كۆرۈش: 7513|ئىنكاس: 24

ۋاھ،ئالامەت !! كۆرىۋالغىن سالامەت !!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
30038
يازما
8
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-2-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 22:45:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ..ئالامەت !! كۆرىۋالغىن سالامەت !!..قايدا كارامەتلىكىنى تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز..

قىززىق...
    تۇرمۇشتا بىرەر ئىشنى قىززىق نۇقتىغا ئۆزگەرتىش ئۇشبۇ ئىشنىڭ جەريانى ئەمەس بەلكى تېمىسىغا باغلىق ئىكەنلىكى بۈگۈن مەندەك بىر قارا دېھقاننى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇپ قويدى دېسە...

    مەھەلىمىزدە «سەمەتكامنىڭ كالىسى ئىككىنى تۇغدى» دېسەك يېزا رەھبەرلىرى كوش قىلىپ قويمايدۇ،ئەكسىچە «مۆجىزە!! سەمەتكامنىڭ كالىسى ئوپمۇ ئوخشاش قوشكېزەك تۇغدى»دېسەك ب د ت  دىن  مۇخبىرلار كەلمىسىمۇ ئوبلاستنىڭ مۇخبىرى كېلىشى مۇقەررەردۇر.(دىققەت! «مۆجىزە» دېگەن سۆزنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك!) سەۋەبى ئالا ئىنەكتە ئەمەس،سەۋەب شۇكى ئۇ مەزلۇم تۇققان ئىككى موزايغا تېما قويۇشتا...(بۇ ھەقىقەتنى بۈگۈن بىلدىم،كەچۈرۈڭلار..)

    نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى،كارخانا-شىركەت،دۇكان-سارايمۇ يۇقىرىدىكى ئىنەككە تېما تېپىش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە موزاينى ئۆزى تۇغقاندەك يۈز تېپىپ ئاممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش بىلەن ئىلغارمىش،بەلكىم بۇ يېزىقتىكى ماھارەت،زاغرا تىل بىلەن «يېزىقتىكى تېما قويمىچىلىقى» دېسەك ئارتۇق بولماس ۋە بەلكىم بۇ ئوقۇرمەننى قىزىقتۇرۇشدۇر! ئۇف...نېمانداق مۇرەككەپ زاماندا تۇغۇلغان موزاي مەن...

تېما قويۇش=ئىسىم قويۇش
بۇ مەزمۇننى چۇگۇپ باقتىم..

ھېكايەت
    مەۋھۈملۈكتە(قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان،پۇت بىلەن تەپكىلى بولمايدىغان،كاللا بىلەن ئۈسكىلى بولمايدىغان،مەشۇقلار كۈنى سۆيگىلى بولمايدىغان شەيئى=مەۋھۈممىش) سىز بىلەن مەلۇم بىر كىشى كۆرۈشمەكچى،ئۇنىڭ ئىسمى «بوران»..
-بوران؟؟
-شۇ...ئىسمى بورانكەن...كۆرۈشمىسەڭ بولمايدۇ!
-ئوۋۇش....ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ،قىزىقمايمەن....كۆرۈشمەيمەن!

-يامغۇر؟! ۋاھ....نېمدا مودا ئىسىم!
-شۇ....ئىسمى بەك رومانتىككەن.
-بىر كۆرۈپ باقايچۇ....ئىسمىغا تۇشلۇق قانداقراق بالىكىن ....

    بىزنىڭ «يېزىدا»بۇنداق ئىشلار نۇرغۇن،بۇنىڭغا يېزىداشلار كۆز يۇمماي تۇرالمايمىز،سەۋەبى ئۇچار تەخسىدەك ئېنىقۇر..
ئۇشبۇ ۋەجدىن بۇ فورمۇلانى تېخىمۇ چوقۇپ باقتىم.
    ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى سىزىمى  غىدىقلىغۇچى تېمىغا مۇھـتاجمىش،مەزمۇنى كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي چۈشەنگەندە ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلارمىش.ئەڭ ئېچىنارلىقى تېمىغا قاراپ ئۇشبۇ مەزمۇننىڭ خاسىيىتىدىن مەھرۇم قالارمىش.

تېما-ئىسىم=پەقەت بىر مىكرو مەزمۇن.

    كۈلگۈم كېلىدىغان يېرى مەھەلىمىزدىكى بەزى خەقلەر بېشىدىكى تۇماققا قاراپ قىممەتكە باھا بېرىش بولدى.بىزنىڭ مەھەللىدە بەزەن زىيالىلار مەيلى كىشىلىك دۇنيادا بولسۇن،مەيلى مەۋھۈملۈكتە بولسۇن «ئىسىم=تىما» بىلەن مەلۇم بىر مەزمۇننى يوققا چىقىرىپ سالىدۇ.ئادەتتە شۇنداق «ئۇلۇغ» كىشىلىرىمىز باركى كىتابخانىدا كىتاب سېتىۋالسىمۇ مەزمۇن-ئىدىيە بىلەن كارى يوق،كىتابقا قويۇلغان نامغا ئېسىلىپ،ئاندىن كىتاپنى ئۆرۈپ كۆتىدىكى باھاغا قارىشىدۇ..

    سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە ئۇشبۇ فورمۇلانى تېخىمۇ ئوپراتسىيە قىلغۇم كەلدى..
    گاڭگۇڭدا لەقەم مۇھىم،مۇنبەردە تېما مۇھىم..  (مىسران  تاققا-تۇققا مايسىز-تەمسىللىرى)
    كەمىنە مىسران ئېنتىرنېت چوڭ بازىرىدا يايما ئىچىپ ئەرزىمەس لاتقا-تېمىلىرىمنى بازارغا يايغىلى مانچە يىل بولسىمۇ،مەلۇم بىر مەزمۇننى سائەتلەپ يېزىپ ھاردۇق چېيىنى تېما قويۇپ ياكى دەسلىۋىدە قويغان تېمىنى خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئاندىن چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى.بازارنىڭ ئېھتىياجى شۇ بولۇپ قالغىلى ئېنتىرنېت ۋاقتى ئون يىل بولسىمۇ،بەزىدە مەزمۇن يېزىشقا كەلگەندە ئۇشبۇ مەزمۇنغا تېما قويۇش،نام قويۇش مانداقچە ئېيىتقاندا ئىسىم قويۇش بەسىي مۈشكۈل بولماقتا..تېخى ئالتە كۈن ئىلگىرى  مەلۇم بىر مۇنبەردە يوللىغان «ئاۋازسىز چاقچاق»نامىدىكى يۇمۇرنىڭ بازىرى ھالا بۈگۈنگە ئىككى مىڭ كىشىگە سېتىلغان بولسا،ئۇشبۇ كۈندە بىرگە يوللىغان «ئەۋلات ئۈچۈن كۆچەت تىكەيلى»نامىدىكى تېما 78 كىشىگە نېسىگە سېتىلىپتۇ.ئىشىنىمەن،ئەۋلات ئۈچۈن كۆچەت تىكەيلى دېگەن تېمىنى «ۋاھ....كۆچەت تىكتى ئالامەت! بالىسىغا كارامەت ! »دېگەن بولسام كۈنىگە مىڭ ئادەمگە سېتىلىپ،قوشنا دۇكانلاردىن ئىزدىنىش،باس-باس،قاس-قاس،ۋاس-ۋاس....دېگەندەك ۋاكالەتچى كېلىپ بازىرى «ئاۋازسىز چاقچاق»دىن ياخشى بولۇر ئىدى بەلكىم...

    غەيۋەت بۇ يەرگە كەلگەندە يەنە تاتلىغۇم كەلدى.ئاخىرىنى تاماق ئۈستىلىگە ئەپچىقاي،چاي ئىچكەچ،ئاچچىقلاردىن ئالغاچ ،بىر- بىرىمىزگە بىقىشىپ،ئۆز-ئارا مارىشىپ بىلەتكە قاراپ ئولتۇرۇشقايلا ھە....

    تەمدىن نامى ئەلا،نامدىن پۇلى ئەلا..  (مىسران تاققا-تۇققا مايسىز-تەمسىللىرى)
    كوتۇلداپ بۇ يەرگە كەلگەندە يۆتەل ئارلاش يەنە سۆزلىگىم كىلىپ قالدى.قايسى كۈنى بىر غىزاخانىغا كىرىپ قالدىم،تاماق تېزىملىكىدىكى ناملارنىڭ گۈزەللىكى،ئات-ئىسىملارنىڭ جەلىپكارلىقى مەندەك قارا تۈرۈكنى ئاچ بۆرى قىلدى...

ھېكايەت
    -مانا تاماق تېزىملىكى..
    -«يالقۇنتاغدا قار ياغدى»،«تال-تال يۈرەك»،«بەرەڭگە بوي سۇنمايدۇ»،«تەرخەمەك روھى»،«ياۋاغاز پىدايىلىرى»...مۇشۇ تاماقلار بولسا بولدى،نامى كىشىنىڭ زوقىنى قوزغاپ،ئىشتەينى ئاچىدىغان چىراي..ھى ھى...
    نەق ئونبەش مېنۇتتىن كېيىن زاكاس قىلغان ئۇشبۇ نامى مەززىلىك تاماقلار تەق بولۇپ ئۈستەلگە كەلگەندە غىققىدە بولدۇم..
يالقۇنتاغدا قار ياغدى=ئۈستىگە شىكەر سېپىلگەن پەمىلدۇر،
تال-تال يۈرەك=قەلەمچە قىلىنىپ تۇزلانغان قىزىل لوبۇ،
بەرەڭگە بويسۇنمايدۇ=سۇدا پىشۇرۇلۇپ ئىزىلگەن بەرەڭگە،
تەرخەمەك روھى=ئاقلانمىغان پۈتۈن تەرخەمەك...
ھەممىدىن قىززىقى يايلاقتىكى ئوت-چۆپسىمان ئاتالمىش بىر تەخسە كۆكتات = ياۋاغاز پىدائىلىرى بولدى..بەش تەخسە ياپ-يىشىل يىمەكلىكنى چىرايىمنىڭ كۆكۈرۈپ كېتىشىگە باقماي،زۇۋانىمنى بوغۇپ ئۈندىمەي «ئىشتىھا»بىلەن يەپ چىقىپ كەتتىم...تېخى ئۇندىن كېيىنكى«چاي»ۋەقەسىنى دېمەيلا قوياي ...

    ئۇف...ئەلقىسسە تۇرمۇشتا يۇقۇرقىدەك ئىسىم،نام،تېمىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان ئىشلار مەندەك ساۋاتسىزدا بەك كۆپ....ئىشنى قىلىپ خۇلاسە كالام:

   مەززىسى پۇل ئەمەس،نامى پۇل،
   مەزمۇنى پۇل ئەمەس،تېما پۇل!
                                        (مىسران تاققا-تۇققا مايسىز-تەمسىللىرى)


( يەنە بىر قىتىم خۇلاسە كالام: تېما،نام،ئىسىم مۇھىم ئەمەس! مۇھىمى مەزمۇن...ھەرقانداق ئەسەرنىڭ تېمىسىغا ئەمەس،مەزمۇنىغا بېقىپ ئەقىل كۆزىمىز بىلەن پىكىر قىلساق!)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-22 10:29  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئالدىڭىزغا ماڭغ

UID
2171
يازما
79
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
2830
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-24
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 12:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تال -تال يۈرەكتىن بىر تەخسە بولسىدى ، ئىسسىق تۇتۇپ قالغاندا.

UID
30167
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 12:47:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بەزىلەر ئەسەرلەرگە ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ماۋزۇلارنى قۇيىۋالىدىكەن ،مۇنبەرنى شۇنداق ئېچىپ تېمىلار قاتارىغا كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق بەزى تېمىلار ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.ئەمما كىرىپ ئوقىساق بىر تال بۇغدايچىلىق پايدىلىق قىممىتى ئەھمىيتى يوق.يەنە تېخى ناخشىچىلار كۆرۈرمەنلەرگە ياقمىغان ناخشىسىغا كۆرۈرمەنلەرنى چاۋاك چېلىشقا قىستىغاندەك تېما ئاخىرسىغا ‹چوقۇم كۆرۈڭ›ياكى‹ھەممىڭلار كىرىڭلار›دىگەندەك خەتلەرنى قۇشۇپ قۇيىدىكەن.ئىسىڭىزدە بولسۇن ئەسەر ياخشى بولسا كۆرۈرمەنلەر ئىزدەپ سوراپ تېپىپ كىرىدۇ.

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 13:48:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتمەس ماتا ،زورلاپ ساتا، بىدىكلەرمۇ ئاۋۇپ قالدىمۇ نېمە؟

UID
29179
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 14:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەھۋاللارمۇ ئاز ئەمەس.دەل مۇشۇنداق تىمىلار ،ھەربىر كۆرۈرمەنلەرنىڭ مۇنبەردىكى تىمىلارغا بولغان قىزغىنلىقىنى سوۋىتىپ قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مۇنداقلا كوروپ قويىدۇ(بىشى بىلەن ئايغىنى)خۇددى يۇقىرىدا دىيىلگەن«كىتابىنىڭ ئىسمى بىلەن كۆتىدىكى باھاسىغا قارايدۇ»دىگەنگە ئىش بولىدۇ.مىنىڭچە بولسا تەھرىرلىگۈچىلەر بىلەن،تىما تەستۇقلىغۇچىلار مۇشۇ ئىنكاسلارغىمۇ دىققەت قىلىپ قويغان بولسا.

UID
7784
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
275
تىزىملاتقان
2010-12-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 14:24:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ تىمام نىمىشقا تەستىقلانمايدۇ

UID
26923
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 14:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگەنلەرگە ئالتۇن بىلمىگەنلەرگە قىمىتى يۇق زاكا.....................؟

تۇغرا دەيسىز تاشىقى گۇزەللىكتىن ئىچكى گۈزەلىك ئەۋزەلدۇر..........؟

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
318
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
708
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 14:50:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان-0999 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-22 14:37
بىلگەنلەرگە ئالتۇن بىلمىگەنلەرگە قىمىتى يۇق زاكا......... ...

توردىشىم يالغان، سۆزىڭىز يالغانمۇ يا؟

UID
19536
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 15:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ئۇشبۇ تېمىنىڭ ئىسمىمۇ ئوبدان قويۇلۇپتۇ ، بىردەمدە 500 دىن كۆپرەك سېتىلىپتۇ !

UID
14708
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2011-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 15:57:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئوقۇيمىزدە ، ۋاققىدە يۈگۈرۈپ كىرىمىز . ئاندىن تېما مەزمۇنىنى ئوقۇپ بولۇپ ، جىممىدە بولۇپ قالىمىز . ئەلكۈيىدە بۇنداق تېما ماۋزۇسى بىلەن كىشى ئالدايدىغان ئىشلار ئازمىكىن دەيمەن . قانداق بىر تېما تەستىقلاپ قويغان بولغىيدى ، دەپ كىرسەم ... ... قەدىر-قىممىتىڭىزنى بىلىدىغان يەرگە بارسىڭىز ھامان قەدىرىڭىز قىلىنىدۇ . بىز چوقۇم بۇ نۇقتىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش