- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 92
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2009-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-25
- UID
- 1231
- يازما
- 92
- تېما
- 79
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2009-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-25
- توردا
- 0 سائەت
|
شىنجاڭ جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل جاي
2005–يىللىق ‹،جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيىسى ژورنىلى› تەھرىراتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل جاي ›› نى باھالاش پائالىيىتىدە ،شىنجاڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلار ئىچىدە 15 يەككە تۈر بويىچە ئەڭ كۆپ مۇكاپاتلانغان رايون بولدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە مەملىكەت بويىچە 34 ئاخبارات ۋاستىسى قاتناشقان بولۇپ ، مۇتەخەسىسلەر جەمئىيىتى گۇرۇپپىسى ، تەشۋىقات ۋاستىسى گۇرۇپپىسى ۋە تور –يانفون ئارقىلىق باھالاش گۇرۇپپىسى بويىچە 3تۈرلۈك مۇكاپات باھالاپ چىقىلدى . تەشۋىقات ۋاستىسى گۇرۇپپىسى بىلەن تور –يانفون ئارقىلىق باھالاش گۇرۇپپىسى ھەر بىرى 12دىن جاينى كۆرسەتتى. ‹‹جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيىسى ›› ژورنىلى تەھرىراتى كۆرسەتكەن مۇتەخەسىسىلەر گۇرۇپپىسى مۇكاپات تۈرىنى تاغ چوققىسى ، كۆل –گىياھ ، ئوتلاق ، قۇملۇق ، يارداڭلىق ، ئارال ، دېڭىز قىرغىقى، شاقىراتما ، مۇزلۇق ، جىلغا ، شەھەر رايونى ، قەدىمىي يېزا - بازالار ، ساياھەت ئۆڭكۈرلىرى ، ساسلىق قاتارلىق 15تۇرگە ئايرىدى. مەملىكەت بويىچە 5 كەسىپىي جەمئىيەت ،10 نەچچە ئاكادېمىك ۋە ئاز كەم 100 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن باھالاش ئۆمىكىنىڭ باھالىشى بىلەن ئاخىرىدا ھەربىر تۈردىن ئالدىنقى بىر نەچچىسى رەت تەرتىپكە كىرگۈزۈلدى

گۈزەل قاناس
شىنجاڭ قاناس ساياھەت مەنزىرە رايونى تەشۋىقات ۋاستىلىرى گۇرۇپپىسى بويىچە 8–بولدى .مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيىتى گۇرۇپپىسى 15تۇر بويىچە كۆرسەتكەن جايلار ئىچىدە شىنجاڭ تەۋەسىدىكىلەر مۇنۇلار :جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۇزەل 10 داڭلىق تاغ — چوگېر چوققىسى (7–ئورۇندا ) . جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل 5چوڭ كۆل — قاناس كۆلى (2–ئورۇندا ) . جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل 5چوڭ قۇملۇق — تەكلىماكان قۇملۇقى (2–ئورۇندا ) ، قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقى (3–ئورۇندا ) . جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل 3چوڭ يارداڭلىق — ئەڭ گۈزەل قىيا تاش يارداڭلىقى –ئۇرخۇ ، ئەڭ سىرلىق يارداڭلىق –ئاق ئەجدىھار دۆۋىسى ، ئەڭ ھەيۋەتلىك يارداڭلىق –سەنلۇڭشا . جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل10 چوڭ جىلغا — تەڭرىتاغ كۇچا چوڭ جىلغىسى(10–ئورۇندا) ، جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل 6چوڭ مۇزلۇق — تەڭرىتاغ تۆمۈرچوققا مۇزلۇقى (2–ئورۇندا ) ، تېرە مۇقالى مۇزلۇقى (5–ئورۇندا ) . جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل 10چوڭ ئورمانلىق — تەڭرىتاغ قارلىق چوققا شەمشاد ئورمانلىقى (1–ئورۇندا ) ، بۈگۈر توغراقلىقى (7–ئورۇندا ) . جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل 6چوڭ ساسلىق — بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى (2–ئورۇندا ) . جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل 6چوڭ قەدىمىي بازار ۋە قەدىمىي كەنت — قاناس كۆلى تۇۋالار كەنتى (3–ئورۇندا) . جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل 6چوڭ يايلاق — ئىلى يايلىقى(2–ئورۇندا).

بايىنبۇلاق يايلىقى |
|