كۆرۈش: 9497|ئىنكاس: 63

ئۇيغۇر رېستۇران-تاماقخانىلىردىكى تاماق تىزىملىكى توغرىسىدا     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 18:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېستۇران - تىز تاماقخانىلىرىمىزدىكى تاماق تىزىملىكى توغرىسىدا باشقىلار تېما يازغانمۇ بۇنى بىلمىدىم. باشقىلارنىڭ يوللىغىنى بىلەن ئوخشاپ قالسا توغرا چۈشەنسەڭلار. تاماق تىزىملىكى مەسىلىسىنى مەن تېز ئويلىشىپ تەخىرسىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەن، دەپ ئويلىدىم. بۇ ھەممىمىزگە يولۇقىدىغان مەسىلە بولغاچقا باشقىلار ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرغا قويۇپ بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رېستۇران، تېز تاماقخانىلىرى كونسۇل كوچىسى ،دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپلىرىدا كۆپرەك. شارائىتى، بېزىلىشى، تازلىقى جەھەتتىن ياخشى تاماقخانىلارمۇ ھەم كۆپ. تورداشلىرىم دىققەت قىلدىمىكىن، مەيلى نامى بار تاماقخانىلار بولسۇن ياكى ئادەتتىكى تاماقخانىلار بولسۇن تاماق تىزىملىكىدىكى تاماق ناملىرىنىڭ 70% خەنزۇچە. ھەتتا ئۇيغۇرچە نامى بار تاماقلارمۇ خەنزۇچە نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ھەممە ئاشخانىلارغا كىرىپ تاماق يەپ باقمىغاچقا ھەممىسى شۇنداقمۇ ياكى مەن كىرگەن تاماقخانىلا شۇنداقمۇ بۇنى بىلمىدىم. لىكىن مەن كىرىپ تاماق يەپ باققان ئاشخانىلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ مەسىلە مەۋجۇت. لەغمەن يەپ يەنە چۆپىدىن سېلىپ بېرىڭلار، دېسەم كۆپىنچىسى بىلمەيدۇ. ئامال يوق «جىيامىيەن» دەپ توۋلايدىغان گەپ. تاماق تىزىملىكىدىمۇ گۈيرۇ،سۈيرۇ، داپەنجى دەپ يېزىلىدىكەن. كاۋاپ ،مانتا ،پولۇ دېگەن تاماقلىرىمىز بولمىغان بولسا تاماق تىزىملىكى %100خەنزۇچە ناملار بىلەن بېسىلىپ قالاتتىغۇ دەيمەن.

يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك بىزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەر كۈنى بولمىسا بولمايدىغان بىر تۈر. مۇھىم ئامىل بولغاچقا ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي مەدىنىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى. تاماق تىزىملىكى مەسىلىسى يەنە ئۇيغۇر تىل ساپلىقىغا تەسىر قىلىدىغان بىر ئامىل دەپ ئويلىدىم. تاماق كۈندە يەيدىغان نەرسە، بولسىمۇ بولىدىغان ياكى بولمىسىمۇ بولىدىغان ئىككىلەمچى نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدىنيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولىشى سۈپىتى بىلەن يىمەك-ئىچمەك جەھەتتىمۇ ئۆزىگە خاس بولغان مەدىنىيەت جەزمەن بار. مەن مەدەنىيەتشۇناس بولمىغاچ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ياخشى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. بىلىدىغانلار بۇ توغرىلىق تېما ئېلان قىلىپ قويسا.

دېمەك تاماق تىزىملىكى ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم بىر مەسىلە. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تىلىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيتىگە ھەم پايدىلىق. ئەلۋەتتە بىز ھازىر يەۋاتقان كۆپ قىسىم تاماقلىرىمىز ياتلاردىن كىرگەن،بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى يوق، شۇنداق بولسىمۇ بۇنى ھەل قىلىش چارىسى يوق ئەمەس دەپ ئويلايمەن. ئۈرۈمچىدىكى تەسىر كۈچى بار رېستۇران ھەم تاماقخانىلار سانىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپ ئەمەس. بۇ رېستۇران ۋە تاماقخانىلارنىڭ ئىگىلىرىمۇ مېنىڭچە ئۆز-ئارا تونىشىدۇ. سودا رىقابىتىدە ئۆزىنىمۇ - ئۆزگىنىمۇ بىلىش بىر ئەقەللى ساۋات. شۇنداق بولغاندىكىن مېنىڭچە ھىچ بولمىغاندا ئۆز-ئارا بىلىشىدۇ. مۇشۇ كىشىلىرىمىز بىر يەرگە جەم بولۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقسا، دېگەن ئۈمىدتە بۇ تېمىنى يوللىدىم.

بۇ نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ تەتقىق قىلش ھاجەتسىز بىر مەسىلە، يازغۇچى - شائىرلىرىمىزدىن بىر قانچە كىشىنى مېھمانغا چاقىرىپ مەسلىھەت قىلىشسا،مېنىڭچە مەسئۇليەتچان يازغۇچى - شائىر بولسىلا ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماستىن تاماق ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئۆز كۈچىنى تەقدىم ئېىتىدۇ دەپ ئويلايمەن. تاماق ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن پەقەت ئۆزىنىڭ تاماقخانىلىرىدا تاماق تىزىملىكىنى قايتا باستۇرسا ئىش ھەل بولۇپمۇ قالىدىكەن. ئۈرۈمچى مەركىزى شەھەر بولغاندىكىن باشلامچى بولسا باشقا ئۇيغۇر شەھەرلىرىمۇ جەزمەن ئەگىشىدۇ. نەچچە يىل ئىچىدە تەلتۆكۈس بولمىسىمۇ ئاساسەن ھەل قىلىش مۈمكىنچىلىكى بار ئىكەن. تورداشلارنىڭ بىرلىكتە چارە - تەدبىر ئىزلەپ ئەقىل كۆرسىتىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-21 13:59  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
11425
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
790
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 14:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەق گەپنى قىلىپسىز.  ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل تامىقىمىز بوسو. خەنزۇچە ئاتىلىشى CHAO MiAN 炒面 . بۇ سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى سومەن.  بۇ ئەسلى بىزنىڭ تامىقىمىز. ئەمدى بوسو دەڭلار!  
سامسىنى كاۋباۋزى دەيدىغانلار چىقتى.
包饺子 نىڭ ئۇيغۇرچىسى: تۈگۈر.  

UID
30167
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 15:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلغا (خەن)نى قاتقانلار،  
ئۆز - ۋەسلىدىن تانغانلار.
پۇشايمان ئىزدەر بىر كۈنى ،
غەپلەتتە ئۇخلاپ ياتقانلار

باھا سۆز

xamxar111  ئەجەپ يالغۇزلا چاپلاپ قۇيۇپسىز ماۋۇ شېئرىمنى قورقمىغادۇ ھە .....  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 21:14:56
tohar  ئالامەت كېپتىغۇ....  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 22:24:09

UID
26923
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 15:55:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى تۇغرا دەيسىز ئەڭ ئاددىسى ئاش سەينى سۇيرۇ دەپ بۇيرىتىدىغان بۇلۇپ كەتتۇق ئەمەسمۇ...؟

بەك ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش بەزىبىر خىرىدارلار ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرىغا كىرسىمۇ ئۇز تىلىنى قۇللانماس بۇلۇپ كەتتى ئەمەسمۇ......؟

مىنڭچە بۇ مەسىلىنىمۇ ئۇيلىشىپ كۆرسەك دەيمەن.......؟

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 15:56:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ مەسىلىگە خېلىدىن بېرى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتىم .رېستۇران،ئاشخانا خوجايىنلىرى تاماق تىزىملىكلىرىنى قايتا تۈزۈپ چىقىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقسىكەن دېگەن ئۈمۈتدىمەن.

UID
10479
يازما
93
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2136
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 16:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدىكى ئىنكاستا ئەسلى بۇ سىننى يوللىماقچى ئىدىم. ئەپسۇس يوللىيالمىدىم


http://player.youku.com/player.php/sid/XMjg2NTY2Mjg0/v.swf   ئاڭلاپ قويۇڭلار، بەكلا ياخشى سۆزلەپتۇ

UID
2730
يازما
274
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7900
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 17:43:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  قەرزىمىز  بار ئەمەسمۇ ياتچە سۆزقوشمىساق بولمايدىغانغا ،، شۇڭا ئارىلاشتۇرۇپ قەرىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن  مۇشۇنداق قىلىمىز  ، بولدى قەرزدارلارغا قەرزىنى ئادا قىلىشقا پۇرسەت بېرەيلى !   

UID
20290
يازما
49
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 20:44:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەلۇم بىر ئاشخانىدا ئۇيغۇر كۈتكۈچى قىزغا بىر ئېغىز «买单» دەپ قويغۇنىمغا  ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە سۆزلەڭ...» دەپ دەككەمنى يېگەندىن بۇيان قاتتىق دىققەت قىلىمەن، لېكىنئۇ ئاشخانىنىڭمۇ تاماق تىزىملىكىدىكى تاماق ناملىرىنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە ئىدى، كېيىنكى قېتىم ئۇ يەرگە بارغىنىمدا ھەتتا ئۆزىمۇ «大盘鸡,红烧牛肉,皮带面...» دەپ تاماق ناملىرىنى يات تىلدا دەۋاتقىنى كۆرۈپ ئاچچىقىم كەلدىيۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قايتا گەپ قىلغۇم كەلمىدى. مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن جىق تاماقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى بەزىلىرىنى لۇغەتتىن ئاختۇرۇپمۇ تاپالمىدىم

UID
14498
يازما
150
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
840
تىزىملاتقان
2011-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
213 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 22:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مۇشۇنداق چوڭ رېستۇران-ئاشخانىلاردىكى تائام ئىسىملىكى،تىببىي ئاتالغۇلار بەك قالايمىقان،بەك غەلىتە تۇيۇلىدۇ.
مۇشۇ تىل-يېزىق كومىتىدىكى خادىملىرىمىز نەدىكى ئۆزگەرتمىسىمۇ بولدىغان سۆزلەر بىلەن قالماي،تائام،تىببىي ئاتالغۇلار توغۇرلۇق بىر ئىسلاھ ئېلىپ بارسا ياخشى بولاتتى.

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 22:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشنى رىستۇران خوجايىنلىرىلا بىر تەرەپ قىلىش سەل تەسكە توختاپ قالىدۇ. زىيالىدىن بىرەرسى سېستىمىلىق ھالدا ئۇيغۇر تائاملىرى تېزىملىكىنى تەييارلىغان بولسا(خەلق پىكىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ)، ئاندىن ئاشخانىلارنىڭ شۇ ئاساستا تېزىملىكنى قىلىپلاشتۇرۇشقا چاقىرساق ئاستا-ئاستا ھەل بوپ كېتەتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش