ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 2950|ئىنكاس: 25

ئەسلى ئۇيغۇرخەتتاتلىقى قانداق ئىدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10883
يازما
137
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4699
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 13:14:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسلى ئۇيغۇرخەتتاتلىقى قانداق ئىدى؟

مەن ئوقۇغان چاغلىرىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ئىشتىياق باغلاپ، ساق ئون نەچچە يىل ئۆگەندىم. ئۇيغۇرخەتتاتلىقىنىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچى مېنى پەخىرلەندۈرەتتى، داۋاملىق تىرىشىشقا ئۈندەيتتى. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇيغۇرخەتتاتلىقىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىنى يامان ئەمەس ئىگىلىدىم. «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا يۈز پارچىگە يېقىن ھۆسىنخەت ئەسەرلەرنى ئېلانمۇ قىلدىم.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى خەتتاتلارغا ئەسەر ئېلان قىلىشتا، گېزىت- ژۇرناللاردىن باشقا يەنەبىر ئەسەر ئېلان قىلىش سورۇنى ھازىرلاپ بەردى. ئەمما مەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى ھۆسىنخەتلەرنى ئالا قويماي كۆرۈپ چىقىمەن-يۇ، ھەقىقى مەنىدىكى ئۇيغۇر ھۆسىنخېتىنى ئىنتايىن ئاز كۆرىمەن. ئۇنداقتا، مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقى ئۇيغۇرھۆىسنخېتى قانداق ئىدى؟

1- چوقۇم ئۆز قولى بىلەن يازغان بولىشى كېرەك. نۆۋەتتە كومپىيۇتىرنىڭ ئومۇملىشىشى، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى يېڭى بىر قىياپەت بىلەن بىزگە تونۇشتۇردى. ۋەھالەنكى، كومپىيۇتىردا كىرىشتۈرۈلگەن ھۆسىنخەت مېنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقى مەنىدىكى ھۆسىنخەت بولماستىن، ھامان ماشىنا بىلەن لاھىيەلىگەن، سۈنئىي نەرسىلا خالاس.

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۆزقۇلى بىلەن ئۇزۇن يىللىق جاپالىق مەشىق ئارقىلىق يىتىلىدىغان ماھارەت، ئۇنى كومپىيۇتىر بىلەنلا ئىشلەپ چىققاندا، ئۇيغۇر خەتتاتچلىقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ھەقىقى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ يوقۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ گۆھەرگە زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز.

2- ئۇيغۇر نەققاشچىلىقى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ جېنى. ئۇيغۇر خەتتاتلار ھۆسىنخەت مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە چوقۇم نەققاشچىلىقىنى بىرگە ئۆگۈنۈپ، ئىككىلا جەھەتتە تەڭ كامالەتكە يىتىشكە تىرىشىدۇ. ھۆسىنخەت بىلەن نەققاش خۇددى قان بىلەن گۆشتەك بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. نەققاش ھۆسىنخەتكە تېخىمۇ ھۆسىن بەخىش ئەتسە، ھۆسىنخەت نەققاشلارغا تېخىمۇ جان كىرگۈزىدۇ. ئەمما كومپىيۇتىردىكى لاھيەلەنگەن ھۆسىنخەتلەر ئىشلەتكەن نەققاش كومپىيۇتىرنەمىنلىگەن نەققاش بولۇپ، ھەقىقى قول بىلەن سىزىلغان ئۇيغۇر نەققاشلىرى ئەمەس. بەزىلەر كومپىيۇتىردا تەييار ھەم چىرايلىق نەققاشلار تۇرسا، ئۇنى ئىشلەتسە نېمە بوپتۇ؟ دىيشى مۇمكىن. شۇنداق قىلسا ئەلبەتتە بۇلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرنەققاشچىلىقىدىكى ئىسىل دۇردانىلەر ھامان قول بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ، كومپىيۇتىردىكى بولسا، پەقەت سىستىما تەمىنلىگەن نەرسە، ئۇنى پەقەت سىستىما تەمىنلىگەن بۇيىچىلا ئىشلىتىش مۇمكىنكى، ھەرگىزمۇ ئىجادىيلىققا ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ، كومپىيۇتىردىكى نەسە مۇقىم ۋە جانسىز، قول بىلەن سىىزىلغىنى ھەقىقى، جانلىق ۋە ھىسياتلىق نەرسە.

3- نۆۋەتتە رەسساملار نېمىشقا قىينىلىپ قول بىلەن رەسىم سىزىدۇ؟ تەييار فوتو ئاپاراتى بىلەنلا رەسىمگە تارتسا بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟.ياكى رەىسمنى كومپىيۇتىربىلەنلا سىزسا قۇلايلىق ئەمەسمۇ؟ بۇلارنېمە دېگەن ئەخمەق-ھە.
كومپىيۇتىر ھەرگىزمۇ جانلىق، ئىجادىيەتكە باي، خالىغانچە قەلەم تەۋرەتكىلى بۇلىدىغان نەرسە بولماستىن، بەلكى جانسىز، قېلىپلىق نەرسە. ئادەمنىڭ تەپەككۇرى كومپىيۇتىرنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلغاندىلا، ئاندىن ئەركىن پىكىريۈرگۈزۈپ، تەسەۋۋۇرىنى بىمالال پەرۋاز قىلدۇرۇپ، ئەڭ ھىسياتلىق بولغان نادىر ئەسەرياراتقىلى بۇلىدۇ. خەتتاتلىقمۇ ئوخشاشلا شۇنىڭغا مۇھتاج. كومپىيۇتىر تەمىنلىگەن نەققاشلارنى تەييار كىرىشتۈرۈش يەنە بىرجەھەتتىن ئادەمنىڭ مېڭىسىنى بىرئىزىدا توختۇتۇپ قۇيۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەسلىدىكى تەرەققىياتىنى چەكلەيدۇ. نەققاشچىلىقنىڭ ئۈزى بىر جانلىق ۋەمۇرەككەپ سەنئەت، ئۇنى پەقەت چوڭ مېڭىدىن ئىبارەت بۇمۇرەككەپ نەرسىلا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىجاتچانلىققا ئىرىشتۈرەلەيدۇ.  ئەكىسچە بولسا، پەقەت فوتوئاپاراتى بىلەن تارتىلغان سۈرەتكە ئوخشاش چىرايلىق بولغان بىلەن جانسىز ۋەقىممىتى يوق نەرسە بولۇپ قالىدۇ.

4- خەتتاتلىق ۋەنەققاشچىلىق، كىشىنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ، چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇپ، كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ. كومپىيۇتىر بىلەنلا مەشخۇلات قىلىپ كىرىشتۈرۈلگەن ھۆسىنخەت ۋە نەققاشلار ھەرگىزمۇ بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. دەل ئەسكىچە كىشىنى ھۇرۇن، تار ئىجاتكارلىققا ئىگە، ئىرادىسىز قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.

5- ئۇيغۇر خەتتاتلىق ۋە نەققاشچىلىقىنىڭ ئىسىل گۈھەرلىرىنى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشكىمۇ پايدىسىز بۇلۇپ، بىز بىرئەۋلات خەتتاتلار كومپىيۇتىربىلەن كىرىشتۈرسەك، كىيىنكى ئەۋلاتلارمۇ ھەقىقى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىلەن ئۇچرۇشالمايدۇ-دە، ۋارىسلىق قىلىش، ئىجات قىلىش توسقۇنلىققا ئۇچۇرايدۇ. (مەكتەپلەردىكى گۈزەل سەنئەت ئۇقۇتقۇچىللىرىنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئۇقۇغۇچىلارغا يەتكۈزىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن).
شۇڭا، كەڭ ئۇيغۇرخەتتات دوستلارنىڭ، ئۆزقەلىمى بىلەن ھۆسىنخەت ۋە ناققاشلارنى ئىجات قىلىشى، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ھەقىقى مەندىلىكى ئۇيغۇر ھۆسىنخەت ۋە نەققاشلارنى مىراس قالدۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
سىزگە دەيدىغىنىم، كومپىيۇتىدا كىرىشتۈرۈلگەن ھۆسىنخەتلەر ماڭا خۇددى سۇلىياۋ گۈلدەك مەززىسىز، پۇراقسىز تۇيۇلىدۇ، سىزگىچۇ؟










مەنبە: ئۈزۈم (ھۆسىنخەتلەر «ئۇيغۇرخەتتاتلىقى» نامىلىق كىتاپتىن ئېلىندى)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 10:44  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
557
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
557
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
206 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 23:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ھەقىقىي سەنئەتكارلار ئەلۋەتتە قولى بىلەن يازىدۇ ، سىزىدۇ ۋە ئىجاد قىلىدۇ . - مېنىڭ خيالىم .
كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىياتى ھازىر بەكلا ئىلغار ، ئىككى مىسال ، بارماققا تاقايدىغان ئۈزۈك شەكلىدىكى سنزور ( سەزگۈچ ، مائۇسنىڭ ياكى كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ رولىنى ئۆتىيەلەيدۇ .) كۆرەشچى ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچقۇچىلىرى كىيدىغان ، ئادەم كۆزى ئارقىلىق نىشانلاش سېستىمىسى سەپلەنگەن قالپاق ( جۇڭگۇنىڭ كۆرەشچى ئايرۇپىلانلىرىمۇ ھازىر مۇشۇ خىل ئۇچقۇچىلار قالپىغىنى ئىشلىتىدۇ ) كومپىيوتىر يېقىن كەلگۈسىدە بىز ئويلاپ باقمىغان تەرەققىياتلارغا ئىرشىشى مۇمكىن . مېنىڭ ئويۇمدا ، تەكرارلىقى يۇقۇرى بولغان خىزمەتلەرنى كومپىيوتىر ئارقىلىق ئىشلىگەندە ھىچ بولمىسا ئۈنۈمدارلىقى ئاشىدۇ . 01- مەن بىر رەسسام ئاكىمىز بىلەن بىر مەزگىل ھەمكارلاشقان . شۇ ۋاقىتتا مائۇس ئارقىلىق windowsنىڭ paintbrush قا بىر رەسىم سزىپ مېنى بەك ھەيران قالدۇرغان ئىدى . ئەگەر ھازىرقى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئۈسكىنە بولغان بولسا ، قولى بىلەن قەغەزگە سىزغاندەك سىزىۋېتىشى مۇمكىن . (خەت يېزىش ، رەسىم سىزىش تاختىيى . مەخسۇس خەت يازىدىغان تاختاي ئەمەس .  بۇ ئۈسكۈنە ئۈرۈمچىدە بار ، باھاسى 3000 سوم ئەتىراپىدا .)
مېنىڭچە سەنئەتكارلىرىمىز ئۆز ئىجادىيتىدە كومپىيوتىردىن مۇۋاپىق پايدىلانسا يولۋاسقا قانات چىققاندەك ئىش بولىدۇ .
           يوللىغان ھۆسىن خەتلىرىڭىزدىن بەك رازى بولدۇم ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-5 23:14):
01-يىلى ، تۇزۈتۈپ ئۇقۇغايسىزلەر .

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 23:28:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.

2.

3.

باھا سۆز

ArislanMemet  بولاتتى .  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 21:36:29
ArislanMemet  دىگەن سۆزمۇ ياكى ئاللاھ دىگەن سۆزمۇ ؟ خەتكە قۇشۇپ چۈشەنچە بەرسىڭىز ياخشى  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 21:36:21
ArislanMemet  بىلىپ كەتمەيدۇ . 2. مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئىسىمى ئىكەن ، 1- سۇبھانەئاللاھ  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 21:35:30
ArislanMemet  خەتكە قوشۇپ ، مەنىسىنىمۇ بىللە يوللاپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتى ، ھەممە ئادەم  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 21:34:11

UID
32098
يازما
229
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
229
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
171 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 01:27:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر چاغلاردا ئاچامنىڭ تەسىرىدە خەتتالىققا قىزىقىپ قالغانتىم،ناھايىتى تەسلىكتە چىرايلىق بولمىسىمۇ يېزىپ باققان،ھازىر يازالمايمەن.ماڭا نەقىشىگە قارىغاندا خېتىنى يازماق بەك تەس بىلىنىدۇ.خەتتاتلىق قالتىس گۈزەل ماھارەت!
بۇ ھۆسنىخەتلەرنى بەك ياقتۇردۇم،رەھمەت.

UID
1398
يازما
18
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
666
تىزىملاتقان
2009-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 08:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى يوسۇندىكى قوش تىل مائارىپى داۋاملاشسا ئۇيغۇر تىل يىزىقىدىكى خەتتاتلىق زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنەيمۇ ؟     بۇنىڭغا بىرەر تورداشنىڭ ئەتراپلىق جاۋابىنى ئاڭلىغۇم كىلىۋاتىدۇ ..

UID
7538
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2010-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۈرۈپ تولىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم،چۈنكى مەنمۇ بىر ھۆسىنخەت ھەۋەسكارى.مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا خېلى سېستىمىلىق ھالدا ھۆسىنخەت يېزىشنى ئۆگەنگەن.ئەپسۇس،تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇپ ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇش جەريانىدا تاشلىنىپ قالدى،ھەم ئۇقۇشنىڭ ئالدىراشلىقىدا ئۆزەممۇ مەشىق قىلالمىدىم.لىكىن ئۇيغۇر ھۆسىنخىتىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم ھېلىھەم سۇسلاپ قالغىنى يوق.
   مەنمۇ تورداشلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيمەن،كومپىيوتىر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى چىن مەنىسىدىكى خەتتاتلىقنى سۈننىي مەنىگە ئېگەقىلسا،قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى بولسا ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ زاۋاللىقىنى پاراۋۇزغا ئېگە قىلدى.چۈنكى ئۇيغۇرچە ئىسمىنىمۇ ئوڭشاپ يازالمايدىغان بالىلارنىڭ ھۆسىنخەت يازالىشى مۇمكىنمۇ؟؟؟؟؟؟؟

UID
1398
يازما
18
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
666
تىزىملاتقان
2009-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 13:06:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھا سۆز

gewala  بەك ئىسىلكەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 20:56:53

UID
5883
يازما
54
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
2434
تىزىملاتقان
2010-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-7
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 14:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتتاتلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تەۋەرۈك سەنئەت.بۇنى راۋجلاندۇرۇش ۋە ساقلاپ قېلىش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى. ئەسلىدە مەكتەپلەردە مەخسۇس ئۇيغۇر خەتتاتلىقى دەرسى تەسىس قىلىنغان بولسا، تولىمۇ ياخشى بولار ئىدى. بۇ بالىلارغا ئانا تىل تەربىيىسى بېرىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايتتى. ھازىرقى بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە خېتىگە قارايدىغان بولساق، نۇرغۇنلىرىنىڭ خېتى بەك سەت ھەم ئىملاسىمۇ خاتا. مەنمۇ سىزنىڭ بىرىنچى پىكرىڭىزنى قوللايمەن.

UID
11312
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
190
تىزىملاتقان
2011-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 19:00:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ھۆسىنخەتنى قولدا يېزىپ ئاندىن كومپىيۇتېردا گۈزەل نەقىشەر ، مەنزىرىلەر بىلەن كىرىشتۈرسە ، بەدئىي جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم قازانغىلى بولىدۇ. لېكىن نەقىشنى نەقلا كۆچۈرۈپ ، پۇل تېپىش ئۈچۈن كىرىشتۈرسە بۇنىڭ ئاقۋىتى تازا ياخشى بولمايدۇ.

UID
34581
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 22:07:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
137166676 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-6 08:31
ھازىرقى يوسۇندىكى قوش تىل مائارىپى داۋاملاشسا ئۇيغۇر  ...

ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس، ياش بالىلاردىنمۇ ھۆسىنخەتنى خىلى يېزىپ قويىدىغانلىرى بار. مەن ئىچكىرىي تولۇقتا ئوقۇۋاتقاندا بىزنىڭ مەكتەپتە بالىلار ئۆزلىگىدىن تەشكىللىگەن «خەتتاتلىق جەمىيىتى» بار ئىدى تىخى. يىگىرمە ئوتتۇزدەك بالا بىر-بىرسىنى تەربىيلەپ خىلى ماھارەت يىتىلدۈرىۋالغان. ئۇلار ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەپىس ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ھەتتا بىرقانچە پارچە ئەسەر مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ تاملىرىغا ئەينەك جازىغا ئىلىنىپ ئېسىپ قويۇلغان. كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئۇزۇنلىقى ئىككى مىتىر كىلىدىغان قەغەزگە 30 بالا ئىككى ئاي ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۇيغۇرچە روبايىلارنى ھۆسىنخەت قىلىپ ئىشلىگەن، ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭمۇ ئالقىشىغا ئىرىشكەن. شۇڭا دەيمەن ئاللا خالىسا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى باسىدىغانلارمۇ چىقىپ قالار!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش