كۆرۈش: 2188|ئىنكاس: 9

ئۆزىنى ئىزدەش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
31308
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 20:50:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك چاغلىرىمدا  ئىزدەيتىم،قەلەم تۇتقان قوللاردىن،ئېلىپبەنى ھەجىلەپ يازغان شۇ قۇرلاردىن،مۆكۈمۆكۈلەڭ ئويناپ مۆكۈشكە جاي تېپىش ئۈچۈن ئوي دۆڭ دېمەي قىيغىتىشقان ئەگرى بۈگرى يوللاردىن.«نېمە ئىزدەۋاتىسەن؟!»دېگەن غايىبانە سۇئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن نېمە ئىزدەۋاتقانلىقىمنى بىلىش ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا ۋەزندىنمۇ ئەيتاۋۇر نېمىنىدۇر ئىزدەيتىم.
يىگىرمە باھار، يىگىرمە ياز ،يىگىرمە قىش ،يىگىرمە كۈزنى ئۆتكۈزۈپ تۆنۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يەنە ئىزدەپ كېلىۋاتاتتىم.قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۈلۈمسىرەش قاراشلىرىدىن،ئانامنىڭ مىھىرلىك قوللىرى بىلەن باش-كۆزۈمنى سىيلاشلىرىدىن،يىگىتلىك ئالامەتلىرىمنىڭ ھەر يوسۇندا بىخلاشلىرىدىنمۇ يەنە نېمىنىدۇر ئىزدەشلىرىم توختىمايتى.ئاسماندىن سورايتىم،سۇئاللىرىمغا جاۋابەن ئاسمان كۆزياشلىرىى ياكى يېقىشلىق پۈۋلەشلىرى بىلەن ماڭا تەسەللىي بەرمەك بولاتتى.زادى نېمىنى سورىماقچى بولغىنىمنى بىلىدىغاندەك،لېكىن دەپ بېرىش شۇنچە مۈشكۈل، چوقۇم ئۆزۈم سۇئال ۋە جاۋابىنى تېپىشىم زۆرۈردەك تەرەزدە ماڭا سالماقلىق بىلەن باقاتتى. ئەسلىدىنلا چىگىىشلىشىپ كەتكەن، سۇدا نەمدەپ تارغاق سېلىشقا زارىققان خياللىرىمغا يەنە قانداقتۇر چىگىش تۇيغۇلار قوشۇلۇپ مېنى ئارام تاپقۇزمايۋاتاتتى.
  ھاياتىمنىڭ 28-بېتىنى ۋاراقلاۋاتقان مۇشۇ كەملەردە قالغان 27بەتتىكى سۇئالسىز جاۋاپ ،جاۋاپسىز سۇئاللارغا بېقىپ ئۆزۈمنىڭ زادى قايسى سۇئالغا قايسى جاۋاپنى ئىزلەۋاتقانلىقىمنى تېپىشقا ئۇرۇندۇم.شۇنچە يىل ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بەش جان ئادەم بىلەن ياشاۋاتقان يالغۇز ھاياتىمغا نەزەر تاشلىدىم،مېنىڭ ئوي خيالىم،ئۇلارنىڭ ئوي خيالللىر ئىككى قۇتۇپتا بىر-بىررىگە چەكسىز يېقىنلىشىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ،يەنىلا مەڭگۈ شۇ پېتىچە تۇرۇپ، مەلۇم بىر كېسىشمە نۇقتىدا ئۇچىرىشىشقا ئىمكانىيەتنىڭ يوقلىغىنى ئىسپاتلاۋاتاتتى.
   دېرىزدەمدىن چۈشكەن ئاينىڭ نۇرلىرىدىن ئۆزۈمنى شۇنداق يەڭگىل ھېس قىلدىم. كۆككە باقتىم، بىر دانە يۇلتۇز بىلەن پەقەت شۇ ئايلا تۇرغان چەكسىز بوشلۇق مېنى ئۆزىگە رام قىلدى. ئايغا باقتىم،ئاي بىلەن يۇلتۇز خۇددىي نېمىنىدۇر سۆزلىشىۋاتقاندەك،شۇنچە بىمالال،شۇنچە ئەركىن كۆرۈنەتتى. ئالەم بوشلۇقى شۇ كىچىككىنە ئاي ۋە شۇ بىر دانە يۇلتۇز ئۈچۈن نەقەدر كەڭ ،نەقەدەر چەكسىزلىك بولسىمۇ،ئارىسدا ھېچقانداق بوشلۇق يوق پىكىرلىشىش،سىردىششلار مېنىڭ يىللاردىن بېرى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىرىمنى تېپىۋېلىشىمغا ياردەم قىلغاندەك ئىدى. «راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟!»   
   سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن،شۇنچە كۆپ ئادەملەر بىلەن بىللە تۇرۇپمۇ،تەنھا ياشاۋتقان بوشلۇقۇمغا بىراۋنى يانداش قىلدىم.ئىلگىرى ماددىي تەرەپلەردىن قوشۇلۇلغان بولسام، مەنىۋىيىتىم،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇنىڭ بىلەن قۇشۇلدۇم.ئەجىبا، مەن شۇنچە يىل ئىزلەۋاتقىنىم مەن بىلەن ئورتاق نىشان ،ئورتاق مۇددىئا ئۈچۈن جاپادا ھەم ھالاۋەتتە ئۆمۈرلۈك بىرگە بولالايدىغان بىرسىنى تېپىشلا بولغىيمىدى. قىز-يىگىتلەر مۇھەببەتنىڭ سەۋداسىدا زارىقىپ كۈتكەن« مۇقەددەس كېچە »نىمۇ تەڭ كۈتۈۋېلىپ ،تەڭ ئۇزاتتۇق. بىزنى قوينىغا ئالغان سۆيگۈنىڭ ئاپئاق دەستۇرخىنىنى
ئۆز-كۆزۈمگە ئىشەنمىگەن ھالدا قىپقىزىل خېنە بىلەن بويىدىم. بىردەمدىلا دەستۇرخاندا ئېچىلغان قىپقىزىل خېنە گۈللىرى تەشۋىشلىرىمنى،ئەندىشلىرىمنى،چىگىشلىرىمنى يەشكەندەك كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپلا كەتتى.
   ئەمدى ھاياتىمنىڭ ئاشۇ قۇرلىرىنى ئۈنچە بىلەن تىزىشقا كامىل بولغان ھاياجان ۋە جاسارەت بىلەن ،يۈرەكلىرىمنىڭ تېز تېز سوقۇشلىردىن تىترەۋاتقان سەزگۈلىرىمنى،تىترەۋاتقان قوللىرىمنى،تىترەۋاتقان دۇنيانى قانائەتلەندۈرگىدەك جاۋاپقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قەلەمنى قەغەز ئۈستىدە ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئوينىتىشقا باشلىدىم.
   « گۇمان بىلەن كەڭرى قۇچىغىڭدىن ئورۇن بەرگىنىڭگە قوشۇمامنى تۈرۈپ،سۆرۈن تەلەتىم بىلەن باققان گۈزەل تەبىئەت مېنى كەچۈر.»
   «گۇمان بىلەن مېھىرلىك ھەم كۈيۈملۈك پەرۋىشلىرىڭدىن ئاغرىنغان ،ئانا،مېنى كەچۈر!»
«گۇمان بىلەن ماڭا بېغىشلىغان،ئاتا قىلغان،بارچە بارچە نىممەتلىىرىڭدىن گۇمان قىلغان ،«ھەممە»،مېنى كەچۈر!»
ھاياتىمنىڭ يىگىرمە سەككىزىنجى بېتىگە قايتا نەزەر تاشلىدىم، قالغان يىگىرمە يەتتە بېتىنى گۇمان قاپلىغان بولسا،يېڭى بېتى تولۇپ تاشقان ئىشەنىچ بىلەن ھەممىگە تويماي،تويماي قاراۋاتاتتى.
   مەنبە: قەلىمىم
2012.03.02

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 20:26:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر بىزنىڭ تېخى ئالدىمىزدا ،

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 20:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات ئەنە شۇنداق چىگىش سۇئاللار بىلەن بىرىكىپ كەتكەن، بىر توپ ئادەم ئىچىدە ياشايمىز، نامەلۇم بىر نىمىنى تېنماي ئىزدەيمىز، لېكىن زادى نېمە ئىزدەۋاتقىنىمىزنى ئۆزىمىزمۇ بىلمەيمىز. ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق پۇشايمان ۋە ئۆكۈنۈشلەرگە توشۇپ كەتكەن غۇۋا بىر كارتېنا؛ كەلگۈسىمىزگە باقساق مەۋھۇم بىر بوشلۇق! قايناق ھايات ئىچىرە يالغۇزلۇقنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىمىز، تاكى روھىمىز چاڭقاپ توزۇپ كەتكىچە قەدەر ئەنە شۇنداق ھاياتنى داۋام ئىتىمىز.
   لىرىكىلارغا تويۇنغان ھەر بىر قۇر يۈرەك سۆزىڭىزدىن ئۆزگىچە زوق ئالدىم، ھاياتلىق خاتىرىڭىزنىڭ 28- بېتىنى ئەڭ گۈزەل نەقىشلەر بىلەن بېزىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 22:32:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەخىتلىك ، ئىناق ، ئۆمۈرلۈك بولۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن .
دېۋاندىكى توردىشىمىز ئېيتقاندەك كۈنلەر تېخى ئۇزۇن .
  1. [color=Red] ھاياتىمنىڭ يىگىرمە سەككىزىنجى بېتىگە قايتا نەزەر تاشلىدىم، قالغان يىگىرمە يەتتە بېتىنى گۇمان قاپلىغان بولسا،يېڭى بېتى تولۇپ تاشقان ئىشەنىچ بىلەن ھەممىگە تويماي،تويماي قاراۋاتاتتى. [/color]
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسنى كۈتۈۋېلىڭلار.

UID
32607
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:01:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىت ۋە ئشەنىچ بولغاندىلا ،مەنزىل شۇ ئىشىكنىڭ كەينىدە!

UID
32872
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 00:59:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
32835
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 12:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۆمرۈڭلارغا بەخىت يار بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
32835
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 12:25:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۆمرۈڭلارغا بەخىت يار بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
34240
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 03:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2012-3-3 22:32
بەخىتلىك ، ئىناق ، ئۆمۈرلۈك بولۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن . ...

ئەسەر  ئىگىسىگە رەخمەت  ...
تورداشلار دىگەندەك  ئۆمۇر ئۇزۇن  تىرىشقاندىلا بەخىتلىك بۇلالايدۇ .......

UID
15477
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
223
تىزىملاتقان
2011-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 05:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار ئەينەككە قاراپ  چىرايىنى ھەسەت  قىلار.............
ئۇغۇللار  بوي  بەستىگە  ھەسەت  قىلار...................
                     


                   ئەينەككە  قانداق  قاراشنى  ئۇگۇنىڭلار............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش