تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 319|ئىنكاس: 5

سىرلىق ئالدامچى(پوۋسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
33435
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرلىق ئالدامچى (پوۋسىت)
                      ئاپتۇرى:ئابلەت ئىمىن
مەھەللىمىزگە تۇربا سۈيى كەلدى، چۆمەك ئېچىلىشى بىلەن سۈپ-سۈزۈك سۇ كەلدى، سۇ بىلەن تەڭ مەھەللىمىزگە خوشاللىق كەلدى، مەنمۇ ناھايىتى خوشال بولدۇم، ئىنىم بىلەن ئىككىمىز چۈشىۋاتقان سۈنى بارمىقىمىز بىلەن توسىۋىلىپ، بىر-بىرىمىزگە سۇ چېچىشىپ ئوينىدۇق.بۇنى كۆرگەن بۇۋام سۇ دىگەن جان دىگەن گەپ، سۇنى ئىسراپ قىلماڭلار دەپ بىزگە سەل قاتتىق تەگدى، مىنىڭ چىرايىم تۈرۈلدى، ئىنم بولسا يېغلاپ كەتتى.
بوۋام كۆڭلى يېرىم بۇلىۋاتقان ماڭا ۋە ئىنىمغا قاراپ، باللىرىم سۇ دىگەن بەك ئۇلۇغ نەرسە، بىز سۇ سەۋەبىدىن نۇرغۇن جەۋرى-جاپالارنى تارتقان، ئىلگىرى كۆلگە سۇ چىڭقاپ ئىچەتتۇق، چارۋا-ماللار بىلەن بىرگە سۇ ئىچەتتۇق، ھازىر پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى بىلەن كەنتىمزگە تۇربا سۈيى كەلدى، جۆمەكنى ئاچساقلا سۈپ-سۈزۈك سۇ چۈشىدۇ.-بالام بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل  ئىلگىرى ؛ مەھەللىمىزنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە بىر چوڭ كۆل بارئىدى، بىز دېھقانلار شۇ جايدىن سۇ ئىچەتتۇق. بىر كۈنى مەھەللىمىزگە بىر ئاتالمىش ئەۋلىيا كەپتۇ، ئۇ بىرسىنىڭ ئۆيىگە تاماق يىگىلى كېلىپ، بىر قوشۇق ئاشنى ئېغىزىغا ئالا ئالمايلا، بۇ تاماقنىڭ سۈيىدە مەسلە بارئىكەن، سۈيىدە بىر ئىشەكنىڭمۇ ياكى بىر ئىتنىمڭمۇ ئىشقىلىپ ھارام بىر ھايۋاننىڭ تائىپى بار ئىكەن دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەل جامائەت كۆلنى مالتىلىغان ئىكەن، كۆلدىن راستىنلا بىر ئىتنىڭ ئۆلىگى چىقىپتۇ. مەنمۇ ھەيرانلىق بىلەن كۆل بويىغا بارغان ئىدىم راستىنلا بىر ئىتنىڭ  ئۆلىگىى ئىكەن. بىز بۇ سۇدىن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان ئەۋلىيادىن كۆپ مىننەتدار بولدۇق لىكىن بۇ سۇنى ئىچمەيلى دېسەك بىزگە باشقا ئامال يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت يەنە ھېلىقى ئەۋلىيادىن مەدەت تىلىدى. ھېلىقى ئەۋلىيا بىر ئاز ئويلىغاندىن كىين 80چىلەك سۇ تارتىپ ئېلىۋەتكەندىن كىين ئىچسە بۇلىدىغانلىقنى دېدى كۆپچىلىك ئۇنىڭ دىگىنى بۇينچە قىلدى.
مەن ھەيرانلىق بىلەن بۇۋامغا قارىدىم، - شۇڭلاشقا سۇنى ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ دېدى بوۋام.
   ئارىدىن 10يىل ئۆتتى، مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم، كىچىك ۋاقىتمدا ئويناپ چوڭ بولغان بۇ مەھەللىمگە تويماي قاراپ ئايلاندىم، مەھەللىدە ھەقىقىتەنمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ئىدى، ئەگرى-بۈگرى كىچىك-كىچىك كۇچىلار ئەمدىلىكتە كەڭرى-ئازادە ماي يوللارغا،قالايمىقان،كىچىك،پاكار، لايدىن، ۋادىكتىن ياسالغان ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا ھازىرقى رەتلىك، ئازادە، قىش قۇرۇلمىلىق يەرتەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە ئۆزگەرگەن ئىدى. بىر ئائىلە ھويلىسىدا پەقەت بىرلا تۇربا بۇلۇشنىڭ ئورنىغا ئەمدى ھەر بىر ئېغىز ئۆيدە بىردىن تۇربا ئورنىتىلغان ئىدى ھەتتاكى ھاجەتخانا، قوتانلارغىچە توربا سۈيى ئورنىتىلغان ئىدى. بۇرۇنمۇ ھەر تەتىلدە ئۆيگە قايىتسام ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلاتتىم، لىكىن بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر ھىس قىلمىغان ئىدىم. ئۆزگىرىش، يوللار،ئۆيلەردىلا ئەمەس بەلكى قاتناش ۋاستىلىرىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. بۇرۇنلاردا مەھەللىدە پەقەت كەنىت باشلىقى ۋە بىزنىڭلا سۈزۈك ماركىلىق موتوسىكىلىتىمىز بار ئىدى. ھازىر سۈزۈك ماركىلىق موتوسىكىلىت پۈتۈن مەھەللە بۇينچە ئىزدىسە ئەڭ نامرات ئائىلىدە دورىدەك بىر تال تېپلىپ قالاتتى. لىكىن ئالىي دەرىجىلىك موتوسىكىلىتلار ھەر ئائىلىدە بىردىن ياكى ئىككى ھاتتاكى ئۈچىمۇ تېلىپلاتتى. ھازىر بىزنىڭ ئائىلىدە، ئاكامنىڭ ئائىلىسىدە، كەنىت باشلىقىنىڭ ئائىلىىسى قاتارلىق بىرنەچچە ئائىلىدە كىچىك ماشىنىدىن بەش-ئالتىسىمۇ بار ئىدى. بۇلارنى كۆرگەندە ئالامچە خوشال بولغان بولساممۇ لىكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا يېرىم بۇلاتتى. چۈنكى مەن شەھەردە كۆپ يىل ئۇقۇش جەريانىدا مەھەللەمنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدىم، بۇ مەھەللەمنى يېزا دىيىشنىڭ ئورنىغا شەھەرنىڭ چەتراق يىرى دىسەكمۇ بۇلاتتى. پەقەت ئائىلىكلەر رايۇنىدىن ئايرىپ ئېتىزغا چىقساق ئاندىن يېزىدەك تەسىر بىرەتتى. يەنە بىر ھېسابتىن بۇ ئېتىزمۇ ئەمەس شەھەرنىڭ چوڭ باغچىسى ئىكەن دېسەكمۇ بۇلاتتى. بۇ يەرنىڭ شەھەر دىمەسلىكنىڭ ئەڭ ئاساسى، شەھەرگە قارىغاندا ئادەم ئاز، ماشىنا ئاز، دوقمۇش-دوقمۇشلاردا قىزىل چىراق يوق، شەھەردەك ماگىزىنلار يوق ئىدى.
خىزمەت تەقىسماتىم بۇلۇپ بولغۇچە مەن 3ئايدەك مەھەللەمدە تۇردۇم، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولغان ئىدى، كىچىك ۋاقتىمدا مەن تۇنۇيدىغان چاقچاقچى، ئاپئاق ساقال بوۋايلار قەيەرلەرگىدۇر يوقالغان ئىدى. پىكار-تەلەتلەرنىڭ، غەيۋەتچى خوتۇنلارنىڭ يېغىلىدىغان تۆت يول دوقمشىدا ھازىر بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيىتتى.ھازىر ياشلارنىڭ ھەممىسى قۇرلۇشچىلىق، قاشتىېشى سۇدىسى قاتارلىقلار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، پۇل تېپىشقا ئالدىراتتى بىكارغا ۋاقىت ئۆتكۈزمەيىتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ئادەملەر يەنىلا شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ئالدىراش ئىدى، بۇرۇنقىدەك ئىككەيلەن يولدا كېتىۋىتىپ ئۇچرىشىپ قالسا بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىشلىردىن تارتىپ چارۋا-ماللىرىغىچە باشتىن-ئاخىرى سۆزلىىشىدىغان ئۇزۇن ۋاقىت سالاملىشىشنىڭ  ئورنىغا قول ئېلىشىپ ياكى بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا ئۆتۈپ كېتەتتى.
مىنىڭ مەقسىتىم خىزمەت ئىشىم ھەل بولغۇچە قانغۇچە ئوخلاپ ئارام-ئېلىش ئىدى، بىر ھەپتىمۇ ئوخلىغان بۇپتىمەن، مەھەللىلەرنى چۆرگەلگەن بۇپتىمەن، ئاخىرى ناھايىتى زىركتىپ كەتىتىم. بىركۈنى ژورنال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم ئاپام مېىنى چاقرىپ بالام بۇ سۇ تۇربىسى بۇزلۇپ قاپتۇ دوكانغا بېرىپ سۇ جۈمىكى ئېلپ كېلىپ بىرنى ئالماشتۇرۋىتە، سۇ مۇشۇنداق ئىسراپ بۇلۇپ كەتسە يامان بۇلىدۇ. مەن قىلغىلى ئىش چىققىنىغا خوشال بولغاندەك جۆمەك سېتىۋىلىپ جۆمەكنى ئالماشتۇرۇپ بۇلۇپ قايتا ژورنالنى قۇلۇمغا ئېلىپ، 10نەچچە يىل ئىلگىركى بوۋامنىڭ سۇنى ئىسراپ قىلماڭلار دەپ بەرگەن تەربىيەسى ۋە بىر ئەۋلىيا توغىرلىق سۆزلەپ بەرگەن ھېكايسى ئىسمىگە كېلىپ قالدى. شۇچاغدىلا مەن ھويلىغا چىقىپ دادامدىن شۇ چاغلاردىكى ئىشلارنى سورىدىم. دادام ماڭا ئۆزىنىڭ بىلىدىغان جايلىرىنى سۆزلەپ بەردى، مەنمۇ باشقا ياشتا چوڭ مويسىپىتلاردىن بىلدىغانلىرىنى سوراپ كاللامدا خام ماتىرىيال قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى ئەسىرىمنى يېزىش ئىستىكى مەندە تۇغۇلۇپ قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم.




1.        باپ پالۋاش  مەھەللىسى
بۇ مەھەللىنىڭ ئىسمى «پالۋاش » بۇلۇپ ، ھازىرمۇ مەھەللىمىز 7-مەھەللە ياكى پالۋاش مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدۇ.مەھەللىمىزدىكى مەسچىتنى پالۋاش مەسچىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەھەللە ئىسمىنىڭ ئاتىلىشىدا ھەرخىل قاراشلار بارئىدى. مەھەللىدىكى مويسىپىتلارنىڭ دىىيشىچە بۇنىڭدىن بىرنەچچە يۈز يىللار بۇرۇن، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز پالۋاش ئۆردىكى دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ئۆردەكنى تۇتۇپ سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىكەن شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ مەھەللىنىڭ ئسىمى پالۋاش دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن. پالۋاش مەھەللىسى كەنتىنىڭ ئەڭ چەتتىكى بىر مەھەللىسى ئىدى، مەھەللىنىڭ ئەڭ چېتى باشقا يېزا بىلەن چىگىرلىناتتى. ئائىلىلەر ناھايىتى تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بەزى جايلىرى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشقان ئىدى.
مۇشۇ مەھەللىنڭ چىگرا تەرىپىدىن بېشىغا ئاق تەلپەك، ئۇزۇن يەكتەك، كېڭيگەن 35ياشلار چاممىسىدىكى ساقاللىرى قاپقارا بىر كىشى ۋە 20ياشلار چاممىسىدىكى يۈزى سېرىق، بويى پاكار، كىرپىڭلرىنى قىراۋ قاپلىغان بىر بالا كېلۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ناھايىتى ئۇزۇن يول يۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلغى بۇلاتتى. ئۇلار پالۋاش مەھەللىسىگە كىرىدىغان يول بويىدىكى سۆگەت تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ چوڭنىڭ ئسىمى روزى، كچىگىنىڭ ئىسمى غېنى ئىدى:- جان باقماق ئەجەپ تەسلىشىپ كەتتى دېدى روزى، شۇنداق ئۇستام دەپ بېشىنى لىڭشىتتى غېنى. قارىغاندا بۇ بىر مەھەللىدەك قىلىدۇ، بۇدا كاللىمىزنى ئوبدانراق ئىشلىتىپ قىشنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىۋىلايلى. قاراپ تۇرماي قېنى خورجۇندىن ھېلىقىنى ئالغىن، غېنى دەرھال روزىنىڭ تاماكۇ چىكىدىغان نەرسىلىرىنى ئالدى. ئۇستام بۇيەردە مۇخىركا چەكسىلەر خەق بىزنى كۆرسە بىرنەرسە بىرەمۇ، ئەخمەت.. بەڭگى ئىكەن دەپ بىرنەرسە بەرسە بىرەر بولسىما خۇدايىمغۇ بىرەر. ھەي ئەخمەق بۇ يەردە تىلەمچىلىك قىلساق تازا بولسا ئىككى كۈن تۇرالامىز، مەن بۇ يەردە قىشنى ئۆتكۈزىلى دەۋاتىمەن، كاللىمىزنى ئىشلەتمىسەك بۇ قىشتا باراي-جايمىز يوق توڭلاپ ئۆلەپ كېتىمىز.رۇزى تاماكۇنى ئوراپ ئىسنى چوڭقۇر شورىدى. قاراتال ناھىيسىدە تازا رەسۋا بۇلۇپ قوغلاندۇق؛ شۇنى دىمەمسەن، شۇ نادانلارنىڭ ئىچىدىمۇ كاللسىى ئشلەيدىغانلارنىڭ چىقىپ قالغىنىغا ئشەنمەيۋاتىمەن دېدى غېنى. شۇڭلاشقا بۇدا كاللىمىزنى تازا ئىشلىتەيلى، بۇ مەھەللىگە كىرگەندىن كىين كەيىپ قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ، كەيىپنىڭ ئورنىغا قولىمىزدىن تەپسى چۈشمەسلىكى كېرەك. قوساق تازا ئاچتى دېسە، تىز بول بۇ مەھەللىگە كىرىپ تىزدىن قورساقنى بىر ئەستالىۋالايلى. ئۇلار سۇغۇقتىن تىترەپ مەھەللىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ئۇلار مەھەللە بېشىدىكى چوڭ بىر كۆلنى كۆردى. ئۇستام دېدى غېنى روزىغا مۇزدىن بولسىمۇ ئىككى پارچە ئېلپ چىقاي ئۇسسۇزلۇق بولسىمۇ قانسۇن.
-بۇپتۇ ئەمىسە ئېلىپ چىق. غېنى ئىكى پارچە مۇزنى ئېلىپ چىقتى، ئۇلار كۆلدىن سەل نېراقتا ئېتىز بېشىدىكى قاشتا ئولتۇرۇپ قوللرىنىڭ مۇزلاۋاتقىنىغا چىداپ مۇزىن غاجىلاپ ئولتۇردى.
شۇ تاپتا 10ياشلار چاممىسىدىكى ئىككى ئوغۇل كاشكولدىن چىلەكلىرىگە سۇ ئېلىپ تولدۇرپ، ئاندىن ئىككى چىلەكنىڭ ئوتتورسىغا كالتەكتىن بىرنى ئۆتكۈزۈپ سۇ ئېلىپ ماڭدى. دەل شۇ ۋاقىتتا روزىنىڭ كاللىسىغا ئىنتايىن بىر شېرىن خىيال كەلدى. ئۆزىدىن مەننۇن بولغان ھالدا كۈلۈپ قويدى ئاندىن مۇزنى دەرھال  تاشلاپ،-غېنىغا تۇر ئورنىڭدىن ياخشى كۈنلىرىمىز ئەمدى كېلىدىغان بولدى. غېنى ئۇستازى روزىنىڭ خىيالىنى بىلەممىدى. روزى غېنىنى باشلاپ مەھەللىگە ئەمەس مەھەللىنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدى. ئۇستام ئەمدى بۇ مەھەللىگە كىرمەمدۇق، ئەمدى بۇ مەھەللىگە كىرمىسەك بۇ چاغدا نەگە بېرىپ بۇلىمىز. سەن بىلمىگەندىن كىين كۆتۈڭنى قسىپ كېينىمدىن ماڭ بىردەمدىن كىين بىلىپ قالىسەن. ئەسلىدە بۇ مەھەللىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى جاڭگالدا روزى بىر ئىتنىڭ ئۆلىگىنى كۆرگەن ئىدى. رۇزى قەيەردە كۆرگەنلىكى ئىسىدە يوق كەلگەن يىرى بۇينچە بويلاپ مڭىر يەردى ئالاھىزەل بىر سائەت ماڭغاندىن كىين يول بويىدىكى بىر نەرسىنى كۆردى. روزى ناھايىتى خوشال بولدى. تاپتىم.. تاپتىم... شۇ تاپتا بۇ غېنى ئۈچۈن بىر سر ئىدى. ئۇستام نىمە تاپتىڭىز؟ ئالتۇنمۇ؟ كۆمۈچمۇ؟ ياكى يەيدىغان نان تاپتىڭىزمۇ؟ ئاۋۇنى بېرىپ ئېلپ كەل، ئاۋۇنى ئاۋۇ ئىتىنىڭ ئۆلىگىنى دەۋاتىمەن. ئۇستام بۇنى نىمە قىلىمىز كاۋاپ قىلىپ يەيلى دىمەيدىغانسىز؟ نىمە دەۋاتىسەن ۋۇ لاۋزا، كاللىسى پەقەت ئىشلىمەيدىغان بىر نىمە ئىكەنسەن. غېنى ئىتىنىڭ ئۆلىگىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئەمدى مەھللىگە قايىتپ كۆل ئەتراپىنى كۈزىتىشكە باشلىدى. ئادەم يوق پۇرسەت يىتىپ كېلىشى بىلەن ئىتىنىڭ ئۆلىگىنى كاشكولدىن سۇغا كىرگۈزۈۋەتتى ۋە ئۇھ دەپ مەھەللە تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى..

2.        تۇنجى بەللەنگەن ئوق.
توختى ئاخۇن داستىخاندا باللىرى بىلەن تاماق يىيىشكە تاييارلىنىۋاتاتتى، تۇيقىسىز دەرۋازىنىڭ ئۇرلىشى ئۇنىڭ ئارامىنى بىر بۇزدى، شۇنداق بولسىمۇ توختى ئاخۇن كىمدۇ بۇ دەپ ئېرنگەن ھالدا دەرۋازىنى ئاچتى  ۋە دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان غەلىتە كىينگەن بۇ ئىككى كىشى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى ۋە تەمكىنلىك بىلەن نىمە ئىش ئىدى دېدى. روزى ناھايىتى مەغرۇر ھالەتتە بىز ئىمامى جاففار زاراتگارلىقىدىن بۇيەرگە كەلگەن، مازارى-ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدۇق. شۇنداق كېتىپ بارساق بىر خىل ۋەھىمە كۆڭلۈمگە كەلدى. ۋە مۇشۇ ئۆيدە بىر دۇئا قىلىپ ئۆتەيلى دەپ ئىشكلىرىنى ئورىۋىدۇق. ۋەھىمە، شۇملۇق دىگەنلەرنى ئويلىغان توختى ئاخۇننىڭ سەل ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ لىكىن دۇئا قىلىپ ئۆتەيلى دىگەن گېپىنى ئويلاپ، ئۇلارنى ئۆيىگە باشلىدى.- ياخشى مېھمان تاماق ئۈستىگە دەپتىكەن، قېنى تۈرگە مەرھەمەت تاماققا باقسىلا دېدى توختى ئاخۇن، روزى قۇشۇقنى قولىغا ئالدى، غېنىمۇ روزىغا ئەگەشتى. روزى بىسمىللا دەپ قوشۇقنى قولىغا ئالدى ۋە دەرھاللا جايىغا قويۇپ قويدى، غېنى قورسىقى ئېچىپ ئۈچىيى تارتىشىپ كەتكەچكە ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۈگرە ئاشنى شاپاشلىتىپ ئېچىشكە باشلىدى. روزىنىڭ تاماققا يارى بارمىغىنى كۆرگەن توختى ئاخۇن روزىغا قاراپ،-قانداق مېھمان بۇ تاماققا كۆڭۈللرى تارتمىدىمۇ؟ ئەجەپ تاماق يىمىدىلىغۇ؟دېدى توختى ئاخۇن،-بۇ تاماقنى شۇنداق يىگۈم بار ئىدى لىكىن مەن بۇ تاماقتىن بىر ۋەھىمىلىكنى سېزىۋاتىمەن، بۇ تاماقتىن بىر خىل مۇدىھىش پۇراق چىقىۋاتىدۇ دېدى روزى،  بۇنى ئاڭلىغان توختى ئاخۇننىڭ ئايالى ئېغىزىنى قويىۋەتتى. ۋاي-ۋۇي ماۋۇ قەلەندەرنى بىزنىڭ تامىقىمىزدا نىمە مۇدىھىش بار ئىكەن؟ قاملاشمىغان بىر نىمىلەر ئىكەنغۇ بۇ؟ توختى ئاخۇن ئوڭايسىز قېلپ قالغان روزىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغۇنىدەك، قارىم بۇ بىزنىڭ ئېتىزدا بولغان بوغداينىڭ ئۇنى، سەيلىرىنىمۇ ئۆزىمىز تېرىغان، بۇ تاماقنىڭ قانداق يىرىدە مەسىلە بار ئىكەن؟ ئۇندا، ۋە سەيدە مەسىلە يوق ئىكەن، بۇ تاماقنڭ سۈيىدىن بىر خىل مۇدېھىش پۇراق چىقىۋاتىدۇ، ھە راس سىلەر سۇنى نەدىن ئەكىلىپ ئىچىسىلەر؟دېدى؛ روزى.-مۇشۇ مەھەللىدە بىر كۆل بار ھەممە ئادەم شۇ كۆلدىن سۇ ئىچىدۇ، روزى ئىنتايىن تەمكىنلىك ۋە مەغرۇرلۇق بىلەن ساقىلىنى سىلاپ قويۇپ، ھە مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە دەپ سۆز باشلىدى بۇ سۇدىن يا ئىتنىڭ، يا مۈشۈكنىڭ، يا ئىشەك قاتارلىق گۆشىنى يىيىش مەنئى قىلنغان ھارام ھايۋاننىڭ تائىپى بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلىغان توختى ئاخۇننىڭ باللىرى قۇشۇقنى تۇتۇپلا ھەيرانلىق بىلەن روزىغا قارىدى. غېنىمۇ پوقنى بىلىپ تۇرۇپ يىگەندەك خىجىللىقتا قالدى. قارىم ئۇنداق ئەمەستۇ؟ مەن بۇ تاماققا قۇشۇق سېلىشىمغىلا غايىپتىن بۇنى يىمە دىگەن ئاۋاز كەلدى. ئىشەنمىسىلە مېىنى شۇ كۆل بويىغا باشلاپ بارسىلا،-توختى ئاخۇن روزى، غېنىنى باشلاپ كۆل تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. غەلىتە ئىككى ئادەمنى باشلاپ ماڭغان توختى ئاخۇننى كۆرگەن مەھەللىدىكىلەر توختى ئاخۇندىن بۇلغان  گەپنى ئاڭلاپ ئۇلارمۇ كۆل بويىغا قاراپ مېڭىشتى. ھەش-پەش دىگۈچە جامائەت روزىنىڭ كۆرسەتكەن ئورننىڭ مۇزىنى چېقىپ ئېتنىڭ ئۆلىگىنى سۈزىۋىلىشتى. بۇنى كۆرگەن توختى ئاخۇن جامائەتلەرگە بولغان ئىشنى يىپتىن-يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بەردى، جامائەت ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن روزىغا قاراشتى، روزى ناھايىتى مەغرۇر ھالەتتە گېلىنى قىرقىپ قويدى. توختى ئاخۇن روزىنىڭ قوللىرىنى قايتىدىن تۇتتى. ۋاي ھايات ئەۋلىيايىم، مەن سېلىنى تۇنىماي قېلىپ سالغان گۇنايىمنى كەچۈرسىلە، ئاغېزى يامان خوتۇنۇمنى كەچۈرسىلە. مەھەللىدىكىلەر بىر-بىرلەپ كېلىپ روزى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. غېنى ئەمدىلىكتە بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى تۇلۇق چۈشەنگەندەك قىلدى، شۇنچىلىك كۈلكە تۇتسىمۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپ چاندۇرمىدى.
مەھەللىدىكىلەر روزىغا قاراپ، بىزنىغۇ نىجاسەتتىن قۇتۇلدۇردىلار، ئەمدى بۇ سۇنى ئىچمىسەك، نەدىن سۇ تېپىپ ئىچىمىز دېدى. روزى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىين بىر پەس ئاسمانغا قاراپ تۇردى. ئاندىن دۇئاغا قول كۆتۈردى. ئاندىن كىين ماڭا شۇنداق نىدا كەلدىكى بۇ سۇدىن سىلەر سۇ ئىچىدىغان چىلەكتە 80چىلەك ئۇسۇپ تۆكىۋەتسە ئاندىن پاك بۇلىدىكەن، مەھەللىدىكىلەر خوشال بۇلۇپ رۇزىنىڭ دىگىنىدەك قىلدى. توختى ئاخۇن روزى ۋە غېنىنى ئۆيىگە باشلاپ، بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ بىرىشنى ئۆتۈندى، روزى ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئالدىراشلىقى ئېيتىپ ئۆزرە سورىدى لىكىن توختى ئاخۇننىڭ قايتا-قايتا يالۋۇرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قېپ قېلىشقا ماقۇل بولدى. مەھەللىدە روزى توغىرسىدىكى خەۋەر چاقماق تىزلىكىدە تارالدى بىر نەچچە جامائەت يوقلاپ كىرگەنمۇ بولدى لىكىن بۇ ئىتنىڭ تائىپى توغىرلىق بۇ ۋەقە ئانچە چوڭ تەسىر قىلمىدى. توختى ئاخۇن ئۇلارنى خېلى ياخشى كۈتىۋالدى. بىر ئۆيگە مەش قويۇپ ئىسستىپ بەردى، تەرىتىگە ئىسسىق سۇ بەردى، ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ ئۇلارنى كۈتتى. گۆش يىگۈسى كېلىپ قالغان روزى تەپسى سىرىپ ئولتۇرۇپ غېنىغا ئەجەپ گۆش يىگۈم كېلىپ كەتتى، يا بۇ توختاخۇننىڭ تامىقى ھەممىسى گۆشسىز، پۇلونىمۇ توخۇمدا ئىتىپتۇ بۇ قېتىم بىر ئامال تاپمسىام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا توختى ئاخۇن يىتپ كەلدى. روزى پۇرسەت كەلگەنلىكىنى بىلىپ توختى ئاخۇنغا ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ئاۋازىنى قىرقىپ، تەمكىنلىك بىلەن،-توختى ئاخۇن دوئا ۋايىغا يەتتى ئەمدى قان قىلماق زورۈردۇر، ئەگەر قان قىلمىسىاق ياخشى دۇئا ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، بۇ سېلىنىڭ يا جانلىرىغا يا ماللىرىغا ياكى باللىرىغا يۈرۈپ كېتىشى مۇمكىن شۇڭا قانلىقنى ياخشى قىلماق جايىزدۇر دېدى روزى. توختى ئاخۇن دەرھال ئېغىلدىكى سېمىز قوچقىرىنى قۇربانلىق قىلىپ روزىنىڭ پەرماننى بەجا كەلتۈردى. روزى بىلەن غېنى گۆشنى تويغۇچە يېدى. غېنى روزىغا ئۇستام بۇ يەردە قاچانغىچە تۇرىمىز؟ بۇنداق تۇراۋالساق توختى ئاخۇنمۇ ھامان بىر كۈنى بىزدىن زىركىدۇ، شۇنچە ئىشلارنى پىلانلىساقمۇ بۇ مەھەللىدىكىلەر بىزگە ھاجەتلرىىنى ئېيتىپ كەلمەيۋاتىدۇ.. قارىغاندا كۆلنىڭ ئىشى ئانچە تەسىر كۆرسەتمىگەن چېغى. توغرا دېدىڭ دېدى روزى غېنىغا قاراپ بۇ قېتىم ياخشىراق ئامال تاپمىسام بولمىدى. روزى توختى ئاخۇنغا بىز ماڭماقچى بۇلىۋاتىمىز،  بىز مېڭىش ئالدىدا بۇ ئۆيدىكى بالا-قازانىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بايقىدۇق، شۇڭلاشقا ئاۋۇ ئېسىقلىق چاپاننى ھەدىيە قىلسىلا بۇپتىكەن دېدى. توختى ئاخۇن سەل ئىككىلىنىپ بۇ بىزنىڭ خوتۇننىڭ دادىسىدىن قالغان تەۋەرۈك چاپان ئىدى. باشقا نەرسە بەرسەم بولماسمۇ؟دېدى. بىرىشكە كۆزلىرى قىيمىغان بولسا بۇپتۇ ئەمىسە؟ بىرەر زىيان-زەخمەت كەلسە مەندىن ئاغېرىنمسىلا دېدى روزى ئالىيپ تۇرۇپ، توختى ئاخۇن ئىككىلىنىپ چاپاننى روزىغا بەردى. رۇزى چاپاننى يېپىنىپلا دۇئاغا قول كۆتۈرگەندىن كىين توختى ئاخۇن بىلەن خوشلىشىپ يېنىپ چىقتى. ئۇلار مەھەللىدىن ئۇزاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كەتكىنى بىلگەن توختى ئاخۇننىڭ ئايالى ھۆرۈلخان توختى ئاخۇننىڭ چاپاننى ھەدىيە قىلغانلىقىنى بىلگەندىن ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كەتتى. ماڭ بېرىپ دەرھال چاپاننى قايتۇرۇپ كەل، بۇ دادامدىن قالغان تەۋەرۈك چاپان تۇرسا، توختى ئاخۇن خىجىللىق بىلەن جېنىم خوتۇن چاپان دىگەن بىزنىڭ جېنىمىزدىن، مېلىمىزدىن مۇھىممۇ؟ مەن بارمايمەن، ئەۋلىيادىن قاغىش ئالغۇم يوق، بارساڭ ئۆزۈڭ بار؟ ھۆرۈلخان ئاغېزىنى بۇزغاچ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. ئۇلار ھۆرۈلخاننىڭ كېلىشىنى بىلىدىغاندەك ئىنتايىن ئاستا ماڭغاندى. رۇزى يىراقتىن بىر ئايالنىڭ ھوي توختاپ تۇرسىلا دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، غېىنىغا تىز بول تاماكۇ چىكىدىغان سەرەڭگىنى ئال. مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ تاماكۇم چىكەمدىلا ئۇستام، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تىز ئال، غېنى خورجۇندىن سەرەڭگىنى ئېلىپ روزىغا بەردى روزى چاپاننىڭ ئەستىرىنى يىتىپ چاپاننىڭ مېزىغا ئوت يېقىۋەتتى ۋە چاپاننى قاتلاپ ھۆرۈلخاننڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. ھۆرۈلخان كېلىشى بىلەن مانا ماڭا بەرگىلى چىدىمىغان چاپنىڭغىمۇ؟ ئۆيڭىگمۇ ئوت كېتەر ئىلاھىم! تۈفى قەلەندەر! سەندەك قەلەندەرنىڭ قارغىشىغا پىت ئۈلەمتى. ھۆرۈلخان چاپاننى قاتلاقلىق پېتى كۆتۈرۈپ كېتىپ قالدى دە، قاتلانغان يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ  ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ ئۆز ئىشىغا مەشخۇل بۇلۇپ كەتتى.
3.         روزى ئەۋلىيا
توختى ئاخۇن ئايالىنىڭ بۇ ئىشىغا نارازە بولغان بولسىمۇ ئايالىغا ئۇچۇق بىر نەرسە دىيەلمىدى. ئارىدىن يېرىم-سائەت ئۆتە-ئۆتمەي، توختى ئاخۇننىڭ كىچىك ئوغلى دادا تىز بۇلۇڭ،ئۆيگە ئوت كەتتى، توختى ئاخۇن جىددىيلىشىپ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى،ئۆينڭ ئىچى ئىس-تۈتەككە تولغان ئىدى. ھۆرۈلخانمۇ نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي،-ۋاي ئادەم بارمۇ؟ -ئوتنى ئۆچۈرۋىلىڭلار دەپ ئاۋازىنى قويىۋىتىپ ۋاقىراشقا باشلىدى. قۇلۇن-قوشنىلارنىڭ ياردەم بىرىشى ئاستىدا ئوت تىزدىن ئۆچۈرۋىلىندى. ھېلىمۇ بۇ ئوتنىڭ زىينى بەك كۆپ بولمىدۇ، يوتقان،كۆرپە، كىگىز گىلەملەر زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ لىكىن ئايۋان ۋە باشقا ئۆيلىرىدىكى مۈكۈلۈكلەر زىيانغا ئۇچرىمغان ئىدى.
توختى ئاخۇن ھۆرۈلخانغا كايىپ، ئۇ ئەۋلىيا چاپاننى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن ۋاقتىڭدا ساڭا نىمە دىگەن ئىدى؟ خۇدايا بىلمەسلكىمگە توۋا! ئۇ ئەۋلىيا ماڭا بىرىشكە چىدىمىغان شۇ چاپىنىڭغا ئۆيۈڭگىمۇ ئوت كېتەر ئىلاھىم دەپ قارغاپتى، مەن ئۇنى قەلەندەر دەپ تىللاپ چاپاننى ئېلىۋىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم. توختى ئاخۇن تېخىمۇ ئەۋزەيلەپ كەتتى. ۋاي نىمە پوق يەپتىم، مەنمۇ زە راستىنلا خوتۇنىنىڭ تامبىلىدا ناماز ئۇقۇيدىغان ئەخمەق ئىكەنمەن، خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دىگەن راست گەپ ئىكەنغۇ،نىمىشقىمۇ بۇ خۇتۇننىڭ گىېپىگە كىرىپ، بۇ خۇتۇننىڭ ئالدىنى توسىمىغاندىمەن. ۋاي ئېسىت! ۋاي ئېست! مەن نىمىلا بولمىسۇن ئەمدى شۇ ئەۋلىيانى تېپىپ كېلىپ دۇئاسىنى ئالىمەن، خىزمتىنى قىلىمەن.
توختى ئاخۇن ئىشەك ھارۋىسىنى تۇقۇپ يۈرۈپ كەتتى.
توختى ئاخۇن يېشى 50ياشلار ئەتراپىدىكى، يۈزى ئىنچىكە، بۇرتى ساقىلىدىنمۇ بەك ئۆسكەن، ياۋا مۈشۈككە ئوخشايدىغان ئادەم ئىدى. توختى ئاخۇن مۇشۇ مەھەللىدىكى بىرقەدەر ھاللىق ئائىلە ھېسابلىناتتى، ئۆيلىرى، دەرۋازىلىرى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا روشەن پەرق قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بويىغا يىتپ قېلىۋاتقان  بىر قىزى، ئۈچ نارىسدە ئوغلى بارئىدى. روزىنىڭ بۇ ئۆينىڭ تاللىشىمۇ توختى ئاخۇننىڭ ھال-كۈنىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا ياخشىلىقىدىن، بۇلارنى شۇلغاندا كۆپ نەپ چىقىدىغانلىقىدىن ئىدى. ھۆرۈلخان بولسا توختى ئاخۇننىڭ تۆتىنجى خوتۇنى بۇلۇپ، توختى ئاخۇن ھۆرۈلخاندىنلار پەرزەنىت كۆرۈپ، بۇرۇنقى خوتۇنلىرىدىن پەرزەنىت كۆرەلمىگەن ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن توختى ئاخۇن ھۆرۈلخانغا سەل يول قوياتتى. بۇ قېتىم يول قويىشىمۇ شۇنىڭدىن ئىدى. ئۇ ئەمدىلىكتە ھۆرۈلخانغا ئىنتايىن ئۆچ بولدى، بەلكىم بويىغا يىتىپ قالغان قىزى، نارىسىدە باللىرى بولمىغان بولسا ھۆرۈلخاننىڭ كۆتىگە تېپىشى ئېنىق ئىدى. خەپ دەيىتتى توختا ئاخۇن ئىشەكنى قامچىلىغاچ، بۇ قېتىم ئەۋلىيانى بىر تېپىۋىلاي سېنىڭ ئەدىپىڭنى كىين بەرمىسەم دەپ ئويلايىتتى توختى ئاخۇن. مەھەللە چېتىدە سۈگەت تۈۋىدە روزى بىلەن غېنى ئولتۇراتتى. روزى ئۆزىنىڭ بۇ پىلانىدىن ئىنتايىن مەغرۇر ئىدى لىكىن غېنى سەل ئەنسىراۋاتاتتى، ئۇستام ئەڭ ياخشىشى بىز تىزدىن بۇيەردىن تىكىۋىتەيلى ناۋادا ئۇلار چاپاننىڭ مېزىغا بىزنىڭ ئوت يېقىپ قويغانلىقىمىزنى بىلىپ قالسا ئۇچاغدا بىز تولۇق تۈگىشىمىز. مۇمكىن ئەمەس دېدې روزى،-چاپان مېزىغا ئاستا-خارەكتىرلىك ئوت توتىشىدۇ، كىچىك ۋاقتىمدا مىنىڭ پاختىلىق ئىشتىنىمغىمۇ ئوت كەتكەن، تاكى پاچاقلىرىم قاتتىق كۆيمىگىچىلىك مەنمۇ بۇنى بىلەممىگەن. دەل شۇ ۋاقىتتا ئىشەكنى قامچىلاپ بىر كىشى كېلىۋاتاتتى. ئۇ توختى ئاخۇن ئىدى، قانداق روزى دىگەندەك مەنىدە غېنىغا قاراپ قويدى.
4.        روزى ئەۋلىيا
رۇزى ئەسلىدە چىمەن ناھىيسىدىن بۇلۇپ، ھورۇن، ئىش-ئەمگەكتىن قاچىدىغان كىشى ئىدى. ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىين كوللىكتىپتا ئېتىز-ئېرىقلىرىغا ئىشلەپ ھالالدىن پۇل تېپىپ كۈنىنى ئېلىش ناھايىتى تەس كەلدى. ئۇ دەسلەپتە مازايى ماشايىقلاردىكى شەيىخلەرنى كۆرۈپ ئۇلارنڭ ئىشلىمەي، سەدىقە تىلەپ كۈنىنى بىر ئوبدان ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، كىين بىر شەيخنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ، مازارلىقتا تۈنەپ يۈردى.كىين بۇ ئاز-ئازدىن كېلىدىغان بۇنداق سەدىقىلەرگە روزىنىڭ كۈندىن-كۈنىگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئاچكۈزلىكىنى قامدۇرالمىدى، كىين ئۇ بىر مەدداھدىن راۋاب چېلىشنى ئۈگەندى، ئاندىن جەڭنامە، ھەزرىتى ئېلى قسىسى، يۈسۈپ-ئەھمەد قاتارلق مەدداھلىق قىسىلىرىنى چېلىشنى ئۈگەندى، كىشىلەر ئۇنى روزى راۋاپ دەپ ئاتىدى. ئۇ بازارلاردا مەدداھلىق قىلاتتى، كىين بىر شاگىرتمۇ قۇبۇل قىلدى، ئۇنىڭ شاگىرتى بولسا ھازىرقى غېنى ئىدى. روزى مەدداھلىقنىڭ كىرىمىنىڭ شەيىخلىقتىن ياخشى بولىدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى، ئۇ مەدداھلىق بىلىمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى،كېڭەيىتتى لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر روزىنىڭ مادداھلىقىنى ئاڭلىسىمۇ پۇل بىرىدىغان كىشىلەر يەنىلا ئاز ئىدى. ئېسىت دەيىتتى روزى:- بىكارغا ئاڭلىۋالغان گەپلرىمگە رازى ئەمەس. روزنىڭ ناھايىتى بېشى قاتتى، ئۇ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشىنى ئويلايىتتى كىين رامچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىقىنى، نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ كىشىلەر ئارىسىغا چۆكۈپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئالداپ، نۇرغۇن پۇل تېپىش خىيالىنى قىلىپ يۈردى. ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇل تېپشى ئۈچۈن كىشىلەر چۇقىندىغان يالغان ئەۋلىيا ۋە ياكى ئۇلۇغ بىركىشىگە ئايلىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇ بىرنجى قېتىم قاراتال ناھىيسىگە بېرىپ كەتمەندە ياقاقنى ھەركەتلەندۈرۈش، قونچاققا يىڭنە سانجىش قاتارلىق ھىيلە-مىكرلىرى بىر نەچچە ئەقىللىق كىشى تەرىپىدىن بەربات بولدى ھەمدە شۇ يەردىن سازايى بۇلۇپ قوغلاندى، ئۇ بۇ قېىتم چىگرا ناھىيدىكى، باغ ئۆستەڭ يېزىسىنڭ سالپى كەنتە پالۋاش مەھەللىسىگە ئالدامچىلىققا كەلدى، ئۇنىڭ بۇ مەھەللىنى تاللىشى بىرگە چىگرا، ئەتراپى دەريا، سازلىق، قېچىپ كېتىشكە ئەپلىك ئىدى. روزى پالۋاش مەھەللىسىدە ئويلاپ تاپقان ئەقلى ئانچە ئۈنۈم بەرمىدى لىكىن كىين ئويلاپ تاپقان ئەقلى بولسا ناھايىتى ئىشەنجىلىك بىلىنەتتى. ئو توختى ئاخۇننىڭ چۇقۇم ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغىنىنى ئويلاپ يەتكەنتى. خەپ دەيىتتى روزى ئىچىدە مىنى قەلەندەر دەپ تىللىغىنىڭنى كۆزىڭگە كۆرسىدىتىغان پۇرسەت كەلدى ھۇ ھۆرۈلخان دىگەن قېرى! مېنى تاۋاپ قىلىشقىلى كەلمىگەنگە ھامان تويغۇزىمەن پالۋاشلىقلار! روزى شۇنداق شېرىن خىيال قىلىۋاتقان مەزگىلدە توختى ئاخۇن ئېشىكىنى توختىتىپ دوڭغاقلاپ روزىنىڭ ئالدىغا كەلدى. –ۋاي ئەۋلىيايىم مەندەك كۆزى ئۇچۇق قارىغۇنى كەچۈرسىلە، مەن راستىنلار خوتۇنىنىڭ ئىشتىنىدا ناماز ئۇقۇيدىغان ئەخمەت ئىكەنمەن، مېنى كەچۈرسىلە؛ روزى ناھايىتىمۇ مەغرۇر قىياپەتتە، مەن سېلىنىڭ كېلىدىغانلىقلىرىنى بىلەتتىم، سىلىنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىنىڭ يۈزىسىدىن ئوت كۈندۈزدە كەتتى ۋە ئانچە زىيان يەتكۈزمىدى، ئەگەر مەن قاغىشىمنى دوئا ئارقىلىق قايتۇرۋالمىغان بولسام سېلىنىڭ بىر پۈتۈن نەرسىلىرى كۈيۈپ كۈلگە ئايلىناتتى ھەتتا سىلىمۇ بۇ دۇنيادىن خۇشلاشقان بۇلاتتىلە. شۇچاغدا توختى ئاخۇن قورۇققىنىدىن تېترەپ كەتتى.. ئاۋازى سۇغۇقتا قالغان ئادەمدەك تېترەپ چىقىشقا باشلىدى.- شۇنداق، شۇنداق، تو.......... توغرا دېدىلە ئەۋلىيايىم، ماڭا بىر پۇرسەت بەرسىلە سىلىنى قايتىدىن ئۆيۈمگە باشلاي، خىزمەتلىرىنى قىلىۋىلاي، ھەي توختاخۇن دېدى روزى ئاچچىقلانغان قىياپەتتە، مېنىڭ باشقا ئىشلىرىممۇ بار، سىلىنى دەپ مۇھىم ئىشلىرىمنى، تاۋاپ قىلىدىغان مازايى-ماشايىقلىرىمنى تاشلاپ قويسام بولمايدۇ،-كەچۈرسىلەر بۇ قېتىم سىلىنىڭكىگە بارالمايمەن. توختى ئاخۇننىڭ كۆزىدىن ياشلار چىقىپ كەتتى، بۇ قېتىم بېرىپ بىزنىڭكىدە تۇرۇپ بەرمىسىلە مەن ئالدىلىرىدا ئۈلۈپ بىرىمەن، -سىلىنىڭ خىزمەتلرىنى قىلىۋالمىسام ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ. توختى ئاخۇننىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرگەن روزى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەقلىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى. شۇنداقتىمۇ چاندۇرمىدى، -بۇپتۇ، سىلىنىڭكىدە يەنە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ تۇراي.دېدى روزى؛ توختى ئاخۇن روزى ۋە غېنىنى ئىشەك ھارۋىسغا ئولتۇرغۇزۇپ ئېھتىرام بىلەن ئۆيىگە ئېلپ كەلدى.
5.        شىپالىق رامچى روزى
توختى ئاخۇن بۇرنقىدەك نەچچە ھەسسە روزىنى ئىزرەتلىدى، ئاستىغا قوشلاپ كۆرپە سالدى، توختى ئاخۇن روزى تورغان ئۆيگە كىرسە ئىشكنى چىكىپ كىرەتتى، چىقىپ كەتسە پادىشاھنىڭ ئالدىدىن ۋەزىرلىرى چىقىپ كەتكەندەك بوينىنى ئىگىپ كەينىچە چىقىپ كېتەتتى. روزىنىڭ ئىش-ئىزلىرى پۈتۈن مەھەللىگە پۈركەتتى. توختى ئاخۇننىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىن كىشلەر قورىنىپ ئۆتۈپ كېتەتتى، ئۆيىگە كىرشتە بولسا ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتى، توختى ئاخۇن روزىدىن روخسەت سورىغاندىن كىين ئاندىن باشقىلار روزى بىلەن كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالايىتتى.
رۇزىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان قۇلۇم-قوشنىلار روزىدىن پاناھلق تىلەپ كېلىشكە باشلىدى، توختى ئاخۇننىڭ مامۇت ئاخۇن ئىسىملىك بىر قوشنىسى بار ئىدى، بىر كۈنى ئۇ مامۇت ئاخۇننى ئىزدەپ كىردى، روزى تەپسى سىرىپ ئولتۇرۋاتاتتى، قارىماققا ئۇ پەرۋامۇ قىلمىغان ھالەتتە ئىدى ئەمىلىيەتتە بولسا كۈزىنىڭ قۇرقىدا سول پۇتىدا سەل ئاقساپ كەلگەنلىكىنى ئاللا بۇرۇن بايقىغان ئىدى. مامۇن ئاخۇننىڭ ئاۋازى سەل ئۈنلۈك ئىدى، ئۇ سەل ئۈنلۈك ئاۋازدا؛- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەۋلىيايىم! سىلىگە بىر ھاجەت بۇلۇپ كېلىۋىدىم،  روزى ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ جاۋاپ قايتۇرغاندىن كىين، قېنى ئولتۇرسىلا دېدى. مامۇت ئاخۇن گەپ قىلىشتىن بۇرۇن،رۇزى گەپ باشلىدى،- دىسەم-دىمىسەم ئۆزلىرى كېسەل ئاسارىتىدىن قۇتۇلاي دەپ كەلدىلە شۇنداقمۇ؟ شۇنداق، شۇنداق ئەۋلىيايىم دەل تاپتىلا ئەمەسمۇ. سىلىنىڭ سول پوتلىرى ئاغىرىيدىكەن، توغرا، توغرا، يەنە ئۇزۇنراق ئولتۇرۇپ قوپسىلا باشلىرى قايىدىكەن، ئىشتىھالىرى ناچار ئىكەن، ئىنچىكە بەللىرى تېلىپ ئاغىرىيدىكەن دېدى. مامۇت ئاخۇننىڭ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى.-شۇنداق ئەۋلىيايىم مىنىڭ كېسىلىمنى دەل تاپتىلا.-روزى ئاسمانغا قاراپ دۇئاغا قول كۆتۈردى، خوددى تۇرۇستىن بىرەر كىمدىن يول يۇرۇق ئېلىۋاتقاندەك بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىگە قاراپ تۇرغان توختى ئاخۇن سۇپا لىۋىدە يۈكۈنۈپ گۇناھكار ئادەمدەك ئولتۇراتتى. روزى يەنە سالماقلىق بىلەن ئاۋازىنى سوزۇپ گەپ باشلىدى، جىنلىرىمدىن خەۋەر كەلدىكى سىلەر بىرنەچچە يىل بۇرۇن بىر ئۆي سالغان ئىكەنلا شۇنداقمۇ؟دەپ سورىدى روزى.-شۇنداق،  تۆت يىل بۇرۇن بىر يۈرۈش ئۆي سالغان، ئۆزلىرى سالغان يېڭى ئۆي بۇرۇنقى بىر تۇنۇر بېشى ۋە ياكى ئوچاق ئۈستىگە كېلىپ قالغان ئىكەن، شۇ جايدىن كۆچۈپ بولاممىغان جىنلار پوتلىرىغا ئاپەت سېلىپ قويۇپتۇ، پۇتلىرىنىڭ تۇمۇرلىرى يۈرەكلىرىگە تۇتاش بولغاندىن كىين يۈرەك ھەركىتى رېتىمسىزلىنىپ باشقا  كېسەللەرمۇ پەيدا بۇلۇپتۇ. كەلسىلە پۇتلرىنى داۋالاپ قوياي، روزى مەخسۇس ئوۋلاش ئۇستىلىرىدەك بىرنىمىلەرنى ئۇقۇغاچ مامۇت ئاخۇننىڭ پۇتىنى يېرىم سائەتتەك ئۇلىدى، مامۇت ئاخۇننىڭ پۈتۈن بەدىنى بىرخىل راھەتلىك ھېس قىلدى، ئۇۋلاش ئاخىرلاشقاندىن كىين يىپ-يىنىك بۇلۇپ قالدى، خۇددى پۇت ئاغىرقى يۇقىغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ روزىغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيىتتى، ۋە يېنىدىن 10يۈەن پۇل چىقىرىپ قويدى. روزى دۇئاغا قول كۆتۈردى، غېننى، توختى ئاخۇن، مامۇت ئاخۇنلارمۇ دۇئاغا قول كۆتۈردى.
مامۇت ئاخۇن پۇتىنى ساقىيپ قالغاندەك ھېس قىلدى، روھلۇق ھالدا ئۆيىگە قايىتقاچ ئويلاندى، بۇ راستىنلا ئەۋلىيا ئوخشايدۇ، مېنىڭ كېسىلىمنى ئەجەپ توغرا تاپتى، مەن يا ئۇ ئادەمنى تۇنىمىسام، يا ئۇ ئادەم مېنى بۇرۇن تۇنىمىسا، مەن كىرىشىمگىلا سول پۇتلرى ئاغىرىيدىكەن دېدى، تېخى مىنىڭ ئىشتىھايىمنىڭ ناچارلىقىنى، ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قوپسام بېشىمنىڭ قايىدىغىنىنى، ئنچىكە بېلىمنىڭ تېلىپ ئاغىرىيدىغنىنى ئەجەپ توغرا تاپتى، ھە راسىت مەن ئۆينى ئۆزگەرتىپ سالغاندا بۇرۇنقى تۇنۇر بېشىغا ھازىرقى ئامبار ئۆيۈم توغرا كەلگەندى لىكىن مەن ئۇ ئامباردا يتىپ-قوپمايدىغان تۇرسام، ھەر راسىت، كۈندە بىر-ئىككى قېتىم كىرىپ چىقىمەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭلاشقا ئۆي بېشى مەن بولغاندىن كىين جىنلار ماڭا ئاداۋەت ساقلىغان چېغى شۇڭلاشقا ئۆيۈمدىكى باشقىلارغا ئەمەس ماڭا ئاپەت ساپتۇ ئەمەسمۇ؟ چەكسىز خىياللارغا چۆمگەن مامۇت ئاخۇن ئۆيىگە يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيلا قالدى ۋە ئۆيىگە كىرگەندىن كىين بۇ خوشخەۋەرنى خوتۇن-باللىرىغا يەتكۈزۈپمۇ ئۈلگۈردى.
مامۇت ئاخۇن يېشى 50ياشلار ئەتراپىدىكى، مىجەزى قوپال، كۆپ ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ بۇ كېسەللەرنى قانداقتۇر جىننىڭ ئاپەت سېلىشىدىن ئەمەس بەلكى سۇغۇق چۈشكەن مەزگىللەردە سۇ تۇتۇپ رىماتىزىم سەۋەبىدىن تاپقان ئىدى.
شۇنىڭدىن كىين مامۇت ئاخۇن كۈندە دىگۈدەك روزىغا كېسىلىنى داۋالىتاتتى روزى ئۇنىڭ پۇتىنى راسا ئۇۋلاپ قوياتتى، مامۇت ئاخۇنمۇ ئەلۋەتتە قۇرۇق قول كەلمەيىتتى. بىر كۈنى ئۇ روزىغا كېسىلىنىڭ ياخشىلنىۋاتقانلىقىنى لىكىن ئۈزۈل-كېسىل داۋالنىپ ساقىيىپ كېتىشنىڭ ئامالىنى سورىدى. روزى خېلى ئۇزۇن جىمجىت تۇردى، تۇرۇسقا ياكى ئۆينىڭ بۇلۇڭ، پۇشقاقلىرىغىچە قاراپ تۇردى ئاندىن دۇئاغا قول كۆتۈردى، ئۇزۇن دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىين، مامۇت ئاخۇنغا، سىلىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇزۈل –كسېىل ساقايتىش ئۈچۈن جىنلاردىن شۇنداق خەۋەر كەلدىكى، چوڭ دوئا-تىلاۋەت قىلىش زۆرۈر، ھەمدە قۇربانلىق قىلىپ جىنلارغا نەزىر بېرىش كېرەك. مەن دۇئا-تىلاۋەتنى باشلاي، ئۆزلىرى قۇربانلىق قىلىدىغان مالغا تۇتۇش قىلسىلا، ئەسلىرىدە تۇتۇشلىرى زۆرۈركى قۇربانلىق قىلىدىغان مال ئۇرۇق، ناكا، قارغۇ، ئاقساق-چولاق بولمىسۇن.-خوش دېدى مامۇت ئاخۇن، ئەمىسە مەن دوئا-تىلاۋەتنى باشلاي، دۇئا ئىدىتىگە يېتىغان كۈنى قۇربانلىقنى ئېلىپ كەلسىلە ۋە قېنىنى بىرەر داسقا ئېلىپ بۇرۇنقى تۇنۇرنىڭ ئورنىغا قويۇپ قويسىلا، ئاندىن بىر خالتا قۇم تېپىپ كەلسىلە. مامۇت ئاخۇن ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلدى، مالنىڭ قېنىغا مامۇت ئاخۇن، كۆشىگە بولسا روزى بىلەن غېنىدىن ئىبارەت ئىككى ئاچكۈز ئىگە بولدى. روزى ئەگەلگەن قۇمنى داستا قىززىتىپ مامۇت ئاخۇننىڭ پۇتىنى ئورىدى ۋە بۇ ئۇسۇلنى بىرقانچە كۈن تەكرارلىدى، مامۇت ئاخۇننىڭ پۇتى سەللىمازا ساقايغاندەك بولدى.
بىركۈنى غېنى روزىدىن سورىدى ئۇستام ئەجىبا سىز تىبابەتچىلىكنىمۇ بىلەمسىز؟ ئەجەپ ئۇنىڭ كېسىلىنى توغرا تاپتىڭىزغۇ؟ ھەي ئەخمەت قاچانمۇ ئادەم بۇلارسەن، ئۇ كىرگەن ۋاقىتتا مەن ساڭا ئوخشاش دۆتتەك قاراپ تۇرمىدىم سول پۇتىنىڭ ئاقسايدىغانلىقى كۆردۈم، قالغان كېسەللەر ياش بۇيەرگە يەتكەن ھەرقانداق ئادەمدە بۇلىدۇ، ئۇنىڭ پۇتى چۇقۇم سۇغۇق ئۆتۈپ كېتىپ ئاغىرىپ قالغان گەپ، ئۈزۈل-كېسىل ساقايمىغان تەقدىردىمۇ ياخشىلىنىش بۇلىدۇ.سېنىڭمۇ پۇتلرىڭ ئاغىرسا بىرەسى مۇشۇنداق ئۇۋلاپ قويدىغان بولسا سەنمۇ سەللىمازا ياخشىلىنىپ قالغاندەك بۇلىسەن.
مامۇت ئاخۇن ناھايىتى خۇرسەن بۇلدى، كۈچىنىڭ بارىچە خالس تەشۋىقاتچىلاردەك، روزىنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ئۇچرىغان بارلىق كىشلەرگە روزىنى ماختاپ ئۇچىرىتىپ ئەۋلىيادىنمۇ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردى.
                     6.ئۆچنى ئامراق قىلغۇچى روزى
بۇ مەھەللىدە مەمەت ئىسملىك،18ياشلار ئەتراپىدىكى بىر يىگىت بارئىدى، ئۇ زوىخان ئىسملىك بىر قىزنى ياخشى كۈرەتتى، مەمەت ناھايىتىمۇ تارتىنجاق، قىزلارنى كۆرسە گەپ قىلامماي يەرگە قاراپ، قىززىرىپ تۇرىدىغان يىگىت ئىدى. ئۇ شۇنداق بولسىمۇ مەھەللىدە ۋە مۇشۇ كەنىتتە داڭلىق ياغاچچىلارنىڭ قاتارىدىن ئىدى. ئۇ زورىخانغا قانچىلىك تەلەپ قويۇپ كۆڭلىنى ئىپادىلەشنى ئويلاتتى لىكىن جۈرئەت قىلاممايىتتى ۋە بەزىدە ئەلچىنى بىر ۋاستە كىرگۈزۈشمنىمۇ ئويلاتتى لىكىن بۇنىڭغا تېخىمۇ جۈرئەت قىلاممايتتى، ئاتا-ئانسىمۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن قېتىم توي قىلىش ئىشىنى ئېيىتقان بولسىمۇ ۋە نۇرغۇن قىزلارنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ كۆڭلى زورىخاندا بولغاچقا زادى قوشۇلمايىتتى.لىكىن زوىخاننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئېيتالمايتتى.  شۇڭلاشقا ئۇ بىرەر مۆجىزە يۈز بىرىپ زوىخاننىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشنى ئويلايتتى. مەمەت باشقىلاردىن روزىنىڭ ئەۋلىيا دەرىجىسىگە يەتكەن ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندى ۋە پۇرسەت تېپىپ روزى بىلەن كۆرۈشۈپ كۆڭلىدىكى دەردىنى سۆزلەپ بىرىشنى ئويلىغان ئىدى. ئۇ بىر كۈنى ناھايىتى خىجىللىق بىلەن روزىنىڭ ئالدىغا كەلدى. روزى ئۇنىڭدىن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىسىمۇ ئۇ ناھايىتى خىجىل بۇلۇپ گېپىنى دىيەلمىدى، روزى ئۇنىڭ بۇ تارتىنجاق ھالىتىنى ۋە قىزىرىپ تۇرۇشلىرىنى كۆرگەندىن كىين ئۇ چۇقۇم ئىششق سەۋداسىغا گىرپتار بۇپتۇ دەپ پەرەز قىلدى ۋە پەرىزىنى ئۇدۇللا مەمەتكە ئېيىتتى، -جىنلىرىم خەۋەردار قىلدىكى سىز بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قاپسىز شۇنداقمۇ؟ مەمەت خىجىللىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى، مەمەت پەرىشەپ ئېچىلغاندىن كىين زورىخان ھەققىدە روزىغا سۆزلەپ بەردى، روزى سەل ئويلىنىۋالغاندىن كىين مەمەت ئەنسىرمەڭ بۇنىڭ ئامالى بار، سىز ئالدى بىلەن قۇربانلىق قىلىدىغانغا ئىككى خوراز ۋە بازاردىن كەشتىلەنگەن يۈرەك شەكلى چۈشۈرۈلگەن قول ياغلىق تېپىپ كېلىڭ. مەمەت ناھايىتى خوشال بولغان ھالدا قايىتتى، ئۇ كېچىدە ئۇخلاپ چۈش كۆردى، چۈشىدە ئۇ ئورما ئورىۋاتقۇدەك، تويىقىسىز ئۇنىڭ كەينىدىن قارا چايشاپلىق بىر قىز ئۇنىڭغا مەمەت بەك ھېرىپ كەتتىڭىز ئارام ئېلىۋىلىڭ، مەن سىزگە ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ كەلدىم، ئۇسسۇزلىقىڭىزنى قاندۇرۋىلىڭ دىگۈدەك، مەمەت ئۇنىڭ قولىدىن چۆگۈندىكى سۇنى ئېلىپ ئىچىۋاتقۇدەك، بىردەم تۇرۇپ قارىسا ھېلىقى قارا چايشاپلىق قىز يۇق تۇرغۇدەك، ئۇ قىزنىڭ ئورنىدا زوىخان تۇرغۇدەك. زورىخان مېنى بەك ئىزدەپ كەتتىڭىزغۇ مانا مەن كۆز ئالدىڭىزدا تۇرمامدىم، ئىشلەپ بەك تەرلەپ كەتتىڭىز بۇياققا كېلىڭ تەرلىرىڭىزنى سۈرتۈپ قوياي، مىنىڭ سۈيۈملۈك ئېرىم دەپ ئۇنىڭ قۇلاقلىرىدىن ئېقىۋاتقان تەرنى سۈرتىۋاتقۇدەك چۈش دەل شۇ يەرگە كەلگەندە مەمەتنىڭ دادىسى مەمەتنىڭ قولىقىدىن تۇتۇپ ھوي قوپە دەپ مەمەتنىڭ قولىقىدىن تازا بىر سوزدى. مەمەت قولىقىنىڭ ئاغىرغىدىن بىئارام بولسىمۇ ناھايىتى خوشال ئىدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دادىسى بىلەن مەسچىتكە باردى. مەسچىتتىن قايتىپلا ھۆنەرگە بارىمەن دەپ بازارغا كەتتى، ئۇ روزى دىگەن توخونى ناھايىتى ئاسان تېپىۋالغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئېلىپ كەل دىگەن يۈرەك شەكىللىك قول ياغلىقنى ناھايىتى تەستە تاپتى. ئۇ كەچ كىرگەندە ئۆيىگە ئەمەس بەلكى روزى تورغان توختى ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كىردى. روزى مەمەتنىڭ تېپىپ كەلگەن قولياغلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدى. ۋە مەمەت ئەمدى سەن ئەتە كەلگىن مەن بۇ قول ياغلىقنى دۇئا ئارقىلىق بەللەيمەن. مەمەت ئەتسى ئەتتگەن روزىنى ئىزدەپ كىردى روزى ئۇنىڭغا قول ياغلىقنى بەردى، مەمەت ھەممە ئىش ھەل بولغاندەك خوشال بۇلۇپ كەتتى ۋە روزىغا 20يۈەن نەزىر بەردى، روزى مەمەتكە ئېيتتى؛- مەمەت بۇ قول ياغلىقنى زورىخانغا بەرسەڭلا ھەممە ئىشىڭ پۈتىدۇ، ئەگەر بەرمىسەڭ، ئۇقۇغان دۇئايىم ساڭا يانىدۇ دە سەن تېخىمۇ ئاشىق بۇلۇپ، يۈرىكىڭ ئاغرىپ ئۆلىسەن ئۇۋاقىتتا مەنمۇ ساڭا ئامال قىلاممايمەن، ياشلىق ھاياتىڭ شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ. مەمەتنىڭ بېشىغا خوددى تاغ چۈشكەندەك، پوت-قوللىرى ئېغىرلاشتى، كۆزلىرى قاراڭغۇلاشتى. ئۇ ئېغىر قەدەملەر بىلەن مەھەللە چېتىدىكى تىمتاس ئورمانلىققا بېرىپ يالغۇز خىيال قىلدى، مەمەتنىڭ زورىخانغا قول ياغلىق بىرىشى خۇددى تاغنى يۆتكىگەندەك قىين ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ بۇ نىيتىدىن يانماقچى بولدى. دەل شۇ ۋاقىتتا روزىنىڭ بۇ قول ياغلىقنى زورىخانغا بەرسەڭلا ھەممە ئىشىڭ پۈتىدۇ ئەگەر بەرمىسەڭ، ئۇقۇغان دۇئالىرىم ساڭا يانىدۇ دە، سەن تېخىمۇ ئاشىق بۇلۇپ، يۈرىكىڭ ئاغىرىپ ئۆلىسەن، ئۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ساڭا ئامال قىلاممايمەن دىگەن گېپى ئەكىس سادادەك، قۇلاق تۈۋىدە بىر نەچچە قېتىم جاراڭلىدى. مەمەت ئويلاندى، ئۆلۈش كېرەكمۇ ياكى سۆيگەن نىگارغا يىتىش كېرەكمۇ؟ ئۇ ئاخىرى ياشاشنى ۋە سۆيگەن نىگارغا ئېرىشىشنى تاللىدى. مەمەت پەيىت تاللىدى، زوىخان خالق ئۇستامنىڭ ئۆيىدە گىلەم تۇقۇشنى ئۆگىنىۋاتاتتى. ئۇ ھەركۈنى ئەتتىگەن ئۆيدىن چىقىپ ئۇستازىنىڭكىدە گىلەم تۇتۇپ كەچ قايتاتتى. مەمەت بۇ ئەھۋاللارنى بىلەتتى، ئۇ بۈگۈن زورىخاننىڭ قايتىدىغان يولىدا كۈتۈپ تۇردى، قوياش پاتاي دىگەندە زورىخان ئىشتىن قايىتتى ۋە بىر قانچە دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئاخىرى ئۆزى يالغۇز ماڭدى ۋە ئۆيىگە يىتىپ بارىدىغان مەسچىت كەينىدىكى چېغىر يول بىلەن ئۆزى يالغۇز ماڭدى. مەمەت پۇرسەت كەلگەنلىكىنى پەملىدى ۋە زورىخاننى چاقىردى.-زورىخان، زورىخان توختاپ تۇرۇڭ، تۇيۇقسىز چاقىرىلغان بۇ ئاۋازدىن زورىخان سەل قورقتى ۋە مەمەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ سەل خاتىرجەم بولدى ۋە مەمەتكە نىمە ئىش ئىدى؟ مەمەت قەتئى ئىرادە بىلەن زورىخان سىزگە بىرىدىغان بىر نەرسە بارئىدى دېدى ۋە قولدا تۇتۇپ تۇرغان قول ياغلىقنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپلا. ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ غايىپ بولدى.
مەمەت ئەسلىدە باشلانغۇچنىڭ 3-يللىقنى پۈتتۈرگەن ساۋادىنى ئانچە-مۇنچە چىقارغان ئىدى. خەتلەرنى يامان ئەمەس ئۇقۇيالايىتتى.لىكىن ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۈۋەن بولغاچقا يۈرەك شەكلى چۈشۈرۈلگەن قول ياغلىقنىڭ نىمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. زورىخان بولسا تۇلۇقسىزنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن قىز ئىدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ «دېھقان بالىسى كادىر بولماس، قوناق شېخى بادىر» دىگەن ئەپسانىسى بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇيالمىغان ئىدى، لىكىن خىېلى كۆپ كىتاپلارنى ھەتتا رومانلارنىمۇ ئۇقۇغان ئۇ يۈرەك شەكلىنىڭ نىمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. روزى بۇ ئەھۋاللارنى مەمەتتىن ئاڭلىغان ئىدى ۋە مەمەتنىڭ جۈرئىتىنىڭ كەملىقى، تارتىنجاقلىقى سەۋەبىدىن شۇنداق بولغانلقىنى بىلەتتى، شۇڭلاشقا ئۇ پىلاننى تۈزگەن ئىدى. روزىخانمۇ كۆڭلىدە مەمەتنى خېلى دۇرۇس، ئىسل، قولىدىن ئىش كېلىدىغان يىگىت دەپ قاراتتى، مەمەتنى مەھەللىدىكى باشقا بىكار-تەلەت يىگىتلەرگە سېلىشتۇرغاندا مەمەت پارلاپ تۇرغان قوياش، باشقىلار بولسا پاقىراق قوڭغۇز ئىدى. زورىخان بەزىدە ئۆزىنىڭ تەقدىرى توغىرلىق ئويلانغاندا مەمەت ئىسىگىمۇ كېلىپ قالاتتى. مەمەت تەرقى تۇرقى ناھايىتى كېلىشكەن، قاش-كۆزلىرى جايىدا، ناھايىتى خىجىلچان، ھايالىق يىگىت ئىدى. روزىخانمۇ تاللاشقا توغرا كەلسە شۇنداق يىگىتلەرنى تاللىغانمۇ بۇلاتتى. لىكىن قىز بالا دىگەن باشقىلارغا ئەلچى كىرگۈزەلمەيدۇدە. ئامال قانچە دەيسىز؟ زورىخان بۇ قول ياغلىققا بىر نەچچە قېتىم قارىدى، يۈرەكلىرى ئىختيارسىز سوقاتتى. ئۇ مەمەتنىڭ بۇنداق شەكىلدە تەلەپ قويۇشنى ھەتتا بۇ جۈرئەتكە قانداق كەلگەنلىكىنىمۇ بىلەممدى. زورىخان ناھايىتى تېرىشچان، ئشىچان،بىلىملىك، ئۆتكۈر پىكرلىك قىز ئىدى. ئاتا-ئانىسىمۇ قىزىنىڭ پكىرىگە ھۆرمەت قىلاتتى، زورىخانغا بىر قانچە يەردىن ئەلچىلەرمۇ كەلگەن ئىدى لىكىن ئەلچىلەرنىڭ ئىچىدىن زورىخاننىڭ كۆڭلدىكىدەك بىرەرسىمۇ يوق ئىدى، مۇبادا بۇ ئەلچىلەرنىڭ ئىچىدە مەمەتنىڭ ئەلچىلىرى بولغان بولسا ئۇ جان دەپ ماقۇل بولغانمۇ بۇلاتتى. زورىخان ئاخىرى ئۇقۇش ماتىرىياللىرىنىڭ ئىچىدىن قەغەز، قەلەم ئىزدەپ تاپتى، ئاندىن مەمەتنى ئۇقۇيالماي قالمىسۇن دەپ چوڭ چوڭ قىلىپ ھەرپلىرىنى ئايرىپ-ئايرىپ خەت يازدى، خەتنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى قىسقا ئىدى، تەلىبىڭىزگە قوشۇلدۇم، ئاتا-ئانىڭىزنى ئەلچىلىككە كىرگۈزۈڭ.
مەمەت ئەتىسى يەنە روزىنى ئىزدەپ كىردى، ئۇ بولغان ۋەقەلەرنى روزىغا ئېيتىپ، روزىدىن يول-يۇرۇق سورىدى. روزى پىلانىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغىنىدىن خۇرسەن بۇلۇپ، مەمەتكە شۇنداق دېدى. سەن يەنە شۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتكىن، ئۇ ساڭا ھازىر ناھايىتىمۇ ئامراق بۇلۇپ كەتتى ئۇمۇ ساڭا بىر نەرسە بىرىدۇ، ئىشىڭ شۇنىڭ بىلەن پۈتىدۇ. مەمەت يەنە ئۇنىڭ قايتىپ كېلشىنى كۈتتى، مەمەت بۈگۈن ناھايىتى يۈرەكلىك بۇلۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ روزىنىڭ دىگىنىدەك زورىخان چۇقۇم  مېنى ياخشى كۆرۈپ قالدى دەپ ئويلايتتى. كۈتە-كۈتە ئاخىرى زورىخانمۇ كەلدى، مەمەت زورىخانغا جۈرئەت بىلەن سالام قىلدى، زورىخانمۇ مەمەتكە جاۋاپ قايتۇردى ۋە مەمەتكە ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان، يۈرەك شەكىلدە قاتلانغان بىر پارچە خەتتى بەردى. ئاندىن خوش يەنە كۆرىشەيمىز دەپ كېتىپ قالدى. مەمەت خەتنى ئېلىپ ناھايىتى جىددىيلەشتى، يۈرەكلىرنڭ سۇقۇشلىرى، نەپەسلىرىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقى ئۆزىگە ئايان ئىدى، ئۇ خەتنى ئاستا ئېچىپ خەتنى ئۇقۇدى ۋە خوشاللىقتىن ئاغىزى قولىقىغا يەتتى، راستىنلا ئەۋلىيا ئىگەندە بۇ ئادەم، ئاخىر بۇ ئادەم ئارقىلق سۆيگەن نىگارىمغا ئېرىشىدىغان بولدۇم، مەمەت خەتنى يانجۇقىغا ئاۋايلاپ سالدى دە ئۆيىگىمۇ قايىتماستىن توختى ئاخۇننىڭ ئۆيىگە باردى، شۇ ۋاقىتتا روزىنىڭ پوتلىرىنى غېنى ئۇۋلاتاتتى، روزى ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ يېتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلگىنى ئاڭلاپ ئۇ دەرھال جەينامازغا چىقىتى دە، تەپسىينى قولىغا ئېلىپ بىرنىملەرنى ئۇقۇپ ئولتۇرغان قىياپەتكە كەلدى، غېنى ئۇستازىنىڭ تەييارلىقى پۈتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كىين دەرھال بېرىپ ئىشكنى ئاچتى، ئىشكنىڭ مەمەت كىرىپ كەلدى. روزى بولسا ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمىغان ھالەتتە-ھە زورىخان بىرنەرسە بەرگەندۇ؟-شۇنداق ئەۋلىيايىم، ئۇ ماڭا راستىنلا ئامراق بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ، ئۇ تەلبىڭىزگە قېتىلدىم، ئاتا-ئانىڭىزنى ئەلچىلىككە كىرگۈزۈڭ دەپتۇ. روزى ئۆزىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدى. ۋە مەمەتكە ئىشىڭ پۈتۈپتۇ، ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسەن؟-بۇ گەپنى ئاتا-ئانامغا قانداق دىيشنى بىلەممەيۋاتىمەن دېدى مەمەت قىزىرىپ، تىرنىقىنى كوچىلاپ تۇرۇپ، ئەۋلىيايىم ماڭا يەنە ياردەم بەرگەن بولسىلىرى. روزى ناھايىتى مەغرۇر ۋە جىددى قىياپەتتە،دوئا ئاللىقاچان ئىدىتىگە يەتتى، ئەگەر سەن تىز تۇتۇش قىلمىساڭ، يەنى ئاتا-ئاناڭغا تىزدىن ئېيتىپ، ئەلچى كىرگۈزۈپ ئىشىڭنى پۈتتۈرمىسەڭ، سۆيگەن قىزىڭ زورىخان كېسەل بۇلۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ ياكى ئۇ ساڭا قايتىدىن ئۆچ بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا سەن دەرھال ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەلچى كىرگۈزۈپ ئىشىڭنى پۈتتۈر. روزى تۇيۇقسىز بىرەسى گېلىنى سىققاندەك پۇت ئېتىپ تېپىچەكلەشكە باشلىدى، روزىغا نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىيالمىغان مەمەت ھەيرانلىق بىلەن تۇرغان يىرىدە قېتىپلا قالدى. كىين روزى ناھايىتى ھاسىراپ، جىنلىرىم ئېيىتتى بۇ قېتىم نەزىر ھەققىنى مەندىن تەلەپ قېلىۋاتىدۇ. قانچىلىك دەپ سورىدى مەمەت؛ 50سوم، مەمەت دەرھال 50سوم نەزىرنى روزى ئالدىدا قويدى. روزى پۇلنى قاتلاپ يانجۇقىغا سالغاندىن كىين، ئەمىسە سەن قايىتقىن ۋە بۈگۈنلا ئاتا-ئاناڭغا ئەلچى كىرگۈزۈش ئىشىنى ئېيىتقىن بولمىسا ئىش مەن دىگەندەك تەتۇرسىگە يىتىدۇ. مەمەت،روزىغا  خوش دەپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئۆيىگە قايتىش يولىدا چوڭقۇر ئويلاندى. يەنىلا قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدىم ئەمدى بۇ ئىشنى ئاتا-ئانامغا دىيشىم كېرەك دىگەن خىياللار بىلەن دەرۋازىسى ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغىنىنى بىلمەيلا قالدى، ئۇ كەلگەن ۋاقىتتا قوياش ئاللىقاچان پاتقاندى. مەمەت ئۆيىگە يېتىپ كەلدى، تەلىيىگە يارىشا دادىسى مەسچىتكە ئاللىقاچان كېتىپ بولغان ئىدى، ئاپىسى بولسا يالغۇز ئىدى. ئۇ ئاپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئاپا دەپ بىر ھازا قىزىرىپ كەتتى، ئاپسىى ئوغلۇم دەيدىغان گېپىڭ بارمىدى؟دېدى، مەمەت ئاخىرقى غەيرىتنى ئىشقا سېلىپ، ئاپا شۇ مېنىڭ تۇرمۇش ئىشم دېدى ۋە تىرنقىنى كوچىلاپ ئاخىرىنى دىيەلمىدى. ئاپىسى ناھايىتى خوشال بولدى، ئوغلىنىڭ تۇرمۇش ئىشىدىن ئېغىز ئاچقانلىقى ئاپىسىغا نىسپەتەن ناھايىتى خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى. ئاپسىى تەمكىنلىك بىلەن ئوغلۇم ساڭا كىمنى ئېلپ بېرىمىز تىز ئېيىتقىن، ئاسماندىكى ئاينى دېسەڭمۇ سەن ئۈچۈن چۇقۇم ئەلچىلىككە بارىمەن. مەمەتنىڭ يۈرىكى سەل جايىغا چۈشتى، ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كىين، ئاپا، ئۇ ھەسەن ئاكامنىڭ قىزى زورىخان، مەمەت گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ ناھايىتى  خىجىل بۇلۇپ يەرگە قاراپ ئولتۇردى. ئاپىسى خوشاللىقىدا ئېغىزىنى ئېچىپلا قالدى. يارايسەن ئوغلۇم كۆزىڭ مال تۇنۇيدىغان بۇلۇپتۇ، روزىخاننىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىز بىلىشمەيدىغان خەقلەر ئەمەس، زورىخان ھازىر گىلەم تۇقۇشنى ئۆگىنىۋىتىپتۇ، سەنمۇ بىر ئۇستا ياغاچچى. ئىككىڭلاردا ھۆنەر بولسا كىين تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالمايسىلەر. بۇپتۇ بالام تەييارلىقنى ئوبدان قىلىپ، ئۆگۈنلىككە ئەلچى كىرگۈزىمەن. مەمەت رەھمەت ئاپا دەپ ھوجرسىغا چىقىپ كەتتى.
مەمەتنىڭ ئاپىسى زوىخانلارنىڭكىگە ئەلچى كىرگۈزدى، روزىخانلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ رايى بارلىقىنى بىلگەندىن كىين ئەلچىلەرگە ماقۇللىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار تىزلا تۇتۇش قىلىپ 15كۈنى ئچىدە ئىككىسىنڭ تويى بولدى. مەمەت ئۆزىنىڭ بۇ بەخىتكە ئېرىشىشىنى ئۆزىنىڭ غەيرىتىدىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىدىن ئەمەس بەلكى روزى ئەۋلىيانىڭ كارامىتىدىن كۆرەتتى.
روزى بولسا ئۆزىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىناۋىتىدىن ناھايىتى رازى ئىدى، تەرەپ-تەرپتىن روزىنىڭ نامىنى ئاڭلىغان كېشىلەر ھەرخىل ھاجەتلەر بىلەن روزىنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. روزى ئۇلارنىڭ ھاجەتلرىىنى ھەرخىل ھىيلە-مىكرلەر بىلەن ئورۇنلاپ، ئۇلاردىن نىسىۋىسىنى ئالاتتى. ئۇ نىسىۋىلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىرقىسىمىسىنى توختى ئاخۇنغا ھەدىيە قىلاتتى. روزىنىڭ شاپائىتى بىلەن توختى ئاخۇن ھېچ بولمىغاندا روزىغا قىلىپ بەرگەن چىقىملىرىنىڭ ئورنى بولسىمۇ تولدۇرۇلغان ئىدى. روزىدىن نىسىۋە ئالغان ئازغىنە پۇلىسىنى ھۆرۇلخانغا كۆز-كۆز قىلغاندەك كۆرسىتەتتى ۋە ئانچە-مۇنچە ھۆرۈلخانغىمۇ بىرەتتى. ھۆرۈلخاننىڭ روزىغا بولغان مۇئامىلىسىمۇ بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كېتىۋاتاتتى، روزىنى ناھايىتى ياخشى تاماقلارنى ئىتپ بىرىپ، تەرتىگە ئىسق سۇ تەييارلاپ بېرىپ كۈتەتتى. ئۇ روزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بېشىغا ئامەت قوشىنىڭ ئاللىقاچان قۇنۇپ بولغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. بىر كۈنى روزى ھۆرۈلخاننى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا 100سوم پۇلنى مەرتلىك بىلەن بىرىۋاتتى، ھۆرۈلخاننىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتكەندەك بۇلدى، شۇ زامانلاردا 100سوم پۇلنىڭ قىممىنى ھازىرقى 1000يۈەندىنمۇ يۇقىرى  بولسا كېرەك. شۇنىڭدىن كىين ھۆرۈلخاننىڭ خىيالىغا چوڭ قىزى كېلىپ، روزىنى كۈيئوغۇل قىلىۋىلىش نىيىتىمۇ كېلەتتىيۇ، لىكىن دەرھال بۇ خىيالىدىن ياناتتى.ئۇ ئۆز قىزىدىن 20ياشلارچە چوڭ بۇ ئادەمنى سەل مۇۋاپىق كۆرمىگەندەك ۋە ياكى ئۇنىڭ بۇ يۇرتلۇق ئەمەسلىكىدىن، ئەسلى زادى نەدىن ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىدىن ئىدى.
6.        بەنلەنگەن قۇلۇپ
روزىنىڭ بۇ مەھەللىگە كەلگىنىگە ئاللىقاچان بىر ئايدىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپتە كۆلگە ئىتنىڭ تائىپىنى تاشلاپ بۇ مەھەللىدە تۇرۇپ قېلىشقا سەۋەپ بولدى، كىين چاپاننىڭ مېزىغا ئوت يېقىپ ئۆيگە ئوت قويۇپ، بۇ مەھەللىدە تېخىمۇ ھۆرمەتكە ساۋازاۋەر بولدى، مامۇت ئاخۇننىڭ پۇتىنى داۋالاپ ساقايتقانمۇ بولدى، مەمەتكە زورىخاننى ئىسسىتىپ بەرگەنمۇ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ قانداقتۇر ھاجەتلىرىنىڭ راۋا بۇلۇشىنى تىلەپ كەلگەنلەر ئىدى. رۇزى ئۇلارغا بىر نىمىلەرنى يۈرۈپ، بىرنىمىلەرنى دەپ دۇئا قىلىپ يولغا سېلىپ نەزىر پۇللارنى چۆنتىكىگە سېلىپ تۇردى. لىكىن بىر كۈنى روزىنىڭ يېنىغا ناھايىتى قىين مەسىلىدىن بىرسى كەلدى. ھاجىتىنى تىلەپ كەلگىنى يۇقارقى مەھەللىدىكى ئايشەمخان ئىدى، ئۇنىڭ بىرلا نەۋرىسى بۇلۇپ، نەۋرىسىنىڭ ئىسمى پاتەم ئىدى. ئايشەمخان موماينىڭ دىيىشىچە نەۋرىسى ئاللىقاچان 17ياشلارغا كىرىپ قالغانلىقىنى لىكىن ھازىرغىچە ئۆيىگە ئەلچى كىرمىگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.-ھۆرمەتلىك ئەۋلىيايىم، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەھەللىگە پارە قەدەملىرى يىتىپ، يۇرتقا بەرىكەت كېلىۋاتىدۇ، مەن ئۆزلىرىنىڭ ناملىرىنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كېلىشىپ، شۇ قىزىمنىڭ نىكاھىنىڭ ئېچىلىشىغا بىر ئامال قىلىپ بەرگەن بولسىلىرى؛دېدى موماي،موماي سۆزلەۋىتىپ كۆزلىرىدىن ياشلار چىقىپ كەتتى. روزى تەمكىنلىك بىلەن، ئاچا كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا ھەر ئىشنىڭ ئامالى بۇلىدۇ دەپ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى، ئالىھىزەل بىر قانچە مىنۇتلاردىن كىين كۆزلىرىنى ئېچىپ، ھەيرانلىق بىلەن مومايغا تىكىلدى. –ئاچا سلىنىڭ قىزلىرىنىڭ نىكاھىنى بىرەسى بەنىت قىلىۋىتىپتۇ، ئۆيلىرىنىڭ كۈچ چقىش تەرىپدىكى، دەرۋازسى ئالدىدا يوغان بىر دەرخ بولغان قوشنىلرىى قىزلىرىنىڭ نىكاھىنى بەنىت قىلۋىتىپتۇ. موماي ھەيران قالدى، -توۋا مەن ئەزەلدىن بىرەسىگە يامانلىق قىلمىغان تۇرسام، مەن بىر تۇل خوتۇن تۇرسام، قانداقسىگە قىزىمغا قەسىت قىلىشقاندۇ بۇ ئىمانسىزلار دېدى؛ تول خوتۇن دىگەن گەپنى ئاڭلىغان روزى دەرھال؛- ئۆزلىرى بىرەسىگە يامانلىق قىلمىغانلىرى بىلەن سېلىنىڭ بۇرۇنقى ئەرلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ئاداۋىتى يوق دەپ كېسىپ ئېيتالامدىلا؟ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئايشەمخان موماي، مەرھۇم يۇلدىشىنىڭ سۇ تالىشىپ، بىر قوشنىسى بىلەن قىسقىغىنە جىدەللىشىپ قالغانلىقنى ئىسىگە ئالدى. ھە ئەسلى شۇ كېچىككنىە ئىشنى ئۇنتالماي، ئاداۋەت ساقلاپ، قىزىمغا قەسىت قىلغان ئىكەندە دىگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇ روزىنىڭ دىگەنلىرىگە ئەمدى تولۇق ئىشەندى. شۇنداق دەل تاپتىلا ئەۋلىيايىم ئەمدى. شۇنىڭ بىر ئامالىنى قىلسىاق بۇلاتتى.دېدى، روزى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىين مومايغا، ئۆزلىرى قىزلىرىنى باشلاپ، بىر سۈپۈرگە، بىر قۇلۇپ ئېلىپ كەلسىلە دېدى. موماي چىقىپ كەتتى، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلۋىتىپ ئۆينىڭ كۈن چقىش تەرپىدىكى ئۆينىڭ ئالدىدا  بىرتۈپ چوڭ دەرەخ بولغان قوشنسىنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتتى.ھە ئەسلىدە قىزىمغا سەنلەر قەست قىلىشىپتىكەندە، خەپ قىزىمغا قىلغان قەستىڭ ئۆزىڭگە يانار ئىلاھىم دەپ، قارغاپ ئۆتۈپ كەتتى، ئەمىلىيەتتە بۇ مەھەللىدە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا دەرخ بار ئىدى. لىكىن موماينىڭ كۆزىگە بۇ دەرخ باشقىلارنىڭكىدىن چوڭراق كۆرۈندى ۋە روزىنىڭ ئەۋلىيالىقىغا تېخىمۇ ئىشەنجىسى ئاشتى. موماي ئۆيىگە كەلگەندىن كىين قىزىنى ۋە روزى دىگەن قۇلۇپ، سۈپۈرگە دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ توختى ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كەلدى. روزى موماينىڭ نەۋرىسى پاتەمگە سەپسېلىپ قارىدى، پاتەم خىېلى چىرايلىق قىز ئىدى، شۇ تاپتا نىمىشقا ھازىرغىچە ئەلچى كەلمىگىنىگە ھەيرانمۇ قالدى، لىكىن موماينىڭ تول خوتۇن ئىكەنلىكىنى ئىسىگە ئېلىپ، ھە ئەسلى تول خوتۇن كۆرۈپ شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئەلچى كەلمىگىنىنى ئويلاپ كۆردى، ئەمدىكى گەپ ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ ئەلچى كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىدى. لىكىن ئۇ ئۆزى بىركىمنى ئەلچىلىككە كىرگۈزەلمەيدۇدە، ئامال قانچە، ئالدى بىلەن ئۇنى بىر ئالداپ تۇراي، كىين يەنە ئەلچى كەلمىسە، قەستىنى بەك كۆپ قىلىۋىتىپتىكەن، ئېچىش تەسكە توختىدى دەپ يەنە  ئالداپ تۇرمامدىم. روزى تەمكىنلىك بىلەن قەستىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۈپۈرگىگە نىكاھ ئۇقۇيمىز، ئاندىن قۇلۇپنى ئاچىمىز دېدى. ئاندىن روزى نىكاھ ئۇقۇشنى باشلىدى، پاتەمخان سىز سۈپۈرگە ئاخۇنغا تەگدىڭىزمۇ؟ پاتەم ناھايتى ھەيرانلىقتا مومايغا قاراپ قالدى. موماي ئاچچىقلىنىپ،-قاچانغىچە ئۆيدە ئولتۇراتتىڭ، سېنى ئۆيۈمگە تۆۋرۈك قىلاتتىمۇ تىز دە. قىز ناھايىتى خىجىل بۇلۇپ تەگدىم دېدى. سۈپۈرگىگە ۋاكالىتەن، غېنى ئالدىم دېدى. نىكاھ ئۇقۇلۇپ بولغاندىن كىين روزى قولۇپقا بىر نىمىلەرنى ئۇقۇپ ئۇزۇن دوئا قىلغاندىن كىين قۇلۇپ ئاچتى، ئاندىن كىين سالدى، شۇنداق قىلىپ قۇلۇپنى، ئېچىپ ئېتىشنى ئۈچ قېتىم داۋاملاشتۇردى. ئاندىن مومايغا خاتىرجەم قايتىشنى، پات-ئارىدا ئەلچىلەرنىڭ ئۆز ئايىغى بىلەن كېلىدىغانلىقىن ئېيتىپ موماينى خاتىرجەملەندۈردى.
ئايشەمخان موماي ئەسلى مۆمىن ئاخۇننىڭ ئايالى ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرلا ئوغلى بار بۇلۇپ، ئۇغلى توي قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئايالى توغمىدى، ئۇ ئوغلىنى قايتا ئۆيلىگەندىن كىين بىر قىز پەرزەنىتلىك بولدى، ئۇ ئۇماق نەۋرىسىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقى، پەرزەنىت مېھرىگە قانىمىغان مۆمىن ئاخۇن ئايشەمخان ئەر-خوتۇنلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز خوشاللىق ئىدى. لىكىن خوشاللىق ئۇزۇنغا بارمىدى، بىر قېتىملىق كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئەمگكىدە ئوغلىنى كەلكۈن ئېقىتپ كېتىپ قازا تاپتى، كېلىنى بولسا قىزىنى ئۇلارغا تاپشۇرپ قويۇپ، قەيەرلەرگىدۇر غايىپ بولغان ئىدى. ئەمدى بۇ نەۋرىسىنى بېقىپ چوڭ قىلىش مۆمىن ئاخۇن، ئايشەمخانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. نەۋرىسى 13ياشقا كىرگەندە مۆمىن ئاخۇن بۇ دۇنيادىن ۋاقتىسز خوشلاشتى. ئايشەمخان يالغۇز نەۋرىسى بىلەن بىرگە ياشاپ كەلدى. يېقىندىن بۇيان ئايشەمخان يولدىشى مۆمىن ئاخۇننى ۋە ئوغلىنى ناھايىتى سېغىنغان ئىدى، سالامەتلىكىمۇ بارغانسىرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى بولسا شۇ نەۋرىسىنى ياخشى بىر كىشىگە ياتلىق قىلىىش ئىدى. شۇ ئىشلارنى قىلىۋالسا ئايشەمخاننىڭ كۆزى خاتىرجەم يۇمىلاتتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قىزلارنىڭ ئاللىقاچان، بىر ئىككىدىن بالسى بۇلۇپ بولدى. لىكىن پاتەمگە بولسا ئەلچىلەر كېلىپمۇ قويمىدى، بۇ ئىشلاردىن ئايشەمخان موماينىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم ئىدى. ئۇ ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ بېشى تازا قېتىۋاتقان مەزگىلدە، يۇقارقى مەھەللىدىكى توختى ئاخۇننىڭ ئۆيىگە روزى ئىسملىك بىر ئەۋلىيا كەلگەنلىكىنى، مەھەللىدىكى كۆلدىن ئىتنىڭ تائىپنى تېپىپ پالۋاش مەھەللىدىكىلەرنىڭ نىجاتكارى بولغانلىقىنى، بىرسىنىڭ پۇتىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتى راۋا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە بىر ئۈمۈد پەيدا بۇلۇپ، روزىنىڭ ئالدىغا بارغان ئىدى. ئەسلىدە پاتەمگە ئەلچىلەر كېلىشى كېرەك ئىدى. بىر قانچە يىگىتلەرمۇ ئاتا-ئانلىرىغا ئەلچىلككە بېرىشنى ئېيىتقان ئىدى لىكىن ئاتا-ئانلىرى بىر نامرات تول خوتۇننى قانداقمۇ قودام دىگىلى بولسۇن دەپ، ئەلچىلككە بېرىشنى رەت قىلپ كەلگەن ئىدى.
موماي ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىين ئۆزىنى بىر يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ روزىنىڭ سۆزلىرىگە شەكسىز ئىشەنگەن ئىدى. ئارىدىن ئۈچ –تۆت كۈنلەر ئۆتتى. ئايشەمخان موماينىڭ ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان ياغاچ دەرۋازىسى ئۇرۇلدى، ئايشەمخان موماي دەرۋازىنى ئاچتى، دەرۋازىدىن 50ياشلار چاممىسىدىكى ئىككى ئايال كىرىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ بىرسى داستىخان كۆتۈرۋالغان ئىدى. ئايشەمخان ئۇلارنى ئۆيىگە باشلىدى، پاتەم چاققانلىق بىلەن چاي دەملىدى، داستىخان سېلىنىپ نان، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق نەرسىلەر قويۇلدى. ئاندىن يۈزلىرى قىزىل، يۈزلىرىنىڭ سېمىزلىقىدىن كۆزى بارمىدۇ؟ يۇقمىدۇ دەپ قالىدىغان گازىر كۆز  ئايال گەپ باشلىدى. ئەمدى ئايشەمخان موما ئوغۇل چوڭ بولسا خوتۇن ئالىدۇ، قىز چوڭ بولسا ئەرگە تىگىدۇ دىگەن گەپ بار، خى...خى..، ئاڭلىسام سىلىنىڭ بويىغا يىتپ قالغان بىر نەۋىرلىرى بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدۇق. جاڭگال مەھەللىسىدىكى قادىر ئاخۇننىڭ ئوغلىنى تۇرسۇننىڭ قىزىلىرىغا مەيلى بار ئىكەن، شۇڭلاشقا ئۆزلىرىدىن قىز سوراپ كېلىۋىدۇق، سىلىچە قانداقكىن؟ تۇرسۇن ئاخۇن ناھايىتىمۇ ئوڭلۇغ بالا بولغان ئىدى، ئۇنى ئۆيلەپ قويغان ئىدۇق، خوتۇنى ناھايىتى ئوسال خوتۇن چىقىپ قېلىپ ئاجىرشىپ كەتتى. ئۇ پاتەمدىن باشقىسىنى ئالمايمەن دەپ تۇرىۋالدى، شۇڭلاشقا... خېى خېى... دەپ كۈلۈپ كەتتى ھېلىقى سېمىز خوتۇن. بىر نىكاھلىق بولغان بولسىمۇ ئەلچىنىڭ ئۆز ئايىغى بىلەن كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خوشال بولغان ئايشەمخان،-قىزىم ئۆزلىرىدىن ئەزىز ئەمەس دېدى. شۇنداق قىلىپ ئەلچىلەر قايىتتى. پاتەمنىڭ قانچە ياق دىيش ئاغىزىنىڭ ئۇچىچىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ لىكىن دىيەلمىدى، ئۇ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر باش-پاناھى بولغان مومىسىنىڭ گېپىنى يىرالمايىتتى. ئەلچىلەر قايىتقاندىن كىين پاتەم مومىسىغا، -موما؛ بۇ بىر نىكاھلىق بولغان كىشى ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام قانداق بۇلىدۇ دېدى، موماي بىر ھازا تۇرۇپ ئوھ دىگەندىن كىين، قىزىم، بىر نىكاھلىق بولسىمۇ بالىسى يوق ئىكەن، نىكاھ دىگەن شۇنداق نەرسە رىسق نەگە قېتىلسا شۇ يەرگە بارىدىغان گەپ، مەنمۇ رەھمەتلىك بوۋاڭنىڭ تۆتىنجى خوتۇنى ئىدىم. شۇنداق بەخىتلىك بولدۇققۇ، قىزىم ئۇ بالىنى خىېلى تۈزۈك، مۇزدۇزلۇق قىلىدۇ دەيدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ھۆنىرى بار ئىكەن. ماقۇل دە قىزىم، مەن بەختىڭگە دۇئا قىلاي. پاتەم ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتتى. پاتەم ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن ھەسرەتلىنەتتى، ئۇ ئۆزىنڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغانلىقىغا كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بۇلاتتى. ئۇ مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئۇقۇيالمىغان ئىدى. نامراتچىلىق دەستىدىن بىرەر قۇر يېڭى كىيم كىيپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرەلمىگەن ئىدى، شۇنداق روھى چۈشكۈن قىزنىڭ ئەمدى قانچىلىق غورى بولسۇن، ئۇ ئۆزىنى مەن شۇنداق بەخىتىسىز تۇغۇلغان ئىكەنمەن، نىملا بولمىسۇن، بىرەر بوۋاي ئەمەس بىر نىكاھلىق بولغان يىگىت ئەلچى بۇلۇپ كەپتۇ، بۇپتۇ تەقدىر پىشانەم شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئۆز كۆڭلىىگە ئۆزى تەسەللى بەردى. ئايشەمخان موماي خوشاللىقىىنى قايتىدىن ئىپادىلەش ئۈچۈن توختى ئاخۇننىڭ ئۆيىگە بېرىپ روزى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغان ئەھۋاللارنى روزىغا سۆزلەپ بەردى. ۋە مەن بىر كەمبەغەل تول خوتۇن ئىكەنمەن، كۆپ نەزىر قىلاممدىم ئاز بولسمۇ بۇ 20سومنى سەپ قويسىلا دەپ ئۆزرە سورىغاندىن كىين يېتىپ چىقتى. روزى ناھايىتى خوشال بولدى، ئەجەپ ئىش، راستىنلا ئۈچ-تۆت كۈن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچى بېرىپتىغۇ، بۇ ئامەتنى كۆرمەمدىغان، مەن راستىنلا ئەۋلىيالىق ماقامىغا يىتىپ قالدىممۇ يا؟ خودا مېنى يۆلىگەن چېغى ئىشلرىم ئەجەپ ئوڭ كېلۋاتىدۇ يا، قارىغاندا بۇ مەھەللىنىڭ ئەمەس، بۇ كەنتىنىڭ ھەتتا بۇ يېزىنىڭ ئەخمەقلىرىنى تازا بىر باپلاپ، پۇلنى راسا تېپىپ يۇرتۇمغا قايتىپ ئايۋان-سارايلارنى سېلىپ، دۇكان-سارايلارنى ئېچىپ خوتۇندىن بىرنى ياكى ئىككى-ئۈچنى ئېلىپ تازا بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بۇلدۇمدە.. روزى بۇ خىياللارنى قىلىۋىتىپ ئىختيارسىز ئىچىدە كۈلىۋاتاتتى. –ئۇستام دېدى غېنى روزىنىڭ خىيالىنى بۇزۇپ، ئۇستام ئۇ قىزنى مەن ۋاكالىتەن ئالدىم دىگەن چىغىمدا يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى، راستىنلا ماڭا نىكاھ قىلدۇرۇپ قويسىڭىز بولمامتى دېدى. –دۆت دېدى روزى غېنىغا ئاچچىقلاپ، سەن كالۋانىڭزە زادى كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ، بۇ يا بىزنىڭ يۇرتىمىز بولمىسا بۇ يەردە يا ئۆيمىز بولمىسا، خەقلەرنىڭ ئىشەنجىسگە ئېرىشىش، تۇرنى ئۇزاق قويۇپ بېرىپ بىلىقنىڭ چوڭىنى تۇتۇش دىگەنمۇ سەن دۆت نەدىنمۇ بىلسەن، ئۇنى سەن تۈگۈل مەنمۇ نىكاھىمغا ئېلىپ تازا قۇچاقلاپ ياتقۇم كەلدى. لىكىن يەڭگىللىك بىلەن ئىش قىلساق بولمايدۇ، بىز ئۆزىمىزنى چۇقۇم ناھايىتى ئالىيجاناپ كۆرسۈتۈپ ئابرۇي ئىناۋىتىمىزنى ئۆستۈرسەكلا پۇل دىگەن بىزنىڭ، پۇلىنى ئېلىپ كېتىپ قالىمىزدە، ئايۋان-سارايلىق ئۆيلەرنى سالىمىز، ساڭىمۇ بىر يۈرۈش ئۆي سېلىپ بىرىمەن، ئۇنىڭدىن كىين بىز بۇ ھۆنەرنى قىلمايمىز، دوكان ئېچىپ سودا قىلىمىز، مەن سېنى ئۆيلەپ قويىمەن، ئۆزەممۇ خوتۇن دىگەندىن بىرقانچىنى ئالىمەن. شۇڭلاشقا سەن ئېغىزىڭنى يۇمۇپ يۈر، بىرەسى يالىڭاچ ئالدىڭدا يېتىپ بەرسىمۇ كۆز قىرىڭنى سالمايدىغان پەرشتىدەك قىياپەتكە كېرىۋال. شۇنداق قىلىپ رۇزىنىڭ كاللىسىدىكى بۇ قىين مەسلىمۇ ھەل بولدى، روزى ئۆزىدىن ناھايىتى مەننۇن بولدى. ئۇ ئەمدى كېسەل داۋالىيالايدىغان، ئۆچنى ئامراق قىلالايدىغان، بەنىت قىلىنغان نىكاھنى ئاچالايدىغان بولغاندى. روزىنىڭ ئىش-ئىزلرىنى كەنىت بۇينچە ھەممە ئادەم خەۋەر تاپتى ھەتتا يېزا بۇينچە دېسەكمۇ بۇلاتتى. پاتەم بىلەن روزىنىڭ تويى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتاتتى، قولۇن-قوشنىلار سەۋزە توغراش، ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشخۇل بۇلىۋاتاتتى.دەل شۇ قوشنىلارنىڭ ئىچىدە ھېلىقى ئۆينىڭ ئالدىدا يوغان بىر تۈپ دەرىخى بار قوشنىسىنىڭ ئايالىمۇ بار ئىدى. ئۇ قوشنىسىمۇ ناھايىتى خوشال ئىدى، ئۇ ئايشەمخان مومايغا خودا رېسقىنى قوشقان ۋاقىتتا توي دىگەن بىردەملىك گەپ ئىكەن ئەمەسمۇ دېدى. موماي تەنە ئارىلاش، شۇنداق مايسىخان، دوست-دۈشمەنلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى دېسىلە دېدى- مايسىخان موماينىڭ سۆزىدىن سەل ئەجەپلەندى ئەمما موماينىڭ نىمىشقا شۇنداق دەيدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدى.
تۇرسۇن ئاخۇنمۇ قادىر ئاخۇننىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى، قادىر ئاخۇنمۇ ئايشەمخانغا ئوخشاش مەھەللىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نامرات ئائىلە ئىدى. ئۇ تاپقان-تەرگىنىنى يېغىپ ئوغلىنى ئۆيلەپ قويدى، لىكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىدىن نارازى بولغان قۇدىسى قىزىنى مەجبۇرى ئاجىراشتۇرۋالدى. شۇڭلاشقا قادىر ئاخۇن ئۆز ئائىلسى بىلەن ئائىلە شارائىتى ئانچە پەرق قىلمايدىغان ئايشەمخان موماينى ئېسىگە ئېلىپ ئوغلىغا مەسلىھەت سالغاندىن كىين ئەلچى كىرگۈزگەن ئىدى. ئۇ قانداقتۇر روزىنىڭ نىكاھ ئېچىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى لىكىن ئايشەمخان موماي بارلىق خوشاللىقلارنى روزىدىن كۆرەتتى. ئۇنى قەلبىدىكى مەبۇدىسى دەپ ئويلايتتى. شۇنداق بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر شۇنداق نادان ئىدى، شۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ خۇراپىيلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ روشەن كارتىنىسى ئىدى. ئەگەر شۇ مەھللىدىكى كىشىلەر ئىلغار ئىدىيدىكى كىشىلەر بولغان بولسا روزى بۇ مەھەللىگە سوقۇنۇپ كىرىشى ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن بۇلاتتى.
ھۆرمەتلىك كىتاپخان! بەلكىم سىلەر بۇلارنى ئۇقۇۋىتىپ بۇ كەنتىدە كادىر يوقمىدى، كەنتە كادىرلىرى نىمىشقا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان روزىدەك بىر كىشىنى باشقۇرمايدۇ، نىمىشقا مەھەللىدىن قوغلاپ چىقارمايدۇ دىگەننى ئويلىغىنىڭلار ئېنىق، بۇۋاقىتلار 80-يىللار بۇلۇپ، كەنىت كادىرلىرىمۇ ناھايىتى خۇراپى ئىدى، مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس ئىدى، ئۇلار يوغان سەللىلىك دىنى زاتلارنى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلارنى باشقۇرۇش تۈگۈل ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ ئەمىلىدىن مۇشۇلارنىڭ قاغىشى بىلەن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىشاتتى، ھەتتا بەزى كەنىت كادىرلىرى بۇلارنى ناھايىتى قوللايىتتى، دىنى زاتلارغا نۇرمىدىن ئارتۇق يەر بىرەتتى،سۇ كەلسە ئالدى بىلەن شۇلارغا ئېچىپ بىرەتتى. ھاشارغا ھېسابلاپ دېھقانلارنى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەرشتۈرەتتى. ئەلۋەتتە روزىدەك يۇقىرى ئىناۋەتلىك ئالدامچىلارنى باشقۇرۇش تېخىمۇ قۇلىدىن كەلمەيىتتى.
8.سرىلق ئالدامچى
رۇزىنىڭ تەلىيى كۈندىن-كۈنگە ئوڭدىن كېلىۋاتاتتى، ئۇ ئەمدى نىكاھنى ئاچالايدىغان بۇلغان ئىدى، ئۇنىڭ ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن ئىدى. ھەتتا توختى ئاخۇنمۇ روزى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندەك ئەمەس، ئۆزى روزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندەك تارتىناتتى. ئىشىك چەكمەي روزى تورغان ئۆيگە كىرىشكە پىتالمايىتتى، روزى توختى ئاخۇنغا بىرەر ئىش ئورۇنلاشتۇرسا پادىشاھنىڭ پەرماننى بەجا كەلتۈرگەندەك بەجا كەلتۈرەتتى. روزىمۇ ئالدامچىلىقىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن توختى ئاخۇننى قۇرۇق قول قويمايىتتى، ھازىر توختى ئاخۇننىڭ قولىغىمۇ خىېلى پۇل كىرىپ قالغان ئىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى روزىنىڭ شاپائىتى ئىدى. توختى ئاخۇن روزىنى ئۆزىگە نىسپ قىلغان ئاللاغا مىڭ ھەمدۇ سانا ئۇقىيتتى. ھەتتا ئۇ روزىنىڭ خىزمىتىنى قىلسىلا ئاخىرەتتىكى تىلسىرات كۆۋرۈكىدىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ، جەننەتنىڭ ئەڭ ئالىيسىغا كىرىشنى خىيال قىلاتتى. روزى ئۇنىڭ جەننەتكە كىرشىگە كېپىل بولغاندەك ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى. ھەتتا ئۇ 15ياشقا ئەمدى كىرگەن قىزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بىرىپ، ئۇنى كۈيئوغۇل قىلىشنىمۇ كۆڭلىگە پۈتكەن ئىدى. لىكىن روزىنىڭ ئايال زاتىغا قىلچىلىك قىزىقىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىزدەپمۇ تاپالمايىتتى، ئۇ بىر قانچە قېتىم قىزىنى روزىنىڭ ئۆيىگە بىر نەرسە ئەكرىپ بىرىشنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغان، شۇ ئارقىلق روزىنىڭ كۆڭلىنى چىكىپ باقماقچىمۇ بولدى. لىكىن روزى تەپسى سىرىپ بىر نەرسلەرنى ئۇقۇپ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايتتى، ئۇ روزىنىڭ بۇ ئىش توغىرلىق ئېغىز ئېچىشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىپمۇ كەتكەندى. ئۇ بىر كۈنى روزىغا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىىنى ئېيىتتى، بۇنى ئاڭلىغان روزى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، -ھەي توختى ئاخۇن، ھەي توختى ئاخۇن، ئۆزلرى مېنى ھازىرغا قەدەر چۈشۈنۈپ يىتەلمىدىلىمۇ؟ ئايال كىشى دىگەن بىر شەيتان، مېنىڭ شۇنداق ئەۋلىيالىق ماقامىغا يىتىشىممۇ، ئايال زاتىغا نەزەر كۆزى بىلەن قارىمغانقلىقمدىن بولغان، مەن ھازىر ئاللاغا ھەمدۇسانا ئۇقۇپ، ئەۋلىيالىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يىتىپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخىت تېپىش ئۈچۈن تېرىشىۋاتىمەن، ئۇدۇنيانىڭ ھۆر-پەرىلىرى شۇنداقكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىر تال چېچى زىمنغا چۈشىدىغان بولسا قوياش خىجىل بۇلۇپ نۇرى خىرەلىشىپ كېتىدۇ، مېنىڭ ئۇيلايدىغىنىم ئاخىرەتنىڭ ھۆر-پەرىلىرى. توختى ئاخۇننىڭ گېلىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك قايتا سۆزلەشكە پېتىنالمىدى. توختى ئاخۇن بەزىدە، روزى ئەۋلىيا بەلكىم شا مەشرەپكە ئوخشاش ئاقتا قىلىۋىتىلگەن ئوخشىمامدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتى. لىكىن ئەۋلىيا توغىرلق قالايمىقان ئويلاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر گۇناھقۇ دەپ ئويلاپ تۆۋە قىلاتتى.
روزى بىر كۈنى ئىشكنى چىڭ تاقىۋىتىپ، بارلىق يېغىلغان نەخ پۇللارنى غېنى بىلەن ساناپ كۆردى ساپساق 10مىڭ يۈەن بولغاندى، ئۇنىڭدىن باشقا توختى ئاخۇننىڭ ئېغىلىغا سولانغان، قوي، كالىلارنى ھېسابلىسا 12مىڭ يۈەنگىمۇ يېتىپ قالاتتى، قىش ئۆتۈپ كېتىشكىمۇ ئاز قالدى، پۇلۇم 40مىڭ يۈەنگە يەتكەندە، بۇ يەردىن بىر كېچىدىلا تىكىۋىتىمىز، يۇرتىمىزغا قايتىپ ساقال دىگەننى قىرىپ تاشلاپ ياش يىگىتكە ئايلىنىپ، خوتۇن دىگەندىن بىر قانچىنى ئېلىپ ياشايمىز. –ھې. ھېى- ئۇستام مەنمۇ زە خوتۇن ئېلشىنى ئويلىسام شۇ...،دېدى غېنى، ئالدىرما ئالىسەن، تويىسەن دېدى روزى.
روزىنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغانلار ئۆچرەت بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى، ھازىر توختى ئاخۇنمۇ روزىنىڭ ئالدىدا كىكەچلەپ تۇرغىنى بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىرەر جاينىڭ باشلىقىدەك ئاۋازى ئېچىلىپ كېتەتتى، روزى بىلەن كۆرىشىش ئىشىنى توختى ئاخۇن ئۆزى بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇراتتى، ئەۋلىيانىڭ ئالدىراشلىقىنى، ۋاقتى يەتمەيدىغانلىقىنى سۆزلەيىتتى، روزىنى ئىزدەپ كەلگەن كىشىلەر ئالدى بىلەن توختى ئاخۇنغا ئاز-تولا چاي پۇلى بىرەتتى، چاي پۇلى ئالغانلانى ئالدى بىلەن كۆرەشتۈرەتتى، چاي پۇلى بەرمىگەنلەر بولسا بىرنەچچە كۈن ئۆچىرەتتە تۇراتتى. ھەتتا روزىنى كەنتە كادىرلىرىمۇ يوقلايتتى.
بىر كۈنى توختى ئاخۇننىڭ قوشنىسى، ناھايىتى جىددىيلىك بىلەن روزىنى ئىزدەپ كەلدى، روزى ئۇ كىشىدىن نىمە ئىش بولغىنىنى سورىغاندا ئۇ كىشى ئالاقزادىلىك بىلەن سۆزلەپ كەتتى.-ۋاي ئەۋلىيايىم، نىمىسىنى سورالا، تۈنۈگۈن ئۆينى قولاپلاپ قويۇپ، ئۆيدىكىلەر ھەممىز بازارغا بارغاتتۇق قايتىپ كەلسەك، ئايۋاننىڭ ئۆگىزىسىنى تېشىپ، خوتۇنۇمنىڭ ئالتۇن ھالقىسىنى ۋە ئالتۇن بىلەيزۈكىنى ئوغرى ئېلۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭغا بىر ئامال قىلىپ بەرسىلە ئەۋلىيايىم. روزىنىڭ بېشى ناھايىتى قاتتى،ئۇ چوڭ مەقسەتلەرگە يىتىش ئۈچۈن، ئىناۋىتىنى قىلچىلىك چۈشۈرۈپ قويسا بولمايىتتى، ھاجەت تىلەپ كەلگەنلەرگە بولسا دۇئا قىلىپ،دۈمبىلىرىنى ئۇۋلاپ، بىرقانچە قېتىم سۈف..سۈف دەپ  قايتۇرۋاتسىلا بۇلاتتى، ئۇلار تىجارىتى ياخشى بولسىمۇ ياكى بازاردىكى سودىسىمۇ ياخشى بۇلۇپ قالسىمۇ روزىنىڭ دۇئاسىدىن كۆرۈپ روزىنى مەدىھلەيتتى، ئەگەر سودىسى ياخشى بولمىسا روزىغا نەزىرنى ئاز قويغانلىقىدىن كۆرەتتى. ئەمدى بۇ ئوغىرلىق دېلوسىنى پاش قىلاممىسا راستىنلار ئىناۋىتىگە تەسىر يىتىپ قالاتتى. ئۇ بۇ ئوغىرلىقنى يا ئۆزى قىلمىغان تۇرسا قانداق بۇلۇپ تاپالىسۇن، ئۇ ئويلا.. ئويلا، ئاخىرى مال ئىگىسىنىڭ  قانلىققا تەييارلىق قىلىپ ئەتىسى  كېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. باشقا ھېچقانداق كىشىنى قۇبۇل قىلماي، خانسىدە ئويلاندى، قانداق قىلساق بۇلا دېدى ئۇ غېنىغا، غېنى ئۇستام بۇ ئادەملەر شۇنداق ئەخمەت بولغاندىن كىين بەلكىم ئوغىرمۇ ئەخمەت بولىشى مۇمكىن ئەگەر ئۇ مۇشۇ مەھەللىك ئوغىرى بولسىلا ئۈمۈد بار دىگەن گەپ، -قانداق دەيسەن؟- مەھەللىدىكى ھەممە كىشىلەر يېغىلسۇن، ئۇلارغا قاتتىق قورقاق سالايلى، ھەممە ئادەم مال ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە توپا تاشلىسۇن، ھەمدە شۇ توپا بىلەن ئوغىرلىغان مال-مۈلۈكنى تاشلىۋىتىشنى ئېيتىايلى. ئەگەر كىمكى تاشلىسا ئىشنىڭ شۇ بىلەن كتېىدىغانلىقىنى، ئەگەر تاشلىمىسا ئوغىرنىڭ قورسىقى ئاغىرىپ ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتايلى.!-سىلىچە قانداق. –يارايسەن دېدى روزى، سەن دۆتنىڭمۇ بىر قېتىم كاللىسى ئىشلەيدىغان چىقىپ قالغىنىڭنى. ئەتىسى ھېلىقى مال ئىگىسى، قوربانلىققا بىر قوينى يىتىلەپ كەلدى، روزى توختى ئاخۇنغا مەھەللىدىكلەرنى يېغىشنى ئورۇنلاشتۇردى ئالاھىزەل بىر سائەتلەردىن كىين مەھەللىدىكىلەر ھەممىسى مەسچىت ھويلسىىغا يېغىلدى. روزى ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن، ھەيۋە بىلەن كۆپچىلىككە سۆزلدى، ھۆرمەتلىك مۆھتىرەم جامائەتلەر، مەھەللىدىكى يىمىت ئاخۇننىڭ ئۆيىگە ئوغىرى كىرىپ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئوغىرى ئاپتۇ، مىنىڭ چۈشۈمدە ئايان بولدۇكى ئوغىرى شۇ مەھللىدىن بىرسى مەن بۇ ئوغىرنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدۇم ۋە شەرمەندە قىلماسلىق ئۈچۈن پۇرسەت بىرىشنى قارار قىلدىم، شۇڭلاشقا ھەرقايسىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگەن بارلىق پەرزەنىتلىرىڭلارنى ئېلپ يىمت ئاخۇننىڭكىگە بارساڭلار، ئەگەر كىمكى بارمىسا شۇ گۇمانلىق، ناماز شام ۋاقتىغا ئاز قالغاندا ھەممە جامائەت يىمىت ئاخۇننىڭ ھويلسىغا توپا تاشلىسىۇن ۋە ئوغىرلىغان،زىبۇ-زىننەتلەرنى توپا بىلەن قېتىپ ھويلىغا ئاتسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئوغىرنىڭ ئىشى بىر سىر بۇلۇپ قالىدۇ، ئەگەر تاشلىمىسا شۇ ئوغىرى ئەتىسى ئەتتىگەنگە ئۆلۈپ بۇلىدۇ دېدى.
جامائەتلەر ناماز شامغا يېقىن، يىمىن ئاخۇننىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدى، يىمىت ئاخۇننىڭ ھويلىسىغا توپا دۆۋىلەپ قويۇلغان ئىدى، روزىنىڭ بويرۇقى بىلەن جامائەتلەر توپىدىن بىر ئۇچتىن ئېلىپ ھويلىدىن باققا توپا ئېتىشقا باشلدى، توپا ئېتىش ئاخىرلاشقاندىن كىين يىمىت ئاخۇننى ئاغدۇرۇشقا بۇيرىدى، يىمىت ئاخۇن توپىنى مالىتىلاۋىتىپ، بىر لاتىغا يۆگەلگەن بىر نەرسىگە كۆزى چۈشۈپ ئىچىنى ئاچتى لاتا ئىچىدە ئوغىرلانغان ئالتۇن ھالقا بىلەن، ئالتۇن زەنجىر چاقناپ تۇراتتى.
يىمىت ئاخۇن ھاياجان بىلەن، چىقتى.. چىقتى.. ئەۋلىيايىم، سىز راستىنلا ئەۋلىيا ئىكەنسىز ئۇقۇغان دۇئالىرىڭىز، ئوغىرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغان ئوخشايدۇ. رەھمەت سىزگە.. جامائەتلەر ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قېلىشتى، پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى سەل خىجىل بولغاندەك ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئەخمەق قىلىنغانلىقىغا نارازى بولغاندەك قاراپ تۇراتتى. روزى بىر قوي، 50سوم پۇل نەزىر ئالدى. ئەسلىدە ئوغىرلىق ئەنزىسىنى پاش قىلغاندا كىشلەرمۇ ياخشىراق نەزىر بىرىدىكەن ئەمەسمۇ؟ رۇزى ئۆزىنىڭ بۇ ئەقلىدىن ، ئامىتىنىڭ ئوڭ كەلگەنلىكىگە ناھايىتى خۇرسەن بۇلدى ۋە ناۋادا ئوغىرى قۇرقمىغان بولسا بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى ئۇچاغدا تۈگەشكەنمۇ بۇلاتتىم دەپ ئويلىدى.
روزى بۈگۈن ناھايىتى خوشال ئىدى، چۈنكى ئۇ ئالدامچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ زور بىر ئىشنى قىلغان ئىدى، ئۇغىرلىق ئەنزىسىنى پاش قىلىش دىگەن ئادەتتىكى ئىش ئەمەستە، بۇ قېتىم ھەممە جامائەت ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. مىنىڭ قالتىسلىقمنىمۇ تۇنۇپ يەتتى، مەھەللە ئىمامى ماڭا سەل قايىل ئەمەس ئىدى، ئاڭلىسام مېنى غاجاپمۇ بېقىپتىكەن، ئىمامنىڭ مەقسىتىنى كىم بىلمەيدۇ، جامائەتلەر ئۇنىڭدىن بەكراق مېنى ھۆرمەتلەۋاتقىنىنى، ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنىڭ بارغانسىرى كېمىيپ كەتكەنلىكىدىن قايىل بولمىغان گەپ، ئەمدى بۇ قېتىم تازا دېمىڭ ئىچىڭگە چۈشكەندۇ. روزى كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر يېڭى پىلان تۈزدى، ئۇ غېنىغا سىرلىق قاراپ قويدى، ۋە روزىغا سەن مەھەللىلەرنى بىر پۈتۈن ئارىلاپ چىق، ئەگەر كىشىلەر سوراپ قالسا، ئۇستام مېنى مەھەللىنىڭ ھەممە دوقمۇشلىرىدىن بىر ئۇچۇم توپا يېغىشنى ئورۇنلاشتۇردى دېگىن ياكى يەتتە مېۋىلىك يەتتە مېۋىسىز دەرخنىڭ شېخىنى يېغىشنى ئورۇنلاشتۇرغىن دېدى. غېنى مەھەللىنىڭ ھەر بىر كوچىلرىنى، كىشىلەرنىڭ مال قوتانلىرىنى، دەرۋازىلىرىنىڭ قەيەرگە جايلاشقانلىقىنى، كىمنڭ ئۆينىڭ چەتتە، كىمنىڭ ئۆينىڭ زىچ ئىكەنلىكىنى روزىغا دوكلات قىلدى. روزى غېنىغا سەن بېرىپ ئەڭ چەتتىكى ئۆيدىكى كىشىنىڭ كالىسىنى ئوغىرلاپ، كالىنى يىتىلەپ بىز دەسلەپتە كەلگەن مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى جاڭگالغا باغلاپ قويۇپ كەل.ئىسىڭدە بولسۇن، ھەممە ئەل ئۇيقىغا كەتكەندە بۇ ئىشنى بىجىر،قەتئى چاتاق چىقىپ قالمىسۇن. ھەممە ئەل ئۇيقۇغا كەتتى،غېنى ئۆزى پەملىگەن ئەڭ چەتتىكى بىر ئۆينىڭ كالسىنى ئوغىرلاش ئۈچۈن ماڭدى، ئۇ ئۆيدىكى قوتان يول بويىغا جايلاشقان بۇلۇپ ئوغىرلىققا ناھايىتى باپ ئىدى، غېنى قوتان ئىشىكىنى ئەپچىللىك بىلەن ئېچىپ، كالىنى يىتلەپ ماڭدى، تەلىيىگە بۇ كالا ناھايىتى ياۋاش بۇلۇپ، ھېچقانداق قارشىلىق قىلماي ماڭدى، لىكىن غېنى ناھايىتى قۇرقۇپ كەتتى بۇلۇپمۇ، كېچىدە جاڭگالغا كىرشتىنمۇ قۇرقۇنۇشلۇق ئىش بولمىسا كېرەك شۇنداقتىمۇ غېنىنڭ ياق دىيشكە ھەددىمۇ، روزىنىڭ غېنىنى ئۆيلەپ قويۇش، ئۆي سېلىپ بېرىش قاتارلىق ۋەدىلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىغاندىلا ئاندىن غەيرەتكە كېلەلىدى. ئۇ جاڭگالغا يتىپ كەلگەن بولسىمۇ لىكىن روزىنىڭ دىگىنىدەك ئۇنى جاڭگالنىڭ ئىچىگە باغلاشقا پېنالمىدى. ئۇ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى جاڭگالنىڭ كىرىش ئېزىغىلا كالىنى باغلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى، ئۇ رۇزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئايغىغا لاتا يۆگەپ ئىزنى يۇشۇرغان ئىدى. كېچە بىر چاغ بولغاندا غېنى يىتىپ كەلدى، ئۇ ئىشنىڭ پۈتكەنلىكىنى روزىغا يەتكۈزدى لىكىن ئۇنى جاڭگالنىڭ ئىچىگە باغلاپ قويۇشقا قورققانلىقىنى ئېيىتتى روزىنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەلدى-ھۇ دۆت ئەگەر ئەتە شۇ كىشى كالىسىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىپ بولغۇچە باشقىلار كالىنى يىتىلەپ كەتسە قانداق قىلىمىز، ئادەم ئۆتىشىپ تۇرىدىغان جايغا باغلاپ قويۇپ كەلسەڭ قانداق بۇلىدۇ. ھەي، ئۇستام-قاراڭغۇدا ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدىكەن، سىزمۇ مال ئىگىسى كەلگەندە چۇقۇم بار دىمەڭ، بۇلىشى مۇمكىن دەڭ..، ئۇنداق مۇمكىن دىگەن گەپلەرنى قىلسام ئوبرازىمغا سەت ئەمەسمۇ؟ -ئەگەر مۇمكىن دىگەن گەپنى قىلمسىڭىز، بۇنىڭدىن كىينكى ئىشلىرىمىزغا تەسىرى بۇلىدۇ، بۇ جاھاندا 100پىرسەنىتلىك ئىش يوق، كىينكى بىر قەدەمنىمۇ ئويلاپ قويغۇلۇق. ۋاي ئىشڭنى قىلىپ تىز ئۇيقاڭنى ئوخلىغىنە بولدى.
ئەتىسى سەھەر، مال ئىگىسى يېتىپ كەلدى، روزى ناھايىتى مەغرۇرلۇق بىلەن بۇنچە ئەتىتگەن نىمە ئىش بىلەن كەلدىڭىز دېدى- ۋاي ئەۋلىيايىم! ئەتتىگەن قوتانغا چىقسام قوتاندا كالا يوق تۇرىدۇ، مىنىڭ شۇ بىر كالامدىن باشقا ھېھقانداق، چارۋا مېلىم يوق ئىدى، شۇنى بىر تېپىپ بەرسىلە بۇپتىكەن، روزى ناھايىتى سالاپەت بىلەن يۆتىلىپ قويۇپ، ئەمدى بىزمۇ خۇدا ئەمەس، سەۋەپ مەندىن، كالىنىڭ تېپىلىش-تېلىپلماسلىقى ئاللادىن، ئەگەر بۇ كالىڭىز بىر بۇلسا مەھەللە سىرتىدىكى جاڭگالدا، بىر بولسا يوق.. تىزدىن جاڭگال تەرەپكە بىرىپ بېقىڭ بار بولسا، ئەكىلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتۈڭ، مال ئىگىسى رەھمەت ئەۋلىيايىم دەپ-چىقىپ كەتتى، ئالاھىزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىتلاردىن كىين كالىسىنى تېپىۋالغان ھېلىقى كىشى روزىنى ئىزدەپ كىردى، رەھمەت ئەۋلىيايىم كالامغۇ تېپىلدى، ئەجەپ بۇ كالىنى ئوغىرلىغان ئوغىرى، كالىنى شۇ يەرگە باغلاپ قويۇپ كېتىپ قالغىنى قىززىق ئىش بولدىغۇ؟ ھەي نادان ئادەملەردە سىلەر؟ مەن كىمدىم،مەندەك بىر ئەۋلىيا تۇرغان يەردە بۇ يۇرۇتقا ئاسايىشلىق، مەرىپەت، بەرىكەت ياغىدۇ، ئوغىرلارمۇ مىنىڭ دۇئايىمنىڭ تەسىرى بىلەن ئوغىرلىغان بىرنەرسىسىنى قورقۇپ ئوغىرلىيالمايدۇ دە..، توغرا دېدىلە ئەۋلىيايىم، مال ئىگسى قول ياغلىقتەك بىر نەرسىنى ئالدى، چىگىلگەن جايلىرىنى يېشىپ بىر-بىرلەپ پارچە پۇللارنى ساناپ روزىغا بەردى، ئۇنىڭ شۇنىڭدىن باشقا پۇلسى يوقتەك بىلىنەتتى بۇ جەمئى 30يۈەن پۇل ئىدى. بۇ مەھەللىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوغىرلىق دېلولىرى كۆپەيدى، روزى مالنى ئىگىلىرىگە تېپىپ بىرىپ، نەزىر ھەققى ئېلىپ تۇردى.
                        9.قاتىل ئالدامچى
روزى ئوغىرلىق دېلوسىنى پاش قىلىپ، ئوغىرلانغان ماللار ئىگىسىگە قايىتقاندىن كىين روزىنىڭ ئىناۋىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئەسلىدە ئالتۇن-زىبۇ زىننەتلەرنى ئوغىرلىغىنى بولسا مەھەللىدىكى كېرەم ئىدى، ئۇ 25ياشلاغا كىرگەن بۇلۇپ،ھېچقانداق ھۆنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايىتتى، ئۇ روزىنىڭ ئەۋلىيالىقىدىن گۇمانلانسىمۇ، بىرەر ئىسپاتى يوق ئىدى. ئۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە باشقا يۇرتلاردا بىر قانچە قېتىم ئوغۇرلىقمۇ قىلغان ئىدى، ئۇ ئۆتكەن قېتىم روزىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، مىڭ بىر تەستە ئوغىرلىغان ئالتۇن-زىبۇ زىننەتلەرنى توپا بىلەن قېتىم ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەردى ئەمەسمۇ؟ خەپ دەيىتتى كېرەم ئىچىدە، بۇ قېتىم مەن سېنىڭ ئالدام خالتاڭغا ھەرگىز چۈشمەيمەن. بۇ قېتىم كېرەم مەھەللىگە يەنە ئوغىرلىققا چۈشىشنى پىلانلىدى، ئۇ ئاخىرى توختى ئاخۇننىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان مامۇت ئاخۇننىڭ ئۆيىنى پىلانلاپ، پۇرسەت ئىزدەپ ئوغىرلىققا كىردى، ئۇنىڭ ھويلىدا قۇرۇتۇپ ئېلىپ قويۇلغان 5تاغار ياڭىقى ئوغىرلانغان ئىدى.
ئەتىسى ئەتتىگەن مامۇت ئاخۇن ئەنسىزلىك بىلەن روزىنىڭ ئىشىكىنى ئوردى، ۋە ئۆزىنىڭ ھويلىسىدىن 5تاغار ياڭاقنىڭ يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. روزىنڭ بېشىدىن بۇس چىققاندەك بولدى، ئەستەغپۇرۇللا يەنە بىر قىين مەسىلىگە يولۇقتۇمغۇ دەيىتتى روزى ئىچىدە، بۇ ياڭاقنى يا مەن ئوغىرلاشنى ئورۇنلاشتۇرمىغان تۇرسام، غېنى بۇ ئىشنى ماڭا ئېيتماي ئۆزى قىلدىمۇ يا،  ئۇ چەكسىز خىياللارنى قىلىۋاتاتتى ،روزىنىڭ بېشى ناھايىتى قاتتى، شۇنداقتىمۇ بېشىنىڭ قاتقانلىقىنى چاندۇرمىدى ۋە تەمكىنلىك بىلەن مامۇت ئاخۇنغا شۇنداق دېدى؛ خاتىرجەم بولسىلا ئوغىرى تېپىلىدۇ، ماللىرىمۇ قوللىرىغا قايتىپ كېلىدۇ، سىز ھازىرچە قايتىپ، قۇربانلىققا ئىككە توخۇ ئەكىلىڭ، ئەتە دۇئا تامام بولغاندىن كىين تەدبىر قوللىناي. خوش ئەۋلىيايىم! مەن سىلىگە ئىشىنىمەن، خوش دەپ قايتىپ كەتتى. مامۇت ئاخۇن قايىتقانقدىن كىين ھوي غېنى بۇ ئىشنى قايسى كۈندىكى ئىش بىلەن قېتىم قىلىۋەتكەن ئوخشىمامسەن؟-ئۇستام، ئىلا-بىللا بۇ ئىشنى مەن قىلمىدىم، ئاپلا بىزنى شەرمەندە قىلاي دەۋاتقان يەنە بىرسى بار ئوخشىمامدۇ؟   بۇ قېتىم ئوغىرلانغىنى زىبۇ-زىننەت ئەمەستە، بەش تاغار ياڭاق دېگەننى ئوغىرى قانداقمۇ توپا بىلەن قېتىپ ھويلىغا تاشلىيالىسۇن روزى شۇ خىياللار بىلەن تۇرغاندا غېنى ئېغىز ئاچتى، ئۇستا يەنە كونا ئۇسول بۇينچە قىلساق....؛ پۇق يىمە ۋاي گۇي، بەش تاغار ياڭاقنى قانداقمۇ توپا بىلەن قېتىم تاشلىيالىسۇن؟ دېدى روزى، -ئۇستام ئوغىرنى مامۇت ئاخۇننىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كېچىسى ئەكىلىپ قويۇشنى تاپىلاپ قورقۇتساقمۇ بۇلىدىغۇ دېدى غېنى،-ھىم شۇنداق قىلايلى،بۇ ئامالغۇ بولغۇدەك دېدى روزى.
ئەتسى ئەتتىگەن ئاۋالىقىغا ئوخشاشلا جامائەتلەرنىڭ ھەممىسى مەسچىت ئالدىغا يېغىلدى، بۇ قېتىم روزى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكراق ئەۋزەيلەپ كەتتى. ھۆرمەتلىك جامائەتلەر، مەن يەنىلا ئوغىرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدۇم، بۇ قېتىم ئوغىرغا يەنە بىر پۇرسەت بىرەي، ئەگەر ئەتىسى ئەتتىگەنگىچە مامۇت ئاخۇن ئۆيىنىڭ ئالدىدا بەش تاغار ياڭاق تەل بۇلسۇن، ئەگەر بۇ ئوغىرى دېگىنىمنى قىلمايدىكەن ئۇنىڭغا ياخشى كۈن يوق، بۇ قېتىم بۇ ئوغىرى چۇقۇم قان قۇسۇپ ئۆلىدۇ. جامائەتلەر تاراپ كەتتى، ئەتسىى ئەتتىگەن مامۇت ئاخۇن راستىنلا ئۆينىڭ ئالدىدا بەش تاغار بىر نەرسىنى كۆردى، ۋە خوشاللىقىدا تاغارغىمۇ قارىماستىن روزى تەرەپكە قاراپ چاپتى، روزى، غېنى، توختى ئاخۇن ۋە مەھەللىدىكىلەرمۇ يېغىلغان ئىدى، روزىمۇ ئىككىنجى قېتىم ئۆزىنىڭ تەلىينىڭ ئوڭ كەلگەنلىكىچە ناھايىتى خوشال ئىدى، باشقا جامائەتلەرمۇ راستىنلا ئەۋلىيا ئىكەن بۇ قېتىم ياڭاق ئوغىرسىمۇ ياڭاقنى ئەكىلىپ بىرىپتۇ ئەمەسمۇ دەپ ئويلىدى، مامۇت ئاخۇن ناھايىتى خوشاللىق بىلەن روزىنى ھەدەپ ماختايىتتى ئارىدىن بىرەيلەن، مامۇت ئاخۇن ياڭاقلىرىمۇ چىقىپتۇ قېىنى ئەمىسە ھويلىغا توشۇماملا دېدى. مامۇت ئاخۇن خوشاللىق بىلەن تاغارنى كۈچەپ بىر كۆتۈرۋىدى، كەينىگە يېقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى، تاغارنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قارىسا بۇ ياڭاق ئەمەس ياڭاق غازىڭى ئىدى، مامۇت ئاخۇن باشقا تاغارلارنىمۇ ئېچىپ كۆردى، بەزىسىدە ئېشەك تىزىكى، بەزىسىدە پاخال، بەزىسىدە كونا چاپان بارئىدى. مەھەللىدىكىلەرنى تازا كۈلكە تۇتىسىمۇ، مامۇت ئاخۇننىڭ ئوڭايسىزلانغانلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈشكە پېتىنالمىدى، بەزىلەر بولسا كالپۇكىنى چىڭ چىشلەپ تۇرىۋاتاتتى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا كېرىممۇ بارئىدى. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن روزىنىڭ چىرايى تۇتۇلدى، بېشى قايغاندەك بولدى، ئۆزىنى مۇنداق ئەخمەق قىلغان ئوغىرى زادى كىمدۇ؟ دىگەن سوئال قايتا-قايتا تەكرارلىناتتى، روزى مەھەللىگە قەدەم قويغاندىن بويانقى ئەڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ئىدى، ئەگەر بۇ مەسلىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلمىغاندا، ئۇنىڭ بۇندىن كىينكى ئىشلىرىغا ئەلۋەتتە نوقسان يىتەتتى. ھەي ئاران تىكلىگەن ئىناۋىتىم مۇشۇ نا ئەھلى ئوغىرنىڭ ئىشى بىلەن تۈگىشىپ كېتەمدىغاندۇ؟ ياق، ئۇنىڭغا مەن ھەرگىز يول قويمايمەن! روزى چەكسىز خىياللار بىلەن جىمىپ كەتكەن ئىدى، بەزىلەر بولسا روزىغا غايىپتىن نىدا كېلىۋاتىدۇ دېسە، بەزىلەر بۇ ئەۋلىيامۇ چاغلىق ئىكەن، ئۇسال بۇلۇپ قېلىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلاممايۋاتىدۇ دەيىتتى. مامۇت ئاخۇننىڭ روزىنى چاقىرشى بىلەن روزىنىڭ خىياللىرى قايەرلەرگىدۇر غايىپ بولدى. ۋە ئاتتىن چۈشسىمۇ ئىزەڭگۈدىن چۈشمىگەن روزى  يەنە سالماقلىق بىلەن سۆز باشلىدى، بۇ قېتىم ئوغىرى راستىنلا ئۆلىدىغان بولدى. مەن مازار غۇجامغا بېرىپ، ئىلتىجا قىلىپ، شاخ يىرىپ كېلىمەن، بۈگۈن كۈنگە چارشەنبە جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كىين ھەممە جامائەتلەر توختى ئاخۇننىڭ ئۆيىگە يېغىلسۇن، ھەممە ئادەم تۇز ئېشى ئىچسىۇن، ئوغىرى توز ئېشىنى ئىچكەن ھامان چۇقۇم ئۆلىدۇ دېدى ۋە كەينىگىمۇ قارىماي توختى ئاخۇن ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
كېرەم كۈلكىسىنى زورىغا بېسىۋىلىپ، جامائەتلەر ئارىسىدىن  قايتىپ مەھەللە چېتىدىكى ئورمانلىققا يۈرۈپ كەتتى ۋە ئورمان ئارسىغا كېرىپ قاتتىق قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، قانداق قۇلىڭدىن نىمە كەلدى ھو ئالدامچى! سەن خەقلەرنى ئالداپ يەيسەن، مەن بۇلسام ئاز-تولا ئوغىرلاپ يەيمەن، ئوخشاش ئەمەسمۇ!...ھا..ھا..... ، مازارغا بېرىپ شاخ يىرامىش تېخى، ۋاي شاخ كەسلەپ كەلسەڭمۇ بىكار..ھا...ھا .....
روزى خانىسگە قايىتتى ۋە چەكسىز خىياللارغا چۆمدى، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق، شاخ يىرىغىلى ماڭغىنىمنى كۆرسە ئوغىرى قورقۇپ مالنى مامۇت ئاخۇننىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويسىغۇ مەيلىيتتى ئەگەر شۇنداق قىلمىسىچۇ؟ ياكى بۇ مەھەللىدىن غېت قىلىپ تىكىۋىتىش كېرەكمۇ؟ روزى،ئويلا- ئويلا ئاخىرى بىر ئامال تاپتى! توغرا جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ، كىم مەن ئۈچۈن جاندىن كەچسە ئوخشاش. ئۇ توختى ئاخۇن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى، غېنى يەنىلا توختى ئاخۇننىڭ ئۆيىدە قالدى. ئۇ بۇ قېتىم غېنىنى قالدۇرۇپ قويشى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكى يەنە بىر تەرەپتىن مەھەللىدىكىلەر ئۇنى تىكىۋىتىپتۇ دەپ گۇمانلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. روزى قانداقتۇر مازار غۇجامغا ئەمەس، قاراتال ناھىيسىدىكى بىر بازارغا باردى ۋە سۈرۈشتۈرۈپ چاشقان دورىسى تاپتى. ئاندىن قايتىپ كەلدى، ئۇ توختى ئاخۇنغا مەھەللىدىكىلەرنى دەرھال يېغىشنى، بىرمۇ ئادەمنىڭ كەم قالماسلىقىنى تاپىلىدى. روزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن توختى ئاخۇن چوڭ قازان تېپىپ كېلىپ، قول ئۈگىرىسى ئىتىشكە باشلىدى، مەھەللىدىكلەر يېغىلىپ بولغاندىن كىين، روزى جامائەتلەرنىڭ ئالدىدا دۇئاغا قول كۆتۈردى. دۇئادىن كىين جامائەتلەرگە بۈگۈن مەن تۇز ئېشى ئۇسۇپ بىرىمەن، بۇنىڭ ئىچىدىن كىم ئوغىرى بولسا شۇ قورسىقى ئاغىرىپ ئۆلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۈلۈپ كەتكەندىن كۆرە ئۆزىمىزنى ئىقرار قىلغىنىمىز ياخشى، تاماق ئۇسۇلۇپ بۇلغۇچە كىم ئوغىرى بولسا شۇ ئوتتورغا چىقسۇن دەپلا چىقىپ كەتتى، قاچا-قۇمۇچلار تەييار ئىدى، باشقىلار تاماق ئۇسۇشقا ياردەملەشكىلى كېلۋىدى، روى ھېچكىم يېقىنلاشمىسۇن، ئاشقا ئۇقۇيدىغان دۇئالىرىم بار دەپ ھېچكىمنى يېقىن كەلتۈرمىدى ۋە ئۆزى بىر-بىرلەپ تاماقنى ئۇسۇپ ھەر بەش قاچا بولغاندا ئادەم چاقىرتىپ تاماقنى جامائەتلەرگە بىرىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئۇ ئاخىرى پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە، يېنىدا ئورولغان چاشقان دورىسىنى  مەلۇم بىر قاچا ئاشقا ئارىلاشتۈرۋەتتى، ھەممە جامائەت تاماق يىيىشكە تۇتۇش قىلىندى، بەس-بەستە تاماق يىيىلىپ بولدى. جامائەتلەر ئەمدى قانداق مۆجىزە يۈز بىرىشىنى كۈتىۋاتاتتى، روزى جامائەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈردى، كىم ئوغىرى بولسا، شۇ راسۋا بۇلۇپ ئۆلگەي دېدى. دۇئادىن قول ئۈزىشىگىلا بىرىنىڭ ۋايجان، ۋاي قورسۇقۇم دىگەن ئېچىنىشلىق ئاۋازى ئاڭلاندى، جامائەتلەر ناھايىتى ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ۋايجان دەپ جان تالىشىۋاتقان يىگىت كىتاپخانلىرىمىزغا مەلۇم بولغۇنىدەك، ھايالق، ئۇستا ياغاچچى مەمەت ئىدى. روزى ئۆزىنىڭ قىلىپ سالغان ئىشىغا سەل ئەپسۇسلانسىمۇ؟ ئەمما ئۆزىنىڭ شۇ ئازغىنە مەنپەتىنى ھەممىدىن ئۈستىن كۆردى. ئۇ مەمەتكە مەن سەن ئوغىرغا نۇرغۇن پۇرسەت بەردىم، پەقەت ئۆزىڭنى بىلمىدىڭ، ئەمدى مەندە ئامال يوق، قېنى ئېيتىە ئوغرىلغان نەرسىلەر قېنى؟ مەمەت جان ئاچچىقىدا:- ھۇ ئالدامچى! مۇناپىق! مەن ھېچنىمە ئوغىرلىمىدىم! ۋايجان-ۋاي قورسىقىم، مەن ھېچنىمە ئوغرلىمىدىم، ھو مامۇت ئاخۇن دىگەن توكۇر، بەش تاغار ياڭىقىڭغا 50تاغار دېسەڭمۇ بىرەي، ۋايجان مېنى قۇتقۇزىڭلار، مېنى تىزدىن دوختۇرغا ئاپىرىڭلار سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي. جامائەتلەر ھەيران قېلىشتى، ۋە روزىدىن ناھايىتى قورقىشتى، ئۇ راستىنلا ئەۋلىيا ئىكەن، ئۇنىڭ چىشىغا تىگىشكە بولمايدىكەن ئەمەسمۇ،؛دېيىشتى، بەزىلەر مەمەتنى تىزدىن دوختۇرغا ئاپىرايلى دىيشتى لىكىن روزى جامائەتلەر ئاڭلاپ تۇرۇڭلار! ئوغىرى ئۆزىنى مەلۇم قىلماي، قانچىلىغان ئاگاھلاندۇرشلارنى ئاڭلىماي، ئۆزىگە-ئۆزى قىلدى، ئەگەر ئۇنى كىمكى دوختۇرغا ئاپىرىمەن دەپ قېمىرلىتىدىكەن، ئوغىرنىڭ شىرىكى ھېسابلىنىپ، تۇز ئېشى شۇنىڭغىمۇ تەسىر قىلدۇدە، شۇ زامان ئاقىۋىتى شۇنىڭغا ئوخشاش بۇلىدۇ. بۇ سوروندا مەمەتنىڭ دادسىىمۇ بارئىدى، ۋاي جېنىم بالام! نىمىشقىمۇ شۇ ئىشنى قىلغانسەن! ئەمدى مەن قانداقمۇ قىلارمەن، ھۆرمەتلىك ئەۋلىيايىم بىر ئامال قىلغان بولسىلىرى، روزى بۇ ئېچىنىشلىق جان ئاچچىقى قايغۇسىنى، بىر ئاتىنىڭ جان تالىشىپ تورغان بالىسى ئالدىدىكى قايغۇسىنى كۆرگەن روزى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىغا پۇشايمانمۇ قىلدى. لىكىن ئامال قانچە ئەگەردە دوختۇرخانىغا ئاپارسا ئاشقازىنىنى تازىلاپ دەرھال قۇتقۇزىۋىلىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمما دوختۇرلار ئۇنىڭ چۇقۇم دورىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۆلىدىغان ئادەم كىم؟ روزى خىيال قىلىپ دەل بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن چۇچۇپ كەتتى. ۋە مەمەتنىڭ دادىسىغا تەسەللى بەردى، بولغۇلۇق بولدى، بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، ئاتقان ئوقنى قايتۇرۋالغىلى بولماس، ئەگەر مەن سىلىنىڭ باللىرىنىڭ ئوغرلىق قىلغىنىنى راستىنلا تۇلۇق بىلگەن بولسام، بۇ ئەھۋالنى سىلىگە مەلۇم قىلىپ، بۇ بالا-قازادىن ساقلىناتتۇق، ماڭا مەلۇم بولغىنى شۇ يېشى 18ياشتىن 20ياشلاغىچە بولغان بىر ئوغۇل ئىكەنلىكى مەلۇم بۇلدى. مەن سېلىنىڭ ئوغىللرى ئىكەنلىكىنى راستىنلا بىلمەمتىمەن، بولدى سەۋىر قىلسىلا، مەن ياخشى دۇئالارنى قىلپ قوياي، ئۇ ئازاپنى بۇدۇنيادا تارتىپ بولدى، ئۇ دۇنيالىقى جەننەتتە بولسۇن دېدى. ئەمدى مەمەتنىڭ ئاغېزىمۇ گەپكە كەلمىدى، ئاغىزىدىن ماغزاپ كېلىپ ھوشسىزلىنىپ بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى، ئەمدى بۇ تۇز ئېشى ئىچىش پائالىيتى، ناماز پائالىيتىگە ئايلاندى، مەمەتنىڭ دادىسى قاتتىق ئەلەملىك يېغلاۋاتاتتى، مەمەتنىڭ ئەل-ئاغېنلىرىمۇ يېغلاۋاتاتتى، شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان قاتىل روزىدىن بىگۇمان ئىدى. مەمەتنىڭ نامىزى ئاددى ئۆتكۈزۈلدى، جامائەتلەر ھەيرانۇ ھەس قېلىشتى، شۇلارنىڭ ئارسىدا ھەقىقى ئوغېرى كېرەممۇ بارئىدى. بەزىلەر ئادەم دىگەننىڭ تېشىغا قاراپ بىر نەرسە دىگىلى بولمايدىكەن، شۇنچە ھايالىق ئىسىل بالىمۇ ئوغىرى بۇلۇپ قالغىنىنى قارىمامدىغان دېيشەتتى. بەزىلەر بولسا بىز مەمەتنىڭ ئوغىرلىقىغا ئىشەنمەيمىز، بۇنىڭدا چۇقۇم بىر قىلتاق يۇشۇرۇنغان دەيىتتى، مەمەتنىڭ ئايالى زورىخان بولسا مەمەتنى ھەدەپ ئاقلايىتتى، ئۇ ئوغىرلىق بولغان كۈنى مەن بىلەن بىرگە تۇرسا قانداقمۇ ئوغىرلىق قىلسۇن! جېنىم دادا! ئۇچۇقۇم ئالدامچى، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭ دەپ ياقا يىرتىپ يېغلايىتتى.ئەسلىدە مەمەت بىلەن زورىخان توي قىلغاندىن كىين بىر كېچىسى مەمەت زورىخانغا ئېيتتى، مەن ساڭا قول ياغلىق بەرگەندىن كىين يۈرۈكۈڭ كۆيگەندەك بۇلۇپ، مېنى ياخشى كۆرۈپ تورالماي قالغانسەن دېدى، نىمە داۋاتىسەن، يۈرىگىم ھېچقانداق كۆيگەندەك بولىمىدى، شۇ سېنىڭ غەيرەتكە كېلەلىگىنىڭگە خوشال بۇلدۇم، سەن قول ياغلىق سوۋغا قىلمىغان ۋاقتىڭدىمۇ مەن سېنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرەتتىم، قول ياغىلىق سوۋغا قىلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدىمۇ دېدى مەمەت، ۋاي نىمانداق گەپ قىلىسەن، بىرەيىل ئىلگىرى دېسەممۇ بۇلىدۇ، مەمەت بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ زورىخاننى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىرلىرىنى زورىخانغا ئېيتىۋىدى، زورىخان كۈلۈپ كەتتى، سەن تازا ئەخمەق ئىكەنسەن، ئۇقۇمىغان ئادەم دىگەننى، ھەي دەپ قويدى، مەمەت شۇنىڭدىن باشلاپ روزىغا سەل گۇمان بىلەن قاراپ كېلىۋاتقاندى، لىكىن ئۇ گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ باشقىلارنى ئىستقان ئىشىنى قانداقمۇ مەھەللىدە دەپ يۈرەلىسۇن.  مەمەتنىڭ ئۈلۈمى بىلەن مەھەللە بىر مەزگىل سۈكۈتتە تۇردى، بەزىلەر مامۇت ئاخۇنغا يامان كۆزى بىلەن قاراتتى، بەش تاغار ياڭىقىڭ شۇنچە چوڭ نەرسىمىدى؟ بىر ئادەمنىڭ جېنىدىنمۇ مۇھىممىدى، ئەمدىلا 18ياشقا كىرگەن بۇ يىگىت مۇشۇ تۆتتال ياڭىقىڭ سەۋەبىدىن جاندىن ئايرىلدى ئەمەسمۇ دەيىتتى. بۇگەپلەرنى ئاڭلىغان مامۇت ئاخۇن ۋاي پۇق يەپتىمەن ئەمەسمۇ، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق ئاخىرلىشىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. دەيىتتى، مەمەتنىڭ يەتتە نەزىرسىنى بىرىلگەن كۈنى مامۇت ئاخۇنمۇ يەتتە نەزىرگە قاتناشقىلى بارغان ئىدى. مەمەتنىڭ دادىسى مامۇت ئاخۇننى كۆرۈپ خۇددى ئوغلىنىڭ قاتىلىنى كۆرگەندەك بولدى دە ئامباردىن بىرتاغار ياڭاق ئېلىپ چىقىپ تويە مانا ياڭاق دىگەن مۇشۇ، ئوغلۇمنىڭ قاتىلى، ھۇ مۇناپىق دەپ ياڭاقلارنى مامۇت ئاخۇننىڭ ئېغىزىغا تىقىپ، ئۇرۇپ، ئاغىزى بۇرنىنى قان قېلىۋەتتى، بىر نەچچە جامائەتلەرنىڭ ئاجىرتىۋىتىشى بىلەن مامۇت ئاخۇن قېچىپ قۇتۇلدى. مامۇت ئاخۇن ئەمدى سىرتقا خاتىرجەم چىقاممايدىغان بولدى، ئۆزىنىڭ بۇ ئازغىنە مال-دۇنيانى دەپ روزىنى ئىزدەپ بارغانلىقىدىن ناھايىتى پۇشايمان قىلسىمۇ لىكىن ھەقىقى قاتىلنىڭ روزى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ روزىنىڭ ھەقىقتەن بىر ئەۋلىيا ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنەتتى. مەمەتنىڭ ئۆلۈمىدىن كىين ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقانلار خېلى كۆپ ئىدى، ئەمدىلا توي قىلغان زورىخان ئۆزىنى قانچە قېتىملاپ تىللايىتتى، نىمىشقىمۇ تۇز ئېشى ئىچكىلى چىققىلى قويغاندىمەن، قۇرسۇقۇمدىكى بالام بىر ئۆمۈر يىتىم بۇلىدىغان بولدى. ھەي ئېسىت! مەن نىمىدىگەن شور پىشانە، نىمىشقىمۇ كىشىلەر بو ئالدامچىغا ئىشىندىغاندۇ، مېنىڭ مەمىتىم شۇنداق ياخشى ھەمرايىم ئىدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ھەقىقى بەختىمنى تاپقان ئىدىم. مانا ئەمدى ھەممىدىن ئايرىلدىم دەپ كۈنلىرىنى يېغا-زار بىلەن ئۆتكۈزەتتى. يەنە بىر ئازاپلىندىغان كىشى بولسا ئوغىرى كېرەم ئىدى. ئۇ مەن ساڭا يۈز كىلەممەيمەن، ئۈلۈمگە لايق ئادەم ئەسلى مەن ئىدىم، مەن ئازغىنە مال-دۇنيانى دەپ سېنى ئۈلۈمگە ئىشتەردىم، ۋاي ئېسىت! شۇ تاغارلاغا غازاڭ قاچىلاپ قويۇپ قويغۇچە، ياڭاقنى ئاپىرىپ بەرسەم بولماسمىدى دەپ ئۆز-ئۆزىنى تىللايىتتى. شۇنداقتىمۇ ئەسلى ئوغىرى مەن ئىدىم، روزى بولسا ئالدامچى دەپ ئېيتالمايىتتى.
مەھەللىدىكىلەر ئەمدى روزىغا بۇرۇنقى نەزىرى بىلەن قارامايدىغان بولدى، ئۇنىڭدىن قورۇققاندەك ۋە بەزىدە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەندەك قارىشاتتى، روزىمۇ شۇ ۋەقەدىن كىين كېچىلىرى خاتىرجەم ئوخلىيالمايدىغان بۇلۇپ قالدى.غېنى بولسا روزىنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر ئۇستام راستىنلا ئەۋلىيالىق ماقامىغا يىتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالدى.
10.زاۋال تاپقان ئاچكۈزلەر
مەمەتنىڭ ۋەقەلىكى ئاستا-ئاستا ئەستىن كۆتۈرلىشكە باشلىدى، روزىنىڭ مۇرتلىرى قايتىدىن ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئاپئاق خۇجىغا تەڭلەشتۈرەتتى. ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى، روزىنىڭ چونتىكىمۇ پولغا تولدى، بىر كۈنى روزى بىلەن غېنى يېغىلغان پۇللارنى ساناپ كۆردى ساپساق 18500.00يۈەن ئىدى. ئۇ توختى ئاخۇننى چاقىرىپ ئېغىلدىكى روزىغا تەۋەللۇق مال-چارۋىلارنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇردى، روزىلارنىڭ بۇ ھەركەتلرىدىن ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا بۇ يۇرتتىن تېكىۋىتىشنىڭ پىلانىنى تۈزىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بۇلاتتى. توختى ئاخۇن روزىنىڭ پەرمانىنى بەجا كەلتۈرۈپ سېتىلغان ماللارنىڭ پۇلىسىنى تاپشۇردى، بۇ پۇل ساپساق 1800.00يۈەن ئىدى. روزى 300سوم پۇلنى توختى ئاخۇنغا بەردى توختى ئاخۇننىڭ خوشاللىقىدىن ئاغىزى قولىقىغا يەتتى. روزى  مەخپى ھالدا كېتىشنىڭ پىلانىنى تۈزىۋاتاتتى لىكىن ئۆزىنىڭ كېتىپ قېلىشىنى پەقەتلا چاندۇرمايىتتى. ئۇ بىركۈنى توختى ئاخۇننى چاقىرىپ ئۆزىنىڭ توختى ئاخۇنغا كۈيئوغۇل بۇلۇش ئىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېيىتتى، توختى ئاخۇن بۇ ئامەتتنىڭ ئاخىرى ئۆزىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خوشاللىقىدا نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ۋە بۇ ئىشنى دەرھال ھۆرۈلخانغا ئېيىتتى، ئۇلار ناھايىتى خوشال بۇلۇشتى، روزى توختى ئاخۇنغا تويلۇق ئۈچۈن 1000.00يۈەن بەردى، توينى چوڭ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى پەقەت ئىچكى جەھەتتىنلا نىكاھ ئۇقۇپ، ئشنى تىزدىن پۈتتۈرۈشنى تاپىلىدى، شۇ تاپتا توختى ئاخۇن بىلەن ھۆرۈلخان بىرنىمىلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، قىزى ھەبىبە بولسا ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار قىزىغا بازاردىن تويلۇق مېلى سېتىۋالغاندىن كىين نىكاھ ئۇقۇتماقچى بولدى، غېنى روزىدىن سورىدى، ئۇستام دەسلەپتە توختى ئاخۇن بۇ ئىشنى سىزگە پۇرتىۋىدى،سىز قاقاقلاپ كۈلۈپ قوشۇلمىغان ئىدىڭىز، ئەمدى بۇ نىمە قېلىق دېدى. ئەخمەت دېدى روزى، ھازىر بىز بۇ يەردىن كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز، زاڭ ماللارنىمۇ پۇلغا ئايلاندۇرۇپ بولدۇق، تەييار لوك گۆشنى يىمەي كېتىشكە قانداقچە كۆڭلۈم ئۇنىسۇن، ئۇستام ئەمسىە ماڭىچۇ؟ ساڭىمۇ بۇلىدۇ، ئالدىرماي تۇرغىن دېدى روزى. نىكاھنى غېىنى ئۇقۇدى، روزىنىڭ تەلبى بۇينچە قىز نىكاھقا ئارىلاشتۇرلمىدى، پەقەت توختى ئاخۇننڭ بەردىم دىگەن گېپى ھېساپ بۇلدى. توي كېچىسى ھۆرۈلخان قىزىنى روزى تورغان ئۆيگە سولاپ بېرىپ ئىشكنى سىرتىدىن قۇلۇپلاپ چىقىپ كەتتى، قىز ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ سېتىلغانلىقىنى بىلدى، قىز ھەرقانچە قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ لىكىن بىر قورام تاش بىرغۇنچە گۈلنى بېسىۋالغاندەك، روزىنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، روزى ئۆزىنى ناھايىتى بەخىتلىك ھىس قىلدى، ئۇ ئەسلى ئەتىسلا كەتمەكچى ئىدى،لىكىن شېرىن كۈنلەرنى تاشلىغۇسى كەلمەي، بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قالدى. قىز ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىدىن ناھايىتى ئۆرتەندى، ئۆزىنى سېتۋاتقان ئاتا-ئانىسىغا نەپرەتلىرى ياندى، ئۇ ئانىسىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن نارازى بۇلۇپ ئانىسىغا سوئال قويدى. ئانا مېنى نىمە گۇناھىمغا بۇ ئازاپقا دۇچار قىلىسەن؟ نىمىشقا ئازغىنە پۇلغا مېنى سېتىۋىتىسەن؟ پوق يىمە قانچۇق دېدى ھۆرۈلخان:- ئەۋلىيانىڭ خىزمتىدە بولساڭ، ئىككى ئالەملىك بەخىت سائادەتكە ئېرشىسەن، بىزمۇ سېنىڭ سايەڭدە بەخىت سائادەتكە ئېرىشىمىز. قىز بۇلدۇقلاپ يېغلاپ كەتتى.
روزى ئەمدى قايتىشنىڭ كويىغا چۈشتى، ئەمدى كېتىدىغان بولدۇم بۇ قانجۇقنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بولسۇن، مەن يۇرتۇمغا قايتىپ ئىشنى يېڭى باشتىن باشلايمەن، ئەمدى بۇ قانجۇقنى غېنىغا بىر ئىلتىپات قىلاي دەپ ئويلىدى، ۋە قىزغا بولغا بىر قېتىملىق پەش كەشلىكىنى تاماملاپ بولغاندىن كىين غېنىنى چاقىرىپ قۇلىقىغا بىرنىملەرنى پىچىرلىدى، غېنى بولسا روى تورغان ئۆيگە كىرىپ كەتتى. روزى بولسا غېنىغا يېڭىدىن تۇتۇپ بەرگەن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. قىز ئۆزىنىڭ قىلچىلىك قەدىر-قىممىتىنىڭ يوقلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىپلاسلارنىڭ قۇلىدىكى بىر ئويۇنچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدى.
ئۇلار تەڭ كېچە بولغاندا بۇ مەھەللىدىن غايىپ بۇلۇشنى پىلانلىغان ئىدى، روزنى بۇ كېچىدە غەپلەت ئۇيقۇسى باستى، غېنى بولسا تۇنجى قېتىملىق ئادەم تىرىسىگە كىرىپ باققانلىقىدىن بۇ كېچىنىڭ تاڭ ئاتماسلىقىنى ئۈمۈد قىلاتتى. روزى كېچىدە چۈش كۆردى، چۈشىدە ئۇ مۇز ئۈستىدە تۇرغۇدەك، ئۇ ئورنىدىن توراي دەپ ھەركەت قىلۋاتسا يەنە تېيىلىپ يېقىلىپ كەتكۈدەك، ئۇ غەيرەتكە كېلىپ ئورنىدىن تۇرشىغا ھېلىقى بىگۈناھ ئۈلۈپ كەتكەن مەمەت قاراپ تۇرغۇدەك، روزى نىمە قىلماقچى سەن؟ دىيشىگە، مەمەت روزىنىڭ گېلىنى كاپلا سىقىپ، قان-قساسىمنى ئالماقچى مەن بۈگۈن سېنى ھايات قويمايمەن، قان قساس....قان قساس... روزى چىلىق-چىلىق تەرلەپ ئويغاندى. روزىنىڭ يۈرىكى ئىختىرايسىز گۈپۈلدەپ سۇقۇپ، چىرايى ساماندەك سارغىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ شۇئان دەرھال ئاخشامقى پىلانى ئىسىگە كەلدى، ھەي كېچىكىپتىمەن ئەمەسمۇ، ھېلىقى قانجۇق بۇ ئىشلىرىمنى پاش قىلىپ قويسا قانداق قىلامەن دەپ ئويلاپ، غېنىنىڭ ئۆيىگە كىردى، قارىسا غېنى بىخارامان ئوخلاۋاتاتتى، يېنىدا بولسا قىز يوق ئىدى. –ھوي قوپقىنە ئىشەك، قىز قېنى؟ ۋاي تاڭاي، قاچانلاردا چىقىپ كەتكەندۇ. قىز ناھايىتى سەھەر ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيىتتى. ھۆرۇلخان ناشتىلىق بىرىۋىتىپ روزىدىن قىزىنى سورىدى، روزى سەل جىددىيلىشىپ، ئۇ رەھمەتلىك بوۋام چۈشۈمگە كىرىپ قاپتىكەن دەپ توپراق بېشىغا كەتكەن ئىدى دېدى. ھە شۇنداقمىدىكى دېدى ھۆرۈلخان خاتىرجەم بۇلۇپ. توختى ئاخۇنچۇ دەپ سورىدى روزى؛-مەسچىتكە كەتكەن ئىدى، ئۆزلىرى! ھە مەن بۈگۈن سەل مىجەزىم ياخشى ئەمەس بارالمىغان ئىدىم.
توختى ئاخۇن بۈگۈن ئادىتى بۇينچە مەسچىتكە ماڭدى، ئۇ مېڭىش ئالدىدا روزىنى ۋە غېنىنى ئويغاتماقچى بولدىيۇ لىكىن يېڭى توي قىلغان كۈيئوغلىنى چارچاپ قالغان بولسا كېرەك دەپ ئويغىتىشتىن يالتايدى ۋە مەسچىتكە باردى. مەسچىتتە كەلگەن جامائەت بۈگۈن ئادەتتىكىن كۆپرەك بىلنەتتى، مەسچىتتە بۈگۈن يېڭى مېھمان ئوغرى كېرەممۇ بارئىدى، ناماز ئاخىرلىشىپ جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى، ئارىدىن بىرىنىڭ يېغلىشى ھەممەيلەننى ئارامىنى بۇزدى، بۇ ئوغىرى كېرەم ئىدى، جامائەت! يۇرتداشلار، مەن سىلەرگە يۈز كىلەممەيمەن، كېرەم ھۆكىرەپ يېغلاپ كەتتى.. جامائەتلەر ھەيران قېلىشتى، كېرەم جامائەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئوغىرلىق قىلىش جەريانىنى، بىرنجى قېتىم ئوغىرلىغان نەرسىلىرىنى توپا بىلەن قېتىپ تاپشۇرۋىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەخمەت قىلىنغانلىقىغا ئاداۋەت ساقلاپ ئىككىنجى قېتىم ياڭاق ئوغىرلاپ، بىگۇناھ مەمەتنىڭ ناھاق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئۆزىنىڭ سەۋەپچى ئىكەنلىكىنى ۋە روزىنىڭ بىر ئالدامچى ئىكەنلىكىنى جامائەتلەرگە پاش قىلدى.
جامائەتلەر ھەيران قېلىشتى، بۇلۇپمۇ توختى ئاخۇن ھوشىدىن كەتكىلى تاس-تاس قالدى. جامائەتلەر غەزەپ-نەپرىتى تېشىپ چىققان ئىدى. ئۇلار بىر بەن ئەسكەردەك سەپ تۈزىشىپ توختى ئاخۇننىڭ ئۆيىگە مېڭىشتى توختى ئاخۇنمۇ جامائەتلەر بىلەن بىرگە مېڭىشتى. ئۇلار روزىنڭ ۋە غېنىنىڭ ئۆيلىرىنى ئاقتۇرۇشتى، دەرۋەقە روزى ۋە غېنى ئاللىقاچان تىكىۋەتكەن ئىدى.
ئەسلىدە روزى بىلەن غېنى ئۆزىنىڭمۇ توپراق بېشىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يولغا چىقتى ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن قېچىپ كېتىش ئويى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايىتتى، چۈنكى روزى نەخ پۇلنى قوينىغا سېلىپ خورجۇندىگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ قويغان ئىدى.
روزى ئەۋلىيا قېنى دېدى جامائەتلەر ھۆرۈلخانغا، ئۇلار تۇپراق بېشىغا چىقىپ كەتكەن دېدى ھۆرۈلخان نىمە ئىش بولغانلىقىنى زادى ئاڭقىرالماي. جامائەتلەر توپراق بېشىغىمۇ باردى، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ سايىسىنى تاپقىلى بولمايىتتى، جامائەتلەر مەھەللە باشلىقىنىڭ  ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئىككى گۇرپىغا بۆلۈندى، بىرسى مەھەللىنىڭ چىگرا تەرىپدىن قوغلىدى، يەنە بىر گۇرۇپپا مەھەللىنىڭ ئورمانلىق تەرىپدىن قوغلاپ ھەر ئىككى گۇرۇپپا قاراتال دەرياسى بۇيىدا ئۇچراشماقچى بولدى، بىرنجى گۇرۇپپا قوغلاۋىتىپ بىخارمان كېتىۋاتقان ئىككەيلەننى كۆردى، توختا ۋۇ قىزىل كۆز ئوغىرلا، توختا، ئۇلارنىڭ قەدەملىرى تىزلىشىپ، بارغانسىرى تىز قېچىشقا باشلىدى، لىكىن ئۇلار ئىككىنجى گۇرۇپپا جامەئەتنىڭ نەخ ئالدىغىلا چۈشتى. نەگە بارماقچىدىڭ دەپ سورىدى، مەھەللە باشلىقى، ئىمامى جافىر مازىىغا دىيشى بىلەن غەزەپكە تولغان كېرىم تۈز مۇشىت بىلەن روزىنى نەچچە موللاق ئاتقۇزىۋەتتى، ئارقىدىن غەزەپكە كەلگەن ئەترەت باشلىقى ئارقىسىغا بىرنى تېپىپ يەرگە ماقچايتىۋەتتى. جامائەتلەر ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىدىن ئىشتىشىپ روزى ۋە غېنىلارنى كەنىت تەشكىلىگە ئېلىپ باردى. ئەھۋالنىڭ تىگىى ماھىيتىگە يەتكەن كەنىت باشلىقى يېزىلىق ساقچىخانىغا مەلۇم قىلدى. مەلۇم بۇلىشىچە جاۋاپكار روزى، غېننى خەلقنىڭ نادان، فىئودال خۇراپاتلىق تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەسدايدىل پىلانلاش، پوختا ئورۇنلاشتۇرش ،تەسەددىبى ئۇدۇل كېلىپ قېلىشتىن پايدىلىنىش ئارقىلىق  98نەپەر ئاممىنى ئالدىغان، 22مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى خەلقنىڭ مال-مۈلىكىنى قاقتى-سوقتا قىلغان، پارتىينىڭ دىنى سىياسىتىگە قارشى چىقىپ بىدئەت تارقاتقان، بىگۈناھ كىشىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن قاتارلىق جىنايەتلەربىلەن ئەيىپلىنىپ، ئۆلۈم جازىسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئالدامچىغا شارئىت يارتىپ بەرگەن، قانۇنسىز نىكاھ ئارقىلىق قىزىنى ئالدامچىغا بەرگەن، روزىدىن 3000.00يۈەندىن ئارتۇق نەخ پۇل ماددى بۇيۇم ئالغان توختى ئاخۇنغا مۇددەتلىك 3يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى. غېنىغا بولسا 5يىللىق قاماق جازاسى، ئوغىرى كېرەمگە بولسا جىنايىتىنى تۇنۇپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلدى.
خاتىمە
كىشىلەر بۇ قىشتىكى پاجىئەلەر ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ناھايىتىمۇ نادان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتتى، كېرەم تۇرمىدىن چىققاندىن كىين مەھەللە بۇينچە ئەڭ ياخشى ئادەم بۇلۇپ قالدى، ئۇ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلاتتى، ئاجىز، قېرى كىشىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى كېرەم ئۆزى قىلىپ بىرەتتى، ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇشنى ئويلايتتى. ھۆرۈلخان بولسا ئۆزىنىڭ نادانلىقىدىن ئۆزى نۇمۇس قىلىپ، توختىماستىن مەكتەپ ھويلىسىنى سۈپۈرىدىغان، قەيەردىن ئوتۇن تاپسا مەكتەپكە توشۇيدىغان بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش نادانلارنىڭ ۋە كىينكى ئەۋلاتلارنىڭ پەقەت پارتىينىڭ مائارىپ سىياسىتى ئارقىلىق يەنى مەكتەپ ئارقىلق قۇتۇلۇپ چىقىشىغا تۇلۇق ئىشنەتتى.كەنىت تەشكىلى بولسا ھازىر ئاققۇن نۇپۇسلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرەتتى، سىرتتىن بىكاردىن-بىكار ئادەم كېلىپ تۇرماق بىرەري ئىت-مۈشۈكمۇ، روخسەتسىز كەنىتگە كىرەلمەيىتتى.
تۇپراق بېشىدا ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن، بەللىرى موكچىيىپ كەتكەن بىر كىشى يېغلاۋاتاتتى،. بۇ كشى توختى ئاخۇن ئىدى. رىشاتكە ئۈستىگە ئويۇلغان 1975-يىلدىن 1990-يىلغىچە دەپ خەت ئويۇلغان ئىدى. قەبرىدىكى بولسا، ئازاپ-ئۇقۇبەت تۈپەيلىدىن بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن توختى ئاخۇننىڭ قىزى ئىدى.



ئاپتۇرى: خوتەن ناھىيە لايقا يېزىلىق ئەمگەك كاپالەت ئورنىدىن


ھۆرمەتلىك تورداشلار، تۇنجى ئەسىرىمگە باھا بىرىپ قويۇڭلار.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

خاتالىشىش ئەيىپ ئەمەس بەلكى خا

UID
3388
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1795
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، مەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان ئەمما قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىپ بولالمىغان ، گەرچە يۈز بەرگەن ۋەقە تۈپتىن ئوخشىمىسىمۇ خارەكتېرى ئوخشايدۇ . رەھمەت جاپا تاتتىڭىز ...........

كۆيۈمچان ئەزا

خوشاللىق ئۇنتۇل

UID
5688
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2175
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-24
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى تەسىرلىك يېزىلىپتۇ . بۇرۇن مۇشۇنداق ساددا ئادەملىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. بىر قېتىمدىلا يېزىپ تۈگىتىپسىز . بەك ياخشى قىلىپسىز . باشقىلار بولغان بولسا ئاز دىگەندىمۇ تـۆتكە بۆلۈپ يازاتتى ئادەمنى تەقەزا قىلىپ . ئەجرىڭىزگەكۆپ رەھمەت .

UID
33235
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-3-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-25
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 13 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت،،،جاپا چېكىپسىز،،

UID
3677
يازما
81
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2481
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-25
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى ئەزەلدىن سۈپەتكە تۇلىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.بۇ تېمىنىڭ مۇشۇنداقلا تەستىقلانغىنىدىن تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن.بۇ ھەرگىزمۇ بۇ تېمىنى ناچاركەن دىگىنىم ئەمەس.نوپوزلۇق توربەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەلكۈيى يوللانغان تېمىلارغا ۋە باشقۇرغۇچىلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇشى كېرەك.مەن بۇ تېمىنى تولۇق ئوقۇمىدىم .سەۋەبى:تېما تەستىقلىغۇچى بۇ تېمىدىكى قەدەمدە بىر كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرىنى كۆرمىگەنمىدۇ؟تىلىمىزدىكى تېنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىمۇ؟بۇ ھىكايىمۇ ياكى بايان خاراكتىرلىق ماقالىمۇ؟

UID
3677
يازما
81
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2481
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-25
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى ،مەن سىزنىڭ ئەمگىگىڭىزنى ھۆرمەتلەيمەن.تۇنجى قېتىم تېما يوللىغان ئىكەنسىز.قىزغىنلىقىڭىزغا سۇغاق سۇ سەپكۈم يوق ئىدى .ئەمما بۇندىن كىيىن تېما يوللىغاندا يۇقىرىدىكى پىكرىمنى ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز.خىرىس ئىچىدە تۇرىۋاتقان سۈيۈملۈك ئانا تىلىمىزنى ئۈزىمىز بولسىمۇ قەدىرلەيلى،قوغدايلى،ئاسرايلى.بۇ ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بورچى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش