شىنلاڭ تورى تاققا-تۇققا خەۋىرى:
ئەڭ ئىشەنچىلىك خەۋەرگە ئاساسلانغاندا،7-مارت تونۇر شىركىتى كۇچادا ئاينان«iNan3»نى بازارغا سالماقچى ئىكەن.ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە تونۇر شېركىتى بۇ قېتىم بازارغا سالغان ئاينان 3 ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ نىپىزلىكى ۋە ئەللىك سانتامىتىرلىق كۆركەم ئىكرانى بىلەن 2012-يىلى بۆسۈش خارەكتىرلىك يېڭىلىق ياراتماقچى.ئۇنىڭدىن باشقا ئاينان 3 يۇقۇرى تېخنىكا ۋە ئالاھىدە ناۋايچىلىق بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇپ،تونۇردىن چىقىپ نورمال توك قاچىلانغان ۋاقىتتا ئالتە ئاي ساقلىغىلى ۋە بىرلا قېتىمدا 5-6 ئادەم مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.دەھشەت چوڭ ئېكرانىغا سەپلەنگەن چىكىلمە گۈللىرى كىشىگە زوق بىغىشلايدىغان بولۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئىنتايىن ئەپلىك.ئىشەنچىلىك خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە تونۇر شېركىتى نۆۋەتتە ئايتوقاچ،ئايسامسا،ئايمانتا ۋە ئايگۆشنانلارنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بازارغا سالارمىش!
خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى: http://weibo.com/329222121
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-6 09:49
|