ۋاقىت يوق!
دىققەت قىلغانمۇسىز؟ مۇشۇ كۈنلەردە ھەممىمىزگە دېگۈدەك بىر نەرسە زادىلا يېتىشمەيدۇ. ئۇ نىمە؟ ۋاقىت! كوچىدا ئۇچراشقان ئادىمىڭىزدىن بىرەر نەرسىنى سوراپ كۆرۈڭ ياكى بىرەر ئىشنى ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ.ئەلۋەتتە،ئۇنىڭ <<ۋاقتى يوق>> بولۇپچىقىدۇ. يېنىڭىزدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارغا قاراڭ. بىرەر مىنۇتلۇق قىزىل چىراققا ھەم توختىغۇسى كەلمەيدۇ. مەيلى جان خەتەرگە قالسا قالسۇن،ئۇ تېزراق يۈرۈپ يولغا راۋان بولۇشى كېرەك! چۈنكى ۋاقىت يوق!
بىزنىڭ ۋاقتىمىزغا زادى نىمە بولدى؟ نىمىشقا بىزنىڭ ۋاقتىمىز يوق؟ ۋاقتىمىز زادى قاياققا كەتتى؟ ۋاھالەنكى،بىز بۈگۈن پەن-تېخنىكا راۋاجلانغان، زامانىۋىي تىلدا ئېيتىدىغان بولساق مەدەنىيەتلىك(سىۋىلزاتسىيە) دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. بۈگۈن دۇنيانىڭ قايسىبىر بۇرجىگىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن شۇھامان ۋاقىپ بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەگەر قىلماقچى بولساقلا مۇشۇ دەقىقىدە ئامېرىكىدىكى تونۇشىمىز بىلەن سۆزلىشەلەيمىز. ئەگەر يەنە قىلماقچى بولساقلا مىڭلاپ چاقىرىم مۇساپىگە بىر نەچچە سائەتنىڭ نېرى-بېرىسىدا يېتىپ بېرىشىمىزنىڭ ئىمكانى بار. ئەمما، شۇنىڭغا قارىماستىن بەرىبىر ئىنسانىيەت مۇئەمماسىنىڭ كۆلۈمى تارايغىنى يوق.
تەسەۋۋۇر قىلىڭ،بۇنىڭدىن يۈز يىل مۇقەددەم مېنىڭ بوۋامخوتەندىن قەشقەرگە(ئەسلى ماتېريالدا تاشكەنىتتىن سەمەرقەنىتكە دەپ ئېلىنغان) بېرىپكېلىش ئۈچۈن 20 كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلغان. مەن بولسام بۈگۈن بىر كۈن ۋاقىت سەرىپقىلىشىم مۇمكىن.ۋاھالەنكى،خوتەن بىلەن قەشقەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە ھېلىھەم بۇرۇنقىدەك.ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ مۇساپە ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق. گەپ شۇ يەردىكى،بوۋام قەشقەرگە ئاتتا بېرىپ كەلگەن. مەن بولسام <<گۈر... >>قىلىپ ئاپتومبىلدا بېرىپ كېلىمەن. قاراڭ شۇ ئاددىيغىنە مەسىلىدە مەن 19 كۈن ئىقتىسات قىلالايمەن. بىراق...مەن بۇ مۇۋەپپەقىيەتتىن قۇۋانىچتاپالمايمەن.چۈنكى ماڭا بەرىبىر ۋاقىت يېتىشمەيدۇ. مەنتىقىينۇقتىدىن قارىغاندا، مەن ئەمدى تېجەپ قالغان 19 كۈندەتازا پۇخادىن چىققۇدەك دەم ئېلىشىم كېرەك ئىدى.ئەمما...نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟! بۇ نېگىزلىك مەسىلىگە رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر مۇبارەكھەدىس جاۋاپ بېرىدۇ.ئەنەس ئىبنى مالىك ( ر ئە ) دىن رىۋايەت قىلىنۇدىكى، رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) مۇنداق دىگەن:<< تاكى، زامان يېقىنلىشىپقالغانغا قەدەر قىيامەت قايىم بولمايدۇ.( زامان شۇنداقيېقىنلىشۇدىكى) ھەتتا يىل ئايدەك،كۈن سائەتتەك، سائەت بولسابىر ئۇچقۇنچىلىك بولۇپ قالىدۇ.>>(تېرمىزىي رىۋايىتى).
بۇ بىشارەتتىكى ۋاقىت-سائەتلەرنىڭ تېزلىكىنىباشقا بىر ھەدىستە يەنە بىر چىرايلىق ئوخشۇتۇشبىلەن ئىپادىلىگەن.يەنى،>... سائەتلەر خورما چېچىكىنىڭ پارقىرىشىدەك (ئۆزبېكچىدە "خورما بەرگىنى يونىشىدەك" دەپ ئېلىنغان ) بولۇپ قالىدۇ<دىيىلىدۇ.بىرمىڭ تۆتيۈز نەچچە يىللار بۇرۇنئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئاگاھلاندۇرۇش گويا بىزنىڭ بۈگۈنكىكۈنلىرىمىز ئۈچۈن ئېيتىلغاندەك...دەرھەقىقەت، بۈگۈنۋاقىتتىن بەرىكەت كەتكىنىنى ھەممىمىز كۆرۈپ،ئاڭلاپ ھەم ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. بۇ ھەدىس بولسا ھەممىمىزنى (ھەربىرىمىزنى)سەگەكلەشتۈرمىكى كېرەك! ئەسلىدە، مانا مۇشۇ خىل ھېكمەت ھەم ئىبرەتلەرنىڭ ئايان قىلىنىشى ھەم ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەندىلەرگە نىسپەتەن چەكسىز مېھرىبانلىقىدۇر.
دەرھەقكى،ئەقلى كامىل ئىنسان بىر-بىرىنىقوغلاپ چاقماقتەك يالت-يۇلت قىلىپ ئۆتۈۋاتقان بۇ كۈنلەرنىڭ ئ.ۆزۈنىڭ ﻫاياتىغا قاراپ ئېتىلىۋاتقان ئوق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنئۆتۈۋاتقان ھەربىر دەقىقىدىن ئۆزۈنىڭ مۇناسىپ ئۆلۈشىنىئېلىپ قالماققا ئىنتىلىدۇ. بۇ ئۆلۈش بولسا شۈبھىسىزكى باشقا نەرسەئەمەس دەل ئاللا رازىلىقىدۇر!
ئەسلىمۇئەللىپى:ئەلېشىر نەزەر.
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر قارلۇغ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-2 09:42