-ئۆزۈڭنى قەدىرلىمەي تۇرۇپ، باشقىلاردىن قەدىرلەشنى تەلەپ قىلىشىڭ -كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟ ئۆز قەلەم .
1.ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان بۇلاقبېشى كوچىسى(سەنشخاڭزا)دا كېتىپ باراتتىم.( خېلى تەرەققى قىلىپ قاپتىمىز ھە؟)دەپ ئويلىدىم مەن بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك تىجارەت قىلىۋاتقان رىستۇرانلارغا قاراپ.(قارىغاندا تەرەققى قىلىپ تاماقنى ئاشخانىدا ئەمەس رىستۇرانلاردا يەيدىغان بولغان ئوخشايمىز،مەيلى ئۇمۇ بولغېنى...)شۇ خىياللار بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئاق مەسچېد جامەئەسى ئالدىغا كىلىپ قالغىنىمنى بىلمەيلا قاپتىمەن.مەسچىتتە نامازغا ئەرزان توۋلاۋاتقان ئىكەن،ئەرزاننى ئاڭلاپ بولۇپ مېڭىش ئۈچۈن بىردەم ساقلاپ تۇردۇم،ئەپسۇس،شۇنچە كۈچلۈك ئىتىلغان ئەرزان ئاۋازىنى ئاران ئاڭلىيالىدىم،چۈنكى ياندىكى رىستۇراندىن چىقىۋاتقان دىسكو ئاۋازى ئەرزان ئاۋازىنى بېسىپ كەتكەن ئىدى.(توۋا ،قاچاندىن بۇيان شەكىللەندى بۇنداق ئىللەت،ئەجەبا رىستۇران ئىگىلىرى ،رىستۇراندا ئويناۋاتقانلار ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەمەسمېكىنە؟)كىچىكىمدە بوۋام دائىم (ئەرزان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا يول مىڭىشقا،سۆزلەشكە بولمايدۇ،ئەرزان تۈگىگەندىن كىيىن مېڭىش كىرەك)دەيىتتى،بىراق ھازىرئەرزاندىن كىيىن دۇئا قىلىش تۈگۈل ،ئەرزانغىمۇ ئەبجەش مۇزىكا بىلەن تەڭكەش قىلىدىغان بوپتۇق....بېشىمنى چايقىغىنىمچە كېتىپ قالدىم.
2.توردىن ماتىريال چۈشۈرۈش ئۈچۈن ،مەلۇم ئالىي مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئەڭ كۆپ كىرىدىغان بىر خەنزۇنىڭ تورخانىسىغا كىردىم،تورخانا ئىچى
قاراڭغۇ بولىشىغا قارىماي ،ئۈستىدە تاماكا ئىسى بىرقەۋەت بۇلۇتتەك لەيلەپ تۇراتتى،قالايمىقان ئاۋازلار تورخانىنى بىر ئالغان بولۇپ،بەزىلەر پاراڭلاشساا،بەزىلەر تېللىشاتتى،بەزىلەر ئويۇنلارنى ئويناپ ھاياجېنىنى باسالماي ۋار قىرشاتتى.مەن ئىشىمنى تىرەك تۈگېتىپ بۇيەردىن چىقىپ كىتىش مەقسىتىدە بىر كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇردۇم.يىنىمدىكى بىرەيلەنگە كۆزۈم چۈشتى ،خېلى قاملاشقان بىر ئۇيغۇر يىگىتى چەتئەلنىڭ سېرىق فىلىمىنى ئىكرانغا لىق كەلگۈدەك چوڭايتىپ كۆرىۋاتاتتى،قىتىپلا قالدىم(نىمە ئىشلار بوپ كەتتى؟)،(سەنمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ئۆزۈڭنى مۇسۇلمان دىگۈچە نۇمۇس قىلساڭ بولمامدۇ؟كۈپكۈندۈزدە يىنىڭدا بىر قىز ئولتۇرسا شۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشتىن نۇمۇس قىلساڭ بولمامدۇ؟...ساپاسىز...)ئۇنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان بىر خەنزۇقىز شۇنداق دىگۈنىچە كېتىپ قالدى.ئۇيىگىت دەرھال باشقا توربەتنى ئېچىۋالدى، دە ،ماڭاقاراپ قويۇپ ،خەنزۇ قىزنى تىللاشقا باشلىدى .ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇنىڭغا ئۇۋۋال قىلىنغان ئىدى...قىزنىڭ گېپى كاللامدىن كەتمىدى (بىزمۇسۇلمانمۇ؟...) ئامال يوق ،يەنىلا بىېشىمنى چايقاشقا مەجبۇر بولدۇم
3.شىنجاڭ خەلىقئارا چوڭ بازىرى،قاتار ئىچىلغان ئۈن-سىن دۇكانلىرىداقۇلاقنى
يارغۇدەك يۇقىرى ئاۋازدا قويۇلىۋاتقان ھىندىستانلىق بالا چولپاننىڭ چىرقىراق ناخشىسىدىن تېزراق ئۆتۈپ كېتىش مەقسىتىدە قەدىمىمنى تېزلەتتىم،كىم بىلسۇن كىيىنكى دۇكاندا قويۇلىۋاتقىنى ئۆزبىكىستانلىق چولپاننىڭ غىلجىڭ ناخشىسى بولدى.تۇيۇقسىز قىرغىزىستانغا زىيارەتكە بارغان ئۇيغۇر زىيالي يازغان مىۇنۇ قۇرلار ئىسىمگە كەلدى(01)(سىلەرنۇمۇس قىلمامسىلەر ؟،ـ دىگەن ئىدى بىر قىرغىزكىشى ئۇنىڭغا،ـدۇنيادا كۆچۈرمىكەشلىكتە سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئۆتىدىغان يەنە بىر مىللەت بولمىسا كىرەك ،ئۆزۈڭلارنىڭ شۇنداق ئىسىل سەنئەت مىراسلىرىڭلار ،جاھانغا داڭلىق مۇقامىڭلار بار تۇرۇپ يەنە باشقا مىللەتلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كۆچۈرىسىلەر ،سىلەرنىڭ سەنئىتىڭلار،مەدەنيتىڭلار پەقەت سەھنىلەردىلائىپادىلىنىدىغان بولۇپ قالغان،ئۈن-سىن دۇكانلىرىڭلاردا قويۇلىدىغىنى چەتئەلنىڭ ئەبجەش مۇزىكىلىرى...سىلەر ئۆززامانىسىدا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان،دۇنيانى تاڭ قالدۇرغا مىللەت ئىدىڭلارغۇ؟...)ئىسىمگە كىلىپ چوڭ بازار ئەتراپىدىكى دۇكانلارنى ئايلىنىپ چىقتىم،ئاتالمىش سىتۇدىيىلەردە قويۇلىۋاتقىنى تۈركىيە،ھىندىستان،ئۆزبىكىستان ناخشا-مۇزىكىلىرى بولۇپ چىقتى،ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا قويۇۋاتقانلار خېلىلا ئاز...قانداق قىلالايىتتىم،يەنە بېشىمنى چايقاپ كېتىپ قالدىم.
4.ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگە سىڭلىمن ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەكتىپىگە باردىم.قارىسام سىڭلىمغا ئوخشاش ھەممىس يىزىدىن كەلگەن قىزلار ئىكەن.ئۇقىزلار ئىشتان،ئىشتان ئۈستىگە يۇپكا،كىيگەن،بېشىغا ياغلىق
چەگكەن،بەزەنلىرى چاچلىرىنى ئۆرۈپ دوپپا كىيىۋالغان ئىدى.(بۇنداق قىزلارنى ئۇچراتقىلى بولماس بوپ كەتتى ھازىر)دەپ ئويلىدىم مەن كۆڭلۈمدە .بىراق مەكتەپ ئىچىدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلار ئۇلار غا خۇددى تاشقى پىلانت ئادىمىنى كۆرگەندەك قارىشاتتى،ئەڭ دىققىتىمنى تارتقىنى سىڭلىمنىڭ دوستى بولدى ،ئۇقىز باشتا يۇپكا كىيىۋالغان.بېشىغا ياغلىق چىگكەن ئىدى ،بىراق بىردەمدىن كىيىن قارىسام ئۇلاردىن ئەسەريوق،چاچلىرى قويۇۋىتىلگەن،چىڭ سىقىپ تۇرىدىغان پادىچىلار ئىشتنى كىيىۋالغان بىرىگە ئايلىنىپ قاپتۇ،تېخى كىچىككىنە سومكىسىنى ئىسىپ ئۈلگۈرۈپتۇ.(ئەمدىلا ماشىنىدىن چۈشۈپ مۇشۇنداق قىلسىڭىز ،بۇندىن كىيىنكى ئوقۇش جەر يانىدا نىمە ئىشلارنى قىلارسىز؟؟)دەپ ئويلىدىم مەن.
گېپىمىزگەقايتىپ كىلەيلى ،كۆپىنچە كىشىنىڭ كاللىسىدا (بىز قەدىرسىز بولۇپ قالدۇق،ھەرخىل يامان ناملارغا قالدۇق ..)دىگەن ئوي بولۇشى مۇمكىن.ئۇنداقتا قەدىرلىنىش دىگەن نىمە؟ئىھتىمال بۇ ناھايىتى چوڭ ئۇىۇم بولۇشى مۇمكىن.بىراق شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزچۈشەنچەمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.مېنىڭچە قەدىرلېنىش ئىككى خىل بولىدۇ،ئۇنىڭ بىرى ئۆزكىشىلىرى تەرىپىدىن قەدىرلىنىش،يەنى بىرمىللەت كىشىلىرى،بىر ئائىلە كىشىلىرى،بىرجەمەت كىشىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا قەدىرلەش ھەم ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلەش.يەنەبىرى باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلېنىش بۇيەردىكى باشقىلار باشقامىللەت،باشقاقەۋىم،ۋەياكى باشقاتوپنى كۆرسىتىدۇ،بۇيەردىكى قەدىرلېنىش باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ياخشىلىقىغا ،خەير-ساخاۋەت قىلىشىغا ئىرىشىش ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ مىللي كىملىكى،مىللي مەدەنيتى،ئۆرپ-ئادىتى،ئىتىقادى،ئىنسانىي قەدىر –قىممتىنى شۇ مىللەت كىشىلىرىگە ئىتراپ قىلدۇرۇش.مېنىڭچە بىز (قەدىرسىز بوپ قالدۇق )دېىيىشتىن ئاۋۋال(ئۆزىمىزنى قەدىرلىدۇقمۇ؟)دەپ سۇئال قويۇشىمىز كىرەك.بىرىنچى مەنىدىكى قەدىرلېنىش ئىككىنچى مەنىدىكى قەدىرلېنىشنى ئەمەلگە ئەشۇرۇشنىڭ ئاساسى.ئۇنداقتا بىز شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟ئۆزىمىزنى قەدىرلىدۇقمۇ؟مېنىڭچە بارچە مىللەت كىشىلىرى ئۆزىگە مۇشۇنداق سۇئال قويالىشى كىرەك.
ئەمدى يۇقاردا دەپ ئۆتكەن مېساللىرىمىزغا نەزەر سىلىپ باقايلى!
ئۇيغۇرلار ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلغىلى مىڭ يىلدىن ئاشتى،دىمەك بۇدىن بىزنىڭ قېنىمىزغا،روھىمىزغا،پۈتكۈل ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتتى .ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەزەلدىن ئىسلام دېنى قائىدە- ئەھكاملىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ كەلدى.بىلىشىمچە(نامازغا ئەرزان ئىتىلغاندا يول ماڭغانلار توختاش،گەپ قىلماسلىق،ئەرزاندىن كىيىن دۇئاقىلىپ مېڭىش)كۆپىنچە ئۇيغۇر پەرزەنتى مەكتەپ تەربىيىسىدىن بۇرۇن
ئالىدىغان تەربىيە،بىراق ھازىرچۇ؟بىز زامانىۋىيلاشتۇق دەپ ئىتىقادنى بوشاشتۇرۇپ قويدۇق،بۇخىل ھالەت بولۇپمۇشەھەر ئۇيغۇرلىرىدا خېلى ئېغىر.ئەمەلىيەتتە زامانىۋيلىشىش بىلەن ئىتىقاد،مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ تەتۇر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە ئەمەس،ئىھتىمال بىزدىكى ئىقتىسادقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش بەزى كىشىلىرىمىزدەخاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن،شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى بۇخىل ھالەت ھامان قەدەرسىزلىككە ئىلىپ بارىدۇ.بايىقى مىسالدىكىدەك مەسچىتلەر ئەتراپىغا توپ-توپ رىستۇرانلارنىڭ ئىچىلىسا،ئەرزان ئىتىلۋاتقان ھەتتا ناماز باشلانغاندىمۇ دىسكو، مۇزىكىلارنىڭ توختىماي ياڭراپ تەڭكەش قىلىپ تۇرىسا...بىز نىمە قىلماقچى؟باشقىلارغا (بىزدىگەن سەنئەتخۇمار مىللەت دىمەكچىمۇ؟)ئەمەلىيەتتەبۇلار ئەڭ تىپىك بولغان ئۆزىنى ئىنكار قىلىش،ئۆزئىتىقادىنى ھۆرمەتلىمەسلىك،ئۆزىنى قەدىرلىمەسلىكتۇر،بۇلار ئاقىۋەتتە پۈتكۈل مىللەتنىڭ قەدىرسىز، ئىتىبارسىز بوپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.باشقىلار بىزنىڭ نامازغىمۇئەبجەش مۇزىكا بىلەن(تەڭكەش)قىلىدىغان ھالغايەتكېنىمىزنى كۆرسە ئۇلاردا يەنە بىزنىڭ ئىتىقادىمىزنى مەدەنىيتىمىزنى ھۆرمەتلەش دىگەن ئىددىيە بولامدۇ؟مېنىڭچەبىز بۇنىڭغا چوقۇم جىددي مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك.
جەمىيەتنىڭ ھەرتەرەپتىن تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ كومپىيۇتىر،تور ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغاسېڭىپ كىردى،بۇخىل ئەھۋال ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئومۇملاشتى دىيىشكە بولىدۇ.ئۇنداقتا بىزدە ئۆزىمىزگەلايىق تور مەدەنىيتى ،تور ئەخلاقى شەكىللەندىمۇ؟ئۈرۈمچ ئۇيغۇرلىرى ۋە يۇرتلاردىن ئايرىلىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇللارنى خەجلەپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى توردىن قانچىلىك پايدىلاندى؟بۇجەھەتتەگەرچە ئىنىق ئىستاتسىتكا قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ،كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى كۆپىنچە كىشىلەرگە بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن كومپىيۇتىر ناتونۇش كىشىلەر بىلەن توختىماي پاراڭلىشىدىغان،ئويۇن ئوينايدىغان،كىچە-كىچىلەپ كىنولارنى كۆرىدىغان مەۋھۇم دۇنياغا ئايلېنىپ قالغان... تىپىك مىسالى سۈپىتىدە كۈپكۈندۈزدە باشقىلاردىن تەپ تارتماي ناچار نەرسىلەرنى كۆرىۋاتقان قاملاشقان ئۇيغۇر يىگىتنى ئوتتۇرغا قويىمىز،ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كۈپكۈندۈزدە يېنىدىكى قىزدىن تەپ تارتماي شۇنداق ئىشنى قىلىپ ئولتۇرشى،(سەن مۇسۇلمانمۇ؟)دىگەن گەپنى ئاڭلاپ بېزىرىپ خەقنى تىللاپ كېتىشى بىزنى ئويلاندۇرىدۇ،ئۇخەقنى تىللاپ نىمە قىلماقچى؟ساختا غورورىنى قۇغدىماقچىمۇ؟قۇرۇپ كەتسۇن...بۇيەردە بىز ئۇيىگىتنى (ھايۋان)دېىيشكە مەجبۇرمىز،ئىتىمال ئۇ (ھايۋان)كۆڭلىدە(مۇسۇلمان بولسام نىمە بوپتۇ؟مۇسۇلمان كۆردە بولمامدىكەن؟)دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن،بۇنى ئۆزى بىلىدۇ.شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشىمىز كىرەككى بىزنىڭ دېنىمىز،مەدەنىيتىمىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.ئىككى مىللەت كىشىسى بىريەرگە كەلگەندە ،ئۇلار پەقەت شەخىسكىلائەمەس بەلكى ئۆزمىللىتىگە ۋەكىللك قىلىدۇ،كۈپكۈندۈزدە ئىنسانىي ئەخلاققا يات بىرئىشنى قىلىپ ئولتۇرغان كىشىنى باشقا بىرى ھۆرمەتلىسۇنمۇ؟ئۇنىڭ مىللىتىگە يەنە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىسۇنمۇ؟كىشىلەر شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلغاندا بىر تاياقتا ھەيدەشكە ئادەتلەنگەن...ئۇنداق كىشى ئۆزنىلائەمەس مىللەتنىمۇ ياغلىق قاپاق قىلىدۇ ،خالاس.بىركىشىنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىمەسلىكى كۆپىنچەئەھۋالدا مىللەتنى قەدىرسىز،ئىتىبارسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
ئىلگىرى دائىم(ھەرقانداق مىللەت تەرەققىيات جەريانىدا باشقا مىللەتلەرنى دوراش،ئۈلگە ئىلىش باسقۇچى بولىدۇ)دەپ ئويلايتتىم.ئەجەبا بىز ھازىرمۇ دەسلەپكې تەرەققىيات باسقۇچىدىمۇ؟...ھەرخىل سۇئاللار مېنى بۇكۆزقارشىمدىن ۋازكېچىكشكە مەجبۇرلىماقتا.بىزيەنە دوراشقا،كۆچۈرۈشكە مۇھتاجمۇ؟سەنئەت ،مەدەنىيەت جەھەتتە مېنىڭچە بىز ئۆزىمىزنى ئۈستۈن چاغلاشقا ھوقوقلۇقمىز،شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزيەنە نېمىشقا شۇسەنئەتتە( كۆچۈرمىكەش ،ئۆزسەنئىتىنى قەدىرلىمەيدۇ)دىگەندەك يامان ناملارغا قالدۇق؟بىزنىڭ سەنئەت تەتقىقاتچىلىرىمىز،ئىجادىيەتچىلىرىمىز نەگە كەتتى؟(بەلكىم مۇنداق دىسەك ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنغان بوپ قىلىشىمىز مۇمكىن)بىزيەنە ئۆزبىك ،تۈرك،رۇس،ھىندى مۇزىكىلىرىغا ،ناخشىلىرىغا مۇھتاجمۇ؟؟بۇجەھەتتە بىز چوقۇم ئويلېنىپ بىقىشىمىز كىرەكمۇقانداق؟
ئەمدى مىسالىمىزدىكى خەلىقئارا كاتتابازارغا قاراپ باقايلى..
ھەممىمىزگە ئايان شىنجاڭ خەلىقئارا كاتتا بازىرى تىپىك ئۇيغۇرمىللي بىناكارلىقى ۋە ئىسلام نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.ئۇ ئۇيغۇر تائام مەدەنىيتى،بىناكارلىقى،ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر سەھنە ،بىراق بۇلار قانچىلىك تەشۋىق قىلىنالىدى؟يەنىلا سەنئىتىمىزگە قارايدىغان بولساق بىناكارلىق بىلەن ماسلىشىدىغان سەنئىتىمىزدە بىرخىل ئەبجەشلىك شەكىللەنگەن.قارايدىغان بولساق چوڭ بازارئەتراپىدىكى ئۈن-سىن دۇكانلىرى ۋە سىتۇدىيلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ،ئۇنداقتا ئۇلار نىمە قىلىۋاتىدۇ؟ئۇيغۇر نامى بىلەن پۇل تېپىپ يەپ ،ئۇيغۇر مىللي سەنئەت پىلاستىنكىلىرىنى تىزىپ قويۇپ چەتئەلنىڭ ھەرخىل ناخشا-مۇزىكىلىرىنى قۇلاقنى يارغۇدەك ياڭرىتىپ قويىۋاتىدۇ،ئەجەبا ، بىزدە چەتئەل نەخشى-مۇزىكىلىرىنىڭ بازىرى شۇنداق ئىتتىكمۇ؟(بۇتوغۇرلۇق مەندە تېخى ئىنىق سىتاتسىكا قىلىنغان مەلۇمات توق)شۇنداق سەھنىلەردە نېمىشقا ئۆزىمىزنىڭ مىللي ناخشا-مۇزىكىلىرىمىزنى،خەلق ناخشىلىرىمىزنى،گۈزەل مۇقاملىرىمىزنى ياڭراتمايمىز؟ئەجەبا ،ئۇنىڭ بازىرى يوقمۇ؟ۋەياكى يىقىملىق ئەمەسمۇ؟ئۇنداق دەپ قارىغۇچىلار تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سىلىپ باقسۇن!
گوللاندىيلىك مەلۇم مۇقام تەتقىقاتچىسىنىڭ مۇقامنى تولۇق ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇر دوستىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن(2)(مۇقامنى تولۇق ئۈچ كۈن ئاڭلاپ چىقتىم،نەچچە قېتىم يىغلاپ سالغېنىمنى بىلمەيمەن،دۇنيادامۇشۇنداق يىقىملىق مۇزىكىمۇبارئىكەن. مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى دۇنيا سەنئىتىنىڭ يلىتىزى سىلەردە،شىنجاڭدا ئىكەن.) باشقىلار شۇنداق ھەيران قالغان مىللي سەنئىتىمىزنى نېمىشقا ئۆزىمىز قەدىرلىمەيمىز؟نېمىشقا ئۈنلۈك ياڭراتمايمىز؟ئەلۋەتتە،بۇنداق دىگەنلىك ئۈن-سىن دۇكانلىرى كۈندە مۇقامنى قويۇشى كىرەك دىگەنلىك ئەمەس.لىكىن بىزدە چوقۇم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كىرەك.خەلقئارا كاتتا بازار ھەريىلى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن نۇرغۇن ساياھاتچىلەرنى كۈتىۋالىدۇ،ئۇلار بۇيەردە بىزنىڭ مەدەبىيتىمىز بىلەن ئۇچرىشىشى كىرەك،ئەلۋەتتە بۇلار بايا دەپ ئۆتكەندەك بىناكارلىق قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ،بىراق ئۇلارنىڭ بۇيەردە ئاڭلايدىغىنى غەرپنىڭ دىسكولىرى ،تۈركىيە،ئۆزبىكىستان،ھىندىستان ناخشى-مۇزىكىلىرى....
مۇشۇنداق مەئۇلىيەتسىزلىكىمىزبىلەن بىز(ئۆز سەنئىتىنى قەدىرلىمەيدۇ،كۆچۈمىكەش)دىگەندەك ناملارنى ئالماي يەنە قانداق نام ئالماقچى؟
ئۆزىمىزنى ئتىراپ قىلمىساق،قەدىرلىمىسەك بىز يەنە نېمىگە ئىرىشمەكچى؟
بۇنىڭغا ئۇيغۇر بولمىش ھەربىرىمزئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز،ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارقىتىش سودىگەرلىرىدە چوقۇم مىللي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشى كىرەك.
نەزىرىمىزنى (ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا كىيىم ئالماشتۇرۇپ ئۈلگۈرگەن ھىلىقى قىز)غا ئاغدۇرۇپ باقايلى.بىر ئادەمنىڭ مەلۇم يېڭى مۇھىتتا ئۆزگىرىپ كېتىشى ياكى ئۆزلۈكىنى ساقلىشى ئۇنىڭدىكى ئىچكى ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇبىراق تاشقى ئامىل يەنىلا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ،شەھەر كىشىلىرىدىكى شۇنداق يىزا كىشىلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ باھا بىرىدىغان ،ھەتتا ئۇلاردىن يىرگىنىدىغان ناچار ئىللەتلەر شۇكىشىلەرگە ناھايىتى زور بىسىم ئىلپ كىلىدۇ...
ھىلىقى قىزغا كەلسەك ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە چىراي ئىپادىلىرى بىلەن قاراشلىرى، ئۇنى دەرھال شۇمۇھىتقا سىرىتقى جەھەتتىن بولسىمۇ ماسلىشىۋىلىشقا،ئاتالمىش(مەتۇ)لىقنى چۆرۈپ تاشلاشقا مەجبۇر قىلغان.ئەگەر ئۇماشىنىدىن چۈشكەندىلا يالاڭباش،يىرىم يالىڭاچ كىيىنىۋالغان بولسا قانداق بولارئىدى؟ئھتىمال كۆپىنچەكىشى (بۇدىگەن تەبىئىي ئەھۋال)دەپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن،بىزدە نېمىشقا بۇنداق ناچار ئىددىيە شەكىللىنىپ قالىدۇ؟نېمىشقا يېپىق ھالەتتە كىيىنىش كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئىلىنماي ،يىرىم يالىڭاچلىق تەبىئي ئەھۋال دەپ قارىلىدۇ؟ مانابۇئۆزلۈكتىن يىراقلىشىش،ئۆزئەسلىنى ئۇنتۇشمۇقانداق؟ئىسىمىزدە بولۇشى كىرەككى ھەرقانداق بىركىشى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسىغا تولىمۇ ئىتىبار بىرىدۇ،شۇنداقلا كۆپىنچە كىشىنىڭ نەزىرىدىكى باھا ئاساسلىقى تاشقى قىياپىتى كىيىنىشىگە قاراپ باھا بىرىش ... بىر تەرەپتىن مىللەت كىشىلىرىدىكى كىيىنىشكە قاراپ باھا بىرىدىغا ناچار ئىللەتلەر كىيىنىشىگەباھابىرىش ...بىر تەرەپتىن باشقامەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ،بولۇپمۇقىزلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ئاخىرىدا مىللەتنىڭ مىللىي كيىم-كىچەك مەدەنىيتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ،كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا(يىرىم يالىڭاچلىق)تەبئي ئەھۋال دىگەندەك بولمىغۇر ئىددىيىنىڭ شەكىللنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنى ئىسىمىزدە تۇتىشىمىز كىرەككى بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز،بىزنىڭ دېنىمىز يىپىقلىقى بىلەن گۈزەلدۇر،ئىچى-تىشى ئوخشاشلاكۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نەرسىنىڭ يەنە قانداق قىممىتى بولسۇن....
ئاخىرىدا شۇنى ئىيتىپ ئۆتۈش كىرەككى مىللەتتە ھەرخىل يامان ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى،قەدىرسىز ھالەتكە چۈشۈپ قىلشى شۇمىللەت كىشىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.خۇددى دېنىمىزدا (مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا قەرزى بار)دىيىلگەندەك مىللەت كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىگە ،مىللەتكە مەسئۇل بولۇشنى دەل شۇ(قەرز)دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ.مىللەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ بولماسلىقى(كارى بولماسلىق، بىشىنى چايقاپ كېتىپ قېلىشلار ئاخىرىدا ھەرخىل ئىللەتلەرنىڭ كېلىپ چېقىشى،پۈتكۈل مىللەتنىڭ قەدىرسىز،ئىتىبارسىز بولۇپ قىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.قەدىرسىزلىك –دەل ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلىمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
سىتاتا مەنبەلىرى

1)(قەشقەر ئەدەبىياتى) ژۇرنىلى 2005-يىللىق سانى؛
(2)(ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقى) كۆرەش رەجەپ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2007 –يىللق نەشىرى.
كۆپچىلىكنىڭ ئەسەرگە قارىتا پىكىر -تەكلىپلەرنى بىرىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن.