- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 586
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3796
- تىزىملاتقان
- 2011-4-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- UID
- 10525
- يازما
- 586
- تېما
- 29
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3796
- تىزىملاتقان
- 2011-4-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- توردا
- 323 سائەت
|
قىز تەربىيەلەش بەسى مۈشكۈل ئىش . چۈنكى قىز بالا دىگەن بەئەينى ئەينەك پارچىسىغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭغا قاتتىقراق مۇئامىلە قىلسىڭىز سۇندۇرىۋالىسىز ، بەك پاكىز تۇتىمەن دەپ تولا سۈرتسىڭىز ، كورلاشتۇرۇپ قويىسىز . ئەگەر تۇرغىنى بويىچە تۇرسۇن دىسىڭىز چاڭ - توزان بېسىپ ، پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا بۇ ئەينەككە ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز ، ئۇنى قانداق ۋاقىتتا ھويلىدا ، قانداق ۋاقىتتا مېھمانخانىدا قويۇش لازىملىقىنى ياخشى بىلىشىڭىز كېرەك .
بىراۋ پەيلاسوپتىن سوراپتۇ : « دۇنيادا ئۆلۈمدىنمۇ يامىنى نىمە ؟» « قىزىڭنىڭ ناقابىل تۇغۇلىشى » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ پەيلاسوپ . ھەقىقەتەنمۇ قىز كەلتۈرگەن نومۇس ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر . بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا مەن قىزى كەلتۈرگەن نومۇس سەۋەپلىك بېشىنى تىكلىيەلمەي ياشاۋاتقان ئاتىلارنىڭمۇ بارلىقنى بىلىمەن . « ئۆلىۋالاي دىسەم يەنە شۇ بالىلارنى ئويلىدىم ، - دىدى شۇنداق ئاتىلاردىن بىرى ماڭا ،- مەن نىمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلمىدىم ، قىزىم مېنى ياشىغۇسىزلا قىلىۋەتتى ...» دادا بولغۇچىنىڭ بىچارىلىكىگە قاراپ ئىچىم ئېچىشتى ، ئۆزۈمنىڭ قىزىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم ھەم ئۈن - تۈنسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئىنساپ ، دىيانەت تىلىدىم .
بەلكىم ، ھېچقانداق دادا بۇنداق كۈنگە قېلىشنى خالىمىسا كېرەك .ئەمما بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ خالار - خالىماسلىقى بىلەن ھېساپلاشمايدۇ ، يۈز بەرگۈسى كەلگەندە يۈز بېرىۋېرىدۇ .ئەمما مۇشۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدە چوقۇم مەلۈم ئىچكى جەريان بولغان بولىدۇ . قىزنىڭ ئائىلىگە زىيان كەلتۈرىشىمۇ ھەرگىز تاسىدىپىي بولۇپ قالمايدۇ . ئەگەر بىر قىز ھەقىقى مەنىدىكى ئائىلە تەربىيىسىنى ئالالىغان بولسا ، ھەرگىزمۇ ئائىلىسىگە نومۇس كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ ، ئەكسىچە ئائىلىسىنىڭ شان - شەرىپىنى قوغدايدۇ . بولۇپمۇ مۇكەممەل ئانا تەربىيىسى كۆرگەن قىز ھەرگىز ئاتىسىنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ . ئەلۋەتتە قىزلارمۇ ئوغۇللارمۇ ئخشاشلا ئانا تەربىيەسىز ھەقىقى ئىنسان بولۇپ چىقالمايدۇ . ئەمما بىر ئائىلىگە ، بىر جەمىيەتكە ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈنگە نىسبەتەن قىز بالا تەربىيىسى ناھايىتى زىل ، ئىنچىكە مەسىلە ھېساپلىنىدۇ . بۇ ئىنچىكە مەسىلىدە بولسا ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ . چۈنكى قىز پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئاتىلار ئۈگىتەلمەيدىغان ، چوقۇم ئانلار ئۈگەتمىسە بولمايدىغان تالاي تەرەپلەر بولىدۇ .
ئانا ئىلىدىكى يۈرۈش - تۇرىشى ، گەپ - سۆزلىرى ، مۇئامىلسى ، سۆيگۈ - ساداقىتى ، پاك - پاكىزلىقى ، مېھىر - مۇھاببىتى ، مېھمان كۈتىشى ، چېچەن - چاققانلىقى ... قاتارلىق تەرەپلەردىن قىز پەرزەنتلەر ئۈچۈن بىردىنبىر ئۆرنەك ھېساپلىنىدۇ . پەقەت بۇلا ئەمەس ، يەنە ئانىنىڭ ئىدىيە كۆز قاراشلىرىمۇ قىز پەرزەنتكە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بىر ياخشى تەربىيەلەنمىگەن قىزنىڭ گۇناھىنى ئانا زىممىسىدىن قىدىرىمىز . چۈنكى ، ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ ئاتىسىدىن ھەم سىرتتىن ئۆرنەك تەسىر قوبۇل قىلشى كۈچلۈك بولسا ، قىزلارنىڭ ئانىسىدىن ھەم ئائىلىسىدىن تەسىر قوبۇل قىلشى كۈچلۈك بولىدۇ . شۇنداق ئىكەن ، ئانا بولغۇچى ئۇنىڭغا ياخشى ئۆرنەك ، ياخشى تەربىيىچى بولالمىغان بولسا ، بۇ ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى جايىدا ئادا قىلالمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ . خەلقىمىزدە « ھايۋان تۇياقتىن ، ئىنسان قۇلاقتىن سەمىرىيدۇ » دىگەن گەپ بار . بۇ گەپنى ئېنىقى ئانلارنىڭ قىزلىرىنى تەربىيەلىشىگە تەدبىقلاش تېخمۇ ئېنىقى ئانلارنىڭ قىزلىرىنى تەربىيەلىشىگە تەدبىقلاش تېخمۇ ئاقىلانىلىق بولسا كېرەك . چۈكى ، تەلەپچان ، بىلىملىك ئانىلارنىڭ « قۇلاققا پىچىرلايدىغان گەپلىرى » بولىدۇ . ئۇلار بۇ گەپلەرنى قىزلىرىنىڭ قۇلىقىغا تىمىمسىز تۆكۈپ تۇرىدۇ ، ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ، ھايا - پەردىشەپنىڭ ، ئار - نومۇسنىڭ ، ئىپپەت - پاكلىقنىڭ ، گۈزەك خۇلقنىڭ قىزلارنىڭ زىننىتى ھەم قىممىتى ئىكەنلىكىنى ، شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇنداق ئىسىل خىسلەتلەرنى تەرك قىلماسلىقنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ تۇرىدۇ . قىز بالىنىڭ قانداق قىلغاندا ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ، بىر ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ چىقالايدىغانلىقنى ، چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىزلارغا خاس ھەر خىل جىسمانىي ۋە روھىي ئۆزگىرىشلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۈگىتىدۇ . شۇڭا بىزدە « گاچاقىزنىىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ » دىگەن گەپ بار .
قىز تەربىيىلەش كېلەچەكتىكى ئانىلارنى تەربىيەلەش دىمەكتۇر . مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ھەرقانداق ئائىلىدىكى ، جۈملىدىن ئانىلارنىڭ ئالدىدىكى مۈشكۈل ۋەزىپە ھېساپلىنىدۇ . چۈنىكى ، كېلەچەكتىكى ئانىلارنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىشى مىللەتنىڭ روناق تېپىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر . ئانىلارنىڭ ساپاسى ئۆسسە ، پەرزەنتلەرنىڭ ، ئەۋلادلارنىڭ ساپاسى ئۆسىدۇ . بۇ مىللەتنىڭ ساپاسىغا ، جىمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك زۇر ئىشتۇر . شۇڭا دەيمەن ، بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ئەڭ كېرەك بولىۋاتقىنى ، ئۆزىنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق، شەرم - ھايا ، چېچەن بىلىملىكلىگى بىلەن قىزلىرىغا ئۆرنەك بولىدىغان ، كېلەچەكنىڭ ئانىلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مەسىلىدە قىلچىمۇ سەۋەنلىككە يول قويمايدىغان ، ئۆزىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ ، قىزلىرىنى تېخىمۇ ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ئانىلاردۇر .
روزىمۇھەممەت مۇتەللىپنىڭ « سىز كىم » دىگەن كىتاۋىدىن ئېلىندى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-2 09:45
|
|