كۆرۈش: 11594|ئىنكاس: 27

بۇ قۇرلارنى قانچىلىك چۈشەندىڭلار     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 03:04:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتبۇلئەقتاپ، ئاشىقى تەرىقەت، خىلۋەتى زامان، شەمسى دەۋران، مۇرشىدى مىللەت، شاھى زىللەت، ئاشىنايى خۇدا، پىنھانى پەيدا ھەزرىتىم پەقىر قۇللىرى دەيدىغاننى دەپ تارتىشمىدىن چېكىندىم. شۇڭا ئەرزىمەس ئىسمىمنى مەنبەئى زەر دەھىنلىرىگە ئالمىغايلار. زەرەفشان لەفىزىدىن تۆكۈلگەن دۇرلار مۇرتلىرىنىڭ مەنزىلىگە ئافياب چاچقايكى مەندەك تەركى پىر، دۇرى خاجە، پۇرىقۇسۇرغا ۋازئىزلىق قىلىمىغايلا. گەرچە مەقسەدى ئالىيلىرى كەمىنە خەستە بولمىساممۇ ئەرزىمەس ئىسمىمنىڭ نۇرانە قۇرلىرىدا زاھىر بولمىقى فەقىرى ناتەۋانغا بىسيار ئاغىردۇر.
مۇنۇ كەلىمىلىرى فاساھەت بابىدا يەتتە فەلەكتىن ئاشقان مانەند تەربىيە بولۇپتۇ، مەنچە تەربىيەئى تەرىقەتلىرىنى فەھىم قىلالماي، مەلال بولغانلارغا ئەجايىپ فايداسى بولۇر دېگەن مەقسەدى پەسەندىم بىلەن كۆچۈرۈپ قويدۇم.


قايسىڭلار بۇنى بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىغا لايىقلاشتۇرپ ئۆرۈپ يازالايسىلەر؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-29 12:34  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

星期三,十三节课~~~伤不起啊!!!

UID
10380
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
403
تىزىملاتقان
2011-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 14:04:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازراق چۈشەندىم،«جاللات خېنىم »رومانىىدا بارغۇ دەيمەن ھە!!!

UID
28222
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 15:39:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىز چۈشەنگەندەك قىلىسىز ،ئاۋۇ قۇلىڭىز بىلەن ئاغزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىڭىزدىن قارىغاندا ؟
مەن چۈشەنمىدىم .ھەم ئۆرۈپ يازالمايدىكەنمەن !

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 16:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاران نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم. ئىچىدىكى بەزى سۆزلەرنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. پارىسچە ئاتالغۇلارمىكىن بەلكىم. ئوزۈمنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئىزاھ بېرىپ ئۆتەي . بۇنى يازغان كىشى ئۆزى كېلىپ ئۆرۈپ بەرسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى. بەك ئالدىراش دەيدۇ. خەيىر، مەن بىلجىرلاشقا باشلىدىم.

قۇتبۇلئەقتاب- ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئاشىقى تەرىقەت - تەرىقەتكە ئاشىق بولغان. تەرىقەت ئىلمىنىڭ ئاشىق مەستانىسى.
خىلۋەتى زامان - زامانىمىزدىكى كەمدىن-كەم ئۇچىرايدىغان. مۇشۇنداق چۈشەندىم.
شەمسى دەۋران - شەمىس سۆزنى بىلمىدىم. دەۋران دىگەن سۆزنى بىز ھازىرمۇ ئىشلىتىمىز.
مۇرشىدى مىللەت - مىللەتنى سۆيگۈچى (؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟)
شاھى زىللەت - قىلغان ئىش ھەركەتلىرى باشقىلارغا ئۆلگە بولغان (؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟)
ئاشىنايى خۇدا - خۇدا يولىدا ماڭغۇچى، بۇنى چۈشەنسەممۇ ياخشى ئۆرىيەلمىدىم.
پىنھانى پەيدا - كارامەتلىك، سېھىرگەرلەرگە ئوخشاش چۈشەندىم.
مەنبەئى زەر دەھىنلىرىگە ئالمىغايلار- ئىسىل سۆز دۇردانىلىرى تۆكۈلۈپ تۇردىغان نوتۇق دىگەن مەنىدە چۈشەندىم.
زەرەفشان لەفىزىدىن تۆكۈلگەن دۇرلار -  مۇبارەك ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز-دۇردانىلىرى دەپ چۈشەندىم.
مۇرتلىرىنىڭ مەنزىلىگە ئافياب چاچقايكى مەندەك تەركى پىر، دۇرى خاجە، پۇرىقۇسۇرغا ۋازئىزلىق قىلىمىغايلا - مۇرت (ئەگەشكۈچى) يولىغا ئافياب(؟؟؟؟) چاچسۇنكى، مەندەك پىر(ئۇستاز)نى تەرك ئەتكەن، دۇرى خاجە(؟؟؟؟)، پۇرقۇسۇر(قۇسۇر ئىزلىگۈچى) ۋائىز ( نوتۇق سۆزلىگۈچى، گەپدان)

گەرچە مەقسەدى ئالىيلىرى كەمىنە خەستە بولمىساممۇ ئەرزىمەس ئىسمىمنىڭ نۇرانە قۇرلىرىدا زاھىر بولمىقى فەقىرى ناتەۋانغا بىسيار ئاغىردۇر. - بۇنى چۈشەنگەن بولساممۇ ئۆرۈپ يېزىشقا ئامالسىز قالدىم. خەستە( ئەرزىمەس ،بەك خار ؟؟؟؟) زاھىر بولماق( كۆرۈنمەك) فەقىرى ناتەۋان ( ئاجىز بىچارە)

مۇنۇ كەلىمىلىرى فاساھەت بابىدا يەتتە فەلەكتىن ئاشقان مانەند تەربىيە بولۇپتۇ، مەنچە تەربىيەئى تەرىقەتلىرىنى فەھىم قىلالماي، مەلال بولغانلارغا ئەجايىپ فايداسى بولۇر دېگەن مەقسەدى پەسەندىم بىلەن كۆچۈرۈپ قويدۇم.

مۇشۇ سۆزلىرى پاساھەت بابىدا يەتتە پەلەكتىن ئاشقان ئېسىل تەربىيە بولۇپتۇ،  تەرىقەت تەلىملىرىنى چۈشۈنۇپ بولالماي قىينىلىپ قالغانلارغا ئاجايىپ پايدىسى بولار دىگەن مەخسەت بىلەن كۆچۈرۈپ قويدۇم.

مەن قالايمىقان ئۆزەم چۈشەنگەن شەكىلدىلا دەپ قويدۇم. ھەرگىز بۇلارنى توغرا دەپ ئويلاپ قالماڭلار. بىلگەنلەر ئىزاھ بەرسە ئۈگىنىپ قويساق بولاتتىكەن.

بۇ تېخى 100 بۇرۇنقى كىشىلىرىمىز بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان تىل بىلەن يېزىلىپتۇ.  يەنە يۈز يىل ئۆتسە قانداق بولۇپ كېتەر.

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 17:13:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىد زادە، ئۇستاز،  دۇنيانى دوست تۇتماي ئاللاھقا ئاشىق بولۇپ ياشىغۇچى،  پىنھان ۋە كۆزدىن يىراق ياشىغۇچى، يولباشچىمىز، خۇش ئاۋاز، ئاللاھنى زىكرى قىلغۇچى، دەيدىغاننى دەپ بۇ سۆھبەتتىن چىكىندىم. شۇڭا ئەرزىمەس ئىسمىمنى  ئالتۇن قەلەملىرى ئارقىلىق مەنبەگە ئالمىغايلا. ئالتۇن لەبلىرىدىن تۆكۈلگەن سۆزلەر مۇرىتلىرىنىڭ مەنزىلىگە ...چاپقايكى، مەندەك ئۇستازىنى ئۇنۇتقۇچى، ...، مەندەك بىر ئىللىتى كۆپ كىشىگە نەسىھەت قىلمىغايلا. گەرچە مەن ئالىيلىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك كېسەل بولمىساممۇ لېكىن ئەرزىمەس   ئىسمىمنىڭ نۇرانە قۇرلىرىدا ئەشكەرە بولمىقى  مەندەك يوقسۇل ۋە بىچارە ئادەمگە كۆپ ئېغىر كېلىدۇ.
بۇ سۆزلىرى  ئېلىم بابىدا  ناھايىتى ئۈستۈن ...تەربىيە بولۇپتۇ. مەن سىلىنىڭ دۇنيانى تەرك ئىتىش يوللىرىنى  تەرك قىلالماي ئارىسالدى بولغانلارغا پايدىسى بولۇپ قالار  دېگەن مەخسەت بىلەن كۆچۈرۈپ قويدۇم.  

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 17:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاملاشتۇرۇپ يېزىپ باقاي دېسەم پەقەت بىلمىدىم.  
بىلىدىغانلار يېزىڭلار، ئۈگۈنۈۋالايلى

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 17:37:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا قارىغاندا سىز تېخمۇ توغرا چۈشىنپسىز، بۇرۇنقىلار يازغان كىتابلار ئۇچراپ قالسىمۇ مەنىسىنى بىلەلمەي ئەخلەت دەپ تاشلىۋېتىدىغان ئوخشايمەن. چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر دەپ بىر مۇنچە ئادەمنى چالا بوغۇزلاپ بولدۇم ھە قاچان.

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 20:44:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشەنمىدىم

UID
10479
يازما
93
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2136
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 22:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغۇ بۇ

UID
14498
يازما
150
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
840
تىزىملاتقان
2011-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
213 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 22:56:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزۈمنىڭ يۇرۇقى خىرەلىشىپ كەتتى....
نەتىجىسى چىققاندا كۆرەييا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش