كۆزلىرڭدە ئادرېسىم بار تېپىۋال
تۇرار ئىدىم ئاپتۇبۇس ساقلاپ بېكەتتە،
كىرىپ كەلدىڭ سومكا كۆتۈرۈپ قاياقتىن.
يۈگرەپ بېرىپ ئەھۋال سورىغۇم كەلدى بەك،
خىجىل بولدۇم كىشىلەردىكى مازاقتىن.
لىباسىڭدا شۇنچە زىلۋا قىزلىقىڭ،
ياغلىقىڭغا ماتەم قىلۇر بۇ شەھەر.
دىللىرىڭغا ئىمان نۇرى سالغانمۇ؟
ئىھ، سۆيۈملۈك ئوماق ئاناڭ ھەر سەھەر.
ئىپپىتىڭدە نازاكەتنى كۆردۈممەن،
ئۇيغۇر قىزى ئىھ، ئاي كەبى ئەي ئوماق.
سەندەك قىزغا قىلار سالام كائىنات،
پەرز بەلكى بېشىنى ئېگىپ جىم تۇرماق.
مەخپى سالام ئەۋەتتىم مەن بىلدىڭمۇ؟
سەپىرىڭدە تېنچ-ئامانلا بېرىۋال.
يېزىۋالدىم كىملىكىڭنى بېكەتتە،
كۆزلىرڭدە ئادرېسىم بار تېپىۋال.
ئادەم بىلەن تاش
تاشقا دەسسەپ تاغقا چىقتىم بىر كۈنى،
چوققا-چوققا، ئېگىز- ئېگىز يامىشىپ.
لەززىتىكەن ھاياتلىقنىڭ جاپاسى،
ياماشتۇق بىز ئۇلار قالدى قارىشىپ.
ئادەم بىلەن تاشلار ئەسلى بىر تۇغقان،
ئادەم ئاتا تاش تۆپىدىن يارالغان.
ھاۋا ئانا قېچىپ كېلىپ شۇ چاغدا،
مۇشۇ تاغدا، مۇشۇ جايغا تارالغان.
تاش بوپتىكەن يېپىنچىلار ئۇلارغا،
تاش ئۈستىدە ھاۋا ئانا ئۇخلاپتۇ.
تارىخلاردا كېلىشىچە كىتابتا،
ئادەم ئاتام ئانىنى سۆيۈپ قانماپتۇ.
بەزى تاشتا ئاشىقلارنىڭ ئىمزاسى،
قىز -يىگىتلەر يېزىشىپتۇ سۆيگۈ خەت.
«سېنى پەقەت سۆيىمەن ئاھ، ئەي جېنىم،
كەتسىمۇ قان، بەرسەممۇ جان، ئاھ پەقەت.»
تاش گۈۋاھچى ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈسىگە،
ئادەم بىلەن تاشنىڭ شۇنداق تارىخى.
قاشتېشىمۇ باي قىلىۋەتتى خوتەننى،
پايدا ئالدۇق بىز ئىنسانلار ئاخىرى.
تاش بىزنىڭ ھاياتلىقتا بايلىقىمىز،
قارىماققا تۇرسىمۇ ئۈ قەدىرسىز.
ئويلىمىساق تاشقا دەسسەپ ھەر كۈنى،
ھايات ئۆتەر بىزگە شۇنچە مەنىسىز.
سۇ بىلەن ۋەھىي
كائىناتنىڭ يىلتىزى يوق سۈ كەبى،
ھەممە جانلىق ياشاپ كېلەر ئۇنىڭدا.
پەيغەمبەرگە كەلگەن ۋەھىي تۈز سىزىق،
چاقچاق ئەمەس، دەپلا قويغان ئوڭۇمدا.
ۋەھىي ئۇلۇغ سۇ ھەم ئۇلۇغ ئىككىسى،
بىرى بىرەر ھاياتلىقنى ئالەمگە.
ۋەھىي دەستۇر ئىككى دۇنيا بەلگىسى،
ئۇ خەرىتە ھەقنى بىلگەن ئادەمگە.
بۇ ئىككىسى ئوخشاپ كېتەر بىرىگە،
سۇ بولمىسا زىرائەت يوق دېھقانغا.
ۋەھىمۇ ئۇ، ئىككى دۇنيا نۇر چىراغ،
پەلسەپىدە يەڭنى تۈرۈپ چىققانغا.
سۇ ۋەھىي ياراتقۈچى ھىبىسى،
پىكىر قىلىش بىزنى ھەققە ئۈندەيدۇ.
شاپاق بۆكلۈك پەيلاسوپتەك ئۇيغۇرۇم،
ئاددى-ساددا لېكىن ھەقنى سۆزلەيدۇ.
سۇنى بىلدۇق ۋەھىي كەبى مىڭ يىللاپ،
ئوخشىسىمۇ ھاياتلىقتا يولىمىز.
ھەممە كىشى كۈلۈمسىرەيدۇ ئاقكۆڭۈل،
ھاياتلىقتا ۋەھىي بىلەن ئۆلىمىز.
كۆلتۈرىمىز سۇدەك مۇھىم بىلسەك بىز،
قار ناخشىسى ئوقۈماقتا قەلبىمىز
ئىھ، مەدەنىيەت ۋەھدەتلەرگە ئورالغان،
ئېتىزلىقتا ناماز ئوقۇيدۇ خەلقىمىز.
ۋاقىتنىڭ لەنىتى
كۆزلىرىمدە ياشلار ئېقىپ ئەگىيدۇ،
ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى ئويلاپ ئۆمرۈمدە.
ئۆز سۈرىتىمنى جىنازامنى كۆرىمەن،
بۈ‹مەن› دېمەس يا ‹ئىز ›قالماس كۆڭلۈمدە.
چىك-چىك قىلغان شۇ سائەتنىڭ ماڭغىنى،
توختاپ قالماس بىرە لەھزە -بىر مىنۇت.
قىلالمىساڭ بىرەر ئىشنى قىلاي دەپ،
ئۆتۈپ كېتىسەن ئۆمۈر بويى ئاھ ئۇرۇپ.
ۋاقىت ساڭا پەقەت ساقلاپ تۇرمايدۇ،
سەن ۋاقىتنى تۇتۇپ ساقلاپ قالمىساڭ.
ۋاقىت سېنى ھەرگىز كۆزگە ئىلمايدۇ،
سەن ۋاقىتنى ئىھ، كۆزۈڭگە ئىلمىساڭ.
ۋاقىتنىڭكى لەنىتى بار سېنىڭدەك،
ھوقۇقى بار يەنە كىمنىڭ ئۇنىڭدەك.
كېتىپ قالسا بىر قېتىملا قولۇڭدىن،
كەلمەس ھەرگىز ئۇھەقىقەت ئۆلۈمدەك.
ۋاقىت ساڭا كۆيۈپ قالدىم بۇ قېتىم،
سەنمۇ ماڭا كۆيۈپ باققىن مېنىڭدەك.
سېنى ئەمدى كۆرەي ئارتۇق ھەممىدىن،
ياكى بولغىن ھەممە نېمەم جېنىمدەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-19 16:22