ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 1756|ئىنكاس: 21

چۈنكى مەن ئالدىراش (ساتىرا)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
229
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
619
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
168 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:07:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزۈمنى ئەستە تۇت، يوقتۇر قايتىلاش،
يولۇمنى توسمىغىن، قىلما دەتالاش،
ئەزمەڭنى ئەزمىگىن، تېز سۆزلە ئاداش،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

ئۆيۈڭگە چىللىما، ۋاقتىم يوق پەقەت،
ئۆيۈمگە كەلمە ھەم، كۈتۈش مۇشەققەت،
ئاۋارە قىلمىغىن ئۇنى بۇنى دەپ،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

بازارغا چىقايلى دېمىگىن خوتۇن،
چىدام ئۆي سالايلى دېمىگىن خوتۇن،
قوي، كالا باقايلى دېمىگىن خوتۇن،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

باغچىغا بارمايلى بولامدۇ بالام،
ھەلەپنى يېمىسە ئۆلەمدۇ كالام،
كۈتمىگىن ئەسسالام، مەندە يوق سالام،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

يوق يىلدا بىر قېتىم يۇرتنى ئازنىلاش،
يوق يىلدا بىر قېتىم ئانامغا قاراش،
يوق يىلدا بىر قېتىم يۇرتقا نەزىر - ئاش،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

ئەھلى مەن سورۇننىڭ، چاي ۋە قىمارنىڭ،
قۇلى مەن بىكار نان، ئاقچا دوللارنىڭ.
ئەمگەك ھەم تىجارەت ئىشى بىكارنىڭ،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

خىزمەتكە باھانە تاپمىسام تېخى،
يىرتىق ھەم ياماقنى ياپمىسام تېخى،
باشلىقنىڭ كەينىدىن چاپمىسام تېخى،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

داداممۇ دىدارسىز باقىغا كەتتى،
ئۆمرۈمنىڭ يېرىمى ساقىغا كەتتى،
يولۇم كۆپ دوقالغا، لاقىغا كەتتى،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

ۋاقتنىڭ ھېكمىتىنى سورىماپتىمەن،
رەھمەتلىك دادامنى دورىماپتىمەن،
ئۆزۈمنى ئالداپلا، قوغدىماپتىمەن،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

ماياتنىك كەينىدىن قوغلىدىم پەۋەس،
ۋە لېكىن تاپقىنىم تۆت تەڭگە ئەمەس،
بىلگىنىم: ھەممىسى شۇ قۇرۇق ھەۋەس،
چۈنكى مەن ئالدىراش، بەكلا ئالدىراش.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم. 2011 - يىل 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دىيارى توقسۇن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
34286
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 17:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى كۆرۈپ يۇرتۇمنى، ئۆيدىكىلىرىمنى سېغىنىپ قالدىم. يىل بوپتۇ بارمىغىلى، ھەي تىرىكچىلىك...

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
81
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2181
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 22:48:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ،قەلەم ئگىسىگە رەھمەت،قولىڭىز غا دەرت بەرمىسۇن

UID
12244
يازما
46
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1336
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 23:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

           « مەن ئالدىراش » دېگەن سۆزنى ئاڭلىساملا بىرى ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ . خىزمەتكە چىققان كۈندىن باشلاپ باشلىقلارغا خۇشامەت قىلىشنى باشلىۋەتكەن ، قارىسىڭىز دائىملا ئالدىراشلا يۈرەتتى ، دەرىس مۇنبىرىدە تەر چىقىرىپ بىر سائەت دەرىس  ئۆتكىنىنى بىلمەيمىز  . توۋا ،  يېڭى خىزمەتكە چىققاندا قىزىقىپ ئىشلىگەننى كۆرگەن دېيىشىپ كېتىمىز . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ھازىر نۇقتىلىق مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ كەتتى ، كىم بىلىدۇ ئەتە - ئۆگۈن يۇرتىمىزنىڭ مائارىپى ئەشۇ ئالدىراش ئادەمنىڭ قولىغا قالامدۇ تېخى ؟ بىر نېمە دېمەك تەس ..... ھازىر قۇرساقتا ئۇماچ بولمىسىمۇ مۇناسىۋەتكە  ئۇستا بولسىلا  بولىدىغان بولۇپ كەتتى ئەمەسمۇ ؟

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1324
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43058
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 13:34:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى چوڭقۇر تەربىيىۋى ئخىمىيىتى بار تېمىكەن بۇ،،،،،،ھازىر قاپاق پۇلغا يارىمايدىغان ،،باراڭ بۇپغا يارايدىغان زامان بوپ كەتتى،،،،،،

UID
11177
يازما
80
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1610
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 14:09:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پاھ-پاھ ھەقىيقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ،  ئۇستا قەلەمكەش ئىكەنسىز .
   رەھمەت سىزگە ، ھارمىغايسىز.

UID
33483
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2012-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-2
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 14:30:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قەلىمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئوتكۈر ئىكەن !~
  قايىل بولدۇم سىزگە !~~
  بىز خەپ ئالدىراش بولۇپ قالمايلى جۇمۇ دوسىتلار!~~
  ئالدىراش بولغاننىڭ ھالىغا ۋاي ، ئانا رازى بولمىسا بىكاردە !~~

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
438
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13939
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-30
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 00:07:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئېركەن. قەلىمىڭىزگە بارىكاللا!!!!!

UID
18361
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2011-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 13:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماي ئەھمىيەتسىز ئىشلار ھەلەكچىلكىدە يۇرگەن ئادەم ئالدىراش بولمىسا كىم ئالدىراش بولاتتى،ناھاتيىتىمۇ جايىدا،مەرمۇنلۇق يىزىپسىز.رەھمەت.

UID
34825
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 18:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش