كۆرۈش: 4903|ئىنكاس: 16

ئىنسانلار ۋە ئازاب   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 13:11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلار ۋە ئازاب



تۇردى توختى



ئىنسانلار – ياشاش ، ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۆلۈم بۇيۇكلىكىگە يىتىش جەريانىدا تۈرلۈك – تۈمەن مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ،بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە، ئىنسانلار ئۈزى ئارزۇ قىلمىغان ،بىراق ياشاش جەريانىدا خالى بولۇشى مۇمكىن بولمىغان، مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئۇچرۇشىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىمۇ بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇدۇ.

بۇ مۇناسىۋەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن مەسىلىلەرنىڭ خارەكتىرىدىن قارىغادا- بۇ مەسىلىلەرنىڭ  قىيىنلىق دەرجىسى يۇقىرى،چۇشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىنتايىن تەس،شەكىللىنىش جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ ،تەشنالىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەر بولۇپ،بۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرپ قىلىش،ھەممىسىنى پايدىلىق تەرەپكە يىتەكلەش،ئىنساننىڭ بىلىش ئىختىدارىدىن  ھالقىپ كەتكەن بولغاچقا،ئىنسان بۇ مەسەلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالماي ئىلاجىسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ تەبىيىتىدىكى بەرداشلىق بىرىش كۈچىمۇ(ئىنسانلارنىڭ جىسمانى ئىقدىدارى) ئوخشاشلا بۇ مەسىلىلەر ئالدىدا  رۇلىنى يوقاتقان بولۇپ،ئىنسانلار ئۈزىنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىغىنى ھېس قىلىشىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ ئۈزىدىكى ناقابۇللۇقمۇ ئىنساننىڭ ئۈزىگە ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ،ئىنسانلارنىڭ ئۈزى-ئۈزىنى ئەيپلەشتەك پۇشايمان ئېڭىنىڭ قوزغۇلۇشىنى جىددىيلەشتۈرۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىنسانلار ياخشىلىقتىن يامانلىق كۈرىدىغان ئەمىليەتلەرگىمۇ دۇچ كېلىدۇ.ئەڭ ئېغىر روھى خورلۇقنى شەكىللەندۈرىدىغىنى يەنىلا باشقىلار ئالدىدا موھتاج بولۇپ،ئۇلانىڭ مەنسىتمەسلىكىگە ئۈچراشتەك رىياللىقتۇر،بۇنداق رىياللىق ئادەمگە خورلۇق-ئازاب،بىچارلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇدۇ.ئازاپ يەنە ئىنسانلارغا مىھرى-مۇھاببەت ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە،مىھرى-مۇھاببەتنى ئازاب ئىچىدە تاۋلايدۇ،بۇ خىلدىكى ئازاب ھەم شىرىن ھەم ئاچچىق بۇلۇدۇ.

يۇقارقىلاردىن شۇنى چۈشىنىپ يىتىشكە بۇلىدىكى-ئىنسانلار ئازاب ئىچىدە ياشاشتەك رىياللىقنى قوبۇل قىلمايدىغانغا ھىچ بىر ئىلاج قىلالمايدىغان،بىلىپ تۇرۇپ، ئازاب چىكىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان ھاياتلىقتۇر.

ئازاب-كىشىلەرنىڭ روھىدا(ئېڭىدا) ئىپادىلىنىدىغان،كىشىلەرگە ئېغىر دەرجدىكى خورلۇق،ئىلاجىسىزلىق،ئاچچىق-ئەلەملىك ھەسرەت تۇيغىسى ، ئار-نومۇس چۈشەنچىسى،شىرىنلىك بىلەن ئىنتىزارلىق يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ھايات قىسمىتى چۈشەنچىسى ئاتا قىلىدىغان پىسخىكىلىق تۇيغۇ.

ئازاب كىشىلەردىكى خۇشاللىقنى بوغۇپلا قويماي،يەنە كىشىلەرگە قايغۇ ئاتا  قىلىدىغان،كىشىلەرگە دەرت-ئەلەم چەكتۈردىغان، كىشىلاردىكى سەۋرى-تاقەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قاتىلىدۇر،ئۇ نوۋىتىدە يەنە كىشىلەرگە گۈزەل تۇيغۇ ئاتا قىلالايدۇ.سەبرى بولسا ئازاب،قايغۇنى يەڭگىللىتەلەيدىغان ئەنگۈشتەردۇر،تاقەت قىلىش ئازاپنىڭ ئۈتۈپ كىتىشىنى كۈتۈش جەريانىدىكى ھەركەتنىڭ ئالمىشىش ھالىتىدىن ئىبارەت ئاڭ قۇماندانلىغى ، ياكى ئازاپنىڭ ئۈتۈپ كىتىشگە بولغان چۇڭقۇر ئىشانچ تۇيغۇسىدا بولۇش جەريانىدىكى ئاكتىپ  پالىيەتنىڭ جۇغلانمىسىدۇر.

مەيلى قانداقلا چۈشەندۇرمەيلى ئىنسانلار ئازاب ئىچىدە ياشاشقا،ئازاب چىكىشكە مەجبۇر بۇلۇدۇ.بۇ خىل ئازاب كۈلپىتى ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنمىغان ئاساستا ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇدۇ.بۇ خىل ئازاپلارنىڭ كۆپ بىر قىسىمىنى ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئىنسانلار ئۈزى ھەسرەت چىكىشكە مەجبۇر بولىدۇ.بۇ خىل مەجبۇر بولۇش،ئىنسان ھاياتىنى خورۇتۇشتا تۈرۈتكىلىك رول ئويناپ،ئىنساننى گۇناھ ئىچىدە ياشىغاندەك بۇرۇقتۇملۇق تۇيغىسىغا گىرىپتار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئىنسانلاردىكى ھاياتقا بولغان مۇھابەتنى سۇسلاشتۇرۋاتىدۇ. بۇنداق روھى ھالەت ئىنسانلارنى چۇڭقۇر مەنىدىكى ئازاب چۈشەنچىسىگە ئىگە قىلىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئازاب ئىنسانلار ئىچىدىكى مىھرى-مۇھابەتنى كۈچلەندۈرپ،ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرسە،يەنە بىر تەرەپتىن شەخسىنىڭ سېغىنىش ئىستىكىنى قوزغاپ،ئادەمدە ئادىمىلىك چۈشەنچىسىنىڭ يىتىلىشىگە يەردەم بېرىدۇ.

مەيلى قانداقلا نوقتىدىن چۈشەنمەيلى ئازاب ئىنسانلارنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتلىقنىڭ بېشىدىن-ئاخىرغىچە سىڭىپ كەتكەن بۇلۇدۇ.بۇنداق سىڭىپ كىتىش ئىنسانلاردىكى غەم – قايغۇ ،  دەرت-ئەلەم، تەشۋىشلىنىش،ھاياجانلىنىش،جىدىلىشىش،غەزەپلىنىش،سېغىنىش…قاتارلىق مۇرەككەپ  پىسخىكىلىق جەريانلىرىدا ئۈزىنىڭ ئىپادىسىنى نامايەن قىلىدۇ،بۇ مەنىدىن قارىغاندىمۇ-ئازاب ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى ھىساپلىنىدۇ.

ئىنسانلارغا ئازاب ئېلىپ كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چوڭ جەھەتتىن ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بۇلۇدۇ.بۇنىڭ بىرسى ئادەم ئىرادىسىگە بوي سۈنماي تەبىئي شەكىللىنىدىغان ئازاب،ئىككىنچى بىرسى بولسا ئىنسان ئۈزىگە، ئۈزى ئاتا قىلىدىغان ئازاپلار،ئۈچىنچى بىرسى بولسا روھى ئىنتىلىش(مىھرى-مۇھابەت) سوغا قىلغان ئازاپتىن ئىبارەت.

1.تەبىيەت دۇنياسى ئاتا قىلغان ئازاپ

تەبىئەت دۇنياسى ئېلىپ كەلگەن ئازاپنى ئىككى نۇقتا بۇيۇچە تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.ئۇنىڭ بىرى تەبئىي شەكىللەنگەن،ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان،تەبىيەت ئاتا قىلغان تەبئىي ۋەقە-ھادىسىلەر ئېلىپ كەلگەن ئازاپ،يەنە بىرسى بولسا ئىنسانلار سۈئىي شەكىلدە پەيدا قىلغان تەبئىي ۋەقە-ھادىسىلار ئاتا قىلغان ئازاپدىن ئىبارەت.

يۇقارقىلارنى تۈۋەدىكى تەرەپلەردىن ئىسپاتلاشقا بۇلۇدۇ.

1)ئىلاجىسىزلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئازاب تۇيغۇسى – ئىنسانلار ئۈزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىدا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك،ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك نەتىچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئۆزى ياشىۋاتقان جەمىيەتتە مۆجىزە خارەكتىرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىختىدارىدىن ئاللاھقاچان ئېشىپ كەتكەن بۇلۇدۇ. ئۈزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش كۈچۈدىن ھالقىپ كەتكەن بۇنداق ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەششەتلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ، ئىنسانلار ئۈچۈن، نەتىجىسىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق.ئىنسان بۇنداق دەششەت ئالدىدا ئىلاجىسىز بولۇپ ۋەقە نەتىجىلەنگەندىن كېيىن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە قارارلار چىقىرىشىدۇ.بۇنداق دەششەت ئىنسانلار قالبىدە ئىنتايىن ئېغىر جاراھەتلەرنى قالدۇرۇپ،ئىنسانلارنىڭ يۈرىگىگە تارتىپ بولغۇسىز ئازاپلارنى سالىدۇ.

مەسىلەن:ئېغىر يەر تەۋرەش،دېڭىز تاشقىنى،كەلكۈن ئاپىتى…قاتارلىقلارنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلىدىغان ئازابىنى ھىچقانداق بىر مەخلۇق ئالدىدىن مولچەرلىۋالالمايدۇ،ئۇلار پەقەت مۇشۇنداق دەششەت ئازاپقا تەسەللى،سەۋرى،مىھرى-مۇھابەت ،ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسىدا بولىدۇ.شۇنداقلا ئازاپلانغۇچىلارنى ئازاب قوينىدا ياشاشقا ئۈندەيدۇ،ئۇلارنىڭ ئازاب قوينىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەملەرنى قىلىشقان بۇلۇشىدۇ.

ئىنسانلار ئۈزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان بۇزغۇنچىلىق خارەكتىردىكى دەششەتلىك ، ئاپەت خارەكتىرلىك ۋەقە ھاسىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بۇلۇدۇ.نۇرغۇن چاغلاردا ئادەملەر ئۈزى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ دەششەتلىك بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ئىنسانلارنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتىشكە قادىر بولالمايدۇ.ئوخشاشلا بۇ ئاقىۋەتلەرنىڭ نەتىچىسىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بۇلۇدۇ.بۇنداق سۈنئىي ھالدا شەكىللەنگەن ئازاب چۈشەنچىسى ئادەملەرنى ئادەملەرگە ئۆچ قىلىش بىلەن بىرگە،ئادەملەرنىڭ ئۈزىگە مەسئۇل بولۇش،ئۈزىنى ۋە ئەتراپىدىكى قېرىداشلىرىنى قوغداش ئىستىكىنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.بۇنداق ئازاپلار ئىنسان تۇپى ئىچىدە ئەبىدىي ساقلىنىدۇ،ھەم ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھەسرەت ئاتا قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنسانلار بۇ خىل ئازاپتىن قۇتۇلۇش يۇلىدا ئىزدىنىپ،ياشاش ئىستىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

مەسىلەن:ئىنسانلار سادىر قىلغان ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى،يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كەشپىياتلانىڭ ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن بالاھى-قازالىرى …قاتارلىقلار پەيدا قىلغان ئىنسانلاردىكى ئازاب چۈشەنچىسى.

2)مۇھتاجلىق(يوقلۇق) ئېلىپ كەلگەن ئازاپلار – ئىنسانلا ياشاش جەريانىدا ئۈزىنىڭ يىڭىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئېتىياجلار كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھتاجلىقلارغا دۇچار بۇلۇدۇ.بۇنداق ئاھۋالدا موھتاج بولغۇچى ئوخشاشلا ئىلاجىسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.بۇلار ئىلاجىسلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يەردىمىگە موھتاج بۇلۇدۇ.بۇ ھالدا باشقىلارنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئەمەس ، مەسخىرىسىگە دۇچار بۇلۇدىغان ئەھۋاللار داۋاملىق يۈز بىرىپ تۇرۇدۇ.بۇ ھال مۇھتاچ بولغۇچىدا خورلۇق تۇيغىسىنى پەيدا قىلىپ،قەلبىى تۈمەنلىگەن ئازاب،زىدىيەتلەرنىڭ كۈرىشىنىڭ ئەسىر بولۇپ قالىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئازاب تارتقۇچىنىڭ ئازاۋىنى يەڭگىلىتىپ بىرىشكە ئىلاجى قىلالماسلىقمۇ كىشى قەلبىدە ئاچچىق ئازاپنى پەيدا قىلىدۇ.بۇنداق چاغدا ئىنسان ئوخشاشلا ئازاب تارقۇچى ئۇچرايدىغان نەتىچىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بۇلۇدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا بۇ خىلدىكى ئازاب،ئىنساننىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى ئاشكارلاپ،ئىنسان قەلبىدىكى ئازاپنىڭ مەڭگۈگە ساقلىنىشىغا سەۋەب بۇلۇدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا ئىنسان دەرت دەستىدىن ئۆرتىنىپ كېتىدۇ.بۇنداق رىياللىق ئادەملەرنى ئالغا ئىنتىلىشكە نىيەت قىلدۇرۇدۇ.

مەسىلەن:ئىنسانلانىڭ سەۋەب قىلىشى بىلەن قۇتۇلغىلى بولىدىغان بەزى ئازاپلادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىنسالارنىڭ ھىممىتىگە ئىرشەلمەسلىك ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈم ئازاۋىنى تارتىشقا سەۋەب قىلالماسلىق،ياكى ئازاپنى تارتىشىپ بېرەلمەسلىك…قاتارلىقلار ئادەمگە ئاپىردە قىلغان ئازاپلار.

3)غېرىپلىق(يىگاھنىلىق) كەلتۈرگەن ئازاپلار – ئىنسانلار ،  ئىنسانلار تەرىپىندىن تاشلىۋېتىلگەندە،ياكى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ رەھمىسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئۇرۇق – تۇغقان ، قۇۋ-قېرىنداش ، دوست-بۇرادەرلىرى … دىن ئايرىلىپ قېلىپ ، ئۆزىنى دۇنيا تەرىپىندىن تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلىپ ،ئۈزىنىڭ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ،  قاتتىق غېرىپلىق ھېس قىلغاندا شەكىللىنىدىغان ئازاب.

بۇنداق ئازاپقا دۇچار بولغان كىشىلەرنىڭ قەلبى ئۆرتىنىپ،ئىچى تىت – تىت بولۇپ ، چەكسىز غەم قايغۇنىڭ ئىچىدە قالىدۇ.بۇ خىل ئەھۋالدىكى ئىنسانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۈزىنىڭ ياشاش ئىستىكىنى يۇقۇتۇپ ، ئازاپتىن،دەرت-ئەلەمدىن بىر يوللا قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئازاۋىنى ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى چوقۇم ھېس قىلالايدۇ،بىراق تەسۋىرلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.

2.ئىنساننىڭ ئۆز-ئۈزىگە ئاتا قىلغان ئازاپلىرى

ئىنساننى شەخسى سۈپىتىدە تەھلىل قىلدىغان بولساق ئىنساننىڭ ئۆز-ئۈزىگە ئاتا قىلىدىغان ئازاپلىرىنىڭمۇ ناھايتى كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتىمىز.تۈۋەندە ئىنساننىڭ ئۆز-ئۈزىگە سالىدىغان ئازاپلىرىنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك شەكىللىرىنى ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتىمەن.

1)ھىسىيات كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئازاب – ئىنسان ھىسىياتچان بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ،ئاسان ھاياجانلىنىدۇ.بۇ ئىنسانلاردىكى ھەم بىر چوڭ ئالاھىدىلىك،شۇنداقلا يەنە نۆۋىتىدە ئۇ بىر كەمچىلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئۇنى ئالاھىدىلىك دىيىشىمىزدىكى سەۋەب ئۇ ئىنسانلارنىڭ بىرى-بىرى بىلەن بولغان چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئىنسانلار جەمىيىتىنى مىھرى-مۇھابەتكە ، گۈزەللىككە پۈركەندۈرىدۇ. ئۇنى كەمچىلىك دىيىشىمىزدىكى سەۋەب ، ئۇ ئىنسانلارنى، قىلىشقا بولمايدىغان،ھېچبولمىغاندا قىلىشقا شەرت-شارايىتى ھازىرلانمىغان ئىشىلارنى قىلىشقا ئۈندەپ ، شۇ كىشىنى ئۆمۈرلۈك ئازاپقا ۋە پۇشايمانغا  دۇچار قىلىدۇ.بۇ ئازاب كىشىلەرنى قاتتىق بىئارام قىلىپ ، ئۈزىدىن سەسكىندۈرىدۇ.نۆۋىتىدە يانا كىشىلەرنى تەجرىبە ساۋاققىمۇ ئىگە قىلىدۇ.

2) ۋىجدان چۈشەنچىسى ئاتا قىلىدىغان ئازاب – ئىنساننىڭ ۋىجدانى ، ئىنساننىڭ قانداق ئىشلارغا مايىل بولۇش ، قانداق ئىشلاردىن سەسكىنىشىنى ئۆلچەپ تۇرىدىغان ئادىل تارازا . ئىنسانلار ئاشا تارازا ئارقىلىق ئۈزىنى دەڭسەپ ، نىمىگە مايىل بولۇش ، نىمىدىن سەسكىنىشىنى بەلگىلەيدۇ .

بەزى ئەھۋال ئاستىدا ئۈزىنىڭ ۋىجدانى پەزىلىتىگە مۇخالىپ ھالدا ، ئۈزى قىلىشنى قەتتىئى خالىمايدىغا پەسكەشلىكنى قىلىپ سالىدۇ .بۇنداق ۋىجدان تىرادىگىيىسى شۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە زەھەردەك زەرداپلارنى پەيدا قىلىپ ،شۇ كىشىنى قاتتىق سوتلاپ ،ۋىجدان ئازاۋىغا سالىدۇ.بۇ خىلدىكى ئازاپتا ئادەم ئۈزىنىڭ گۈشىنى ئۈزى يىگۈدەك بولۇپ ، ئۈزىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ . بۇ ئەمىليەتتە ۋىجدان چۈشەنچىسى كىشىلەرگە ئاتا قىلغان – ۋىجدان  ئازاۋىدۇر . ۋىجدان ئازاۋى ۋىجدانلىق كىشىلەرگە ئېقىل ئاتا قىلىدۇ ،ۋىجدانسىز ئادەملەردە بولسا ۋىجدان چۈشەنچىسى ۋە ۋىجدان ئازاۋى بولمايدۇ .

3) ئىردەسىزلىك ئاتا قىلىدىغان ئازاب – ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىلىك بىلەن بەزى يۈز بىرىشكە تىگىشىلىك بولمىغان ۋەقە – ھادىسىلەر ، ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان  تۇرۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىزلىكى ۋە جۇرئەت قىلالماسلىغى بىلەن ئالدى ئېلىنمىغان ۋەقە – ھادىسىلەر ئىنساننى بىر ئۆمۇر ئازاب ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ.ئەمىليەتتە بۇ خىل ئازاپنى ئىنسانلار ،  ئۈزىنىڭ بولۇمسىزلىكىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىنى بىلگەنلىگى ئۈچۈن بۇ خىل ئازاپنىڭ شۇ كىشىگە بولغان تەسىرى بەك چوڭ بولىدۇ . ئۇ باشقالار ئالدىدا قەرزىداردەك ، ئۈزىگە يۈز كەلەلمەيدىغاندەك ھىسىياتتا بولۇپ ، ئۈزىدىن ئۈزى نومۇس قىلىدىغان ، ئۈزىنى – ئۈزى ياراتمايدىغان چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىرادىلىك ئادەملەر بۇ خىل ئۈزى ئاپىردە قىلغان  ئازاپتىن ئەقىل تېپىش ئۈچۈن تىرشىدۇ . يەنە بىزى-بىر ئادەملەر شۇ خىل ئازاپنىڭ ئۈزىنىڭ ئىرادىسىزلىكىدىن ئۈزىگە ئاپىردە بولغانلىغىنى مەڭگۈ چۈشەنمەي ، باشقىلاردىن ئاغرىغان پېتى بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالىشىدۇ.

4)ياخشىلىق ئاتا قىلغان ئازاپلار – ئىنسانلار ھاياتلىقىدا نۇرغۇنلىغا ساۋاپلىق ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ . بۇنداق ياخشى ئىشلار پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت بىلدۈرىشىگە ، مەمۇن بۇلۇشىغا ، قوللىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ . بۇ ھال ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئاۋىندۇرۇدۇ . ئۇمۇ ئۈزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن سۈيۈنىدۇ .

ئىنسانلار ئىچىدە شۇنداق بىر ناكەسلىقمۇ باركى ياخشىلىق قىلغان كىشىگە يامانلىق قىلىدىغان ، بۇلۇپمۇ ئۈزىنىڭ شەپقەتچىسىگە زەھەرىەندىلىك قىلىپ ، ئۇنىڭ ياشاش يۇلىنى توسۇپ قويىدىغان ، بۇنداق ئەھۋال قىسمەنلىك بولسىمۇ بۇنداق رىياللىقنىڭ بارلىغى ھەممىمىزگە ئايەن .

يۇقارقىدە ياخشى ، ساۋاپلىق ئىشلارنىڭ بەدىلىگە يامانلىققا دۇچار بولغان كىشىلەرنىڭ ئازابىنى ھېچقانداق ئازاپقا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ، بۇنداق كۈتمىگەن نەتىچە شۇ كىشىنى تۇنجۇقتۇرۇپلا قويۇدۇ-دە بۇنداق دىشۋارچىلىق بۇ ياخشى كۈڭۈللۈك كىشىلىرىمىزنى ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشتا  قاتتىق ئويلىنىپ ،ئېتىيات بىلەن ئىش قىلىشقا يىتەكلەيدۇ.

5)ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە قىلىدىغان ئازاپلىرى – ئىنسانلار نوۋىتىدە يەنە ئازراق مەنپەت ، ياخشى شارايىت ، قاتارلىقلارنىڭ ۋەسۋىسىسىدە بىر-بىرىگە قوساق كۆپىنچى ئاتا قىلىدىغان ئىشلاردىنمۇ ساقلىنالمايدۇ ،ھەتتا بۇنداق ئىشلارنىڭ داۋاملىشىشى ئۇلارنى دۈشمەنلىشىش يولىغا باشلاپ ، بىر بىرگە يەتكۈچە ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ(بۇ مەسىلە ھەمىمىزگە ئايدىڭ بولغاچقا بۇ ئورۇندا بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن)

3.روھى ئىنتىلىش (مىھرى-مۇھاببەت) ئاتا قىلىدىغان ئازاپلار

ئىنسانىيەت دۇنياسى مىھرى-مۇھاببەت بىلەن تولغان ، ئىنسانلار تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن بىر بىرىگە مىھرى-مۇھابەت ئاتا قىلىدۇ.بۇ خىلدىكى ئىنسانىيلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ ئادەملار ئارىسىدا دوستلۇق ،مۇھاببەت ، قان-قېرىنداشلىق قاتارلىق بىر-بىرگە بولغان يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى شېكىللىنىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدىكى بۇنداق يېقىنچىلىق نوۋىتىدە كىشىلەرگە يانا ئازاب تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىدۇ.بۇ خىلدىكى ئازاب ھام شىرىن ، ھەم ئاچچىق ، ھەم قىينىلىشچانلىققا ، ھەم ئىرىشىشچانلىققا ئىگە بولغان مۇرەككەپ پىسخىكىلىق جەرياندۇر.

1) سېغىنىش ئاتا قىلىدىغان ئازاب – ئىنسانلار ،  ئۈزىنىڭ ئۈزىدىن ئايرىلغان(ۋاقىتلىق ۋە ۋاقىتسىز ئايرىلغان) يېقىن كىشىلىرىنى سېغىنىدۇ ، ياد ئېتىدۇ.مۇشۇنداق سېغىنىش ۋە ياد ئىتىشلەرمۇ ئىنسانلارغا ئازاب ، پىراق چۈشەنچىسىنى ئاتا قىلىدۇ.

2)كۈتۈش ئاتا قىلىدىغان ئازاپلار – كۈتۈش ئىنسانلانىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ،ئۈزى بىلەن مەسلەكداش بولالايدىغان كىشىلەرنى كۈتۈش ، كۈرۈشۈشكە ئىنتىزار بولۇش جەريانىدا پەيدا بولغان ئازاپلىرىدۇر .  بۇ ئازاپلار ئىنسان قەلبىنى ئىللىتىپ ، ئىنسانلاردىكى بىر-بىرىگە بولغان ئېتىياجنىڭ رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ.كۈتۈش بەزەدە مەڭگۈلۈك  ساقلانغان بولۇپ ، ئىنسان قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ . بۇ ھال كۆپىنچە ئەھۋالدا يۇشۇرۇن ئىپادىلىنىدۇ ، ئازاپنىمۇ شۇ كىشى ئۈزىنىڭ ئىچكى ھىسىياتىدىلا ئىپادىلەش ئۈچۈن تىرشىدۇ .

3)ئايرىلىش ئېلىپ كەلىدىغان ئازاب تۇيغۇسى – ئايرىلىش ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ھاياتلىقىدىكى بىر قاباھەت . بۇ كىشىلەرنىڭ يېقىن كىشىلىردىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن كېلىدىغان ئازاپتىن ئىبارەت . بۇ خىل ئازاپنىڭ دەردى-پىغانى قىسقا ئەمما دولقۇنى كۈچلۈك بولۇپ ،كىشىلەر بۇ خىل ئازاپنى ئۈزاققىچە ئەستە ساقلايدۇ. بۇ خىلدىكى ئازاب ئىنسانلانى قىسقا ۋاقىت رىيال دۇنيادىن ئايرىپ تاشلايدۇ . كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كىشىلەر بۇنداق رىياللىق ئالدىدا ئۈزىنى يۇقۇتۇپلا قۇيۇدۇ ، نېمە قىلارنى بىلمەيدۇ . بۇ ھال قىسقا ۋاقىت داۋاملاشقاندىن كېيىن كىشىلەر ئاستا -  ئاستا ئازاب ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ رىياللىققا يۈزلىنىدۇ.

@@@                         @@@                        @@@

يۇقارقى  ئۈچ تەرەپتىكى مۇناسىۋەتلەنى خۇلاسىلىغاندا ئىنسانلار ئازاب ئىچىدە ياشايدۇ ، ئازاب ئازاۋىدىن ئۆرتىنىدۇ،ئازاپتىن ئۈزىگە ئەقىل-ئىدىرەك ئىزدەيدۇ ، ئازاب بەھرلەندۈرگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بۇلۇدۇ…


(ئۆز يازمام)


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 23:23:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!بۇ يازمىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.
سىزگە پىكرىم:ئىنسانلار – ياشاش ، ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۆلۈم بۇيۇكلىكىگە يىتىش جەريانىدا تۈرلۈك – تۈمەن مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ،بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە، ئىنسانلار ئۈزى ئارزۇ قىلمىغان ،بىراق ياشاش جەريانىدا خالى بولۇشى مۇمكىن بولمىغان، مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئۇچرۇشىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىمۇ بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇدۇماقالىڭىزنىڭ بېشىنى ئوقۇپ قايمۇقۇپ قالدىم،پىكىرلىرىڭىز ياخشى ،ئەمما سەل چېچىلىپ كېتىپتۇ.
يەنە بولۇدۇ ئەمەس بولىدۇ دەپ يازغايسىز.
ئازاپ توغۇرسىدىكى بەزى قاراشلىرىڭىزغا قوشۇلالمايمەن،ئەڭ موھىم يەرلىرى سۆزلەنمىگەندەك ھېس قىلدىم.بولۇپمۇ ئازاپ ئېنىقلىمىسى:چۈشكۈنلۈك،ئۈمۈدسىزلىك،مەغلۇبىيەت،ئۈمۈد بىلەن ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدىكى مۇرەككەپ ھېسسىيات .........دېگەندەك.
مۇھتاجلىق،غېرىپلىق،ئىرادىسىزلىك ئاتا قىلدىغان ئازاپلار توغۇرسىدىكى بايانلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق.مەنچە ھازىر كىشىلەر دېققەت قىلمىغان بىر زەھەرلىك تۇيغۇ ياشلىرىمىزغا خىرىس قىلىۋاتىدۇ،يەنى ئازاپ،دەرىد تۇيغىسى ئېشىپ كەتتى.ئاساسلىق يىلتىزى مۇھتاجلىق،غېرىپلىق،ئېرادىسىزلىك.
جەمىيەت باياشاتتەك،ئادەملەر بىربىرىگە يېقىندەك،ھەممە ھايات ئۈچۈن كۈرەش قىلپ تىپىرلاۋاتقاندەك قىلسىمۇ، يۈرەكتە توشمايۋاتقان بىر بوشلۇقنى ھېس قىلپ تۇرۋاتىمىز.شۇ يىگىتلىرىمىزمۇ «دەردى»ئۈچۈن ئىچىپ چېكىدۇ،قىزلىرىمىزمۇ«دەردى»ئۈچۈن«دەرىد» تارتىدۇ.بۇ ئىچىمىزنى ئاغىرتىپ قاراپ تۇرىدىغان ئىش ئەمەس،بۇ بىر ئېغىر كېسەل،ماڭا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كېسەلنى توغرا چۈشۈنۈپ يول قويۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.بىز پىسخىكىسى ئىنتايىن ئاجىز مىللەت،شۇڭا ئىللەتمۇ جىق مىللەت،دەردىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن جىق.
بۇماقالىڭىزگە جىق ئادەم بەك دېققەت قىلىپ ،ئالاھىدە نەزەر تاشلىماسلىقى مومكىن،لېكىن بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،مىللىتىمىزدە مۇشۇنداق پىسخىكا،دەرىد،ئازاپ توغۇرلۇق ئىزدىنىدىغان بىر بوشلۇق بار،يەنە كېلىپ ناھايىتى تەخىرسىز،بۇ توغۇرسىدا چەت ئەللىكلەرنىڭ كىتاپلىرى بار،ھەقىقەتەن پايدىلىق.لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ  بۇنداق كىتابىنى ئوقۇپ باقمىدىم،ياكى مەن مەن كۆرمەي قالدىممۇ.
ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 00:07:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇماقالىڭىزگە جىق ئادەم بەك دېققەت قىلىپ ،ئالاھىدە نەزەر تاشلىماسلىقى مومكىن،لېكىن
بۇ گېپىمنى ياخشى ئىپادىلىمەپتىمەن،ھەرگىز خاتا چۈشىنىپ قالماڭ.دېمەكچى بۇ ماقالىدە سىز ئوتتۇرغا قويغان ئازاپقا ئادەتتە باشقىلار بەك دېققەت قىلىپ كەتمەيدۇ،چۈنكى ئادەتتىكى ئىش،دەردى يوق كىم بار دەپ سەل قارايدۇ،بەك چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىدىغانلار ئاز.ئەمەلىيەتتە بۇ بىز دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش ئىدى.

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 09:19:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arzuyar
ياخشىمۇ سىز؟
ماقالىنى ئۇقۇپ پىكىر-تەكلىپ بەرگىنىڭزگە رەھمەت،ماقالىدىكى سىز تەكىتلىگەن نوقتىلارغا دىققەت قىلىپ،چۈشەنچىنى تېخىمۇ كەڭرىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىمەن،سىزدىمۇ ياخشى ئوي-پىكىر بولسا ئايىمىغايسىز.
ماقالىنىڭ باش ئابزىسىدىكى سىز تىغا ئالغاندىكى مەزمۇن ئادەملەر ئۈزىگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلەلەيدىغان ۋەقە-ھادىسىلەردىن باشقا ئۈزى خالىمايدىغان،ئادەمگە خۇشاللىق ئەمەس غەلكى ئازاب ئېلىپ كېلىدىغان ۋەقە ھادىسىلەرنىمۇ بىر تەرەپ قىلىپ،ئازاب ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ دىمەكچى،بۇ تەرىپى تازا يۇرۇتۇلۇپ كەتمىگەن ئوخشايدۇ.سىز دىگەندەك،مەزمۇن قۇرۇلمىسىغىمۇ ئەھمىيەت بىرىش زۈرۈر.
سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن!

UID
33110
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 19:16:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 00:55:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى بۈگۈنلا سىزنىڭ مۇنبەردىكى ماقالىلىرىڭىز توغرىسىدا ، بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم . سىزنىڭ تېما ئىنكاسلىرىڭىز ئارقىلىق سىزنىڭ يېزدىكى بىر مەكتەبتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلگەن ئىدۇق . دوستۇم دەيدۇ ، سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزدا داۋاملىق قېلىپقا كىرۋېلىش بار ، ئەركىن پىكىر قىلمايدۇ . مەن دەيمەن ، دەۋىرنىڭ مۇھىتى تۈپەيلى ، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئەركىن پىكىر قىلىش مۇمكىن ئەمەس . كۆپ تالاش - تارتىش قىلغان بولساقمۇ لىكىن بىزنىڭ ئورتاق پىكىرىمىز شۇ بولدىكى ، سىز ھەقىقەتنمۇ مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى ، ئۇقۇتقۇچى دىگەن بۇ شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئادەم دەپ قارىدۇق . تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي . ئىمكان بار تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا ئىگە ماقالىلارنى يېزىپ ، مۇنبەرگە سۇنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-20 00:58):
ئىملايىم ھەجەپ خاتا بولۇپ قاپتۇ ، خىجىلمەن . تۇزۈتۈپ ئوقۇڭلار .

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 17:59:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ArislanMemet
ياخشىمى سىز؟
سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق پاراڭ قىلىشقىنىڭلارنىڭ ئۈزى،مىنىڭ قاراشلىرىمغا،ماقالىدە ئوترىغا قۇيۇلغان نوقتىنەزەرلەرگە كۆڭۈل بىلىدىغانلىغىڭلارنى،شۇنداقلا بىر قېرىندىشىڭلارنىڭ يانىمۇ ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئۈمۈت قىلدىغىنىڭلارنى چۈشەندۈرىدۇ.سىلەرنىڭ بۇ قېرىنداشلارچە مەسئۇل بۇلۇش روھىڭلاردىن سۆيۈندۈم،چۈنكى بۇ ئىنساندا بولىدىغان كۈيىنىشنىڭ يارقىن ئىپادىسى.بۇ يەردە سىزگە ۋە دوستىڭىزغا شۇنداقلا تور دۇنياسىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا ئاللاھدىن رەخمەتلەر تىلەيمەن،ھەم قېرىداشلارغا رەخمەتلىرىمنى بىلدىرىمەن.
سىلەر دىگەندەك مەن بىر ئۇقۇتقۇچى،ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشى ئادەم تەربىيلەش،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىنىڭ ئادەملەرگە بولغان تۇنۇشۇم ھەم ھۆرمىتىم،ئىنسان تۇرمۇشىغا بولغان چۈشەنچەم،باشقا سايىلەرگە بولغان چۈشەنچىمدىن ھەر ھالدا ئارتۇقراق دىيەلەيمەن.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن مۇشۇ ئادەملەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقاي دىگەن ئوي بىلەن ئادەملەر ئۈستىدىن قەلەم تەۋرىتىپ كەلدىم.ئەمىليەتتە سىزمۇ بىلىسىز،بىر يېزا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى قانچىلىك بولىدۇ؟مەن مەيلى مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرىمدا بولسۇن،مەيلى ئىنساننىڭ تۇغۇلۇش،ياشاش ۋە ئۆلۈم توغرىسىدا يازىلغان يازمىلىرىمدا بولسۇن ۋە ياكى بىر قىسىم ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرىمدا بولسۇن،ئاسالىق ئۇقۇغۇچىلارغا،ئاتا-ئانىلارغا،يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىغا ۋە بەزى سىياسەت خارەكتىرلىك مەسىلىلەرگە بولغان تۇنۇشلىرىم،ئۇلار بىلەن بىۋاستە ئارلىشىش،چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.شۇنىڭ ئۈچۈن يازمىلىرىمدا قېرىنداشلار ھىس قىلغان تېيىزلىقتىن دەمماللىققا قۇتۇلۇپ چىقىپ كىتىشمۇ تەس ئىكەن.
ئىككىنچى بىر تەرەپتىن سىز ئويلىغان مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس،ئىمكانىيەت يار بەرسە مەنمۇ ياخشىراق بىر نەرسە يازالىغان بولسام دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن،شۇنداقتىمۇ ئادەم بولغان ئىكەنمىز ئالدىمىزغا قاراپ مېڭىشىمىز زۈرۈر،نەگىچە ماڭالىساق شۇ يەرگىچە ماڭايلى،بۇ مىنىڭچە ماڭمىغاندىن ياخشىراق...
سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن!

UID
15476
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
539
تىزىملاتقان
2011-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 18:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 18:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tunisagul
ياىشىمۇ سىز؟
سىز مۇشۇنداق ئىپادە قونچاقلىرىغا قاچاندىن بىرسى ئامراق بوپ قالغانسىز -ھە
سالامەت بۇلۇڭ!

UID
21267
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 06:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلايمەن بۇدۇنيادا ئازاپ كوپ بولغانسرى تىرچانللق كوپ بولدۇ..شۇڭا غەيرەت قىلىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش