ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ، ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ كىرزىس تۇيغۇسى تۇرغۇزىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىر فىلىم . بۇ قىسقا فىلىمدىكى جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .
-_______________________
بىلەمسىز ؟
ئەگەر سىز جۇڭگودىكى بىر مىليون ئادەم ئىچىدىن تاللانغان تالانت ئىگىسى بولسىڭىز ، سىزنىڭ 1300 رىقابەتچىڭىز بار . جۇڭگو ئۇزۇن ئۆتمەيلا دۇنيادىكى ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالىدۇ .
بىلەمسىز ؟
ھېندىستاندىكى ئىدراك نومۇرى (IQ) يۇقۇرى بولغان %25 ئادەملەرنىڭ سانى ، ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىدىن كۆپ . ھېندىستاندىكى تالانتلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بالىلاردىن كۆپ .
بىلەمسىز ؟
2010-يىلى ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان 10 كەسىپ 2004- يىلى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . بىز ئوقۇغۇچىلارنى ، ھازىر تېخى مەۋجۇت ئەمەس كەسىپلەرنى قىلالايدىغان ، ھازىر مەۋجۇت بولمىغان تېخنىكىدىن پايدىلىنالايدىغان ، بىز تېخى ئويلاپ يەتمىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيەلىشىمىز لازىم . ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىدارىسى (The U.S. Department of labor ) نىڭ ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن . ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار 38 ياشقا كىرگەندە ، ئۇلار قىلغان خىزمەتلەرنىڭ تۈرلىرى 10 دىن 14كىچە بولىدۇ . 4/1 ئادەم ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەت ئورنىدا بىر يىل ، 2/1 ئادەم بەش يىل تۇرالمايدۇ .
بىلەمسىز ؟
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدىكى 8/1 يېڭىدىن توي قىلغانلار ، كومپىيوتىر تورى ئارقىلىق تونۇشقان . ئالاقە تور بېكىتى MySpace نىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئەزاسى 200 مىليوندىن ئاشقان . ئەگەر MySpace نى بىر دۆلەت دەپ قارىساق ، دۇنيادىكى 5- چوڭ دۆلەت بولۇپ قالىدۇ . ( ھىندونوزىيە ۋە بىرازىلىيە بىلەن تەڭداش) كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەت بولسا بىرمۇدا تاقىم ئاراللىرى ، ئامېرىكا 19 - ئورۇندا ، ياپونىيە 22- ئورۇندا تۇرىدۇ .
بىلەمسىز ؟
بىز ھازىر ئۇچۇر پارتىلاش دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز ، ھازىر گوگۇل (Google) نىڭ بىر ئايلىق خىزمەت مىقدارى 31 مىليارد تۈرلۈك ئۇچۇر ئىزلەش بولسا ، 2006-يىلى بىر ئايدا 2مىليارد 700مىليون تال ئۇچۇر ئىدى . گوگۇلدىن بۇرۇنقى دەۋىردە ، كىشىلەر بۇ مەسىلىلەرنى كىمدىن سورايتتى ؟ بىرىنچى سودا قىسقا ئۇچۇرى 1992-يىلى 12-ئايدا تارقىتىلغان .( Commercial Text message) بۇگۈنگە كەلگەندە بولسا بىر كۈنلۈك قىسقا ئۇچۇر مىقدارى ، يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ . 50 مىليون ئەزالىق كۆلەمگە يېتىش ئۈچۈن ، رادىيو 38 يىل ، تېلۋىزور 13 يىل ، ئىنتېرنېت تورى تۆت يىل ، IPod ئۈچ يىل ، Facebookئىككى يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان . 1984- يىلىدىكى تور ئەسىلھەسى (Internet Device)مىڭ دانە بولغان بولسا ، 1992- يىلى بىر مىليونغا يەتكەن . 2008-يىلى بۇ سان بىر مىلياردقا يەتتى . بۈگۈنكى كۈندىكى ئېنگىلىز تىلىدا 540 مىڭ سۆزلۈك بار بولۇپ ، شىكسىپىر دەۋرىدىكىدىن بەش ھەسسە كۆپ . نىيويورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بىر ھەپتىلىك مەزمۇنى ، 18-ئەسىردىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈر بويى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرىدىن كۆپ ئارتۇق . ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى 40 مىليارد GB يېڭى ئۇچۇر بارلىققا كېلىدۇ . (ھازىرقى كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دىسكا سېغىمنى 500 GB دەپ ھېسابلىساق ، 80 مىليون دانە قاتتىق دىسكىغا توغرا كېلىدۇ ) بۇ سان ئىنسانلارنىڭ 5مىڭ يىللىق توپلانما بىلىم مىقدارىدىن كۆپ . يېڭى تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلار ھەر ئىككى يىلدا بىر قاتلىنىدۇ . بۇ 4 يىللىق تۈزۈمدىكى تەبىئى پەنلەر ئۇنۋېرسىتى ئوقۇغۇچىسىغا نىسپەتەن ، ئۇنىڭ بىرىنچى يىلدا ئۈگەنگەن بىلىمى ، ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندا ، يېرىمى دەۋىرنىڭ ئارقىدا قالغانغا باراۋەر . ياپونىيە NTT شىركىتى يېڭى نۇر كابىلنى مۇۋەپىقىيەتلىك سىناق قىلىدى. ھەر بىر تال ئوپتىك تالانىڭ يوللاش مىقدارى 14mb بولۇپ ، بۇ خىل نۇر كابىلنىڭ بىر سكونتلىق ئېقىم مىقدارى 2660 دانە CDپىلاستىنكىسى ياكى 210 مىلىيۇن تېلفون مىقدارىغا باراۋەر . مولچەرلىنىشچە كىينىكى 20 يىلدا بۇ ئېقىم مىقدارى ، ھەر 6 ئايدا 3 ھەسسە ئىشىش نىسپىتى بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ . 2013 - يىلى ، ھېسابلاش ئىقتىدارى ئادەم مېڭىسىدىن ئېشىپ كەتكەن كومپىيوتىر بارلىققا كېلىدۇ . 2049-يىلىغا بارغاندا ، 1000 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئادەتتىكى كومپىيوتىرنىڭ ئىقتىدارى ، پۇتكۈل يەر شارىدىكى ئىنسانلار مىڭە ئىقتىدارى يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ .
بىلەمسىز ؟
سىز ھازىر مۇشۇ قىسقا فىلىمنى كۆرىۋاتقان چاغدا ، ئامېرىكىدا 67 بوۋاق تۇغۇلىدۇ ، جۇڭگۇدا 274 بوۋاق ، ھېندىستاندا بولسا 395 بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ . 694 مىڭ ناخشا - مۇزىكا قانۇنسىز توردىن چۈشۈرىلىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-20 16:12