شاياردىكى ساخاۋەتچى ئاياللار
تاھىرجان نىياز
شايار ناھىيەسىدە قەلبىگە ساخاۋەت،مېھرىبانلىق مۇجەسسەنلەنگەن بىر تۈكۈم ئاياللار بارلىققا كەلدى.ئۇلارنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى كۆپلىگەن غېرىپ-مېسكىن كۆڭۈللەرنى خۇشال قىلدى،خاتىرجەم قىلدى.قېنى ئۇلارنىڭ ھېكايىسىگە دېققىتىڭلارنى ئاغدۇرغايسىلەر.
ئانا-بالا ساخاۋەتچى
شايار ناھىيە شايار بازىرىنىڭ ‹‹باغچا››مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 54ياشلىق خەينەم رۇزى ناھىيەلىك پاختا-چىگىت شىركىتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساخاۋەتلىك ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن بولۇپ،بۇ خىيالىنى 2008-يىلى مايدا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنلا رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى.مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل،مېھرىبان ئانىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوغلى ،ئۈرۈمچى ‹‹دانا››ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئىمىنجان ئەخمەتمۇ ‹‹ساخاۋەتچى ئوغۇل››بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.2009-يىلى ئىيۇلدا خەينەم رۇزى ئاغىرىپ قېلىپ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا بىر ئايچە بالنىستا يېتىپ قالدى. مۇشۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچىدە‹‹5-ئىيۇل››ۋەقەسى يۈز بەردى.بۇ چاغدا خەينەم رۇزى ئوغلى ئىمىنجان بىلەن بىرگە ۋەقەنى تېنجىتىپ،خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتا زور تۆھپە قوشقان ،جاپا چەككەن ئارمىيە،ساقچى،خەلق ئەسكەرلىرى، رايۇن،مەھەللە كادىرلىرى ۋە ۋەقەدە زىيانغا ئۇچۇرغان ئاممىدىن ئىككى قېتىمدا 2مىڭ يۈەن نەق پۇل ،1500يۈەنلىك ئۇن،گۈرۈچ ،ماي قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن ھال سوراپ،ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۇلارغا ئۇلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلىدى .
خەينەپ رۇزى شايارغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە قىش،ئەتىياز ۋە ھېيت-بايرام مەزگىللىرىدە ئوغلى بىلەن ئىككىسى غېرىپ-يوقسۇللارغا ئىزچىل ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. خەينەم رۇزى ھەر قېتىم پېنسىيە مۇئاشىنى ئالسىلا 2مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغان مۇئاشىنىڭ بىر قىسمىنى كېسەل،ئاجىز،مېيىپلارغا ئېئانە قىلىشنى ئادەت قىلدى.شايار بازىرىنىڭ ئېگەرچى كوچا مەھەللىسىدىكى قىيىنچىلىقى بار 10ئائىلىگە مىڭ يۈەن تارقىتىپ بەردى.يەنە بىر كىشىنىڭ ئىچكىرىدە ئۆلۈپ قالغان بالىسىنىڭ جەسىدىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە پۇلى يېتىشمىگەندە خەينەم مىڭ يۈەن،ئوغلى ئىمىنجان مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى. بۇلتۇر شايار بازىرى تەۋەسىدىكى بىر ئائىلنىڭ قىزى گاز پاتىلاش سەۋەبىدىن ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ ،ئاتا-ئانىسى قىزىنى داۋالىتىشتا ئېقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ چاغدا يەنە خەينەم رۇزى ئۇ ئائىلىگە مىڭ يۈەن ياردەم قىلىدۇ.بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئوغلى ئىمىنجان ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ 2مىڭ يۈەن ئېئانە يىغىپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ.2010-يىلى خەينەم رۇزى بىلەن ئىمىنجان 10مىڭ500يۈەن چىقىم قىلىپ ئىشتان،چاپان،ئاياغ سېتىۋېلىپ،شايار ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئائىلىسى نامرات ۋە يىتىم 54 ئوقۇغۇچىغا تارقىتىپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ،ياخشى ئوقۇشىغا ئىلھام بەردى ،شارائىت يارىتىپ بەردى.
ساخاۋەتچى ئانىلار قوشۇنى
25-پېۋرال شايار ناھىيە شايار بازىرىنىڭ خوتەن يولى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 60ياشلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبېكتى ئاسىيەم غوجىنىڭ ئۆيىگە خەينەم رۇزى باشچىللىقىدا بەش نەپەر ئايال كىرىپ، ئاسىيەمنىڭ تەسسادىبىي ھادىسىدە زەخمىلىنىپ ‹‹ئۆسۈملۈك ئادەم››بولۇپ قالغان ئوغلى ئالىمجان ئابلانى يوقلاپ،ئاسىيەمگە‹بۇ ساخاۋەتچى ئانىلار قوشۇنىنىڭ ئازغىنە كۆڭلى،بىز داۋاملىق يوقلاپ تۇرىمىز››دەپ تەسەللىي ئېيتىپ 300يۈەن بەردى.بۇلار خەينەم رۇزى باش بولۇپ قۇرغان ‹‹ساخاۋەتچى ئانىلار قوشۇنى››نىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ،ئۇلار بۇ كۈنى يەنە پىشىقەدەم كادىرلار مەھەللىسىدىكى قاتناش ھادىسىسىدە ئېغىر زەخمىلەنگەن ئېزىز باسىت قاتارلىق كېسەلجان،نامرات بەش ئائىلىگە بېرىپ،ئۇلارغا ‹‹ساخاۋەتچى ئانىلار قوشۇنى››نامىدىن 1300يۈەن پۇل ۋە يوتقان-كۆرپە ئېئانە قىلدى.ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەر تەسىرلىك ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ،بۇ ساخاۋەچى ئانىلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتتى.
بۇ ‹‹ساخاۋەتچى ئانىلار قوشۇنى››قانداق شەكىللەندى؟ بۇ قوشۇننى دەل خەينەم رۇزى تەشكىللىگەن.خەينەم رۇزى جەمئىيەتتە يەنە نۇرغۇن ئاجىزلار توپىنىڭ مېھرىبانلىققا،خەيرى-ساخاۋەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ،دوست بۇرادەرلىرىگە ‹‹ساخاۋەتچى ئانىلار قوشۇنى››بولۇپ تەشكىللىنىش تەكلىپىنى بەردى.بۇ تەكلىپكە دەرھاللا 20 دوستى قوشۇلدى.شۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر 1-دىكابىر بۇ‹‹ساخاۋەتچى ئانىلار قوشۇنى››شەكىللەندى.ھەر بىر ئەزانىڭ ئايدا بېرىدىغان پۇلىنىڭ تۆۋەن چېكى20يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى.ئىككى ئاي ئىچىدىلا بۇ قوشۇننىڭ ئەزالىرى40قا يەتتى.ساخاۋەتچى ئانىلار قوشۇنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى خەينەم رۇزى مۇنداق دېدى؛‹‹جەمئىيەتتە ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەر بەك كۆپ ئىكەن.ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشنى نوقۇل ھۆكۈمەتكىلا ئارتىپ قويساق بولمايدۇ.ئاجىزلارنى يۆلەش،ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت،ئىنسانپەرۋەرلىك روھ. بۇ ئىشىمىز نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەم ناھىيەلىك پارتىكوم،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.بىز ناھىيەگە ‹‹ساخاۋەتچى ئانىلار جەمئىيىتى ››قۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇندۇق.بىز بۇ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ كەڭ دائىردە قانات يايدۇرۇشقا تىرىشىمىز››.
تىجارەت بىلەن ساخاۋەتنى تەڭ ئېلىپ بارىدىغان جاۋ چېن خانىم
28-پېۋرالشايار ناھىيە شايار بازىرىنىڭ خوتەن يولى مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر نامرات ،قىيىنچىلىقى بار ئائىللەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە خەنزۇ يەككە تىجارەتچى جاۋچېن خانىمنىڭ يەنە مېھرى-شەپقىتى يەتتى.بۇ كۈنى ئۇ 28نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا 7000يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش قوراللىرى،تەنتەربىيە بويۇملىرى،تەنھەركەت كېيىمى تارقىتىپ بېرىپ،ساخاۋەتلىك كۆڭلى،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسىرايدىغان روھىنى نامايەن قىلدى.ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى رازىگۈل مەھەمەت خۇشال بولغان ھالدا ‹‹جاۋ چېن ھەدەمنىڭ بىزدەك ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغانلىقىغا كۆپتى-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. چوقۇم تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ،جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن››دېدى.
ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتىسى قۇربان رۇزى مۇنداق دېدى:‹‹بۇگۈن جاۋ چېن خانىم مېنىڭ بالامغىمۇ نۇرغۇن ياردەم قىلدى.مەن بىلسەم بۇ خانىمنىڭ بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئۇيغۇر،خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىۋاتقىنىغا بىر قانچە يىل بولدى.‹‹مەن كۆپ تەسىرلەندىم،بالامنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتىمەن››.
قۇربان رۇزى توغرا دەيدۇ.جاۋ چېن خانىمنىڭ ‹‹ىوتەن يولى››مەھەللىسىدىكى ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولدى.جاۋ چېن خانىم ناھىيە بازىرىدىكى ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق بولغان‹‹لەيدې››مەدەنىيەت-تەنتەربىيە بويۇملىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى.ئۇ دۇكىنىدا ئىش كۈتۈپ تۇرغان بەش نەپەر ئۇيغۇر،خەنزۇ ياشنى ئىشلىتىپ،ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى.ئۇ شاياردا توغۇلۇپ،ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان.ئۇ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.ئۇ تىجارەت قىلىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن ،يوقسۇل،ئاجىزلارغا ساخاۋەت يەتكۈزۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى.بەش يىلدىن بۇيان ئۇ ھەر يىلى ‹‹خوتەن يولى››مەھەللىسى تەۋەسىدىكى‹‹شۇگۇاڭ››باشلانغۇچ مەكتىپى ھەم مۇشۇ مەھەللىدىكى باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان 200گە يېقىن ئائىلىسى نامرات ئۇيغۇر ،خەنزۇ،خۇيزۇ ئوقۇغۇچىغا 30مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتە ئوقۇش قوراللىرى،كېيىم كېچەك ياردەم قىلدى.
يەككە تىجارەتچى جاۋ چېن مۇنداق دېدى:‹‹بۇ مەھەللىدە ئۇيغۇرلار ھەم نامرات،قىيىنچىلىقى بار ئائىللەر بىر قەدەر كۆپ ئىكەن.ھەممە مىللەت بىر ئائىلە كىشىللىرى،بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى.نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن بالىلارغا ھال-ئەھۋالىمىز ياخشىلار چوقۇم ياردەم قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.چۈنكى بىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە پۇل تاپتۇق››.
ساخاۋەتچى ئانىلار جەمئىيەتنىڭ ئانىسى،يوقسۇل،ئاجىزلارنىڭ ئانىسى،جەمئىيىتىمىزدە مۇشۇنداق ساخاۋەتچى ئانىلار،ساخاۋەتچى ئاتىلار قانچە كۆپەيسە ئاجىز،مېيىپ،يىتىم-يېسىرلار شۇنچە كۆپ ياردەمگە، مېھرىبانلىققا ئېرىشىپ،مېھرىبانلىق نۇرى مېسكىن قەلىبلەرنى ئىللىتىدۇ،ئالەمنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ.
مەنبە:ئۆزۈم. |