قەلبىمدىكى مەن ئەڭ ياقتۇرىغان ئايال دىكتور-رىياسەتچىلەر ھەققىدە تاتلىق پاراڭلار 
ھاياتتا تىرىكلىكنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشىمىز، شەخىسنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز، رەزىللىكلەرنى يوقىتىدىغان باتۇرلىقىمىز بولىشى، ئاجىزلارنى قوبۇل قىلالايدىغان كۆڭۈل-كۆكسىمىز بولىشى، پۇرسەتكە جاۋاب قايتۇرالايدىغان ۋىجدانىمىز بولىشى كېرەك. (ئىكىدا دايساكۇ)

مۇنىرە غوپۇر
ئالاھىدىلىكى: كۆپ قىرلىق، جەلب قىلىش كۈچى يوقىرى، ئىنكاسى چاققان.
قەلبىمدىكى بېرىلگەن سان:99
كىشىلىك تۇرمۇش قىسقىغىنە بىر تال شام ئەمەس، بەلكى بىز ۋاقتىنچە كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان مەشئەل. بىز چوقۇم ئۇنى تېخىمۇ نۇرلۇق ياندۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىمىز كېرەك. (بېرناد شاۋ)
مۇنىرە غوپۇر ھەققىدە گەپ بولۇنسا، مېنىڭ تولىمۇ كىچىك بولغان بالىلىق ۋاقتلىرىمدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئېنىق ۋاقتى ئېسىمدە يوق، بىراق ئۇ چاغلاردا كىسىپ ئېيتىمەنكى، مەندەك كىچىك بالىلارنى باغلاپ قويسىمۇ خەۋەر كۆرمەيدۇ. مۇنىرە غوپۇرنى ئىكران يۈزىدە كۆرگەن كۈندىن باشلاپ مەن «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»نىڭ سادىق كۆرۈرمىنىگە ئايلانغان(پەقەت مۇنىرە غوپۇر چىققان چاغلاردىلا). بەلكىم مەن ئۆزۈممۇ ئاپامنىڭ دەۋىتى بىلەن(ئۇ چاغلاردا مەن ئۇنى «مەجبۇرلاش» دەپ چۈشىنەتتىم) تۈرلۈك دىكلىماتسىيە، ماقالە ئوقۇش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ رىياسەتچىلىككە تەبىئىيلا قىزىقىپ قالغانىدىم. «1- يىللىق 3-سىنىپ ئىككىنچى دەرىجە، 5-يىللىق 1-سىنىپ بىرىنچى دەرىجە» دەپ قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ كەتسەم ئاپامنىڭ سىڭىل كەسىپداشلىرى كۈلۈپ ئۆرۈلۈپ كېتەتتىكەنتۇق. (ھەجەپ تېمىدىن چەتنەپ كەتتىم). ھە شۇنداق بولغاچقىمىكىن، مەنمۇ چوڭ بولسام مۇنىرە غوپۇردەك بولىمەن، دەيدىغان ئارزۇ قەلبىمدە بىخ سۈرگەن چېغى. بەزىدە ئويۇن بىلەن، بەزىدە تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن بولۇپ كەتسەم ئاپام چاقىراتتى: «قىزىم، ئىككىنچى ئاپىڭىز چىقتى». ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ ئىكرانغا مايمۇندەك قاراپ ئولتۇراتتىم. بۇنداق چاغلاردا ھەدەم ماروژنا ئېلىپ بېرىمەن دېسىمۇ مىت قىلمايتتىم. شۇ چاغدىكى ئاددىي كاللام بىلەن نېمىلەر ئويلىغان بولغىيدىم دەيمەن. ئىشقىلىپ مۇنىرە غوپۇرنىڭ ئاغزىدىن خۇددى پىلىموتتىن ئوق چىققاندەك تۆكۈلىۋاتقان سۆزلەر، سۆز ئۇرانى بىلەن تەڭ ماسلىشىپ كېلىدىغان چىراي ئىپادىسى، يېقىملىققىنە كۈلۈمسىرىشى…مېنى ئۆزىگە شۇنچىلىك رام قىلاتتى. مەن بەلكىم شۇ چاغلاردا بىر دىكتورنىڭ كىشىگە بېرىدىغان گۈزەللىك، قىزىقىش تۇيغۇسىنى ئويغۇتالايدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان بولىشىم مۇمكىن. شۇنداقلا ئىكران ئالدىغا يۈزلىنىپ سۆزلىگەن كىشىگە نۇرغۇن-نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدىم. چۈنكى مەنلا ئەمەس، مېنىڭ ئاتا-ئانام، ھەدەم، جىق-جىق دوستلۇرۇم، توغقانلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مۇنىرە غوپۇرنى ياقتۇراتتى. مۇشۇنچىلىك كەڭ دائىرىدە ياقتۇرۇشقا، قوللاشقا ئېرىشىش مەيلى قايسىلا كەسىپتە شوغۇللانغان كىشىگە نىسپەتەن بولسۇن بىر چوڭ غەلبە ھېسابلىنىدۇ...
سۆزنى جايىدا ئەكىلىپ، يېقىملىق، كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېرىدىغان ئاۋاز بىلەن راۋان تىلدا بايان قىلىش جەھەتتە، مەن تېخى بىزنىڭ ئۇيغۇر دىكتور-رىياسەتچىلىرىمىز ئىچىدە مۇنىرە غوپۇرغا يىتىدىغىنىنى كۆرمىدىم. شۇنداقلا «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»دە، ئەڭ ئاخىرىدا «خەيرى-خوش» دەپ بولۇپ، يۈرەكلىك ھالدا يېنىدىكى دىكتور بىلەن ئىشىدا يوق پاراڭ سېلىشالايدىغان دىكتورنى ئۇيغۇر دىكتورلىرى تۇرۇپ تۇرسۇن، خەنزۇ دىكتورلارنىڭ ئارىسىدىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. (كىم مۇشۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ باققان؟) ئالدىدا «كۆپ قىرلىق» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتىم. بۇ نام مۇنىرە غوپۇرغا ئەڭ ماس كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»رىدە دىكتورلۇق قىلسۇن، تۈرلۈك ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىدە رىياسەتچىلىك قىلسۇن ياكى سۆھبەت خاراكتىرىدىكى پروگراممىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارسۇن…ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ كەلگەن. دىققەت قىلىپ باقسىڭىز، مەيلى قەيەرنىڭ دىكتور-رىياسەتچىلىرى بولسۇن، بۇنداق ھەممىدە تەڭ يېتىشكەنلىرى يوق دېيەرلىك. دېمەك، بىز مۇنىرە غوپۇرنى قەدىرلىشىمىز كېرەكمۇ-يوق؟! مۇنىرە غوپۇر قايتىدىن سەھنىگە چىقىشى كېرەكمۇ-يوق؟!
مۇنىرە غوپۇر ھەققىدە تۇرمۇش پاراڭلىرى: ئۈرۈمچىلىك ساۋاقدىشىم مۇنىرە غوپۇرنى ئۆزىنىڭ دائىم كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئۇچرىتىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مۇنىرە غوپۇر ئوغلى بىلەن بىللە چىقاتتىكەن ئاپتوبۇسقا. ئوغلىغا بەك ئىلمىي مۇئامىلىدە گەپ قىلىدىكەن. ئوغلى بەك ئوماقكەن. تەييارلىقتا بىللە ئوقۇغان قارامايلىق ساۋاقدىشىم مۇنىرە غوپۇرنىڭ ئاپىسى ھەققىدە گەپ قىلىپ بېرىپ، ئۇ ئاپاش بەك جانلىق، ئىقتىدارلىق، دەپ بەرگەنىدى. ئەلۋەتتە مۇنىرە غوپۇردەك تالانت ئىگىسىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن ئانا ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر دەپ قارايمەن. قايسىدۇر بىر تور زىيارەت خاتىرىسىدە مۇنىرە غوپۇر «ئاپامنىمۇ بىللە كۆرگىلى تەڭ ئېلىپ كەلدىم» دېگەن گېپىدىنلا ئاپىسىغا بولغان ھۆرمەت ھەم ئامراقلىقنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس. گۈلگىنە ئاپاش ئامان بولسۇن..

تىلىكىم: مۇنىرە ھەدە، سىزنىڭ يەنە قايتا ئىكران يۈزىگە چىقىپ ماڭا ھەم ماڭا ئوخشاش بالىلىقىدا دىكتور-رىياسەتچىلىككە سىز ئارقىلىق چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان(گەرچە ئارمان بوپ قالغان بولسىمۇ)قىزلارغا بالىلىقىنى قايتا بىر ئەسلىتىپ قويىشىڭىزنى؛ سىزنى شۇنچىلىك ياقتۇرىدىغان خەلق ئاممىسىغا «ۋۇي، مۇنىرە قىز قايتا سەھنىگە چىقىپتۇ-ھە!» دەيدىغان تۇيۇقسىز خۇشاللىقنى ئاتا قىلىشىڭىزنى؛ ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىممەت-بايلىقىڭىزنى قايتا بىر يارىتىشىڭىزنى…چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئىكران ئالدىغا قايتىپ كېلىشكە چوقۇم ۋەدە بېرىڭ، بىز سىزنى ساقلايمىز.

شەمسىيە ئەبەيدۇللا ئالاھىدىكى: مېھرىبان، تەشكىللەش كۈچى يوقىرى، پائالىيەتچان.
قەلبىمدىكى بېرىلگەن سان: 7
ھەقىقىي قىممىتى بار نەرسىلەر بۈيۈك ئىرادە ياكى نوقۇل ھالدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىقمايدۇ. بەلكىم ئادەم ۋە ئوبىيكتىپ شەيئىلەرگە بولغان قىزغىن مۇھەببەت ۋە كۆڭۈل قويۇشتىن كېىلپ چىقىدۇ. (ئېينىشتىيىن)
شەمسىيە ئەبەيدۇللانى ئەڭ دەسلەپتە بەلكىم «ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار» پروگراممىسىدا كۆرگەن بولىشىم مۇمكىن. تۇنجى كۆرگەن چېغىمدا، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ياراملىق بىر رىياسەتچىگە ئېرىشىپتۇ، دەپ خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلىپ باققان. چۈنكى ئەڭ دەسلەپتە ئىكران يۈزىگە چىققاندا شۇنچىلىك تەبىئىي ھەم راۋان سۆز قىلىشنى ئادەتتىكى كىشىلەر قىلىپ كېتەلمەيدۇ، دەپ قارايتتىم. «ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار»نى بىزنىڭ ئۆيدە ئاپام بەك ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ، ئوبدان پاراڭلار بولىدۇ دەپ. شۇ سەۋەبتىنمىكىن مەن ھەر قېتىم شەمسىيە ئەبەيدۇللاغا بەك دىققەت قىلاتتىم. راستىنى دېسەم بارا-بارا ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ پروگراممىنىڭ ئالاھىدىلىكى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدا ئادەتتە خەۋەر ئوقىغاندەك بىر خىل رېتىمدا كېتىۋېرىشكە بولمايدۇ ياكى سەنئەت پروگراممىسىدەك ھەممىگە ھېسىياتنى قوشۇپ ئوقۇشقا بولمايدۇ ۋە ياكى كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى پروگراممىدەك باشتىن-ئاخىرى شوخ سۆزلەشكىمۇ بولمايدۇ. «ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار»دا، بەزىدە كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان خەۋەرلەر بولۇپ تۇرسا، بەزىدە كىشىنى يىغلانقۇدەك ۋەقەلەر بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇخىل پروگرامما خاراكتىرى رىياسەتچىدىن شۇ ئوخشاش بولمىغان شارائىت ئاستىدا ئۆزىنى شۇ خىل مۇھىت ئىچىگە ئەكىرىپ تۇرۇپ، ئۆز ھېسىياتى ھەم ئاپتورنىڭ يېزىپ بەرگىنىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆرۈنۈش ھەم چۈشەندۈرۈش بىردەك ماسلاشقان ھالەتنى يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شەمسىيە ئەبەيدۇللا بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىدىمۇ؟ ـــ «ئەلۋەتتە چىقالىدى!». بۇ گەپنى مەنلا ئەمەس، مۇشۇ پروگراممىنى كۆرۈپ كېلىۋاتقان سادىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھەممىسى دەيدۇ. دېمەك، بۇ شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ غەلبىسى..
شەمسىيە ئەبەيدۇللا بىلەن تەڭ «مېھرىبان» دېگەن بۇ سۆزنى تەڭ ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم. ئەلكۈيى تورىنىڭ «مېھرىبان ئانىلار»نى زىيارەت قىلغان قىسمىنى كۆرۈپ، مەن شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭمۇ مۇشۇ سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ مۇشۇ سەپتە بار بولغانلىقىدىن «مېرىبانكەن» دەۋالغانلىق ئەمەس. بىر ئادەمگە مۇنداقلا قاراپمۇ بەزىدە ھېس قىلغىلى بولىدۇ. «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا بەزىدە تەسىرلىكرەك ۋەقەلەر سۆزلىنىپ قالسا بۇ رىياسەتچىمىز تەڭ يىغلايدۇ…دەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا شەمسىيە ئەبەيدۇللا شۇنداق ياخشى رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەن. بۇ پروگراممىمۇ ئوخشاش ھەرخىل تىپتىكى ۋەقەلەر، شەخىسلەر زىيارەت ئوبىيكتى قىلىنىدىغان پروگرامما. شۇڭا بۇنداق پروگراممىدا چوقۇم زىيارەت ۋەزىيىتىنى كونتىرول قىلالايدىغان، ئوخشاش بولمىغان ھېسىيات ئاستىدا چىقىدىغان تۈرلۈك پاراڭلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان ھەم شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سۆزلىيەلەيدىغان بىرى كېرەك ئىدى. مەنچە بولغاندا شەمسىيە ئەبەيدۇللا بۇنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايتتى ھەم چىقىپ كېلىۋاتاتتى. شۇڭا توغرىسى، ئۈمىد غېنى پروگرامما ئىشلەپ بەرسە، رىياسەتچىلىكنى شەمسىيە ئەبەيدۇللا قىلغان بولسىمۇ بولاتتى…(بۇ پەقەت كىچىكلا ئۈمىدىم خالاس. ئۈمىد غېنىنى ياقتۇرىدىغانلار ئاپام بىلەن قوشۇلۇپ ماڭا ھۇجۇم قىلىپ كەتمەڭلار يەنە)

شەمسىيە ئەبەيدۇللا ھەققىدە تۇرمۇش پاراڭلىرى: شەمسىيە ئەبەيدۇللا ئالىي مەكتەپنى بەك ياخشى ئوقۇپتىكەن. كىشىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى بەك ياخشىكەن. مەنچە بولغاندا شەمسىيە ئەبەيدۇللا قانداق ياشاشنى بىلىدۇ. كاللىسىدا بۇ ئۇقۇم ئېنىق بولغاچقا ھاياتىنى چوقۇم تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزەمدىكىن دەيمەن. مەرھۇم دادىسى بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى دوستۇمنىڭ ئەۋەتىپ بەرگىنى ئېسىمدە. شۇ چاغدا مۇشۇ داداش شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ دادىسىكەندە، دەپ ھەيران قالغانىدىم. چۈنكى مەن خاتا بىلىپ قالمىغانلا بولسام، بۇ داداشنىڭ دۇتتار چېلىپ ئېيتىدىغان بىر ناخشىسى بار، بەك كىچىك چاغلىرىم ئىدى. شۇ ۋاقىتتا نېمانداق يېقىملىق داداش بولغىيدى…دەپ ئويلىغان. ئەلۋەتتە، كىشىگە شۇنچىلىك يېقىملىق تۇيغۇ بېرەلەيدىغان ئادەمنىڭ بالىسى چوقۇم ياخشى تەربىيە كۆرگەن،ئاقكۆڭۈل، يېقىملىق ئادەم بولىدۇ. ئەبەيدۇللا داداشنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن..
تىلىكىم: شەمسىيە ھەدە، سىزنىڭ ھاززىرقى بەخىتلىك ئائىلىڭىزگە تېخىمۇ بەخىتلەر تىلەيمەن. خۇدايىم بۇيرىسا مەنمۇ پات ئارىدا «مېھرىبان ئانىلار» قوشۇنىغا قاتناشماقچى. سىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازىڭىز، مېھرىبان سىمايىڭىزنى ھەر ۋاقت ئىكران يۈزىدا كۆرۈپ تۇرۇشنى تولىمۇ خالايمىز. ھە راست، ئوغلىڭىز ئۆينى رەسىملىك باغچىدەك قىلىۋېتىپتۇ. مەن كىچىك چېغىمدا دادامنىڭ يۈزىگە گىرىم قىلىپ ئوينايدىكەنتۇقمەن. ئوغلىڭىزنىڭ ئەقىللىق، دادىسىدەك كېلىشكەن، ساغلام يىگىت بولۇپ چىقىشىنى تىلەيمەن..

ماھىنۇر ئەنۋەر
ئالاھىدىلىكى: سالاپەتلىك، جەزبىدار، ئەقىللىق، جانلىق
قەلبىمدىكى بېرىلگەن سان: 11
بىز ھاياتنى باتۇرلۇق ۋە يۈرەكلىك بىلەن، مەڭگۈ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.(رۇسسنبرگ)
ماھىنۇر ئەنۋەر «سەنئەت گۈلزارى»دا چىققان-ھە دەسلەپتە. بىراق ئۇ چاغدا ئىسمىنى ئۇقمايتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن بىللە ئىتوت ئوينىغان بىر بالا بىلەن ئىككىسى بىللە قىلغان. مەن شۇ چاغدا ئوغۇل بالا بەك جانسىز، قىز بالا بەك جانلىقكەن، پەقەت ماس كەلمەپتۇ دەپ ئويلىغان. ئۇندىن باشقا قىز رىياسەتچىنى بىرخىل بۇ خىل پروگراممىغا ئانچە ماس كەلمەيدىغاندەك، خۇددى باشقا بىر يەردە سۆزلىسە «ئالتۇن ئۈزۈككە، ياقۇت كۆز» دەك بولاتتىكەن، دەپ ئويلىغىنىم غۇۋا ئېسىمدە. ئەسلىدە مەن «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» نى ئويلاپتىكەنمەن. بۇ قېتىم قايتىپ كەلسەم «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» نى بەرگىلى تۇرۇپتىكەن، شۇنداقلا قارىسام تونۇشلا چىراي. دادا بۇ كىمۇ، ئىسمى نېمە؟ دېسەم، دادام ھېلى چىقىدۇ قارايلى، دېدى. تەڭ ئولتۇرۇپ خەۋەر كۆرۈپ كەينىدىن قارىسام ماھىنۇر ئەنۋەر دەپ چىقتى. مەن ئېيتسام ماھىنۇر ئەنۋەر «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»نىڭ دىكتورلىقىغا شۇنداق ماس كەپتۇ. ئادەتتە خەۋەر دىكتورلىرىدا دىكتورلۇق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇشتىكى قاملاشقان سىن-سىپات بولۇشتىن سىرت، يەنە بىرخىل ئۆزگۈچە بولغان سۈر(سالاپەت)،جانلىق چىقىدىغان تىل ھەم چاققانلىق بولىشى كېرەكمىكىن دەيمەن. شۇنداق بولغاندىلا خەۋەر كۆرىۋاتقان ئادەمگىمۇ بىرخىل ئارامبەخىش تۇيغۇ بېرەلەيدۇ. مەنچە بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ماھىنۇر ئەنۋەردە تولۇق تېپىلىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ھەرقېتىمىلىق سايلام ياكى چوڭ يىغىنلاردا ئاپتونۇم رايۇننىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تەرجىمىھالى ئوقۇلىدۇ. بۇ چاغدا بىز دىكتورنىڭ چىرايىنى كۆرمەي پەقەتلا ئاۋازىنى ئاڭلايمىز. ماۋۇ يېققىندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ماھىنۇر ئەنۋەر بىلەن غالب نىياز بىرلىكتە ئوقۇپتۇ. ھەرقېتىم ماھىنۇر ئەنۋەر ئوقۇغان چاغدا باشقىچە بىرخىل ئاڭلىغۇم كېلىدۇ(مېنىڭ خەۋەر ئاڭلاش بىلەن ئاساسەن خوشۇم يوق). شۇ كۈنى ئاپامغا ئاپا ماۋۇ دىكتورنىڭ ئاۋازى بەك جانلىق چىقىدىكەن-ھە؟! دەپ سورىۋېدىم، ئاپام ماڭا مەن مۇشۇ قىزدىن مۇنىرە غوپۇرنى كۆرگەندەك بولىمەن، دېدى. ئەمدى ئويلاپ باقسام ئاپامنىڭ دېگىنىنىڭمۇ ئاساسى باركەن. ماھىنۇر ئەنۋەردىن مۇنىرە غوپۇرنىڭ نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرىنى تاپقىلى بولىدىكەن. بۇ قېتىملىق ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىگىمۇ «تام تۈۋىدىن نېمە قوپقاندەك»قىلىپ نادىرە شەۋكەتنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. سادىغاڭ كېتەي تۇغقانلار، نادىرە شەۋكەت قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقىشقا قانداقمۇ ماس كەلسۇن؟! مەن شۇ چاغدا ماھىنۇر ئەنۋەرنى ئويلىغان ئىدىم. ماھىرە ئابدۇغېنى بىلەن ماھىنۇر ئەنۋەر بىللە قىلغان بولسا چوقۇم نوچى چىقاتتى دەپ..
«بۈگۈنكى سۆھبەت»كە دىققەت قىلساق، ماھىنۇر ئەنۋەرنىڭ سۆز ئۇرانى ھەم ئىپادە قىياپىتىدىن بىز بىرخىل ھاياتىي كۈچنى ھېس قىلىمىز. ھېچبولمىغاندا مەن شۇنداق ئويلۇدۇم. بەش پارچە رەسىمگە تارتىپتىكەنمەن بەش پارچە رەسىمدە بەش خىل چىراي ئىپادىسى. بىز خەۋەر دىكتورلىرىنىڭ (بوپمۇ مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ)ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرىدىكى ھالىتىنى بەزىدە تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بىراق ماھىنۇر ئەنۋەر بىلەن قەيسەر ھەبىبۇللا «تەلەي يۇلتۇزى» غا ياكى «دەۋر كۇلۇبى» ئۆتكۈزگەن كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە ئوخشاش تىپتىكى پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىپ قالسا چوقۇم بەك قىزىيدۇ. بۇرۇن ھېس قىلماپتىكەنمەن، ماھىنۇر ئەنۋەردە تېتىكلىك، جانلىقلىق ھەم باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان، دىققىتىنى جەلب قىلالايدىغان ئوماقلىق باركەن. بەلكىم خەۋەر دىكتورى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا پروگراممىلارغا چىقىش پۇرسىتى بولماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا شۇنداق پۇرسەت بولۇپ قالسا، ماھىنۇر ئەنۋەرنىڭمۇ «كۆپ قىرلىق» دىكتور-رىياسەتچىمىز بولۇپ قېلىشىدا ئۈمىد بەك چوڭ..

ماھىنۇر ئەنۋەر ھەققىدە تۇرمۇش پاراڭلىرى: راستىنى دېسەم بىر كىمدىن ماھىنۇر ئەنۋەر ھەققىدە تۈزۈك پاراڭ ئاڭلاپ باقماپتىمەن. (بىر تال رەسىمىنىمۇ ئاران تاپتىم توردىن) بىر ئاكاش بىلەن پاراڭ سېلىشىپ قالغانىدۇق، شۇ ئاكاش ماڭا ماھىنۇرنىڭ ئوقۇش تارىخى خېلى يوقىرى، بىلىملىك قىز، دەپ بەرگەنىدى...مەن ياخشى ئوقۇغان، بىلىم ساپاسى يوقىرى ئاياللارنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيمەن، شۇنداق بولۇشقا تىرىشىمەن. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تېخى نەۋرە سىڭلىم «تەلەي يۇلتۇزى»نى كۆرۈپتىكەنتۇق(مەن كۆرەي دەپ، بىراق قاچان بېرىدىغىنى پەقەت ئېسىمدە يوق). ماھىنۇر ئەنۋەرنى ئويۇن قويۇپ بەردى، باشقىلار مەن يېڭىمەن چوقۇم دەپ جان تىكىپ يۈگۈرۈپ يۈرسە، ماھىنۇر ئەنۋەر خىيالىي، تېخى رەسىملەرگە چۈشۈپ يۈرۈيدۇ...دەيدۇ. بەك ئوماق كۈلۈپ كەتتىم. چۈنكى مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ تەنتەربىيە دەرسىگە بەك ئۆچتۈم. تېخى بىزنى پۇتبول ئوينىتاتتى. بىر قېتىم مېنى ۋارتاغا تۇرغۇزۇپ قويغاندا توپ كەلسە مەن قېچىپ كېتىپ،ھى ھى...بىراق خەق توپ ئوينىسا ۋارقىراپ بېرىشكە خېلى ئۇستىتىم. ماھىنۇر ئەنۋەرنىڭ تەلەي يۇلتۇزىدىكى ئىپادىسىنى كۆرمىگەن بولساممۇ بىراق ھەرخىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن ئۆزگۈچە ھوزۇرلىنالايدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى-يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىمۇ كىتاب ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشىگە قاراپ بىرخىل زوقلىنىپ قالغانىدىم. چۈنكى بەزى سۆزى بىلەن ھەركىتى پەقەت ماس كەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ساختا گەپلىرى بىر ئاڭلىماققىلا چېنىپ قالىدۇ. ماھىنۇر ئەنۋەرنىڭ ئۆزىنىمۇ كىتابنى كۆپ ئوقۇمدىكىن دەيمەن. چوقۇم شۇنداق..
تىلىكىم: ماھىنۇر ھەدە، كىچىك چېغىمدىن باشلاپ مۇنىرە ھەدەمنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بولسام، بۈگۈنكى جەمىيەتكە تۇنجى قەدەم ئالغان كۈنلىرىمدىن باشلاپ «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» سەھىپىسىدە سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ ماڭغاچ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشنى خالايمەن. كەلگۈسىدە ھەمرايىم شۇنداقلا ئوماق بالام بىلەن(خۇدايىم بۇيرىسا)بىللە ئولتۇرۇپ سىز خەۋەر سۆزلىگەندە سىز ھەققىدە پاراڭ سېلىشىشنى دائىم ئويلايمەن... سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەبىئىي تالانتى ھەم تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىسىدىكى بۈگۈنكى كۈندە ماڭا ھەم ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىزنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى، قوللايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. سىز «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» سەھىپىسىگە، ئۇيغۇر دىكتورچىلىقىغا قايتىدىن بىر ئۆزگۈچە مەنا ئېلىپ كەلدىڭىز. كەسىپتە بىر دۇنيا، تۇرمۇشتا بىر دۇنيا بولۇپ ھايات سەھىپىڭىزنى تېخىمۇ رەڭگارەڭ ھەم مول-ھوسۇللۇق ئىلكىدە ئۆتكۈزىشىڭىزگە تىلەكداشمەن. بەخىتلىك بولۇڭ.
 ماھىرە ئابدۇغېنى
ئالاھىدىلىكى: ئىللىق، نازاكەتلىك، ئىسسىق چىراي، ئەدەبلىك
قەلبىمدە بېرىلگەن سان:7
ئېسىل ئايال بەئەينى بىر شېئىر، كىشى ئوقۇغانچە لەززەتلىنىدىغان. ئېسىل ئايال بىر گۈزەل مەنزىرە، كىشى خاتىرىسىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغان. ئېسىل ئايال شۇنداق بىر مەكتەپ، چىن ئەركەكلەرنى يېتىشتۈرىدىغان. («چىراق تەكچىسى»دىن)
مەن ئاپامنىڭ دوستىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئاغزىدىن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان بىر گەپ بار. بۇ گەپنى تۇنجى ئاڭلىغان چېغىمدا خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتكەنىدىم. ئۇ ۋاقىتتا «مەشرەپ» پروگراممىسىنى بېرىۋاتاتتى. ھېلىقى ئاپاش كۆزەينىكىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ قويۇپ « مېنىڭ دوپپا كىيگەن قىزىم چىقىپتۇ-ھە؟!» دېگەنىدى. بۇ يەردىكى «دوپپا كىيگەن قىزىم» دېگەن گەپ ماڭا شۇنداقمۇ بىر يېقىملىق ئاڭلانغان ئىدى. مەن ماھىرە ئابدۇغېنىنى ئەڭ دەسلەپتە ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوت كېچىلىكىدە كۆرگەنتىمغۇ دەيمەن. شۇ ۋاقىتتا ئاۋازى بەك جاراڭلىقكەن، دەپقالغانىدىم. ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ سۆزلەشلىرى كىشىگە بىرخىل ئېغىر بېسىقلىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ. «مەشرەپ» ياكى «سەنئەت گۈلزارى» پروگراممىلىرى بولسا بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەت مەنىۋىيىتىمىزنى قاندۇرىغان، بىزگە مۇشۇ جەھەتتە زوق ھەم بىلىم بېرىپ كېلىۋاتقان ئېسىل پروگراممىلار. ئۇيغۇرلا بولىدىكەن ئۇيغۇرنىڭ سەنئەت بايلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بۇنداق پروگراممىلار ھەرگىز يوقالمايدۇ. «مەشرەپ» ياكى «سەنئەت گۈلزارى» دا بولسۇن، ماھىرە ئابدۇغېنى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك ھەم كىشى سۆيۈنگۈدەك مىللىيلىككە ياتىدىغان كىيىملىرى، ئەڭ مۇھىمى بېشىغا زەپ ياراشقان دوپپىسىنى بېشىدىن ئېلىۋەتكىنى يوق. مەن ماھىرە ئابدۇغېنىنى تەسەۋۋۇر قىلسام دائىم بېشىدا دوپپا بار ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمەن. «مەشرەپ» پروگراممىسىدا ھەر قېتىم ماھىرە ئابدۇغېنى «سۆيۈملۈك قىزىڭلار ماھىرەدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام»، «ئالتۇن بويۇڭلار ئامان بولسۇن»دېگەندەك دىدار سۆزلىرىنى قىلغاندا، مەن بۇ سۆزلەرنىڭ نەقەدەر چىن يۈرەكتىن چىقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. مۇنداقچىلا قىلىپ ئېيتىلغان سۆزلەر بىلەن چىن يۈرەكتىن چىققان سۆزلەرنىڭ پەرقى بارغۇ ھېسابتا؟! ماھىرەنى خەلقنىڭ سۆيۈملۈك رىياسەتچى قىزلىرىنىڭ بىرى ئەمەس دەپ كىممۇ دېيەلەيدۇ؟ ھېچبولمىغاندا 60قا يېققىنلاپ قالغان بىر ئانا بۇ رىياسەتچىنى «مېنىڭ دوپپا كىيگەن قىزىم» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرەلىدىغۇ؟ ئۇ ئانا ماھىرە ئابدۇغېنىنى بىرەر قېتىم يۈز-تۇرانە كۆرۈپ باققىنى يوق. پەقەت ئىكران ئالدىدا ئۆزىگە بەرگەن تەسىرى ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى، ياخشى كۆرۈش دائىرىسى ئارقىلىق مۇشۇ گەپنى چىن قەلبىدىن چىقىرىپ دېگەن بولغىيدى...مەن ماھىرە ئابدۇغېنىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ھەرقايسى سەھنە ياكى دىكتورلۇق ئۈستىلى ئالدىدا بېشىدىن دوپپىسىنى ئالماسلىقىنى، شۇنداقلا دوپپا كېيىشتەك بۇ ئادەتنى بارلىق دىكتور-رىياسەتچىلەردە ئومۇملاشتۇرۇشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
ماھىرە ئابدۇغېنى ماڭا شۇنداق ئەدەبلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. سەھنىدە رىياسەتچىلىك قىلغان ۋاقىتلىردا ئەڭ ئالدى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن دىدارلىشىدىغان بۆلىكى بار. بەزى رىياسەتچىلەردەك ئاپتور يېزىپ بەرگەن تېكىستكە مەجبۇرىي ھالدا ماسلاشمىسىمۇ ئاۋازىنى يوقىرى چىقىرىپ جەلب قىلىش ئۈچۈن كۈچەيدىغان ياكى بىر ئوبدان يېزىلغان تېكىستكە ئۆزىنىڭ ماھارەتسىز سۆز قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئاپتورنىڭ يارقىن تېكىستىنى نامايەن قىلىپ بېرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىمۇ زېرىكتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللاردىن ماھىرە ئابدۇغېنى يىراق. بىز بىركىمدىن ئەھۋال سورىغان ياكى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ كەچۈرۈم سورىغان ۋاقتىمىزدا چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي سەمىمىيىتى ھەم ئەخلاقىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيمىز. مەنغۇ پەقەت تېلىۋىزوردىلا ماھىرە ئابدۇغېنىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغىنىنى كۆرۈپ ئولتۇرالايمەن، بەلكىم نەق مەيداندىن كۆرگەن كىشىگە بەرگەن تەسىرى تېخىمۇ ئۆزگىچە بولىشى مۇمكىن. خۇددى ماھىرە شۇ مەيداندىكى ھەربىر تاماشىبىنغا سەمىمىيلىك بىلەن قاراپ، چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ دىدارلىشىۋاتقاندەك، شۇ كېچىلىكتىكى ھەربىر نومۇر ئورۇندىغۇچى ھەم ئارقا سەپ خادىملىرىغا ۋاكالىتەن سالاھىيىتى توشقۇدەك دەرىجىدە سالام يەتكۈزىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىمەن. بۇ خىل تۇيغۇ نەقەدەر گۈزەل-ھە!؟ ھەر قېتىم «قېنى، بەھىر ئالغايسىلەر» دەپ، بېشىنى شۇنداق چىرايلىق ئىگىپ، بىر قولىنى تاماشىبىنلار تەرەپكە سۇنغىنىدا، شۇ مەيداندىكى تاماشىبىنلار بەلكىم كۆڭلىدە قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ تۇرۇپ، رىياسەتچى ئاتا قىلغان مەنىۋىي سوۋغاتنى نومۇر ئورۇندىغۇچى چىقىشتىن بۇرۇن ئالغاچ تۇرغاندەك ھېسىياتتا بولىشى مۇمكىن. بۇ خىل ھېسىياتنى ئىپادىلەش تەس. بىراق سىز قايتا بىر قېتىم ماھىرە ئابدۇغېنى رىياسەتچىلىك قىلغان بىرەر كېچىلىكنى كۆرۈپ بېقىڭ، شۇنداق ئويغا كېلەمسىزكىن-يوق. ئاندىن ماھىرە ئابدۇغېنى چوڭلارنى «ئۆزلىرى» دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەن خېلى-خېلى رىياسەتچىلەرنىڭ چېچىغا ئاق كىرىپ قالغان كىشىلەرنىمۇ «سىز» دەپلا گەپكە چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرگەن. ھىم، سىلەر بۇ جەھەتتە چوقۇم ماھىرە ئابدۇغېنىدىن ئۆگىنىشىڭلار كېرەك.

ماھىرە ئابدۇغېنى ھەققىدە تۇرمۇش پاراڭلىرى: ھېلىقى «ئايدىن كەچلەردە...»دەپ ناخشا ئېيتىدىغان فىلىمدە ماھىرە ئابدۇغېنى رول ئاپتىكەن-ھە(بىز ئۇ چاغلاردا كىچىك ئىدۇق تېخى). كېيىن بىر ھەدەش ماڭا ماھىرە ئابدۇغېنىنى سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان دەپ بەردى. ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر يېققىن تونۇشۇم بار، بەلكىم ماھىرە ئابدۇغېنى بىلەن خىزمەت ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىرتتىن تونۇشسا كېرەك. دائىم كوچا ئاپتوبۇسى ساقلىغان يەردە ئۇچرىتىپ قالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەرقېتىم ئۇددۇل كېلىپ قالسا يېقىملىققىنە باش لىڭشىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەنىدى. ئاسان بىركىم يارىمايدىغان بۇ تونۇشۇمغىمۇ ماھىرە باشقىچە بىرخىل ياخشى تەسىرات بېرىپتۇ، بەلكىم بۇنى كىشىگە ھالىنى چوڭ قىلمايدىغان، ئەتراپىدىكى ھەربىركىشىنى سۆيىدىغان، دۇنيانى سۆيىدىغاندەك تۇيغۇ، دېيىشكىمۇ بولامدىكىن. مەن بەك تەلەيسىز، ئۈرۈمچىگە چىقسام مەن ياقتۇرىدىغان بىرەر كىشى ئۇچراپ قالمايدۇ، بىر قېتىم ھوشۇر قارى ئۇچرىغان، بىراق مەن رەسىمگە چۈشمىدىم، ھى ھى...ماھىرە ئابدۇغېنى ئۇچراپ قالغان بولسا، رەسىمگە چۈشىۋالايچۇ سىز بىلەن، دېسەم، چوقۇم ياق، دېمەيتتى. ئىككىمىز «پوكىس» چىقىرىپ بىر چۈشىۋەتسەك رەسىمگە.
تىلىكىم: ماھىرە ھەدە، خەلقنىڭ سۆيۈملۈك قىزلىرىنىڭ بىرى بولۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. بىراق سىز سەھنىدىكى گۈزەل قىياپىتىڭىز، يارىشىملىق كېيىم-كىچەكلىرىڭىز بىلەن مەن ياشتىكى قىزلارنىڭلا ئەمەس بەلكىم ياشقا چوڭ بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىكلەۋاتىسىز. خەلقىمىز ھەممىدىن بەكرەك سەنئەتنى سۆيىدۇ. سەنئەت پروگراممىلىرىمىزنى تارقىتىۋاتقان ئىكران يۈزىدە خۇددى بىر گۈزەل نەپىس سەنئەت بويۇمىغا ئوخشاش، دانە-دانە تۆكۈلىۋاتقان سۆزلىرىڭىز بىلەن سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزگە سەنئەتنىڭ ھەقىقىي قىممىتى، زۆرۈرىيىتى ھەم ئۇنى ئاسراش، داۋام قىلىش، ئەۋلادتتىن-ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىسىز. چىرايلىق خۇلقىڭىز، ئەدەپ-ئەخلاقىڭىز، ئۈنچە تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان پاكىز قەلبىڭىز، گۈزەل رۇخسارىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن. مۇنداقلا قاراپ بىلگىلى بولمايدىغان قەلبىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى داۋراڭسىز مېھىرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بالدۇرراق ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
----------------
«قەلبىمدە بېرىلگەن سان» دېگىنىم، ھەرگىزمۇ 1-100گىچە بولغان سانلار ئىچىدىكى قانچە يوقىرى بولسا شۇنچە ياخشى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ. ھەممىمىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان سانلىرى بولىدىغۇ؟ بەزىلىرىمىز بىر قانچە ساننى ياقتۇرىشىمىز مۇمكىن. مەنمۇ شۇ. 99،11،9،7 دېگەن سانلار مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان سانلار. شۇڭا ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان سانلارنى بۇ ھەدىلىرىمگە ئوخشىتىپ سوۋغا قىلغان. ئەلۋەتتە ھەربىر ساننىڭ مېنىڭ قەلبىمدىكى مەنىسى ئوخشاش ئەمەس. بىراق ھەممىسى مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئېسىل سانلار. ـــ مۇبارەك.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېما پەقەت ئەلكۈيى تورى ۋە ئاپتورغىلا تەۋە ، ھەرقانداق تور بېكەت . بلوگ ، شەخسي خاتىرەلەرگە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. |