تۈلكىنىڭ تېرىسى ئۆزىگە دۈشمەن
- بۇ،چىرايلىق،گۈزەل نەرسە كىشىلەرنىڭ قىزىقىش،قولغا چۈشۈرۈش ئويبېكتى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ
-ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن
ئەلقىسسە مۇزارت داۋانلىرىدا چەۋەندازلار ماھارىتىدىن كېيىن بىرقىسما بولۇپ قونالغۇغا تاشقىي پىلانت ئادىمى تەسۋىرلېگۈسىز ھېسىياتتا قايىتقىنىم ئېسىمدە..
شۇ كۈنى كەچلىك غىزادا مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانىسدىكى فوتوگراف قاتىللىرى بىلەن بىللە شۇ كۈنكى ھاياجاننى ئاممىباب دۆلەت تىلىدا بەس مۇنازىرە قىلىشتۇق ۋە ھاياجاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېغىز تىلىمىز بىلەن تەسۋىرلىگەچ كەچلىك غىزادىن كېيىن ياتاققا قايىتتۇق...
تاك...تاك....تاك....
ئىشىكنىڭ چىكىلىشى مېنى كومپىيۇتىردىكى بۈگۈنكى سۈرەتلەر ئالدىدىن قوزغىدى.
-ئاداش...دېدى دوستۇم قۇربانجان سەمەت-سىلىنى يالغۇز ياتاققا تاشلاپ قويۇپ خىزمەتداشلىرىم بىلەن بۈگۈنكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن،كەچۈرىڭلار -ھە.
-ھېچقىسى يوق...مەنمۇ شۇ قانداقراق تارتىلدىكىن دەپ كومپىيۇتىرنى ئېچىپ سۈرەت بىلەن ئولتۇرغان..ھى ھى -قۇربانجان سەمەتنى قاچان كېلىپ مېنىڭ سۈرەتلىرىمگە باھا،ياق...دەرس بىرەركىن دەپ تەمادا ئولتۇرغۇنىمنى چاندۇردۇم ۋە ئۇنى ئىچكىرگە باشلىدىم.
مەن موڭغۇلكۈرەگە كەلمەيلا دوستۇم ماڭا ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانخانىدىن ئايرىم ياتاق ھازىرلاپ قويغاچ،ئۆزۈممۇ تۈزۈت قىلماي ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە چۈشكەنىدىم.شۇ كۈنى بىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر فوتو-سۈرەتچىلىك ۋە تېمىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ جۇڭگو ھەم دۇنيا فوتو-سۈرەتچىلىك توغرىسىدا نۇرغۇن سۆھبەتلەشتۇق ۋە قۇربانجان سەمەتتىن نۇرغۇن مەن تۇغۇلۇپ ئاڭلاپ باقمىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم،خۇرسەن بولدۇم...
تاڭ يورۇشقا «بىر ئاتنىڭ ئىككى مەيدان چۆگىلۈگىدەك» ۋاقتى قالغاندا قۇربانجان سەمەت مەن بىلەن خوشلىشىپ ياتىقىغا قايىتتى ۋە ئەتىكى پائالىيەت ۋاقتىنى ئۇقتۇردى.
-بولدى ئاداش...بۈگۈن ياخشى مۇڭداشتۇق،ئەتە سەھەردىكى پىلان يەرلىك ئوۋچىنىڭ ئوۋ ئوۋلاش كۆرۈنىشى،ئاپاراتىڭلارنى توكقا تويۇندۇرۇپ تەييار بولۇڭلار ھە ئەمىسە..
-بولىدۇ...-دېدىم مەن ھاياجاندا-ھەربىي ھالەتتە ماشىنىنى قىزىتىپ سىلەرنى كۈتىمەن...
قۇربانجان سەمەت...
بىزلەرگە باغاشلانغان تارىخ چاقلىرى ئىزلانغان...
جۇڭگونىڭ قاشتىشى مەستانلىرىنى ئۇيقۇدىن بىدار قىلغان...
مىڭ يىللىق ياڭاق بىلەن دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان...
سىتەيىنگە مۇمكىن بولسىدى،پۈتكۈل خوتەننى يۆتكەپ ئەكەتكۈسى كەلگەن...
ئەزىزانە خوتەندە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ،كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك كەچمىشلەر بىلەن 2007-يىلى بېيجىڭ ئاخبارات ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئەلا ئوقۇغۇچىسى ھەم شۇ يىلى «كوئىنلۇن تېغى قاراڭغۇ تاغقا سەپەر»ناملىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خاتىرە فىلىمى بىلەن مەركەزدىن باشلىنىپ دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن 2010- يىلى مۇزارت سەپىرىدە يول سوراش ۋەقەسى بىلەن تونۇشقانلىقىم ماڭا تەغدىر بولسا كېرەك.مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ فوتوگراف،ئوپىراتورى بولغان بۇ ئاددىي،ئەمما جەسۇر ئۇيغۇر يىگىتى،جۇڭگودىكى نەچچە مىليون يۈەنلىك خوتەن قاشتېشىنى ئېزىزلەيدىغان ھەر بىر ھەۋەسكارنى ئاشۇ بىزگە نىسبەتەن ئاددىي بولغان مايلىق سۈزۈك تاشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەسۋىر قىلىپ 2011-يىلى قۇربان ھېيىت ھارپىسىدا مەركەزدە ئۆتكۈزگەن«كۇئىنلۇن باغرىدىكى خوتەن»ناملىق فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىدە شۇ خوتەن قاشتېشىنىڭ قانداق قىسمەتلەر بىلەن ھالا بۈگۈنكى مىليونىرلارنىڭ قولىغا كەلگەنلىكىنى ئەينەن تەسۋىرلەپ،ئەزىزانە خوتەندىكى قاشتېشى كولىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بەرگەن...قۇربانجان سەمەت.
ئەتىسى يەنە چالا ئۇيقا،تەتۈر كالاچ بىلەن خىزمەت گۇرۇپىسىنىڭ ئالدىدا ئاكتىپ ھالدا سىرتقا چىقىپ تۇردۇم.ۋاڭ ئوپىراتور(مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسى 9 - قانالنىڭ يىپەك يولى پىروگراممىسى باش مەسئۇلى) ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى.
-ئەييا مىسرانجاڭ...چى زاۋفەن مېييوۇ ئا؟
-ئاااااا....چىلې...چىلې...-دىدىم مەن بۇ قابىليەتلىك ياش ئوپراتورغا بىردانە پاپىرۇس سۇنغاچ
-خاۋ..خاۋ...خاۋ....نا ۋومېن چۇفا با..-دېدى ۋاڭ ئوپراتور ۋە كەينىدىكىلەرگە كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ-چۇفا!!!
ئۇنىڭ «چۇفا» سى بىلەن مۇزارت ۋادىسىغا،بۇ قىتىم تېخىمۇ ئىچكىرلەپ يەرلىك خەلىقنىڭ قىشلىق ئوۋ ئوۋلاش خاتىرىسىنى سۈرەتكە ئىلىشكە ئاتلاندۇق...
يەنە شۇ بىپايان تىمتاس دالا...
كۆزنى بىئارام قىلىدىغان ئاپپاق قار،كەڭ يايلاق...
بىز بارغاندا يەنە شۇ بىز،ئەمما بۇ قىتىم ئىت يوق..بىزنىڭ گۇرۇپىدىكى چوڭ ماشىنىدىن بىرى قارغا پېتىپ، يەتتەيلەن ھە-ھۇ بىلەن ئىتتەرگەندىن باشقا تىۋىش يوق دالا..
ئالاھىزەل بىرەر سائەت ئۆتتىمۇ يىراقتىن ئىككى ئات (ئەسلى چىكىت دېمەكچىتىم،بۇ قېتىم ئاتنى ئېنىق كۆردۈم..ھى ھى ) ئات ئۈستىدىكى پوپكا كەيگەن ئىككى يىگىت بىز تەرەپكە كېلىپ كەلدى.ئۇلار بىلەن قىسقىچە كۆرۈشۈپ سەۋەب-بانالىرىمىز بىلەن ئوۋچى يىگىتلەرنىڭ قولىدىكى ئوۋ قورالى بولغان،كۆندۈرىلىۋاتقان بۈركىتىنىڭ ماھارىتىنى كۆردۇق.مەن بۇ قىتىمقى يىپەك يولى پىروگراممىسىنىڭ تۇيۇقسىز مېھمانى بولغاچ،ئۆز مەيلىمچە ھەركەت بىلەن قولۇمدىكى ئاپىراتنىڭ كۆزنىكىنى ئوۋ بۈركىتىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى خاتىرلەشكە توغرۇلاش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ،ئوۋ نىشانى ئۆلۈك تۈلكىگە ھەمرا بولۇپ قارلىق دالاغا ئۆزۈمنى ئاتتىم...
ئىشلىتىلگەن ئاپىرات: NIKON D7000 كامىرا : 200 /70
مۇزارت ۋادىسى
ئەجلى توشقان بىچارە تۈلكە
ئوۋچى ۋە ئوۋ ئىتى
ھۇجۇم
رۇخسەتسىز ئىشلىتىشكە ۋە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ،رەھمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-22 10:38
|