كۆرۈش: 6523|ئىنكاس: 24

بىر ئايالنىڭ خېتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12244
يازما
54
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1344
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-7
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 00:33:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                                بۈگۈن سەن كەتتىڭ  ، ئوغلۇم ئىككىمىزنى  كۆڭۈلسىز ، بىچارە ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتتىڭ ،  گەرچە بەزىدە سەندىن ئايرىلىشنى  تالاي ئويلىغان بولساممۇ  بۇ ھالەتتە ئايرىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ھەم خالىمايتتىم . بۇ بىر قانچە يىللىق تۇرمۇش مۇساپىسىدە مېنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز  غەم - قايغۇلارغا  ، كۆز يېشىغا بەنت قىلىپ ، پاراكەندىچىلىكلەرنى ، ئادالەتسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولساڭمۇ ، بىزنىڭ قۇۋناق ئۆتكەن كۈنلىرىمىزمۇ بولغانىدى ، ئەڭ مۇھىمى 6 يىللىق تۇرمۇشىمىزنىڭ شاھىدى بولغان ئوغلىمىز بىزنى قانداقلا بولمىسۇن بىر - بىرىمىزگە باغلاپ ئەشۇ  چىدىغۇسىز ، كۆڭۈلسىز كۈنلەرنى بەرداشلىق بېرىپ ئۆتكۈزۈشكە مەدەت بېرىپ كەلگەنىدى ، ھېلىھەم ئوغلۇمنى مېنىڭ يالغۇزلۇقۇمنى بىلىندۇرمەس دەپ ئويلايمەن .
                           شۇنداق ، سەن كەتتىڭ ، ماڭا تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ، غەمنى سېلىپ قويۇپ كەتتىڭ . ئۇنىىڭسىزمۇ  مەن بەرگەن قۇربانلىقلار مېنىڭ يەلكەمنى ئىزچىل بېسىپ كېلىۋاتقانىدى !مەن چارچىغان ، قاتتىق چارچىغانىدىم ، بۇ خىل تۇرمۇش مېنى چارچىتىپ ھالىمدىن كەتكۈزگەنىدى  ، يېشىم تېخى ئوتتۇزغا بارمايلا تۇرمۇش ، خىزمەت بېسىمى بىلەن قوشۇلۇپ سېنىڭ بېغەم ، مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭ ، بىر ئەر ، بىر خوجايىن سۈپىتىدە ئۆزۈڭنىڭ تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىڭنى ئادا قىلىشنى ئويلاپمۇ قويماسلىقىڭ مېنى ھارغۇزغانىدى ...
                         ھەر قېتىم تۇرمۇشتىن بەزگەن چاغلىرىمدا ئازاپلىق تولغىنىپ  ئولتۇرۇپ ئىككىمىزنىڭ تويى ھەققىدە ئويلاپ قالىمەن .
                          مەن ئاتا- ئانامنىڭ ئارزۇلۇق قىزى  ئىدىم ، ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلاشلىرى مېنى قەرزداردەك ھېس قىلدۇراتتى ، شۇڭا ، قەلبىمدە بىخلاپ چىققان تۇنجى مۇھەببەتنى يەنە شۇ قەلبىمنىڭ قات - قېتىغا كۆمۈپ قويۇشقا  مەجبۇر قىلغانىدى ، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپ مېھرىمنى ئاتا قىلىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش يولىنى تاللىغانىدىم . خىزمىتىمنى بېرىلىپ ئىشلەش ، ئاتا- ئانامنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى  ئۇلارغا ۋاپادارلىقىمنى بىلدۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى قىلىپ تاللىغانىدىم .
                                      تۇرمۇش ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىشكە ، ئويلاشقا ،چۈشىنىشكە مۇيەسسەر بولالماي تۇرۇپ ، دادامنىڭ پات - پات قوزغىلىپ قالىدىغان كونا كېسىلى ھەممىمىزنى يۈرەكئالدى قىلىۋەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئۆزۈمنى تويى بولىدىغان قىز ھالىتىدە كۆردۈم . بىزمۇ خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش كىيىنكى تۇرمۇشۇمنىڭ ئاچچىق مىنۇتلىرىغا ئوخشايدىغان تۇزلۇق ناننى يەپ ، چوڭلارنىڭ دۇئاسىغا پەلەككە يەتكۈدەك نەغمە - ناۋا كۈيىىنى قوشۇپ ياڭرىتىپ يۇرتتا كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بۇ ئۆمۈرلۈك مۇساپىنى باشلىۋەتتۇق .
                              ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا  تۇرمۇشىمىز مەنىسىزلىككە تولۇشقا باشلىدى ، سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئەتىگەندە تۇرۇپ تا كەچ بولغۇچە بىر توپ بىكار تەلەپ ئاغىنىلىرىڭ بىلەن ئىچىش ، كەيىپ - ساپا قىلىش بىلەن ، مەن بولسام خىزمەتنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋەردۇق . ئەمما ، سېنىڭ تالادىكى ئويۇن - تاماشالىرىڭ ئاز كەلگەندەك ، خۇدۇڭنى بىلمىگەن ھالدا تۇرۇپ ھەر خىل ، ھەر قىسما ئا غىنىلىرىڭنى قوندۇرۇشلىرىڭ ھەم  ئۇلارنىڭ سەن بار ۋە يوق جايلاردا قىلغان  تېتىقسىز چاقچاقلىرى قاتتىق زىتىمغا تەگكەچكە قېيىنئاپامنى ساڭا نەسىھەت قىلىپ قويار دېگەن نىيەتتە دېگەن سۆزلىرىمگە : « ئوغۇلبالا دېگەن ئىچىدۇ ، چېكىدۇ ، ئۇنى سىز تۇرماق مەنمۇ توسالمايمەن ، جەمئىيەتكە ئارىلاشمىغان ئوغۇلبالىنى ئوغۇلبالا دېگىلى بولاتتىمۇ ؟ » دەپ جاۋاپ بېرىشى مېنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى . سېنىڭ روھىيىتىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ئادەم ئىدىڭ ، سەندە نە بىر ئىشقا قىزىقىش ، ئىنتىلىش يوق ئىدى خۇددى ئۆزۈڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىڭنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ...مەن بۇ بىمەنە  ياشاشقا ، بۇ خىل بىمەنە تۇرمۇشقا خاتىمە بېرىشنى ئويلاپ قەتىئي نىيەتكە كەلگەن كۈنلەردە باشلانغان  سېزىكىم تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى ! قانداق قىلىش كېرەك ؟ سېنىڭ قايتا - قايتا يالۋۇرۇشلىرىڭ ۋە ئاتا -ئانامنىڭ « دادا بولغاندىن كېيىن تۈزىلىپ قالار » دېگەن ئۆتۈنۈشى بىلەن تۇرمۇشقا يەنە بىر قەدەم چۆكتۈم ...
                     ئەمما  ، مېنىڭ تىرىشچانلىقىم ، ئوغلۇڭنىڭ ئوماق، سەبىي ھالىتى ، ئەڭ مۇھىمى دادا بولۇشتەك ئېغىر  ھەم شەرەپلىك مەسئۇلىيەتمۇ سېنى ئۆزگەرتەلمىدى. كېچە - كېچىلەپ مەس كىرىشلەر ، سەۋەپسىز نەرسە كېرەكلەرنى چېقىپ ، ئېتىپ چارچىغاندا ئۇخلاپ قېلىشلار داۋام ئېتىۋەردى ،  ھازىر ئويلاپ باقسام ئەشۇ كۈنلەرنى قانداق چىداپ ئۆتكۈزگەنلىكىمگە ھەيران بولىمەن ...
                   بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ئىلگىرىكى ئۇستازىم ، ھازىرقى خىزمەتدىشىم ئىسكەندەر مۇئەللىمنىڭ ھادىسە سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن كۈنى ئۆزۈمنى تۇتالماي ئوغلۇمغا : « ئوغلۇم ، سەن مەن بىلەن مەكتەپكە بارغان چاغلاردا ساڭا رەسىم سىزىشنى ئۆگەتكەن داداشنى توك سوقىۋىتىپ تۈگەپ كېتىپتۇ » دېدىم ئۆزۈمنى تۇتالماي . ئەشۇ كۈنى  ئىككى تىزىمنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە كىرىسلۇدا ئولتۇرۇپ قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن . بىر چاغدا ئوغلۇم ئاستا يېنىمغا كېلىپ :
                    -  ئاپا ، دادام  ئۆلۈپ كەتسە يىغلامسەن ؟  - دەپ سورىدى . تولىمۇ ھەيران بولغان ھالدا  بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ  سورىدىم :
                    - بۇ نېمە دېگىنىڭ ئوغلۇم ؟
                      -  دادام مەست كېلىپ سېنى بوزەك قىلغاندا ، ئاۋۇ تېلىۋىزورنى چېقىۋەتكەن چاغدا ئۇنى ئۆلۈپ قالسىكەن دەپ ئويلىدىم ئاپا ... - ئۇنى باغرىمغا مەھكەم باستىم ، ئاھ بىچارە بالام !  ئۇ قۇچىقىمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ دۈگىلەك كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ :
                       -  بۇنداق گەپ قىلسام يامان بولىدۇ ھە ، ئاپا ؟
                  كۆردۈڭمۇ ، بۇ  سەبىي بالىنىڭ گېپىنى ! بىر سەبىي بالىنىڭ ئۆز دادىسى توغرىسىدا دېگەن گېپىنى!...
                  ئەسلىدە  ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە -  تۇرمۇشتىكى بەخت ئىكەن . خىزمەت ھاياتنىڭ بىر قىسمى بولسا ، تۇرمۇش ھاياتنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىكەن .خىزمەتتىكى ئۇنداق ياكى مۇنداق نۇقسانلارنى سەۋەپ قىلىپ تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدىكەن ، بولمىغاندا ئارقا ئىشىك قىلىپ بولسىمۇ  ئوڭشىۋالغىلى ، ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغىلى بولىدىكەن . بىراق تۇرمۇشتىكى نۇقسانلارنى ، خاتا باسقان بىر قەدىمىڭنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگىچە ئاللىبۇرۇن بۇ پاتقاققا پېتىپ بولغان بولىدىكەنسەن . ئەشۇ بىر قەدىمىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىكەنسەن ، چارچايدىكەنسەن  ، چارچىغىنىڭ چارچىغان ،ئۇپرىغىنىڭ ئۇپرىغان ، سۇنغىنىڭ سۇنغان بولىدىكەن . بىراق بىرەرسىگە ئارقا ئىشىك قىلىپ ئوڭشىۋالغىلى ، ھەممىنى باشتىن باشلىغىلى بولمايدىكەن .
                       ئوغلىمىز ھەقىقەتەن سېنىڭ مېھرىڭگە قانماي چوڭ بولدى ، ئەسلىدە ئوغۇل بالا دېگەن دادىسى بىلەن كۆپرەك بىللە بولسا  مەردانىلىقنى ، باتۇرلۇقنى ، قىسقىسى ئەركەكلىكنى ئۆگىنەتتى . ئەمما ،  دەل ئەكىسچە ئۇنىڭ مەن بىلەن بىللە بولغان چاغلىرى كۆپ بولدى ...
               مەن تالاي قېتىم كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئاجرىشىپ كېتىپ بۇنداق مەنىسىز ، ئازاپلىق ، بۇرۇختۇم تۇرمۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئويلىغان  .بىراق بىلەمسەن ،سىنىپىمدىكى ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بىر قانچە بالىنىڭ مىسكىن ، سۇلغۇن ھالىتىنى  كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا دەرھال بۇ خىياللىرىمدىن يېنىۋالاتتىم ۋە ئۆزۈمنى شەخسىيەتچىلىكتە ئەيىپلەپ كېتەتتىم . ھېلىمۇ ئېسىمدە ، تۇرمۇشىمىز يىرىكلەشكەن ھەتتا كېچىلىرى ئۆيگە كۈن - كۈنلەپ قايتماس بولۇپ كەتكەن كۈنلىرىڭنىڭ بىرى ئىدى . سىنىپمدىكى كۈندىن كۈنگە جىمغۇرلىشىپ كېتىۋاتقان ئالىيە ئىسىملىك قىز سەۋەپسىز لا 3 كۈن مەكتەپكە كەلمىدى ، ئائىلىسىنىڭ تېلىفۇنى ئېلىنماي پەقەت دېرىكىنى قىلالمىدىم  ، 4 - كۈنى ئەتىگەندە بۇ قىز كېچىكىپرەك سىنىپقا كىردى :
                      - نېمە بولدىڭىز ئالىيە نەچچە كۈندىن بېرى ؟ يەنە كېچىكىپ كەپسىز ...- ، دېيىشىم بىلەن تەڭ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ۋە :
                       - مۇئەللىم ، ئاپام بىلەن دادام ئاجرىشىپ كەتتى ...- دېگىنىچە ئۆكسۈپ  سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى . ئالدىغا ئىتتىك  بىر قەدەم مېڭىپ  ئۇنى قۇچاقلاپ ، بېشىنى سىلىدىم ، بۇغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالغان يىغىنى تەستە يۈتۈپ ئارانلا :
                        - ئولتۇرۇڭ  ، - دېيەلىدىم ....
                         ئەشۇ قىزنىڭ ئەشۈ كۈنكى ھالىتىنى ۋە كېيىنكى كۈنلەردىكى ئۈمىدسىز تۇرقىنى ، گويا ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ تىنەپ قالغان ئاجىز قۇشتەك مۆلىلدەپ تۇرغان مىسكىن كۆزلىرىنى ھازىر  ئەسلىسەممۇ  مېنى يىغا تۇتىدۇ !
                        ئاجرىشىپ كېتىش  ئەشۇ بىر جۈپلەر ئۈچۈن ( ھەر قانچە ئۆز ئارزۇيى بىلەن ئاجراشسىمۇ ) كۆڭۈلسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . چۈنكى ئاجرىشىش - تۇرمۇشتىكى بىر مەغلۇبىيەت .، بىر قېتىملىق يىقىلىش ، ئېغىر يىقىلىش ئىدى . ئەمما ، ئاتا - ئانىلار ئوتتۇرىسدا قالغان پەرزەنتى ئۈچۈن بۇ يىقىلىشنىڭ ، بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ قەلبىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىسا كېرەك . بالىلار ئىللىق ئائىلىگە، ئاتا - ئانا مېھرىگە مۇھتاج ، مەڭگۈ شۇنداق !  ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ چۇقۇم سەۋەبى بولىدۇ . ئەمما ئويلايمەنكى ئىككى ئادەم ئوخشاش بولمىغان ئائىلىدە ، مۇھىتتا چوڭ بولۇپ ئوخشاش بولمىغان مىجەز - خاراكتېر ، تۇرمۇش ئادىتى ، كۆز قاراشلارغا ئىگە بولغان ئىككى ئادەمنىڭ  بىر ئائىلىدە مەڭگۈ بىرگە ئۆتمىكى ئاسان ئەمەس . ئەگەر ئىككىلا تەرەپ سەۋەنلىكنى ئۆزىدىن ئىزلىسە ، ئازىراق كەڭ قۇرساق بولسىلا چىقىشىپ كېتەلمىگۈدەك ئىش يوق دەپ قارايتتىم ھەم شۇڭا سېنىڭ كەچۈرۈم سوراشلىرىڭنى سۈكۈت ئىچىدە قۇبۇل قىلاتتىم ، گەرچە ۋەدىلىرىڭ بىر ھەپتىگە پايلىمىسىمۇ ئۈمىدۋار ئىدىم . سودىلىرىڭ يۈرۈشمەي قاق سەنەم بولغان چاغلىرىڭدىمۇ مەن سەندىن رەنجىمىگەن پەقەت مۇشۇ بىر ئىبرەت بولسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئۈمىدۋار ئىدىم .  سىرتلاردا قونۇپ قېلىپ غورۇرۇمغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ كەچۈرۈم سورىغىنىڭدىمۇ ئۈمىدۋار ئىدىم  . شۇنداق ، كۆپ ھاللاردا يەنىلا ئۈمىدۋار ئىدىم... مەيلى نېملا دەي ، نېمىلا قىلماي تۆلىگەن بەدەللىرىمنىڭ ھەممىسى تامامەن ئوغلىمىز ئۈچۈن ئىدى .ئوغلۇمغا بولغان مېھرىمنىڭ كۈچلۈكلىكى مېنى زىيادە مەسئۇلىيەتچان  چىداملىق قىلىۋەتكەن ئىدىكى ...
                              ئەشۇ كۈنى ئۈشتۈمتۈت كەلگەن تېلىفۇننى ئېلىپلا ئوغلۇم بىلەن يېنىڭغا باردىم ، قوللىرىڭغا كويزا سېلىنغان ھالىتىڭنى ئوغلۇمغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنى باغرىمغا ، ئېتەكلىرىم ئارىسىغا چىڭ باستىم . ئەشۈ كەيپ ، ئەشۇ ھاراق سەۋەپلىك تاساددىپىي  ھالدا بىرسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى !
                              شۇ تاپتا قولۇمدا ئاچچىق پۇشايمانغا تولغان خېتىڭ تۇرۇپتۇ . سەن خېتىڭدە مېنى ئۆزۈڭنى كەچۈرۈشۈمنى ۋە ساقلىماي ئاجرىشىش تەكلىپىگە قول قويۇپ تۇرمۇشۇمنى باشقىدىن باشلىشىمنى ئېيتىپسەن . ئەجىبا ، سېنىڭ مەشئۇلىيەتسىزلىكىڭ يەتمىگەندەك مەنمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشىم كېرەكمۇ ؟ ئوغلىمىز دۇنياغا  ئىككىمىزدىن مەسئۇلىيەتسىزلىكنى ، شەخسىيەتچىلىكنى ، ئەقىدىسىزلىكنى  كۆرۈش ئۈچۈن يارالغانمۇ ؟ ياق ، قېيىئاپامنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېيتقان بىر ئېغىز سۆزى ئۈچۈن سەنلا ئەمەس ، مەن ۋە ئوغلۇم ئىككىمىز ئوخشاش بەدەل تۆلەۋاتىمىز . ئەشۈ ۋاقىتتا ئەشۇ سۆزنىڭ ئورنىغا ئانىلىق مەجبۇرىيىتى ئورنىدا ئىككى ئېغىز ياخشى تەربىيە بەرگەن بولسا ، رايىڭغا باقمىغان بولسا بەلكىم  ...
                           بولدىلا ، كۈندىن كۈنگە تۈگىشىپ كېتىۋاتقان بىچارە ئايالغا قارىسام ئىچىم سېرىلىدۇ . ئوغلۇم مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن بولسىمۇ ئەقىدىنى ، ئېتىقادنى ، مەسئۇلىيەتنى ، ئادىمىيلىكنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق ، مەن قىسقا بولمىغان بۇ جەرىياندا بارلىقىمنى ، زېھنىمنى ، ياشلىقىمنى ئوغلۇمنى تەربىيىلەشكە ، سېنىڭ يوقلۇقۇڭنى بىلىندۈرمەي ئۆتۈشكە تىرىشىمەن ، ئانىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ۋە بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن ، سەن چىققان ۋاقتىڭدا ئۇ ھەر قايسى جەھەتلەردىن تولۇق يېتىلگەن  يىگىت بولۇپ ئالدىڭغا چىقىدۇ . ئەگەر راستىنلا پۇشايمان قىلىۋاتقان بولساڭ ، ۋۇجۇدۇڭدىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ ، روھىي دۇنيارىڭنى يېڭىلاپ قايتقىن . ھېلىمۇ، ياخشى دادا ، ياخشى ئەر بولۇشقا ئۈلگۈرىسەن !...
                           
                       مەنبە : ئىجادىيەت            


                  2005  - يىل 20 - ئاپرېل   


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
21725
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-8
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 01:39:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇنداق خەتتىن بىرنى يازاي دەپ تۇراتتىم ئۇنىڭغا . بۇ خەتنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ يۈرىكىم ئېزىلىپ كەتتى .

UID
34778
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 02:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۇلۇغ ئاللاھ بىز ئەرلەرگە قىز-ئاياللىرىمىزغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ يەتكۈدەك ئەقىل-پاراسەت،ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغۇدەك ئىمان، ئۇلارغا ئىگە بولغۇدەك كۈچ قۇدرەت قىلغايلا.

UID
32098
يازما
240
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 02:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم باشقىچىلا بولۇپ قالدى.نىمە دېگەن بىلەن سەبىيلەرنىڭ يۈرىكى يارا بولىدۇ،بالىلار نەقەدەر پاك،شۇ پاك يۈرەكلەرنىڭ بۇلغانماسلىقنى،ئازاپلانماسلىقىنى تىلەيمەن.
جەمىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بالىلارنىڭ ھېسىياتىغا،پىسخىكىسىغا بەك سەل قارايدۇ،ئۇلارنى كىچىك چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلاش ئەخمەقلىق.نىمىشقا چۈشەنمىگۈدەك،بوۋاق بالىمۇ قاپىڭىزنى تۈرۈپ قويسىڭىز،ئازراق سىلكىپ قويسىڭىز يىغلايدۇ،ماختىسىڭىز كۈلىدۇ،ئۇلار چۈشىنىدۇ.ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئۈمچىيىپ يىغلىشى كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغىنى،ئازار يېگىنى بولماي نىمە.
ياشلاردا پىسخىكا جەھەتتىن ئاسان مەسىلە كۆرىلىدۇ،چۈشكۈنلۈك بۇزۇلۇشنىڭ مەنبەسى،پىسخىكا توسالغۇسى چۈشكۈنلۈكنىڭ مەنبەسى.پىسخىكا توسالغۇسى تۇرۇپلا شەكىللىنىپ قالمايدۇ،كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئېڭىغا تەسىر قىلىپ تۇرغان،بېئاراملىققا سەۋەپ بولغان ئامىللار ئۇزاق مەزگىلدىن كېيىن خارەكتىرىدە ئاشكارە بولىدۇ،بەزى ئاتا ئانىلارنى قاقشىتىۋاتقان بالىلارغا ھەممە نەپرەت قىلىدۇ،لېكىن سەۋەبىنىمۇ قوشۇپ ئويلاش كېرەك،بالىغا ئاتا ئانا قانداق تەسىر بەردى؟ھەتتا پاتقاققا پاتقانلار ئاخىر نەپرەتنى،گۇناھنى ئاتا ئانىسىغا قويىدىكەن،بۇنى ئاتا ئانىلار ئويلاپ قويۇش كېرەك،تولۇق قوشۇلغىلى بولمىسىمۇ ئاساسسىز ئەمەس.شۇ نەپرەتلەنگۈچىلەرمۇ يەنە ئويلىسا كىچىك ۋاقتى باشقا گەپ،مۇستەقىل ئويلىيالايدىغان بولۇپ تولۇق ئەقىل كىرگەندىن كېيىنكى ئازغۇنلۇقنى ئايرىم قويۇش كېرەك مېنىڭچە.يەنە ئەتىراپىدىكەلەرنىڭ سەلبىي تەسرىمۇ بار...بۇ ھەقتە بىرەر نەرسە يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن.
تېمىدىكى پەرزەنتكە بەكرەك ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ،ئۇ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن دادىسى ئۈچۈن كەمسىتىلەرمۇ؟ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقى دادىسىنىڭ يوقلىقىنى راستلا بىلىندۈرمەسمۇ؟ئۈمۈد بولغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەممىدىن موھىمكەن..

UID
31751
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 09:49:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         - نېمە بولدىڭىز ئالىيە نەچچە كۈندىن بېرى ؟ يەنە كېچىكىپ كەپسىز ...- ، دېيىشىم بىلەن تەڭ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ۋە :
                       - مۇئەللىم ، ئاپام بىلەن دادام ئاجرىشىپ كەتتى ...- دېگىنىچە ئۆكسۈپ  سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى . ئالدىغا ئىتتىك  بىر قەدەم مېڭىپ  ئۇنى قۇچاقلاپ ، بېشىنى سىلىدىم ، بۇغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالغان يىغىنى تەستە يۈتۈپ ئارانلا :
                        - ئولتۇرۇڭ  ، - دېيەلىدىم .(بۇ بۇلەكلەر يۈرەكنى يىغلاتقۇدەك يېزىلىپتۇ)

باھا سۆز

مالىك  شۇنداق ،كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقتىغۇ !  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 16:46:21

UID
34286
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-2
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىدىكى ئايال راسلا كەڭ قورساقكەن. بەلكىم مۇشۇ مىجەزى يولدىشىنىڭ يولدىن چىقىپ كىتىشىگە ئاز تولا پايدىسى بولغاندۇ.

UID
18361
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2011-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-31
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 14:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا مۇشەققەت ۋە ئازاپلارغا بەرداشلىق بىرىشتە ئاياللار ئەرلەردىن چىداملىق بولدىكەن.ئەلۋەتتە شۇ ئەرلەر ئۆزىنى،ھاياتىنى،ئاياللىرىنى قەدىرلىگەن،ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغان بولسا يۇقىرقىدەك پاجەلەرمۇ يۇز بەرمىگەن بولاتتى.

باھا سۆز

uyghurum131  جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازاپ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:11:48
uyghurum131  كەچۈرۈڭ ، ئەرلەرمۇ ئاياللارغا ئوخشاش ، ئوخشىمايدىغىنى -كەلگەن جاپا-مۇشەق  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:10:49

UID
33483
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2012-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-21
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 16:34:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەك تەسىرلىككەن !~~
  ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئانا ،ياخشى ئايال ئىكەن !~
  

تىرىشچان ئەزا

تەغدىرىڭدىن ئاغ

UID
7810
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
512
تىزىملاتقان
2010-12-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 12:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنى ئەمرىگە ئالغاندىن كىيىنكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن ئەرلەرنىڭ باشقىلارنىڭ بەخىتسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن بۇرۇن ياخشىراق ئويلۇنۇپ توي قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئەمىلىي تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن  ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرمۇ  بىزنىڭ توي قىلىشنى بىرخىل ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرمەسلىكىمىزنىڭ لازىملىقىنى تونۇتتتى .باللار گۈناسىز ئۇلارنى سەرسان قىلىپ يىتىملىق كوچىسىدا تاشلاپ قويۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ مەسۇلىيىتىمىزنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىشىمىز شۇ مەسۇلىيەتتىن باش تارىتماسلىقىمىزنىڭ  كىرەكلىگىنى بىلىشىمىز كىرەك ئەلۋەتتە  .باللار بەكمۇ بىچچارە بولۇپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ ؟!!! ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز .

باھا سۆز

uyghurum131  ئېغىزىڭىزغا ناۋات .  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:13:24

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

UID
10139
يازما
134
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2444
تىزىملاتقان
2011-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 13:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن  ياخشى يىزىلغان  خەت.!!!!!!!!!!!!!!!!!!!  ئايال بۇلۇش - ئازاپلىنىشتىن دىرەك بېرەمدۇ؟ ئاياللار  ھەقىقەتەن  كەڭ قۇرساق  ئىنسانلاردۇر.

باھا سۆز

uyghurum131  ئويلىنىپ باقايلى؛- ئەجىبا ئەرلەر كەڭ قورساق ئەمەسمۇ ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:15:31
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش