تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1285|ئىنكاس: 8

قەغەزدىكى ئاق سىزىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
529
تېما
66
نادىر
0
جۇغلانما
18115
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-28
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 01:44:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنى ئەسلىگەچ ساڭا خەت يازماقچى بولىمەن،
سەن ئېسىمگە كەلسەڭ قەلەم  قىزىل گۈلگە ئايلىنىدۇ،
ئۇۋاقىتتا بىرئىشلارنى ئويلايمەن،
كۆزلىرىمگە ياش ئېلىپ كىملەرنىدۇر سېغىنىپ كېتىمەن.
شۇ ھامان يالاڭ -ئاياق تاھارەتكە  ماڭىمەن،
ئىجادىيەتنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ئويلىنىمەن.
تىلاۋەتتە ھەر بىر ھەرپلەرگە مەنا ئىزدەيمەن،
بالىلىق چاغلار نېمە دېگەن ئوماق،رەھىمدىل ساپ چاغلار- ھە!
شئېردەك سۆيۈملۈك قىزغا قاراپ قانمايمەن.
ئېھ، سەن!

ئىسمىڭنى قۇرنىڭ بېشىغا يازماقچى بولىمەن،
توساتتىن قەغەز شامالدا ئۇچۇپ كېتىدۇ.
ئوچۇق پىيالىدىكى سۇغا چۈشۈپ كېتىدۇ،
ئىسمىڭنى يازماقچى بولغان قۇرلار ھۆل بولىدۇ.
مەن ئۇ ۋاقىتتا زەپەر چېيى ئىچىۋاتقان بولىمەن.

ئىسمىڭنىڭ باش ھەرپىنى يازغىنمدا،
ئۆچۈپ كەتكەن ئوتلار يالقۇنلايدۇ.
ياشلىرىم يامغۇر  بولىدۇ،
يامغۇردا ياشنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ.
ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ چېچەكلەيدۇ،
قۇشلار سايراپ كېتىدۇ.
كېپىنەكلەر «ئىز»ناخشىسى ئوقۇيدۇ.

يازغانلىرىمنى يىرتىپ تاشلايمەن،
قولۇمدا قەغەزنىڭ بىر پارچىسى قالىدۇ.
بىر نەرسە يازدىڭمۇ،  دەپ قەغەزگە قايتا قارايمەن،
قولۇمدا قالغىنى ئاق سىزىق بولۇپ چىقىدۇ.
ئىسمىڭنى يازالمىسام ياكى سېنى ئۇنتالمىسام،
مەن يەنە «مەن نېمە دېگەن شور پېشانە؟! »دەيمەن،
ئەي ئۇلۇغ قەغەزدىكى ئاق سىزىق...



2011-يىلى ئىيۇل                   _جىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-27 11:47  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
17909
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
484
تىزىملاتقان
2011-12-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 15:06:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالەم ئادەمگە باقمايدۇ.
ياخشى سوز قۇلاققا ياقمايدۇ،
كەلدۇق دۇنياغا مھمان بىز
قۇرۇق ئەدەپ ئەخلاق ئاغىزمزدن كەتمەيدۇ.

شائرلار يازغان ياخشى سوز،
ئاق ۋاراق سىزقلارغا پاتمايدۇ ،

                                                  بۇ تىمنى ياخشى يولاپسىز

كۆيۈمچان ئەزا

yalpuz -muz guli

UID
4072
يازما
243
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
7928
تىزىملاتقان
2010-8-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 18:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزاق بۇلۇپ كېتىپتىكەن مۇنبەرگە كىرەلمەي ،تىمىڭىزنى كۆرمىگىلى.كىم ئىكەنلىكىڭىزنى پەقەت بىلمىسەممۇ بىراق شېئرىلىرىڭىزدىكى ئەركىن قۇرۇلما،ئوبرازلىق تىل ،گۈزەل ھىسيات ۋە سۈزۈك تۇيغۇلاردىن شېرىغا بولغان چاڭقاق قەلبىم ئازراق بولسىمۇ ئەمن تېپىپ ،تىلىمىزنىڭ شۇ قەدەر  گۈزەللىكى ۋە سېھرى كۈچۈدىن سۈيىنپ  كېتىمەن.قەلىمىڭىز بەرىكەت تاپقاي.

UID
29994
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-2-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 22:39:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ئۈزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتىمۇ

UID
22218
يازما
89
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
89
تىزىملاتقان
2012-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-5
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 14:03:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۇ ئاق قەغەزگە ئسمىنى يازالمىسىڭز مەن سىزنى ساۋاتسىز مىكىن دەپتىمەن لىكىن شېرنى ئۇبدان يېزىپ سىز  خەت تۇنيدىكەنسىز ھە  

UID
17804
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
105
تىزىملاتقان
2011-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 22:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتتە ئىزدىنىپ تۇرۇش ناھايىتى ياخشى ئەھۋال.بىراق ...كەينىگە يېزىلدىغان سۆزلىرىم جىنگە ئارتۇق بولىشى مۇمكىن.شۇڭا كۆپ چىكىت بىلەنلا ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتتىم.

UID
30210
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 00:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىزىقلىق تۇرسا يۈرەككە شېئىر،
نەھاجەت قەغەزگە ‹‹سىر›› يېزىش يەنە.
مەجنۇننىڭ كۆزىدىن تۆكۈلسە شېئىر،
ئاق قەغەز لەيلىگە بىر داستان مەنە...

شېئىرىڭىز ماڭىمۇ يېڭى ئىلھام بېغىشلىدى . رەھمەت سىزگە.

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 01:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ،مەندىمۇ شېئرغا ئاجايىپ بىر قىزغىنلىق بار،ئانچە مۇنچە جىجاپمۇ قويىمەن،لېكىن


يېزىلغانلار يۈتۈپ كېتىدۇ،
چۈنكى
يازالمىدىم يۈرەك سۆزۈمنى.

ئۇچۇپ چىققان كۆزۈمدىن ئارزۇ،
ئايلىنىپ دۇنيانى كېلەر بىر پەستە،
شۇنچە يازسام چۈشمەس قەغەزگە،
نارازى بولۇپ
يۈرىكىمگە سىڭىپ كېتىدۇ.
............................................

تولۇن ئاي،
ئۈزەر ئاسماندا ماڭا قاراپ كۈلۈپ،
ناز بىلەن جىلمىيىپ قارا قارار بەزىدە،
بەزىدە ياپار يۈزىنى نېپىز پەردىدە،
خىجىللىقتىن يەرگە قاراپ تۇرۇپ.
شىۋىرلىشار،
مەيىن شامالدا ئالتۇن ياپراقلار،
ئاڭلىنار بارچە ئاۋازلار كۈيدەك،
تۆكۈلگەندەك
تولۇن ئاي چېھرىدىن يالتىراق ئۈنچە،
تۆكىلەر كۆكتىن نۇرلۇق يۇلتۇزلار.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-15 01:07):
ناز بىلەن جىلمىيىپ قارار بەزىدە

UID
32606
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 20:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلام...  شېئرىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ....بەك  ياخشى بوپتۇ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش