2012-يىللىق نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدە ئەلكۈيى ئېكرانىدا سۆھبەت ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان نورۇز بايرىمىنى تورىمىز ۋە شىركىتىمىزدىكى بارلىق خىزمەتچى - خادىملار نامىدىن چىن دىلىمىزدىن مۇبارەكلەيمىز!
تەبىئەت ئەركىسى، يېشىللىق ئەلچىسى ــ نورۇزنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مۇشۇ قۇتلۇق كۈنلەردە ، نورۇزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي ئىزنالىرى ۋە خەلقىمىزنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللاردا نورۇزنى قۇتلۇقلاشقا تەييارلىق قىلىشلىرى ھەممەيلەننى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئىختىيارسىز پەخىرلىك تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ ئەلۋەتتە.
يېقىندا ئەلكۈيى تورى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىن ئەمدىلا چەتئەلدىن ئويۇن قويۇپ قايتىپ كەلگەن ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ بۇ يىللىق نورۇزنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان «نۇرۇز سەنئەت كېچىلىكى»گە جىددىي رەپىتىس قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇش مەقسىتىدە رەپىتىس قىلىۋاتقان نەق مەيداندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،مۆمىنجان ئابلىكىم،خالمۇرات ئۆمەر ۋە كېچىلىككە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن <<ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى سەنئەتچىلىرىمىز نورۇزغا قانداق تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ>> نامىدىكى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ 2012-يىلى نورۇزنىڭ 21-كۈنى يەنى (نورۇز كۈنى) ئۆتكۈزىلىدىغان نورۇز كېچىلىكىنىڭ ئالدىن تەييارلىق خىزمەتلىرى، ئەھمىيىتى ..قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ،تورداشلارغا نورۇزلۇق ئالدىن سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ كەلدۇق.تەپسىلاتىغا قىززىقساڭلار دىققىتىڭلار داۋاملىق ئەلكۈيى ئېكرانىدا بولسۇن! 
ئەلكۈيى تورىنىڭ ئېگىلىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تەشكىللىگىدىكى <<نۇرلان-نۇرۇزى>> سەنئەت كېچىلىگى ھازىر جىددىي تەييارلىققا كىرىپ كەتكەن بولۇپ، كېچىلىكتە مۇساجان رۇزى، ئابلىزشاكىر، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، ھۇشۇرقارى ، ئەخمەتجان ئەختەم ،رۇزى ئابدۇرېلى، سەنۇبەرتۇرسۇن،مۆمىنجان ئابلىكىم، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، ئەيسابەگ، ئىسكەندەر سەمەت، سودىيەئاي مەخمۇت، گۇزەلنۇر ئۆمەر...قاتارلىق ناخشىچىلاردىن باشقا كۈلكە چولپانلىرىدىن خالمۇرات ئۆمەر، خەيرىگۈل ھەسەن،ئابدۇرېھىم راخمان( رېھىم قان)، ئادىل مىجىت،ئەنىۋەر ئابلىز،قۇندۇزئاي تاش،ئامىنە ئابلا،ئۆمەرجان ئابدۇكرەم، مەستۇرئاي تۇرسۇن، ئادىلجان ئابلىمىت...قاتارلىقلارمۇ ئىتوت نۇمۇرلىرىنى تەقدىم قىلىدىكەن. 
رەپىتىس مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
نورۇز كۈنى ئەلكۈيى تورى ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ئارقىلىق بۇ قېتىملىق نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئەمەلىىي ئەھۋالىنى كەڭ تورداشلارغا نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ ۋە تورداشلار بىلەن بىرلىكتە نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ.
ئاخىرىدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى بارلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز نورۇزنى تەبرىكلەش ئۈچۈن چىكىۋاتقان جاپايىغا رەھمەت ئېيتىمىز ۋە يەنىمۇ غەيرەت - شىجائەت تىلەيمىز. كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور بېكىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى |