ئەلقىسسە خىزمەت بىلەن ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىۋاتقان گۈزەل كورلىغا بىلىپ-بىلمەي قايتا كىلىپ قالدىم.بۇ قېتىم مىنى ئالدىراتقىنى خىزمەت ئىشىمدىن باشقا كۆنجى دەرياسىنىڭ قىشلىق مېھمانلىرى-ئاققۇلار توپى ئىدى..
ئۈرۈمچىنىڭ قارا سوغۇقىدىن ئايرىلىپ 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كورلىغا يىتىپ كەلدىم ۋە تونۇشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياتاققا چۈشۈپ شۇ كۈنىلا خىزمىتىمنى پۇتتۇرگەنمۇ بولدۇمدە ھاپىلا شاپىلا سوراشتۇرۇپ كۆنجى دەرياسىغا كەلدىم..
كورلا شەھرىنىڭ مەركىزىنى كىسىپ ئېقىۋاتقان كۆنجى دەرياسى ئاققۇلارنىڭ قىشلىق ماكانى بولۇپ قالغىنىغا نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ،بۇ يىلقىسى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتى.يېقىنقى يىللاردىن كورلاشەھرىنىڭ مۇھىت ئاسراش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ،ئاققۇ،ياۋا ئۆردەك..........(ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ياۋا قۇشلار بار ئىدى،كەمىنىنىڭ بۇ توغرىسىدا بىلىدىغىنى ئاز بولغاچ قالغان قۇشلارنى زادى بىلەلمىدىم،كەچۈرۈڭلار ھە..) قاتارلىق بىر-بىرىدىن گۈزەل قۇشلار بايىنغولىندىن بۇ يەرگە توپ-توپى بىلەن يىغىلىپ ماكانلىغان ئىدى.ئۇلار سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆنجى دەرياسى،ھاۋاسى ئىللىق دەريا ئاسمىنىدا ئەركىن قانات قېقىشىپ جىمجىت ئېقىۋاتقان بۇ گۈزەل ئانا دەرياغا باشقىچە ھاياتىي كۈچ ئىلىپ كەلگەنىدى.
دۇنيا ۋاقتى سائەت ئىككى يېرىمدىن ئاشقان چاغ.. زىمىستان قىش پەسلى،تىنىمسىز ئېقىۋاتقان كۆنجى دەرياسى..
ئىللىق كورلا ھاۋاسىدا دەريادىكى ئاققۇ ئۇسۇللىرىنى تاماشا قىلىۋاتقان كىشىلەر،قولىدا ھەر تۈرلۈك ئاپارات كۆتۈرگەن ماڭا ئوخشاش ھەۋەسكارلار،كەسپىي فوتوگرافلار،ئاشۇق-مەشۇق،قېرى-ياشلار بىلەن تولغان دەريا بويىدىكى پىيادىلەر كوچىسىغا پۇتلۇشۇپ دىگۈدەك كىرىپ كەلدىمدە دەريادىكى مۆجىزە كەبى ئۇجۇر-مۇجۇر ئاپپاق قۇشلارغا قاراپ يۈرۈكۈم سوقۇپ كەتتى.مەندەك غاز-ئۆردەكنى پەرىق قىلالمايدىغان تاشقىي پىلانت ئادىمىگە نىسبەتەت بۇ بىر كارامەت بولىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىدى.
-ياۋ....ئاققۇ دىگەن مۇشۇكەندە،نىمدا ئۇزۇن بوينى بار مەخلۇقتۇ بۇ-دەۋەتتىم ئۆزۈمگە.. قولۇمدىكى ئاپاراتنى دەريادىكى كۆرۈنۈشكە توغۇرلاپ قايەردىن باشلاشنى ئويلىمايلا خۇددى بۇ ئاققۇلار ھازىرلا بىر ياقلارغا ئۇچۇپ كىتىدىغاندەك ئەندىكىش ھەم ھاياجان بىلەن زىۋوتنى باستىم.ئۇ كۈنى ھاۋا باشقىچىلا ئوچۇق ھەم كۆزۈمنىڭ ئانچە ياخشى بولماسلىقىدىن تارتقان رەسىمنى قايتا تەكشۈرمەيلا ئىككى سائەتتەك ھەپىلىشىپ مۇھىم بىر ئىش بىلەن دەريا بويىدىن ئايرىلىپ تۇرالغۇغا قايتپ كەلدىمدە تارتقان رەسىملەرنى تاماشا قىلماق بولۇپ تەپسىلىي كۆز يۈگۈرتتۇم..قوللىرىم تىتىرەپ ئۆزۈمنى كاچاتلاشقا ئازلا قالدىم.....رەسىملەر مەغلۇپ بولغان ئىدى! شۇ چاغدىلا فوتوگرافچىلىقتا ئەڭ ئاساسىي ئىلىم بولىمىش رەسىم تارتىش ئالدىدىكى تەييارلىقنى يەنى ئاپىراتنى شۇ چاغدىكى كۆرۈنۈشكە لايىق تەڭشىمىگەنلىكىمنى بىلدىم. -ئىسىت!ئىسىت!-دىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە-مەنمۇ رەسىم تارتىمەن دەپ يۈردۇممۇ؟ئەڭ ئاددىي ئەمما ئەڭ ھالقىلىق بولغان تەييارلىقنى قىلماي ئالدىراقسانلىق قىلغىنىمنى...-ئىچىم مۇچ يۈتىۋالغاندەك ئىچىشتى.بۇ قىلغىنىم سۇغا كىرىپ ئاياق،يوتقانغا كىرىپ ئىشتان سالغاندەك ئىش تە!! ئەتىسى ئۈرۈمچىگە قايىتمىسام بولمايتى..''ئەندى كەتسەم قاچان كىلۇرمەن...'' دىگەن ناخشىنى ئىچىنىش بىلەن ئىچىمدە غىڭشىپ يىلىم چىقتى.شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ قولۇمغا ئاپىراتنى قايتا ئالدىم دە كۆنجى دەرياسىغا يۈگۈردۈم..نەچچە كۈنلۈك خىزمەتتىن چارچاپ قالدىممۇ،خىزمەتتىكى ئويلايدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدىنمۇ بىرنى ئالسام بىرنى ئۇنتۇيدىغان ماڭا نىسبەتەن ئاپىراتنى تەڭشىمەي رەسىم تارتىشتەك كەچۈرگىسىز خاتالىقنىڭ يۈز بىرىشى مۇقەررەر ئىدى.مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۆزۈمنى 'شىددەت' بىلەن كەچۈردۈم،بۇمۇ ماڭا ساۋاق بولغانمۇ بولدى ! (ھى ھى ھى...ئەمدى بۇلماق يىمەيمەن!)
خۇددى ''بايام بىر ئاداش قولىدىكى ئوقەتنى تەڭشىمەي بىزنى تارتىۋەرگەن،پۇشايماندا قايتا كىلىشى مۇمكىن،كۈتۈپ تۇرلى..'' دىيىشكەندەك كائىناتنىڭ مۆجىزىسى،پاكلىكنىڭ ئەلچىسى بولغان بۇ گۈزەل جانىۋارلار تېخىمۇ توپلىشىپ بىردە ئۇچۇپ بىردە سايراپ،بىردە بىشىنى دەريا ئىچىگە تىقىشىپ ئوزۇقلىنىپ،بىردە قانات قىقىشىپ مىنى كۈتۈپ تۇراتتى.. ئاپىراتنى خۇشاللىقتا قولۇمغا ئىلىپ ئۇستازلاردىن سورىۋالغان مۇشۇ خىلدىكى مۇھىتتا رەسىم تارتىش ئۇسۇلىغا تەڭشەپ زۇمرەت كەبى كۆنجى دەرياسى،دەريا ئۈستىدە لەرزان قانات قىقىپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقان ئاققۇلارغا توغرىلاپ زىۋوتنى باستىم..
ئالاھىزەل ئىككى سائەت ھەپىلەشكەندىن كېيىن كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىدى..كۆك ياقۇتتەك سۈزۈك دەريا سۈيى قىزىل ياقۇت سىماسىغا ئۆزگەردى،بۇ فانتازىيە تۈسىنى ئالغان كۆرۈنۈشتىن قايتا ھاياجانلاندىم،يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى ئۆزۈمگە ئاڭلىنىپ كەتتى.قوبۇل قىلساڭ ساۋاقنى،قايتا ئالىسەن چاۋاقنى (مىسران ماقال-تەمسىللىرى ھى ھى )دىگەندەك ئاپىراتنى ئالتۇن سىمان مەنزىرگە قايتا تەڭشىدىمدە ئاققۇلار توپىغا كىرىپ كەتتىم.....
كۈن ئولتۇرۇپ كۆنجى دەريا كۆۋرىكى ئۈستىدە غۇۋا چىراقلار يىقىلغاندا رەسىملەرنى تەكشۈرۈپ ئىچىم يەنە ئېچىشتى،نۇرغۇن رەسىملەر خاتا تارتىلغان،نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەردىن مەھرۇم قالغان.ئاپىراتنىڭ تەڭشىلىشى مۇۋەپىقىيەتلىك ئەمەسلىكىدىن،پېقىرنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى بولسىمۇ،چەكلىك سەۋىيىسى كاساپىتىدىن تارتىلغان رەسىملەر كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ،فوتوگراف ئىلمىدە تېخىمۇ تىرىشىپ كىلەر يىلدىكى كۆنجى دەرياسىنىڭ قىش پەسلىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ،ئاققۇلارغا قىيالماي...مەغلۇپ بولغان تىنىمنى ئىشەنىچدىن ھارۋا،ئۈمىددىن ئات ياساپ زورىغا سۆرەپ قايتىپ كەلدىم....
(كەمىنە يېڭى ھەۋەسكار بولغاچ سەۋىيەسى چەكلىكتۇر،、ئەلكۈيىدىكى ئۇستازلار،بۇزۇگلار،ئۇز پەرى-مەلىكىلەر،پېشۋايى ئەزەملەر،قامۇسۇل ئەلەملەر ۋە بارلىق فوتوگرافچىلىققا قىزىققۇچى ئەختەر-پەختەرلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!)
|