تاللاشتۇر.
② ئاجىزلارغا ياردەم بەرمەي قاراپ تۇرۇش ياكى كۆيۈنمەي خورلاش قىلمىشى يۈز بەرسە، ماددىي باغلىنىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھىچقانداق «مەسئۇلىيەت»نىڭ زۆرۈر ۋە يېتەرلىك شەرتلىرى بولمىسىمۇ، ئەمما سېزىم ۋە تەپەككۈر ئىگىسى بولغان ئاشۇ ئىككىلا تەرەپتە بۇ ۋەقە ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىغا نىسبەتەن سەۋەپ-نەتىجە تەھلىلى بولۇشى تۇرغان گەپ، يەنى ياردەم بەرمىگەن كىشى ئۆزىنىڭ تەبىئىي قېرىش ياكى تاسادىپىي سەۋەپلەر بىلەن ئاشۇنداق «ھاجەتمەن» بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ھىس قىلالايدۇ-دە، ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلگەندە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىش ئارزۇسى شەكىللىنىدىغانلىغىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ؛ ئەكسىچە ياردەمگە مۇھتاج بولغان تەرەپمۇ تىل ئۇقۇشالايدىغان ھەمدە قانداشلىق-قېرىنداشلىق «سېلىنمىسى» بولغان ئاشۇ «مەسئۇلىيەتسىز» تەرەپكە نىسبەتەن، خۇددى بىر دەرەخكە ئېسىلىپ ئۆرە تۇرماقچى بولغاندەك شەرتسىز ئېھتىياجى شەكىللەنگەنلىگىنى، ھەر ئىنسان ئۆزئارا ئاكتىپ يار-يۆلەك بولسا بۇ خىل «ھاجەت»نىڭ راۋا بولمىغى تېخىمۇ ئاسانلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. شۇڭا، ھاجەتمەنلەرنىڭ سىز ئۈچۈن ئېنىق بولغان «قەرزى» بولمىغان تەقدىردىمۇ، توپلۇشۇپ ياشاش مۇھىتىدىكى ئىمكانىيەت ۋە ئېھتىياج زەنجىرىنىڭ باغلىنىش مېخانىزمىنى ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەپ كۆرگەندە، ئاشۇ «ھاجەتمەن»گە ھەقسىز ياردەم بېرىشنىڭ تاسادىپى توغرا كېلىپ قالغان تەبىئىي «قەرزدارلىق» ئىكەنلىگىنى ئىدراك قىلىشقا بولىدۇ.
③ ئىنساننىڭ تەبىئىي سېزىمى يەڭگىل-يېقىشلىق ئاۋازلارنى، رەڭ، نۇر، ۋە شەكىل جەھەتتىن ئادەم سېزىمىگە راھەت بېغىشلايدىغان كۆرۈنۈشلەرنى، ماددىي نەرسىلەردىكى قولاي، بىخەتەر، تەڭپۇڭ ھالەتلەرنى «ياقتۇرىدۇ». بۇ خىل ياقتۇرۇش ئىنتايىن تەبىئىي بولۇپ، بىۋاستە سېزىم ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ ئىنكاسىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ماددىي نەرسىلەر قاتارىدا تۇرۇۋاتقان قارشى تەرەپتىكى ئادەمنىڭ سۆز-تاۋۇشلىرى ۋە ھەرىكەت ھالەتلىرىمۇ ئوخشاشلا  كۆرگۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا «يېقىشلىق» بولغىنى تەبىئىي ھوزۇردۇر. تەبىئىي ھوزۇرنىڭ ئەكسى بولغاندا، كۆرگۈچى تەرەپنىڭ سېزىمنىڭ ئىنكاسىدىن غىدىقلانغان روھىي تەڭپۇڭلۇغى مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ-دە، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بۇ خىل بىئاراملىق ھەر كىشىگە ياقمايدۇ. ئەقلىي ئىدراكلىق ئىنسانلار توپى ئەقلىي تەپەككۈر يۈرگۈزگەندە، ئاشۇنداق بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئادەم قىلىقلىرىنى ئورتاق ھالدا رەت قىلىشى بىر خىل تەبىئىي تاللاشتىن ئىبارەتتۇر.

دىمەك، ھەر بىر مىللەت بىر تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي توپ سۈپىتىدە، ئەجداتتىن ئەۋلاتقا جۇغلاپ كەلگەن تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئاشۇنداق تەڭپۇڭلۇقنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا بۇزغۇچى ئادەم قىلىقلىرىنىڭ پايدىسىز تەسىرلىرىنى تەبىئىي رەت قىلىش ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. بۇنى بىز ئاشۇ مىللەتتىن ئىبارەت توپنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى دەيمىز.

2. ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىي رولى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتى

بەزى ماقالىلەردە «ھازىر ئەخلاق دۇنياۋى كىرىزىسكە ئۇچراۋاتىدۇ، ئەخلاقنى قوغداپ قېلىشتىكى ئىلمىي ئاساسلار تېپىلمىغاچقا ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي ھەرىكەت ئۆلچىمى خىرىسقا دۇچ كەلدى» دىگەندەك تېيىز تەپەككۈرنىڭ ئاجىز توزانلىرى توزۇپ يۈرمەكتە. مۇبادا مىللەتلەرنىڭ ئەجداتتىن ئەۋلاتقىچە جۇغلاپ كەلگەن ئىپتىدائىي ھەرىكەت مىزانى بولغان ئەخلاقنىڭ ئىلمىي ئاساسىي ۋە تەبىرى يوق دىيىلسە، ئۇنداقتا شەرتسىز بويسۇنۇشنى بەلگە قىلىدىغان ھەرقانداق قانۇننىڭمۇ ھىچبىر ئىلمىي ئاساسىي مەۋجۇت ئەمەستۇر. چۈنكى قانۇنمۇ بىر خىل «ئاخىرقى» تاللاش تىپىدىكى مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن كېلىشىمدۇر. دۇنيادا ئەخلاقنى كىرىزىسقا ئۇچرىتىۋاتقىنى ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ ئاساسسىز بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئەخلاق پاراغىتىنىڭ بەھىرلەنگۈچىلىرى بولغان مىللىي توپنىڭ ئومۇمىي گەۋدە سۈپىتىدە باشقا غەيرىي «ئەخلاق» مىزانى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان نىسبەتەن قۇدرەتلىك توپلارنىڭ خىرىسىغا ئۇچراۋاتقانلىغىدىن، مىللىي تەركىپلەرنىڭ ئاشۇ مىللىي توپ بىرلىكىدىكى ئورتاق ھەرىكەت «كېلىشىمى» بولغان ئەخلاق مىزانلىرىغا  نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، چەكتىن ئاشقان راھەتپەرەسلىك ۋە شەخسىيەتچىلىك تۈپەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىغىدىن، ھەم شۇنداقلا بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىدا دۇنياقاراش جەھەتتىكى تېيىزلىق تۈپەيلى ئىنساننىڭ ياشاش ئەركىنلىگى جەھەتتىكى بەزى تەركىپلەرنىڭ بىرتەرەپلىمە بوغۇلۇپ كەلگەنلىگىدەك ئەسلى «ئۆلچەم خاتالىقى»نىڭ بولغانلىقىدا...

ئەخلاق ئالدى بىلەن مىللەتتىن ئىبارەت بىر تەبىئىي توپنىڭ ئورتاق «كېلىشىمى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھەرقايسى مىللىي توپلارنىڭ ئەجداتتىن ئەۋلاتقا جۇغلىنىپ كەلگەن ياشاش تەجرىبىسىدە بىرقىسىم تەبىئىي پەرقلەر مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇخشاش بولمىغان مىللىي توپلارنىڭ ئەخلاقتىن ئىبارەت ھەرىكەت «كېلىشىمى»دىمۇ روشەن پەرقلەر مەۋجۇت، ھەتتا ئوخشاش ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن قارىمۇ-قارشى پوزىتسىيەدىكى «كېلىشىم» شەكىللەندۈرگەن بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئەخلاق كىرىزىسى ئالدى بىلەن بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان زاماندا كۆپ يۈز بېرىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللىي توپ، ئۆزىنىڭ «ھەرىكەت كېلىشىمى» بولغان مىللىي ئەخلاق مىزانلىرى بىلەن سۇغۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن «قانۇن»لارغا تايىنىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى مىللەت ئەزالىرىغا نىسبەتەن مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا، مەجبۇرىي ياكى «تەبىئىي» ھالدا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، «ئاجىز» مىللەتنىڭ ئەخلاق مىزانلىرىنى بۇزىدۇ ياكى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانىيەت ئاڭ قاتلىمىنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى ۋە غەيرىي مىللىي توپ ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان كۈچلۈك غىدىقلىشىغا ئەگىشىپ، «ئاجىز» مىللىي توپتىكى بىرقىسىم ئىنسانلاردا «دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇق ھوزۇرى»غا بولغان يېڭىچە «بايقاش» ۋە ئاكتىپ «تۈزىتىش» ئىنكاسى كۆرۈلۈپ، ئۆز ئىچىدىن «ئىنسانىي مەسئۇلىيەتچانلىقى» ئۇرغۇپ-تېشىپ، ئۆز مىللىي توپىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مانا بۇلار ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىدۇر. ئەخلاق كىرىزىسى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر ياكى كۆپلىگەن مىللىي توپنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ «تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلۈشى» ياكى «ئىسلاھ قىلىنىشى» بولۇپ، ماكرو جەھەتتىن ئالغاندا، بۇمۇ بىر خىل تەبىئىي تاللاشتۇر. ئۇ(ئەخلاق كىرىزىسى) ئېھتىمال ئىنسانىيەتنىڭ پەيتلىك ھوزۇر-ھالاۋىتى ۋە نىسبىي «ئىجتىمائىي ئادىللىق» ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدىكى «ئاكتىپلاشتۇرۇش» رولىنى ئوينىشى مۈمكىن. ئەمما ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ پارتلىشى، مەلۇم بىر مىللىي توپنىڭ توپ سۈپىتىدە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا نىسبەتەن ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىدۇ. نىسبەتەن شىددەتلىك پارتلىغان ئەخلاق كىرىزىسى، ئۆز زامانىسىدا، ئاشۇ ئەخلاق كىرىزىسى يۈز بەرگەن مىللىي توپنىڭ ئىچكىي قىسمىدا تارىختىن بۇيان «داتلىشىپ» مۇقىملىشىپ قالغان خېلى زور سالماقتىكى مۇۋازىنەت ۋە مۇستەھكەم بىرلىكنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىرقەدەر ئېغىر دەرىجىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى پەيدا قىلىپ، ئاجىز توپلارغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئۆز ئەخلاق مىزانلىرى تەركىبىدە مەلۇم «ناھوزۇر» ياكى «ئانچە ئادىل بولمىغان» تەركىپلەر بولسىمۇ(بولۇپمۇ قىلىقسىز ئەسەبىيلەر ۋە ئاشقىنلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق)، مەلۇم تاشقى بورانلارغا ئەگىشىپ مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىدىن قىسقا دەۋر(ئەسىر) ئىچىدە بىر-بىرلەپ ۋاز كېچىش ياكى يەڭگىللىك بىلەن «ئىسلاھ» قىلىش، شەرتسىز ھالدا ئاشۇ مىللىي توپنىڭ مىللىي بىرلىك «كېلىشىمى» بولغان ئەخلاق مىزانلىرى(ئىپتىدائىي قانۇن)نى چاك-چېكىدىن پارچىلاپ، شۇ مىللەتنىڭ ئىنسانىي ھەمكارلىق توپىنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ.

مىللىي ئەخلاق مىزانلىرى، بىر مىللەتنى مۇستەقىل بىر مىللەت سۈپىتىدە كۆرسىتىپ تۇرىدىغان تەركىپلىگۈچى ئامىللار بولغان تىل-يېزىق، كىشىلىك ئالاقە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئىجتىمائىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد، تىرىكچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق بارلىق نەرسىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەر بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ، ئۇ بىر مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە قوغداپ قېلىش ۋە شۇ مىللەتنىڭ توپ سۈپىتىدىكى ئومۇمىي، ئەنئەنىۋى مەنپەئەتىنى دەخلىسىز كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا، ئومۇمىي «خىتابنامە» ياكى «مىللىي قانۇن» سۈپىتىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. مىللىي ئەخلاق يىمىرىلسە، شەك-شۇبھىسىزكى مىللەتنىڭ تىل-يېزىق، كىشىلىك ئالاقە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئىجتىمائىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد، تىرىكچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق بارلىق نەرسىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەر بۇزۇلۇپ، بىر-بىرىگە ئەگىشىپ يوقىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا تەدرىجى ھالدا غەيرىي مىللىي توپلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم-كېلىشىملىرى دەسسەيدۇ. ئەكسىچە مىللىي ئەخلاقنى تەركىپلىگۈچى ئاشۇ ئامىللارغا سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەردە ئۆزگىرىش ۋە بۇزۇلۇش كۆرۈلسە، شەك-شۈبھىسىزكى، مىللىي ئەخلاقمۇ چاك-چېكىدىن يىمىرىلىدۇ. شۇڭا، ئاقىللار ھەرگىزمۇ ئالدىراپ ئەخلاق مىزانلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى دۇرۇس كۆرمەيدۇ، تۇمشۇغىنىڭ ئۇچىدىكى مەنپەئەتنى دەپلا ئەجداتلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل-ئىدرىگىنىڭ جۇغلانمىسى بولغان بۈيۈك مىراس ـــ ئەخلاق ئەھكاملىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ ئىسيان كۆتۈرمەيدۇ؛ مىللەتنىڭ تىل-يېزىق، كىشىلىك ئالاقە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئىجتىمائىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد، تىرىكچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق بارلىق نەرسىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ...

ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ دەخلىسىز بولۇشى، بىر مىللەتنىڭ دەخلىسىز بولۇشىنىڭ نامايەندىسى ۋە كاپالىتىدۇر. مىللىي توپ ئەخلاقىنى قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە قۇرۇلغان مىللەتلەر بىرلىگى يىلتىزسىز دەرەخ، مەنبەسىز سۇغا ئوخشايدۇ، بۇ خىل شەكىلدە قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ھۇلى بوش، سەلتەنىتى قىسقا بولىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن ھەر بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئەخلاقىنى قوغداش، بىر دۆلەتنى ھەقىقىي مەنىدىكى چوڭ بىرلىك توپى قىلىپ شەكىللەندۈرۈشتىكى شەرتسىز مەسئۇلىيەتتۇر. ھەر-بىر مىللەت دۆلەتتىن ئىبارەت «بىنا»نى تەشكىل قىلغۇچى «خىش»لاردۇر، ھەر بىر پارچە «خىش» پارچىلانسا ياكى قومۇرۇلسا، بۇ «بىنا» بىر قەدەم زاۋال تاپىدۇ. ھەرقانداق توقۇنۇشتا، ئاسىي-مۇناپىقلارنىڭ تەقدىرى ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنىغا ئوخشاش، بىر مىللەت يىمىرىلسە، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئەخلاق مىزانلىرىنى بۇزغۇچى ئاسىي-مۇناپىقلار ۋە ئۇلارنىڭ قەۋم-قېرىنداشلىرى ھەممدىن پەتتەر خار-زەبۇن بولىدۇ... مىللىي ئەخلاقنى بىلىپ-بىلمەي بۇزۇش ـــ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۆزىگە ئۆزى ئورا كولىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس... شۇڭا دەيمەن، ئەي سۆيۈملۈك قېرىندىشىم، مىللىي ئەخلاقنىڭ ھەر-بىر ھۈجەيرىسىنى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى، مىللىي ئەخلاقنىڭ بەزى ماددىلىرى بىزگە ياقسۇن ياكى ياقمىسۇن، ئۇنى ئىككىلەنمەي قوغدايلى(ئۆزىمىز قوغدىمىغان مىللىي ئەخلاقنى ھەرگىزمۇ باشقا مىللىي توپلار كېلىپ قوغداپ بەرمەيدۇ)، بىلىپ-بىلمەي «ئېقىم»لارغا ئەگىشىپ، دوستمۇ-دۈشمەنمۇ ئوخشاشلا يىرگىنىدىغان شەرمەندە ئاسىي-مۇناپىقلاردىن بولۇپ كەتمەيلى!

ئۇنداقتا، بىز قوغداشقا تېگىشلىك مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىمىز، يەنى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزگەرمەي كەلگەن مىللىي تىل-يېزىق، كىشىلىك ئالاقە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئىجتىمائىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد، تىرىكچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق بارلىق نەرسىلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەر قايسىلار؟ ئۇنى قانداق قوغدايمىز؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى مانا ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىز ئىزدەڭ. ئىشىنىمەنكى، ئەڭ ياخشى جاۋاپنى سىزنىڭ قىلىقلىرىڭىزدىن تاپالايمەن...


2012-يىلى 29-يانۋار، ئاقسۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 12:36  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
449
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
10174
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-23
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 16:11:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاپتۇر
ئوبدان ئويلىنىپسىز. مەنچە سىز مۇنداق مەسىلىنى ئويلاپ باقسىڭىز،  قايتا قۇراشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەخلاقنىڭ رولى كونترول كۈچىنى قانداق جارى قىلدۇرالايدۇ؟

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
449
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
10174
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-23
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 16:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. نىسبەتەن شىددەتلىك پارتلىغان ئەخلاق كىرىزىسى، ئۆز زامانىسىدا، ئاشۇ ئەخلاق كىرىزىسى يۈز بەرگەن مىللىي توپنىڭ ئىچكىي قىسمىدا تارىختىن بۇيان «داتلىشىپ» مۇقىملىشىپ قالغان خېلى زور سالماقتىكى مۇۋازىنەت ۋە مۇستەھكەم بىرلىكنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىرقەدەر ئېغىر دەرىجىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى پەيدا قىلىپ، ئاجىز توپلارغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئۆز ئەخلاق مىزانلىرى تەركىبىدە مەلۇم «ناھوزۇر» ياكى «ئانچە ئادىل بولمىغان» تەركىپلەر بولسىمۇ(بولۇپمۇ قىلىقسىز ئەسەبىيلەر ۋە ئاشقىنلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق)، مەلۇم تاشقى بورانلارغا ئەگىشىپ مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىدىن قىسقا دەۋر(ئەسىر) ئىچىدە بىر-بىرلەپ ۋاز كېچىش ياكى يەڭگىللىك بىلەن «ئىسلاھ» قىلىش، شەرتسىز ھالدا ئاشۇ مىللىي توپنىڭ مىللىي بىرلىك «كېلىشىمى» بولغان ئەخلاق مىزانلىرى(ئىپتىدائىي قانۇن)نى چاك-چېكىدىن پارچىلاپ، شۇ مىللەتنىڭ ئىنسانىي ھەمكارلىق توپىنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ.

بۇ گېپىڭىز ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا ئەرزىيدىكەن

UID
15784
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
380
تىزىملاتقان
2011-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 16:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى نىمىلەرنى دىمەيلى ئەخلاقنى بىر تەرەپكە چۆرىۋېتىشكە بولمايدۇ،ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىنىڭ ئىنسانلارغا نىمىلەرنى ‹ھەدىيە›قىلۋاتقانلىغىنى ئۇنتۇمايلى!!!

UID
15784
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
380
تىزىملاتقان
2011-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 16:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاپتۇر
ئوبدان ئويلىنىپسىز. مەنچە سىز مۇنداق مەسىلىنى ئويلاپ باقسىڭىز،  قايتا قۇراشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەخلاقنىڭ رولى كونترول كۈچىنى قانداق جارى قىلدۇرالايدۇ؟
سىزنىڭچەئۇيغۇر جەمئىيىتى  قايتا قۇراشتۇرۇلۇۋاتىدۇ دەپلا  ئەخلاقنىڭ رولىغا سەل قارىساق بۇلامدا؟؟؟

UID
30558
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 17:33:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىنىپ ئنكاس يازاي .ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېمىكەن . بىراق ئەخلاققا سەل قارىماسلىغىمىز كېرەك .            ئەخلاق  ئادەم زىننىتى  ،ئەخلاقسىزلارنىڭ يوقتۇر قىممىتى .

UID
34836
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 18:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ، ئەخلاقى بىلەن ئادەم بولىدۇ

UID
32098
يازما
229
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
229
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
171 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 23:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي ئەخلاقنىڭ بەزى ماددىلىرى بىزگە ياقسۇن ياكى ياقمىسۇن، ئۇنى ئىككىلەنمەي قوغدايلى
مەن تازا چۈشەنمىدىممۇ ياكى...

مەنچە سىز مۇنداق مەسىلىنى ئويلاپ باقسىڭىز،  قايتا قۇراشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەخلاقنىڭ رولى كونترول كۈچىنى قانداق جارى قىلدۇرالايدۇ؟
قايتا قۇراشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر جەمىئيىتى قايسى يۈزلىنىشكە قاراپ قۇراشتۇرلىۋاتقانلىقىغا قاراش كېرەك .بۇنىڭدا ئىككى ئېھتىماللىق بار،بىرى مىللىي ئەخلاقىنى مۇكەممەللىك يۈزلىنىشىگە باشلايدۇ،يەنە بىرى ئورتاق بىر ئېتقاد ئارقىلىق ئەخلاق كونتىرۇل كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ.(مېنىڭچە)سىزنىڭ سۇئالىڭىزنى چۈشىنىشىم بويىچە تەھلىل قىلىپ مۇشۇنداق ئويلىدىم،خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام كەچۈرۈڭ.  

UID
2539
يازما
135
تېما
76
نادىر
0
جۇغلانما
7045
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 10:43:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەخمەت. تورداشلارنىڭ بۇ ماقالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ماقالىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تىلەكداشمەن.

UID
12313
يازما
82
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1732
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:38:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى راستىنلا چوڭقۇر ئويلاندۇردىغان،نادىر تىما ئىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش