ياغلىق دۇكىنى
(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)
شايى ياغلىق،يىپەك ياغلىق...
ئايچېھرە،گۈلگۈن قىزلار
تاللىشار ئۆزلىرىگە
ياغلىقلارنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى.
يۇرتۇمدا سەھەردىلا
مانا شۇنداق قىزىپ كېتەر
ياغلىق دۇكىنى.
يېپىقسىز ئىشىكتىن كۈلۈمسىرەر
رەڭدار ياغلىقلار
دېققىتىنى تارتماق بولۇپ
كوچىدىكى ياغلىقسىزلارنىڭ.
يەنە ياغلىق تاللىشار
قايدىندۇر كەلگەن ياپياش يىگىتلەر
سوۋغات قىلىپ چىرايلىق ياغلىق،
ئۇتماق بولار نازۇك كۆڭلىنى
جانان قىزلارنىڭ.
خېرىدارىغا ياغلىقلار ئوراپ
ھېرىپ قالماس چىۋەر قوللىرى
ياغلىق چىگكەن پىركازچىك قىزنىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-19 15:41