شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرچ
( مىكرو ئوبزور )
ئەزىز ھېيىت كۈن : ئالپامىش
- غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «قانىغان قان» ناملىق شېئىرى ھەققىدە
مەن تېخى يېقىندا « ئەل كۈيى مۇنبىرى» دە «قانىغان قان» ناملىق شېئىر ۋە « قانخور » ناملىق تورداشنىڭ مەزكۇر شېئىرنى ئىنكار قىلغان ئىنكاسى توغۇرلۇق ئىنكاس يازغان.مەزمۇنى:يۇقۇرقى شېئىرنىڭ ساپ شېئىر ئىكەنلىكى... «قانخور» تەرىپىدىن خاتا ئىنكار قىلىنغانلىقى ... ئىدى.
مەن يەنە ئويلاپ قالدىم:« قانخور » ناملىق تورداشنىڭ ئەسلى مەقسەت-مۇددىئاسى توغرا.لېكىن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسۇلى توغرا بولمىغان.« قانىغان قان » ھەقىقەتەن ئەدەبىيات،شېئىرىيەت نۇقتىسىدىن ھەقىقى شېئىر جۈملىسىگە كىرىدۇ.لىكىن شېئىرىيەت،ئەدىبىيات جەھەتتە مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن باشقا ساھەلەردىكى،سەۋىيەدىكى، قىزىقىشتىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن چۈشىنىكسىز شېئىر ئىكەنلىكى راست.تورداش «قانخور» يۇقۇرقى شېئىردىن ئۆزى بەھىر ئالالمىغانلىقى ۋە ناھايىتى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەھىر ئالالمايدىغانلىقى، شېئىر ئاپتورىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى-كەڭ خەلقنى كۆزدە تۇتۇپ ئاممىباپ،ئۇنۋېرسال،ئىجتىمائى خاراكتىردىكى شئېىرلارنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويسا تامامەن توغرا بولاتتى.
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «قانىغان قان » ناملىق يەككە شېئىرىنىڭ ئۆزىدە يېتەرسىزلىك يوق.ئەمما غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ پۈتكۈل شېئىرلىرىدا بىر يېتەرسىزلىك بار.يەنى ئاۋام -خەلققە مەسئۇل بولۇش خاھىشى كەم. مەن ئالدىنقى قېتىم يازغان ئىنكاستا غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ساپ ئەدەبىياتقا،ساپ شېئىرىيەتكە مەسۇل بولۇش روھىدا ئىجات قىلىۋاتقان تالانتلىق شائىرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدىم. بۇ شائىردا بولۇشقا تېگىشلىك چوڭ مەسۇلىيەتنىڭ بىرى.يەنە بىرى : ئۆز خەلقى ئالدىدا مەسۇل بولۇش بۇرچىدۇر.ئەگەر شېئىر شائىرلار ۋە شېئىرغا ھەۋەس قىلغۇچىلار ئۈچۈنلا يېزىلسا خەلق ئالدىدا مەسۇل بولۇش ھەققىدە سۆزلەشنىڭ زۆرۈريىتى يوق ئىدى.قىممەتلەرئىچىدە ئىجتىمائى ( ئىشلىتىلىش ) قىممىتى ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.شۇندىلا ھەرقانداق تاۋار ئىقتىسادى،ئىستىتىك،تەربىيۋى،تارىخى،ئىلمى قىممەتلەرگە ئىگە بولىدۇ.شېئىرمۇ شۇنداق.ئەگەر بىر شائىرنىڭ شېئىرلىردىن ئۆز مىللىتىنىڭ 90 پىرسەنت پۇقراسى بەھىر-زوق ئالالمىسا ئۇ شائىرنى ھەرگىزمۇ «مىللەت شائىرى» دېگىلى بولمايدۇ.
شائىرنىڭ مەسئۇليىتى يۇقۇرقىدەك ئىككى چوڭ تۈرلۈك بولۇشتىن باشقا مەۋجۇتلۇق،دۇنيا،رىئاللىق،ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى ئىككى خىل بولىدۇ.يەنى بىز مەۋجۇدىيەتنى ،دۇنيانى،رىئاللىقنى،ھاياتلىقنى بىلەلەيمىز ھەم بىلەلمەيمىز،سېزەلەيمىز ۋە سېزەلمەيمىز.ئوچۇقلۇق بىلەن گۇڭگىلىق بىلىش،سېزىش شۇنداقلا بىلەلمەسلىك،سېزەلمەسلىكتە مەۋجۇت.ئەگەردۇنيا بىلەن ھاياتلىق پۈتۈنلەي ئوچۇق،يۈزدە يۈز چۈشىنىشلىك بولۇپ كەتكەن بولسا دۇنيانىڭ ،ھاياتنىڭ قىززىقى،مەززىسى بولمىغان بولاتتى.گۇڭگالىق،غۇۋالىق مەۋجۇتلۇقنىڭ،ھاياتلىقنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت.شئېىرنى پۈتۈنلەي غۇۋالاشتۇرۋەتمەي بىر «بىلىش،سېزىش » يىپ ئۇچىنى قويۇپ شئېىرنى سېھرىگەرلىك قىلغاندەك داۋاملاشتۇرۇش ۋە ھەزىم قىلىش -ئويلىنىش بوشلىقى قويۇپ ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.
ئەسلى ئەنئەنىۋى يېزىش،گۇڭگا يېزىش دېگەن مەسىلە ئەدىبىيات ،شېئىرىيەت ساھەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەل قىلىنىشى،گۇڭگا يېزىلغان شېئىرلار كەڭ پۇقرالار-ئاۋامغا سۇنۇلماسلىقى،مۇنازىرە،تالاش-تارتىش ئىچكى قىسىمدا قانات يېيىشى كېرەك ئىدى.ئاۋام خەلققە ئۇلار قۇبۇل قىلالايدىغان ئوتتۇرا ھال سەۋىيەدىكى ئاممىباپ شېئىرىي ئەسەرلەر سۇنۇلىشى كېرەك ئىدى.ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر،رىقابەت دەۋرى بولغاچقا ئەڭ كەڭ خەلقتىن شېئىرنى شائىرلاردەك،شېئىر مەستانىلىرىدەك سېزەلەيدىغان،ئاڭقىرالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ.شائىرلار خەلق ئاممىسى بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرسىدا بىر ھاڭ پەيدا قىلىۋالماسلىقى كېرەك.بۇ يەر چەت ئەل ئەمەس،بىزنىڭ خەلقىمىز چەتئەللىكلەر ئەمەس.بىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تەپەككۇر ئەندىزىسىنى بىراقلا يوققا چىقارماسلىقىمىز،كەڭ خەلقتىن بىراقلا يۇقۇرى زوقلىنىش سەۋىيەسىدە بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىقىمىز بەلكى ئۇلارنىڭ زوقلىنىش سەۋىيىسىنى پەيدىن-پەي يۇقۇرى كۆتىرىشكە يېتەكلەپ مېڭىشىمىز كېرەك.بۇ شائىرلار ۋە تەنقىدچىلەر چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.
شېئىرىيەت تۈر جەھەتتە كۆپ خىلغا بۆلۈنسىمۇ ماھىيەت جەھەتتە تەبئەتنى يورۇتۇش تىپىدىكى ۋە ئىجتىمائىيەتنى يورۇتۇش تىپىدىكى دەپ ئىككى خىلغىلا بۆلىنىدۇ.ئاۋۋالقىسى تەبىئەت روھى،ئادەمنىڭ سەزگۈسىنى يورىتىدۇ.كىيىنكىسى
تۈرلۈك ئىجتىمائى مەزمۇندىكى ۋە تەنقىدى مەنادىكى شئىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.«گۇڭگاچىلار» ئىجتىمائى مەزمۇندىكى شئېىرلارنىمۇ بەلگىلىك ساندا ئەمەس نۇرغۇن يېزىشى،ئىجتىمائى مەزمۇندىكى شېئىرلارنى يېزىشقا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەنلەر «شائىرلار بەھىر ئالالايدىغان» شئېىرلارنى بەلگىلىك ساندا يېزىپ چىقىشى كېرەك.ئۇسۇل ئۆزگەرتىش چوڭ زىيان ئەمەس.چوڭ زىيان مەسۇليەتتىن قېچىش.خەلقتىن ئايرىلىپ قېلىش ياكى شېئىرنىڭ سۈپىتىگە يۈز كېلەلمەسلىك. مېنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتقانلىرىم بىر ياكى بىر قانچە شائىرغا قارىتىلغان بولماستىن پۈتكۈل شېئىرىيەت ساھەسىگە قارىتىلغان.بىر تەرەپتىن شېئىرنىڭ بەدىئىي سۈپىتىنى ئويلىماي بولمايدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ شېئىردىن بەھىر ئالالىشىنى كۆزدە تۇتماي بولمايدۇ.شۇنداق بولغاندىلا ھەم ئەدىبىياتقا ھەم خەلققە يۈز كەلگىلى بولىدۇ.تېيىپجان ئېلىيۇپ ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خەلق شائىرى،مىللەت شائىرى،ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىن 98 پىرسەنت ئۇيغۇر بەھىر ئالالايدۇ.شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى بەدئىيلىك ئۆلچىمىگە 98 پىرسەنت توشىدۇ.بۇ ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-19 16:00