تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2552|ئىنكاس: 29

شەيئىلەرنى پۈتۈن نەزەردە كۆرۈشكە ئادەتلىنەيلى (ئوبزور)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
28744
يازما
56
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
56
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
72 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 19:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەن «شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرۇچ» ناملىق ئوبزور ماقالەمگە قايتۇرۇلغان بىر تەرەپلىمە خاھىشقا ئىگە ئىنكاسلارغا ھەيران قالدىم.مەن شۇ ئوبزوردا شئېىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بىر تەرەپلىمە ھالدا خەلق ئالدىدا مەسۇل بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئەمەس.ياكى پۈتۈنلەي گۇڭگا شېئىر يېزىشنى تەشەبۇس قىلغان ئەمەس.«شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرچ » دېگەن ماۋزۇدىكى « قوش بۇرچ» دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى «شېئىرغا يۈز كېلىش ۋە خەلققە يۈز كېلىش» نى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.شۇنداق بولغاندا شېئىرىيەتنىڭ نورمال،ساغلام ،قايناق ھالدا گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىدۇ . ئەپسۇسكى  ئىنكاس يازغۇچىلار بىر كۆزىنى يۇمىۋېلىپ،«شېئىرىيەت ئالدىدا مەسۇل  بولۇش » دېگەن مەزمۇننى كۆرمەسكە سېلىپ،بىر تەرەپلىمە خاھىشقا ئىگە ئىنكاس يازغان.ھەتتا ئەنۋەر جۇلا ناملىق تورداش « خەلققە يېقىنلاشقىنىڭ شېئىردىن يىراقلاشقىنىڭ،شېئىرغا يېقىنلاشقىنىڭ خەلقتىن يىراقلاشقىنىڭ »دەپ بىمەنە ئىنكاس يازغان.

     « خەلق » كىم؟مەن يازغان ئوبزوردىكى «خەلق » ئۇقۇمى شېئىر يازغۇچى شائىردىن باشقا ئۇنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغۇچى جىمى ئادەمنى-ئوقۇرمەننى كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا خەلقنى كۆرسىتىدۇ.دېمەك كەڭ تورداشلار ۋە مېنىڭ ئوبزور ماقالەمگە بىر تەرەپلىمە خاھىشقا ئىگە ئىنكاس يازغانلار «خەلق» ئۇقۇمى ئىچىگە كىرىدۇ.گەرچە ئۇلار ئۆزلىرنىڭ خەلققە تەۋە ئىكەنلىكىنى،خەلقنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن  بولسىمۇ. مېنىڭ « شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرچ » ناملىق ئوبزورۇم نېمە ئۈچۈن يېزىلىپ قالدى؟مېنىڭ بۇ ئوبزور ماقالەمدە ئالدىنقى قېتىمقى ئوبزورۇمنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىم كېيىنكى تەرتىپتە توختىلدىغان مەزمۇن بىلەن زىچ   مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا ئالدى بىلەن ئەشۇ ئوبزورنىڭ يېزىلىش سەۋەبىنى باشتىن باشلاپ بايان قىلىشىمغا توغرا كېلىدۇ.

     مەن يېقىنقى 7 يىل مابەينىدە ھەرقايسى ئەدەبىي ژۇرناللار(يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلدىن ئىلى دەرياسى ژۇرنىلىغىچە)دىن يازغۇچى،شائىرلىرىمىزنىڭ قاتارىدا غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ شئېىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ كەلگەن.شۇنداقلا ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى ياخشى دەپ باھا بېرىلگەن ئىنكاسلارنىمۇ،ئۇنىڭ شئېىرلىرى غۇۋا،چۈشىنىكسىز دەپ قارايدىغان ئىنكاسلارنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم.يېقىندا «ئەلكۈيى مۇنبىرى» دە ئۇنىڭ « قانىغان قان » ناملىق شېئىرىنى شۇنداقلا مەزكۇر شېئىر ھەققىدىكى خىلمۇ-خىل ئىنكاسلارنى ئوقۇدۇم.ماڭا «قانىغان قان» ناملىق شېئىرنىڭ ئۆزى ۋە «قانخور» ناملىق تورداش «شېئىر ئەمەس ،تاققا-تۇققۇ سۆزلەر دۆۋىسى بوپتۇ.بۇ شائىرنىڭ ياخشى شېئىر دېگۈدەك بىرمۇ ياخشى  شېئىرى يوق » دەپ يازغان ئىنكاسى تەسىر قىلدى.ئەمىليەتتە غوجىمۇھەممەت مۇھەممەدنىڭ « قانىغان قان» ناملىق شېئىرى «تاققا-تۇققۇ سۆزلەرنىڭ دۆۋىسى » بولماستىن رەسمىي بەدئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان،بەدئىي ئىپادىلەش جەھەتتىكى كارتىنى يېيىش،يىغىلدۇرۇش،تۇيغۇنى تېز ۋە ئاستا رېتىملاشتۇرۇش قاتارلىق پىرىسلاش (بەدئىي تاۋلاش) باسقۇچىدىن ئۆتكەن مىسرالاردىن تۈزۈلگەن شېئىر ئىدى.«قانىغان قان» ۋە قانخورنىڭ ئىنكاسى مەزكۇر « ئەلكۈيى مۇنبىرى» دە 2010-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلىنغانىكەن.مەن ئەشۇ شېئىرنى ۋە شۇ ھەققىدىكى ئىنكاسنى بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن كۆرۈپ قالدىم.شۇنداقلا « قانىغان قان» نىڭ ساپ شېئىر، ياخشى شېئىر ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ،«قانخور» ناملىق تورداشنىڭ مەزكۇر شېئىرنى ۋە غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانلىقى خاتا بولغانلىقى توغۇرلۇق ئىنكاس يازدىم. كېيىن ئويلاپ باقسام غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ يۇقۇرقى بىر شېئىرنىڭ ئۆزىدە نۇقسان-يېتەرسىزلىك بولمىسىمۇ غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ شئېىرىي ئىجادىيىتىدە ،ئجادىيەتتە تۇتقان يولىدا نۇقسان-يېتەرسىزلىك باركەن.يالغۇز غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدلا ئەمەس، نۇرغۇن «گۇڭگاچىلار» نىڭمۇ ئىجادىيەتتە تۇتقان  يولىدايېتەرسىزلىك باركەن.ئۇ يېتەرسىزلىك: تۆۋەن ئىستىتىك قاتلامدىكىلەر چۈشىنەلمەسلىك،مىللىي ئالاھىدىلىك  چوڭقۇر ئىپادىلەنمەسلىك،تېمىلار گەۋدىلىك ۋە ۋەكىل خاراكتىرگە ئىگە بولماسلىق.يەككە شەخىس تۇيغۇسىنى يورۇتۇش بىلەن چەكلىنىش.ئىجتىمائى رىئاللىقتىن چەتنەش،تۇرمۇش چىنلىقى پۇرىقى ئاجىز ھەتتا يوق بولۇش،تەربىيىۋى قىممىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولماسلىق،جەمىيەتتىكى ئۆتكۈر مەسىلىلەر ۋە ئاساسى قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكى جىددى تەققەزالاردىن يىراق بولۇش... ۋاھكازالار.مەن يەنە شېئىرىي ئىجادىيەتتە «ئاسان يول» غا كىرىۋالغان «ھۈنەرۋەن شائىر» لارنىڭ ۋەزىن قېلپىغا قاپىيە زاۋۇتىدىن قاپىيە  تۆكۈلدۈرۈپ ،«قاپىيلىك گەپ تىزمىسى»  نى بازارغا سېلىپ،مەتبۇئات ئورۇنلىرىنى ۋە تور ئەدىبىياتى سەھىپىلىرىنى پاخاللاشتۇرۇشتىن بەسىنمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم.«ئوچۇق،چۈشىنىشلىك »بولۇش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ شېئىرنى ئادەتتىكى  گەپكە ئايلاندۇرۇپ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس.بۇھەقتە ئەدىبىيات نەزىرىيىسىدە ئۆلچەملىك،تەپسىلى بايان،چۈشەنچە بار.مەن يۇقۇرقى ئەھۋالغا ئاساسەن «شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرچ» ناملىق ئوبزورنى يازغان.

     مېنىڭ «شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرچ» ناملىق ئوبزورىمغا بىر تەرەپلىمە خاھىشقا ئىگە ئىنكاس يازغۇچىلار يەنى «گۇڭگا شېئىر » تەرەپدارلىرى بىر يىلغىچە نېمە ئىش قىلغاندۇ؟ تورداش «قانخور »«قانىغان قان» نى «تاققا-تۇققۇ سۆز دۆۋىسى» دەپ باھا بەرسە قانداق چىداپ كەلگەندۇ؟قارشى ئىنكاس يېزىشتىن ئۆزىنى قانداق تۇتىۋالغاندۇ؟
ئەمىلىيەتتە بەزى تورداشلىرىمىزدا ئىككى چوڭ يېتەرسىزلىك بار. بىرى: ئىنكاس يېزىشقا ئالدىراش، لېكىن ئۆزى كۆرىۋاتقان تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئىنچىكە،تەپسىلى،باشتىن-ئاخىرى ئىزچىل ،تولۇق كۆرمەسلىك،نەتىجىدە بىر تەرەپلىمە ۋە خاتا ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنالماسلىق.يەنە بىرى: ئۆزى كۆرگەن تېمىنى تولۇق ۋە توغرا چۈشەنمەي تۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ بىرتەرەپلىمە خاھىشى بويىچە سەممىمىيەتسىز،مەسئۇلىيەتسىز ھالدا ناتوغرا ئىنكاس يېزىش.مەن بۇنداق  دېيىش ئارقىلىق ئىنكاس يازماسلىق كېرەك دېمەكچى ئەمەس.بەلكى باشقىلارنىڭ يەنى ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ئەسەرنى باشتىن -ئاخىر تەپسىلى كۆرۈش،تولۇق چۈشىنىش ھاسىل قىلىش،مۇناسىۋەتلىك -ئالاقىدار ماتىرياللارنىمۇ تەپسىلى كۆرۈش، ئاندىن مەسۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن ئىنكاس يېزىش لازىملىقىنى ئەسكەرتمەكچى.

     شېئىر بىلەن خەلق قارمۇ-قارشى ئۇقۇم ئەمەس. شېئىر-بىر خىل مەنىۋى تاۋار.خەلق ئىستىمالچى.«خەلققە يېقىنلاشقىنىڭ شېئىردىن يىراقلاشقىنىڭ،شېئىرغا يېقىنلاشقىنىڭ خەلقتىن يىراقلاشقىنىڭ » دېگەن گەپ «خەلق» ئۇقۇمىنىڭ  ۋە «شېئىر » ئۇقۇمىنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ جۆيلىشىدۇر،بىلجىرلىشىدۇر.شېئىر ئەزەلدىن خەلقنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى .ئەلىشىر ناۋايىنىڭ :
              كىشى مېنى كىشى دېسە يانچۇقۇمدا كىشمىشىم،
              كىشى مېنى كىشى دېمىسە كىشى بىلەن نىم ئىشىم؟
ناملىق بېيىتى 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئەل ئىچىگە تارقىلىپ خەلق قوشىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن.ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدىبىياتى ۋە ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدىبىياتى ئۇيغۇر ئەدىبىياتنىڭ ئانىسى ۋە ئىككى مۇھىم ئۇل تېشىدۇر.ئەلىشىر ناۋايى ۋە مۇھەممەد سىدىق زەلىلىنىڭ غەزەللىرىدە «گۇڭگالىق» بولۇپ قالماستىن، بەزى قاراقوساق ئادەملىرىمىز كۆزگە ئىلماي « قوشاققۇ شۇ» دەپ مەنسىتمىگەن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىمۇ گۇڭگالىق ئېلمىنتلىرى بار.
                    ئاھ ئۇرارمەن،ئاھ ئۇرارمەن  ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى،
                    كۆز يېشىم دەريا بولۇپ بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.
2-مىسرادىكى « كۆز يېشىم»«دەريا»«بېلىقلىرىم يۇتقاي» دىېگەن ئۈچ ئۇقۇم ئوتتۇرسىدا ئۈزۈكلۈك ۋە سەكرەش بار. كارتىنا يارىتىش جەھەتتە گۇڭگا ئىپادىلەشنىڭ ئالاھىدىلىكى تەبىئىي نامايەن قىلىنغان.يۇقۇرقى ئۈچ ئۇقۇم يورۇتقان  كارتىنا سەزدۈردىغان مەنادارلىقمۇ تەۋرەنمە -ئىلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىنغان بولۇپ،غەزەپ-نەپرەت،قىساسنىڭ چەكسىزلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچلەندۈرۈلگەن.

     مەن«شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرچ» ناملىق ئوبزورىمدا  ئايرىملىقنى كۆرۈش بىلەن چەكلىنىپ قالماي پۈتۈنلۈكنى كۆرۈپ يېتەيلى دېمەكچى. يەنى : دۇنيا،رىئاللىق،ھايات،تۇرمۇش، ئوچۇقلۇق ۋە غۇۋالىقنى ئۆز ماھىيىتى قىلغاندەك ئۇنىڭ ئىنكاسى بولغان شېئىرمۇ  ئوچۇقلۇق ۋە غۇۋالىقنى (گۇڭگالىقنى) ئۆز ماھىيىتى قىلىدۇ.دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى ھېچكىم بىر يەردىن كۆتۈرۈپ كەلمىگەندەك دۇنيانىڭ سەزگۈسىكى ئىنكاسى بولغان شېئىرنىڭ ماھىيىتىنىمۇ  ھېچكىم بىر يەردىن كۆتۈرۈپ كەلمەيدۇ.يەنى ئۇ ئەزەلدىن بار دېمەكچى.يەنە بىرى مەسۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا مەسئۇلىيەتنىڭ تۈرى كۆپ ،دائىرسى كەڭ.شائىر ئۈچۈن ئېيتقاندا مەسۇليەت چوڭ جەھەتتە ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شائىر بىرى شېئىرىيەتكە،(قانۇنىيتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە) يەنە بىرى خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان بولۇش كېرەك دېمەكچى.ھەرگىزمۇ بىرىنى تاشلاپ،يەنە بىرىنى كۆككە كۆتۈرۈش كېرەك،ياكى ئىككىسىنى قارمۇ -قارشى قىلىپ قويۇش كېرەك دېمەكچى ئەمەس.بىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرسەك بولمايدۇ.بىزدە تارىخى چوڭقۇرلۇق نەزىرى بولۇش كېرەك.«قۇتات غۇبىلىگ»دىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى 1100 يىللىق تارىخقا ئىگە بولدى.خۇددى ئىلگىرىكى دەۋىر شېئىرىيىتى دەۋرىمىزدە باھالانغاندەك ھازىرقى شېئىرىيەتمۇ كەلگۈسى دەۋىرلەردە باھالاش-تاسقاشلارغا دۇچ كېلىدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك،ناۋايىدەك ئالەمشۇمۇل تەپەككۇر ئىگىلىرىمۇ «خەلق » ئۇقۇمىنى ناھايىتى چوڭ بىلگەن.مېنىڭچە بىز خەلقنى تۆۋەن كۆرسەك قەلب كۆزى ئەما ئادەمنىڭ دەل ئۆزى بولىمىز.«خەلق»نىڭ يوقۇرى قاتلىمى ۋە تۆۋەن قاتلىمى بولىدۇ.شۇنىڭدەك خەلقتە ئىنتايىن ئېسىل ئالاھىدىلىك ۋە كۆپلىگەن ئىللەتلەر بولىدۇ.خەلق ياخشى ۋە يامان ئالاھىدىلىك مۇجەسسەملەشكەن مەنىۋى زىمىن. ماكان ۋە زامانغا تەدبىقلىغاندا خەلق بىر دەريا.خەلق -ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە ئۈزۈلمەي ئاقىدىغان ئېقىن.مەخمۇت قەشقىرىنى مىڭ يىل ئۇلۇغلىغانمۇ خەلق.سۇتۇق بۇغراخاننى مىڭ يىل ياد ئەتكەنمۇ خەلق.خەلتىن ئىبارەت غايەت چوڭ بىر ئۇقۇم ئالدىدا شېئىر كىچىك بىر ئۇقۇم خالاس.چۈنكى ئالدى بىلەن خەلق-ئادەملەر توپى بولمىسا شېئىرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟

     بىز شەيىلەرگە،مەسىلىلەرگە،ئادەملەرگە،جەمىيەتكە ،كونكىرت ئىشلارغا پۈتۈن نەزەردە قاراشقا ئادەتلىنەيلى.ئىككى كۆزنى ئىشقا سېلىش -ئەتراپلىق،كەڭ،ئومۇمى نەزەردە قاراشنى كۆرسىتىدۇ.



                                                        __ ئەزىز ھېيىت كۈن :  ئالپامىش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-21 14:24  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
383
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
773
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
386 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 14:49:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى ئوقۇپ، تېما ئىگىسى نېمىشقا بۇ تېمىنى ئالدىنقى تېمىسىغا ئىنكاس شەكلىدە يازمىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئوخشاش بىر مەزمۇندا دېيىلگەن بۇ گەپنى يەنە شاخلاندۇرۇپ، باشقا بىر تېما قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى بارمۇ؟ مېنىڭچە يوق.
تېمىڭىزدىكى يەنە بىر خاتالىق:
«قۇتات غۇبىلىگ»دىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى 1100 يىللىق تارىخقا ئىگە بولدى.
بۇ ھۆكۈمىڭىز خاتا بولۇپ قالدى. شىئېرىيەت ئەڭ قەدىمقى، ئەڭ پىشقەدەم، ئەڭ «مويسىپىت» ساھە. ئۇيغۇر شىئېرىيىتى تېخىمۇ شۇنداق. مېنىڭچە ئۇيغۇر شىئېرىيىتىنىڭ تارىخى سىز دېگەن ساننىڭ بىرقانچە ھەسسىسى بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە ھېچقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ شىئېرىيەت تارىخىنى مانچە يىل دەپ ئېنىق دەپ بېرەلمەيدۇ. بەلكىم سىز «تېلې قوشىقى» دېگەن شىئېرنى ئوقۇمىغان ئوخشايسىز.

UID
22356
يازما
176
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
160 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 15:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى ئوقۇپ، تېما ئىگىسى نېمىشقا بۇ تېمىنى ئالدىنقى تېمىسىغا ئىنكاس شەكلىدە يازمىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئوخشاش بىر مەزمۇندا دېيىلگەن بۇ گەپنى يەنە شاخلاندۇرۇپ، باشقا بىر تېما قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى بارمۇ؟ مېنىڭچە يوق.
تېمىڭىزدىكى يەنە بىر خاتالىق:
«قۇتات غۇبىلىگ»دىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخى 1100 يىللىق تارىخقا ئىگە بولدى.
بۇ ھۆكۈمىڭىز خاتا بولۇپ قالدى. شىئېرىيەت ئەڭ قەدىمقى، ئەڭ پىشقەدەم، ئەڭ «مويسىپىت» ساھە. ئۇيغۇر شىئېرىيىتى تېخىمۇ شۇنداق. مېنىڭچە ئۇيغۇر شىئېرىيىتىنىڭ تارىخى سىز دېگەن ساننىڭ بىرقانچە ھەسسىسى بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە ھېچقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ شىئېرىيەت تارىخىنى مانچە يىل دەپ ئېنىق دەپ بېرەلمەيدۇ. بەلكىم سىز «تېلې قوشىقى» دېگەن شىئېرنى ئوقۇمىغان ئوخشايسىز.
___________________________
سۆزىڭىز ناھىيىتى ئورۇنلۇق. تىل ئىنساننىڭ جەۋھىرى، تىل پەيدا بولغان شۇ كۈن، شۇ سائەت، شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىلا شېئىر بارلىققا كەلگەن دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. شۇڭا تىلنىڭ ئۆزىلا شېئىرىيلىققا ئىگە. تىل ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش ۋەزىپىسىنى ئارتتۇرۇش سۈپىتىدە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە. دۇنيانى تونۇش ۋە تەپەككۈر ۋاستىسىلىق رولىنى ئارتتۇرۇش سۈپىتىدە ئالدىن تۇيۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئالدىن تۇيغۇچى سۈپىتىدە خەلقتىن ئىبارەت بۇ پادا بىلەن تەڭزامانلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئەمەس.
تېما ئاپتورى بۇ يەردە چوقۇم پىروزىنى پارچىلاپ، تاشقى ئاھاڭدارلىققا ئىگە قىلىدىغان دېيىلمىلەر(ئاتالمىش يېپىق تېكىستتىكى دىداكتىك شېئىرىيەت)نى مىسالغا كەلتۈرىشى مۈمكىن. لېكىن دېيىلمىلەر شېئىر ئەمەس، ھېچبولمىغاندىمۇ شېئىرغا يېقىنلىشالمىغان «شېئىر»لاردۇر.
شېئىر ھەققىدە گەپ بولغاندا، مەن ئەلۋەتتە شېئىرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۈستىدىن گەپ قىلىمەن.
تېما ئاپتورى ھارمىغاي...

UID
22356
يازما
176
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
160 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 16:04:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئاپتورى، سىزنىڭ شېئىرغا بولغان ئېنىقلىمىڭىز ئەشۇ بولسا، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقىچە قاراشتىكىلەرنى ئەشۇنداق ھاقارەتلەيدىغان ئىشىڭىز بولسا سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھارۋىسىنى تارتىڭ، مەنمۇ ئۆز ھارۋامنى تارتاي، كۈكۈيۈن چېقىۋالغان موزايدەك چىچاڭشىپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوققۇ؟ مەن ناھىيىتى شۇ ئىككى قۇر خەت يازدىم.

UID
2350
يازما
14
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
434
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 17:26:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسى ئۈزمىزنىڭ ، ئۇيغۇرنىڭ شئېرى توغرىسىدا تىما يېزىپتۇ. ھىچىكىم ھىچقاندق گەپ قىلمىسا توغرا ئىش بۇلدىغان بولسا ....................... قاملاشماي  قالامدۇ قاندق؟ سىزمۇ تىما ئىگىسىدەك جان كۆيدۇرۇپ مەيلى خاتا بولسۇن مەيلى توغرا بولسۇن ئادەمنى ئويلاندۇرغىدەك  بىرنەرسە يېزىپ بېقىڭ.

UID
22356
يازما
176
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
160 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 17:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسى ئۈزمىزنىڭ ، ئۇيغۇرنىڭ شئېرى توغرىسىدا تىما يېزىپتۇ. ھىچىكىم ھىچقاندق گەپ قىلمىسا توغرا ئىش بۇلدىغان بولسا ....................... قاملاشماي  قالامدۇ قاندق؟ سىزمۇ تىما ئىگىسىدەك جان كۆيدۇرۇپ مەيلى خاتا بولسۇن مەيلى توغرا بولسۇن ئادەمنى ئويلاندۇرغىدەك  بىرنەرسە يېزىپ بېقىڭ.
_____________________
مانا بىزدىكى ساپا....
ئىككى ئۇيغۇرغا ئانا بولمىش  ھۆرمىتى زىيادە بىر ھەمشىرىمىز مۇشۇنداق تۇتامسىز ئىنكاس يېزىپ ئوينىسا ھېلىمۇ بىز تىرىك كۆمۈلۈپ كەتمەيدىكەنمىز.
ھۆرمىتى زىيادە لازنا خېنىم، سىز مېنىڭ «ئادەمنى ئويلاندۇرغۇدەك »بىر نەرسە يازغان- يازمىنىمنى نېمە بىلىسىز؟ ھېچ بىلمىدىمغۇ سىزنى ھەممىنى بىلگۈچى ئەۋلىيا خېنىم؟

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
332
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1353
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
199 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 18:36:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بىزدىكى ساپا....

---------------------
enwer-jula ئەپەندى!
  لازنا «ئويناپ» يازغان «تۇتامسىز ئىنكاس» قا كۇمۇلمەيدىغانلىقىڭىزنى  ئۆزىڭىزمۇ ئەسكەرتىپسىز. مەن ھەم سىزنىڭ ئىنكاسلارغا «كۇمۇلمەيدىغان»لىقىڭىزغا،  «ئادەمنى ئويلاندۇرغۇدەك » بىر نەرسە يازىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
        «بىز» دەپ ئالماي «مەن» ياكى «سەن» دەپ ئالسىڭىز مەنا تېخىمۇ ئېنىق، قاراتمىلقىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلاركەن. ئۆزىڭىزنى «ساپاسىز» دىسىڭىز تورداشلاردىن سىزنى ئاقلاپ enwer-jula ساپالىق دەيدىغانلار چىقىدۇ؛ «لازنا»نى  «ساپالىق» دەپ مۇئەييەنلەشتۇرسىڭىزمۇ يەنە ساپاسىز دەيدىغانلار چىقىدۇ. شۇڭا، گەرچە سىز، لازنا ۋە  مەن «بىز»نى يەنى خەلقنى تەشكىل قىلساقمۇ ئۆزىمىزنى خەلققە تەڭ دەپ قارىۋالمىساق!
         گەرچە يازمىدا ئازدۇر-كۆپتۇر مەسلە باردىيىلگەندىمۇ «بىز»نى يەنى خەلقنى قانداق تۇنۇش ۋە مەسىللەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسلىسىدە ئىلگىرى سۇرلگەن ئىدىيە ناھايىتى ياخشى بولغان. يىتەرسىزلىكنى كۆرسەتكەچ مۇشۇ ئاساسى مەسلىنى  چۆرىدەپ پىكىر قىلساق  ياخشى بۇلاركەن دىگەن ئۇمۇتتىمەن!

UID
22356
يازما
176
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
160 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 00:59:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئادىل قانۇن ئەپەندى، مەن بىز دېيىشتە تېما ئاپتورىنىڭ يازمىسىغا قارشى ئىنكاسنى يازغانلارنىڭ يالغۇز مەنلا ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئويلىغان. شۇڭا باشقىلارنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ بىز دەپ ئالدىم. بولمىسا مەمەدانلىق قىلىۋاتقاندەك تەسىراتنى شەكىللەندۈرۈپ قوياتتىم. بۇ بىرىنچى گەپ.
ئىككىنچىسى، مەن باشقىلارنىڭ ھېسسىياتى، باشقىلارنىڭ باھاسى، باشقىلارنىڭ مەقسىدىنىڭ قۇلى بولۇپ ياشىغان بولسام مەن مەن بولماي قالىمەن. شۇڭا باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى ماڭا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يۇقۇرىدا ئاز-تولا چېچىلىپ قالغىنىم بىز بىر چىرايلىق يوسۇندا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان تۇرۇپ نىمىشقا يازغان ماقالە- يازمىلىرىمىزدا قەستەن باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ- سۆزلەرنى يېزىپ قويىمىز؟
تېما ئىگىسىگە بولغان نارازىلىقىم دەل مۇشۇ يالغۇز مېنىڭ شەخسىيىتىمدىن ئەمەس تور مەدەنىيىتىدىكى قىسمەن مۇشۇنداق ھاللارنى سادىر قىلغىنىدىن بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتورنىڭ ئىسمى بىزگە خېلى تونۇشلۇق. ئۇزۇندىن بۇيان مەتبۇئاتقا قەلەم ئۇشلاپ كېلىۋاتقان بىر يازارمەن. مېنىڭ كىچىككىنە ئىككى مىسراچاق ئىنكاسىمغا ئورۇنسىز چېچىلىپ قاپتۇ. بۇنى يازما ئىگىسىنى بىر قەلەمكەش سۈپىتىدە ھۆرمەتلىگىنىم ئۈچۈن ئازراق رەددىيە بېرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
مەن ئادەتتە تورغا كۆپ كىرمەيمەن، پەقەت ئۆز ئىشلىرىمدىن قاتتىق چارچاپ كەتكەندىلا دەم ئېلىش ھېسابىدا كىرىپ قويىمەن. يەنە نۇرغۇن ئادەملەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. تورغا قانداق كىرىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى، مەجبۇرىيەت ئەمەس. ئادەم بىرەر قۇر ئىنكاس يېزىپ بولغۇچە «سىزمۇ ئىنكاس يازماي تېما يوللىمامسىز' دېسە چارچىغاندا نېرۋىغا جاققىدە تېگىدىكەن. ئەمىلىيەتتە تور دېگەننى ئىنكاس قىزىتىدۇ. بۇ تور مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى. ھەممە ئادەم يازغان نەرسىلىرىنى تورغا يوللىمايدۇ، بۇنىڭ بەلگىلىك چەكلىمىسى بار. لېكىن ئىنكاس دېگەننى قانداق ۋاقىتتا يازسا بولىۋېرىدۇ. ۋاختى كەلسە ئىنكاسلاردىنمۇ ئەنئەنىۋى مەتبۇئاتلاردىن ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمايدىغان پىكىرلەر چاقناپ قالىدۇ.
شۇڭا ئىنكاس يازغانلار ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن چوڭ سېرىق ھەرىدەك ئۇچۇشنى بىلمەي تۇرۇپ قانىتىنى توختىماستىن قاققاندەك ئەمەس، سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ ھەسەل ھەرىسى گۈل-چېچەكلەر ئۈستىدە شىرنە يىغىشنى بىلگەندەك مەنپەئەتلىك ئىنكاسلارنى يېزىش كېرەك.
توردىكى ھارماڭ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇندىن تارتىپ تا ھېچقانداق مەزىسى يوق تىللىشىشقىچە ھېچقانداق ئويلىنىش، پاراسەت بولمىغان ئورۇنسىز ئىنكاسلار تور مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى بىر ئىللەت. بۇنىڭغا قاتتىق ئىچىم پۇشىدۇ.
ئاخىرىدا ئەزىز تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، تۇرمۇشىڭىزغا ئاسايىشچانلىق تىلەيمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
295
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6655
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 10:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئر دا، مەنا،قىلىپ ،قاپىيە،ھىسيات، بار. ھەممىسى بىربىرىدىن كام ئەمەس، شىئىر قىلىچتىن ئۆتكۇر، دىمەكچىمەنكى قىلچ كىسەلمىگەننى شىئىر كىسىدۇ. چۇنكى شىئىردا مەنا قىلىپ قاپىيە ھىسيات بىرگەۋدىلەشكەن بۇلىدۇ.
شىئىر ياخشىلىق سۇپەتتە سۇغا ئوخشايدۇ. گۇزەك تىل بىلەن ياخشىلىققا باشلايدۇ.شىئىردىكى مەنا  تۇپراق خۇسيەتتە ئەقىلگە جاۋاپ قىلسا،ھىسيات دىللارنى ئىرىتىدۇ. قاپىيە راۋانلاشتۇرۇپ،ئىشلىتىش،چۇشۇنۇش،ئەستەساقلاش خۇسيىتىنى ئىپادىلىسە، بۇغۇم بۇغۇم قىلىپى تىخىمۇ يىغىنچاقلاپ،قىلىچنىڭ بىسىنى چىقارغاندەك لازىملىقنى ئەكىس ئەتتۇردۇ.
ماتىماتىكىدىكى تۆت ئەمەلدەك، شىئىردىمۇ تۆت خىل خۇسيەت بولمىسا شىئىر بولمايدۇ.

UID
29309
يازما
156
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
156
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 12:57:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ،ھەممە تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك،شۇنداق بولغاندىلا بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالايمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش