- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 235
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 240
- تىزىملاتقان
- 2012-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-10
- UID
- 32098
- يازما
- 235
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 240
- تىزىملاتقان
- 2012-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-10
- توردا
- 187 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
(ئەسكەرتىش:بۇ تېپىشماقلار ئۆسمۈرلەرگە ماس كېلىدۇ،بۇنى نارسىدە پەرزەنتلىرى بار ئاتا-ئانىلار بولسا،بالىلىرىنى تەربىيلەشكە ئازراق پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمۈدتە يوللىدىم)
تېپىشماقلار
1)كۆرسەڭ ئايدەك، 2)تاغدا يېشىل، 3)ئاپئاق نەرسە،
يېسەڭ مايدەك. سۇدا قىزىل. سۇغا كىرسە
ئۇبولسا سەن، ھېدى ئۇنىڭ، يوقاپ كېتەر،
ئويناق تايدەك.[؟] خۇشبۇي ئېسىل.[؟] ئېلەشتۈرسە.[؟]
4)قىرلىق قاتتىق، 5)يۇمشاق تېنى، 6)كىچىك باتۇر،
ئاپئاق تاتلىق. چىقماس قېنى. مۆكۈپ ياتۇر.
كۆرسە ئۇكاڭ، تاماق بۆلۈپ، ئېگىسىلا
قۇچار شاتلىق.[؟] توقلار سېنى.[؟] ئاران تاپۇر.[؟]
7)يورغا تايچاق، 8)سېمىز بىر پىل، 9)ئوچاق ئېگىز،
تۆردە ئەرۋاھ. تاسمىدەك تىل. ئاپئاق كېگىز.
ئۇكاڭ ئاڭا، كىمۇ ئۇنى، بىلسەڭ قېنى،
ئىجىل ئامراق.[؟] ياراتقان بىل.[؟] ئاچقىن ئېغىز.[؟]
10)ياغاچ قانات، 11)تۇرار چاقماق، 12)ئىككى ياقتا،
ئاياغسىز ئات. تۆت پۇتلۇق تاي. ئىككى تاختا.
دەريا كۆلدە، لازىم قىلار، خىزمەت قىلار،
ئۈزەر پات-پات.[؟] تاماق ۋە چاي.[؟] بىرلا ۋاقىتتا.[؟]
13)ئېچىلسا گۈل، 14)چىشى سانسىز، 15)سېرىق چاپان،
يېپىلسا كۆل. ياپىلاق قانسىز. ئۇچار چاققان.
ئۇ بولسا گەر، ئىشلەر غارىت-غۇرت، بال يىغىدۇ،
بولمايسەن ھۆل.[؟] ئەمما جانسىز.[؟] زەھىرى يامان.[؟]
16)ئاغزى ئوچۇق، 17)ئايىقى يوق، 18)بېتى بېلىق،
بۇرنى پۇچۇق. قۇلىقى يوق. ئاغزى يېپىق.
ياتار ئوڭدا، كۆڭلىكى بار، تولغان ئىچى،
مارلاپ يوچۇق.[؟] قۇرسىقى توق.[؟] ئەقىلگە لىق.[؟]
19)تېنى قىززىق، 20)ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق، 21)ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىدە،
ئاستى سىلىق. يەيدۇ تاماق. يۇمران چۆپلەر دۆۋىسى.
رەخت ئۈستىدە، شۇنداق بولسىمۇ، ئورىۋەتسە ئۇلارنى،
گويا بېلىق.[؟] يەنىلا ئاۋاق.[؟] ئايدا ئۆسۈپ چىققۇسى.[؟]
22)ئىشىكىگە ئوت ياقسا، 23)ھۈل-ھۈل ھۈلەمەن،
ئوت ئالىدۇ ئۆي ئىچى. ئىچى قىزىل قىيامەت.
ئوت كەتكەننى كۆرسىمۇ، ھۆل كىرىپ قۇرۇق چىقار،
ئۆچۈرمەيدۇ ھېچ كىشى.[؟] ئېيتىڭ قانداق كارامەت.[؟]
24)ئۇچۇپ يۈرەر قاناتسىز، 25)تۆمۈر تۇمشۇقلۇق، 26)تۆت ئاياغلىق بىر نەرسە،
جاھان كېزەر ئاياغسىز. رېزىنكە قۇرساقلىق. جانسىز پاكار چىڭ نەرسە.
كەلگۈچىلىك شەپىسى، سۇلىياۋ قالپاقلىق، پۇتى تۇرۇپ ماڭمايدۇ،
ئۆزى كېلەر ھايالسىز.[؟] ياندا ساقلاقلىق.[؟] ئۆرە تۇرۇپ تالمايدۇ.[؟]
27)بىر گۈل باغقا كىردىممەن، 28)يۈزى تەكشى پارقىراق، 29)كۆرۈنمەيدۇ كۆزۈڭگە،
كۆچەتلەرگە قوشۇلدۇم. ھەممە ئۆيدىن ئايرىلماس. ئۆيۈڭدە يا تالادا.
قارشى ئالدى باغۋەنلەر، يېقىن كەلسەڭ ئۇنىڭغا. لېكىن ھەمرا ئۇ ساڭا،
بەكمۇ شادلىققا تولدۇم.[؟] ئەيىبىڭنى ياپالماس.[؟] لەيلەپ يۈرۈپ سامادا.[؟]
30)پىلىكى يوق،ئوتمۇ يوق، 31)كۈندۈزلىرى سەن بىلەن، 32)ئاققان سۇدەك توختىماي،
ماي قۇيمىغان ئىچىگە. بىللە ماڭار يولۇڭدا. كېتىۋېرەر نىشانغا.
يالتىرايدۇ كۆز قىسىپ، قوغداپ ئىسسىق-سوغۇقتىن، تارازىسى ئۆمۈرنىڭ،
كۆك ئاسماننىڭ بېتىدە.[؟] راھەت بېرەر جېنىڭغا.[؟] بەك قىممەتلىك ئىنسانغا.[؟]
33)بىر نەرسە بار ھاۋانى، 34)ئەجەپ سىرلىق خەزىنە،
شوراپ پۈۋلەپ قانمايدۇ. باردۇر ھەر بىر ئادەمدە.
ئۇ بولمىسا ئىنسانلار، ئاڭا كىرىپ چىقىدۇ،
ھەرگىز ھايات قالمايدۇ.[؟] ھەر بىر نەرسە ئالاھىدە.[؟]
35)يەر ئۈستىدە تېنى بار، 36)تۈگمىنىم بار ئۇن تارتار،
يەر ئاستىدا باشلىرى. پىرقىرىماي ئايلانماي.
ئەگر ئۇنى توغرىساڭ، قۇبۇل قىلار ھەممىنى،
ئاقار كۆزۈڭ ياشلىرى.[؟] ھۆل-قۇرۇق دەپ ئايرىماي.[؟]
37)كۆكرەكتە بار بىر نەرسە، 38)ئۇزۇن كەتكەن بىر كېمىر، 39)ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق،
ئويناپ تۇرار دىكى-دىك. تۈڭلىكى مىجىر-مىجىر. چۈشتە ئىككى پۇتلۇق.
ئۇ ئويناشتىن توختىسا، ئايىقىدا گۈل ئېچىلۇر، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق.
يوقتۇر ساڭا تىرىكلىك.[؟] بېشى شۈرتاڭلىق ئېدىر.[؟] [؟]
40)قۇرسىقى بىلەن يەپ، 42)پۇتلىرى بار جېنى يوق،
دۈمبىسى بىلەن چىقىرار.[؟] كىرمەيدىغان ئۆيى يوق.[؟]
خالىغانلار تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى دەپ باقساڭلار بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-24 16:04
|
|