تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1306|ئىنكاس: 7

ئاياللىق قەلب   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 17:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللىق قەلب

ئاياللىق قەلب چېكىپ قويسىڭىز جاراڭلاپ يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدىغان جانان چىنىگە ئوخشايدۇ، ئەگەر سىز ئۇنى سۇندۇرۇپ قويۇشتىن ياكى قولىڭىزدىن چۈشۈرۈپ دەز كەتكۈزۈۋىتىشتىن ئەنسىرىسىڭىز بۇ جانان چىنىنى قەلب تۆرىڭىزنىڭ گۈل تەكچىلىرىگە تىزىپ ساقلاڭ. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن نازۇك.
ئاياللىق قەلب رەڭمۇ – رەڭ گۈل ۋە نەقىشلەر بىلەن بىزىلىپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ناھايىتى ئېسىل ۋە باھاسى تەڭداشسىز بولغان قاشتېشىغا ئوخشايدۇ. دوستۇم،  سىز ئۇنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىسىڭىز ئۇنى تۇمار ئورنىدا بوينىڭىزغا ئېسىۋىلىڭ ھەم ئۇنىڭ گۈزەل، دەڭداشسىز  ئىكەنلىكىنى  ھەرگىز ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ  قويماڭ.
ئاياللىق قەلب ساناقسىز  گۈل ئىچىپ تۇرىدىغان چېچەكلەرگە، ئادەمگە لەززەت ۋە قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان مىۋىلەرگە ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز ئۇ مىۋىلەرنىڭ ۋايىغا يېتىپ پىشىشى ۋە سىزگە زوق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىت قىلسىڭىز ئۇ چىچەكلەرنى قارا بوران، ھۆل يېغىن ۋە مۆلدۈرلەرنىڭ ۋەيران قىلىۋىتىشىدىن پەخەس بولۇڭ.
ئاياللىق قەلب باراخسان ئۆسكەن ۋە ئەتىيازدىن تاكى قىشنىڭ سوغىقىدا ئۇششۈپ كەتكىچىلىك بولغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىدە بىرى توزۇسا بىرى ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈل چايغا ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز بۇ گۈل چايلارنىڭ لەززىتى، پۇرىقى، گۈزەللىكى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسىنى ئويلىسىڭىز ئۇنى ھەر ۋاقت ئىسىڭىزدىن چىقارماي ئۇنىڭ گۈللىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ۋە جىق ئېچىلىشى ئۈچۈن پەرۋىش قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
ئاياللىق قەلب خەستە دىللارنى خۇشال قىلغۇچى، نىمجان يۈرەكلەرگە كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلىغۇچى شۇنداقلا ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە ۋە خۇش پۇرىقىغا مەپتۇن بولمىغان بىرمۇ ئادەم بولمىغان قىزىل گۈلگە ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، خۇش پۇرىقىغا قىنىۋىلىشنى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن زوق ئېلىشنى ئويلىسىڭىز ئۇنىڭ قۇياش نۇرىدىن تولۇق بەھرىمان بولىشى ئۈچۈن ئەتراپتىكى ياۋا ئوت چۆپ ئۇنىڭغا سايە بولىۋالىدىغان دەل دەرەخلەردىن ئۇنى قوغداڭ ۋە ئۇنىڭغا مىھرى – مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلاڭ، شۇندىلا ئۇنىڭ ھەقىقى پورەكلەپ، قىپ-قىزىل رەڭدە جۇلا قىلغىنىدىن زوق ۋە بەھىر ئالالايسىز.
ئاياللىق قەلب سەھەردە ئىچىلغان گۈل بەرگىدىكى شەبنەمگە ئوخشايدۇ.  گۈل ۋە ئۇنىڭغا قونغان شەبنەمنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلانماقچى بولسىڭىز ئۇ شەبنەمنىڭ  نەچچە تامچە سۇ ئىكەنلىكىنى ئويلىماڭ، چۈنكى شۇ نەچچە تامچە شەبنەم  تامچىسى ئىچىگە ئاياللىق قەلبنىڭ ئوكيان كەبى كۆز يېشى، ھەسرىتى  قونغان بولىدۇ.
ئاياللىق قەلب مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ياپ – يېشىل بۇغدايزارلىققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ يېشىل رەڭدە دېڭىزدەك يەلپۈنۈپ  ۋە يەڭگىل تەۋرىنىپ تۇرىشى سىزنىڭ كۈزدىكى كاتتا بىر بۇغداي چەشلىرىنىڭ ئېگىسى بولىدىغانلىقىڭىزنىڭ دېرىكىدۇر. ئۇنتۇماڭكى بۇ مايسىلار يەنىلا سىزنىڭ پەرۋىش ۋە كۆيىنىشىڭىز بىلەن بىللە ئۆزىڭىزنىڭ بىر دېھقان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىڭىزغا باغلىق...
ئاياللىق قەلب ناھايىتى يېقىملىق، قانچە ئاڭلىسىڭىز قانمايدىغان بىر لېرىك مۇزىكا. سىز بۇ مۇزىكا لېنتىسىدىن زىرىكسىڭىزمۇ ئۇنى توپا – چاڭ ئاستىدىكى كورۇپكىغا سېلىپ قويماڭ.
ئاياللىق قەلب ئاق بۇلۇتلارنىڭ ئۈزۈپ يۈرگەن گۈزەل ھالىتىنى، ئالتۇن تاۋاقتەك پارقىراپ تۇرىدىغان تولغان ئاينىڭ سۈتتەك ئايدىڭ ئاخشاملىرىنى، ئوماق قىزىڭىزنىڭ كۆزىدەك نۇرلۇق چولپان يۇلتۇزنى، سەبىيلەرنىڭ قاراقلىرىدەك جىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلارنى سىزگە ئاكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كۆك ئاسمانغا ئوخشايدۇ. سىز پەقەت بۇ كۆك ئاسماننىڭ يامغۇر يېشىنلىق مەزگىللىرىنىلا كۆرمىسىڭىز.
ئاياللىق قەلبكە تەبىئەتتىكى بارچە گۈزەللىك، سىر، ھىكمەت مۈجەسسەم بولغان. تەبىئەتنى سۆيگەن، ئۇنى ئاسرىغان، كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغان ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ پۈتمەس – تۈگۈمەس، تەمەننا ۋە مىىننەتسىز  لەززىتىدىن بەھىر ئالالايدۇ.
ئاياللىق قەلب نۇرغۇن كىشى قىزىقىپ سېتىۋالسىمۇ پەقەت ئوقۇشقا خۇش ياقمايدىغان بىر بەدىئي كىتابقا ئوخشايدۇ، سىز ئۇ كىتابنى كىتاب جاھازىسىدىن ئېلىپ مۇنداقچە ۋاراقلاپ قويماستىن تەپسىلى كورۈڭ، شۇنىڭدا ئۆزىڭىز ھىس قىلمىغان نۇرغۇن ئېسىل دۇدانىلەردىن ۋاقىپ بولىسىز.
ئاياللىق قەلب تېخى سىز يازمىغان بىر شىئېرغا ئوخشايدۇ، شىئېر يېزىش ئۈچۈن بەدىئي دىت ۋە ساپا كىتىدۇ. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقت چىقىرىپ ئۈگۈنۈڭ، تېرىشىڭ. ئىشىنىمەنكى سىز چوقۇم ياخشى بىر شائىېر بولالايسىز ۋە قەلب تارىنى چەككىدەك ئېسىل لېرىكىلارنى يازالايسىز. پەقەت ۋاقت چىقارسىڭىزلا.

مۇنبەردىكى بارلىق خانىم – قىزلارنىڭ 8-مارت بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن!


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

مەن تۇرغانلارغا

UID
5387
يازما
331
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
10028
تىزىملاتقان
2010-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-20
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 14:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت تىمىڭىزغا

كۆيۈمچان ئەزا

ئىچىڭدىكى ئىچىڭ

UID
1997
يازما
71
تېما
21
نادىر
0
جۇغلانما
2261
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-24
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 18:18:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللارغا بولغان مۇھەببەت بۈيۈك،ھېچ نەرسە ئورنىنى باسالمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇ خۇددى گۆشكە سېپىلىدىغان تۇزدەك يۈرەككە سىڭىپ،ئۇنى بۇزۇلۇشتىن ساقلايدۇ.

-گيوگو


UID
31585
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-26
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 11:40:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار تورداشلار !  سۆزۈم بۇ تېمىغا مۇناسىۋىتى بۇلمىسىمۇ بۇ يەردە يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
ئالدىنقى قېتىم ‹‹10كۈنلۈك بۇۋاق مارالبېشىدا تاشلىۋىتىلدى›› دېگەن تېمىنى كۆرگەنلەر ياكى شۇ بۇۋاققا ياردەم قىلغانلار سۆزلىشىپ باقساق .بۇ تېما تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتتى.نېمىشقا ؟ئەجىبا بىز ئالداندۇقمۇ؟!

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 18:04:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
borslan يوللىغان ۋاقتى  2012-3-12 11:40
كەچۈرۈڭلار تورداشلار !  سۆزۈم بۇ تېمىغا مۇناسىۋىتى بۇل ...

سىز دېرىكىنى قىلغان بوۋاق توغرىسىدا ئەلكۈيى مىكرۇ بېلۇگىدا ئۇچۇر بار ئىكەن. شۇ يەردىن كۆرۈپ بېقىڭ.

UID
31585
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-26
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 22:39:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0998bahar يوللىغان ۋاقتى  2012-3-14 18:04
سىز دېرىكىنى قىلغان بوۋاق توغرىسىدا ئەلكۈيى مىكرۇ بې ...

مەن تاپالمىدىمغۇ، ئادرىسىنى بىلسىڭىز ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بۇلامدۇ؟ رەھمەت!

UID
33902
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 15:06:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق چىقىپتۇ  بۇ ئەسەر .

UID
34512
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 15:04:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىپ  بولسىممۇ  تىما يولىغۇچىغا كوپ تەشەككۈر!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش