bargiya يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 10:31 
جىسمى راھەتلىك كىشىنى ھۇرۇن ۋە تەۋرىمەس قىلىپ قويۇدۇ، ...
راھەتكە ئىنتىلىش مەنچە ئۇنچە يامان ئىش ئەمەس ، پەقەت ئىنسان نېمىنىڭ ھەقىقىي راھەت ۋە لەززەتلىكىنى بىلەلىگەندە قوغلاشقان شۇ راھەت ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇرچى بىلەن باراۋەر بولىدۇ . مەسىلەن ، ئىلىمنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى ھېس قىلالايدىغان بىرەيلەن بىر ئۆمۈر ئىلىم ئىگەللەش يولىدا زىيازەت چېكىشى مۇمكىن ، شۇ كىشىگە نىسبەتەن سىز بۇنى قانداقمۇ رىيازەت چەكتىڭ دېيەلەيسىز ؟ بۇ زىيازەت ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر راھەتتەك تۇيۇلىدۇ ، ئۇ دەل مۇشۇ خىل راھەتنى قوغلاشقۇچىدۇر .
بۇ پەقەت تونۇش مەسىلىسى . ھېكايىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاساسىي بولسا كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ، ئەھمىيەتسىز ۋە ۋاقىتلىق راھەتكە ئىنتىلىش پىسىخىكىسىنى تەنقىد قىلىش ئىكەن . زوردۇن سابىرنىڭ قارىشىچە جىسمانىي راھەتنىڭ تىزگىنىكىدىن قۇتۇلۇپ روھىي ئازادىلىكنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن راھەتسىزلىك ئۇقۇمى مەۋجۇد بولمايدۇ . بۇنداق ئادەملەر ھاياتنى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ ، بۇلار ھاياتنىڭ قىممىتىنىڭ روھىي ئازادلىقتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئادەملەر بولغاچقا بۇ خىل ئادەملەرنىڭ سانى ئۇلغايسا مىللەتنىڭ ئومۇمىي يۈكسىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ئاپتۇر بۇنى مۇنۇ بايانلىرىدا مەزكەزلىك ئوتتۇرىغا قويغان : ‹‹ روھىنىڭ جىسمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى تىلەيدىغان ئادەملەر مەۋجۇت. بىر مىللەتتە شۇلارنىڭ سانى قانچىلىك كۆپەيسە، ئۇ مىللەت شۇنچە روناق تاپىدۇ. راھەتكە ئىنتىلىدىغانلار قانچە كۆپەيسە، ئۇ مىللەت شۇنچە تېز ھالاك بولىدۇ. بۇ دېگەن ئۆلمەس قانۇنىيەت! ››
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-23 23:17):
رىيازەت دەپ ئوقۇلغاي
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-23 23:18):
بەرگىيە ھەدىمىزنى مۇنبەردە كۆرمەس بولۇپ كېتىۋاتىمىز دىسە ؟!